ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 20193|ئىنكاس: 20

توي كۆڭلىكىمۇ، ئىچ كۆڭلەكمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 14:39:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ قالدىم. تويى بولىدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ رېستۇرانغا ناھايىتى كېچىكىپ كەلدى. مەن بىلەن بىر ئۇستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق. يىگىت كۈلرەڭ كاستۇم بۇرۇلكا، قىز ئاق رەڭلىك نېپىز توي كۆڭلىكى كىيگەن بولۇپ كۆڭلىكىنىڭ بىر مۈرىسىدە ئىنچىكە يىپ، يەنە بىر مۈرىسىدە ھېچنىمە يوق، يۈزىنى يېپىۋالغان تور ياغلىقىمۇ ناھايىتى نېپىز بولغاچقا، نازۇك يەرلىرى ناھايىتى روشەن كۆرۈنىپ تۇراتتى. مەن خۇددى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ قالغاندەك ئوڭايسىز سېزىمدە لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. يېنىمدىكى باشقا مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قىز چىقىرىش، ئوغۇل ئۆيلەش ئالدىدىكى ئانىلار ئىدى، ئۇلارمۇ كەيپى ئۇچقان ھالدا ئولتۇرۇپ قېلىشتى.

     - توۋا ، قىزلىرىمىزدا شەرمى - ھايا  دېگەن نەرسە قالمىدىمۇ نېمە؟ تويى بولىدىغان قىز شۇنداقمۇ يالىڭاچلىنىۋالامدۇ؟

     - ئاۋۇ خوتۇن ئالغان يىگىتچۇ ؟ ھەقاچان كىيىم تاللىغاندا يېنىدا تۇرۇپ پۇل تاپشۇرغاندۇ؟ شۇ چاغدا {خاس مەنلا كۆرۈشكە بولىدىغان يەرلىرىڭنى باشقىلارغا كۆرسەتمە} دېگەن بولسا، ئاشۇ كۆڭلەكنى كىيىشكە پېتىنالامتى؟

   -ئۆتكەندە يولدىشىممۇ بىر تويغا قاتنىشىپ قالغانكەن، ئۆيگە كېلىپ قىزىمغا {ئەگەر تويىڭىزدا ئاتا-ئانامنى رازى قىلاي دېسىڭىز، ئۆزۈمىزنىڭ ئەتلەس رەختىدىن پۈتۈن ئەۋرەتلىرىڭىزنى يېپىپ تۇرىدىغان توي كۆڭلىكى تىكتۈرۈپ بېرىمەن. چىرايلىق رومىلىڭىز بىلەن مۇسۇلمانچە توي كۆينىكىنى كىيىپ ھەقىقىي مۇسۇلمانچە توي قىلىسىز . ئەگەر سىزمۇ سەتلىشىپ باشقىلار ئىجارىگە  ئېلىپ نەچچە قېتىم كىيىلگەن كۆوڭلەكنى كىيىپ ياۋروپالىقنى دورايدىكەنسىز، تويىڭىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىمەن ئەمما تويىڭىزغا قاتناشمايمەن} دېگەنتى، قىزىم {دادا مەن سىزنىڭ دېگىنىڭىزچە توي قىلىمەن} دېدى.

    - مېنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بار ، دېدى ھېلىقى ھەدىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئوقۇتقۇچى ھەدىمىزمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، 

    - خۇدايىم بۇيرىسا مەن قىزىمنىڭ تويىدا چوقۇم ئايرىم توي كۆڭلىكى بۇيرۇتۇپ تىكتۈىرۈپ كىيدۈرىمەن، توي دېگەن ئۆمرىدە بىر بولىدىغان تۇرسا، باشقىلارنىڭ بەدىنى تەككەن كونا كىيىمنى كىيىشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا بىر ئىشتە!

    - ياۋروپالىقلار توي قىلىدىغان چاغدا توي كۆڭلىكىنى يېڭىدىن تىكتۈرۈپ كىيىپ، تويدىن كېيىن خاتىرە سۈپىتىدە ساقلايدىكەن، بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ باشقىلار كىيگەن كۆڭلەكنى بىرمۇنچە پۇلغا ئارىيەتكە ئېلىپ توي كۈنى كىيىشكە قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈرىدىغاندۇ؟

  - ۋاي-ۋۇي مۇشۇ قاملاشمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق يەنە بىر يەلىكنى دورىغاندىن پەيدا بولغان ئىشلار. بىز كىم؟ دېمەستىن تېلۋۇزوردا نېمىنى كۆرسە شۇنى دوراپ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا بۇرۇندىن ئۇنداق توي كۆڭلىكى دېگەن نەرسە يوق، پەقەت نىكاھ كۆڭلىكى دەپ ئايرىم كۆڭلەك تىكتۈرۈپ كىيەتتۇق، بېشىمىزدىن بىر كۈن گىجىم رومالنى ئالماي ھەم بېشىمىزنى ئىگىز كۆتۈرەلمەي بويۇنلىرىمىز ئاغرىپ كېتەتتى، ھازىرقى قىزلىرىمىزچۇ؟ قاراڭلار شۇ ياۋروپالىقنى دوراپ يۈزىنى ئېتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن مانا مۇشۇنداق مۈرىسىز يەڭسىز كۆڭلەكلەرنى كۆزلىرىنى ماي سالغان چايدەك پارقىرىتىپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىيىۋالغىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ھەم مۇسۇلمانچە  بولغاندا تۇي كۆڭلەك ئەمەس ئىچ كۆڭلەك بوپتۇ - دېدى ياشتا چوڭراق بىر ئايال  غەزەپلىنىپ.

داۋامى بار...
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 16:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
  - ۋاي خېنىم، شۇ چاغلارنى ئويلىسام ھاياجانلىنىمەن، تويى بولىدىغان قىز ئۆزىنى بەك يوشۇرغاچقىمۇ كېلىننى باشقىلار كۆرۈشكىمۇ بەك قىزىقاتتى. تويىمىز بولۇپ بىرەر ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقىشتىن خىجىل بولاتتۇق. ھازىرقى قىزلارنىڭ توي قىلىش ۋە يېڭى كېلىن بولۇشلىرىنىڭ ئانچە قىممىتى قالمىغاندەكلا ئۆزىنىڭ تويىدا ئۆزى ئويناپ، ھەممە نېمىسىنى ئېچىپ يۈرگەچكە ...

  يىگىت بېشى يىگىتنىڭ ئانىسىنى قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتسە ۋىچىركىسىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئانا گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ھەم ھاياجانلىق ئانىنى كۈيلەيدىغان ناخشىلار بىلەن تەڭ ئوتقاشتەك چىرايلىق شارپىنى ئېلىپ كېلىنىنىڭ يېنىغا ماڭدى.  قىز بىلەن يىگىت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئانىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئانا كېلىنىنىڭ يۈزىگە ئارتىۋالغان تور ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ قىزىل شارپىنى قىزنىڭ بوينىغا ئارتىپ، كېلىن بىلەن ئوغۇلنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى، ھەمدە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ قىزنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويدى. قىز قولدىشى ئانىنىڭ بوينىغا بىر كىيىملىك شىپۇڭ دۇخاۋىنى ئارتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن قىز يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.  شۇ تاپتا ئانا قولىنى ئۇسسۇلغا كۆتۈرگىنى بىلەن كۆزلىرى يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى ...

ئاھ ئانا! بەلكىم ئو ئوغۇل ئۆيلەپ كېلىنلىك بولغىنى ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ خوشال ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقاندۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ كۈندىكى بالىلارغا ئانا بولماق ئاسان ئەمەستە!!! شۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇدا كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى، يېنىمدىكى ئانىلارمۇ ئاللىقاچان كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتىشكە باشلىغان ئىدى.

  - يا ئاللاھ! يۈزىنى ئەمەس كۆكسىنى تولۇقراق ياپقان بولسا ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا بىلەيزۈك سالاتتىمىكىن جىنتەككە ... - دېدى ھېلىقى قاينىغان ئانىلاردىن بىرسى ...
  توي داۋاملىشىۋاتاتتى. قىز بىلەن يىگىت تانسىغا چۈشتى، ئۇلار ئىككى ئۈچ قەدەم ئېلىشىغىلا بىر يىگىت ئۇزۇن قىزىل تاۋاردا قىز بىلەن يىگىتنى سۆڭگىچىدىن بىر - بىرىگە چېتىپ باغلاپ قويىۋىدى، ئولتۇرغان قىز - يىگىتلەر چۇقان سېلىشىپ چاۋاك ئارىلاش ئالقىش ياڭراتتى. مەن ئەجەپلىنىپ يېنىمدىكىلەرەە قارىدىم. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەيران بولۇشۇپ بىر - بىرىگە قارىسا، بەزىسى خىجالەت بولغىنىدىن يەرگە قارىۋېلىشتى.

 - ۋاي بۇ نېمە ئالامەت؟ مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ يە؟ يا ئاۋۇ پوتىنى نېمىگە ...؟

 - خاتا كۆرمىدىڭىز قوشنام، ئۇلارنى مەڭگۈ ئايرىلمىسۇن دەپ چىڭ باغلاپ قويۇۋاتقان چېغى ...

 - سۇبھانەللاھ ! ئاللاھ مېنى مەغفىرەت قىلىڭ، مېنىڭ ھېلىقى ۋاھابىي كېلىنىم نېمىشقا رېستۇرانغا كېلىشكە قارشىكىن دېسەم، بۇ يېرىدە ئاللاغا شېرىك كەلتۈرىدىغان ئىماندىن ئاجرايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى باركەن ئەمەسما! قوپۇشمامدۇق؟ بۇ گۇناھلارغا شېرىك بولۇپ ئولتۇرۇپ قىيامەت كۈنى نېمە دەپمۇ جاۋاپ بېرىشەرمىز... قوشنىلار!

  ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ قىز ئاياللار نازاكىتى، جەلپكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر گەپنى قىلغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە <ئاياللار رۇپاشكىسىنىڭ جىيىكىنى كەڭ چىقىرىپ قويسا، كۆرگەن ئادەم ئەجەپ رۇپاشكىسىدىن كۆڭلىكى قىسقىكەن، ئىچىدىكى بىر نېمىسىنى ساڭگىلىتىپ قويماي ئوڭشاپ كىيىۋالسىچۇ؟ دەيدۇ. ئەگەر رۇپاشكىسىنىڭ جىيىكىنى كىچىككىنە چىقىرىپ قويۇپ كىيسە، كۆرگەن ئادەم رۇپاشكا ئىچىدىكى گۈزەللىككە قىزىقىدۇ ...> دېمەك، قىزلىرىمىز يوشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ، ئۆزىگە خاس نازاكىتىنى ساقلاپ قالسا، ئۇلاردىكى جەلپكارلىق تېخىمۇ كۈچەيمەمدۇ؟
 
    ئىگىلىشىمچە، توي كۈنى قېينىئانىسى كېلىننىڭ يۈزىنى ئاچقاندا ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويىدىغانلىقىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولغاچقا قىزلار ھىجاپلىنىپ يۈرگەچكە تويدىن بۇرۇن ئۇ قىزنى ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ئادەملەر كۆرەلمەيدۇ، تويدىن كېيىن قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىلىرى كېلىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياغلىق بىلەن ئۈزۈكنى كۆرۈملۈك ئورنىدا سوۋغا قىلغان قىلىپ كەلگەنىكەن. بۈگۈنكىدەك ياۋروپاچە كونا كىيىملەرنى كىيىپ، ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرغان كېلىنلىرىمىزگە يەنىلا شۇنداق كۆرۈملۈك  ئارتۇق كەتمەسمۇ؟ قىزلىرىمىز شۇ ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈككە لايىق جاۋاپ قايتۇرغان بولسا، ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان  ئىمان - ئېتىقاد بىلەن بىزەلگەن ئىسىل ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز قىممىتى بىلەن تاپشۇرغان بولساق، قانداق ياخشى بولاتتى - ھە؟

  يېقىندا بىر ژورنالدا <ئاياللىرىمىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ كوچىلارغا چىقىشى، ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىندۇر> دېگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ قالدىم. خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق يامان ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىدا ئەرلەرنىڭمۇ، يىگىتلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.
ئاخىرىدا مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ مۇئمىن ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يېپىشى توغرىسىدىكى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى سىلەرگە خاتىرلىتىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلىش ئۇلار ئەڭ ئوڭاي تونۇلۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
(ئەھزاب سۈرىسى، 59 - ئايەت).

ئاللاھتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يىمىرىلمەس، مۇكەممەل ئېتىقاد تىلەيمەن، ئامىين!

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 17:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ تويىدا كەيگەننى ئاز دەپ، بالىسىنىڭ تويىدىمۇ ئاق توي كۆڭلەڭ كىيىۋاتسا، بىز چېغىمىزدا مەيدىسىگە، دۈمبىسىگە قاراپ ئۇيۇلۇپ كېتىمىز، ھەتتا بىر قىسىم قىز - چوكانلارمۇ دوستلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن « بوپتولا ، ئىككى سائەتلىككە نېمە بولاتتى » دەپ ئۆزى خالاپ - خالىماي شۇنداق كىيىۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتكە قارىساقمۇ كىم بەكرەك ھۆكۈرەلىسە شۇنىڭ گېپى ئورۇنلۇق بولۇپ قالدىمۇ دەيمەن؟ بولدى ، بۇ توغرىلىق باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئېچىپ ياكى سۆزلەپ ئۆزەمنىمۇ گۇناھكار قىلغۇم يوق. شۇنچىلىك دەپ قويدۇق « سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، گەپنى قىل ئاڭلار يەرگە » دېگەندەك دەۋەرگەنننىڭ پايدىسىمۇ يوق ئوخشايدۇ؟ كېيىن پەرزەنتلىرىمىزمۇ « ئاتا - ئانام مۇشۇنداق كىيىنىپتىكەن » دەپ بۇ ئادەتنى يۇقتۇرۋالمىسا بولاتتىغۇ؟ ئويلاپ باقسام يامان ئىشلارنى يامان گەپلەر بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن.
    ياراتقان ئاللا كۆڭلىمىزگە ئىمان، ئىنساب ئاتا قىلسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 19:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى خەلقىمىز قىزلىرىنى مۇشۇنداق ھاياسىز قىلىپ قويماقتا،ھەقنى چۈشەنگەن بولسىدى ھەرگۈزمۇ بۇنداق قىلمىغان بولاتتى،شۇڭا بىز قىز-ئاياللىرىمىزنى نادانلىقتىن قۇرقۇزساقلا بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ،بولمىسا قۇرۇق گەپنىڭ نىمىگە پايدىسى؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 20:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ بېشىنى يۆگىشى پەرزد[s:35] [s:35] [s:35] [s:35] [s:35] [s:36] [s:36] [s:36] [s:36] [s:36] [s:36] [s:36] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:36] [s:6guzal:

نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى خەلقىمىز قىزلىرىنى مۇشۇنداق ھاياسىز قىلىپ قويماقتا،ھەقنى چۈشەنگەن بولسىدى ھەرگۈزمۇ بۇنداق قىلمىغان بولاتتى،شۇڭا بىز قىز-ئاياللىرىمىزنى نادانلىقتىن قۇرقۇزساقلا بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ،بولمىسا قۇرۇق گەپنىڭ نىمىگە پايدىسى؟؟؟
]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 00:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . قىرىندىشىم
بۇياخشى يىزىلىپتۇ .چۇنكى ھازىر جەمىيىتىمىزدە .ئوزىمىزنىڭ ئورپە -ئادەتلىرى ،يوقاپلا كىتەي دەپ .قالدى .ھازىر بولسا بەزى بىر قىزلىرىمىزدە شەرمى -ھايا قالمىدى . دىمىسىمۇ ئاياللار ئوزلىرىنىڭ نىمە بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
ھەدىسىلا مودا قوغلۇشىپلا .كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ نىمە بولىشى بىلەن ،كارى بولماي ۋاتىدۇ .ئاللا قوللىرىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسىن داۋاملىق ئىلگىرلەڭ
[s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37] [s:37]

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 12:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ پۈتكۈل ئەزاسىنى يۆگىشى پەرزدۇر . بۇنىڭغا بەكمۇ سەل قارىلىۋاتىدۇ دوستلار ، قانداقدۇر بىر ياغلىق ئارتىپ قويغان بىلەن بۇ پەرزنى ئادا تاپتى دىگىلى بولمايدۇ !!!  اللە ھەربىر قىزلىرىمىزغا تەۋپىق ھىدايەت ،ھەقىقى تەقۋادارلىق ئاتا قىلسۇن ! ئامىن !

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 20:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ھاياسىزلىشىپ يالاڭاچلىنىپ كېتىشى زامانىمىز ئەركەكلىرىنىڭ لاتىلىشىپ ،زەيپانىلىشىپ،ئوزىنىڭ ئەركەكلىك غۇرورىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىندۇر بىز ئەركەكلەر نىمىشقا ئويلانمايمىز ئاياللىرىمىزنىڭ پۇتۇن ئەزايى پەقەت بىزنىڭلا كورۇشىمىزگە بولىدىغان باشقىلارنىڭ كوريشىگە قەتئى يول قويۇلمايدىغان نەرسىمىز تۇرسا ئاياللىرىمىزنى يالىڭاچلاپ ئاشۇنداق سورۇنلارغا سېلىپ ھەممە ئادەمگە مانا مېنىڭ ئايالىم خالىغانچە كورۇڭلار دەپ قويۇپ بېرەمدۇق قىيامەت كۇنىسى ئاللاھ ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرىمىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-30 12:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئاياللار چوقۇم ئەۋرەت يەرلەرنى يىپىشىمىز كىېرەك.
ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى دوزاخقا كىرىشىنىڭ سەۋەب ئەۋرەت يەرلەرنى ھارامدىن باشقۇرمىغانلىقى، يەنە قىز ئاياللارنىڭ ئاتا- ئانسىنىڭ ، ئاياللارنىڭ بولسا يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز قالايمىقان يول ماڭقانلىقى ئۈچۈن بىز ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى دوزاخقا كىرىدۇ. [s:36]

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-30 13:01:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئاياللار چوقۇم ئەۋرەت ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى دوزاخقا كىرىشىنىڭ سەۋەب ئەۋرەت يەرلەرنى ھارامدىن باشقۇرمىغانلىقى، يەنە قىز ئاياللارنىڭ ئاتا- ئانسىنىڭ ، ئاياللارنىڭ بولسا يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز قالايمىقان يول ماڭقانلىقى ئۈچۈن بىز ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى دوزاخقا كىرىدۇ. يەرلەرنى يىپىشىمىز كىېرەك

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 22:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېستۇرانغا تويغا بارغانلار پەقەت شۇ «كېيىم كىيگەن يالڭاش» خوتۇننىلا كۆردىمۇ ؟ خېرىدارى يوق مەھسۇلات قايتا بازارغا چىقالمايدىغۇ ؟ مەن موئىمىن دىگۈچىلەر دەگە ،نىمىگە خېرىدار نولۇشنى، نىمىلەرنى رەت قىلىشنى قەلبىدە بولسىمۇ كەسكىنراق بولسا بۇ پاجىئەلەر ئازلارىدى.

تەجرىبىلىك ئەزا

لاالااللاالله م

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 23:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ھەممىمىزگە ئىمان،ئىنساپ ئاتا قىلسۇن(ئامىن)

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 18:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كەۋسەر خانىم،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى قايتا كۆرگەنلىگىمدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم،خۇدادىن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن(ئامىن)!

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 22:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن      ئۇلۇغ ئاللا  ئاياللاغا   پەقەت   ھەممە يىرى ئورۇنۇپ   تۇردىغان   بىرلا  كىيم   چۈشۈرگەن   ئۇبولسىمو   ئابا يى       ئۇنىڭدىن            باشقىسى  ئاللا نىڭ  ئالدىدا      ئۇئاياللار   يالىڭاچ  كورنىۋىردۇ      شۇلانىڭ     كوڭلىگە   ئاللا  ھىدايەت   ئاتا قىلغايلا.    ئامىن
ھسدھسدھسدھسدھسدھ

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ! ! ! ! ! ! !

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 08:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقىرىدا دىيىلگەن جەريانلارنىڭ ھەممىسى  مۇسۇلمانلارنىڭ  قىلىقى  ئەمەس

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 22:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق كىيم بىز مۇسۇلمانلاردا مۇسىبەتنىڭ بەلگىسى .

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 22:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رڭمېت

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 15:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي............ئامال يوق...

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 19:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھلى ئاياللىرىغا،چىشى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە بولايىلى،ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساقلا بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-5 01:31 , Processed in 0.046995 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش