ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 14434|ئىنكاس: 1

قۇربانلىققا ئالاقىدار سوئال - جاۋابلار !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2007-12-16 17:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

(ھازىرلىغۇچى: ئا.قاراقاش)


    ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 1428 – يىلىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى ھارپىسىدا تۇرماقتىمىز. قۇربان ھېيتتا ئىماكانىيتى بولغان ھەر بىر مۇسۇلمان، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ ئاللاھ تەئەلانىڭ يوليۇرۇقىغا ئەمەل قىلىش ۋە پەيغەمىبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ. چۈنكى قۇربانلىق قىلىش، دىنىمىز ئىقتىسادى يار بەرگەن مۇسۇلمانلارغا قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قىلىشقا بۇيرۇغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ئۇلار اللەغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن تۆگە، كالا/قوتاز، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللىرىدىن بىرىنى بوغۇزلاش ياكى تۆگە، كالا ۋە قوتازلاردىن بىرىنىڭ بىر ھەسسىگە (چۈنكى بۇ ھايۋابلاردىن بىرىنى يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ) شېرىك بولۇش ئارقىلىق بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىدۇ.

  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنىڭ كېلىۋاتقان قۇربان ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلخەت ئارقىلىق سورالغان سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلاردىن قۇربانلىققا ئالاقىدار بولغانلىرىنى ھەر قايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.

  سوئال: كىملەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى لازىم؟
جاۋاب: كىشىنىڭ قەرزلىرى ۋە ئەسلى ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل – مېلى بولغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قۇربانلىق قىلىشى لازىمدۇر. بۇنداق ئىمكانىيىتى بولمىغانلار قۇربانلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

   سوئال: قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار قايسىلەر ئۇلاردا تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەرنېمىلەر؟   

جاۋاب: قۇربانلىق مېلى تۆگە، كالا/قوتاز، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلاردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ھەج سۈرىسىنىڭ (22- سۈرە) 34- ئايىتىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ئەنئام (چارۋىلار) ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەرەبچىدە ئەنئام دېيىلسە تۆگە، كالا/قوتاز، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇلارنىڭ غەيرىنى قۇربانلىق قىلمىغان. بۇ ماللارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە تولغان بولۇشلىرى لازىم.
  - قوينىڭ ئالتە يەتتىنجى ئايلىققا كىرگەن بولۇشى،
  - ئۆچكىنىڭ بىر ئىككىنچى يېشىغا قەدەم قويغان بولۇشى،
  - كالىنىڭ ئۈچىنچى يىلىغان قەدەم قويغان بولۇشى،
  - تۆگىنىڭ ئالتىنچى يىلىغان قەدەم قويغان بولۇشى لازىم.
  بۇلاردىن باشقا قۇربانلىق قىلىنىدغان مال قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنۇپ كەتكەن، قۇلىقى كېسىۋېتىلگەن، كېسەل، بەك ئورۇق مال بولماسلىقى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كۆز نۇرىنىڭ كۆپىنچىسى كېتىپ قالغان قارىغۇ، بوغۇزلايدىغان مەيدانغا بارالمىغۇدەك توكۇر، پۇت-قولىدا يىلىك قالمىغان دەرىجىدىكى ئورۇق، ساقىيىش ئېھتىماللىقى بولمىغان كېسەلچان ماللار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ» (تىرمىزىي)

   سوئال: بىز يېڭى توي قىلغان. توي قىلغىلى تېخى بەش بولدى. توي قىلىمىز قەرزدار بولۇپ قالدۇق. ھازىر مەنمۇ ئايالىممۇ ئىشلەۋاتىمىز، شۇنداقتىمۇ ئاران تەستە تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كېتىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق ئالىدىغانغا پۇلىمىز يوق. قۇربانلىقنى قەرز ئېلىپ تۇرۇپ ياكى قەرەللىك ھالدا سېتىۋېلىپ قۇربانلىق كەسسەم بولامدۇ؟
   
   جاۋاب: «ئاللاھ تەئەلاغا يېقىنلىشىش، يەنى ئىبادەت مەقسىدى بىلەن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم جىنستىكى ھايۋانلارنى كېسىش» بىلدۈرىدىغان قۇربانلىق، ھەنەفى مەزھىبىگە ئاساسەن ۋاجىپ، باشقا مەزھەبەلەرگە ئاساسەن سۈننەتتۇر. دەلىللەر بولسا بۇ ئىبادەتنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى كۇپايە بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى شەرت ئەمەستۇر.

   ھەنەفىي مەزھىبىگە ئاساسەن بىر كىشىگە قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ بولۇشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ مەلۇم مىقداردا پۇل – مال، بايلىققا ئىگە بولۇشى شەرتتۇر. بۇ مىقدارنىڭ ئۆلچىمى بولسا، زاكاتتىمۇ شەرت بولغان 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل – مالدۇر. يەنى كىشىنىڭ قەرزلىرى ۋە ئەسلى ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل – مېلى بولسا، ئۇ ۋاختىدا قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنداق ئىمكانىيىتى بولمىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشلىرى ۋاجىپ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قىينالمىساڭلارمۇ بولىدۇ.

   سوئال: مەن 6 ئاي بۇرۇن توي قىلغان. قۇربانلىق قىلالىغۇدەك ئىقتىسادىمىز بار. ۋە ئېرىم قۇربانلىق قىلماقچى. مېنىڭ ئۆز ئىگىدارچىلىقىمدا 120 گرام ئالتۇن كېلىدىغان يۈزۈك – مونچاقلىرىم بار. بۇ ئەھۋالدا مېنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىشىم كېرەكمۇ؟

    جاۋاب: ھەنەفى مەزھىبىگە ئاساسەن، قۇربانلىق قىلىش شەرتلىرىگە ئىگە بولغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىپتۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ئاساسەن، كىرىم – چىقىمى بىر بولۇپ، بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىدىن قۇربانلىق قىلىشى بىلەن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قالغانلىرىدىن قۇربانلىق قىلىش مەئۇلىيىتى كۆتۈرۈپ كېتىدۇ.

    كۆپ ساندىكىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان ئىسلام فىقىھشۇناسلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە ۋە تەتبىقاتلىرىغا تايانغان بولۇپ، «ئى ئىنسانلار! ھەر يىلى، ھەر ئائىلى ئەزالىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى لازىم» دېيىش ئارقىلىق قۇربانلىقنىڭ ئائىلە نامىدىن كېسىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، قۇربان ھېيتتا بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغان ۋە «بىسمىللاھ! ئىلاھى! مۇھەممەدتىن، ئۇنى ئائىلە ئەزالىرىدىن ۋە مۇھەممەد ئۈممىتىدىن قۇبۇل قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇپئاق، سېمىز ۋە مۈڭۈزلۈك ئىككى قوچقارنىڭ بىرىنى ئۈممىدىن قۇربانلىق قىلمىغانلار نامىدىن، ئىككىنچىسىنى بولسا ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن قۇربانلىق قىلغانلىقى مۆتىۋەر مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنماقتا.
سىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ ئائىلە نامىدىن بىر دانە قۇربانلىق قىلساڭلار بولىدۇ.

   سوئال: قۇربانلىق قىلماقچىمەن. ئەمما 90 گرام ئالتۇنۇم بار ۋە ئازراق قەرزىممۇ بار. قەرزىمنى تۆلىسەم، 70 گرام ئەتراپىدا ئالتۇنۇم قېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام قۇربانلىقىنى بىزنىڭ ئۆيدە قىلىدۇ. يەنە بىرگە ئەگەر قۇربانلىق قىلسام قەرز ئېلىپ قىلىمەن. دىنى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇربانلىق قىلىشىم لازىممۇ؟

   جاۋاب: قۇربانلىق قىلىشتىن مەسئۇل بولۇشىڭىز ئۈچۈن قەرزىڭىز ۋە مۇھىم ئېھتىياجلىرىڭىزدىن ئېشىپ 85 گرام ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل – مېلىڭىز بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز قۇربانلىق قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ.

    سوئال: بايرامدىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىدارە تەرىپىدىن بىزگە قۇربانلىق مال بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ. بېرىلىدىغان مالنى قۇربانلىق قىلساق، قۇربان ئىبادىتىنى ئادا قىلغان بولامدۇق – بولمامدۇق؟

   جاۋاب: ئىدارىڭىز ھەدىيە قىلغان قۇربانلىق مالنىڭ باشقىسىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئۇنى قۇربانلىق قىلسىڭىز، قۇربان ئىبادىتىنى ئادا قىلغان بولىسىز.

سوئال: مەن بىر ئوقۇتقۇچى. ئاتام پادىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق مالنى دادام ھەقسىز بىرىدۇ. بۇنىڭ بولمايدىغان تەرىپى بارمۇ؟

   جاۋاب: بۇنىڭ بولمايدىغان تەرىپى يوق. چۈنكى «قۇربانلىقنى پۇلغا سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ» دەيدىغان بىر شەرت يوق.

   سوئال: قۇربانلىقنى شېركلىشىپ كەسمەكچى بولغاندا، يېرىم ھېسسىگە شېرىك بولسا بولامدۇ؟ مەسىلەن: بىر كالىنى ئىككى كىشى ئۈچ يېرىمدىن قۇربانلىق كېسىش نىيىتى بىلەن قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

   جاۋاب: يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلغىلى بولىدىغان تۆگە، كالا ۋە قۇتازغا ئوخشاش چوڭ ھايۋانلارنى بىر كىشى قۇربانلىق قىلالىغاندەك يەتتە كىشىمۇ قۇربانلىق قىلالايدۇ. بۇ ھايۋانلاردىن بىرىنى ئىككى كىشى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ۋە بۇ مالنى يەتتە دانە قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلىماقچى بولسا، ھەر بىرى ئۈچ يېرىمدىن ئەمەس، بىرى ئۈچ يەنە بىرى تۆت قۇربانلىق قىلىدىغان رەۋىشتە پۈتۈشۈشلىرى لازىم. ئەمما بىر كالىنى ئىككى قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلىماقچى بولسا، بۇ ۋاختىدا گۆشنى ئىككىگە ئايرىيدۇ. بۇنىڭغا مەسىلە يوق.

سوئال: قۇربانلىق قىلىنماقچى بولغان كالا ئىككى يېشىنى تولدۇرغان بولسا، ئەمما سۈت چىشلىرى چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا، بۇنداق كالا ياكى مۇزاينى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟
   
جاۋاب: بىر موزاينىڭ قۇربانلىق قىلىنالىشى ئۈچۈن 2 يېشىنى تولدۇرغان بولۇش شەرتى باردۇر. تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئاساسلانغاندا ئىككى يېشىنى تولدۇرغان مۇزايلار سۈت چىشلىرىنى تاشلىغان بولىدۇ. ئىككى يېشىغان تولدۇرغان بولسىمۇ سۈت چىشلىرىنى تاشلىمايدىغان ئىش كۆرۈلسە، بۇ قۇربانلىققا توسالغۇ بولمايدۇ.

   سوئال: قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىمۇسىلىملەرگە بەرسە بولامدۇ؟   

جاۋاب: قۇربانلىقنىڭ گۆشى توغرىسىدا ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز چوڭ باشلىق ھايۋانلارنىمۇ اﷲنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلار قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا اﷲ نىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار -يەنى بىسىمىللا دەڭلار-، ئۇلار بۇغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان مۇھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق» (ھەج سۈرىسى، 36- ئايەت)

بۇ ئايەتكە ئاساسەن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ھەم قۇربانلىقنىڭ ئىگىلىرى يەيدۇ ھەمدە پېقىر ياكى باي بولسۇن ېيقىن – يۇرۇق، قۇلۇن – خوشناغا يىگۈزۈلىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى شەرت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىمۇسلىملەرگىمۇ بەرگىلى بولىدۇ. ھەتتا بۇنداق قىلىش، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ ئىسلام دىنىغا مايىل بولۇشىغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا ۋەسىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

   سوئال: مېنىڭ بىر قۇربانلىق نەزرىم بار ئىدى. قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ نەزرە قۇربانلىقىمنى چوڭ باش ھايۋانلاردىن بىرىنى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسام، باشقىلارنىڭ قۇربانلىقىغا دەخلىسى بارمۇ؟ ئەگەر دەخلىسى بولمىسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى قېرىندىشىمغا بەرسەم بولامدۇ؟
   جاۋاب: شېرىكلىشى قىلىنىدىغان قۇربانلىق توغرىسىدا فىقىھ كىتابلىرى مۇنداق ھۆكۈملەر بار:
«قوي ۋە ئۆچكىدىن ھەر بىرىنى يالغۇز بىر كىشىلا قۇربانلىق قىلالايدۇ. بىر تۆگە ياكى كالىنى، بىر كىشىدىن يەتتە كىشىگىچىلىك بولغان كىشىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلالايدۇ. لېكىن بۇ شېرىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولۇشلىرى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەسسىگە ئىگە بولۇشلىرى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كېسىمەن دەيدىغان بىر ئىبادەت نىيىتىدە قۇربانلىق قىلىشلىرى لازىم.»
   نەزرە قۇبانلىقىمۇ بىر ئىبادەت بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن شېرىكلەردىن بىرىنىڭ بۇنداق نىيەتتە بولۇشى، باشقا شېرىكلەرنىڭ قۇربانلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.
گۆشىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى، ئېھتىياجلىق بولغان قېرىندىشىڭىزغا بەرسىڭىز بولىدۇ.

   سوئال: شۈكۈر قۇربانلىقى قىلماقچىمەن. بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن مەن ۋە بالىلىرىم يېسەك بولامدۇ؟
   جاۋاب: گۆشىدىن ئىگىسى يېسە بولمايدىغان قۇربانلىق، نەزرە قۇربانىلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز، ئايالىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز كەسمەكچى بولغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسەڭلار بولىدۇ.

   ھېيت - بايرامغا ئالاقىدار باشقا تېمىلار ئۈچۈن
1- http://www.uighurislam.net/read.php?tid-315.html
2-http://www.uighurislam.net/read.php?tid-371.html
دېكى تېمىلارغا قاراڭ.

ئاخىرىدا ھەممىڭلارنى ھېيتنى ئىسلام پرىنسىپلىرىدىن چىقمىغان ئاساستا خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن. كېلىۋتقان قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن!!!
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 19:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ: http://www.uighurislam.net/thread-1673-1-1.html
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-5-23 03:44 , Processed in 0.023701 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش