ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 90929|ئىنكاس: 88

جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش كېرەكمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
131
يوللىغان ۋاقتى 2008-4-11 18:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەخمۇتۇللاھى ۋە بەركەتۇ!!!!    جۇمە كۇنى پىشىن نامىزىنى ئوقۇش كىرەكمۇ ياكى ئوقۇمىساقمۇ بولامدۇ؟؟ بەزىلەر «پىشىن نامىزى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى، بەش ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭ بىرى بولغان پىشىن نامىزىنى ئۆتىمەسلىك گۇناھ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «پەيغەمبىرىمىز جۇمەدىن كىيىن مەسچىتتە بولسا 4 رەكەت سۇننەت، ئويدە بولسا 2 رەكەت سۇننەت (جۇمە نامىزىنىڭ سۇننىتى) نامىزى ئوقىيتتى» دىيىلگەن بولۇپ، پىشىن نامىزى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭغا ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارغان؟؟؟ تەپسىلى جاۋاپ بەرسىڭىز!!! اللە سىزگە ئاسانلىق بەرگەي!!!!!!

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام        قېرىندىشىم! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر. اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى بىزنى قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇ ئىشنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشىمىز ئىبادەت بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى، پەقەتلا اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت.

   بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، باشقا كۈنلەردە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان اللە جۈمە كۈنىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. لېكىن جۈمە كۈنىدىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى جۈمە نامىزى بولۇپ پېشىن نامىزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا جۈمە كۈنى ئالتە ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان بولىدۇ.

    جۈمەدىن كېيىن پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇش پەرز دېگۈچىلەردىن سورايمىزكى: ناماز قانچە ۋاخ؟ ئەگەر پېشىننىمۇ ئوقۇساڭلار ئالتە ۋاخ بولۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش پەرز بولسا، نېمە ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەلغۇ؟ ئىمام مېھرابتا، مۇئەززىن ئارقىسىدا، جامائەت تەييار ۋە ھەممىڭلار جامەنىڭ ئىچىدە، ئەگەر مۇددىيايىڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم- ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟

    مەن ئۇنداقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باققان. ئاخىرى ھەممىسى توغرىنى قوبۇل قىلغان ۋە اللە غا شۈكۈر، ماڭا رەھمەت ئېيتىشقان. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن سوئال- جاۋابلارنىڭ خۇلاسىسىنى سىزگە دەپ بېرەي:

    - ئوقۇغىنىڭلار قانداق ناماز؟

    - پېشىن!

   - بۇنى نېمىشقا ئوقۇيسىلەر؟

    - ناماز بەش ۋاخ ئەمەسمۇ؟ 

    - بەش ۋاخلىقى بەش ۋاخ، لېكىن جۈمە نامىزى بىلەن بەش ۋاخ.    - شۇنداقلىقى شۇنداق، لېكىن بىز بۇنى ئەگەر جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار دەپ ئوقۇيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامازنى پېشىن دېمەي ئېھتىياتى پېشىن دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

    - ئۇنداق بولسا، بۇنداق ئىشىنى يەنى ئېھتىياتى ناماز ئوقۇشنى باشقا نامازلاردىن كېيىنمۇ قىلامسىلەر؟ مەسىلەن: سىلەردە ئېھتىياتى نامازدىگەر، ئېھتىياتى نامازشام، ئېھتىياتى خۇپتەن... دەيدىغان نامازلار بارمۇ؟

    - ياق.    - نېمىشقا يوق؟ ئەگەر ئو نامازلارمۇ مەقبۇل بولمىسىچۇ؟

    - قارىم! بىز راست گەپنى قىلساق، بۇ ئىشلاردا ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا ئەگىشىمىز. يەنە كېلىپ تېخى ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ!

    - ھە مۇنداق دەڭلار، مۆھتەرەم قېىرنداشلىرىم! سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان ئاتا - بوۋاڭلارغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرگە ئەگەشسەڭلار بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ دەۋاتىسىلەر، پەرز قىلىنمىغان نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە گۇناھ، سىلەردىن بىر نەرسە سوراي:

ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟

    - ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇنداق قىلماپتىكەن...

    - سىلەرنىڭ دەلىلىڭلار ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىما؟

    - ھە... ئە... شۇنداق بولاپ قېپتۇ.

    - اللەدىن قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن اللە تەئالانىڭ ئايەتلىرىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقما؟

    - ھە چۈشەندۇق، ئەگەر ئۆزلىرى بىلەن بۇ مۇنازىرىنى قىلىشمىغان بولساق، ھالىمىز نېمە بولار ئىدى! سىلىدىن اللە رازى بولسۇن قارىم. اللەنىڭ كىتابى پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى قولىمىزدا تۇرۇقلۇق يولدىن ئادىشىپتىكەنمىزيا! قىيامەت كۈنى بىزدىن اللە ھېساب ئالىدىغان تۇرسا، بىز نېمىچۈن اللەنىڭ ئايتىگە بويسۇنمايمىز؟ نېمىچۈن اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەيمىز؟ يەنە كېلىپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىنى نەدىن بىلەيلى! قۇرئان كەرىمگە ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە زىت كەلگەنلىكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكى ئېنىق! اللەغا شۈكرى! توغرا يولنى ئەمدى تاپتۇق.

    - اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن.

    قېرىندىشىم!

جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت توغرىسىدا سىز دېگەن ئىككى ھەدىس بار. بۇ ھەدىسلەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغان» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى جۇمۇئە (جۈمە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار...» بۇ ئايەتتىكى نامازدىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «تارقىلىڭلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ بېشىدا «ف» ھەرپى بار، بۇ ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى دەرھال دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار...» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ.

    بۇنىڭغا ئاساسەن جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى. جۈمە ئوقۇلغان يەردە تۆت رەكئەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ ئەمەس دېگەن بولىدۇ.

   بىزدە جاھىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاش مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان ئىشلار بار. اللە ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.

    قېرىندىشىم! ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارسا چىقارسۇن بىزگە اللەنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھۆكمى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز جۈمە سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلسىڭىز بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز. اللە سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە ئاتا- ئانىڭىزغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن. توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-11 22:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ ئش توگرېسېدا ئككلنېپ قالدېم  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ [s:36]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-12 13:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
بۇ مەسىلىنىڭ ئىككىلىنىدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوق. ھەقىقەت ئېنىق تۇرسا، يەنە نېمىگە ئىككىلىنىپ تۇرىسىز؟
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-17 15:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن دادم بۇنىڭغا قايىل بولمىدى

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-17 16:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
مۇھىم بولغىنى بۇ مەلۇماتنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسكە ماس بولۇپ بولماسلىقىدۇر. دادىڭىزنىڭ قايىل بولۇپ بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس...
ئىسلام دىنىنى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسكە ئۇيغۇن ياشىماقچى بولغانلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ بايانى ماھىيتىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئاساستۇر. ئەمما دىننى ئۆرپ - ئادەتكە، موللىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئۇيغۇن ياشىماقچى بولغانلار ئۈچۈن بولسا، مەلۇم كىشىلەرنىڭ دېگەنلىرى ئاساستۇر...
ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تەئەلا بىزنى كىتابى پالانى - پۇكۇنىنىڭ كۆزقاراشلىرىدىن ئەمەس، قۇرئان كەرىمدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىدۇ...

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-17 20:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akarakash توغرا ئىيتىدۇ.
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-19 10:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسساللامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەخمتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ، سىز  جۈمە نامىىزىدىن كىيىن پىشىن نامىزى ئۇقۇش گۇناھ دەپسىز بىراق سىز قايسى سۇرىنىنڭ قايسى ئايىتىدە نامازنى كۇپ ئۇقۇغان گۇناھكار بۇلدۇ دەپ كۈردىڭىز .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-24 15:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
ئىبادەت دېگەن نېمە؟ سىز بۇنى بىلەمسىز؟ بىر نەرسىنىڭ ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرىغان پەيغەمىبىرىمىزنىڭ ئىجرا قىلغان ياكى تەدبىقلاش ئارقىلىق كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ تېىشىدا قالغان ئىبادەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئەگەر بۇ كاتېگورىيگە كىرمىگەن بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلسىڭىز، بىدئەت يەنى دىندا ئەسلى بولمىغان بىر ئىشنى قىلغان بولىسىز. بىدئەت بىر ئىشنى قىلىش بولسا ئىنساننى گۇناھكار قىلىدۇ...جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئوقۇشمۇ شۇنداق. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى باش يازمىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ...

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-24 16:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە مەن بۇ ئىشتا ناھايىتى ئككىلەنگەن ئىدىم ئەمدى ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-28 23:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە مەن بۇ ئىشتا ناھايىتى ئككىلەنگەن ئىدىم ئەمدى ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-28 23:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە مەن بۇ ئىشتا ناھايىتى ئككىلەنگەن ئىدىم ئەمدى ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم [s:31] [s:34]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-5 04:10:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق قاراشتىا. جۇمە نامىزى ئوقۇپ بولۇنغاندىن كېينلا زىمنغا ۋاقتىدا تارقلىش كېرەك. مانا بۇ نىڭدىن ئىسلامنىڭ بۇ دۇنيالىقىمۇ يۇكسەك ئېتبار قىلدىغانلقىنى بىلگلى بولىدۇ.رەھمەت!

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 19:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[[s:37] [s:36] [s:32] [s:33] [s:1مەنمۇ شۇنداق قاراشتىا. جۇمە نامىزى ئوقۇپ بولۇنغاندىن كېينلا زىمنغا ۋاقتىدا تارقلىش كېرەك. مانا بۇ نىڭدىن ئىسلامنىڭ بۇ دۇنيالىقىمۇ يۇكسەك ئېتبار قىلدىغانلقىنى بىلگلى بولىدۇ.رەھمەت!]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 19:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە مەن بۇ ئىشتا ناھايىتى ئككىلەنگەن ئىدىم ئەمدى ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم   
  
[s:34]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-9 19:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
ئىبادەت دېگەن نېمە؟ سىز بۇنى بىلەمسىز؟ بىر نەرسىنىڭ ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرىغان پەيغەمىبىرىمىزنىڭ ئىجرا قىلغان ياكى تەدبىقلاش ئارقىلىق كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ تېىشىدا قالغان ئىبادەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئەگەر بۇ كاتېگورىيگە كىرمىگەن بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلسىڭىز، بىدئەت يەنى دىندا ئەسلى بولمىغان بىر ئىشنى قىلغان بولىسىز. بىدئەت بىر ئىشنى قىلىش بولسا ئىنساننى گۇناھكار قىلىدۇ...جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئوقۇشمۇ شۇنداق. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى باش يازمىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ...

[s:36]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-12 00:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسساللامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەخمتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ،  ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،جۇمە دىن كىي [s:33]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-12 03:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ەسسەلەمۇ ەلەيكۇم.
ىسلامدا بەزىبىر ىبادەتلەر ورۇنلەش نوقتىسىدىن چەكلىك ۋە بەزىبىر ىبادەتلەت ورۇنلاش نۇقتىسىدىن چەكسىز بولۇپ، چەكلەنگەننى چەكتىن اشۇرۋىتىشكە ۋە چەكلەنمىگەننى چەكلەپ قوتۇشقا بولمىغىنىدەك، جۈمە نامىزى پەرىز نامازلارنىڭ داىرسىدە بولغانلىقى ۈچۈن، بىركۈندە بەشۋاخ نامىزى وقۇش قاىدە-پىرىنسىپى بويىچە جۈمە كۈنى پىشىن نامىزىنى وكۇش جاىز يەنى دۇرۇس ەمەس. (جۈمە نامىزى وقۇلغان شاراىت استىدا، ەگەر جۈمە نامىزىنى وقۇيالمىغان بولسا، پىشىن نامىزىنى وقۇش پەرىزدۇر)9. اللاھ ھەممىمىزنى توغرايولغا باشلىغاي. امىن. [s:37]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-14 20:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسساللامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەخمتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ، سىز جۈمە نامىىزىدىن كىيىن پىشىن نامىزى ئۇقۇش گۇناھ دەپسىز بىراق سىز قايسى سۇرىنىنڭ قايسى ئايىتىدە نامازنى كۇپ ئۇقۇغان گۇناھكار بۇلدۇ دەپ كۈردىڭىز .[s:33]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-14 22:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم.
سىز سوئال ۋە جاۋابىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقسىڭىز نېمىشقا شۇنداق دېگەنلىكىمنى چۈشىنەلەيسىز...

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-19 02:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسساللامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەخمتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:52 , Processed in 0.048412 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش