تىزىملىتىش
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ 
«ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى» گە خوش كەپسىز. سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى، ئىسلام دىنىنى خەلقىمىزگە قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ سۈننەت ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشنى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ، «ئاز بولغاندىمۇ ساز بولسۇن» چۈشەنچىسى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 
سىز ھۆرمەتلىك قېرىندىشىمنىڭمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ بۇ نىشانغا يېتىش يولىدا، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز. چۈنكى بۇ بىزنىڭلا ياكى ئالىم-ئۆلىمالارنىڭلا، موللىلارنىڭلا ياكى بولمىغاندا مەلۇم سىنىپتىكى كىشىلەرنىڭلا ۋەزىپىسى بولماستىن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بىراق بۇ مەخسەتكە يېتىش يولىدا پۇتلىكاشاڭلارغا يولۇقماسلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال مۇنبىرىمىزﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍلىق ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯔ: 
«ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى» ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ كىشىنىڭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ پىرنسىپلارغا ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ رەۋىشتە ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز:
(1) تېما يوللىغاندا قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ سۈننەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىدىغان تېمىلارنى يوللىماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. 
(2) تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان، كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى ئەمەس، كىشىلىكىنى كەمسىتىدىغان تېما ياكى يازمىلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ. 
(3) مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولىدىغان تېما ياكى يازمىلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر بۇ ئىختىلاپ قۇرئان كەرىم بىلەن ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقتىن مەيدانغا كەلگەن بولسا، بۇ خىل تېمىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. 
(4) ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﭖ، ﺋﯩﻐﯩﯟﺍﮔﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ بىلەن  ﺧﯘﺭﺍپىيلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان، ﺑﯩﺪئەتنى تەرغىب قىلىدىغان، غەيرىي ئەخلاقى مەزمۇندىكى تېمىلارنى يوللاشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
(6) ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏۇﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﻩﺯﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭنى يوللىماڭ. 
(7) ﺋﯧﻼن ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭنى يوللىماڭ. 
ﻳﯘقىرىدىكىلەرگە دىققەت قىلىنماستىن يوللانغان تېمىلارنى، ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﯜﺭﯞﯦﺘﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
سىزنىڭ ۋە مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا سۈپىتى ئۈچۈن يۇقىرقىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.... 
ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى»


Total 0.016474(s) query 0, Time now is:07-20 15:04, Gzip enabled
All rights reserved For www.uighurislam.net
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation