ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 11321|ئىنكاس: 7

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2007-10-17 00:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
   «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

   ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
   1) كىمكى رامزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقى.
   2) شەۋۋالدىكى ئالتە كۈن روزىنى ھېيتتىن كېيىنلا ئارقىمۇئارقا تۇتۇش ئەۋزەلدۇر.


(«رىيازۇسسالىھىين»دىن)
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2007-10-17 21:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «اللەنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلگەن كىشى، ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ» (ئەنئام سۈرىسى 160- ئايەتنىڭ بېشى).
اللە تەئالانىڭ بۇ ئايەتتىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن رامزان ئېيىدا تۇتقان روزا 10 ئاي روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شەۋۋال ئېيىدا تۇتقان 6 كۈنلۈك روزا 2 ئاي روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا بار:
يۇقىرىدىكى ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلىش ئەمەس، ئۇنى اللەنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى ياخشىلىق، قىلغان كىشى بىلەن بىللە اللەنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلغان كىشىنىڭ ئەقىدىسى توغرا، ئىمانى دۇرۇس بولۇشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە قىلغان ياخشىلىق مۇشۇ دۇنيادا قېلىپ ياخشىلىقنى قىلغۇچى كىشى اللەنىڭ ھۇزۇرىغا يالغۇز بارىدىۇ. شۇڭا ئايەتتە «مەن فەئەلە بىلھەسەنەتى» دېمەستىن «مەن جائە بىلھەسەنەتى» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ پەرقى يۇقىرىقىدىن ئىبارەت.
كىتابىم قۇرئان!

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 15:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەۋۋالدا 6 كۈن روزا تۇتۇش

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئىگىمىز ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر رامىزان ئېينى ئۆتكۈزدۇك ۋە بۇ ئاي بىزگە سەۋرچانلىقنى ئۆگەتتى، ئاچ - توق ياشايدىغان پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەتتى. ئاللاھنىڭ مۇۋۋەق قىلىشى بىلەن نۇرغۇنلىرىمىز روزا تۇتۇش، تەراۋىھ ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇغاندىن سىرت رامىزاننىڭ تېشىدا قىلالمايدىغان كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋالدۇق (دەپ پەرەز قىلىمەن!).
ئەمدى رامىزاندا ئادەتلەنگەن بۇ ياخشى خىسلەتلەرنى رامىزاندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كەتمەسلىكىمىز، ئەكسىچە پۈتۈن يىل بويىچە، ھەتتا ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ ئۆگەنگەن ۋە ئادەتلەنگەنلىرىمىز رامىزانلىق ئىشلار بولماستىن، مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا داۋاملىق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشلاردۇر. جانابى ئاللاھ بىزگە قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ مۇبارەك ئاينى تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز ۋە ئۇنتۇپ كېتىلىۋاتقان، ئىسىمىزدىن چىقىپ كېتىۋاتقان بەندىچىلىك ۋەزىپىلىرىمىزنى ئىسىمىزگە ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىكەن، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىمىز، ئۇنى ۋاقىتلىق دەپ چۈشىنىۋالماستىن، ھاياتىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز لازىم...
بۇ جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : [fly]«كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [/fly](مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى تەۋسىيەگە قۇلاپ سېلىپ ئۆتكەن ئاينى روزا بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھەم ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەن، ھەم ئۆزىمىزدە ياخشى خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگىنىمىزدەك، بۇ ئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىلىمىزنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ ساۋابىنى ئېلىشقا تىرىشايلى...
روزا تۇتۇشتا ئارقىمۇ ئارقىدىن تۇتساقمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يول كۆرسىتىش بويىچە مېڭىپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتساقمۇ بولىدۇ...
ئاللاھ قۇبۇل قىلسۇن!
جانابى ئاللاھ بىزگە رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن پەزىلەتلەرنى پۈتۈن ئۆمرىمىزدە قولدىن بەرمەيدىغان ئاڭ، شۇئۇر ئاتا قىلسۇن! مۇسۇلمانغا لايىق ياشاشنى نېسىپ قىلسۇن! بىزنى زالىملار بىلەن سىنىمىسۇن، قىز - ئاياللىرىمىز بىلەن ئىمتىھان قىلمىسۇن! ئۆزىنى داۋاملىق ئەسلەش، داۋاملىق بەندىچىلىك قىلىش، بەرگەن نېمەتلىرىگە ئەڭ ياخشى رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى بىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن! ئامىين!

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 14:42:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم
ھەممىڭلارنىڭ روزى ھيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ تۇتقان روزىمىزنى، قىلغان دۇئا-ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن، رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى، ئادەتلەنگەن ئىبادەتلىرىمىزنى شۇنداقلا پۈتۈن ياخشى ئىشلارنى پۈتۈن يىل بويىچە داۋاملاشتۇرغىلى بېسىپ قلىسۇن، ئامىين!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزلەرگە يۇقىرىدا قايتا قايتا تىلغا ئېلىنغان ھەدىسنى ئۆزۈمنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويماقچىمەن:

ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 02:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەۋۋال ئېيى قايسى ئاينى كۇرسىتدۇ؟؟؟؟خاپا بولماي دەپ بىرەمسىلە؟؟؟

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 12:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
weli يوللىغان ۋاقتى  2011-11-12 02:21
شەۋۋال ئېيى قايسى ئاينى كۇرسىتدۇ؟؟؟؟خاپا بولماي دەپ ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىىشم
ھىجرىيە كالېندارى بويىچە، شەۋۋال ئېيى، رامىزاندىن كېيىنلا كېلىدىغان ئايدۇر. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئەڭ باشتىكى ھەدىس ۋە ئىزاھاتىدا بار. مەن ئۇنى بۇ يەردە قايتا يوللاپ قوياي، دىققىتىڭىزدىن چېقىپ قالغان ئوخشايدۇ.

ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
   «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

   ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
   1) كىمكى رامزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقى.
   2) شەۋۋالدىكى ئالتە كۈن روزىنى ھېيتتىن كېيىنلا ئارقىمۇئارقا تۇتۇش ئەۋزەلدۇر.

(«رىيازۇسسالىھىين»دىن)

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 21:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن بىلۋالدىم

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 23:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىل روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى ئېلىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماڭ.
بۈگۈن شەۋۋالنىڭ 17-كۈنى، ئەگەر ھازىرغا قەدەر تۇتالمىغان بولسىڭىز، ئەتىدىن ئېتىبارەن باشلىسىڭىزمۇ يەنىلا بۇ ساۋاپنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز...
ئاللاھ قۇبۇل قىلغاي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-11-17 16:15 , Processed in 0.060670 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش