ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 13042|ئىنكاس: 5

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
131
يوللىغان ۋاقتى 2007-12-10 05:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ما مِنْ أَيامٍ العَمَلُ الصَّالحُ فِيها أَحَبُّ إِلى اللَّهِ مِنْ هذِهِ الأَيَّامِ» «ئاللاھ تائالا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى باشقا كۈندە قىلغان ئەمەللەرگە قارىغاندا ئەڭ ياقتۇرىدۇ»، دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ولا الجهادُ في سبِيلِ اللَّهِ، إِلاَّ رَجُلٌ خَرجَ بِنَفْسِهِ، وَمَالِهِ فَلَم يَرجِعْ منْ ذلك بِشَيءٍ» «ئاللاھ يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت جېنى، مېلى بىلەن جىھادقا چىقىپ، سالامەت-قايتىپ كەلمەي شەھىد بولۇپ كەتكەن كىشىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر»، دېدى. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2007-12-10 22:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
قېرىندىشىم! بۇ كۈنلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىسىنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
دېمەك، بۇ كۈنلەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، بۇ كۈنلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشى ئىش. قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىغا ئىشىنىمەن.
مۆھتەرەم تورداشلار! ئەتە يەنى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى سەيشەنبە زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) ئېيىغا بىر بولىدۇ. akarakash قېرىندىشىمىز يوللىغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ ئاينىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى يەنى ئەتىدىن باشلاپ ئون كۈن ناھايىتى خاسىيەتلىك كۈنلەردۇر. شۇڭا بۇ ئون كۈننى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزسەك ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئون كۈن بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلىرىدىن مۇنۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى چىقىدۇ:
1- بۇ كۈنلەردە بولۇپمۇ ئەرەپە كۈنى يەنى بۇ ئاينىڭ تۇققۇزىنچى كۈنى (ئەتە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ دېگەن كۈنى) تېخىمۇ ئېنىراق قىلىپ ئېيتقاندا ھاجىلار ئەرەپاتقا چىقىدىغان كۈنى روزا تۇتۇش. لېكىن ئەرەپاتتىكى ھاجىلارنىڭ بۇ كۈنى روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن.
بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھېيت كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان.
2- كۆپلەپ نەپلە ناماز، يەنى پەرز نامازلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەننىڭ سىرتىدا كۆپلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش.
3- تەكبىر، تەھلىل ۋە تەھمىد ئوقۇش، يەنى «ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ» دېگەن زىكىرلەرنى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇش.
4- ئونىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلىش. قۇربانلىق قىلىش بۇ كۈنلەردىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!
قۇرئانغا قايت!

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2007-12-11 20:58:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك alimoglu1 قېرىندىشىم!
يۇقىرىدىكى ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ ئىزاھات بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2007-12-12 00:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم akarakash مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق ياخشى تىمىلەرنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت  مەن جەمئىيەتتە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردىن تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۆپلىكىنى تونۇپ يەتتىم بۇنداق دىگىنىم قىلساق ياكى قىلمىساق گۇنا بولمايدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلمايلى دىگىنىم ئەمەس مۇشۇھەقتە ئازراق چۈشەنچە بىرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن؟

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 19:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى، ئاللاھ بىزگە ياخشىلىقلارنى مۇيەسسەر قىلسۇن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 17:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئى قۇدرەتلىك ئاللاھ ! ماڭا  سىنى ياد ئىتىشىمگە ساڭا شۈكۈر ئېيتىشىمگە ۋە ساڭا ياخشى ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم بىرىشىڭنى سورايمەن......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:07 , Processed in 0.027341 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش