ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 115017|ئىنكاس: 101

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 19:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا  ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار،  ئەرنىڭمۇ،  ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام  سائەت ئىككى بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ،  چىنە-قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي،  ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە:
_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟  نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،  ئايالى بىلەن بەك سوقۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، چىقىپ باقامسىز-يە؟ _دېدىم ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ،  كېچىدە ھاراق ئىچىپ كېلىپ جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ قىدىلىنى ئايرىپ،  قۇلىقىڭىزنى چىڭ يۇپۇرۇپ ئۇخلىڭە،_دېدى-دە، قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ؟  سىز چىڭراق ئورۇنۇپ يېتىڭ،  شامال تېگىپ قالمىسۇن مەن چىقىپ باقاي  _دېدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يا ئەر يا ئايالنىڭ بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي دېمەيتتى. بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك نېپىز بولغاچقىمۇ،  ئۇلارنىڭ تىللاشقان ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى.
_ ھە، ئۇرە، بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن رازى. ..
_مەن چاقاي،  بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە ئۇرىشايلى.
ئايال قوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
  ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستڭگە ئۇنىڭ ئېرى مەس بولىۋالسا ساراڭنىڭ ئۆزى،  قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ،  بىچارە چوكان ئەجەپ چىداملىقكەن. بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ تۈگەر...مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردىم. كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.  كۆز ئالدىمدا بۇ ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان كۆرۈنىشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى.  ئايال قوشنام ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئەينەك جاھازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللىرىنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى. ئېرى ئۇنى توسۇپ بولالماي ئاۋارە  بولىۋاتاتتى.
  _سانىيە نېمە قىلىق بۇ؟ _دېدىم ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى. ئايال قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ،  مەڭزىلىرى قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ،  يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن مەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.  ئەر قوشنامغا قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى،  ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان،  يۈزلىرى، بۇيۇنلىرى، بۇيۇنلىرىنىڭ تېرىلىرى تاتىلاشتىن سۇيۇلۇپ،  قىزىل گۆشلىرى كۆرۈنۈپ كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى. قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ سانىيەنىڭ قولىدىكى خرىستالنى ئېلىۋالدىم-دە، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ سافادا ئولتۇرغۇزدۇم. ئەر قوشنام مېنى كۆرگەندىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ :
  _قارىمامسىز، مۇشۇ چاققىچە تالادا يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئىچىپ، غەرق مەست كەپتۇ. ھاراقنى نەدە،  كىم بىلەن ئىچتىڭ؟  دېسەم  بىشەملىك قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز مانا!
_ ھە، چىدىمايۋاتامسەن؟  سەن ئىچكەن ھاراقنى مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟ _سانىيە ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان ھالدا شۇنداق دېدى.
- نەدە كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ _ دېدى ئېرى قايتا جانلىنىپ.
  _ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟  سەنمۇ ئون يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىم ماڭا  نەدە، كىم بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ؟ _ ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق بىر قادالغاندىن كېيىن،  ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ خۇمارلاشقان،  كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
  _قاراڭ جېنىم قوشنام،  سىز مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا، مۇشۇ ئۆيدە تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسىغۇ؟  مەن سىزگە دېمەي كىمگە دەيتتىم؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچىپ باققىمىز كەلدى، باشتا «ڭيلۇڭ»نى ئىچتۇق،  قارىساق ئۇ ئانچە تۇتمىدى،  بىر دوستىمىز «بىراندى» دېگەن ھاراق بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ كىردى، ھاراق دېگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن،  ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك،  ئۆزۈمىزنى بەختىيار سېزىپ خوشال بولۇپ،  ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇق.  ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ. .. توۋا ئەرگە تېگىپ تايىقىنى يەپ،  تىلىنى ئاڭلىغىچە ھاراق ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ؟ ئىسىت. ..ئىسىت ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم ھۈ...ھۈ...ھۈ...
  مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :
  _ سىڭلىم سىز پەزىلەتلىك ئىسىل ئايال،  بۇنداق ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ،  بەلكى بۈگۈنكى بۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئەتە تازا پۇشايمان قىلارسىز،  ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز،  بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ _دېدىم ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن.
  _ سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپمۇ تېخىچە پەزىلەتلىك ئايال، ئەخلاقلىق قىز دېگەن كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز؟ ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى.
مەن دەماللىققا نېمە دىيىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
  جېنىم قوشنام ھازىر«قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل» دېگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ سىز دېگەن ئەخلاقلىق،  ۋىژدانلىق ئاياللار ئائىلىسىدە ئەرنىڭ  تايىقىنى، ئىدارىسىدە ئەر باشلىقىدىن تەنقىنىدى ئاڭلايمىز.  سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇ قاتارىدا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، ئېرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تانسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرۈكىمىزنى زىدە قىلىمىز. كۆرىۋاتقانسىز،  بۇرۇنلاردا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي يامان ناملارغا قالغان،  ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي سۆزلەيدىغان تەتى-پەتىلەر،  ھازىر تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ،  ئىش كۆرگەن ئايال،  جېنى بار ئايال، ئىسىلزادە خېنىم تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ،  جاھاننى سوراۋاتىدۇ.  ئۆيىدە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال،  ئىدارىدە باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق ئايال بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشونىغا قاتناشتىم،  كۆڭلۈم نېمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىمەن،  ئۇ كەچ سائەت ئوندا كىرسە مەن ئونبىردە كىرىمەن، ئۇ ئاقنى ئىچسە مەن قىزىلنى ئىچىمەن، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن، تاپقان پۇلۇمغا مودا كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق ياسىنىمەن.  چىدىسا ئۆي تۇتسۇن چىدىمىسا ئاجراشسۇن،  ئەنە ئىشىك،  قىزىم بىلەن گۈلدەك ياشايمەن. توۋا مەن نەچچە ۋاقتىن بۇ رودىپاينى پىشانەمگە پۈتىۋەتكەندەك ۋاپادار،  پەزىلەتلىك ئايال، مېھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈنلا،  ئون يىل قۇربان بېرىپتىمەن. سىز دەڭە ئون يىل دېگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىز ئاياللار قۇربان بېرىشكىلا يارالغانمۇ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەكقۇ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن ئەركەكمىدى؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم،  گۈزەل ياشلىقىم ھۈ...ھۈ...ھۈ... ئۇ ئۆزىنى يەردىكى گىلەمگە ئېتىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى يىغلاپ بىرازدىن كېيىن يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.
    ئادەتتە ئېغىر- بېسىق،  كەم سۆز بۇ قوشنامنىڭ مەس ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ،  ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى.  كېچە بىر چاققىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى
يۇقىرىقى پوۋېستنىڭ داۋامى (2)
  بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەتتە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىدا ئولتۇرسام قۇلايلىق. بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالمىسىلا پىيادە مېڭىپ، يېقىن سىردىشىم بولغان خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا بەزىدە خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي، ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولۇشىنى تىلەيمەن. بۈگۈنمۇ، ئاخشامقى قوشنامنىڭ مەست بولۇۋېلىپ دېگەن سۆزلىرىنى خىيالىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كېتىۋاتاتتىم. « چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت » دېگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست سۆزلەيدۇ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر سەۋەبچى بولىدۇ. قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى. ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغانمۇ تۈزۈك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ. . . خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، لىفىتتا 15 - قەۋەتكە چىقىپ ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازاغىچە خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم.
  _ سىزنىڭ تېلېفونىڭىز .
  _ سۇنۇلغان تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى.
  _ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ _ دېدىم تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
  _ ۋەي، بارمۇ سەن؟ _ قۇلىقىم تۈۋىدە جفراڭلىغان ئاۋاز مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى. قانداق قائىدە ئوقمايدىغاندۇ؟ مۇسۇلماننىڭ سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت جفرقىراپ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام، قارشى تەرەپ يەنە ۋاقىردى.
  _ ھەر، مەن خالىدە ئاۋازىمنى تونۇمىدىڭمۇ؟
  _ ھە، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن!
  _ ئاداش مەن سېختا، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپ، بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيىى ئىدى، « يېڭى ئەسىر رېستورانى » دا ساۋاقداش قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان، سىلەرنىڭ قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار.
  _ بولىدۇ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.
  _ بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى.
  _ خوش.
  تېلېفون تورۇپكىسىنى قۇيۇۋېتىپ بۇ ھەپتىلىك تۇنجى « ھاشار » نىڭ ۋاقتىنى يېقىن ئارىلىشىدىغان « بىزنىڭ قىزلار » غا ئۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.
  ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىۋالغان بېكەتتە ئۇچرىشىپ « يېڭى ئەسر رېستورانى » غا كەلدۇق. مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ، پەردازخانىدا گىرىم قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگزىندىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زۇڭتۇڭ، ۋەزىر، كاسسىرلىرىمۇ ئالاھىدە ياسىنىشىۋالغانىدى.
  _ چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ. تويدا قانداق قىلار؟
  _ ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا گىرىم قىلدۇرۇپ « ئېسىل » كىيىم كىيىپ، تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ، - دېدى ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي.
  _ ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدا بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن؟ _ دەپ قىزىقىپ سورىدى نېمە مودا بولسا، شۇنى دورايدىغان بىچارە زېۋەر.
  _ ساقايسا قىلامتىڭ ؟ _ سورىدى يەنە بىرسى.
  _ ئەمدى ئاداش بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، « غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ » دېگەندەك، بۇ قېتىم مېھراي قىلسا، بىزلەرگە كەلگىچە ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي ئامال قانچە ؟ . . .
  بىز شۇنداق تالاش - تارتىش، مەززىسى يوق قىزىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە باشلىدى. سوغۇق - ئىسسىق بولۇپ ئون خىل قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما، ھور نان ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يېيىلىپ بولدى. بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك رېستوراندا باغاق چاي، قوشنىلار چېيى، خرۇستال چاي، « گىرىم چاي ». يۇرتلۇقلار چېيى، ساۋاقداشلار چېيى دېگەندەك، چايلار بىلەن ئوتتۇز نەچچە ئۈستەل ئايال مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاۋۇ چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە- سەككىز ئەر مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى. قىززىق، ئاياللار شۇنداق كەڭ - كۇشادە ، ۋارقىرىشىپ، كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك، مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتى.
  _ چولپان قارا ئاۋۇ ئايرىمخانىغا ، يېنىمدىكى ئايشەم مېنى نۇقىدى .
  _ نېمە بوپتۇ ؟ مەن بۇرۇلۇپ بىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئايرىمىانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى .ئۇ ئايرىمخانىدا  ئورۇنىۋالغان ئىككى تونۇش ئايال يەنە تونۇمايدىغان بىرنەچچە ئاياللار بىلەن ئولتۇراتتى .مەن ئايشەمگە قاراپ :
  _ ئۇلار ئايرىمخانىدا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىۋېتىپتىغۇ ؟_دېدىم
  _ ئۇنى بىلدىم ، ئاداش ئاشۇنداق يوغان ياغلىقنى چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىگەن ئادەم ،ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇماي، رېستۇراندا نېمە بار دەيمەندە! _ ئايشەمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپلا مەرۋان سۆزلىدى :
  _ شۇ ئەمەسمۇ ، بىرنەرسە  قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ ، قىماۋاز قېرىسا  ئىمام بوپتۇ دېگەندەك بۇ مەريەممۇ بۇلتۇرلاردا تېىخى ئويۇننىڭ قېپى يېرىپ يۈرەتتىغۇ ؟ ئەمدى بىردەمدىلا  ئىسلامچە دەمدۇ ، ئىمان ئېتتى دەمدىكەن بىرنېمە دېگەنلەركەن بۇ !
  _ۋاي شۇ ئويناپ كۈنۈپ قالغاندىكىن يەنە مېھرىنى ئۈزەلمەي رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇدە  ...
_ سىلەرچە ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق ئويناپ ئۆتىۋەرسە بولامتى؟ ئوينىسا  ئېرىڭلاردىن كۈنلەپ ،بۇزۇق  دېسەڭلار ، توغرا يولنى تاپسا يەنە چىدىمىساڭلار ، ئەمدى قانداق قىلسا بولار ؟ ئۇلارمۇ ئادەم ، پەرىشتە ئەمەس نۇقسانسىز بولىدىغان ، رېستۇرانغا  كىرگەن بولسا يە بىلمەستىن كىرىپ قالغاندۇ يە، ئۇ سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز كىرگەندۇ ؟ ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا بىلەن كىرىپتۇ ، بىزچۇ؟ يالاڭباش ، كالتە يەڭ ، مەيدىلىرىمىز ئوچۇق ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ قىلمايلى -دوستەكلەر -دېدىم سەل قايناپ .
  _ ياق، ئەمدى دەيمەن ئىسلامدا ماڭغاندىكىن توغرا ماڭسۇن دەيمىنا؟-ئايشەم ماڭا دومسايغاندەك قارىدى
  _ ئىسلامنى ئۇنچىلىك چۈشەنگەن ئادەم سەن نېمىشقا ماڭمايسەن ؟ سېنى ئاللاھ ياراتمىغانمۇ ؟ قىيامەت كۈنى ساڭا سوراق يوقمىكەن ؟ بىز ھەرقانداق ئىشنى تەۋسىيە قىلىشتا ئاۋۋال ئۆزۈمىز ئورۇنداپ ئاندىن باشقىلارنى بۇ ئىشقا چاقىرساق بولىدۇ .بىز ئۆزۈمىز ماڭالمىغاندىكىن ، ئۆزۈمىزنى بىلەيلى باشقىلارنى كولىمايلى .- مەن يەنە نېمىلەرنى دەيتتىمكىن گۇلناز  كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن دېدىمۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇرىۋەتتى .
  _ ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نېمە باركەن بۇ رېستوراندا ،  - دېدى بىرسى.
  _ شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى باقماي، خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى. . .
  _ ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق . . .
  ۋەيت . . . ، _ چوكانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى.
  _ ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق - يە؟
  _ ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى بولسا ، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن، نېمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي، نېمە خىزمىتى بار؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ؟ بانكىدا قانچىلىىك پۇلى بار دەپ سورايدىغان تۇرسا، ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز  دېگەن ئەر !
  _ شۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن شۇ مائاشىمىز ياخشى، ۋەيت ! ! . . .
  يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس - بەستە شاڭخوغا چۈشكەنىدى.
  رېستوراندىن ئۇزاپ چىقىپ « بىزنىڭ قىزلار » دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبوس بىلەن كېتىشتى. قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك ياخشىكەن، يېگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى، دېيىشىپ ئاستا مېڭىشتۇق.
  _ ھەي سائەت تېخى سەككىز بولماپتۇ، مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نېمە قىلارمىز؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن - دېدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىپ، ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي.
  _ ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ، چۈشتە ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم، مېنىڭمۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق، بولسا شۇنداق قىلايلى _ دېدى گۈلنازمۇ دەرھاللا ئايشەمنىڭ تەكلىپىنى قۇۋۋەتلەپ.
  _ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى، - دېدى مەرۋانە. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟ دېگەن مەنىدە قاراشتۇق.
  _ ئۆيدە ئۇ يوق، يولغا چىقىپ كەتتى.
  _ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى دېدى مەرۋان.
  بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىدا ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇزاق، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك پاراڭغا چۈشتۇق.
  ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان بىلەن ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي قويۇۋېتىپ:
  _ خانىملار، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق - پاتلىقلارنى تىزمىدىم. بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئاچچىق - چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا قىلىپ . . .
  ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى. . .
  _ ۋاي ئاداش، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن جۇمۇ؟

داۋامى (3)

  _ قۇيە ،مەن بۈگۈن راسا بىر مەس بولۇپ باقايچۇ ؟_دېدى ئايشەم .
  _مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، ئىچسەك ئىچتۇق !_ گۈلنازمۇ شۇنداق دېگەچ مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىنى يۆگەپ چازا قىستى .  _ سەنچۇ چولپان ؟
  _سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟مەن ئاڭلاي _دېدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
  _سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ ، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن كۆرۈنىسەن !_دېدى مەرۋان .
_بۇنىڭ نېمە دەردى بولار ؟ئۇرۇپ سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى تۇرسا ، ئىسىل داچىدەك ئۆيى ، نەگ باراي دېسە ماشىنىسى ، نەگە باردىڭ نەدە تۇردۇڭدېمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك باشقۇرىۋاتسا ...
  _ ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تېزگىنەكتەك باشقۇرىلىدىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار مەن بەزىدە ئوقۇمىغان دۆت ئايال بولۇپ قالسامچۇ ؟ دەپ ئويلايمەن !...
  _ بىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا  كۆرىدىغان ۋاتىلداق خوتۇن بولۇشنى خالامسەن ؟_دېدى ... ھا...ھا...ھا..دەپ كۈلۈپ :
  _مەرۋان ، قۇيە ھارىقىڭنى ئاۋۋال ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن مۇڭدىشايلى -دېدى .
  مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ-قىزىل سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رۇمكىلارغا قۇيۇشقا باشلىدى .
    _ بىرىنچى رۇمكىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟
  _ھەممىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
  _ خوشە!خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ناھايىتى سۈزۈك ئاڭلاندى .
  رومكىلار ئۈچ رەت ئايلانغاندىن كېيىن ئايشەم سۆز باشلىدى :
  _ ئاداشلار سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ،ئۇ قاچانلا قارىساڭلار مەست يۈرگەن ، يەنە تېخى گەپ يۇغان ...بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ تويدۇم . نېمانچە شور پىشانىدۇرمەن ؟!ھەممە گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن ... ئايشەم قولىدىكى رۇمكىنىئويناپ ئولتۇرۇپ يىغلامسىرىغاندەك سۆزلەيتتى .
  _ ئاداش سەن يەنە شۈكۈر قىلغىن ، سېنىڭ ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ ، يەنە دەتتىكام دەپ ئاتمايدىغاندۇ ؟مېنىڭ ئاتمايدىغۇ؟ مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئۈچ يىل بولدى، مائاش قەغىزى خەقتە، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، - دېدى زېھنايمۇ خىيالغا پاتقان ھالدا. ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئېغىر - بېسىق بولۇپ كېتەتتى.
  _ سىلەرنىڭ دەردىڭلار ، مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالمىغۇدەك « دېسەم گەپ بولىدۇ، دېمىسەم دەرد » ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى . . . گۈلناز كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە قۇرۇق رومكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى.
  _ سەن بولدى قىلامسەنكىن گۈلناز، چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ،  - دېدى مەرۋان گۈلنازنىڭ رومكىسىغا قىزىل سۇيۇقلۇقنى قۇيغاچ.
  _ مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، مەرۋان دۇتىرىڭنى ئاچىقە ! - دېدى گۈلناز مەرۋانغا قاراپ.
  _ مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان بولدى. چالە ئاداش، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس، - دېدىم مەرۋاننىڭ ئېسىقلىق دۇتىرىنى ئۆزۈم گۈلنازغا سۇنغاچ.
  گۈلناز قولۇمدىن دۇتارنى ئېلىپ، بىردەم تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاپئاق لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئەمەس، مېنىڭ يۈرەك تارلىرىمغا تەگكەندەك، يۈرەكلىرىم يېنىك تىتىرەشكە، ئارقىدىن ئېسەدەشكە باشلىدى. مېنىڭ يۈرۈكىمنىڭ ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر دەردلىك ساداسى، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى.
  ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
  تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ.
  ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
  دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ.

  باغ ئارىلاپ شامال كەلدى،
  تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى.
  ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى،
  دەردى بار قىزىڭ كەلدى.

  شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى. ئاتا - ئانا دېگەن ئادەمگە مەقسەتسىز كۆيۈنىدىكەن، ئاتا - ئانىدىن كېيىن ھەرقانچە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ بولسىمۇ، ئاتا - ئاناڭغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن، شۇتاپتا ئانام بولغان بولسا ئاشۇ دوزاخ ئۆيگە، ھېلىقى ئون يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي، ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بىر يىغلىۋالغان بولسام . . . مەن دۇتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن. ھەيرانمەن، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتار ئاڭلىشاممۇ يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ كېتەتتىم. مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ، دەرد - ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ دۇتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىمگە پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازى ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك، باشتا پىغانلىرىم ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن.
  دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى. مەن گۈلنازغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ تامچىۋاتاتتى. دۇتارنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى.
  _ سەن بىلمەيسەن مەرۋان، مېنىڭ يۈرىكىم مۇشۇ رومكىدىكى ھارىقىڭدەك قان - زەرداپقا تولدى . . . مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ . . . بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال . . . سىلەر بىلىسىلەر . . . بىراق ماڭا دېمەپسىلەر . . . بۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى . . . بىلمىدىم . . .
  _ گۈلناز قولىغا رومكىنى ئېلىپ ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى توسىغىنىچە ئىسەدەشكە باشلىدى.
  _ گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ، بىردەم يېتىۋالامسەن ؟
  _ ياق، مەن ھازىر ھەقىقىي ئادەم بولدۇم. سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈكىمنى يەپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى نومۇسنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دېيەلمىدىم . . . سىلەرچۇ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس، دوستۇممۇ ئەمەس، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ! مېنى قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ! ئۇ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈكىمنى پارا- پارە قىلىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. مەنلا ئەمەس ، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى.
  _ سەن بىزنى ئازابلانمىدى دەۋاتامسەن، ئاداش؟  بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلگەندە ئازابلانغان، بىراق راستىنلا ساڭا دېيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى تۈزۈلۈپ كېتەر، دەپ كۈتتۇق.
  _ سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىغان تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ گەپنى دېيەلەيمىز؟ ! جېنىم ئاداش، ئايشەم شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. دەرھال مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان بوتۇلكىسىغا قارىدىم.
  _ ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
  _ قۇيۇۋاتقىنىڭ نېمە ؟
  _ ۋېيلۇڭ، . . ئاران ئون بىر گرادۇسلۇق. . .مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :
  _ ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى يا ؟
  _ خۇدايا توۋا دېگىن. . .
  _ مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي، ئۆچ ئالاي دەيمەن. چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز يېزىپ بەرگىن- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھە يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك كۆزلىرىگە قارىدىم.
  _ گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ؟
  _ ياق!
  _ ئەمىسە نېمىشقا ئەرز يازىسەن؟!
  _ مەن ئۇلارنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى . . .
  ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى تارتىۋالماقچى.
  _ فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان، ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئەرز قىلما! قۇلىقىڭنى گفز، كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ، ئەپۇۋانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇر، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
  _ غورورۇمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە قىلغىنىممۇ يېتەر . . . مەن ئۇنداق گۆش باش ئەمەس.
  _ ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس ئەمەسمۇ؟ . . . غورۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ؟ مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ،  - دېدىم .
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 20:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بادەكلا تۇيۇلدىغۇ؟؟؟

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-6 22:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم kawsarabbas قېرىندىشىم!

ئۇيغۇر ئسىلام مۇنازىرە مۇنبىرى، ماددىياتنىڭ سەلتەنىتى، مەنىۋىياتنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتقان، دىن - دىيانەتتىن ۋە مىللىي ئەنئەنىلەردىن مىسكىن قالغانلار، توغرا بىلەن خاتانى پۇل بىلەنلا ئۆلچەيدىغان ھالەتكە كەلگەن بۈگۈنكى كۈنمىزدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېتىلماقچى بولغان ئوتنى ئاغزىدىكى سۇ بىلەن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن دېڭىزدىن ئاغزىدا سۇ ئېلىپ كېلىپ يالقۇنلاپ كۆيىۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە تۆككەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان قارلىغاچنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزنى توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن قۇرئان - ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىر ئىش قىلايلى دېگەن غايە بىلەن قۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى غايىلەر بىلەن قۇرۇلغان ۋە بىر قانچە يىلدىن بويان يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مۇنبىرىمىزگە سىزگە ئوخشاش ئىمانى ساپ، ئەقىدىسى توغرا، دىنى ئېڭىنى ۋە شەرمى ھاياسىنى يوقىتىپ قويمىغان، ئەڭ مۇھىمى جەمىيىتىمىزدىكى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» ۋە «ئۇيغۇر» دەۋاتقانلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىخۇد يۈرۈشلىرىگە قاراپ كۈندۈزى قولى ئىشقا بارمايۋاتقان، كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمەيۋاتقان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىپ، بىر دوختۇرغا ئوخشاش جەمىيىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئەمەلىيەتچى بىر ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەپ، ئەدەبى بىر تىل بىلەن قامچىلاپ، ئاخىرىدا ئۇ ئىللەتلەرگە ساقىيىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە باشلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزەم، مەندىن باشقا باشقۇرغۇچىلار، ئەزالار ۋە بارلىق زىيارەتچىلەر نامىدىن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

تېمىلىرىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تىلەكداشمىز. ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

مۇنبىرىمىز سىزگە ئوخشاش مۇسۇلمان قەلەمكەشلەرنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان قۇرئان - ھەدىس پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىگە قايتىشقا يېتەكلەش يولىدا بىرگە مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئسىلام مۇنازىرە مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى.
www.uighurislam.net

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 11:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى قېرىنداش مەن بۇ پوۋېستنڭ يېزىش جەريانىدا خەت بەك كىچىك بولغاچقا ئىملا خاتالىغى كۆپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ يوللاپ بپلغاندىن كېيىنكى تەارىرلەشنى بىلەلمىدىم چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ھەم بەزى خاتالىقلار بولسا ۋاقدىا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى خالايمەن .

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 11:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى (4)

    --- چولپان سەن دوستۇم ئەمەسكەنسەن ، خەپ سېنىڭ ئېرىڭنىڭ بۇزۇلمىغىنىنى كۆرەرمەن ، --- دىدى گۈلناز قوللىرىنى پىشانەمگە نوقۇپ تۇرۇپ .

--- گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، سەن ئەتىگىچە ياخشىراق ئويلان ، چولپاننىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ ، --- مەرۋان رۇمكىغا ھاراق قويۇۋېتىپ شۇنداق دىدى .

---مەرۋان ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئاز سۆزلە ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلۈمنى تالادا خوش قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولامتى ؟ ! مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، سەن ئەڭ خەتەرلىك خوتۇن بولۇپ كەتتىڭ ...

--- شۇنداق ، سىلەر مەندىن نەپرەتلەنسەڭلار بولىدۇ . چۈنكى مەن ئۆيدە ئېرى ، تالادا ئاشنىسى بار خوتۇن ! بىراق نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ قايسىڭ بىلىسەن ؟ سېنىڭغۇ ئېرىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ پۇلى بار سودىگەر خوتۇن بىلەن تېپىشىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزغا ساراڭ بولاي دەپسەن ، مېنىڭ ئىرىم بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ قىزدىن بالا تېپىپ قويۇپ ، ئۇ خەنزۇ قىزغا ئون مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلەپ ، بالىسىنى ئالغۇزۇپ ئېرىمنى قوتقۇزۇپ قالغىنىمنى بىلىشەمتىڭ ؟ ! نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ كەلگۈسى بەختى ... ئون يىللىق ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ... قېرىپ قالغان ئاتا - ئانىمىزنى ئاياش ... جەمىيەتتە سۆز - چۆچەك قىلىشتىن نومۇس قىلىپ ... بىراق ، بۇ ئېتىقادى يوق ئەردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق . كۆرۈنۈشتە بىز ناھايىتى ئىناق ، ئەمىلىيەتتە بىز ياخشى ئۆتىۋاتقان قوشنىلار ...
مەرۋان ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقاندەك بىخارامان ئولتۇراتتى .
--- مېنىڭ ئېرىم ھاراق ئىچسىمۇ يەنە ياخشىكەن جۇمۇ ، شۈكۈر قىلاي ، --- ئايشەم شۇنداق دەپ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋالدى .
--- ئاداش مېنىڭ ئېرىممۇ قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تالادا ئادىمى يوق ، شۈكۈر دەي جۇمۇ ؟ دىدى --- زېھنايمۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ .
--- مەنمۇ دىلشاتتىن بەزىدە تەسىرلىنىپ قالىمەن . كېچىلىرى مەھەللىگە مەست كېلىپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام پەسكە چۈشۈپ مېنى يۆلەپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىدۇ . قۇسسام قۇسۇقلىرىمغا قاچا تۇتىدۇ ، كېچىلىرى ئۇسساپ كەتتىم ، دەپ توۋلىسام ناۋات سېلىپ تەييارلاپ قويغان سوغۇق چايلارنى ئەپكېلىپ ئىچكۈزىدۇ .
مەرۋانمۇ ناھايىتى مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا ماختىنىۋاتاتتى . سائىتىمگە قارىسام ئون بىردىن ئېشىپتۇ .
--- ئاداشلار ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئېرىمىزنى ماختاپمۇ بولدۇق ، ئەمدى ئىچىمىزمۇ بوشىغاندۇ قايتامدۇق ؟ ! -- دىدىم ئۇلارغا .
ئايدىڭ كېچە، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيۈمگە كېتىۋاتىمەن .
  خىيالىمدا ئۇنىڭغا : << سەن بىر چاغدا ، سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن ، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن نەچچە يىگىتنى يۇغۇرساڭمۇ ، مەندەك سۇباتتىن بىرسى چىقمايدۇ . دىگەندە سېنى تولا پو ئاتمىغىنە دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ ؟ بۈگۈن مېنىڭ ساڭا شۇنداق پو ئاتقۇم كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈنكى سورۇندىكى بۇ چوكانلارنى يۇغۇرسىمۇ مەندەك چولپاننىڭ يېرىمىمۇ چىقمىغۇدەك ... مۇھەببەت - نەپرەت ، ئېتىقات مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەملەر شۇنداق بولامدۇ -يا ؟ >> مەن خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ، ئۆيگە قايتقۇم يوق ، ھەيرانمەن ، نەچچە سائەتتىن بېرى ئەرلىرى ئۈستىدىن يىغلاپ شىكايەت قىلغان دوستلىرىم ئۆيىگە ، ئەرلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراش تاكسى توسۇپ كېتىشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان خاتىرجەم ئائىلەم ، لاياقەتلىك ئېرىم بولغان مەن دوستلىرىمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىمونت يولدا يالغۇز كېتىۋېتىپ ، ئۆيۈمنىڭ مەن ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىنى تىلەۋاتىمەن . ئىشىككە ئاچقۇچۇمنى سېلىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا ، ئۇدۇل كۆرىنىدىغان خۇرۇم سافادا ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرۈۋېتىپتۇ .
--- بىر يەردە تازا ئىچىشكەن ئوخشىمامسىلەر ؟
مەن ئۇدۇلۇمدىكى سافادا پوشكال خېمىرىدەك ساقىپ ياتقان مۇرادقا لەپپىدى قارىدىم . ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىپادىسىز تىكىلىپ تۇراتتى .
--- ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟
--- ياقەي ، سوراپ قويدۇم ، ھازىر ئىچىشنى بىلمىگەن ئاياللار ياشاشنى بىلمىگەن ھىساپلىنىدۇ .
ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاھاڭدا سۆزلىگەن لاۋزا گەپلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .
--- سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟
---سىز خەلقئارالىق ئاڭغا ئىگە مەندەك ئېرىڭىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ .
مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم .
--- قانداق ، مەن پەخىرلىنىشىڭىزگە ئەرزىمدىكەنمەن ؟
ئۇنىڭ قايتىلاپ سورىغان سۇئاللىرىدىن خۇددى جوڭيى دورىسى ئىچكەندەك سەسكىنىپ كەتتىم .
--- سىلەردەك ئەرلەرنىڭ قولىغا قالغان بىز ئاياللارنىڭ كېلەچەگى قانداق بولار ؟ --- دىدىم ئەلەم بىلەن .
--- بىزدەك ئەرلەرنىڭ قولىدا ئۆزىڭىز ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋروپالىقتەك ياشاۋاتقانسىز ؟ ! --- دىدى ئۇ ساپادىن لىككىدە تۇرۇپ مەغرۇرانە قىياپەتتە .
--- بىردەم كۆزۈمگە كۆرۈنمىسڭىز بولۇپتىكەن ؟ ! --- دەۋەتتىم ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقىم كەلمەي .
--- بولىدۇ ، مەن كۆزىڭىزدىن بىردەم يوقىلاي . ئەمما ھېلىلا ئۆز پۇتىڭىز بىلەن يېنىمغا كىرىسىز ... ئۇ شۇنداق دىگەچ ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن دىگەن ئاخىرقى سۆزلىرى مېنىڭ جاراھەتلىك قەلبىمنى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇردى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . بالكونغا چىقىپ ئوچۇق دەرىزىلەردىن ئاسمانغا قارىدىم . ئاي ماڭا مۇلايىم جىلۋىلىنىپ قاراپ تۇراتتى . يۇلتۇزلار بولسا ئاينىڭ ئەتراپىدا خۇددى غەمسىز بالىلاردەك جىمىرلىشىپ تۇراتتى . شۇئان ئېسىمگە بىر ناخشا كەلدى

كىچىگىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،
ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا .
تاپالمىدىم ، توۋا دەيمەن بەختىمنى ،
مېنىڭ بەختىم نىمە قىلسۇن ئاسماندا .

        تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كېچە سائەت ئون بولىشى بىلەن ياتاقلارنىڭ توكى بىردەك ئۆچۈرۈلەتتى . ئۇيقۇمىز قاچقان كۈنلىرى بىز كارۋاتلىرىمىزدا ئوڭدا يېتىۋېلىپ ، ناخشا ئېيتىشاتتۇق . ناخشىنى زۇمرەت بىلەن چىمەنگۈل ياخشى ئېيتاتتى . بىز ئۇلارغا ئەگىشەتتۇق . شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى ، سۆيۈملىك ياتاقنى ھەم دوستلىرىمنى شۇنداق سېغىندىمكى ...
  --- بۈگۈن ئۇيقۇڭىز كەلمىگۈدەك بىرەر ئىش بولغانمىدى ؟ --- ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . كەينىمگە قايرىلىپ قارىماستىنلا ، ئۇيقۇم كەلسە نەچچە ئۆي بىكار تۇرمامدۇ ، غەم قىلماي ئۇخلاۋېرىڭ ! --- دىدىم قوپاللا ...
--- سىرتتا بىرەرسى باردەكلا كۆزىڭىزنى سىرتتىن ئۈزەلمەيلا قاپسىزغۇ ؟ --- سۈكۈت قىلدىم .
--- ھەقاچان بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن جەم بولۇپ ، ئىچىشكەچ كونا يىگىتلىرىڭلارنىڭ گېپىنى قىلىشقانسىلەر ؟ شۇڭا كونا ئوتلار تۇتىشىپ ئۆچۈرەلمەيۋاتامسىزكىن دەيمىنا ؟ !
ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سۆزلىرى يۈرىگىمگە يىڭنىدەك سانجىلىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ ئورۇنسىز سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىرتتىن يۈزلىرىمنى قىزارتىپ كېچىدە لەلەڭشىپ كىرگەن چېغىمدىلا : << ئايال كىشى تۇرۇپ ، يېرىم كېچىگىچە نەگە باردىڭ ؟ ھاراق ئىچكۈچە ئېشەكنىڭ سۈدۈكىنى ئىچسەڭ بولمامدۇ ؟ >> دەپ تەستىكىمگە نەچچىنى ئۇرغان بولسىمۇ ، يېنىكلەپ قالغان ھەم ئۇنىڭ ئەرلىكىدىن مەمننۇن بولغان ، يىغلاپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تۇنۇغان بولار ئىدىم . ئەمما ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ئاڭ ، ئۇنچىلىك ئېتىقاد نىمە قىلسۇن ؟ مەن قەلبىمدىكى بارلىق غەزىپىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ، ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :
---شۇنداق قەلبىمدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۈيىۋاتىدۇ ، ئەركەك بولسىڭىز ئۇ ئوتنى ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەمسىز ؟ --- دىدىم .
ئۇنىڭ چىرايلىرى قارىداپ ، كۆزلىرىدىن ھىچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر ئۇچقۇن چاقنىدى . مەن ئۇنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ، رەھمەتلىك ئانامنىڭ << قىز بالا دىگەن ئەركىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغان ، گەپ ياندۇرمايدىغان ، بولمىسا يامان بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم . ئىچىمدىلا ئاللاھقا : << ئېھ ! قۇدرىتى ئۇلۇغ ، ئادەمنى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ ، ئالدىمدىكى مۇنۇ بەندەڭنى ئەرلا قىلىپ ياراتماي ، ئەركەك قىلغان بولساڭچۇ ئۇنىڭغا ۋىژدان ، ئېتىقاد ، ئەقىل ، مۇھەببەت ۋە نەپرەت دىگەندەك ئوغۇل بالا ئۈچۈن مۇھىم نەرسىلەرنى تولۇق بەرگەن بولساڭ ، مەنمۇ ھۆرمىتىم بىلەن لەپپىدە بىر قاراپ ، يەرگە قارىۋالماسمىدىم ؟ ئۇنىڭغا بۇنچە تىكىلىپ قاراشقا قۇربىتىم يېتەمتى ؟ ! مەيلىم بولامتى ؟ ! ... >> دەپ نىدا قىلدىم .
ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس رېتىمى بويىچە ، بۈگۈن شۇنچە روھسىز ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ ، تېزراق بۇ \" دوزاق \" تىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىردىم . نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ مۇشۇ نەچچە ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئەقلىم بىلەن ئويلاۋاتقان تەقدىرىمگە بۈگۈن بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ ، ئۆز تەغدىرىم ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقىرىپ ، مۇراتتىن ئاجرىشىش ئەرزىمنى سوتقا تاپشۇردۇم ، ئەركىنلىك نىمە دىگەن ياخشى - ھە ! ياش چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى \" دوزاق \" قا ئوخشاتسا ھەيران قاپتىكەنمەن . توۋا كۆڭۈلسىز تۇرمۇش دىگەن ھەقىقەتەن قېنىڭنى چىقارماي جېنىڭنى ئالىدىغان ، قاڭسىق ، ئازاپلىق ، \" دوزاق \" كەن ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋاتسام ، يانفۇنۇم سايرىدى .

--- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

--- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، چولپان تېنچلىقمۇ سەن ، مەن خەدىچە .

--- خۇداغا شۈكۈر ، ئاداش ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلىرىڭ تېنچلىقمۇ ؟

--- تېنچلىق ئاداش ، مەن ساڭا بىر گەپ قىلىمەن ، قورقۇپ كەتمىگىن جۇمۇ ؟

--- ئادەمنى ئەنسىرەتمەي تېزراق دىگىنە نىمە بولدى ؟

--- چىمەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ، سەن بۈگۈندىن قالماي ، بولسا ھازىرلا يولغا چىقمىساڭ بولمايدۇ .

--- شۇنچە جىددىمۇ ؟

--- شۇنداق ئاداش ، ئەھۋالى ئېغىر ، ئۇ سېنى نەچچە قېتىم سورىدى ، بەلكىم ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈڭ بولۇپ قالارمىكىن ؟

بېشىمدىن بىر چىلەك سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم .

--- نىمە دەيسەن ، مەن ھازىرلا ئىشخانامغا بېرىپ رۇخسەت سوراپ ماڭاي .

يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا مەن ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۇچقاندەك كېتىپ بارىدۇ . شوپۇرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگىلا ئورنىتىلغان تېلىۋېزوردا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرغىدەك گۇمپا - گۇمپاڭ مۇشلىشىدىغان فىلىم قويۇلىۋاتىدۇ . مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ چىمەن توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن .

--- سىزمۇ مۇشۇ سىنىپتىمۇ ؟

مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يېقىملىق ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم . تەبىئى بۈدرە بولسا كېرەك ، ئىككى تال ئۆرۈۋالغان چاچلىرى تولغىشىپ دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ، بېشىغا ھال رەڭ گاز ياغلىق چېگىپ ، ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ ، مەيدىسىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى دىگەن ئىزنەك تاقىۋالغان ، غۇنچە بوي چىرايلىق بولغاندىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىز ماڭا تاتلىق تەبەسسۈم قىلىپ تۇراتتى .

--- ھەئە ، مەنمۇ مۇشۇ سىنىپتا .

--- سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە ؟ نەلىك ؟

--- مەن مايتاغلىق ، ئىسمىم چولپان .

--- مەن خوتەن شەھەر ئىچىدىن ، ئىسمىم چىمەنگۈل .

--- مەن سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزدىنلا خوتەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنتىم .

--- مەن سىزنى ئۈرۈمچىلىكمىكىن دەپ قاپتىمەن .

بىز ئالى مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق تونۇشقان ئىدۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى ، تىرىشچانلىقى ھەم خۇش ئاۋازى ، چىقىشقاقلىقى بىلەن سىنىپتىلا ئەمەس فاكۇلتېتلاردىمۇ تېزلا تونۇلۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ئوغۇللارنىلا ئەمەس بىز قىزلارنىمۇ نادامەت چەكتۈرۈپ قوياتتى .

--- يائاللا چىمەنگۈل ، ئوغۇل بالا بولغان بولسام چوقۇم سېنى ئالاتتىم ! --- دەپ چاقچاق قىلاتتى خەدىچە .

--- خەپ چىمەن مەن سېنى ئىنىمغا ئېلىپ بېرىپ كېلىن قىلىۋالمايدىغان بولسام ، --- دەيتتىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەۋىسىم كېلىپ ...

--- ئاداش ئىنىڭ كىچىك تۇرسا مەيلىما ؟ مايتاغلىقنىڭغۇ پۇلى جىق كەتسەم كەتتىم ! -- دەيتتى ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ .

--- ھەي سىلەر ئاڭلىمىغانمۇ ، << سەتنىڭ قىلىقى سەت >> دەپ ، ئاجايىپ ۋاپادار ئايال بولىمەن جۇمۇ ؟ ... رەھىمە بىلەن چىمەننىڭ چاقچاقلىرى ئاخىرى كارۋاتتا پومداقلىشىپ ، بىر - بىرىنى قىچىقلاشلارغا ئۆزگىرىپ كېتەتتى .

ئالى مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغىچە ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان نۇرغۇن يىگىتلەرنى رەت قىلغان چىمەن ئاخىرى ، خوشنا سىنىپتىكى تۇرپانلىق يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدى .

--- قىز بالا دىگەن << ئوقتا توختامسەن پوقتا ؟ دىسە پوقتا >> دىگەن شۇدە ، شۇنچە ياخشى بالىلارنى رەت قىلسا بىرەر دۆلەتنىڭ شاھزادىسىگە تېگەمدىكىن دەپتىكەنمەن ئۇنى ، ھىلىقى تۇرپانلىق بىلەن يۈرىۋاپتۇ مۇنۇ بەغەرەز ، --- دەپ غۇدۇرىدى رەھىمە بىر كۈنى سىرتتىن كىرىپلا .

--- كىمنى دەيسەن ؟ دىدىم رەھىمەگە قاراپ .

--- مۇنۇ سېنىڭ كېلىن ئاغىچاڭ ، رەھىمە مېنىڭ ئاستىمدىكى چىمەننىڭ كارۋېتىنى شەرەتلىدى .

--- قايسى تۇرپانلىق بىلەن ؟ --- سورىدى خەدىچە قىزىقىپ .

--- ۋاي قايسى بولاتتى ، سادىغاڭ كېتەيلەر ، ئاخپارات سىنىپىدىكى ھېلىقى بۇرۇتلۇق خۇشتار دىگەن شالۋاقچۇ ؟ !

<< قىز بالىنىڭ ئەرگە تەگكىسى كەلسە ، كۆزى كۆرمەپتۇ >> دەپ ،چىمەن بىزنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا خۇشتارنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەمەسلىكىنى دېگىنىمىز بىلەن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتتى . ئاخىرى ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خۇشتار بىلەن تۇرپانغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى . ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىلدىن كېيىن مەن خىزمەت بىلەن تۇرپانغا بارغىنىمدا ئۇنى ئىزلىدىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۆت ياشقا كىرىپتۇ ، چىرايلىرى ناھايىتى سۇلغۇن ، مېنى كۆرۈپلا بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ ھىلىقى كۈلكىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىنن ياش توختىماي ئاقاتتى . ئۇ كۈنلەردە ، مەنمۇ ئاپام تۈگەپ كېتىپ دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ، توي قىلىپ بولۇپ دەردىمنى ئۆزۈم بىلىدىغان مەزگىللىرىم بولغاچقا ، تازا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئۈششۈك تەككەن گۈلدەك ۋاقىتسىز سولاشقان چىرايىدىكى سۇلغۇنلىققا قاراپلا يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى . ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئەمدى نىمە دىسەممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى .

مەن بارغان كۈنىمۇ خۇشتار بىر كېچە ئۆيىگە كىرمىدى .

--- كېچىلىرى مۇشۇنداق ئۆيگە كىرمىسە قانداق بولىدۇ ؟ كۆرۈشكەن بولسام بىرگەپ قىلىپ قوياركەنمەن --- دىدىم ئۇنىڭغا .

--- ئاداش ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا كۆنۈپ كەتتىم ، ھىچقىسى يوق ! --- دىدى ماڭا سۇس تەبەسسۈم بىلەن .

--- قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرگە تەگسە شۇنداق چىداملىق بولامدۇ - يا ؟ دىدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .

--- بەلكىم ، دىگىنىڭ ئورۇنلىقتۇر ، ئەمما مەنمۇ قانچىلىك چىدارمەنكى ، مېنىڭچە سەن توغرا قىلىپسەن ، << ياخشى كۆرگەننىڭ قۇلى بولغىچە ، ياخشى كۆرمىگەننىڭ گۈلى بول >> دەپتىكەن ، ئۇ تۇرمۇشلارغىمۇ كۆنۈپ كېتىسەن ، --- دىدى .

---كۆنۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى ، --- دىدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .

--- نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رەھىمە تېلېفۇن قىلىپتىكەن ، ئۇ ... ئۇ ...

چىمەن گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن ماڭا مەنىلىك قارىدى .

--- رەھىمە سۇبات بىلەن توي قىلىدىغان بوپتۇ ! --- دىدىم چىمەنگە قاراپ .

--- سەن ئاخىرى ئاڭلاپسەندە ؟ ! --- چىمەن ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .

--- مەن ئۆزۈم سۇباتقا رەھىمە بىلەن توي قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ خەت يازغان ئىدىم .

--- نىمىشقا ؟

--- رەھىمە ماڭا خەت يېزىپتۇ ، ئۇ ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەپتۇ . مەن ئۇنىڭ سۇباتنى ياقتۇردىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئەمما ، بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىگە تەڭلا خەت يېزىۋەتتىم .

--- مەن ئامال بولسا ئۇنىڭ تويىغا بېرىشقا تىرىشىمەن ، سەنمۇ بارالامسەن ؟ --- چىمەن ماڭا سىنچى كۆزلىرىنى تىكتى .

--- سەن نىمانچە نادان چىمەن ؟ سۇبات ئىككىمىز شارائىت تۈپەيلى ئامالسىز ئايرىلدۇق . مەن رەھىمەگە سۇباتنىڭ جىسمىنى بەردىم. ئۇنىڭ روھىنى بېرىش مېنىڭ ياكى سۇباتنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەسكەن ، بىزنىڭ جىسمىمىز گەرچە باشقا ئادەملەرگە تەۋە بولۇپ كەتسىمۇ روھىمىزنى ھىچكىم ئايرىيالمىغۇدەك ، بۇ ئاللا سالغان ئوتنى بەندىنىڭ ئۆچۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ . ئىش ئۇنداق تۇرسا ، ئۇنىڭ تويىغا بارالارمەنمۇ ؟ بولسا ، ئۇنىڭ تويىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالسام دەيمەن . ھەي چىمەن ساڭا ھەرقانچە دىسىممۇ چۈشەنمەيسەن ، چۈنكى سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىڭ ، --- دىدىم مەن .  
   
   


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 03:58 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 06:37 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 12:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Re:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست)(6)

---چولپان ، مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىپ قېلىشىدىن قورقىمەن ، --- ئۇنىڭ شۇ گەپنى دىگەندىكى ئاۋازى ناھايىتى زەئىپ ئىدى .

شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم . چىمەن ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ ، ئالتە ئايلىق بولغاندا ، خۇشتار بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ، خۇشتار كېيىن ئىدارىسىدىكى بىر قىزغا ئۆيلەنگەنلىكىنى ، چىمەنننىڭ ئاخىرى ئىككى بالىسى بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم . مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ئويلىدىم ، ئەمما نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم . تېلېفۇن قىلاي دىدىم ، ئەمما تېلېفۇندا ئۇنىڭ يىغىسىى ئاڭلاشتىن قورقتۇم . بۇلتۇر تېلىۋېزوردا چىمەننىڭ بالىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك ئېلانىنى ئاڭلاپ خەدىچەگە تېلېفۇن قىلغاندا چىمەن بالىسىنى ئىزلەپ ئىچكىرگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن .

خەدىچە مېنى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ساقلىماقچى ئىدى . بىز شۇ يەردە كۆرۈشتۇق .

--- چولپان ، ئاۋال ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋالغىن ، --- دىدى خەدىچە .

--- ياق ، ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقاي ، ئاندىن ...

--- يۈر ، ئاۋال تاماق يەۋالايلى ، بولمىسا ھىلى تاماق يىيەلمەيسەن .

مەن خەدىچەنىڭ جىددى تەلەپپۇزىنى رەت قىلالماي ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق .

--- ئاداش مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم ، چىمەن زادى نىمە كېسەل بولۇپتۇ ؟ --- دەپ سورىدىم جىددىلىشىپ .

--- ئۇنىڭ ئوغلى دىليارنى ئىزدەپ ئىچكىرىگە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارتىغۇ ئاداش ، ئۇ بېرىپ بالىسىنى ئىزدەش جەريانىدا ، ئاپارغان پۇللىرىنى بالاڭنى تېپىپ بېرىمىز دىگەنلەرگە بېرىپ تاپالماي ئالدىنىپ ، تۈگىتىپ ئامالسىز بىر ئاشخانىدا ئىشلەپتۇ . كېيىن بىر ئاق ساتىدىغان گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى چىمەنگە كۆزى چۈشۈپ : << ماڭا تەگسىڭىز ئوغلىڭىزنى تېپىپ بېرىمەن >> دەپتۇ ، بىچارە دوستىمىز بالىسى ئۈچۈن ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن ئەرگە تېگىپتۇ . .ارلىقتا يەنە ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى ئېرى مال يۆتكىگىلى چىقىپ كەتكەندە ئوغلىنى ئىزلەپ ھېلىقى ئۆزى بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئاشخانىغا بېرىپتۇ . ئۇ تاماق ئۈستىلىدە ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يىمەي ، ئوغلىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغاندا ئون ئىككى ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا چىمەندىن :

--- ھەدە سىز دىليارنىڭ ئاپىسىمۇ ؟ --- دەپ سوراپتۇ

-- ھەئە ، جېنىم بالام ، سەن دىليارنى تۇنۇمسەن ، نەدە كۆردۈڭ ؟ --- دەپتۇ چىمەن جىددىيلىشىپ .

--- ئۇنى خەمىت لوبەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىكى مەمەت لوبەنگە سېتىۋەتتى ، سىز بېيجىڭغا بارسىڭىز دىليارنى تاپالايسىز --- دەپتۇ .

--- جېنىم بالام سەنچۇ ؟ سەن كىمنىڭ بالىسى ، سېنىڭمۇ ئاناڭ ماڭا ئوخشاش سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ ، يۈر سەن مەن بىلەن دىليارنى تېپىپ بىرگە كېتەيلى ، --- دەپتۇ چىمەن يىغلاپ .

--- ھەدە ، مېنىڭ ئۆيۈم غۇلجىدا ، مېنىمۇ خەمىت دىگەن ئەبلەخ ھازىرقى مەريەم دىگەن لوبەنگە سېتىۋەتكەن . بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن جىق پۇل كېتىدۇ . سىز تەييارلىنىپ مۇشۇ ئاشخانىغا كېلىڭ ، مەن پۇرسەت تېپىپ سىز بىلەن بىللە قاچاي ...

--- يارى ! ...

شۇ ئەسنادا بىر سەت سېمىز خوتۇن ھېلىقى بالىنىڭ قۇلۇقىدىن سوزغىنىچە چىمەننىڭ يېنىدىن ئېلىپ كېتىپتۇ . چىمەن يىغلىغان پېتى ئۆيگە قايتىپ ئوغلىنى تېپىپ بېرىمەن دەپ ئۆزىنى خوتۇن قىلىۋالغان ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخكە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ .

--- سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى نىمىشقا بېيجىڭغا ئاپىرىپ سېتىۋەتتىڭ ؟

--- مەن سېنى تونۇماستا سېتىۋېتىپتىكەنمەن ، مەن نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم بالاڭنى چوقۇم ئەكىلىپ بېرىمەن ، --- دەپتۇ ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخ ، چىمەن ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى ئېلىپ قېچىپ سېتىۋەتكەن ئەبلەخكە ئىككى ئايچە خوتۇن بولغىنى ئۈچۈن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپتۇ ، ئورنىغا كەلمەيدىغان پۇشايماننى يەپ ئولتۇرماي ، ھەركەت قىلىش كېرەك بولغاچقا چىمەن ھېلىقى ئەبلەخنىڭ يەنە جىددى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن ۋاختىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆيىدە بار پۇلنى ئېلىپ ھېلىقى ئاشخانىغا بېرىپ يارى دىگەن بالىنى ساقلاپتۇ . شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماققا ھېلىقى سېمىز خوتۇن بىر توپ باللارنى يەنە ئاشخانىغا ئېلىپ كەپتۇ . چىمەن يارى بىلەن كۆز ئىشارىسى قىلىشىۋېلىپ پۇرسەت تېپىپ قېچىپتۇ . پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ بېيجىڭغا بارىدىغان كەچلىك پويىزغا چىقىپ بېيجىڭغا كېلىۋاپتۇ . ئۇ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ، ھەر يىلى ئاتكرىتكا ئەۋەتىدىغان مەتتۇرسۇن ئېسىڭدە باردۇ ؟  
    --- ھە ، چىمەنگە ئاشىق ھىلىقى يۇرتلىقىمۇ ؟ بىر قىشلىق تەتىلدە كەلگەنتىغۇ ؟

--- شۇ ، ھازىر بېيجىڭدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بىر نەشرىياتتا قالغان ئىكەن ، ئۇ شۇ مەتتۇرسۇننى ئىزدەپتۇ . مەتتۇرسۇن بېيجىڭدىكى ساقچىلار ئارقىلىق يارىنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن دىليارنى ئىشلىتىۋاتقان مەمەت دىگەننىڭ ئۇۋىسىنى تېپىپتۇ . چىمەن مەتتۇرسۇن بىلەن يول ئېغىزىدا بالىلارنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن . ساقچىلارنىڭ ياللىشى بىلەن بەش - ئالتە بالا ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ .

--- ئەنە مەتتۇرسۇن ، مېنىڭ يۈرەك باغرىم ، قاراڭ بەك ئورۇلاپ كېتىپتۇ ، كىيىملىرى نىمانچە ئەسكىرەپ كەتكەندۇ ؟ --- دىليار ...

--- چىمەنگۈل ئۆزىڭزىنى تۇتۇۋېلىڭ ، ئوغلىڭىزنى ئەمدى ھىچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ . توختاڭ قىزىل چىراق يانسۇن ... مەتتۇرسۇن ھاياجانلىنىۋاتقان چىمەننى تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن .

--- ئەمدى بولدى قىزىل چىراق ياندى .

--- دىليار !

دىليار تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىمەن تەرەپكە ئۆزىنى ئېتىپتۇ .

--- ئانا ...

دەل شۇ چاغدا ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا بىر قارا پىكاپ ئۇچقاندەك چىقىپ دىليارنى سوقۇپ كېتىپ قاپتۇ -- جېنىم بالام دىليار ...

--- ئانا مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ...

دىليار شۇنداق دەپلا چىمەننىڭ قۇچىغىدا قانغا مىلەنگەن ھالدا جان ئۈزۈپتۇ . مەتتۇرسۇن ۋە ساقچىلار دىليارنىڭ بۇنداق ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ .

--- ماشىنىنى تۇتۇپتىمۇ ؟ -- گەپنى بۆلدۈم جىددىيلىشىپ .

--- ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخنىڭ قەستى ئىكەن ، شۇ كۈنىلا ئۇلارنىمۇ قولغا ئاپتۇ .

--- دوختۇرلار بالىنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ، بالا ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ ، دىگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كەلگىچە سەل ئۇمىد بىلەن تۇرغان چىمەن مەتتۇرسۇننىڭ دىليارنىڭ ئېڭىگىنى تېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا << دىليار سەن ئۆلگۈچە مەن ئۆلەي >> دەپلا يەرگە يىقىلىپتۇ ، چىمەن شۇ ياتقىنىچە نەچچە كۈن ھۇشسىز يېتىپتۇ . مەتتۇرسۇننىڭ ئايالى چىمەنگە قاراپتۇ . مەتتۇرسۇن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئۇقۇشۇپ دىليارنىڭ مېيىتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېتىشنىڭ يولىنى مېڭىپتۇ . چىمەننىڭ ھۇشسىز ياتقىنىدا دوختۇرلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ ، راكنىڭ ھەتتا ئۈچەيلەرگىمۇ تاراپ بولغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ . مەتتۇرسۇن بىلەن ئىككى ساقچى چىمەننى دىليارنىڭ مېيىتى بىلەن بىللە بىرگە ئېلىپ كەپتۇ . مەتتۇرسۇن بېيجىڭدا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا بىزگە تېلىفۇن قىلىپتىكەن ، بىز ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار ، يېقىن ئوقۇتقۇچىلار چىمەننىڭ يۇرتلۇقلىرى ئايرۇدۇرۇمغا چىمەننىڭ ئالدىغا چىقتۇق .

--- خۇشتار دىگەن ئىپلاسقا خەۋەر قىلدىڭلارمۇ ؟ --- سورىدىم يىغلاپ تۇرۇپ .

--- ۋاي ئاداش << ئاپەت كەلسە تەڭ كەپتۇ >> دەپ ئۇ ئايالى بىلەن جەنۇپقا ساياھەتكە كېتىۋېتىپ ، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كەتكىلى تېخى بىر ئايمۇ بولماپتۇ .

--- نىمە دەيسەن ، ھەي ، كېلىشمەسلىكلەر شۇنداقمۇ تەڭ كەلگەن بارمۇ ؟ چىمەن ئايرۇپىلاندىن قانداق چۈشتى ؟

--- ئۇنىڭ ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . چاچلىرى چۇۋۇلغان ، چىرايلىرى سارغايغان ، ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان بىر بىچارە ئايال مەتتۇرسۇنغا يۆلىنىپ ھازا ئېچىپ چۈشۈۋاتمامدۇ ... راست گەپنى قىلسام مەتتۇرسۇننى كۆرمىسەم چىمەننى تونۇمايتىمكەن ...

--- جىگىرىم بالام ، تىرىكى كېتىپ ، ئۆلۈكى كەلگەن بالام ... ئانىسىنى سېغىنىپ كەتكەن بالام ! ... خەدىچە ، مەن تۈگەشتىم دەپ ئۆزىنى ماڭا ئاتتى ... -- خەدىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى . بىز بىر ھازا ئۈنسىز يىغلاشتۇق .

--- ئۇ خۇشتارنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلدىمۇ ؟

بىلدۈرمەيلى دىسەك ئامال بولمىدى ، دىليارنى يەرلىكىگە قويۇشتىن ئىلگىرى چىمەن : << خۇشتارغا ىەۋەر قىلايلى >> دىدى . شۇنىڭ بىلەن چىمەننىڭ مەكتىپىنىڭ باشلىقى چىمەنگە ھەممە ئىشلارنى دىدى . چىمەن گەپ - سۆز قىلماستىن بىرەر سائەتكىچە يالغۇز ئۆيگە كىرىۋېلىپ ، ئۈنسىز ياش تۆكتى . مەن ئۇنىڭ روھى جەھەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ يېنىغا كىرىپ ئۇنى مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ :

--- چىمەن ، يىغلىغۇڭ بولسا ئاۋازىڭنى چىقىرىپ يىغلاۋەرگىن ، چۈنكى ، ئۇ سېنىڭ تۇنجى سۆيگەن يىگىتىڭ ، قىز تەگكەن ئېرىڭ ، دىليار بىلەن دىلنىگارنىڭ دادىسى ئەمەسمۇ ؟ -- دىدىم .

ئۇ بىر ھازادىن كېيىن باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ ، ئاداش ئۇ نىمانچە ۋاپاسىز ، دىليارغۇ كەتتى ، دىلنىگارنى بولسىمۇ باقامدىكىن دىسەم مېنىڭ ئالدىمدا كېتىۋاپتۇ ، قىزىمنى قانداق قىلارمەن ئاداش ، قارا يېتىم بولۇپ قالارمۇ ئاداش ... -- دەپ ھازا ئاچتى .

--- دىليارنى ئۈرۈمچىدە يەرلىكىگە قويدۇڭلارمۇ ؟

--- ھەئە ، چىمەن بالىسىنى تۇرپانغا ئەكىتەي دىگەن ئىدى ، بىز خۇشتارمۇ بولمىسا يا تۇرپان چىمەننىڭ يۇرتى بولمىسا ، ئىسسىقتا بالىنى تېزرەك قويۇۋەتمىسەك بولمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن مېيىتنى بىزنىڭ ئۆيدىن چىقاردۇق . بالىنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن چىمەننىڭ مەكتەپ باشلىقى ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇشقا بىر خىزمەتدىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، داۋالىنىش راسخودىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

--- چىمەن ئۆزى كېسىلىنى بىلەمدىكەن ؟

--- بىلىدىكەن ، بۇلتۇر كېسىلىنى بىلىپ داۋالانغۇچە ئوغلى يۈتۈپ كېتىپتۇ ، ئۇ بالىنىڭ دەردىدە كېسىلىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ . بۇ كۆتۈرگۈسىز خاپىلىقلار ئارقىسىدا راك ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە تاراپ بوپتۇ ...

--- ئۇنىڭ قىزىچۇ ؟

--- ئۇنى خۇشتارنىڭ نەۋرە ھەدىسىگە قاراشقا بېرىپ كېتىپتىكەن . تۈنۈگۈن ئۇ چوكانمۇ بالىنى ئېلىپ كەلدى يېنىدا بار .

--- ئەتىگەندىن بېرى سېنى نەچچە قېتىم سورىدى ... ساڭا دەيدىغان گېپى باردەك قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنى كۆرگەندە ئۆزۈڭنى بەك تۇتۇۋال ، يىغلىما --- خەدىچە ماڭا شۇنداق دەۋاتقان بىلەن ئۆزى بۇ گەپلەرنى دىگۈچە يىغلاۋاتاتتى . ئىچىم ئاچچىق ، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياش ئالدىمدىكى ، سوۋۇپ قالغان سۇيۇقئاشقا تامچىلىۋاتاتتى .

چىمەن گۈلنى بەك ياخشى كۆرەتتى . بىر دەستە ئەتىرگۈل ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردۇق . ئەگەر كېسەلخانىغا خەدىچە ئۆزى باشلاپ كىرمىگەن بولسا ، مەن چىمەننى تونۇيالماي قالاركەنمەن . ياتاقتا قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىككى ياشلاردىكى قىزچاق چىمەننىڭ يېنىدا ئويناپ تۇرۇپتۇ . كارۋاتتا بىر تېرە بىر ئۇستىخان ، ئورا كۆز ، قاڭشارلىق ، تاتىراڭغۇ چىراي چىمەن كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ يېتىپتۇ . قولۇمدىكى گۈلنى خەدىچەگە تۇتققۇزۇپ ، چىمەننىڭ كارۋىتىنىڭ بېشىغا ئاستا كېلىپ ، مەڭزىمنى ئۇنىڭ مەڭزىگە ياقتىم - يۇ ، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋەتتىم . ئۇنىڭمۇ كۆز ياشلىرى توختاۋسىز ئېقىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئورۇقلاپ قوشۇقتەك بولۇپ قالغان يۈزلىرىنى سىلىدىم ، پىشانىسىگە چۈشۈپ قالغان بۈدۈر چاچلىرىنى قولۇم بىلەن تارىدىم . كۆزلىرىمدىكى ياشلار ئۇنىڭ يۈزلىرىگە تامچىلاۋاتاتتى . يىغلىماسلىققا شۇنداق تىرىشقان بولساممۇ ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم ، ئاخىر ، چىمەننىڭ يۈزلىرىگە يۈزۈمنى يېقىپ تۇرۇپ :

--- دەردلىرىڭنى تارتىشىپ بېرەلمىدىمغۇ دوستۇم ، يىقىلغاندا يۆلەلمىدىمغۇ دوستۇم ، بىز شۇنداق شور پىشانىمۇ دوستۇم ! ... دىگىنىمچە ئىسەدەپ يىغلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالالىدىم .

--- چىمەنلەر قاقاسلىققا ئايلاندى ، دوستۇم ، يۈرەك پارەم تۇپراققا ئايلاندى دوستۇم ، مەن بالىسىغا قارىيالمىغان ئەسكى ئانا ، كۆز ئالدىمدىلا بالامنى ماشىنا بېسىۋەتتى ... ! يۈرەكلىرىم تۈگىدى ... چىدىمىدىم ، يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ كەتتى ... ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولۇپ ، ناھايىتى زەئىپ ئىدى . يىغىدىن كېيىن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ بىر پەس ئارام ئالغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى لەپپىدە ئېچىپ ماڭا قارىدى . مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىيالمىدىم . قارىساملا يەنە ياش تۆكەتتىم . ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئالقانلىرىمغا ئېلىپ سىلىدىم . ئۇ بېشىنى ئاستا خەدىچە تەرەپكە بۇرىدى ھەم بوش ئاۋازدا :

--- خەدىچە ، سەن سائادەت ئايلام بىلەن بالىنى ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپ كىرە ... تېزراق كىرگىن --- دىدى .
    داۋامى بار.  


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:01 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 18:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Re:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست) (7)

مەن شۇندىلا ئۇنىڭ قىزىغا قارىدىم . بۈدۈر چاچ ، يۇمۇلاق يۈز ، ئاق سۈزۈك بوتا كۆز كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ... يائاللا چىمەننىڭ تېرىسىنى چاپلااپ قويغاندەكلا تاتلىق بىر قىز ... يۈزلىرى شالتاق ، كىيىملىرى كىرلىشىپ قالغان قىزچاقنىڭ ، ھەممە يېرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى . قىزچاققا قاراپ يۈرۈگۈم ۋىژژىدە ئېچىشتى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ مەڭزىگە يېنىڭ سۆيدۈم .

--- جېنىم قىزىم ، ئاپىڭىز بىلەن بولۇپ كېتىپ ، سىزگە قارىماپتىمەن --- دىدىم يىغلاپ .

--- ئەكەل بالىنى ، سەن چىمەن بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ تۇرغىن ، مەن بۇلارنى ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپلا كىرەي ، --- دىدى خەدىچە دىلنىگارنى قولۇمدىن ئېلىپ .

--- چولپان ، مېنى يۆلىگىنە ، بىردەم ئولتۇرۇپ سەن بىلەن مۇڭدىشاي ، --- دىدى چىمەن ماڭا ئورۇق قوللىرىنى سوزۇپ ، مەن ئۇنى يۆلىمەكچى بولۇپ ، قولتۇقىدىن قۇچاقلاپ كۆتۈردۈم ، توۋا ، ئۇ پاختىدەك يەڭگىل ئىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىغا مامۇق ياستۇقنى يۆلەپ قويدۇم .

--- چولپان ، سەن بالىلىق بولمىغىنىڭ بىلەن ، بالىغا ئامراققۇ ؟ ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق سوراپ قالدى ھەم مېنىڭ كۆزۈمگە ئاجايىپ بىر تەڭقىسلىق بىلەن قارىدى . شۇ دەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر خىل ئۈمىد ۋە ئۆتۈنۈش جىلۋىلەندى .

--- شۇنداق ، بەلكىم مەن بالىغا بەك ئامراقلىقىمدىن بالىلىق بولالمايۋاتامدىمەنكى ... خۇددى << ئاشىق بولماڭ جۇدا بولارسىز ، ئۆچلۈك قىلماڭ گىرىپتار بولارسىز >> دىگەندەك ، مەن بالىغا ئامراقلىقىمدىن كىچىكىمدىن مەھەللىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ  بالىلىرىنى  قولۇمدىن چۈشۈرمەي بېقىپ بېرەتتىم . نىمە ئۈچۈنكى مەن نىمىگە ئامراق بولسام شۇ نەرسىلىرىمدىن مەھرۇم بولۇپ ، نىمىگە ئۆچ بولسام شۇ نەرسىلەر ماڭا ماڭدامدا پۇتلىشىپ قوغلىشىپلا يۈرىيدىغۇ ... تۇنجى بالام بولسىمۇ ، ھازىر تۆت ياشقا كىرەتتى ، --- دىدىم ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ .

ئۇ يەنە بىردەم جىمىپ كەتتى .

--- چىمەن ھەجەپ بۇنداق سۇئال سوراپ قالدىڭغۇ ؟ --- دىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزىنى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى سېزىپ ، ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈزۈپ - ئۈزۈپ تۇرۇپ :

--- چولپان ، مەن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن ! ... مېنىڭ يىتىملىكىم قىزىمغا مىراس قالىدىغان بولدى . مېنىڭمۇ بۇ دۇنياغا تارتىشقۇدەك يېرىم قالمىدى . پەقەت ئاشۇ قىزىمغا پەقەت قىيالمايۋاتىمەن . ئەمما ئاللاھدىن كەلسە ئامال يوقكەن ، ماڭا ئەزرائىلدىن ئاللىقاچان خەۋەر كېلىپ بولدى . شۇڭا ، مەن مۇشۇ قىزىمنى ئاۋال ئاللاھقا ، ئاندىن قالسا ساڭا تاپشۇرسام خاتىرجەم بولاتتىم . ئەمما سەن نىمە دەيسەن ، بۇنى بىلمەيمەن --- چىمەن قوللىرىمنى چىڭ قىسىپ مېنىڭ كۆزلىرىمگە ئىلتىجا بىلەن قارىدى . مەن ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئۇنىڭ قۇچىغىغا بېشىمنى قويۇپ يىغلىۋەتتىم .

--- ئۇنداق دېمە ئاداش ،ئاللاھتىن كېسىلىڭگە شىپالىق تىلەيلى ئاداش ، مەن سېنى قىزىڭ بىلەن بىللە قوشۇپ ، بىر مەزگىل باقاي ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن ، قىزىڭنى ئۆزۈڭ بېقىپ قاتارغا قوشىسەن ...

ئۇ جانسىز قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ :

--- ساڭا خەدىچە دىمىدىمۇ ؟ مېنىڭ ۋاختىم ئاز قالدى ، سەن كۆڭلۈمنى ياسىما ، ئەمدى بۇ رىياللىقنى قوبۇل قىلايلى . ماڭا قارا ، سەن يىغلىماي ماڭا راست گېپىڭنى دىگىن ، مەن قىزىمنى بالدۇرراق بىرسىگە تاپشۇرىۋالمىسام ئۈلگۈرەلمەي كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ ، --- دىدى .

مەن ئۇنىڭ بۇ ئازاپلىق مۇڭلىرىغا نىمە دەرمەن ... مەن بەك ئاجىز ئىكەنمەن . ئۆلۈم ئالدىدىكى دوستۇم شۇنداق باتۇرلۇق بىلەن سۆزلەۋاتسا ....

--- چولپان ، سەن بۇنداق يىغلىساڭ قانداق بولىدۇ ، غەيرەتلىكرەك بولۇپ چىمەنگە تەسەللى بەرگىن ، --- خەدىچەنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى مېنى يىغىدىن توختاتتى .

--- چولپان ، چىمەننىڭ بۇ تەكلىپىگە ئوبدانراق ئويلىنىپ جاۋاپ بەرگىن ، يولدىشىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار چىقارساڭمۇ بولىدۇ ، ئەمما دىلنىگارغا سەنلا ئانا بولالىساڭ چىمەنلا ئەمەس ، بىز ھەمىمىز خاتىرجەم بولاتتۇق ، --- دىدى خەدىچە . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۆتۈنۈش بار ئىدى .

--- ئاداش ، دىلنىگارنىڭ ئىككىنچى تەغدىرى ، خۇشتارنىڭ ھىلى سەن كۆرگەن نەۋرە ئاچىسىغا بېرىش ، ئۇ ئايلىمىزنىڭمۇ ئۈچ قىزى بار دىگىنە ؟ --- چىمەننىڭ بۇ سۆزلەرنى دىگەن ئاھاڭىدىن قىزىنى ئۇ ھەدىسىگە قالدۇرغۇسى يوقلىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى .

مەن ھالسىز ياتقان دوستۇمنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قارىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى سۇس پىلدىرلاپ ، يۈرەكلىرىمگە جۇدالىقتىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ھايات بىلەن خوشلىشىۋاتقان بىر بەختسىز دوستۇم ، ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىنى مەندىن كۈتىۋاتاتتى . مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە بۇ بىچارە << ئويلىنىپ باقاي >> ، << مەسلىھەتلىشەي >> دىگەندەك مۈجىمەل جاۋاپتىن كۆرە ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكى ئۈچۈن تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى بەدىلى ئۈچۈنلا ، ۋىژدانىم ، ئىمانىم ھەم ئوتتەك يۈرىكىم بار بىر ئايال بولۇش سالاھىتىم بىلەن كەسكىن ، جاۋاپ بېرىشىمنى بۇيرىدى .

--- چىمەن ، بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ئاللاھنىڭ ئانا ۋە مىللەتتىن ئۇمىد ئۈزمىگەنلىكىنىڭ ھەم ئۇلارغا بولغان قىزغىن سۆيگۈسىنىڭ يارقىن بەلگىسى . بالا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئاتا - ئانىلار قولىدىكى ئامانىتى ، ئاللاھ خۇشتار ئىككىڭلارنىڭ قولىدىكى بۇ ئامانەتنى بىردىنلا ماڭا نېسىپ قىلسا ، سەن قولۇڭدىكى بۇ بىباھا ئامانەتنى . ئۆز قولۇڭ بىلەن ماڭا تاپشۇرماقچى بولۇۋاتساڭ ، مەن بۇ گۈزەل ، سۆيۈملۈك ھەم قىممەتلىك ئامانىتىڭنى ، تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان چەكسىز شاپائىتى ، سېنىڭدىن ماڭا قالغان تەۋەررۈك دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن .ئاللاھ يىتىمنىڭ ئىگىسى مەن دەپتىكەم ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا مەن قىزىڭنى << قاناتلققا قاقتۇرماي ، تۇمشۇقلۇققا چوقتۇرماي >> قاتارغا قوشۇشقا ۋەدە بېرەي ، --- مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئورۇق قوللىرىنى يەنە ئالقىنىمغا ئالدىم .
ئۇنىڭ چىرايى خۇددى تاش ھەيكەللەرنىڭكىدەك ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى . نۇرسىز كۆزلىرىدە رازىمەنلىك ئارلاش سۇس تەبەسسۈم جىلۋىلەندى ، ئۇ ناھايىتى زورۇقۇپ تۇرۇپ :

--- مەن ساڭا ئىشىنەتتىم ، چۈنكى سېنىڭ باغرىڭ يۇمشاق ، سەن بەك مېھرىبان ... مەن شۇڭا ئاخىرقى ئۈمىدىمنى ساڭا باغلىغان ... ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ... ئاداش سەندىنيەنە بىر ئۆتۈنىدىغىنىم مەن ئىمان ئېتىقادلىق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەمما ئاتا-ئانامدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغاچقا ،كېيىن مەكتەپنىڭلا تەربىيىسىدە قېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېيىپتىمەن . ئاللاھ ماڭا ياخشى كۈنلەرنى نىسىپ قىلسا ئاللاھقا شۈكۇر قىلماي ، ئاللاھنى سېغىنماي مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۈچۈنلا ئىشلەپتىمەن ،ئالدىراپتىمەن ،غەم يەپتىمەن ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىنى قىلماپتىمەن ، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىن بۇنچە بالدۇر كەتمەسمەن ، پىنسىيىگە چىققاندا ، بېشىمغا ياغلىق چىگىپ ،جاينامازغا چىقىمەن دەپ ئويلاپتىمەن .ئاللاھ ماڭا شۇڭقىچە ئۆمۈر بېرەمۇ دەپ ئويلىماپتىمەن !مانا ئەمدى ئۆلۈمدىن شۇنداق قورقىۋاتىمەنكى ... ئاللاھنىڭ ئالدىغا  قانداقمۇ  بارارمەن ؟پەقەت... پەقەت تەييارلىقىم يوق ، چولپان قىزىمنى ئىمانلىق ... تەربىيلىگىن بولمىسا ئاللاھقا قاۋاپ بېرەلمەيمىز . چوڭ  بولغاندا چوقۇم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمانغا بەرگىن...دوستلۇرۇم  سىلەرمۇ تەييارلىنىڭلار ، مەندەك تۇيۇقسىز كەلسە ... قانداق قىلىسىلەر ؟...
ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كەتتى .

--- چىمەن ، گەپ قىلماي ئارام ئال ... --- دىدىم ئۇنىڭ بارغانچە ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ .

--- مەن ئەمدى خاتىرجەم ... مېنى تۈز ياتقۇزۇپ قويۇڭلار ... بەك چارچاپ كەتتىم --- ئۇ شىۋىرلاپ سۆزلەۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى .

خەدىچە ئىككىمىز چىمەنگە قاراپ قېتىپ ئولتۇراتتۇق . ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دىلشات بىلەن سۇبات مىۋە - چىۋە كۆتۈرۈپ كىردى . مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم . كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك ، بىر ھازا خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئالدىشى بولسا كېرەك ، دىگەن ئويدا بولغاندەك ، خەدىچەنىڭ يولدىشى ھەم ساۋاقدىشىم دىلشاتقىمۇ سالام قىلماي داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .

--- چولپان سەن قاچان كەلدىڭ ؟ --- دىلشاتنىڭ بوش ئاۋازدا سورىغان سۇئالىدىن كېيىن ، ئۆزۈمگە كېلىپ بوشقىنا :

--- ئىككى سائەتتەك بولدى --- دىدىم .

--- سۇباتتىن ئەھۋال سورىمايسەنغۇ ؟ --- دىلشاتنىڭ قەستەن چىشىمغا تېگىۋاتقىنىغا خەدىچەنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي :

--- ھېلى تالاغا چىققاندا سورىۋالە --- دىدى تېرىككەن ئاھاڭ بىلەن .

--- چولپان يۈرە ، بىزنى خۇشتارنىڭ ھەدىسى ئىزدەپ قالمىسۇن چىقىپ باقايلى ، چىمەن بىردەم ئۇخلىسۇن ماۋۇ يىگىتلەر بولغاندىكىن --- دىدى .

خەدىچەنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كەتتىم ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭدىم .

--- ھېلى سۇباتنىڭ كەلگەنلىكىنى دىيىشنى ئۇنتۇپتىمەن ئاداش بۇ تۇيۇقسىز بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئېلىشىپ قالايلا دىدىم . چىمەنگە ئىچكىردە ئۇچرىغان ھېلىقى يارى دىگەن بالا سۇباتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىكەن ، ھەدىسى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاغرىپ قاپتۇ ، شۇڭا سۇبات يېزنىسى بىلەن بىرگە كەپتۇ ، ئۇ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن يېزنىسىنى بالىسى بىلەن يولغا سېلىۋېتىپ ، تۈنۈگۈندىن بىز بىلەن بىللە --- دىدى خەدىچە چۈشەندۈرۈپ .

--- خەدىچە ، ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى ، بېشىم قېيىۋاتىدۇ ، --- دىدىم خەدىچەنىڭ بېلىكىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ .

  ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمچە شۇنداق بىر يىغا كەلدىكى ، ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ، ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ يىغلاپ كەتتىم . خەدىچە مېنىڭ يىغلىۋېتىشىمنى ئالدىن بىلگەندەك ، چاچلىرىمنى سىلاپ ئولتۇردى . شۇ تاپتا ماڭا ھاياتنىڭ ھىچقانداق مەنىسى قالمىغاندەك ، ھەممە خوشاللىقلار ، ئارمانلار چىمەن بىلەن تەڭ تۈگىگەندەك تۇيۇلدى . توۋا ، شۇنچە باتۇر ، شۇنچە خۇش ئاۋاز ، مەرد ، ۋاپادار ، ناھايىتى تاتلىق شېئىرلارنى يازغان چىمەن بىردەمدە ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپتۇ دىسە ... ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، تىزلىرىمغا تەككەن كىچىككىنە قولنىڭ غىدىقلىشىدىن ئالقانلىرىمنى يۈزۈمدىن ئاجراتتىم . ئالدىمدا بۈدۈر چاچلىق دىلنىگار ماڭا قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى .

--- ئاپاش ... --- دىلنىگارنىڭ بۇ چاقىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم زىلزىلىگە كەلدى ، سۇسىز ، قۇرۇپ قالاي دىگەن قەلبىمگە ، شىپالىق يامغۇر ياغقاندەك ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولۇپ ، ئازاپلىق ياشلار تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىمدە ئۈمىدنىڭ شولىسى ئۇچقۇندىدى .

--- خەدىچە ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ مېنى ئاپا دەۋاتىدۇ ...

--- كېلىڭ قىزىم ، مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز ... بىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر - بىرىمىزگە يار - يۆلەك بولىمىز ، قەلبىمىزدىكى مۇھەببەتسىز قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن ئېتىزلىرىمىزغا ئانا - بالىلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۈندۈرىمىز ، پورەك - پورەك گۈللەرنى ئېچىلدۈرىمىز ... مېنىڭ قاقشال بولۇپ كەتكەن قەلبىم سىز بالامنىڭ مۇھەببىتىدىن سۇ ئىچىدۇ ... مەن سىزگە ئەڭ لاياقەتلىك ئانا ھەم ئاتا بولۇشقا تىرىشىمەن . يۈرەكلىرىم شۇنداق شىۋىرلايتتى ، قوللىرىم تىترەيتتى ، بەخىتسىز دوستۇمنىڭ يالدامىسى ، ئاللاھنىڭ  ئىلتىپاتى بولغان دىلنىگارنى كۆتۈرۈپ ، باغرىمغا مەھكەم باستىم . قىزچاقمۇ مەندىن قىلچە يېتىرقىماستىنلا بوينۇمغا ئېسىلىپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالدى .

--- چولپان ، بۈگۈن سەن ئاجايىپ بىر ئالىجاناپلىق ھەم بەك باتۇرلىق بىلەن چىمەننىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدىڭ ، يولدىشىڭ نىمە دەر ؟ تۇرمۇشىڭغا تەسىر يېتەرمۇ ؟ بولسىغۇ بۇ قىزنىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ ، ساڭا يەنە بىر بالا بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، --- دىدى خەدىچە تەشۋىشلىك ئاھاڭدا .

--- خەدىچە ، سەن بۇ ئەندىشىلىرىڭنى دىمىگەن بولساڭ مەنمۇ ھازىرقى روھىي ھالىتىمنى ساڭا دەپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى غەش قىلماقچى ئەمەستىم . ئاداش مەن كۆپ تىرىشتىم ، ئاياللارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاپادارلىقىم بىلەن ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشتىم ، ئەمما قاملاشتۇرالمىدىم . جېنىم خەدىچە ، مەن مۇشۇ يەتتە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مۇھەببەت ئەسلى يۈكسەكلىك ، قۇدرەتلىك ، يېقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەن . مۇھەببەتسىز ئائىلە قۇم ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيدەك ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن .

--- نىمە دىمەكچى سەن ؟

--- ئاجرىشىمەن .

--- ئۇ ئاخىرقى قارارىڭمۇ ؟

--- شۇنداق ئاداش ، يەتتە يىلدىن بېرى قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقان قاڭسىق ئازاپلىرىمنى ، ساختا كۈلكىلىرىم ، سۈكۈتلىرىم بىلەن يوشۇردۇم . ئاددىسى ئۆزۈمنى روھىم بىلەن جىسمىم ، ۋىژدان بىلەن ئەخلاق يەنە سۇبات بىلەن مۇراد ئوتتۇرىسىدا تەڭ قىسلىقتا يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىم . يۈرەكلىرىم مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا تىتىلىپ كېتىۋاتسىمۇ ، مەن ئابروي قوغلىشىپ ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ، يالغان كۈلۈپ ياشىدىم . ئويلىسام ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئون يىلدىن بۇيان مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئاز ئويلاپتىمەن . ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى مېنىڭ تەغدىرىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى . دادامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ يېتىپ قېلىشى ، تېخى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ، تەڭلا يىگىت بولۇپ قالغان ئىككى ئىنىمنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى . ئانامنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى << قىزىم سەن ئەمدى ئۇكىلىرىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ئانا بول >> دىگەن ۋەسىيىتى مېنى ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا ، سۇباتنىڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا بويۇن ئېگىشكە ، رەھىمەنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يازغان خەتلىرىگە مەردلەرچە جاۋاپ يېزىپ سۇباتنى يېتىم قالدۇرۇپ ، گۈزەل ئارمانلار چىن ئەقىدە بىلەن ئۆتكەن تۆت يىللىق مۇھەببىتىمنى ھالقىلىق پەيتتە ئۆز قولۇم ، ئۆز مەيلىم بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم . يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئاجايىپ ئىشتىياقىم بىلەن سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن يىگىتىمنى ، رەھىمەگە يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەردىم . ئاز كۈندىن كېيىن داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى . مەن ئۇكىلىرىمغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇش ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئەرگە تەگدىم . مەن ناھايىتى نادان ئىكەنمەن . مەن چوڭلارنىڭ << نىكاھ ئىسسىقلىق بېرىدۇ >> دىگەن سۆزىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن . ئۇ ئوقۇمىغان ھەم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئەر بولسىلا ھىساپ قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز بولسا كېرەك . مەن تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئورنىغا كەلمەيدىغان چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ، جاھان قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتتى . ئەمما مەن يەنە لېۋىمنى چىشلەپ تەغدىرىمگە تەن بېرىپ ، ۋاپادار ئايال ھەم ياخشى كېلىن بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم . ئەمما ، مۇراد مېنىڭ دىگەن يېرىمدىن چىقالمىدى . قېرىشقاندەك ھەر بىر قەدىمىدە مېنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى . ئۇنىڭدىن ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئاغرىنغاندا سۇباتنى ئېسىمگە ئالدىم . بۇ يىل 5 - ئايدا سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلىپ زىممەمدىكى يۈكلەرمۇ ئورۇندىلىپ بولدى . ئەگەر مۇشۇ جەرياندا مۇراد ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ ، ئىنىلىرىمغا ئاتامنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى ، مەنمۇ يۈرىكى گۆش ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭغا ۋىژدانىم بىلەن مۇئامىلە قىلار ئىدىم . بىز ئاياللار << ئۆشكە يېغى >> تۇرساق ، بىر ئۆمۈر مۇرادنىڭ ۋاپادارلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى ئىدىم . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغۇچىلىكى يوق ، شەخسىيەتچى ، ئابرويپەرەس ، كۆڭلى قارا ئەبلەخ چىقتى . ئۇ ئەركەك بولسا مېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ئۆزى ئىگىلىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، ھەر قەدەمدە شۇنچە يىراقتىكى سۇباتنى تىلغا ئېلىپ ، قەلبىمدىكى جاراھېتىمنى قاناتتى . بارغانسېرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . مەن قانداقمۇ ئۆز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئۆزۈم كۆزگە ئىلمايدىغان ئەرگە ئايال بولالايمەن ؟ مەن ئادەتتىكى يەپ - ئىچىپ ، كىيىنىشنىلا ئويلايدىغان ساپاسى تۆۋەن ئاياللاردىن بولمىسام ، قەلبىمدە ئوتتەك ئارمانلىرىم ، كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن ئۈمىدلىرىم قەلبىمدە يېلىنجىۋاتقان بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئايال تۇرۇپ ، ماڭا يول باشلايدىغان يەرلەردە ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان ، مېنى ھۆرمەتلەيدىغان چاغلاردا ماڭا ئازار بېرىدىغان ئۇنداق ئەرگە قانداقمۇ ئايال بولارمەن ؟ بۇ ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغىنىم ، ئۆز قىممىتىمنى يەرگە ئۇرغۇنۇم ئەمەسمۇ ؟ مەن ئۇنىڭ باشقىلار تەلپۈنىدىغان ، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىدىغان ھوقۇقى ئۈچۈن ، يۇقۇرى مائاش ، ئاجايىپ بېزەلگەن داچىسى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قىمار ئوينىمايدىغان ، نېشە چەكمەيدىغان ، مېنى ئۇرمايدىغان ، ئاشنا ئوينىمايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىرى ئۈچۈن ، جىمجىت ئائىلەم بىر - بىرىمىزنى سىز دەپ ھۆرمەتلىشىدىغان ، مېنىڭ نەدە تۇرۇشۇمنى نىمە قىلىشىمنى باشقۇرمايدىغان ، << كەيفاڭ >> مىجەزلىرى ئۈچۈن لېۋىمنى چىشلەپ باشلىق ئېرى بار ئېسىل سۈپەت ئاياللار قاتارىدىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ، نومۇسسىزلارچە ئۆزۈمنى ئالداپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەرنىڭ قوينىدا يېتىپ ، روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك خورلىنىۋېرەمدىمەن ؟ ! ئۇرۇق - تۇققالىرىمنىڭ قارشىلىقى ، يۈز - ئابروينى دەپ سۈكۈت قىلىۋېرەمدىمەن ؟ ئويلىسام ھەممە ئادەمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يانىدىكەن ، قازىنى ئۆز ئۆيىدە قاينايدىكەن . مېنىڭچە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشمۇ ئەخلاقسىزلىق ...
    داۋامى بار

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:20 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:25 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 18:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Re:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست) (8)

دىگەنلىرىڭ ھەق ئاداش ، << كېچە قانچە ئۇزۇن بولسا ، چۈشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ >> دىگەن گەپ بار ، بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىكەنسەن ، تېزراق بىر تەرەپ بولۇپ كەت ، بۈگۈن چىمەنگە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ھەم چەكلىكلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . ئادەم ئاۋال ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈشى ، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىشى كېرەككەن ، شۇندىلا باشقىلارمۇ سېنى سۆيىدىكەن ، ھەم قەدرىڭگە يېتىدىكەن . نەچچە يىلدىن بېرى سەن كۆپ پۇچۇلاندىڭ ، قېرىنداشلىرىىڭ ئۈچۈن ياشىدىڭ ، ئەمدى ھەممىسىنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يورۇيدۇ . سېنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى ئازاپلىرىڭغا ھىچكىم ئورتاقلىشىپ بېرەلمەيدۇ . كېيىنچە سېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋالارمىز ، --- دىدى خەدىچە ماڭا تەسەللى بېرىپ .

--- ئاداش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بەخت تۇرمۇشتىكى خاتىرجەم ئائىلىسىگە ، ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا قارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەتتا ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى ئاساسەن << بەختسىز >> بولۇپ قالدى دەپ ئاتاۋاتىدۇ . مېنىڭچە بۇ تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ بەختسىزلىك ئەمەس ، مانا مەن ھازىرقى ئەرنىڭ قولىدىكى ھالىمدىن ئاجرىشىپ كەتسەم يالغۇز ياشاشنى ئۆزۈم ئۈچۈن بەخت دەپ قارايمەن . مېنىڭچە بەخت دىگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى خوش بولغان ، كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىگە خوشاللىق تېپىش . نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەن كۆڭۈلسىز تۇرمۇشىمدىن قۇتۇلسام ، خىيالىمدا سۇبات بىلەن رىياللىقىمدا قەلىمىم ماڭا ھەمرا بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس قەلبىمدە ئۆزۈم تاللاپ ، چۈشۈنۈپ سۆيگەن ئادىمىم بار . مېنىڭچە ئەڭ چوڭ ئازاپ ، كۆڭلىدە چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمى بولماسلىق ، ئۆزىنىمۇ سۆيدۈرەلمەسلىك ، تەڭرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ماڭا يەنە بىر مەسئۇلىيەت ئارتىلدى . ئاياللار ئۈچۈن ئانا بولۇشمۇ كىچىك بەخت ئەمەس ، مەن ھەيرانمەن باشقىلار ھىچقانداق قۇربان بەرمەيلا ئېرىشىدىغان نېسىۋىلەرگە مەن ناھايىتى تەستە ، كۆپ ئەجىرلەردىن كېيىن ئېرىشىمەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ بىرىنچى قېتىملىق نەتىجەمنى باشقىلارغا ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ، مېنىڭ نەتىجەمگە باشقا بىرسى ئالىي مەكتەپكە كېتىپ ، مەن مايتاغ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق قايتا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇقۇغۇچى بولۇپ قالغان ئىدىم . شۇ چاغلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى ، شۇڭا مېنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ مېنى << نىمانچە ئەخمەق >> دەپ كۈلۈشكەنلەرمۇ بولغان . ئەمما مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەك دەپ ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەرگەن ئىدىم . ئاخىرى ئاللاھ مېنىڭ ئەقىدەمدىن تەسىرلەندىمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ، ھەتتا ئۆزۈم سۆيىدىغان ئەدەببىيات كەسپىدە ئوقۇدۇم . مۇھەببەت تارىخىمدىمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى ئەقىللىق يىگىتلەر ئۇچراشتى . ئەمما ھامان ئۇلارنى مەندىنمۇ بەك سۆيىدىغان پىداكار قىز پەيدا بولۇپ قالدى . سۇباتنى مەن شۇنداق ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ يۈرسەم ، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق بولىشىغىلا ، مېنىڭ بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا بىر ناننى تالىشىپ يىگەن ، رەھىمە بىر يۇرتلۇق بولغىنى ئۈچۈنلا سۇباتنى بەختلىك قىلالايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . تەغدىر دىگەن سەن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان رىئاللىق ئىكەن . ئانا بولۇشقا كەلسەك ، مەن بەش - ئالتە ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ، ئاش - نان يىيەلمەي سېزىك تارتىپ ، ئاچچىق تولغاقلارنى يەپمۇ ئېرىشەلمىگەن بالىغا ، جان - جىگەر دوستۇمنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرى نەتىجىسىدىن كېيىن مۇنۇ سۆيۈملۈك پەرىشتەمگە ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم . مانا بۇ مەن ئۈچۈن تەستە قولغا كەلگەن بەخت ! مەن ئەمدى مۇشۇ بەختىمگە شۈكرى قىلىپ مېھرىبان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن ، --- دىدىم قۇچىقىمدىكى دىلنىگارغا مېھرىم بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ .  چولپان مېنى بەك تەسىرلەندۈردىڭ ، مەن سېنى ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى چاغلىرىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ،ئەمما كۆڭلى بەك  نازۇك چولپان دەپلا يۈرۈپتىمەن . << بەختسىزلىك ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ >> دىگەنگە ئىشەندىم . سېنى بۇ ئون يىل ئالاھىدە تاۋلاپتۇ . سەن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا باشقا بىر ئايالنىڭ ( دوستۇڭ بولسىمۇ ) باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىنى باغرىڭغا قىزىم دەپ باسالىغىنىڭنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى چوقۇم خوشال ھەم بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدىغىنىڭنى چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ئادەم ئۆزىگە كەلگەن خوشاللىقنىمۇ ، ئازاپلارنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ ، شۈكرى قانائەتچان كېلىدۇ --- دىدى خەدىچە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ .

--- مېنى سەندەك چۈشىنىدىغان يەنە بىرسى يوق ، --- دىدىم مەنمۇ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتكەچ .

--- ياق خاتالاشتىڭ ، سېنى يەنىلا سۇبات بەك چۈشىنىدىكەن --- دىدى خەدىچە سەل تىترىگەن ئاۋازدا .

--- نىمە دىمەكچى سەن ؟

--- ئاخشام چىمەننىڭ قىزىنى ساڭا بەرگۈسى بارلىقىنى بىلىپ بىز ھەممىمىز ئارىسالدا قالدۇق ، سېنى ئۇنىماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدۇق . ئەمما سۇبات شۇ يەردىلا چىمەنگە << چىمەن سەن بەك توغرا ئويلاپسەن ، ئۇ شۇنداق كەڭ قورساق ، شۇنداق مېھرىبانكى ، چولپاننىڭ ھېلىغۇ بالىسى يوقكەن ، بالىسى بولغان ھالەتتىمۇ سېنىڭ قىزىڭنى يەنە ئۆز قىزىدەك باغرىغا باسىدۇ >> دىگەن ئىدى .

خەدىچەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە ئىسسىق بىر ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارىدى . يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى . ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە سۆيۈملىك كۆرۈندى . ئىچىمدە مېنى شۇ دەرىجىدە چۈشەنگەن سۇباتىم بىلەن بىر ئۆمۈر خىيالىمدا روھىمىز بىلەن بىرگە ياشاشنى قەسەم قىلدىم .

دوختۇرنىڭ << ئەمدى كېسەلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخىرەتلىك تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈڭلار >> دىگەن سۆزىدىن كېيىن چىمەننى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە ئەپچىقىۋالدۇق . ئۈرۈمچىدىكى ئون نەچچە ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئوغۇللارنىڭ سىرتتىكى ئىشلارنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى . بىز قىزلار تەييارلىقنى نىمىدىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، خەدىچە بىرەر چوڭراق قوشنىسىدىن سوراي دەپ تۇراتتى . ئىشىك چېكىلىپ ، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ، بىز بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا ياتقان جانجىگەر دوستىمىز زۇمرەت يىغلىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، بىز ئۈنسىز يىغلىشىپ دىدارلاشتۇق . ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇپ ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتاتتى .

--- سېنى ئالاھ يەتكۈزدىغۇ بىزگە ، قاچان كەلگەن ئىدىڭ --- دىدى خەدىچە يىغلاپ تۇرۇپ .

--- بايىلا ئايرۇپىلاندىن چۈشىشىم ، ئاپام تېلىفۇندا چىمەننىڭ ئەھۋالىنى دىگەن ئىدى ،ئاللاھ كەچۈرسۇن مېنى  قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىدىم . تەقدىرگە تەن بەرگۈم كەلمىگەندەك ، شۇ كۈنىلا ماڭماقچى بولغان ئىدىم ، بىراق ئۇ كۈنى ئايرۇپىلان بولمىغاچقا بىر كېچە كۆزۈم ئوچۇق تاڭ ئاتقۇزدۇم ...

--- سېنى كېلىپ قالدىمىكىن دەپ چوڭ ئۆيۈڭگە تېلىفۇن قىلسام ، سەن كەلمەپسەن ، شۇڭا ئاپاڭغا بىرەر قۇر ئەھۋالنى دەپ قويغان ئىدىم ، ئۆزۈممۇ ساڭا تېلىفۇن قىلارمەن دەپ ئويلىغان ئەمما بۇ ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن تۇيۇقسىز ئىشلار بىلەن ھودۇقۇپلا قالدىم --- دىدى ىەدىچە .

--- ئاپامغا دەپ بولسىمۇ ياخشى قىلىپسەن ، بولمىسا سىلەردىن رەنجىپ قالاتتىم . بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش ئەمەسمۇ ؟

--- باللىرىڭنىمۇ ئېلىپ كەلدىڭمۇ ؟ مەردانىمۇ كەلدىمۇ ؟ --- بىز تەرەپ - تەرەپتىن سۇئال سورايتتۇق .

--- كەلدى ، بالىلارمۇ تەتىل بولغان ، ئېلىپلا كەلدۇق . مەن ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقايمۇ ؟ زۇمرەت چىمەننىڭ يېنىغا كىرگەندە ، چىمەن كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ ياتاتتى .

--- چىمەن ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ قارا مەن سېنى سېغىنىپ كەلدىم ، --- دىدى زۇمرەتمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا چىمەننىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ .

--- رەھمەت ئاداش ، ئازراقلا كېچىككەن بولساڭ مېنىمۇ كۆرەلمەيتتىڭ ، رەھمەت ، سەن دىليار بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەن بىلەن كۆزۈڭ بىبلەن كۆرمىگەنتىڭ ، ئۇ بەك ئەقىللىق ، بەك چىرايلىق خۇددى دادىسىدەكلا چىرايلىق چوڭ بولغان ئىدى ... مەن چىدىماي قالدىم ... چىمەننىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ساقىپ قۇلاقلىرىغا قۇيۇلاتتى .

--- چىمەن ، مەن ساڭا ئەرەب خەلىپىلىكىدە بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟ --- دىدى زۇمرەت چىمەننىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ .

--- مېنى يۆلەڭلار ، مەن سېنى بەك سېغىنغانتىم ، گەپلىرىڭنى بەك ئاڭلىغۇم بار ، ھېلىقى 324-ياتاقتىكى چاغلىرىمىزنى بەك ئەسلەيمەن . قېنى سۆزلە پاراڭلىرىڭنى ئاڭلىۋالاي ! ...

--- زۇمرەت ، چىمەن سېنى كۆرۈپ خېلىلا جانلىنىپ قالدى ، قېنى پاراڭ سېلىپ بەرگىنە ؟ --- دىدىم مەنمۇ ئاخشامنىڭياقى خىرە كۆزىنى ئېچىپ ھېچنىمە خوشياقمىغاندەك ياتقان چىمەننىڭ چىرايلىرىدىكى سۇس تەبەسسۈمنى كۆرۈپ .

--- مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارغان بىرىنچى يىلىم مېنىڭ بىر قوشنامغا شۇنداق قوش مۇسىبەت كەلدى . ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى بولۇپ ، قىزىنى سۈرىيەگە ياتلىق قىلغان ئىكەن . مەن قوشنا بولۇپ بارغاندا شۇ قىزى تۇغۇتلىق ئىكەندۇق . قىزىنىڭ قىرىقى توشۇپ سۈرىيەگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ ئوغلى ھەدىسىنى ، بوۋاقنى ماشىنىدا ئايروپورتقا ئېلىپ كېتىۋېتىپ ، ماشىنا ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىپتۇ . مەكتەپتىن كەلسەم قوشنىلار شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى . مەن قوشنامنى كۆرگىچە قوشنامنى قانداق ھالەتتە كۆرۈشۈمنى تەسەۋۋۇر قىلالماستىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كىرسەم ، قوشنام ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، كىرگەن پەتىچىلەرنىڭ تەسەللىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ . قوشنامنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ، ئىچىمدە ۋارقىراپ بىر يىغلىۋەتسىچۇ ؟ دەپ كەتتىم . ئەمما قوشنام كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغىمۇ خىجالەت بولىۋاتقاندەك لىچىكىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ << ئەلھۆكمۇلىللا ، ئاللاھ ئۆزى بېرىپ ، ئۆزى ئەكەتتى ، شۈكۈر بالىلىرىمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن >> دىدى .

ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى خىيالىمدا بولسا ئۇ ئانا ئاللا - كاللا دەپ قوشاق قېتىپ ، ھازا ئېچىپ نەچچە ھۇشىدىن كېتىشى كېرەك ئىدى . ئەتىسى مەكتەپكە بارغاندا پارتىداش ساۋاقدىشىم ئەرەب چوكاندىن سورىدىم ، ھەمدە بىزنىڭ ۋەتەندە بولىدىغان ھازىلارنى چۈشەندۈردۈم . ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ : ماڭا مۇنداق بىر ھەدىسىنى سۆزلەپ بەردى ، << بىزنىڭ ئىسلام تارىخىمىزدا بىر دانىشمەن ئايال ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ ئۆلۈمدەك سالمىقى ئېغىر بۇ تېمىغا ناھايىتى ئىخچام قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بەرگەچكە تارىخ بەتلىرىدە تەكرار - تەكرار پۈتۈلگەنكەن . بۇ دانىشمەن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ئانىسى رۇمەيسە بولۇپ ، ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەنسارلاردىن بولغان ئەبۇ تەلھەگە ياتلىق بولغان . بىر قېتىم ئەبۇ تەلھەنىڭ كىچىك ئوغلى ئاغرىپ ياتقاندا ئەبۇ تەلھە سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ . ئوغلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ دادىسى كەلگىچە ئۆلۈپ كېتىپتۇ . رۇمەيسە ئۆيدىكىلەرگە ئەبۇ تەلھەگە بۇ خەۋەرنى ئۆزى ئېيتىدىغانلىقىنى ھەممىسىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تاپىلاپتۇ . رۇمەيسە ياسىنىپ - تارىنىپ ئەبۇ تەلھەنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈپتۇ . ئەبۇ تەلھە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، رۇمەيسە : << ئۇ ئەڭ تېنچ ھەم ياخشى ھالەتتە >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەبۇ تەلھە بۇنى ئوغلۇم ھازىر ياخشىلىنىپ قاپتۇ دەپ چۈشۈنۈپتۇ . ئۇ كېچە ئىككىسى بىللە بوپتۇ ، ئەتىسى رۇمەيسە ئېرىگە : پۇكۇنى ئادەم پۇستانى قەبىلىدىكى ئادەملەرگە مەلۇم ۋاقىت مېلىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئامانەت قويۇپتىكەن ، ئۇلار مالنى ئىشلىتىپتۇ ؛ بەھرىمان بولۇپتۇ ، مۆھلەت توشقاندا مال ئىگىسى مالنى قايتۇرۇشنى سوراپتىكەن ئۇلار بەرگىلى ئۇنىماپتۇ >> دەپتۇ . ئەبۇ تەلھە : << دۇنيادا شۇنداقمۇ يولسىزلىق بارمىكەن ، ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئەقەللى قائىدى تۇرسا >> دەپتىكەن ، رۇمەيسە : << ئوغلىمىزمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ئىدى ، جان ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئامانىتىنى ئالدى >> دەپتۇ . بۇ شۇم خەۋەردىن ئەبۇ تەلھە قاتتىق قايغۇرۇپتۇ ۋە : << ئىنسان دىگەن شۇنداق بىرەر مۇسىبەت يەتكەندە ، سەن ئېيتقان ھەقىققەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، ئاللا - توۋا كۆتۈرىدۇ . سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا سەۋرى ئاتا قىلدى ، شۇڭا مەن پەقەتلا ئاللاھ قۇرئاندا ئېيتقان : << بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز ، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيمەن >> دەپتۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇمەيسەنىڭ ئاقىلانىلىقىدىن ، ئەبۇ تەلھەنىڭ سەۋرىدىن خۇرسەن بولۇپ ، ئىككىسىنىڭ شۇ كېچىسىگە بەركەت تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن رۇمەيسە ھامىلدار بولۇپ ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىسمىنى ئابدۇللا قويۇپتۇ . ئابدۇللاھ تەقۋادارلىقى ۋە باتۇرلىقى بىلەن زور شەرەپكە ئىگە بولۇپ ، ئون ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپتۇ . >> مەن بۇ ھەدىستىن شۇنى چۈشەندىمكى ، ئاللاھ بىز بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر قانائەتچان ، بەردەم بولىشىمىزنى خالايدىكەن . ئاللاھ : << شۈكۈر قىلساڭ ماڭا ، يەنە بېرەي ساڭا >> دىگەنكەن . شۇڭا دوستۇم شۈكۈر قىلغىن ، ھېلىمۇ ياخشى ئوغلۇڭ سېنىڭ قولۇڭدا جان ئۈزۈپتۇ ، ئاخىرەتلىكلىرىنى ئۆز قولۇڭدا ئورۇنداپسەن ، سەن كۆرمەستە خەقنىڭ يۇرتىدا كوچىلاردا جەسىتى قالسا قانداق قىلاتتىڭ ؟ سەن ئاق كۆڭۈل ۋاپادار ئانا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بالاڭنى ئاخىرقى تىنىقىدا بولسىمۇ سەن بىلەن دىدارلاشتۇرۇپتۇ ، ئوغلۇڭنى تۇققان چېغىڭدا تازا خوش بولغان بولغىيتىڭ ؟ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقىن . زۇمرەتنىڭ ناھايىت يۇمشاق ئاھاڭدا بەرگەن تەسەللىلىرى چىمەننىلا ئەمەس ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى ھەم تەسەللى بولدى  .
  داۋامى بار


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:29 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 18:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Re:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست)(9)

زۇمرەت ، مېنىڭ ئاتا - بوۋام ئىمانى بار ، ئېتىقادى كزچلۈك مۇسۇلمان ئىدى . ئەمما مەن مۇسۇلمانلىق بۇرچىلىرىمنى ئادا قىلىپ بولالمىدىم ، ئىشىك تۈۋىمگە ئەزرائىل كەلگەندە بولسىمۇ توۋا قىلاي ، بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ، ماڭا كىچىكىمدە ئانام ناماز ئوقۇشنى ئۈەەتكەن بولسىمۇ ئوقۇشقا كېلىپ نەماز ئوقۇيالمىدىم ... شۇ تاپتا بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن  . ماڭا شائادەت ئوقۇپ بەرگىن ، ئىمان ئېيتىپ ...--- چىمەننىڭ ئاۋازلىرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى .

زۇمرەت تەرەتلىرىنى ئېلىپ كېرىپ چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ بوز ئاۋازدا :

--- چىمەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلغۇچى ، تۆۋە قىلغانلارنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، ئەمما قاچان ، قەيەردە كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ ، ماڭا ئەگەشكىن ، ئىمان يېڭىلايمىز . << بىسمىللاھىر - رەھمانىر - رەھىم ... >> چىمەن زۇمرەتكە ئەگىشىپ ئاغزىنى مىدىرلىتىۋاتقىنى بىلەن ئايەتلەرنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايۋاتاتتى .

--- ئۇسساپ كەتتىم ، ئۇسساپ ... چىمەن بوش ئىڭرىدى .

--- ئاغزىڭنى ئاچقىن ، مانا ياسىن دېمىدىسى  سېنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرسۇن ، بىسمىللاھىر رەھمانىر - رەھىم !

چىمەن تەكلىماكاننىڭ چۆللىكىدە ئۇسسىز قالغان ئادەمدەك ياسىننى دىمىدىسىنى چاكىلداپ تۇرۇپ بەش - ئالتە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن سەل ئارام ئالغاندەك بولۇپ زۇمرەتكە لەپپىدى قاراپ :

--- سېنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ئەمدى ياسىننى ئوقىغىن ، ياسىننى ئاڭلاي --- دىدى بوشلا .

--- خەدىچە ، ئۆيدە قۇرئام بارمۇ ؟ --- دەپ سورىدى زۇمرەت .

--- بار ئاچىقايمۇ ؟

--- ئۆيۈڭدە قۇرئان ساقلىغىنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، تېز ئەپچىققىن ، --- دىدى زۇمرەت .

    زۇمرەت قۇرئاننى ئېچىپ ، بوش ئاۋازدا قىرائەت قىلىشقا باشلىدى . زۇمرەت ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمىزدا ناخشىنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئېيتاتتى . مۇنۇ چىمەن ئىككىسى سىنىپىمىزنىڭ ناخشىچىلىرى ئىدى . مانا ئەمدى قۇرئاننىمۇ ناھايىتى مۇڭلۇق قىرائەت قىلىۋاتاتتى . قىرائەتنىڭ مۇڭى بىلەن تەڭ مېنى يەنە يىغا باستى . مەن چىمەنگە قارىدىم ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئازاپلارنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك ئىگەللەپ ، خۇددى ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدا ئۇيقۇغا ماڭغان بوۋاقتەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتاتتى . بىز بىر كېچە چىمەننىڭ بېشىدا ئولتۇردۇق . سەھەردە خەدىچە ئىككىمىزمۇ زۇمرەتنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، زۇمرەت چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ، << ياسىن >> ئوقۇغاچ ئاغزىغا دەمىدە تېمىتىۋاتاتتى . چىمەن توساتتىنلا كۆزلىرىنى لەپپىدە ئاچتى ، بىردىنلا قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ گويا بىرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى .

--- چولپان ، بالىنى ئېلىپ كېلە ... --- دىدى خەدىچە .

مەن دەرھاللا يان ئۆيدە بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ چىقتىم ، چىمەنگە قاراپ :

--- قارا ئاداش قىزىم تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ ، --- دىدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بوشقىنە شىۋىرلاپ ، ئۇ بىر قىزىغا ، بىر ماڭا قارىغاندىن كېيىن كۆزلىرىدىكى ئەنسىزلىكنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك ئىگىلىدى . ناھايىتى تەستە سۇس تەبەسسۈم بىلەن ماڭا قىزىنى تاپشۇردى بولغاي ، يەنە كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى .

--- خۇشتار ، ئەكەل بالىنى مەن كۆتۈرىۋالاي ...

--- ئاستىراق توۋلا ، دىليار ئويغىنىپ كېتىدۇ ... مەن قېشىڭغا كېتىۋاتىمەن ... ۋاي - ۋۇي نىمانچە قاراڭغۇ بۇ يەر ؟ ! ... دەرىزىنى ئېچىۋېتىڭلار ...

چىمىن جۆيلەۋېتىپ ئويغانغاندەك كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ ئۆينىڭ دەرىزىسىگە قارىدى .

--- خەدىچە ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكىنە ، --- دىدى زۇمرەت .

    ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار ئۇنىمۇ بىزنىمۇ بەك ئازاپلايدىغان ، يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان مىنۇتلار بولدى . ئۇنىڭى چىرايىدا توساتتىنلا چەكسىز ئىتائەتمەنلىك ۋە مۇلايىملىق ئەكس ئېتەتتى . ئۇ كۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى يىغىپ دەرىزە تەرەپكە قارىدى . بەلكىم ئۇ كۈننىڭ نۇرىنى ، قۇياشنى ، ھەممە-ھەممىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋالماقچى بولسا كېرەك ، پەردىنى قايرىۋەتكەن بولساقمۇ ، لېكىن ئەمدىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئاسمان ناھايىتى تۇتۇق بولۇپ خۇددى مۇشۇ بەختسىز دوستۇمنىڭ سەكراتتىكى ھالىتىگە ئوخشايتتى . سىم - سىم يامغۇر دەرىزە ئەينەكلىرىگە تېگىپ چىمەن ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتاتتى .

    ھاياتنىڭ خوشاللىقىدىن خاپىلىقىنى كۆپرەك تارتقان دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىنى ساۋاقداش ، دوستلار باش قوشۇپ تۇرۇپ ئۇزىتىۋالدۇق . بۈگۈن چىمەننىڭ ئۈچ نەزىرسىنى قىلىپ يۇغۇچىلىرىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ .ئوغۇل ساۋاقداشلار  سىرتنى ئايلىنىپ كىرەيلى دەپ چىقىپ كېتىشتى . ئۆيدە زۇمرەت ، رابىيە ، مەن ، خەدىچە ۋە ساۋاقدىشىمىز ئادىلنىڭ  ئايالى ئايگۈل بار ئىدى .

--- قېنى ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار نەچچە كۈندىن سىلەرمۇ كۆپ جاپا تارتتىڭلار ، --- دىدى خەدىچە قىزلارنى داستىخانغا تەكلىپ قىلغاچ ئۆزرە قويۇپ .

--- يەنىلا ئەڭ كۆپ جاپا چەككىنى سىلەر ، دىلشات ئىككىڭلار ساۋاقداشلىقنى تازا يەتكۈزدىڭلار ، مۇئەللىملەرمۇ ، باشقىلارمۇ بىزدىن بەك تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ ، مەردانمۇ ماڭا << زۇمرەت ، سېنىڭ ئالتۇندەك ساۋاقداشلىرىڭ بار ئىكەن ، مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان دوستلارنىلا ھەقىقى دوست دىسە بولىدۇ >> دەپ كەتتى ، --- دىدى زۇمرەت كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا .

--- ئويلىسام ئوقۇپتۇق ، خىزمەتكە چىقىپتۇق ، توي قىپتۇق ، بالىلىق بوپتۇق ... دىگەندەك ھاياتنىڭ رېتىملىق تەرتىپى بويىچە توختىماي كېتىۋېتىپتۇق . مۇشۇنداق ئالدىراپ ئىشلىشىمىز ، توختىماي ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنە شۇ ياخشى ياشاش ئىكەن ، ياخشى ياشاشنىڭ مەقسىتىچۇ ؟ ياخشى يەپ ياخشى كىيىنىش ئۈچۈنما ؟ ياق بىزنىڭ جاپا چېكىپ تەر ئاققۇزۇشىمىزدىكى مەقسەت مۇھەببەت ئۈچۈن ، ھاياتقا ، كەسپىمىزگە ، ئاتا - ئانىمىزغا ، باللىرىمىزغا ھەم دوستلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن ئىكەن . ئەگەر دۇنيادا مۇھەببەت بولمىسا ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ ، بىزنى شۇ مۇھەببەتلا ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلالايدىكەن . رەھمەتلىك دوستىمىزنى ئېلىپ ئېيتايلۇق ، ئۇ خۇشتارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتاتتى . خۇشتارنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا راك پەيدا بولغان ، بالىسىنىڭ خاپىلىقى ئاخىرىدا پاجىئەلىك تەقدىرى چىمەننى بىراقلا ھالاك قىلدى . ئەگەر ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى ساۋاقدىشى مەتتۇرسۇننىڭ ياردىمى ، بۇ يەرگە كالگەندە بىزنىڭ غەمخورلىقىمىز بولمىغان بولسا ... ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان قىزىنى باغرىغا باسىدىغان چولپاندەك ۋاپادار دوستى بولمىغان بولسا ... ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى جان ئۈزگەن چاغدىكى خاتىرجەملىكى بولارمىدى ؟ ئۇ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بىلەن يەنە ھاياتقا قىيالمىغان ھالدا كۆز يۇمدى ، --- خەدىچە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى .

بىزمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتۇق .

--- زۇمرەت ، تىيەنچى زېنما رې ( 天气怎么热 ) سىز شۇنداق ئورىنىۋالساڭ ئىسسىپ كەتمەمسەنكە ؟ --- دىدى ئايگۈل يېڭى تىلى چىققان بالىدەك قىينىلىپ تۇرۇپ .

<< قچىشمىغان يەرنى تاتلىغاندەك >> بۇ نىمە دەيدىغاندۇ گەپنى بۆلۈپ دەپ غۇدۇرۇدم ئىچىمدە .

--- سىزچۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى شۇنچە كۆپ جامائەت ، ئانىڭىز ، دادىڭىزدەك كىشىلەر ئارىسىدا كىچىك بالىنىڭ قول ياغلىغىدەك گاز ياغلىقنى بېشىڭىزغا ئارتىۋالغان بىلەن ، يېڭى يوق ، چوڭ يوتىڭىز ئوچۇق ، قىسقا كىيىملەر بىلەن يۈرۈپ خىجالەت بولمىدىڭىزمۇ ؟ --- دىدى زۇمرەت ئايگۈلنىڭ سۇئالىغا سۇئال قايتۇرۇپ .

--- مەن نىمىشقا خىجىل بولغىدەكمەن ؟ مەن ئىشقىمۇ مۇشۇنداق بارىدىغان تۇرسام ، سىز دىگەن سا يىسى ( 啥意思 ) ؟ --- دىدى ئايگۈل تىلىنى چايناپ .

--- مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئايالمەن ، ھەم يېقىندا ھەج قىلىپ كەلدىم ، قۇرئان كەرىمدە بىز ئاياللارنى مۇشۇنداق ھىجاپلىنىپ  يۈرۈشكە بۇيرىغان ، مەن مۇشۇنداق يۈرۈشنى خالايمەن ، --- دىدى زۇمرەت ھەر بىر سۆزىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ .

--- ئۇنداقتا ھاجى بولسا بەك مافەن ( 麻烦 ) ئىكەن ، مەن ھەرگىز ھاجى بولالمىغۇدەكمەن ، --- دىدى ئايگۈل غازنىڭ بوينىدەك ئورۇق بويۇنلىرىنى ياپالمىغان شالاڭ چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن ئوينىغاچ يالغان ھىجاراپ .

--- ھاجى بولۇش ئېغىر كەلسە ، ماڭا ئوخشاش خىرىستىئان بولۇڭ ! قاراڭ ، --- قارا يەڭسىز ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان رابىيە قولىنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پىشانىسى ئاندىن ئىككى مۈرىسىگە يېنىك چېكىپ - بەخىرامان ئولتۇردى .

مەن رابىيەنىڭ بۇ چاقچىقى دەپ ئويلاپ :

--- ھەي ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆلۈمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ شۇنداق چاقچاق قىلامسەن ؟ يامان بولىدۇ ، --- دىدىم ئۇنى بوشقىنا نوقۇپ .

--- سەن شۇ يامان بولىدۇلارنى بىلگەن بىلەن ئەمەلىيىتىڭدە ئەمەل قىلىپ باقتىڭمۇ ؟ سەندەك ئېتىقادى يوق ئىسلام دىنىنىڭ چالا بەندىسى بولغاندىن ، ماڭا ئوخشاش مۇكەممەل بىر دىننىڭ مۇرىتى بولغان ياخشى ئەمەسمۇ ؟ --- دىدى راببىيە بەخىرامان ھالدا .  

داۋامى بار

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:32 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 19:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

                                                    10
-- ھەي سەن راستىنلا خىرىستىيان مۇرىتى بولۇپ كەتتىڭ ؟ -- مەن ئەنسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ ساپ سېرىق بويىۋالغان چاچلىرى ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىگە قارىدىم .  .
_  ئەقىللىق ئادەم قايسى دىننىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. توغرا مەن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدىم ، كىچىگىمدە ئانامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيتۇم ،ئەمما نېمىگە كۈندە تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ ناماز ئوقۇيدىغىنىمىزنى بىلمەيتتىم ،ئانادىن سورىسام ناماز ئوقۇمىساق  يامان بولىدۇ ،ئۆلۈپ كەتكەندە دوزاقتا كۆيىسەن دەيتتى .مەن پەقەت ئانام بىلەن ئاتامدىن قورقۇپلا ناماز ئوقۇيتۇم بېشىمغا رومال ئارتىتىم . ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ رومال ئارتىشىم ناماز ئوقۇشلىرىم خوراپاتتەك بىلىندى ،مەن ھەممىنى تاشلىدىم .دەپ بېقىڭلار كىم بىزگە ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈردى ؟ چۈشەندۈرىدىغان ئادەم يوق بەلكى بىزنى چەكلىدى يامان بولىدۇلا دەيدۇ ، ھەممە يامان ئىشلارنى يەنە شۇ موللا -ئىشانلار قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دېگىنىمىز بىلەن بۇ دىندىن بىلىپ-بىلمەي چىقىپ كەتتۇق؛ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە ياشىدۇق. ئاخىر نېمە بولدى؟گۇناھلىرىمىز ئېغىرلىشىپ كەتتى شۇنداق ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، مەن بىر دوستۇم ئارقىلىق خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتىم .ئۇلار بۇ دىننىڭ ئەڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈردى ، بۇ دىننى چۈشەنگەنچە ئۇنىڭغا مەھكەم باغلاندىم. ھازىر مەن شۇنچە خۇشال ياشايمەنكى، تەرىپلەپ بېرەلمەيمەن. سىلەرنىمۇ بۇ دىن بىلەن تونۇشۇپ باقسىكەن دەيمەن ، خالىساڭلار ماتىريال بىلەن تەمىنلەيمەن ._ رابىيە بىخارامان شۇنداق دەپ بىزگە تەكشى قارىدى .
  _ ئەلھەمدۇللاھ مۇسۇلمانمەن ، قالايمىقان بىلجىرلىما ئۇنداق _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ .
__ مەن سېنى كافىر دېمىدىم ،ئەمما سەن ئۆزەڭنى مۇسۇلمان دەيسەنۇ ،مۇسۇلمانلىق قىياپىتىڭ قېنى ؟ زۇمرەتتەك ھىجاپلاندىڭما؟ بەش ۋاق ناماز ئوقۇۋاتامسەن ؟روزا تۇتىۋاتامسەن ؟يەنە نۇرغۇن باش ئاغرىيدىغان چەكلىمىلىرىدىن ئۆزۈڭنى چەكلىيەلىدىڭمۇ ؟
_ مەن بۇلارنى تولۇق قىلالمىساممۇ ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ قارايمەن _دېدى قەتئىيلىك بىلەن .
  _سىلەر  شۇنداق چالا مۇسۇلمان بولغاچقا شۇنداق بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتىسىلەر !
  _ مۇسۇلمانلار قانداق بىچارە بوپ قاپتۇق؟! _ ئاۋازلىرىم يىغلىغاندەك چىقىپ كەتتى .
  _كۆرمەيۋاتامسەن ، مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك يالغانچى بولۇپ كەتتىكى، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا موللام، ئۆز ئالدىغا پەرىشتە. لېكىن، ھەممىسى گۇناھقا پېتىپ كەتكەن، بۇ گۇناھىنى پاكلاشنى ئويلىمايدۇ؛ ئۆز-ئارا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن غاجايدۇ، ئورا كولايدۇ، قويمچىلىق قىلىدۇ. خىروئىن ساتقانلارمۇ ھەرەمگە بارغان ھاجىلاردىن چىقىۋاتىدۇ .ئىشقىلىپ ھەممە رەزىللىك شۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغانلاردىن چىققاچقا ،مەن مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بىزار !شۇڭا خىرىسىتىئان دىنىنى تاللىدىم؛ بۇ دىننى تارقىتىش ئارقىلىق بۇرۇنقى گۇناھلىرىمنى يۇيىۋاتىمەن ،بۇ دىنغا سىلەردەك كاللىسى قاتماللار ئانچە كىرمىگەن بىلەن  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنكاسى تېز بولغاچقا كۆپ كىرىۋاتىدۇ . بۇ دىنغا كىرسە ھەر ئىككى دۇنيادا پايدا بار . . ئۆزەممۇ ھەيران، بۇمۇ مۇشۇ دىننىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بولسا كېرەك، بۇ دىننى مەنچىلىك چۈشەنسەڭ ئىدىڭ، گېپىمنى راستكەن دەيتتىڭ.
  --- نىمە دەيدۇ ، مۇنۇ ئورۇس بولالمىغان ساراڭ ، --- دىدى خەدىچە رابىيەنىڭ بېشىنى نوقۇپ، جۆيلىمە .
  مەن ناھايىتى بىئارام بولغان ھالدا  ئۆينىڭ تۆرىدە ، ئەرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياغلىقلارنى يېشىۋېتىپ ئولتۇرغان زۇمرەتكە ئىلتىجا بىلەن قاراپ :
--- زۇمرەت سەن نەچچە يىل ئىسلام دۆلەتلىرىدە تۇرۇپ بىلىم تەھسىل قىلىپ ، ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلدىڭ ، بىز راستىنلا ... دىدىم سۆزۈمنىڭ ئاخىرنى دىگۈم كەلمەي . زۇمرەتمۇ مېنىڭ شۇنداق دېيىشىمنى كۈتكەندەك، رابىيەگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن بىرقاراپ  قويغاندىن كېيىن :  _رابىيە نەچچە كۈندىن بېرى مەن سەن بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم ، بەلكىم بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ،سەن ئۆزۈڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدىغان بىر دىندىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان يەنە بىر دىنغا كىرگەنلىكىڭنى ئاجايىپ غالىپلارچە بايان قىلىپ ،ئۆزۈڭنىڭ مەغلۇبىيىتىڭ يەتمىگەندەك بۇ يەردىكىلەرنىمۇ شۇ مەڭگۈلىك مەغلۇبىيەت دوزىقىغا تەكلىپ قىلىۋاتىسەن ، نەۋزىبىللا ! ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.ساڭا بەك ئىچىنىۋاتىمەن ، سەندىن بەك يىرگىنىۋاتساممۇ  ،نەچچە يىل بىر سىنىپتا ئوقۇغاچقىمۇ يەنىلا مىھرىم باركەن ساڭا راستلا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ ...ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻪﺧﺖ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭖ- ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯖﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪﯛﻡ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﮬﻪ؟  بايا سەن مۇسۇلمانلار بەك بىچارە دەپ بىلجىرلاپ كەتتىڭ ، ئەمەليەتتە سەندەك ئۆز ياراتقۇچىسىنى تونۇماي ، ئاسىلىق قىلغان ئادەمدىنمۇ بىچارە ئادەم بارمىدۇ بۇ دۇنيادا ؟! شۇ تاپتا ئۆزۈمنى  دوستلىرىم ئالدىدا خىجللىق، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قېلىۋاتىمەن  . مەن دوستلۇرۇمنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەق يولغا مۇكەممەل مېڭىشقا دەۋەت قىلماستىن ،سەن بۇلارنى مەڭگۈلىك دوزاقنىڭ يولىغا چاقىرىشىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدىم .ئاللاھ مېنى كەچۈرسۇن !
  _ۋاييەي خىرىستىيان دىنىدىكىلەر ئىشىنىدىغان ئىنجىلمۇ ئاللانىڭ كىتابىغۇ ؟ سىلەرنىڭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭغۇ ؟!_ رابىيە ناھەق رەت قىلىنىۋاتقاندەك زۇمرەتكە قادىلىپ قارىدى .
  _خىرىستىيان دىنىنىڭ قول چۇماقچىلىقىنى  قىلىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە پېتىنىپسەن-ھە؟!قۇرئاندا <<ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ>>ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ بىلەن ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭖ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﺸﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
  _ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﮔﯜﻱ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟!ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ 300ﻳﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتلار بار بۇنىڭغا نېمە دەيسەنكى ؟
  _ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻻﻣسەن، ﺩﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻣﺴﯩەن ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﻮﭘﻼﺭﻣﯘ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺘﯩﯟﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩې ﻴﻪﻟﻪﻣﺴﯩەن؟ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 1400ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ئىنجىلنى  ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﺎﺩﻟﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩڭ  ﺗﻪﺱ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ دېيەلەيسەن ؟!
  _مەن سەندەك دىندا مەخسۇس ئوقۇمىغان بولساممۇ  ئەمما ئىشەنچىلىك دەلىللىرىم بار .سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﮔﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﺪﻯ ._ رابىيە بۇ سۆزلەرنى شۇنداق كەسكىن رەۋىشتە دېدى ،
  _ توۋا قىلدىم ، مۇشۇ سېنىڭ دەلىلىڭمۇ ؟  ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻣﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯘ ﯞﻩ ﺧﯘﺩﺍﻣﯘ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼ، ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ساڭا  ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯜﮔﯜﻡ ﻳﻮﻕ، ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘ.
  _ يېڭىلاي دىسەڭ گەپ قىلغۇڭ كەلمەيدىكەندە ؟!_ رابىيە مەنسىتمىگەندەك تەرىزدە زۇمرەتكە جىلمىيىپ قويۇپ :
  _. خىرىستىئان دىنى ئىسلام دىنىدىن ئىلغار ! زامانىۋى دىن، ئادەمگە ئەركىنلىك بېرىدۇ، ياۋروپالىقلاردەك ئېسىل ياشىيالايسەن ؟خىرىسىتىئان دىنىغا كىرىش دېمەك دۇنياغا يۈزلىنىش دېمەكتۇر !  مۇسۇلمان دېگەن نېمە؟ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋىلىپ قىلغىنى يەنىلا خىرىستىيان ! ئۇنىڭدىن مەندەك ئوچۇق -ئاشكارا خىرىستىيانغا كىرسەڭلار بولمامدۇ ؟!! مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ ئۇنداق ساختىلىق بىلەن ياشاشنى خالىمايمەن،  شۇڭا مەن خىرىستىئان دىنىغا كىردىم، بۇ دىن مېنى ئازابتىن قۇتقۇزدى، كىشىلەرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنى،ساۋاب تېپىپ گۇناھىمنى يۇيۇشنى ئۈگەتتى . رابىيە ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ بويىۋالغان تىرناقلىرىنى ئوينىغاچ مۈرىلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى .
  _ توغرا سەن ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتقانسەن ،ئەمما ئىسلام تارىخىنى بىلگەن بولساڭ بۇنچە كۆرەڭلىمەيتىڭ ، ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېساپلانغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ بىر نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان مەدەنىيەت -مەرىپەت ساھەسىدىكى ئىزچىل گۈللىنىش مەزگىللىرى بولغان .بولدىلا بۇ يەردە ساڭا تارىخنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشىمنىڭ زۆرۈريىتى يوق ،خىرىستىيان دىنى بەرگەن ئەركىنلىكتىن ياۋروپالىقلار نېمىگە ئېرىشتى بىلەمسەن ؟ئۇلار ئاياللارنى ئەركىن قىلدۇق دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويغانتى كوچا پائىشىلىرى تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى ، جىنسىيەت ئەركىنلىكىنى قويۇپ بەرگەنتى ئەيدىز كېسىلى دۇنيانى قاپلاپ كەتتى ، ھارام بىلەن ھالالغا چەك قويمىغانتى خىرويىن چېكىدىغانلار كۆپىيىپ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى ، بۇنىڭ نېمىسىنى ئارزۇلايسەن ؟مېىرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ساۋاپ تېپىپ گۇناھىنى يۇيۇش دېگىنىڭ بىر ياقتىن ئەسكىلىكنى قىلىپ ، پوپنىڭ قېشىغا بېرىپ گۇناھىڭنى تىلەيسەن ، پوپ گۇناھىڭنى كەچۈردۈم دەيدۇ .سەن يەنە قايتىپ گۇنا قىلىۋېرىسەن .بۇنىڭ نېمە ساۋابى بولسۇن ؟ ئىسلام دىنىدا قىلغان گۇناھىڭغا ئاللاھقا توۋا قىلىمىز ، ئۇ گۇنانى قايتا قىلمايمىز .
  _ئىشقىلىپ ئىسلام دىنىدا ئەر-ئاياللار باراۋەر ئەمەس !_رابىيە تەن بەرمىگەندەك چالۋاقىدى .
داۋامى بار


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:35 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 19:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست)  (11)

  _ بۇ سېنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق بىلجىرلاشلىرىڭ ،
-دېدى زۇمرەت مەسخىرلىك كۈلۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
  _قەدىمكى جەمىيەتتە ئاياللار ئادەم قاتارىدا كۆرۈلمەي ، بازارلاردا مال-ماتادەك سېتىلغان ئاياللار : ئادەم ئازدۇرىدىغان شەيتان:ئۇلار گۆش يىمەسلىكى ، كۈلمەسلىكى ،سۆزلىمەسلىكى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقىتلىرىنى ئىبادەت ۋە خىزمەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشى كېرەك دەپ قارالغان .بىر مىڭ سەككىز يۈز بەشىنچى يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ ئالگېر پوروتسىتانتى قانۇنىدا ئەركىن ئايالنى سېتىش قانۇنلىق دەپ رۇخسەت قىلىنغان . ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى ئاياللارنى مۇقەددەس كىتاپلارنى ئوقۇشتىن چەكلىگەن ۋە ئاياللارنى دۆلەت پۇقراسى ھىساپلىمىغان . ئەمما ئىسلام دىنى تۇنجى بولۇپ ئاياللارنىڭ مۇستەقىل سالاھىيىتىگە ئىگە ، يارىلىش ۋە ئىجتىمائى بايلىق يارىتىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاچقا ، ھوقۇق ۋە نېسىۋىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنشداق دېگەن :{ئەر-ئاياللاردىن مۆھمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ )_ (سۈرە نىسا124-ئايەت )قۇرئاندا يەنە {ئى ئىنسانلار !سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر،بىر ئايالدىن ،(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت )بىر ئاتا ،  بىر ئانىدىن ياراتتۇق ، ئۆز-ئارا تونۇشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ )،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگىچىدۇر ، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر . _( سۈرە ھۇجارات 49-ئايەت)
  ئى ئىنسانلار ! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر، ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى، ئادەم توپىدىن يارىتىلغان. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر. ئەرەپ غەيرىي ئەرەپتىن، قارا تەنلىك ئاق تەنلىكتىن، ئاق تەنلىك قارا تەنلىكتىن ئارتۇق ئەمەس. ئارتۇق دېيىلسە، پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا ئارتۇق بولىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەقنى يەتكۈزدۈممۇ؟ _ ئېھ، ئاللا ! يەتكۈزگىنىمگە گۇۋاھ بولغىن__ بارلىرىڭلار يوقلىرىڭلارغا يەتكۈزسۇن! ( ئەھمەت رىۋايىتى )
    يۇقىرىقى ئايەت - ھەدىسلەردە شۇنى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولۇدىكى ئىسلام دېنىدا جىنسىي ۋە ئىرقى كەمسىتىلىشلەر بىردەك قامچىلانغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ( ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللانىڭ ئۇلارنى بەزىسىنى بەزىسىدىن ( يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جگھەتلەردە ئاياللاردىن ) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر. ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ( يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر ) . __ سۈرە نىسا 34 - ئايەت.
    ئاياللار ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار ( يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتنى ئۆتۈشى كېرەك ) . ( ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن ) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللا غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
  __ سۈرە بەقەرە 228 - ئايەت.
    مانا بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھامىيلىقى بولۇشىدىكى ئارتۇقچىلىقى ئەرلەرنىڭ تەبىئىي ئارتۇقچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. يەنى ئەرلەر جەم.ىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېغىر يۈكلىرىنى ئۆز زېممىسىگە ئالىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشتە ئاياللارغا قارىغاندا قابىلراق ۋە كۈچلۈكرەك. ئەرلەرنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئايالللار بولسا ھەيىز كۆرۈدۇ ۋە ھامىلدار بولىدۇ. بۇ جگرياندا ئۇلارنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. دېمەك ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدىن روشەن ھالدا پەرقلەنگەچكە ئۇلار ئەرلەردەك ئېغىر يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا نىسبىي ھالدا ئاجىزلىق قىلىدۇ.
    ئىسلام دىنى دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە نامايەن قىلغان ئىدى. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە نەچچە قېتىملىق ئەھلى - سەلىپ ئۇرۇشىدىن تۈزۈكرەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن غەرپ كۈچلىرىنىڭ  ئىدولوگىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشى، ئىسلام ئىدولوگىيىسىنى بۇرمىلاش ئىستراتىگىيىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، مۇسۇلمانلارنى چىرىتىش نەتىجىسىدە . ئىدولوگېيە جەھەتتىن زور كىرىزىسكە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەر - ئاياللار باراۋەرلىك نەزەرىيىسى بۇ جەھەتتىكى پايدىلىنىش ، بۇرمىلاش ئوبىكتىلىرىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىندى. ئاياللار ئازادلىغى، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى، غەرپچە دېموكراتىيە تەرزدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كىشىلەرنى بىر مەزگىل مەپتۇن قىلغاندەك كۆرۈندى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئازاتلىق ۋە باراۋەرلىك قىزغىنلىقى ئىنسان تەبىئىتىدە بىنورمال ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  
  مۇشۇ قىزغىنلىق قۇرئان ھەدىسلەرنىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئاياللار ئازادلىقى ،ئاياللار باراۋەرلىكى خاتا ،ياكى نۇقۇل ھالدا تەدبىقلىنىپ ، ئىنسان تەبىئىتى  ئانچە كۆزدە تۇتۇلماي ، ماھىيەتتىن چەتنەپ كېتىلدى . نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ قابىليەتسىزلىكى ، ئىرادىسىزلىكى ،ئاياللارنىڭ نادانلىقى ، باشناشتاقلىقى كېلىپ چىقتى .شۇنداقلا يارامسىز ئەرلەر ۋە بەڭۋاش ئاياللارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
  بىر قىسىم كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بۇ خىل باراۋەرلىك ساددا ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارغا ئاياللىق تەبىئىتىگە ياتبولغان ئامىللارنى تاڭدى .ئۇلار ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىملاردا ئاياللىق لاتاپەت ۋە نازاكەت ئەرلىك چىدام -غەيرەت يوقىدى ،ياكى ئۇ ئىككى جىنىسنىڭ خارەكتىرى بىر-بىرىگە ئالماشتى .
    ئىسلام دىنى پۈتۈن كائىناتنى ، پۈتۈن ئالەمنى ،جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىياراتقان ۋە ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاللاتائالا تەرىپىدىن  كەلگەن ساماۋى بىر دىن بولغاچقا ،ئۇنىڭ قانۇن -پىرىنسىپلىرىدا ، ئەركان -ئەھكاملىرىدا ئىنسان تەبىئىتى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىلغان . شۇڭا ئىسلام دىنى « ئىنسانىيەت دىنىياكى تەبىئەت دىنى»دەپ تەرىپلىنىدۇ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ ،ئەرەپنىڭ ياكى ،قازاقنىڭ بولماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنى .ئاللاھتائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقاتنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى ..ئەر-ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىلىرى چوڭ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ ، بىراق ئىككى جىنىسنىڭ تەبىئىتىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاشمىغىنىغا قاراپ ، قىسمەن ئئوخشاشماسلىققىمۇ ئىگە . شۇڭا ھەر بىر جىنىسنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بولىدۇ . قىسقىسى ، ئەر-ئاياللار ئىنسانى قىممەتتە ، تېگىشلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشتا، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا باراۋەر .
  ئىسلام دىنى شۇنچە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ دىنى بولسا ،ئەمىسە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ خىرىستىيان دىنىغا كىرىدۇ ؟ رابىيە بوشىماستى سۇئال سوراۋاتاتتى بىز باشقىلار ئىككىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاڭلىمىغان تېپىشماقنى قايسى تاپاركىن دېگەندەك قىززىقىپ ئولتۇراتتۇق .سۇئال سورالغاندىن كېيىن جاۋاپ ئاڭلاش ئۈچۈن زۇمرەتكە قارىدۇق :
زۇمرەت ناھايىتى سالماق ھالدا قولىدا ھەممە ئىسپاتلىرى تولۇق ئادۋۇكاتتەك ، كەسپكە پىشقان ناتىق ئوقۇتقۇچىدەك تەمكىن ھالدا سۆزلىرىنى دانىمۇ-دانا قىلىپ سۆزلەۋاۋاتاتتى .شۇ تاپتا قەلبىمدە زۇمرەتكە نىسبەتەن پەخىرلىنىش ، قايىل بولۇش ،ھەۋەس قىلىش ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيگەنسېرى ،رابىيەگە بولغان ئاددى ساۋاقداشلىق مېھرىممۇ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ئۇنىڭ ھەممىنېمى ھەتتا ئاۋازلىرىمۇ خۇنىك ،يېقىمسىز ئاڭلىنىپ ، زۇمرەتنىڭ توختىماي سۆزلەپ، رابىيەنى مەغلۇپ قىلىشىنى تىلەش ئىستىكى مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ يۈرەكلىرىم ئۆزۈم ئاڭلىغىدەك دۈپىلدەپ كېتىۋاتاتتى . .  _ شۇنداق نۇرغۇن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغىچى  ئازغۇن ئادەملەر ئىسلامنى تاشلاپ خىرىستىيان دىنىغا كىرسە ،نۇرغۇن ئاللاھ رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەر باشقا دىنلارنى تاشلاپ ،ئىسلامدىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولىۋاتىدۇ  .ياۋرۇپادىكى بىر ئىستاتىستىكقا ئاساسلانغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا ئىسلامىيەتنى تاشلاپ باشقا دىنلارغا كىرگەنلەرنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى، ساڭا ئوخشاش ئىسلامىيەتنى بىلمەيدىغان، جاھىل مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە باشقا دىنلاردىن چىقىپ ئىسلامىيەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تەتقىقاتچى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دېگەندەك ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەتراپىڭغا قاراپ باقساڭ ئەمەلىيەتمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ ، دىيارىمىزدىمۇ  ئىسلام دىنىنى ھەقىقى تۈردە چۈشەنگەن زىيالى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ئىمان ئېيتىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئېلىۋاتىدۇ . ئىزدىنىۋاتىدۇ ، دوستلىرىنى بۇ دىنغا تولۇق كىرىپ ، ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشىشكە چاقىرىۋاتىدۇ .«رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۇبھىسىزكى، سەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.» (ئال ئىمران، 8-ئايەت) ئامىين!  زۇمرەت كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بۇ ئايەتنى ئۇقۇغانتى يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك ئاجايىپ بىر سېزىمدە كۆزلىرىم نەمدەلدى .نەچچە مىنۇتلۇق سۈكۈتنى يەنە رابىيە بۇزدى .
  --- مەنغۇ ساڭا ئوخشاش مەخسۇس دىن ئوقۇمىغەن ئەمما ئەمىلىيەتچۇ ؟،  ؟ غەرپ ئەللىرىگە قارا ، ئاياللار شۇنداق ئەركىن ... ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارا ، ئاياللار چۈمبەل ئىچىدە ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغان ، ئۇنىڭغا نىمە دەيسەنكى ؟ --- دىدى رابىيە يېڭىلگۈسى كەلمەي ئورنىدىن تۇرۇپ زۇمرەتنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىپ سافاغا جەينىگىنى قويۇپ تۇرۇپ . --- ئىسلام دىنىدا ئاياللارغا ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ، بالا تۇغۇش ، ئېمىتىش ۋە تەربىيىلەش ، سىرتلارغا ھىجاپ بىلەن چىقىش ، ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتەك خاس مەجبۇرىيەتلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ، نام - شەرىپىنى قوغداشنى، ئاياللارنى جىسمانى جەھەتتىن ئاسراشنى  مەقسەت قىلغان . ئۇنىڭ نىمىسى يامان ؟ سەن تەرغىپ قىلىۋاتقان ئاياللار ئەركىنلىكى سىلەرنىڭ ھازىرقى بەزى ئاياللىرىمىزدەك تۈگىمەس چاي ، ئولتۇرۇشلاردا ئالدىغا بوتۇلكىلارنى تىكلىشىۋېلىپ ، ھاراق ئىچىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردىن ئېتىقاد ۋە غايە ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت سوراش مۈمكىنمۇ ؟ ئەۋلاتلىرىمىز ھازىر ھاراق شىشىلىرى بىلەن يالىڭاچ بەدەنلەردىن قانداقمۇ شەرمى - ھايا ، نومۇس ئۈگىنەر ؟ ئاياللارنىڭ ۋاقتى تۈگىسە ، مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ . ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرەۋاتىدۇ ، ھازىر ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى . ساڭا ئوخشاش ئەركىنلىكنى خۇدا بىلىدىغان ئاياللار بەس - بەستە كوچىغا چىقىۋالغاچقا ، بالىلار ئانا مېھرىگە ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ سۆيگۈ مېھرىگە ئېرىشەلمەي ، بالىلار كوچىلاردا يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋاتىدۇ ، ئاققا ئۈگىنىپ قېلىۋاتىدۇ ، ئەيدىز كېسىلى يامراۋاتىدۇ . ئەرلەر باشقا بىرلىرىدىن سۆيگۈ ئىزدەۋاتىدۇ ياكى قاۋاھخانىلاردا ھاراق ئىچىپ زەئىپلىشىۋاتىدۇ ، قىزلىرىمىز كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ئىپپىتىنى يوقۇتىۋاتىدۇ ، باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ . بۇنداق ئەركىنلىكنىڭ نىمىسىنى ئارزۇلايمىز ؟ ئەرلىرىڭلار سىلەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ، سىرتلاردىن ئۆزىگە ھەمرا تېپىۋالسا ، يەنە ئۇيقۇڭلارنى ئاچماي ، دەردىڭلارنى ھاراقتىن ئېلىپ مەست بولۇپ بىر - بىرىڭلارغا تۆكۈسىلەر ، سىلەردە ئېتىقاد ۋە ئىمان بولمىغاچقا ، ئىنساپمۇ قالمايۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر - بىرىڭلارغا دەردلىرىڭلار ئىچىڭلارغا پاتمايۋاتسىمۇ ، بەختلىك كۆرىنىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ ئاۋارە بولىۋاتىسىلەر . بۇنىڭ ئورنىغا پاكىز يۇيۇنۇپ ، جەينامازغا كېلىپ ، ئاللاھقا ھەمدۇ - سانا ئوقۇشنى ، ئەرلىرىڭلارغا ، بالىلىرىڭلارغا ئىنساپ ، ئۆيۈڭلارغا بەرىكەت تىلەشنى بىلمەيسىلەر ، ھاراقتىن سىلەرگە نىمە پايدا چىقتى ؟ زۇمرەت ھەممىمىزگە سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدۇ .  
_ سەن دېگەندەك ھازىر دىيارىمىزدائىسلام كۈچەيگەندىن بۇيان  ، كوچىلاردا قارا كىيىملىك مۇسۇلمان خىنىملار ساقاللىق ھاجىملار كۆپىيىيكە باشلىدى ، ئەمما يەنە ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بۇزۇق ئىشلارنى يەنە شۇ مۇسۇلمانلار قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭغا نېمە دەيسىزكى ھاجى خېنىم...؟!-رابىيە سوتتا ئىشەنچىلىك  ئىسپاتنى قولغا چۈشىرىۋالغان قارلىغۇچىى ئادۋۇكاتتەك  ، زۇمرەتكە قاراپ مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجايدى .
  _ سېنىڭ بۇ سۇئالىڭغا مەن يا ئۇنداق يا بۇنداق دەپ نەق دەپ ھۆكۈم چىقىرالمايمەن .چۈنكى ھۆكۈم چىقىرىش بىر ئاللاغا خاستۇر .ئەمما يەنىلا  قۇرئان كەرىمنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ساڭا جاۋاپ بېرىمەن ئاللاھ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن : ئۇلار (ئاللاتائالا ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر ) ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ ، زىنا قىلمايدۇ . كىمكى بۇ ( گۇناھلار)نى قىلىدىكەن ،(ئاخىرەتتە )ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ .قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ .پەقەت ( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن )( بۇ دۇنيادىكى چېغىدا )تەۋبە قىلغان ، ئىمان ئېيتقان ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ ، ئاللاھ تولىمۇ مەخپىرەت قىلغىچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغىچىدۇر . _سۈرە « فۇرقات »68-70ئايەتلىرى . مانا بۇ ئايەتلەردىن ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتىكى ھەقىقى مۆھمىن ئۇنداق قەبىھ گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدۇ . ئۇلار شۇنداق ئىسسىقتا باش-كۆزلىرىنى ئوراپ نېمە جاپا تارتىدۇ ؟ ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلاش ئۈچۈن دوۋزاق ئوتىدىن قورقۇپ ، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلغان مۇسۇلمان شۇنداق ئىشلارنى قىلارمۇ ؟ ئۇنىڭدىن ئۇلار ئىمان ئېيتماستىن  ئورانماستىن يامانلىقىنى قىلىۋەرسە بولاتتىغۇ ؟ مەن  ئۇلارنىڭ بەك قەبىھ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىرى  ئىسلام تونىغا كىرىۋېلىپ ئىسلامنى سەت كۆرسىتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىرى ، بەزىلىرى مۇسلمان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس مودا قوغلىشىپ ئىسلامچە كىيىنىۋالغانلار ، بەزىسى ئۆزىنى نىقاپلاپ يۈرۈپ پۇل تاپىدىغان پائىشەلەر دەپ جەزىم قىلىمەن . ،ئاز قىسىم ئىسلامنى ھەقىقى تۈردە چۈشەنمىگەن  ، ئىلىم ئالمىغان مۇشۇنداق كىيىنسەكلا مۇسۇلمان بولىمىز دەپ چۈشىنىپ قالغان نادان خەلقنىمۇ يوق دېگىنى بولمايدۇ .ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئىسلامنى يەنە مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلىشىڭ ، كەمسىتىشىڭ گۇناھتۇر .ئۇلارنى مۇسۇلمان دېمەيمىز مۇسۇلمانچە نىقاپلىنىۋالغانلار دەيمىز .ئىسلامنىڭ قانۇنى ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي چەكلەيدىغان تۇرسا ، ھەقىقىي مۇسۇلمانبولغان ئادەم جەمىيەتتىكى ئىسلامغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي قۇرئان بويىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈنىتىنى بويلاپ مېڭىۋەرسە ھەقىقىي نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ .  
  - ئەمىسە ھەرەمگە بېرىپ ھاجىم بولۇپ كېلىپ ئاق خىرويىن سېتىپ تۇتۇلۇپ قالغانلارغا نېمە دەيسەن؟!-رابىيەنىڭ پەقەت يېڭىلگىسى يوق ئىدى .
  _ ئاق سېتىۋاتقانلار ھاجىملارلا ئەمەس ھەممە تائىپتىكىلەرغۇ ؟؟ ئۇلار ھاجىم بولۇپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان بولسا ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ قىيامەتتە ئاللاھ ئۇنىڭ جاجىسىنى بېرىدۇ ._ دېدى زۇمرەت قەتئىيي كەسكىن قىلىپ .
  ---مەن دەيمەن زۇي خاۋ ( 最好 ) ماڭا ئوخشاش مىڭ كاۋخەن بولۇش ئىكەندە ؟ --- دېدى ئايگۈل يەنە پوقاققا چىققان سۆگەلدەك گەپكە ئارىلىشىپ .

--- ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىنگىلىز تىلى ئەرەپ تىلى بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىدىكەن ، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا بالىلار ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنىدىغان بولسىمۇ ، مەن بىرەر ئەرەپ بالىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۆيىدە ياكى كوچىلاردا ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىم . ئەمما بۇ يەردە ھەر قەدەمدە بىر ئايگۈلدەك ئەبجەش سۆزلەيدىغانلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلايدۇ . خەنزۇ تىلى ياكى چەتئەل تىلى بولسۇن تىل ئۈگۈنۈش دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى زۆرۈرىيەت ، ئەمما ئۇنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش جىنايەت . ئەرەپلەردە ئۆز تىلىنى قەدىرلەشتەك بۇ ئىسىل خىسلەت مېنى تەسىرلەندۈردى ، --- زۇمرەت سۆزىنى تۈگىتىپ ئايگۈلگە قاراپ :

--- ئايگۈل ، سىزنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇدۇم دەپ ئانا تىلىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز ئۇنچىۋالا خوش بولغىدەك ئىش ئەمەس ، سىز ھازىر يا خەنزۇ تىلىدا تولۇق ئەمەس يا ئۆز ئانا تىلىڭىزنى بىلمەيسىز ، سىزنىڭ خەلققە نىمە پايدىڭىز تېگەر ؟ --- دېدى ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا .

    چاچلىرىنى ساپ - سېرىق بويىۋالغان ، ئاسما لەمپىلىك قارا كۆڭلەك ، پۇتىغا ساپما كەش كىيىۋالغان رابىيەنىڭ ئېغىر خىيالغا چۆككەن ھالدا ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ قىپ - قىزىل لاك سۈركىۋالغان بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىپ ئولتۇرغان رابىيەگە قاراپ بۇندىن 15يىل بۇرۇنقى رابىيەنى ئەسلەپ قالدىم .
بىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەن يىلى مەكتەپ رەسىمخانىسىغا كىملىككە رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن زۇمرەت ، خەدىچە ، رابىيە ، رەھمەتلىك چىمەن بەشىمىز بىرگە چىققان ئىدۇق . رەسىمچى بىزنى بوينىمىزدىكى مارجاننى ، قۇلىقىمىزدىكى ھالقىنى ، رابىيە بىلەن چىمەننىڭ بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى . رەسىمگە چۈشۈش نۆۋىتى رابىيەگە كەلگەندە ئۇ ھالقىسىنى ئېلىپ ، ياغلىقىنى ئېلىشقا پەقەت قوشۇلمىدى .

--- ياق ، رەسىمگە چۈشمىسەم چۈشمەي بېشىمدىكى \" رومىلىمنى \" ئالمايمەن ، --- دەپ بىزنى بىرەر سائەت ئاۋارە قىلغان ئىدى . شۇ چاغدا مەن كۆڭلۈمدە ، ھەجەپ ئېتىقادى كۈچلۈك قىز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم . ئەمما ئوقۇش باشلاپ ، بىر ئاي بولماستىنلا بىر كۈنى چاچنى كېسىپ مۈرىسىگە تاشلاپ ، تار پادىچىلار شىمىنى كىيىپ ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ، سىنىپقا كىرگەن رابىيەنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي :

--- ۋاي ، رومىلىنى ئالمايدىغان قىز نىمە بولدىلا ؟ --- دېسەم ، ئەمدى << ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە ، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە >> دەپتىكەن ، --- دېگەن ئىدى رابىيە تەمتىرىمەي .

ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشكەن ئىدى .

زۇمرەت ئۈرۈمچىلىك بولغاچقىمىكىن ، شۇ چاغلاردا ناھايىتى يارىشىملىق مودا يۈرەتتى . گىرىملەرنىمۇ ناھايىتى جايىدا قاملاشتۇرۇپ قىلاتتى . سىنىپلىرىمىزدا پائالىيەتلەر بولسا رىياسەتچى ، ئويۇن - تاماشا بولسا رەھمەتلىك چىمەنگۈل بىلەن ئىككىسى باشلامچى ، ناخشىچى ھەم ئۇسۇلچىلىرىمىز ، دەرسلەردىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈگۈنۈش ھەيئىتىمىز ئىدى . كېيىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سۈرىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن ساۋاقدىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىدى . بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندە فاكولتېتتا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان زۇمرەت بىر يىلدىن كېيىن مەردان بىلەن توي قىلىپ چەتكە بىرگە چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ ، ھەر ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋېتىپتۇ ، ئۈرۈمچىدە ئۆي - زىمىنلىرى ھەم ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بولغاچقا يىلغا كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى .

--- سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇشۇ بولۇپ قالامدۇ ، تېخى ، پاسپورتۇم چىقسا << چۇگو >> ( 出国 ) قىلىدىغاندەك قىلىمەن ، --- دېدى رابىيە .

--- ئەييۇ تەي خاۋما ( 哎呀 ، 太好吗 ) ، نەگە ؟ --- ئايگۈل ھاياجانلىنىپ رابىيەنىڭ يالىڭاچ مۇرىلىرىنى سىلاپ كۈچۈكلىنىپ كەتتى .

--- ئوۋجۇ ( 欧洲 ) تەرەپلەرگە ...

--- ئېرىڭ ، بالاڭنى قانداق قىلىسەن ؟ --- دېدىم .

--- ئۇ قوشۇلمايۋاتىدۇ ، پاسپورتۇم چىقسا ، قوشۇلمىسا << لىخۇن >> ( 离婚 ) . بالامنى دادىسىغا بېرىۋېتىپ كېتىۋېرىمەن ، --- ئۇنىڭ سۆز قىلىشلىرى ناھايىتى ئەركىن ، خۇددى رۇس ئاياللىرىدەك بىر خىل ھەركەتلەرنى قىلىۋاتاتتى .

--- ئېرىڭنى ، بالاڭنى ، يۇرتۇڭنى تاشلاپ كەتكۈدەك چەتئەلدە تونۇشلىرىڭ بارمىدى ؟ --- دەپ سورىدى خەدىجە .

--- ھەئە ، مېنىڭ ئىنگىلىز مۇئەللىمىم ئەنگىلىيەدە مېنى ساقلاۋاتىدۇ ... ھەي رەھىمەمۇ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىپتۇ --- ھە ؟

--- مېنىڭچە ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ .

--- سەن قانداق بىلىسەن ؟ --- سورىدى خەدىچە .

--- بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ ؟ چەتئەل دىگەن ئۇنىڭ توپىلىق يۇرتىدىن مىڭ ھەسسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ --- رابىيە تىرناقلىرىنى كوچىلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى .

--- ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، مەن قايتايمىكىن ئاداشلار ، --- دېدى زۇمرەت رابىيەنىڭ لاۋزا قىلىقلىرىدىن سەسكەنگەندەك بىر خىل بىزارلىق ئاھاڭدا .

شۇنىڭ بىلەن رابىيەمۇ ، ئايگۈلمۇ ئورنىدىن قوزغالدى .

مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىرگەن خەدىچە بىلەن ئىككىمىز بىر ھازاغىچە ئىچىمىزگە تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق .

--- ئىككىڭلارغا تازا ھاردۇق يەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ --- دىلشاتنىڭ ئاۋازىدىن بىز سۇبات ئىككىسىنىڭ قايتىپ كىرگەنلىكىنى بىلىپ ئورنىمىزدىن ئازراق مىدىرلاپ قويدۇق .

--- دىلشات ، راستىنلا ھاردۇق يېتىپ قالغان ئوخشايدۇ ، سەن رەنجىمەي قىزىق چاي دەملىگىنە -- دېدى خەدىچە ناھايىتى سىلىق تەلەپپۇزدا .

--- يائاللا ، سۇبات بىلەن چولپاننىڭ ئالدىدا ھەجەپ مۇلايىملىشىپ كەتتىڭا ؟ چاي دەملەش مېنىڭ دائىملىق ۋەزىپەمتىغۇ ؟ -- دېدى دىلشات ئاشخانىغا چىقىپ كېتىۋاتقاچ ، -- چولپان ، گۈلنىگار قېنى ؟ -- دېدى سۇبات بوشقىنا ئاۋازدا .

--- بۈگۈن سىرتتا ئويناپ تازا چارچىغان چېغى ، ئاۋۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ، -- دېدىم مەن جاۋابەن .

--- سەنمۇ چارچاپ كېتىپسەندە ، روھىڭ بەك چۈشۈپ كېتىپتۇ ، بۇ ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ھەممىمىزگە بار ئەمەسمۇ ؟ -- دېدى سۇبات .

--- بۈگۈن چىمەننىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ بەك ئېغىر كەلگىدەك بىر گەپ ئاڭلىدىم ، شۇ تاپ مېڭىلىرىم قوچۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ، -- دېدىم چېكىلىرىمنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ .

--- نىمە بولدى ؟ --سۇبات ئەنسىز سورىدى .

--- توۋا دەيمەن ، رابىيە خىرىستىئان مۇرىتى بولۇپ كېتىپتۇ .

--- شۇنداقمۇ ؟ توۋا ئۇغۇ ئەسلىدىنلا شۇنداق دورامچى مىجەزى بار قىز ئىدى ، بۈگۈن شۇڭىزە قارا كۆڭلەك ، قارا شىلەپە ، ئاق پەلەيلەرنى كىيىۋېلىشى ... توۋا قىلايلى ... -- دېدى سۇبات سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي ، -- ئۆتكەندە بىر تويدا ئۇچرىشىپ قېلىپ قارىسام ، تازا ئىچىپ مەست بولغان چېغى ماڭا قولىنى سوزدى . قول ئېلىشىپ كۆرىشىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قول ئېلىشسام << قارا سېنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىڭنى ، خانىملارنىڭ قولىغا سۆيۈشنى بىلمەمسەن >> دېگەن ئىدى ، مەست بولۇپ قالغان چېغى دەپ ئويلاپ كېلىپ خەدىچەگە دېسەم : << سەن بىلمەمسەن ؟ ئۇ خىرىستىئان بوپ كەتتى ؟؟ دەيدۇ . دىلشاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ :

--- سەن ماڭا بۇ گەپلەرنى دىمىگەنتىڭغۇ ؟ -- دېدىم خەدىچەگە .

--- ۋاي ئاداش ، ساۋاقداشلار ئىچىدىكى ئۇتۇق قازانغانلار بولسىكەن خوش خەۋەر دەپ يەتكۈزسەم ... دېگۈم كەلمىدى .
داۋامى بار  


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:42 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-7 21:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Re:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى  (پوۋېست) (15)

---ئۆتكەندە مەن بىر تويغا قاتنىشىپ شۇنداق ھەيران قالغان ئىدىم . توي بولغۇچى ئايالنىڭ يېشى قىرىق نەچچە ياشلاردا بولۇپ ، يولدىشى يۇرتتىن ئېلىپ چىقىپ توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغاندا ، باشقا بىرسىگە بۇزۇلۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى . يولدىشى بىلەن ياخشى چاغدا ئۇ چوكان ناھايىتى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان يۇۋاش ئايال ئىدى . كېيىن ئۇ ئايال ئىككى بالا بىلەن قېلىپ ئىقتىسادتىن قىينالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەن ، ماڭا  ئۇچرىغانلا يەردە يىغلايتتى . ئاشۇنداق ۋاپاسىز ئەرلەر ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىپ دەردىنى ئېلىپ بېرىشىمنى تاپىلايتتى . كېيىن تەشكىل ئۇ ئايالغا خىزمەت ھەل قىلىپ بەردى . ئارلىقتا نەچچە يىل بوپتىكەن كۆرمىگىلى ، تويىغا ئاتايىن باغاق ئەۋەتىپتۇ ، بىچارە ئايالنىڭ خوشاللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ تويغا ئاتايتىن باردىم . ئۇ توينى ئاساسەن سەتەڭ ياسانغان ، رەڭگارەڭ كىيىنگەن مۇنداقچە ئېيتقاندا ساپاسى تۆۋەن مۇنداق دىسەممۇ بولمىغۇدەك نىمە دەي ...
--- نېمە دىسەڭ دىگىن گېپىڭنى توختاتمىغىنا ، -- دېدى سۇبات مېنى ئالدىرىتىپ .
--- ھە ، مەكتەپتە تولۇق ئوقۇمىغان ، ياكى سىرتتىن توي قىلىپ كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان دېگەندەك بىر تۈركۈم ئاياللار ئىگەللەپتۇ . توي ئىگىسى چوكان مېنى كۆرۈپلا ئالدىمغا يۈگۈرۈپ دىگەندەك كېلىپ : << سىزنى كەلمەمدىكىن دەپتىمەن ، ھەرنىمە بولسا كەپسىز >> دېدى خوشاللىقىنى باسالماي . << مېنى كەلمەيدۇ دېگەن ئادەم نىمىشقا باغاق ئەۋەتكەن ؟ >> دېدىم كۈلۈپ . << شۇ كۆڭلۈم ئۇنىماي >> دېدى ئۇ . مەن ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن بۇ چوكاننى ئەمرىگە ئالىدىغان يىگىتىنى ئىزدىدىم . توينى ئاساسەن ئاياللارلا باشقۇرىۋاتاتتى ، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مېھمانلار قاتارىدا ئولتۇرىشاتتى . ئاخىر تاقەت قىلالماي ، يېنىمدىكى چوكاندىن : << بۇ ھەدىمىزنى ئالغان يىگىت قايسى ئىكەن ؟ >> دەپ سورىدىم . << ئەنە ، ئاۋۇ ئۈستەلدىكى كەپكىلىك ئەر شۇ ئىكەن >> دېدى .

--- << توي دىگەندە يىگىت ئولتۇرىۋالماي ئايالىنىڭ يېنىدا تۇرمامدۇ ، يا ئولتۇرسا ھەر ئىككىلىسى بىر ئۈستەلدە تەڭ ئولتۇرماپتىغۇ ؟ >> دېدىم يەنە قىزىقسىنىپ . << ۋاي سىڭلىم ، بۇرۇن يىگىتلەر يۇرتتىن ئايال ئاچىقىپ توي قىلاتتى ، مانا ئەمدى بۇ دوستىمىز پۇل تېپىپ ، ئۆزى يۇرتىغا بېرىپ يىگىت ئەكىلىپ ، تويىنى ئۆزى تۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ ، شۇڭا ئەر ئولتۇرۇپ ئايال مېھمان كۈتۈۋاتامدىكىن >> دېدى كۈلۈپ . << مانا بۇ زامان ئاخىرىنىڭ بىشارىتى >> دېدى يەنە بىر ياشقا چوڭراق ئايال ياقىسىنى تۇتۇپ . بىر چاغدا قورۇمىلار تارتىلىپ بولغاندا ، تويى بولغان ھەدىمىز نەچچە دوستلىرى بىلەن قولىدا قىزىل ھاراق بار رۇمكىلارنى كۆتۈرۈپ ئۈستەللەرگە بېرىپ ، مېھمانلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ . مەن يەنە ھىلىقى يۇرتتىن ئايالىغا تېگىپ چىققان ئەرگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدى . بۈگۈن  مەن زۇمرەت بىلەن رابىيەنىڭ تالاش -تارتىشىدىن  بىز ئۆزۈمىسنى مۇسۇلمان دەۋالغان بىلەن ئېتىقادىمىزنىڭ بەك سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۇڭا باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ قېلىۋاتىمەن .
--- ئۇنداق بولسا بىر كۈنى سەنمۇ سۇباتنى ئېلىپ قېچىپ كېلەمسەن نىمە ؟ -- دېدى دىلشات كۈلمەي تۇرۇپ .
--- تولا گەپنى بۆلمىگىنە ! -- دېدىم دىلشاتقا رەددىيەنىڭ ئورنىدا كەسكىنلا قىلىپ .كاللامغا يېڭى سۇئاللار كىرىۋالغاچقا ئۇلارنىڭ چاق-چاقلىرىمۇ تېتىمايۋاتاتتى .
--- بىز دىيىشىپ قويدۇق ، چولپاننى ئەتىلا قىزى بىلەن بىللە ئېلىپ قاچىدىغان بولىۋاتىمەن ، -- دېدى سۇباتمۇ دىلشاتقا يەر تېگىدىن قاراپ .
--- بۇ ياخشى پىلان بوپتۇ ، ئەمدى ئەقلىڭلارنى تېپىپسىلەر ، شۇنىڭ ئۈچۈن << ھەي ، ئۆلۈملۈك بولۇپ قالدۇقتە ؟ بولمىغان بولسا >> ... دەپتۇ دىلشاتمۇ سۇباتقا .
--- ھە يەنە شۇ ھەممە ئىش شۇ ئىچىشنىڭ گېپىمۇ ؟ سىلەر ئەرلىرىمىز مۇشۇنداق ئىچىپ تۈگەۋاتقاچقا ، بىز ئاياللارمۇ ... خەدىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى .
--- سەن دىمىسەڭمۇ ئاباينىڭياغى چولپان ئىككىڭلارنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلارنى بىلدۇق ، ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە سىلەر ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دىمەكچىغۇ ؟ مېنىڭچە مەسئۇلىيەت ھەر ئىككى تەرەپتە ، ئەر بىلەن ئايال بىر نىيەتتە بولسا ، بىر ئائىلىمۇ گۈللىنىدۇ ، بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت روناق تاپىدۇ . بىراق شۇ سىلەر بىز بىلەن تەڭ بەسلىشىپ چاتاق سېلىۋاتىسىلەردە ، بىر نىمە دىسە ، سىلەرنى قوغدايدىغان قانۇنلىرىڭلار ، ئاياللار بىرلەشمەڭلار تۇرسا ، گەپ ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلار بىلسەڭلار بولاتتى ، -- دىلشات ئەمدى چاقچاقنى قويۇپ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىۋاتاتتى .
  --- مەن مۇنداق بىر ھىكايەتنى ئاڭلىغانمەن ، -- دېدى سۇبات ناھايىتى سالماق ئاھاڭدا ، -- بىرسى بىر دانىشمەندىن : << قاچان قىيامەت قايىم بولىدۇ >> دەپ سوراپتۇ . دانىشمەن : << ئېتىقاد يوقالغاندا >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۇ كىشى : << ئېتىقاد قانداق ۋاقىتتا يوقالغان بولىدۇ ؟ >> دەپ سوراپتىكەن ، دانىشمەن جاۋاپ بېرىپ : << ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاندا ، ھارام ھالالغا ھاكىم بولغاندا ، يالغان راستقا ئەمىر بولغاندا ، قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ >> دەپتۇ . مەن بەزىدە بىزنىڭ ساپاسى تۆۋەن ، ئانا بولۇش سالاھىيىتى توشمىغان ئاياللارنىڭ قولىغا ، ئوقۇتقۇچى ئۇستاز بولۇشقا لاياقىتى توشمايدىغان بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىغا قالغان ئەۋلاتلىرىمىز قىيامەت قايىمدا بولامدىكىن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم . مېنىڭچە بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىدا ، ئەنئەنە ، ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدا ، بۇرۇنلاردا سەھەر تۇرۇپ ئۆي تازىلاپ ، جاينامازدا ئولتۇرۇپ ئېرىگە ، بالىلىرىغا ئىنساپ تىلەپ ، كېيىنكى ئەۋلادلىرى قەلبىدە ئۆلمەس ئېتىقاد مۇنارىنى تىكلەپ بېرىدىغان ئانىلارنىڭ ، ئەرلىرى بىلەن بەسلىشىپ ، ئۇلار ئاقنى ئىچسە بىز قىزىلنى ئىچىمىز دەپ يېرىم يالىڭاچ بەدەنلىرى بىلەن ۋاقتىنى ، زېھنىنى رېستۇرانلاردا ، غەيۋەت - شىكايەت ھەم ھاراق سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدا ، دېدى سۇبات ناھايىتى سالماق ئاھاڭدا .

--- مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قېلىۋاتىمەن ، بىزدە ئېتىقاد سۇسلىشىپ كەتكەچكە ، دىنىمز ئىسلام بولغىنى بىلەن قىلغىنىمىز باشقا بولۇپ كېتىپتۇ . بەختسىزلىككە يولۇقساق ھاراق ئىچىپ ، ئاللاھ دەپ يىغلاپتۇق . بالزاكنىڭ << مىللەتنىڭ ئاچقۇچى ئانىلار قولىدا >> دېگەن سۆزىدىنمۇ نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىز ئايال ھەم ئانا بولغۇچىلاردا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم . بىز دائىم ئۆزىمىزنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ ، بىز ئۇنداق خەق ، بىز بۇنداق خەق دەپ بىر - بىرىمىزگە قېيدايمىز ، ئۆزىمىزگە بىز قانداق ئادەم ؟ مەن قانداق ئايال ؟ مەن قانداق ئانا ؟ مەن نىمە قېلىۋاتىمەن ، نىمە قېلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ باقتۇقمۇ ؟ مەن ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمدىن باشلايمەن ، -- دېدىم ھاياجان بىلەن .
--- قايسى جەھەتتىن ؟ -- سورىدى خەدىچە .

--- مەن ئاۋال مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمەن ، ئەخلاق ۋە ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەشتىن باشلايمەن . ئۆمرىدە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەمۇ شۇ ھاراق سەۋەۋىدىن ئۆتكۈزۈپ قالىدىكەن . مېنىڭچە ئاياللارنى ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن ئىمان - ئېتىقاد ئىكەن . بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساق جەمىيەت ئۈچۈن ، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقكەن ، -- دېدىم ئۇلارنىڭ قارىشىنى بىلمەكچى بولۇپ .

--- سەن ناھايىتى توغرا ئويلاپسەن ، شۇنداق ئويلايتتىم ، ھازىر ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىز ، پۇل ، يول تېپىۋاتقان نۇرغۇن كارخانىچىلىرىمىز ئەدەپ - ئەخلاقلىق پاك - ئىتىقادلىق ۋە دىيانەتلىك بولۇپ ، توغرا يولدا مېڭىپ ، ئىرادە ئېتىقادىمىزنى چېڭىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتمامدۇ ؟

مەن سۇباتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يايراپ ، بۇ يولدا مېڭىش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى .

بىز تۆتىمىز شۇ كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئەخلاق ، ئېتىقاد دىگەندەك مەزمۇنلار توغرىسىدا ئۇزاققىچە مۇنازىرىلىشىپتۇق .

بۈگۈن مەن خەدىچە ، دىلشاتلار بىلەن خوشلىشىپ مايتاغقا ماڭماقچى بولدۇم . سۇباتمۇ غۇلجىغا قايتىش ئۈچۈن مەن بىلەن تەڭ ئۇزاپ چىقتى . ئۇ ئۆيدىلا دىلنىگارنى قولۇمدىن ئېلىۋالغان ئىدى . پەسكە چۈشۈپ ، ئۇ مېنى بىكەتكىچە ئۇزۇتۇپ قويىدىغان بولدى . مەنمۇ ئارتۇقچە تۈزۈت قىلمىدىم .

--- بىردەم ماڭايلىمۇ ، چولپان ؟

--- ماڭساققۇ مەيلى ، قىزىم سېنى ھاردۇرىۋېتەرمۇ ؟

--- بۇ جىن پاختىدەكلا يېنىك ئىكەن .

بىز يانمۇ - يان كېتىۋاتىمىز . بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن بىزنى ئۇچراشتۇرغان ، بىزنى تۇنۇشتۇرغان ، بىزنى ئۆز قۇچىقىدا ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببىتىمىزنى پەرۋىش قىلغان ، 10 يىل بۇرۇن بىزنى ناھايىتى زور ئارمانلار بىلەن گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن يىمىرىلمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ خوشلاشتۇرغان ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىدا ، 10 يىلدىن كېيىن ، بىزگە يەنە بىرگە مېڭىش نېسىپ بولدى . ئاھ ، خۇدا ! ئادەم ئۆزى يۈرىكىدىن ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن سۆيگەن ئادىمى بىلەن خەلقى ئالەم ئالدىدا ياندىشىپ يېقىن مېڭىش نىمە دىگەن راھەت ؟ نىمە دىگەن بەخت ؟

--- تۇرمۇشۇڭ قانداقراق كېتىۋاتىدۇ ، چولپان ؟

--- قەدىر ئەھۋال .

--- ئۆزۈڭنىڭچۇ ؟

--- تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق .

--- ھە راست ، ئاڭلىسام رەھىمە تۈركىيەگە تۇققان يوقلاپ كېتىپتۇ .

--- شۇنداق ، كىچىك ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەتتى .

--- ئوغلۇڭچۇ ؟

--- بۇ يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ .

يەنە بىر يەرلەرگىچە بىز سۈكۈت ئىچىدە ماڭدۇق . بۇ بىزنىڭ گېپىمىزنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى گېپىمىزنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىدىن ، ھەتتا بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دىيىشەلمەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك .

--- سۇبات ، بولدىلا ماشىنىغا چىقىپ ماڭايلى ، -- دېدىم ئارىمىزدىكى سۈكۈتتىن ئىچىم سىقىلىپ .

--- ئۆيۈڭگە بەك ئالدىراۋاتامسەن ؟ -- سۇبات ماڭا لەپپىدە قارىدى .

--- ياق ، مەن ئۆيگە بەك ئالدىرىمايدىغان ئايال بولۇپ قالدىم .

--- ئۇنداقتا يۈر ، غۇلجىغا بېرىپ ئويناپ كەل ، -- سۇبات كۆزلىرىمگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى .

--- قانداق ، مېنى ئەپقاچاي داۋاتامسەن ؟ -- دېدىم كۈلۈپ .

--- يۈرۈگۈمنى شۇ بىر ئارمان غاجايدۇ ، نېمىشقا شۇ چاغدا سېنى ئەپقاچمىدىم دەيمەن ؟ -- ئەمدىچۇ ، ئەپقاچقىلى بولامدۇ ؟ سۇبات مېڭىشتىن توختاپ ماڭا قاراپ تۇراتتى . مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ :

--- بولدى قىلە ، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلىسەڭمۇ بىكار ، ئەسلى پىشانە تەغدىرىمىز شۇنداق پۈتۈلگەن چېغى ...

--- سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىنى شۇنداق يوشۇرماقچىمۇ ؟

مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ، سۇبات قىزىمغا يەيدىغان ، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ ، پەستە مېنى ئۇزۇتۇپ قالدى . ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئۇنىڭغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم ... توۋا ، 10 يىل بۇرۇن ئۇ مېنى مۇشۇنداق ئۇزۇتۇپ قالغان ئىدى .

مۇرات بىلەن ئاجرىشىپ ئاددى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈپ كەلدىم . ئۆيۈم ئىنتايىن ئاددى ئۆزۈمگە چۇشلۇق جابدۇقلار بىلەن سەرەمجانلاشقان بولسىمۇ ، كۆڭلۈم ئازادە ، خۇددى قىز چاغلىرىمغا قايتىپ قالغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم . مېنىڭ جىمجىتلا يۈرۈپ ئاجرىشىپ كېتىشىم نۇرغۇن دوستلىرىمنى بەك ھەيران قالدۇردى . ئاپام - داداملار بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان چوڭلار ئۇچراپ ماڭا ئىچى ئاغرىغان ھالدا : << رەھمەتلىكلەر تۇنجى بالىمىز دەپ سىزنى بەكلا ئەتىۋارلىغانغا تۇشلۇق بەختىڭىزنى بەرسىچۇ خۇدايىم ، قىز بەختىڭىزنى بەرمىگەن بىلەن چوكان بەختىڭىزنى بېرەر >> دەپ كۆز يېشى قىلىشتى .

مەن باشتا ئۇلارغا قاراپ ئاپام - دادام ئېسىمگە كېلىپ يىغلاپ سالدىم . كېيىن ئويلىسام ، ئۇلار بىلەن تەڭ يىغلاپ يۈرۈشۈم خاتا ئۇقۇم بېرىپ قالغۇدەك ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۈچۈن ئېچىنىپ كۆز يېشى قىلغانلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم .

--- توۋا چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ئېرى بولسىلا بەختى بولغان بولامدىغاندۇ ؟ -- دەپ ئويلاپ يۈرسەم .

--- سېنى بىزنىڭ قىزلار << چولپان ئوقۇغان بىلەن ئەقلى يوقكەن >> دەيدۇ ، -- دېدى سېغىزخان دوستلىرىمدىن بىرى .

--- نېمىشقا ؟

--- ئېرىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكىنىڭگە ئەپسۇسلىنىپ ، ئۇلار << ئېرىڭ بارمۇ ؟ بار >> دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەرسە بولمامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئېرىگە قىز تېگىدۇ ، -- دېيىشىۋاتىدۇ .

مىجەزى كېلىشمىگەن قوشنىسى بىلەنمۇ كىرىش - چىقىش قىلغۇسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ ، مىجەزى كېلىشمىگەن ئەر بىلەن بىر ئۆيدە بىر ئۆمۈر قانداق ياشىغىلى بولار ؟ -- دەپ ئويلىمايدىكىنە بۇلار ؟ !

مەن شۇ خىياللار بىلەن قىزىمنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلگەن پېتى تۇرغان سومكىسىنى ئېچىپ كىيىملىرىنى رەتلەشكە باشلىدىم . سومكىنىڭ ئاستىدىن قارا تاشلىق بىر خاتىرە دەپتەر قولۇمغا چىقتى . ئۇ چىمەننىڭ يېزىپ تۈگىتەلمىگەن خاتىرىسى ئىكەن . ئۇنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم .

<< خۇشتار مەن بەختنىڭ ، گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى پەقەت خىيالەن كۆرۈپ ، چۆچەكلەردىنلا ئاڭلايدىغان بىر يىتىم قىز ئىدىم . پەقەت ئاشۇ ۋاپادار تاغامنىڭ غەمخورلىقى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەقلىم بىلەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاندا خۇددى \'\' كۈلقىز ئالتۇن كەشكە ئېرىشكەندەك \'\' بىر ئىش بولغان ئىدى . مەن بۇ بەختىمدىن ھودۇقۇپ كۈنلىرىمنى بىلىم ئىگىلەش ، گۈزەل كەلگۈسۈم ئۈچۈن ياخشى ئۇل سېلىش بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان چاغلىرىمدا سەن بىلەن ئۇچراشتىم . ئۇ بىر يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئىدى . فاكولتېتلار ئارا ناخشا مۇسابىقىسىدە سەن گىتار چالدىڭ ، مەن ناخشا ئېيتتىم .

--- ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتىدىكەنسىز ، -- كەينىمدىنلا چىققان ئاۋاز تەرەپكە قارىدىم .

سەن ئالدىمدا ماڭا ئاجايىپ مۇھەببەتلىك كۆز بىلەن تىكىلىپ تۇراتتىڭ . شۇنىڭدىن بۇيان بىز خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر بولۇپ قالدۇق . سېنىڭ گەپلىرىڭنى كېچىچە ئاڭلىغۇم كېلەتتى ، سېنى قولتۇقلاپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە : \'\' مەن ئەڭ بەختلىك ! مەن كەلگۈسۈمنى كۆرۈۋاتىمەن ، جېنىم خۇشتار ، مەن ساڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار ھەمرا بولالايمەن \'\' دەپ ئويلىغان ئىدىم . مۇھەببەت كىشىنىڭ ھۆسىنىگە ھۆسۈن قوشىدىكەن ، مەن ياتاق بىناسىغا كىرىپلا ، ياتاققىمۇ كىرمەستىن سۇخانىغا كىرىپ ئەينەككە قارىدىم . بەختتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى مەڭزىم ، قاپقارا كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن خوشاللىقلار دولامغا چۈشۈپ تۇرغان تەبىئى بۈدۈر چاچلىرىم بىلەن قوشۇپ ، ھۆسنۈمگە ھۆسۈن قوشقان ئىدى .

مەن ئاجايىپ قىزدە ، ساڭا شۇنداق ئاشىق بولۇپتىمەنكى ، ائشۇ كۈنلەردە دوستلىرىمنىڭ \'\' ئويلىشىپ باق \'\' دېگەن نەسىھەتلىرىگىمۇ پىسەنت قىلماي ، سەن بىلەن تۇرپانغا كەتتىم .

خۇشتار ، مەن سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن . ھازىر ھېلىھەم سېنى ياخشى كۆرىمەن . بەلكىم سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغاندۇرمەن ، ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ تۇرۇپمۇ ، يەنىلا سېنى ئەيىپلىمەي ، سەن سۆيگەن \'\' ئاشۇ قىزنى \'\' ئۈچىنچى شەخسنى تىللىغۇم ، بېرىپ چاچلىرىنى يۇلغۇم كېلىۋاتىدۇ . ئەمما ، مەن بۇنداق قىلمايمەن . چۈنكى ، مەن بۇنداق قىلسام ئۆز غۇرۇرۇمنى ئۆزۈم دەپسەندە قىلغان بولىمەن ھەن سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئوبرازىمنىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويىمەن . بەلكىم بىرەر دوستۇم مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىسا \'\' ئەخمەق ، خۇشتارنىڭ قەلبىدە سەن بولساڭ ئۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرەمتى ؟ \'\' دېيىشى مۈمكىن . ئەمما مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، سەن ھازىر باشقا بىرسىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئۇ بەرىبىر ۋاقىتلىق ، سېنىڭ قەلبىڭدە ماڭا نىسبەتەن مۇھەببەت سۇسلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆچۈپ كەتمىدى . شۇڭا ، مەن مۇشۇ كۈنلەردىكى قىلمىشلىرىڭدىن كوچا - كويلاردىكى سۆز - چۆچەكلەر يۈرەك باغرىمنى پارە - پارە قىلىۋەتسىمۇ پەرۋا قىلمايمەن ...

سەندىن ئايرىلىپ قالساممۇ ، ئەمما ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدەك يالغۇز ، يېتىم ھېس قىلمايمەن . چۈنكى ، بۇ دۇنيادا ئۆزۈم سۆيگەن ھەم مېنى سۆيىدىغان ( بۇرۇن ) ئادىمىم ھەم ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئىككى پەرزەنتىم بار . مەن ، سەن مەندىن تارتىۋالغان مۇھەببەتنى مۇشۇ يۈرەك پارىلىرىمدىن ئىزلەيمەن . قارا ، دىليار سېنىڭ تېرەڭنى سويۇپ چاپلاپ قويغاندەك ساڭىلا ئوخشايدۇ ، دىلنىگار ماڭىلا ئوخشايدۇ . ئالتە ياشلىق دىليار بىلەن ئالتە ئايلىق قىزىم دىلنىگارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن خىياللارنى سۈرىمەن . خىيالىم بۇرۇنقى بەختلىك كۈنلەرنى ئەسلىتىدۇ ، ھازىرقى ماڭا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان رەھىمسىز رىياللىقىمغا دائىم قاراپ قورقۇپ يىغلايمەن . خۇشتار ، شۇ تاپتا سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ، دىليار تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ ئۇخلاپ قالدى . دىلنىگار قۇچىقىمدا مېنىڭ ئىسسىق باغرىمغا چىڭ يېپىشىپ مېنى ھوزۇرلىنىپ ئېمىۋاتىدۇ . مەن قىزىمنىڭ بۇدرۇق پۇتلىرىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم . دادام مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىپتىكەن ، ئانام شۇنىڭدىن كېيىن كېسەلچان بولۇپ قاپتۇ . ئانام مەن تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ياخشى بولالماي تۈگەپ كەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ دۇنيادا يەككە - يىگانە ياشىدىم . تولۇق ئوتتۇرىنى ياتاقلىق مەكتەپتە ، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىدە ، تاغامنىڭ ئانچە - مۇنچە يوقلاپ قويىشى بىلەنلا ئوقۇدۇم . ئەمما ، مەن باشقىلارنىڭ مېنى يېتىم دەپ ماڭا ئىچ ئاغرىتىشى ، ھېسداشلىق قىلىشىدىن قورقاتتىم . شۇڭا مەكتەپلەردە ، ئاتا - ئانىسى ھايات ، بەختلىك ساۋاقداشلىرىمدىنمۇ بەك جۇشقۇن ، خوشال ، مەغرۇر ياشاشقا تىرىشتىم . ئۆزۈمدىكى ناخشا ئېيتىش ، دۇتار چېلىشتەك سەنئەتكە خۇمار ئالاھىدىلىكىم بۇ روھىي ھالىتىمنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى . بۇ دۇنيادا خوشال ياشاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ، مېھرى - مۇھەببەتكەن ! مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ساۋاقداشلىرىمدىن مېھرى - مۇھەببەت تەلەپ قىلماستىن ، ئاۋۋال ئۆزۈمدىكى بارلىق خوشاللىقنى ، مېھرى - مۇھەببىتىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمدىكى كەم بولغان مېھرى - مۇھەببىتىمنى ، ئەتراپىمدىكى يېقىن كىشىلىرىم ئارقىلىق تولۇقلىدىم . خۇشتار ... خۇشتار ، سەن ماڭا ئاجايىپ خۇشتار بولۇپ نەچچە يىگىتنىڭ ئوتتەك مۇھەببىتى ئارىسىدىن مېنى تارتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ ؟ سېنىڭ شۇ چاغدىكى ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىڭنى ئېسىمگە ئالسام ، مەن بۈگۈنكى رىياللىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ... \'\' چىمەن ، مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن ! ... قەلبىمنى ئەبەدىل - ئەبەد ھېچكىم ئىگىلىيەلمەيدۇ ... \'\' بۇنداق دەپدەبىلىك سۆزلىرىڭنىڭ قايسى بىرىنى ئويلاپ بولاي ؟ ! ... ئەمما ، سەن سەنئەتكە قىزىقىدىغان سەنئەتكارلىقىڭ مەندەك قەلبى بىغۇبار پاك بىر يېتىم قىزنىڭ تۇنجى سۆيگۈسىگە ئېرىشىۋاپسەن . مەن بارلىق ساداقىتىم بىلەن سېنى سۆيۈپتىمەن . دوستلىرىمنىڭ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەپتۇ . مۇھەببەت كۆزلىرىمنى توسىۋالغان چېغى ... مەن ساڭا ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن . ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدا مېنى فاكولتېتتا ئېلىپ قالماقچى بولغاندىمۇ ، مەن ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن ساڭا ئەگىشىپ ، سېنىڭ يۇرتۇڭغا قايتىپ كەپتىمەن . خۇشتار بىلەمسەن ؟ مۇشۇ كۈنلەردىكى ئازاپلىرىمنى مەن ھىچكىمگە دىيەلمەي قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن .

سىرتتا يەنە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ . مەن سېنى كۈتۈپ ئولتۇرغىلى نەچچە سائەت بولغاندۇ ؟ ! سىرتتا ئاياغ تىۋىشىڭ ئاڭلاندى . ئەمما سەن ئۆيگە كىرمەي يەنە ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ كەتتىڭ . سېنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭ يىراقلاشقانسېرى مېنىڭ يۈرۈگۈمنى سۇغۇرۇپ كەتكەندەك بىلىندى ... توۋا مەن ئانامنىڭ تاۋۇتىنى جامائەت ئېلىپ ماڭغاندا مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولغان ئىدىم ... مانا ھازىرمۇ مەن يەنە بۇ دۇنيادا يەككە - يىگانە قالدىممۇ ؟ ! ... ياق ! يېنىمدىكى تاتلىق ئۇيقىدىكى ئوغلۇم ، باغرىمدا ماڭا مەھكەم يېپىشىپ تۇرغان قىزىم بار ، مەن ئەمدى يالغۇز ئەمەس ... مەن ئەرگە بولۇپمۇ ساڭا ئوخشاش ۋاپاسىز ئەرگە مۇھتاج ئەمەس ، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ياخشى كۆرۈش ! مەنمۇ بالىلىرىمغا ،ئەھمىيەتلىك تۇرمۇشقا ، ئالدىراش خىزمەتكە مۇھتاج ، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا ئۇلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە مۇھتاج ! مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ تۈپەيلى بەختلىك ئايال بولالمىغىنىم بىلەن مۇنۇ ئۇماق پەرزەنتلىرىمنىڭ مېھرىدە بەختلىك ئانا بولالايمەن .
يانۋار :
خۇشتار ، ئۆتكەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئەسلەشتەك بۇ خىل ئازاپنىڭ تەمى دەل تۇنجى ئىنتىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى . بىراق مەن پۇشايمان قىلمايمەن . بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇنداق قىسمەتلەرگە پۈتۈلگەندۇ . ئەمما بۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ماڭا بەكمۇ تەسكە چۈشىۋاتىدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە سېرىق چاچلىق ئورۇق قىزلارنى كۆرسەملا بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىدۇ ، قايسى كۈنى بازار ئارىلاپ كېتىۋاتسام ، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا قىرىق نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال كىچىككىنە بىر قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى . << سەن پاسكىنا مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالساڭ ، بالىلىرىمنى كىم ئوقۇتىدۇ ... >> ئادەملەر ئولىشىپ كەتتى . توۋا ، نىمە جاھان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . شۇ تاپتا مۇنۇ ئىككى ئايالغا ئىچىم ئاغرىدى . مۇنۇ ئىككى ئاجىز بىر ۋاپاسىز ئەر ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئەل - جامائەت ئالدىدا رەسۋا ھەم بىچارە قىلىپ نىمە قىلار ؟ بەلكىم ئاشۇ خوتۇننىڭ ئېرى بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل رول ئويناپ بۇلارنى ئۇسۇلغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە مۇنۇ بىچارە ئاياللار تازا ئازاپلىنار - ھە ؟ ئەمما يەنە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغىنى ئاۋۇ ياش چوكان ، چۈنكى ئاۋۇ ئايالنىڭ قولىدا ئەرنى ساقلاپ قالالايدىغان ھۆكۈمەت بەرگەن قىزىل توي خېتى ، ئۆيدە ئېرىنىڭ پۇشتى بولغان بالىلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئاۋۇ چوكانچۇ ؟ ھېلىقى ئەرنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسى ، يالغان ياۋىداق پەلسەپەسى ھەم كۈلكىلىك يىغىلىرى ... ئۇنداق پەلىپەتىش ئەرلەرنىڭ قولىدىن ئاشۇنداق ساددا بىر ئايالنى بىر ئۆمۈرلىك بەختسىز قىلىپ قويۇشتىن باشقا نىمە كېلەتتى ؟ ئاۋۇ ئايالغىمۇ ھەيرانمەن .... نەچچە يىل ئۆز قوينىدا ياشىغان ئېرىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى ئۈچۈن نومۇس قىلماي ، كوچىغا چىقىپ سازايى قىلىپ نىمە قىلار ؟ بۇ قىلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇ ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆز غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ نىمىمۇ قىلار ئىدى - ھە ؟ ! ... مەن شۇنداق خىياللارنى قىلىۋېتىپ ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم . توۋا ، مەنچۇ ؟ خۇشتارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۈن چىقارماي يۈرۈش ئالىجاناپلىقمۇ ؟ ! << باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ >> دېگەندەك سېنىمۇ ، ئۆزۈمنىمۇ ھەم ئاۋۇ سېرىق ئاسلاننىمۇ ئازاپلاپ نىمە قىلارمەن ؟ ! ھېلىقى كۈنى كېچىدە سەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولۇپ ، قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مەن سەندىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەن ئىدىم . شۇنىڭغىمۇ بىر ئاي بوپتۇ ... مەن ئاخىر سەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم .

خەير خۇشتار ، مەن ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە كۆمۈلۈپ قېلىشنى خالىمايمەن ، مەن سېنىڭسىزمۇ ناھايىتى خاتىرجەم بەختلىك ياشىيالايدىغىنىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن .

مۇھەببەتنى مۇھەببەت بىلەن بېسىش ، يۈرىكىمدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مۇھەببىتىمنى قۇرباى قىلىپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈم سوتقا بېرىپ سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم . سەن بىلەن توي قىلغان نەچچە يىلدىن بېرى خوشاللىق ۋە ئازاپلاردا بىرگە بولدۇق . بىر ئوغۇل بىر قىزغا ئاتا - ئانا بولدۇق . مېنىڭ ئوتتەك ۋە گۈلدەك چاغلىرىم سەن بىلەن ئۆتۈپتۇ . ئەمدى سەن ماڭا بەرگەن قەسەملىرىڭىدىن تېنىپ ، باشقا بىرسىگە ئاشىق بولۇپ يۈرسەڭ مەن ساڭا يېپىشىۋېلىپ نىمە ئىش قىلارمەن ؟ ! مېنىڭ ئەمدى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىقتا يۈز بەرگەن ئىشنىمۇ ھەم ئۆز ھوجرامدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ ئەسلىگۈم ھەم تىلغا ئالغىممۇ يوق .

25 - ئاپرىل تۇرپان

خۇشتار ، سەن شۇنى بىلگىنكى مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن ھەربىر قەدىمىمنى چىڭ دەسسەپ كېتىۋاتىمەن . نەچچە ۋاقىتتىن سېرىق چاچلىق ئايالنى كۆرسەم يۈرىكىم ئاغرىيتتى ، ھېلىقى كۈندىن كېيىن موتسىكلىتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام ، يۈرىكىم پەسكە تارتقاندەك چۆچۈيدىغان بولۇپ قالدىم . سېنىڭ نامەرتلىكىڭگە ھەيرانمەن . ئىشىك ئالدىمدىن سېرىق چاچلىق مەشۇقىڭنى ئارقاڭغا ئولتۇرغۇزۇپ موتسېكلىت بىلەن غۇيۇلداپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگىنىمدە ، يۈرەكلىرىم تىتما - تىتما بولۇپ ، خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتىم ! خۇشتار مېنى ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىغا ئەكىلىپ ، بۇنداق كۈنلەرگە قويغۇدەك مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان بولغىيتتىم ؟ ! ...

--- ئاپا ، دادام يەنە ھېلىقى خوتۇن بىلەن موتودا ئۆتۈپ كەتتى ! دىليارنىڭ يىغا ئارلاش مەيۈس ئاۋازى مېنىڭ يۈرەكلىرىمنى پارە - پارە قىلىۋەتتى .

--- جېنىم قوزام ، سېنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىڭمۇ ئاشۇ لەنىتى داداڭنىڭ قىلمىشلىرىغا چىدىماپتۇدە ؟ ! مەن شۇنداق ئازاپ بىلەن دىليارنى باغرىمغا باستىم .

--- بالام ھىچقىسى يوق ، داداڭ مېنى تاشلىۋەتكەن بىلەن سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ ، سىلەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ .

خۇشتار ، مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ قەلبىدىكى دادىسىنىڭ ئوبرازىغا توپا قونۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم . سەن بالىلارنى بولسىمۇ سۆيگىن ! خۇشتار ، ئائىلىدىكى ئىشلار ، مەكتەپتىكى ئالدىراشچىلىق ، كۆڭلۈمدىكى پاراكەندىچىلىك بىلەن يېقىندىن بۇيان ئەينەككە سەپ - سېلىپ قارىماپتىمەن . قارىغىنە ئەينەكتىكى ئاشۇ مەنمۇ ؟ بىر چاغلاردا مەكتەپنىڭ سەھنىلىرىدە گۈلدەك چىرايىم ، يېقىملىق ئاۋازلىرىم ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا ئۆتكۈزگەن شېئىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىلىرىدە يازغان شېئىرلىرىمنى جاراڭلىتىپ دىكلاماتسىيە قىلىپ ، يىگىتلەرنىڭ غايىۋانە ئاشىقىغا ئايلانغان ، قاراكۆز ، قاراقاش ، قارا تەبىئى بۈدرە چاچ ... زىلۋا بوي مەڭزىلىرىمدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان چىمەنگۈل شۇمۇ ؟ ! تۈگىشىپلا كېتىپتىمەن . ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن دەرس ئاڭلىغىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىزدىن بىر يىل يۇقۇرى ئەدەبىيات سىنىپىدىكى ئەكپەر ئېسىڭدىمۇ ؟ ئۇ مېنى تونۇيالماي قالغىلى تاس قالغانلىقىنى دىمىگەن بولسا ، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچە ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيدىكەنمەن ...

--- چىمەنگۈل ، بۇ يەردە بەكمۇ نابۇت بولۇپ كېتىپسىز ... ئۆز ۋاقتىدا ئەجەپمۇ ...

--- قىزلار قىز پېتى تۇرىۋېرەمتى ؟ ئانا بولغاندىكىن چوقۇم ئۆزگۈرىمىز - دە ؟ بالىلىرىم كىچىك ، شۇڭا ئازراق ئورۇقلاپ كەتتىم ، بۇنىڭلىق بىلەن نابۇت بولۇپ كەتمىگەندىمەن ؟ -- دېدىم ، ئۇنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك سۆزلىرىنى بۆلۈپلا !

--- ياق ، سىز مەكتەپتىكى چاغدا ، ھەر جەھەتتىن بەك قابىلىيەتلىك ئىدىڭىز ... بۇ يەردە ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشتىمۇ ...

--- تەقدىر پىشانە دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ ... ھېچقىسى يوق ، مەن يەنە كۆڭۈلۈك ياشاپ كېتىۋاتىمەنغۇ ؟ !

خۇشتار ، مەن بىر چاغلاردا ياراتمىغان ئەكپەر ئەمدى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ، تەقدىرىمگە ئەپسۇسلانغاندا ، تېشىمدا كۈلۈمسىرىۋاتقان بولساممۇ ، يۈرىكىم ئۈنسىز ئۆكسىيتتى . سەن مېنى ئاجايىپ بىچارە قىلىپ قويدۇڭ ھە ؟ !

ئەينەككە قارپ ئولتۇرۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم . چۈنكى مەن ئەكپەر تونۇيالمىغۇدەك ئۆزگۈرۈپ كېتىپتىمەن . يىغلاپ ئىچىم بوشىغاندىن كېيىن ، چاچلىرىمنى تاراپ ، يۈزلىرىمدىكى داغلارنى يېپىش ئۈچۈن ، ئازراق ئۇپا سۈرتۈپ ، لەۋلىرىمگە لەۋ سۈرىغى سۈرتىۋېتىپ ، ياتاق ئېسىمگە كېلىپ قالدى . ياتاقتا ئەتىگەنلىكى قىزلار ئەينەك تالىشىپ كېتەتتۇق .

--- چىمەن ، سەن گىرىم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ ، -- دەيتتى رەھىمە .

--- نىمىشقا ؟ -- دېسەم

--- سېنىڭ گىرىمىڭ ئۆزۈڭ بىلەن تۇرسا ؟ ...

مانا ئەمدى ئەينەكتە ھېلىقى رەڭلىك چىمەن قېنى ؟ خۇشتار ، بەك چارچاپ كەتكەن بولسام كېرەك ، تۈنۈگۈن ئىش ئۈستىدىلا ئايلىنىپ كېتىپتىمەن . بىر چاغدا ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا ياتىمەن . شۇنىڭ بىلەن مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم . بالىلارغا خوشنام قاراۋاتىدۇ ، مەن دەرىزە تەكچىسىدىكى ئاشۇ ئەتىرگۈلگە قاراپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق خىيال سۈرىمەن . بۈگۈن تەكچىدىكى گۈلگە قاراپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم . چۈنكى ئۇ گۈل سولىشىشقا باشلاپتۇ . ئۇنىڭ نەچچە تال گۈل بەرگى پەستە تۇرىدۇ . مەنمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشۇ گۈلدەك سولىشىشقا باشلىدىم . توۋا ، دوختۇرخانىغا كەلمەستە ساقلا ئىدىم ، ئەمدى ئوكۇل - دورىلار بىلەن كېسىلىم ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ نىمە ؟ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئۆيدە ئىككى بالام ، مەكتەپتە يەنە ئوتتۇز نەچچە ئوقۇغۇچۇم ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرسا ، مەن بۇ يەردە يېتىۋېرەمدىمەن ؟ مەن چىقىپ كېتەي .

--- سىز چىقىپ كېتىشنى ئويلىماي ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەك ، -- دېدى دوختۇر كەسكىنلا . پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ...

--- نېمە دەيسىز ، دوختۇر ، مەندە باشقا كېسەل ...

--- ياقەي ، تېخى ئېنىق ئەمەس ، ئاشقازىنىڭىزدا بىر داغ ئېنىق ئەمەس ...

مەن ئۈن - تىنسىز ئوڭدامدا ياتاتتىم . شۇ تاپتا ھېچنىمىنى ئويلىيالمايتتىم . پەقەت ئاشۇ بىچارە بالىلىرىم ...

--- چىمەنگۈل ، ئاخشامنىڭياقى دىليارجان ئۆيگە كەلمىدى ، ئىزدەپ بارمىغان يېرىم يوق ، ئاخىر بولماي بۇ يەرگە كېلىشىم . قوشنام ناھايىتى ئەنسىز ھالدا ئالدىمدا تۇراتتى .

--- نىمە ؟ دىليار يوق ! پۈتۈن جاھان پىرقىراپ كەتتى ... مەن بالامنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتىم .

خۇشتار ، ئوغلۇم دىليارنى ئىزدەپ گۇاڭجۇغا كېتىۋاتىمەن ، ئەگەر ئوغلۇمنى تاپالمىسام قانداق قىلارمەن ؟ ...

20 - سېنتەبىر تۇرپان
داۋامى بار


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:47 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 03:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن،ئوقۇۋېتىپ كۆز ياشلىرىمنى توختۇتالماي قالدىم.
«ماڭا يول باشلايدىغان يەرلەردە ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان ، مېنى ھۆرمەتلەيدىغان چاغلاردا ماڭا ئازار بېرىدىغان ئۇنداق ئەرگە قانداقمۇ ئايال بولارمەن ؟ بۇ ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغىنىم ، ئۆز قىممىتىمنى يەرگە ئۇرغۇنۇم ئەمەسمۇ ؟ »
ھازىرقى قەلبىدە ئېتىقاد-ئىمانى بار ،ساپاسى بار ئاياللارنىڭ ئۇچۋراۋاتقان قىسمىتىمىدۇ ؟؟؟ بۇ خۇددى  قەلبى ئويغاق ئاياللارلا ئويلاپ يەتكەن ئىدىيىمىدۇ؟! توۋا دىيىشتىن باشقا  گەپ دىيىشكە  ئاجىزلىق كەلدىم.چۈنكى بۇ«ھەقنى تونۇشتا كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان،ھەقنى چۈشەنمەيدىغان،چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدىغان،ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەقنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىدىغان ، يول باشلايدىغان يەرلەردە  ئازار  قىلىدىغان ئەر بىلەن بالىلارنىڭ بەختىنى دەپ قۇربانلىق بېرىپ  تۇرۇپ  بىرگە ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى بالىلارنى يىتىم قىلىپ چىقىپ كېتىش كېرەكمۇ؟ \".
«چولپان»نىڭغۇ بالسى يوقكەن،ئەمما بالىسى بولغان بولسا يەنە مۇشۇنداق قارار چىىقىرىشقا پېتىنالىغان بولاتتىمۇ؟؟! چولپاننىڭ تەقدىرى نۇرغۇنلىغان ئاياللىرىمىزنىڭ ھازىرقى تەقدىرىگە نىمە دىگەن ئوخشىغان ھە؟؟ لېكىن چولپاندەك قارار چىقىرىشقا ئاجىزمىز، چۈنكى مەن زۇلۇمدىن قۇتىلىمەن دىگۈچى  بالىلىرىنىڭ تەغدىرىدىن ئەنسىرەيدۇدە! . مەن ئويلايمەن  ھازىر زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەن بىر ئادەم بولسام مەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى پەرزەنتلەر بوپ قالسىچۇ؟!،ھىسابلام كۆرسەم بىر كىشىنىڭ ئۇچرىغان زۇلىمى پەرزەنتلەرنىڭ ئۇچرىغان زۇلۇمىدىن ياخشىراق بولامدۇ نىمە؟ زادى قانداق قىلسا بولار؟
ھەقىقەتەن كۆڭۈلدىكى ئېيتالماي يۈرگەن ،قانداق قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تونۇشقا كەلمىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىنچىكە تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغان  نادىر تېما بوپتۇ. مۇمكىن بولسا مۇشۇ تور بەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  مۇشۇ ھالەتكە نىسبەتەن بىر داۋالاش تەدبىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىكەن دىگەن ئۈمۈتتەمەن.
داۋامىغا تەشنامەن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 03:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئىشلار مانا مۇشۇنداق جاپا -مۇشەققەتلەر ئىچىدە ئۆتىدۇ،رەببىنى تونۇپ شۇ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى بىلەنلا ھايات گۈزەل،تۇرمۇش مەنىلىك.
ئېتىقاد بولمىغان ئاياللار  غەم قايغۇسىنىيوقۇتۇشنى  مەس قىلغۇچى ئىچىملىكتىن ئىزدىسە ،ئېتىقادلىق ئايال ئەلبەتتە غەم- قايغۇسىنى  ئىبادەتتە ،ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا  ئاللاھ بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ ،غەم-قايغۇلىرىنى ئاللاھقا  تارتىماي دەپ ،تىلەپ روھى ئوزۇق ئېلىپ ئۆتكىزىدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ ئۇلارنىڭ زور بايلىقى.
مېنىڭ كالامدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش ،جەمىيەتتە ھە دىسىلا  ئاشۇ بىچارە ئاياللىرىمىزغا تىل تەككۈزىمىز،ھاقارەتلەيمىز،مەسىلىنىڭ زادى قايەردە ،قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاز باش قاتۇرىمىز.ئەلبەتتە ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش كېرەك،ئۆزگەرتىش كېرەك،لېكىن بىز ئويلاپ باقتۇقمۇ شۇ ئاياللار ئۈچۈن ،پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا ھىساب بېرىدىغان شۇ ئەرلىرىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ باقايلى! شۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ،ئاياللىرىنىڭ ئالدىدا،پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟ جەمىيىتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئاجىزانە ئاياللىرىمزىغىلا يۈكلەپ قويساق ئادىللىق بولارمۇ؟!
مېنىڭچە تۈزۈتۈشكە توغرا كەلسە ئەڭ ئاۋۋال ئەرلەرنى تۈزەتمەك تولىمۇ زۆرۈردۇر.بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەر-ئايال ئىككىلىنىڭلا ئېتىقادا ،ئەخلاقىنىڭ توغرا ۋە گۈزەل بولۇشى شۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پۇتمەس بەختى.ئايال لاياقەتلىك بولالمىسا ئىدى ئەر ئۆز ئېتىقادى ۋە ئەركەكلىك غۇرۇرى بىلەن ئەلبەتتە ئايالنى ئۆزگەرتىپ كېتىشكە قۇربى يېتىدۇ،ئەمما ئەرنىڭ ئېتىقادى ،ئەخلاقى ناچار بولسا  ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى پەقەت ئىلگىرى كېيىنلىك مەسىلىسى خالاس.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 15:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم :

مەن ئۆزۈم تۇرمۇشنىڭ ئۇنداق ئىسسىق - سۇغۇقلىرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن بولساممۇ . بۇئەسەرنى ئۇقۇغاندىن كىيىن تۇرمۇشتا نىمىلەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈپ يەتتىم .
مەن باشقا قېرىناشلىرىمغا شۇنى تەۋسىيە قىلماقچى : ئىككى كىشى تۇرمۇش ھاياتىدا بىر - بىرىنى ياخشى كۈرۈشتىن باشقا يەنە ، ئىككىلا تەرەپتە ھەقىيقى ئىسلامى ئىتقادى كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى ئىسلامنىڭ روھىدىن مەھرۇم بولسا  ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ، ئۇلاربىر - بىرىنى ئوتتەك - سۇدەك ياخشى كۈرۈپ كەتسۈن يەنىلا ھەقىيقى بەخىتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى . مانا سىلەرمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ئىنساننىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق چەكلىكەنكى ، ۋاقتى كەلگەندە قۇلىدىكى تائامىنى ئېغىزىغا ئاپىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ ، ئىنسان تۇرمۇشىدا ھەقىيقى بەخىتنى ۋە ھەقىيقى بەخىتسىزلىكنى ھىس قىلىمەن دەيدىكەن ، ۋە شۇ بەختكە ئىرىشىمەن دەيدىكەن ئالدىنقى شەرتى ئىسلامنى ھەقىقى ماھىيتى بىلەن قۇبۇل قىلىشى كىرەك .
ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا جاپا مۇشەققەتلەرمۇ ھۇزۇر ھالاۋەت بىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ .
ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ھەممە نەرسە ئوڭ - تەتۈر بۇلۇپ ، نىمىنىڭ بەخت نىمىنىڭ بەختسىزلىك ئىكەنلىكىنى  بىلەلمەي   قارغۇلارچە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئاقىۋەتتە بولسا پۇشايماندىن باشقا يەنە ئازاپ - ئۇقۇبەتلەرگىمۇ دۇچاربۇلىشى مۇمكىن .

مىھىربان اللە بارلىق ئىسلام سۈيەر قېرىنداشلارنى ھەقنىڭ جاپامۇشەققىتىدىن قورقمايدىغان روھ قا مۇيەسسەر قىلغاي ....امين


ششۇنداقلا بۇئەسەرنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغان قېرىندىشىمغىمۇ اللە تىن خاتىرجەملىك تىلەيمەن .......امىن
قايتماس ئىرادە

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 19:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست) (17)

گۇاڭجۇغا كەلگىلى بەش ئايدىن ئاشتى ، پۇللىرىم تۈگەپ ، بىر ئاشخانىغا ياردەملىشىپ ئىشلەۋاتىمەن . توۋا ، سەن ئوغلۇڭدىن ئەنسىرەپ قويۇشىڭ كېرەك ئىدىغۇ ، تېلېفۇن قىلىپمۇ قويمىدىڭغۇ ؟ ھەيرانمەن ، ساڭا بەك نەپرەتلىنىۋاتىمەن ، ۋىژدانىڭ ئالدىدا شۇنداق ۋەدە قىلىمەنكى ، سەن مېنىڭ بېشىمغا سالغان بۇ روھىي سەرسانلىقنى ، بۇ ئازاپلارنى ، كۆز ياشلارنى ... ئاللاھ بىر كۈنى ساڭىمۇ كۆرسىتىپ قويىدۇ . ئەگەر سەن ئەركەك بولغان بولساڭ ، بۇرۇنقى سۆيگەن ئادىمىڭدىن ، ئىككى بالاڭنىڭ ئانىسىدىن كەچسەڭمۇ ، ئۆز پۇشتۇڭدىن كەچمەسلىكىڭ ، تانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى . ئەمدى قەلبىمدە ساڭا پەقەت نەپرەتلا قالدى ... مۇشۇ كۈنلەردە ئ رەھمەتلىك ئانام تولا چۈشۈمگە كىرىپ مېنى يېنىغا چاقىرىۋاتىدۇ ، مەن دائىم تەييارلىقىم يوق ، مەنتەييارلىق قىلىۋالاي دەپ ئويغۇنىپ كېتىمان ... چۈشىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم چاقىرىپ چۈشىسە ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ ئاڭلايتتىم .ئەگەر شۇنداق بولۇپ ئەجىلىم توشۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرىممۇ پۈتمىدى ئۇ دۇنيانىڭمۇ ھېچقانداق تەييارلىقىنى قىلالمىدىم . ساڭا ئەقىدە قىلغىچە ،ساڭا مۇھەببەت باغلىغىچە ،سەن ئۈچۈن ياش تۆككىچە ، ياراتقان ئىگەمنى سېغىنسامچۇ؟ گۇناھلىرىمنى تىلەپ ئاللاغا يىغلىسامچۇ ؟ ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرى بويىچە ئېتىقادىم بىلەن ياشىغان بولسامچۇ ؟! ئەمدى ۋاقتىم توشۇپ قالغاندەكلا ،ئالدىراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن   گۇاڭجۇ 10 - فېۋرال

ئىستەكلىرىم تۈگىدى خوراپ ،
كۆڭلۈم قالدى ئارزۇلاردىن ھەم .
سۆيگۈ بېغىم قالدى قاغجىراپ ،
ھەسرەت ئەلەم قىينار دەممۇدەم .

بەخت ھىدىنى ئەپقاچتى قۇيۇن ،
تۇرمۇشۇمدا نە لەززەت نە تەم .
مەھبۇبەڭدىن كەپسەن يول سوراپ ،
ئىنتىزار بولۇپ كۈتەر ئۇ سەنەم .

پەرزەنت تۇرار يولۇڭنى توراپ ،
سېرىق يۆگەي سەن ئۈچۈن بىر غەم .
پىشانەمنى شور قىلدى قىسمەت ،
نادامەتكە بولۇپ كەتتىم يەم .

ئىخلاسلىرىم كەتتى ھالسىراپ ،
كۈكۈم - تالقان بولدى ئەقىدەم .
ئۈمىدلىرىم ياتار قانسىراپ ،
غۇلاپ كەتتى كۆڭۈل ئابىدەم .

مۇخلىسلىقىم ئەسلىتەر سېنى ،
دىلدا گۇمران بولغان مەھبۇبەم .
ئاچا يولدا تۇردۇم گاڭگىراپ ،
پۇتلىرىمدا كېسەكلىرىڭ نەم .

ئۆلدى قەلبىم چېكىپ ئىزتىراپ ،
تۇيۇق يولدا قالغان ئۇ جەسەت .
كۆمدۈم بۈگۈن قىساسقا ئوراپ ،
سەن قازغان گۆر پۈتكىلى نەۋاق ! ...

خاتىرىنىڭ داۋامى يېزىلمىغان ئىدى . خاتىرىنى يېپىپ قويۇپ كۆڭۈلسىز بىر ھالەتتە ئولتۇردۇم . ئىشىك چېكىلدى .
--- مېنى كەچۈرۈڭ چولپان ھەدە ، مەن زادىلا بىلمەپتىمەن ، تۈنۈگۈن بىزنىڭ چايدىكى چوكانلار سىزنىڭ مۇرات ئاكام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئېيتقاندا مەن ئىشەنمەستىن : << توۋا دەڭلار ئۇلارنىڭ ئائىلىسى شۇنداق تېنچ ، بىرەر قېتىم چىنە - قوشۇق ئۇرۇلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، قوشنا بولغان نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلار بىزنىڭ جىدىلىمىزنى ئايرىپلا كېلىۋاتىدۇ >> دەپتىمەن . بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈۋېتىپ سىڭلىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ، بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلىپ ھەيرانلىقىمنى باسالمىغان ھالدا بۇ يېڭى ئۆيىڭىزگە سىزدىن ھال سوراپ كېلىشىم . چولپان ھەدە ، مۇرات ئاكام شۇنداق يۇۋاش تۇرسا ، نىمىشقا ئاجرىشىپ كەتتىڭىز ؟ -- قوشنام كۆزلىرىمگە تىكىلدى .
بۇ مەن ئاجراشقاندىن بۇيان ئۇچرىغانلا ئادەمنىڭ بەشىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنىڭ سورىغان سۇئالى ئىدى .
--- جىنىم سىڭلىم ، بۇ سىزگە ئوخشاش بىر تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچىكىنى تېتىغان ئادەملەرنىڭ سورايدىغان سۇئالى ئەمەس ئىدى ، ئەمما سوراپ قالدىڭىز جاۋاپ بېرەي ، مەن قىز چاغلىرىمدا ھېلىغۇ ئېرىدىن ئاجرىشىشكەن ھەتتا يۈرگەن يىگىتىدىن ئايرىلىپ ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا ئىش - پەش تارتىشىپ يۈرگەن قىزلارنىمۇ يامان كۆرەتتىم . ئۆزۈممۇ شۇ بىر يىگىتنىلا ياخشى كۆرۈپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئەمما ، پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن تەغدىر - قىسمەت سىزنىڭ ئارمانلىرىڭىزغا باقمىسا نىمە ئامال ، مانا ئەمدى مەن ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل خوتۇن بولۇپ قالدىم . سىز دەپ بېقىڭە كىم كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى خالايدۇ ؟ -- دېدىم .
--- ئۇ دىگىنىڭىزغۇ ھەق ، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز ، مەن يولدىشىم بىلەن ئاتا - ئانىمىز قوشۇلمىسىمۇ ئۇنىماي توي قىلغان ئىدۇق . ئون يىل بوپتۇ ، ئۇرۇشتۇق ، تالاشتۇق ، ھەتتا تاياقلىرىنى يەپمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىدىم ، ئويلىسام ئۇ مەست بولۇپ قالغاندا مېنى رەنجىتكەن بىلەن ئوڭشالغاندا يەنە كۆڭلۈمنى ئېلىۋالىدىكەن ، -- دېدى قوشنام ئكز تۇرمۇشىدىن رازى بولغان ھالدا .

--- ھە ھاراقكەش ، ھېلىقى كۈندىن كېيىن قانداقراق ، -- دېدىم ئۇنىڭ ھېلىقى كېچىدىكى مەست ھالىتىنى ئېسىمگە ئېلىپ .
--- ۋاي جېنىم ھەدە ، ئەركىشى دىگەنچۇ تومۇرچى بولىدىكەن ، شۇنىڭدىن كېيىن يىپتەك ئوڭشىلىپ كەتتى ، بەزىدە بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ قويىمىز دەڭە ، ھاھاھا ...
قوشنامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ قىزىمنى ئۇخلاتقاچ ، بۇنى زۇمرەت دىگەندەك راست زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ ئويلاپ قالدىم .
مەن يەنە ئىشخانام بىلەن يېڭى ئۆيۈم ئارلىقىدىكى يولدا خىياللىرىم بىلەن بېرىپ كېلىۋاتقىلى بىر يىل بولۇپ قاپتۇ . ئەمدىكى خىياللىرىمدا بۇرۇنقىدەك  رومانتىك ئارمانلار ياكى ئۆتۈپ كەتكەن بەختسىز كەچۈرمىشلىرىم ئۈستىدە ئەمەس ، يارالمىشىم توغرىسىدا  مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن ؟. مەن راستلا مۇسۇلمانمۇ ؟ مۇسۇلمان ناماز ئوقۇپ روزا تۇتسىلا مۇسۇلمان بولامدىغاندۇ ؟قانداق قىلغاندا زۇمرەت دېگەندەك مۆھمىن مۇسۇلمان بولغىلى بولىدىغاندۇ ؟دېگەندەك سۇئاللار ئۈستىدە توختىماي پىكىر قىلىدىغان ،بولۇپ قالدىم . .ئەمدى  بۇرۇنقىدەك رېستۇرانلارغا چايلارغا ،ۋالىسلارغا قىززىقمايدىغان ،بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندەك مەنىسىز بىلىنىدىغان ، دۇنيادا بەك يالغۇز قېلىۋاتقاندەك ، كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەيدىغان مېنىڭ سۇئاللىرىمنى يېشىپ بېرەلەيدىغان بىر سۆھبەتداشقا مۇھتاج بولىۋاتاتتىم . . يالغۇزدەك خىيال بىلەن كېتىۋېتىپ كېچە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەپ قالدىم .
سەھەر چۈشۈمدە يەنىلا قىزلار بىناسىنىڭ 324 - ياتىقىدا قىزىل كىليۇنكا داستىخان سېلىنغان ئۈستەلدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىۋاتقاچ ۋىچىرلاپ سۆزلىشىۋاتقىدەكمىز . << يازغۇچى بولسا ئاشۇ كەرىمە نادىردەك بولسا ، نەچچە كۈندىن بېرى < سامان يولى > نى ئوقۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم >> ، -- دېگۈدەك رەھىمە ئويماقتەك ئاغزىنى چىرايلىق ھىمىرىپ تۇرۇپ ، << يائاللا ، بىچارە تۇغقىنىم كەرىمەنىڭ مۇشۇ ئەسىرىگە شۇنچە  قىلغىنىڭغا قارىغاندا ، مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنسا كىتاۋىمنى قوينۇڭغا سولاپ ياتامسەن نىمە ؟ >> دېگۈدەك چىمەن چىرايلىق كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ . << ئىشقىلىپ يازغۇچى بولساڭ چوقۇم كەرىمە نادىردەك يازغۇچە بول جۇمۇ ؟ >> دېگۈدەك رەھىمە . << نىمىشقا ئۇنداق بولغۇدەكمەن ؟ مەن ئۆزۈمدەك يەنى چىمەنگۈل مۇھەممەتتەك يازغۇچى بولمامدىم ! >> . << قىزلار بولدى گەپ تالاشماڭلار ، سائەت توشتى دەرسكە ماڭايلى ، مېنىڭ ئايىغىم يوققۇ ؟ قايسىڭلار ... مەن شۇنداق ئالدىراش ئايىغىمنى ئىزلەۋاتسام ، -- چولپان سېنىڭ ئايىغىڭنى مەن كىيىۋالغانتىم ، ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي ، دەپ رەھىمە قولىدا مېنىڭ ئاق توپلىيىمنى ماڭا سۇنۇۋاتقۇدەك ...
   _ چولپان سەن قېنى ؟ مەن ئاياقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە قارىسام زۇمرەت ئاپپاق كۆڭلەك كىيىپ كىرىپ ماڭا : - قارا ماۋۇ ياغلىقتىن  ياخشى كۆرۈپ ئالغانتىم ساڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كەلدىم چىگىپ باقە ،ساڭا تازا يارشىدۇ دەۋاتقىدەك مەن ياغلىقنى  قولۇمغا ئالغاچ :
  _ توۋا نەچچە كۈندىن مۇشۇ ياغلىقنى  ئالىمەن دەپ تاپالمايۋاتاتتىم دەپ ياغلىقنى  قولۇمغا ئېلىپ  شۇنداق خوش بولغىدەكمەن .
    دەل شۇ چاغدا سائەت جىرىڭلاپ كەتتى ، بىز ئالدىراش سىنىپقا ماڭدۇق . ياق ئەسلى ئۈستەل سائىتىم مېنى ئويغىتىش ئۈچۈن ... ئەستاغپىرۇللا ، سائەتنى نىمىشقىمۇ ئويغىتىدىغانغا توغرىلاپ قويغان بولغىيتتىم ؟ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان گۈزەل داشۆ ھاياتىمنى ناگان - ناگاندا شۇنداق چۈشەپ قالىمەن . شۇنداق چاغلاردا مەڭگۈ ئويغانماي ئۇخلىسامچۇ ؟ زۇمرەتنىڭ ياغلىق  بەرگىنى ،رەھىمەنىڭ ئايىقىمنى قايتۇرغىنى .قىززىق چۈش بولدىغۇ بۇ ھەممىسى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇ .ئىشخانىگە كىرىشىمگىلا خىزمەتدىشىمنىڭ :
    --- چولپان ھەدە سىزگە خەت كەپتۇ ، -- دېگەن ئاۋازى كۈتۈۋالدى . خەتنى قولۇمغا ئېلىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم . كونۋېرتتا ماڭا ناھايىتى تونۇش يوغان ئۇستىخانلىق تونۇش پۇچۇركا يەنى سۇباتنىڭ ئىسمى تۇراتتى . كونۋېرتنى تۇتقان قوللىرىم سۇس تىترەپ كەتتى . خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم
:

  داۋامى بار

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:50 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-8 20:44:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام چولپان ، ئامانمۇ سەن ؟ شۇ تاپتا قەلەم تۇتقان قوللېرېم سۇس تېترەۋاتېدۇ . ساڭا گەپنې نەدېن نېمىدىن باشلاشنې بېلمەي ، ئۇزۇندېن - ئۇزۇن ئويلاندېم . چولپان مەن بېر ھەپتېنېڭ ىالدېدا ئۈرۈمچېگە بېر ئىش  بېلەن بېرېپ دېلشادتىن سېنېڭمۇ يولدېشېڭدېن ىاجرېشېپ ، يالغۇز تۇرېۋاتقېنېڭغا بېر يېلدېن ئاشقانلېقېنې بېلېپ قۇلاقلېرېمغا ىېشەنمەي قالدېم .
--- چولپان راستتېنلا ...
--- شۇنداق ، ئۇ بۇلتۇر چېمەننېڭ ئۆلۈمېگە كەلگەندېلا ئاجرېشېش ئۈچۈن سوتقا چۈشۈپ بولغان ئېكەن ، -- دېدې دېلشات .
--- نېمېشقا ماڭا دېمەيسېلەر ؟ -- دېسەم دېلشاتمۇ ، سەنچۇ ؟ سەن نېمېشقا رەھېمەدېن ئاجرېشېپ كەتكىنېىڭنې ئېنېق دېمەي ، ىۇنې چەتكە تۇققان يوقلېغېلې چېقېپ كەتتې دەيسەن ؟ -- دەپ رەنجېدې .
--- چولپان &lt;&lt; ئادەم ىەسلې ئۇلۇغ ئەمەس ، ئازاپ ، ھەسرەتنې ، مۇشەققەتنى يېڭەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ &gt;&gt; دېگەن ئىكەن بېر ئاقېل . دېمىسىمۇ شۇنداق ئىكەن ، ياخشې كۆرۈشمۇ بېر ىازاپلېق كەچمېش ، شۇ ئازاپلېق ھېجرانلارنى باشتېن كەچۈرگەندىلا ھەقىقې چىن مۇھەببەت مۇقامىغا يەتكىلې ، بەختنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدىكەن ، ئەجرىسىز ، رېيازەتسىز ، جاپاسىز ئېرېشكەن ، ئازراق بوران - چاپقۇندېن قاچقان مۇھەببەت قۇم ئۈستېگە سالغان ئۆيدەك ئۆمرى كۆتە بولىدىكەن . رەھىمەنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتې چىن بولمىغانلىقې ىۈچۈن بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي گۇمران بولدې . بۇنېڭدا مېنېڭمۇ سەۋەنلېكېم بار . چۈنكې مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم ، ىۇنې سىنېڭ ئورنۇڭغا قويالمىغانلىقېمدېن بولدى.
چولپان ، مەن تۇرمۇشۇمدېن ئۈمېد ئۈزگەن ، بەلكېم بېر ئۆمۈر مۇشۇنداق تەنھا ياشاپ كېتېدېغاندەك خېيالدا ئېدېم . ئەمما دىلشاتتىن سېنېڭمۇ يالغۇز ياشاۋاتقانلېقېڭنې بېلگەن مېنۇتتىلا قەلبىمدە ئاجايېپ بېر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ۋە قىزغىلىق ئويغاندې . شۇندېلا مەن ىۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتمىگەنلىكىمگە ئىشەندېم . شۇ ھامان يېنېڭغا بارغۇم سەن بېلەن نەچچە كېچە مۇڭدېشېپ ئۇيقىسىىز كېچىلەرنى تاڭلارغا ئۇلېغۇم كەلدې . ئەپسۇس ، ئارلېقېمېزدا ئون بېر يېل ىۆتۈپ كېتېپتۇ . مەن سەل تەمتېرەپ قالدېم . چولپان نەچچە يىللاردىكې ئاچچېق ئەسلىمىلەرنى ئارقىمىزغا تاشلاپ ، شۇنچە يېللاردېن بۇيان زارېقىپ كۈتكەن گۈزەل بەختېمىزنى ، ئۆتۈپ كەتكەن يېللارنىڭ ئورنېنې تولدۇرايلې .
چولپان ، خەتتىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا بىر قارىغىا ، ھەتتىگىنەي  خەت يەنە يېرىم دىدارلىقىنې قىلدى -دە ، بولمىسا ئاشۇ ئاپەت تېرىغۇچى كۆزلىرىڭدىن مەن سىنىڭ  نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالالايتتىم .
قولۇڭنې چېڭ سېقېپ سۇبات
            مەن خەتنې ئوقۇپ بولۇپ خۇددى چۆرگىلىتىپ تاشلېۋەتكەن ئادەمدەك گاڭگېراپ ئولتۇرۇپ قالدېم . سۇباتمۇ بەختسېز بولۇپ قاپتۇ - دە ... مۇشۇ دەقېقىدە يا كۈلۈشۈمنې يا يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم . ئادەمنې تۇيۇقسىز كەلگەن خاپىلىقمۇ ، خوشاللېقمۇ ئوخشاش گاڭگېرېتېپ قويىدېكەن . سۇبات ، سۇبات ، مەن بۇ ئىسىمنى قاچاندىن بېرى قانچە قېتىملاپ زىكرى قىلغاندىمەن_ھە؟ ئۇ ماڭا كەڭ قۇچاق ئېچڭپ كېلىۋاتسا ، نېمىشقا خوشال بولمايمەن ؟...ئەمدې بىزنىڭ بىرگە ياشىشېمىزغا ھىچكىم ۋە ھېچنېمە توسقۇنلۇق قىلمايدېغۇ ؟ قولۇمغا تېلېفۇننى ئېلېپلا ىۇنېڭ ئاۋازېنې ئاڭلاپ باقايمۇ ؟ ئاڭلېغۇم يوقمۇ ؟ بار ، شۇنداق ىاڭلېغۇم بار ، ئەمما ... ىۇنى ئۇنتۇپ كەتتېڭمۇ ؟ ياق مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمېدېم ... ئۇنېڭغا دەيدېغان سۆزلېرېڭ يوقمۇ ؟ بار ، مەن قانچىلېغان قېتىم ئۇنېڭ بىلەن چىلان رەڭگې چاينې دەملەپ ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئۇزاقتېن - ئۇزاق مۇڭدېشىشنې ، ئۇنېڭغا قەلبىمدە تولۇپ كەتكەن مۇڭلىرېمنې يىغلاپ ھەم كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرېشنې ئويلېغان ؟ ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ماڭغان ئۇزۇن كوچېلارنى گەپ ئارىقىدا مېنى تېرىكتۈرسە ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يېنىڭ مۇشتلاپ ئەركىلەشلىرىمنى ، بىرەر خاپېلىقلارغا دوچ كېلېپ ھال ئېيتسام ، سالماق تەلەپپۇزدا تەسەللې بېرىشلىرىنى  ، كەينىدىن پو ئېتېپ كۈلدۈرۈپ خاپېلىقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۋېتىشلىرىنى ... مەن تىخى ىۇنتۇپ كىتەلمىدىم . شۇنىڭغا قارىغاندا مەن ئۇنىڭ بېلەن خىيالىمدا بىرگە ياشاپ كۆنۈپ قاپتېمەن . مەن قايسې بېر كېتاپتېن خاتېرەمگە كۆچۈرېۋالغان &lt;&lt; ئارزۇ مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدېغان گۈزەللىك ئېلاھې ، ئۇ بىز ئېرىشەلمېگەنلىكىمىز ئۈچۈن گۈزەل ، ئېنتېلگىنىمىز  ئۈچۈن شېرېن ، ئەمما بېز ئېرىشەلمىسەكمۇ ، يېقېنلىشالايمىز &gt;&gt; دېگەن سۆزلەر ئېېسېمگە كېلېپ قالدې . ئادەم خوشال بولسىمۇ قايغۇرسىمۇ ھامان يېقىن دوستلىرىنى سېغىنىدۇ . شەخسەن مەن خوشاللېق ھەم خاپېلېقتا دوستلېرېم بېلەن ئورتاقلىشىشنى تۇرمۇشىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنې دەپ قارايمەن . خوشاللېقنې كۈلكەم ، خاپېلېقنې يېغام بېلەن قوبۇل قېلېپ ئادەتلېنېپ قاپتېمەن . بۈگۈنكى بۇ مۈجېمەل كەيپېياتېمنېمۇ خەدېچەگە دەپ ئىچ پۇشۇغۇمدېن چېقېشقا ئالدېرېدېم . قېزېمنې يەسلىدېن ئېلېپ ، ئۆيگە كىرىشىمگە تېلېفۇنۇم جېرېڭلېدې .  
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشىمۇ سەن چولپان ؟
_ئاللاغا شۈكرى ئاداش !
_ ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلار تېشلىقتۇ ؟ دڭلشات ئىشلەۋاتامدۇ ؟
_ ھەئە ، ھەممىسى تېچلىق ،
_ مەنمۇ ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇراتتىم
_ قانداق بىرەر ئىش بىلەنمۇ ؟
_ ياق ،ئۆزۈمچە ،سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىپچۇ ؟
- مەنمۇ سەن بىلەن مۇڭداشقاچ ، چىمەننىڭ يىل نەزىرسىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكىلى تېلفۇن قىلىشىمتى ،
_ سىلەر ئۆزۈڭلار قانداق ئويلاۋاتىسىلەر ؟
_بىز بۇ يەردىكى ساۋاغداشلار ،سەن ھېلىقى 15 كۈنلىك دەم ئېلىشىڭنى ئېلىپ كەلسەڭ ، تۇرپانغا بېرىپ ئۆز ئۆيىدە نەزىرسىنى بېرىپ كېلەيلىمىكىن دېگەنتۇق !سېنىڭ شارائىتىڭ يار بېرەمۇ ؟
_ ھەممە مەسلىھەتلەرنى پىشۇرۇپ بولۇپ ، مەندىن بولامدۇ دەپ سورىغىچە ، كەل نەزىر قىلىمىز دەپ بۇيرۇق قىلساڭ بولمىدىمۇ ؟_دېدىم كۈلۈپ .
_ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ ،ئىشلار يەنىلا سېنىڭ قوشۇلىشىڭ بىلەن بولىدۇ ،چۈنكى سەندە ھامىيلىق ھوقۇقى بار ئەمەسمۇ _ دېدى خەدىچەمۇ چاقچاق قىلىپ .
_ قېنى بۇ ئىشنى يەنە ئويلىشىپ بىر نەرسە دېيىشەرمىز -دېدىم مەن مۈجمەل قىلىپ .
_ يەنە نېمىسىنى مەسلىھەتلىشەرمىز ئاداش ؟!-دېدى خەدىچە سوزۇپ .
_ ئەسلى ئىسلام دىنىدا ئۇنداق نەزىر بېرىش يوق ئىش ئىكەن شۇڭە نەزىر قىلمىساقمىكىن دېگەن خىيالدا ئىدىم ._دېدىم
_ئاداش ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتا-بوۋىمىز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشنى ئىسلامدا يوق دېگىنىڭ نېمىسى ؟_خەدىچەنىڭ نارازىلىق ئاۋازى تېلفۇندا جاراڭلاپ كەتتى .
  _سەن  شۇ ئاتا-بوۋاڭغا ئەگىشەمسەن ياكى ئاللانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنامسەن ؟
_ئاتا-بوۋىمىزمۇ ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمان تۇرسا ؟ ئۇلارغا ئەگەشسەك نېمىشقا خاتا بولىدىكەن ؟
_ ئاداش مەن بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسەممۇ سېنى قايىل قىلغىدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگىدەكمەن .كەچىرگىن نۇ ئىشلارنى كېيىنرەك بىرنەرسە دىيىشەيلىچۇ ؟!_
_ قاچانلىققا ؟
_ زۇمرەت كەلدىمۇ ،كەلمىدىمۇ ؟
_ زۇمرەت كەلدى  كەلدى ،ئاخشام تېلفۇن قىپتىكەن ساڭىمۇ تېلفۇن قىلىمەن دەۋاتقان ھەقاچان بۈگۈنلەتىن قىلىپ قالارمىكىن ...
_بولمىسا ھېلىراق ئۆزۈم قىلارمەن -دېدىم
_چولپان مەن ساڭا يېڭى بىر خەۋەر يەتكۈزمەكچى ،-دېدى خەدىچە ئالدىراپلا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خوشاللىق چىقىپ تۇراتتى .
_ھە ،يەنە بىرەر ئالى ئۇنۋانغا ئېرىشتىڭمۇ ،ياكى ئەمىلىڭ ئۆسەمدىكەن ؟_دېدىم
_ يائاللا سەن مېنى بەك ئەمەل خۇمار ئويلايسەن ھە ؟بۇ دېگېن ساڭا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر !
  _قېنى دېمەمسەن ئەمىسە !
_سۇبات بىلەن رەھىەمە ئاللىقاچان ئاجرىشىپ بولغانكەن !
_سەن قانداق بىلدىڭ ؟
_ سۇبات ئۆتكەندە بىر كىتاۋىنى نەشىرگە  ئېلىپ كەپتىكەن ،شۇ چاغدا دىلشاتقا ئۆزى دەپتۇ . بەزى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،رەھىمە ئۆزى يولدىن چىقىپ ئاخىر بولماي ،ھېلىقى پۇلغا ئامراق مىجەزى ئۇنى چەتئەللىك بىر پۇلدارغا رىشتىنى باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چېغى ،تۇققان يوقلاپ چىقىپ كەتكىنى يالغانكەن ،_خەدىچە ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ شۇنداق دېدى  
_مەنمۇ خەۋەر تاپتىم ! _قاچان ! _ بۈگۈن مەن سۇباتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .
_خېتىدە نېمە دەپتۇ ؟
_شۇ نېمە دەيتتى... مەن خەدىچەگە مەقسەتنى ئۇقتۇرالماي سەل تەمتىرىدىم
_نېمە بولدۇڭ نېمانچە تەمتىرەيسەن ، يۈزى ئېچىلمىغان قىزىۋالىدەك ؟
_ ۋاي ئاداش ،مەقسەت يەنە شۇ كونا گەپلەر ئادەم چوڭ بولغاندابۇ گەپلەرنى دېيىشمۇ ئەپسىزكەن ..._دېدىم كۈلگۈم كېلىپ .
- سەن قانداق قىلاي دەيسەن ؟
_ بىلمىدىم ...سېنىڭچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟
_ ئەگەر مەندىن مەسلەھەت سورىساڭ ، ئۆز بەختىڭنى ئۆز قولۇڭغا ئال دەيمەن .
-توۋا دېگىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .
_ سەن نەچچە يىلدىن ئۇنىڭ پىراقىدا ئاز پۇچىلاندىڭمۇ ؟ئەمدى بۇ ساڭا مەنسۇپ بولغاندا نېمىگە ھال تاتىسەن ؟ھا...ھا...يۈرۈكىمدىن چىققان كۈلكەم بۇ ئاددىي خانەمدە جاراڭلاپ كەتتى .
_قارا سېنى خوشاللىقىڭ ئىچىڭگە سىغماي قاپتۇ ، يەنە ھال تارتىۋاتىسەن ...
  _راست دېدىڭ ، مەن نەچچە يىلدىن بىر غايىنى قوغلۇشۇپ ئۈمىد بىلەن كېتىۋاتقانكەنمەن ، مانا ئەمدى مەن ھىچقانداق توسالغۇسىز ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم . بەلكىم بىز خىيالىمىزدىلا بىرگەياشىساق ، مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولامدىكىن دەيمەن ...
_بولدى بۇ ئىشلارنى سەن باشقىچە ئويلاپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما ،سەن ئالدىڭغا قاراپ يەنى كۆڭلۈڭ نېمىدە خوش بولسا شۇنى قوغلاپ مېڭىۋەر ، قالغان ئىشلارنى دىلشات ئىككىمىز توغۇرلايمىز _دېدى
  _خەدىچە ،مەن ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم نېمىدە خوش بولسا شۇنى قىلسام دەيدىغان رومانتىك چولپان ئەمەس ،مەن ھازىر قايسى ئىشلارنى قىلسام كۆڭلۈم خاتىرجەملىك ھېس قىلىدىكىن دېگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
_ساڭا بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ نېمە ، نېمە بولدۇڭ !-خەدىچەنىڭ ئاۋازىدىن تېرىككىنى بىلىنىپ تۇراتتى .
-دوستىمىز چىمەننىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ چوڭ ئىش بولامدۇ ئاداش؟!ئۇنىڭ سەكراتتىكى پۇشايمانلىق ئازابلىرى ، قىينىلىشلىرى زادى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق ! ئاللاھ بىزگە ئىبرەت بولسۇن دەپ چىمەننى كۆز ئالدىمىزدا شۇ ھالەتتە ئېلىپ كەتتى ئاداش بىز يەنە ئويغانمىساق ....
_ ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا ئەمما بىزدە نېمە ئامال ئىشلىمىسەك  بولمىغان ...زۇمرەتتەك چەتئەلدە بولمىساق يە ؟ شۇڭا ھازىرچە دىلىمىزدا بىلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشقا چىققاندا زۇمرەتنى يوقلىغاچ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ گۇناھىمىزنى يۇيىۋالارمىز !
_ ساڭا دەم ئېلىشقا چىققىچە ھەرەمگە بارغىچە ياشايسەن دەپ ئۇختۇرۇش كەلدىمۇ ؟! تۈنۈەۈن كۆرگەن ئادەم  بۈگۈن يوق تۇرسا ... ئاداش
_ بولدى قىلە ئادەمنى قوقاتماي ئاداش ...
  خەدىچەنىڭ تېلفۇنىنى قويىۋېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ، خىياللىرىم زۇمرەت بىلەن خەدىچەنىڭ ئوتتۇرىسىدا قايسىنىڭ توغرىدۇ دېگەندەك دىلىغۇللۇقتا تەمتىرەۋاتاتتى.
تېلفۇننىڭ جىرىڭلىشى مېنى خيالدىن سۈزىۋالدى .
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
_ۋەلەكسالام ، ئاداش مەن ،
_ مۇشۇ يېشىڭدىمۇ سالامنىمۇ توغرا دىيەلمەمسەن ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېمەمسەن ، مەن تېلفۇندىلا مەرۋانغا كايىدىم .
_ئاداش بىز ئەمدى سەندەك ئەدەبىيات ئوقۇمىغان بولغاندىكىن ...ھى  ...كۈلدى
_ بۇنىڭغا ئەدەبىيات ئوقۇش كەتمەيدۇ ... دىت كېتىدۇ
_ بولدى ئاداش ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي ،قارا بىز نەچچىمىز بىردەم مۇڭدىشايلى دېگەنتۇق .
_ نېمە بوپتىكەنسىلەر ؟بىرەر سەۋەپ بارمۇ يە؟!
_ شۇ  روشەن يېقىندا ئۇنۋان ئالماقچىكەنتۇق شۇنىڭ مەسلەھەت چېيى ...
_زاۋۇتتا نېمە ئۇنۋانكەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان ؟_دېدىم ھەيران بولۇپ
_زاۋۇتتىن ئەمەس ،سوتتىن ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ ئالماقچىكەن ! قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى ئاداش
_ ھە نەگە بارماقچى !
_&lt;ئاتۇش ساماۋەر شورپىخانىسى &gt;نىڭ 5-ئايرىمخانىسىغا ، بىز كەپ بولدۇق !
_ مەن گۈلنىگار نى ئورۇنلاشتۇرالىسام باراي .
_ سەن باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندىڭ كەلمىسەڭ بولمايدۇ ، بولمىسا قىزىڭنى بىزنىڭ ئۆيگە تاكسىدىلا ئەكىلىۋەت قىزىم بار قاراپ تۇرىدۇ .
_ قېنى قاراپ باقاي            ،
  مەن تېلفۇننى قويىۋېتىپقانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمدا ، ئۇدۇل قوشنام ئىشىكىمنى  چېكىپ كىرىپ كەلدى .
_نېمە خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز ؟_دېدى قوشنام .
_قىزلار تېلاۇن قىپتىكەن بىريەردە ئولتۇرايلى دەپ قىزىمنى سىڭلىمغا ئاپىرىپ بېرەي دېسەن كېچىلىك سىمىنىغا چىقىپ كەتتى ، نەگە ئاپىرىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرىشىم ئىدى بارماي دېسەم پەقەت ئۇنىمايۋاتىدۇ ،_دېدىم .
_ مەن ئۆيدە بار تۇرسام ، بىزنىڭ ئۆيدە ئۇخلاپ تۇرسۇن كەلگەندە ئېچىقىپ كەتمەمسىز ؟_دېدى
  مەن چوكانلار  ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا كىرگىنىمدە دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بەش-ئالتە  دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى تويغا كەلگەندەك ياسىنىپ لەۋسۇرۇخ سۈرىۋالغان لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىپتىكەن .مەن ئولتۇرغاندىن كېيىم شورپىغا گۆش ۋە كۆكتاتلارنى سېلىشتى .بىز بىر باشتىن تاماقلانغان پاراڭغا چۈشتۇق .
_توۋا دەيمەن ئاداشلار ،بىز ھاراقكەش قىماۋاز ئەرلىرىمىزنىڭ زۇلىمىغا چىداپ ئۆي تۇتىۋاتساق ،ماۋۇ بېشى ئىششىپ قالغان روشەن ئېرىنى ناماز ئوقۇپ مەسچىتتىن كەلمەيدىغان بولىۋالدى دەپ ئاجرىشىمەن دەيدۇ _دېدى ئايشەم  بىزگە نارازىلىك بىلەن شىكايەت قىلىپ .
_ سەنمۇ ئىشلارنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ گۇنانى روشەنگە قويما ئايشەم ، بۇنىڭمۇ ئاساسى بولمىسا بىكاردىن ئاجرىشامدۇ ؟!_دېدى مەرۋان  روشەنگە ھېسداشلىق قىلغاندەك قىياپەتتە .
_ بولدى بۇ يەردە روشەن بولغاندىكىن ئۆزى سۆزلىسۇنا ! _دېدى گۈلناز روشەننى ئىڭىكى بىلەن ئىما قىلىپ .
_روشەن گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋالغاچقا  ،خۇددى رەڭگى قېنىق بېرىلىپ كەتكەن تېلۋېزور ئېكرانىدىكى  سەھنە ئارتىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك خىيالدا بولۇپ قالدىم .ئۇ لەۋسۇرۇخلىرى تېشىغا ياراپ كەتكەن لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھال ئېيتىۋاتاتتى
_ مەنمۇ  ياخشى كۆرۈپ تەككەن ئېرىمدىن ،ئاجرىشىپ ئوننەچچە يىلللىق ئائىلەمنى  بۇزۇپ 12ياشقا كىرىپ قالغان قىزىمنى ىيىتىم قىلىشنى خالىمايتتىم .ئەمما ، ئۇ بارغانسىرى ماڭا بولغان بېسىمنى بەك ئېغىرلىتىۋەتتى ، ھە دىسە ياغلىق چىگ ،ناماز ئوقى ،پۈتۈن كىيىپ يۈر دېگەن ... تېخى نەچچە قېتىم گىرىم  بۇيۇملىرىمنىمۇ دېرىزىدىن تاشلىۋەتتى  ... روشەن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۆمچەيگەن ئىدى كۆزلىرىدىكى سۈرمە كىرپىكلىرىدىكى لاكلار كۆز ئەتراپىنى قارا قىلىشقا ئۆلگۈردى .
ئىنسان دېگەن ئەجەپ چىدىماس نەرسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم روشەننىڭ ئۈمچەيگەن بىچارە ھالىغا قاراپ ، بىر چاغلاردا ئېرىنى تويلاردا ھاراڭ ئىچىۋالسا مېنى تونۇمايدۇ ، باشقا قىز -ئاياللارنى تانسىغا تارتىپ ئويناۋېرىدۇ ،ھەتتا بەزىدە تويدا مېنى تاشلاپ قويۇپ باشقا ئولتۇرۇشلارغا كېتىپ قېلىپ تويدىن ئېرى يوق تۇل خوتۇندەك يالغۇز قايتىمەن ،مەن بىلەن پەقەت كارى يوق ،چوقۇم بىرەر ئاشنىسى بار دەپ ئېرىدىن گۇمانلىنىپ يۈرەتتى ،شۇڭا تاپقان پۇلىنى ئۆزىنى گۈزەل ھەم ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى .
  _باش مەسلىھەتچى خېنىم ئۆزىڭىز  بۇ يەردە بولغان بىلەن كۆڭلىڭىز باشقا يەردىمۇ قانداق ؟ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتىڭىزغۇ ؟_دېدى مەرۋان مېنى مۈرىسى بىلەن بوش ئىتتىرىپ .
_ بۇ ھەقاچان تۇل خوتۇنلار جەمىيىتىمىزگە يەنە بىر ئەزا قوشۇلىدىغان بولدى ،بۇنى قايسى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرسام بولار دەپ غەم قىلىۋاتامدىكىن ؟ _دېدى ئايشەم گەپتانلىق قىلىپ  ،چوكانلار پارەققىدە كۈلۈشتى .
_راستىنلا غەم قىلىۋاتىمەن دوستەكلە ،روشەن ئەسلى ئېرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ھېلىقى ھالەتتىكى ۋاقتىدا ئېرىدىن زىرىككەن بولسا بولاتتى . ئەمدى ئېرى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن توغرا يولنى تېپىپ ، بۇنى ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرەي دېسە ،بۇ ئېرىدىن ئاجرىشىمەن دەۋاتىدۇ ، بىز راستىنلا ئۆزۈمىزگە ئۆزۈمىز زۇلۇم قىلغۇچىلاركەنمىز جۇمۇ ؟!_دېدىم ئۆز-ۆزۈمگە سۆزلىگەندەك .
_چولپان سەن نېمىنداق بېشىڭغا ئىش كەپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسەن ؟ ئېرىم مېنى بەختلىك قىلسا ئاجرىشىدىغان بېشىم ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ ،ئۇ ماڭا زۇلۇم قېلىۋاتىدۇ ،زۇلۇم !_روشەن ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى مەندىن ئالماقچىدەك زەردە بىلەن سۆزلىدى .
_ئاداش كامىل ئايال _ئائىلىنىڭ زىننىتى ،ئەرنىڭ بەختى ئۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن ئائىلىسى بەختكە گۈلزارلىقىغا ئايلىنىدۇ .سەن ئۇنداق نادانلىق قىلماي ، يولدىشىڭنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىپباق ، ئۇ نېمە ئۈچۈن سېنى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا زورلاپ زۇلۇم قىلىۋېتىپتۇ ؟ سەن ئېنىق سورىدىڭمۇ ؟_دېدىم روشەنگە
_چۈشەندىم ،بۇ دۇنيا ۋاقىتلىق دۇنيامىش ، ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈلىك ئۆلمەيدىغان دۇنياغا بارامىش ، مېنىڭ شۇ دۇنيادا دوزاققا كىرىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ، ماڭا كۆيۈنىپ ، مېنىڭ مۇشۇنداق مەدەنىي كىيىپ ،گىرىم قىلىپ يۈرىشىمنى  خالىمايدىكەن ،بۇنداق يۈرسەم ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يېزىلىدىكەن ،ئەمما مەن ياسانماي ،گىرىم قىلماي قانداق ياشايمەن ،مەن ئۆلىدىغان چاغدا سەكراتتا ياتقاندىمۇ گىرىم قىلىۋېلىپ ياتامدىمەنكى دەيمەن ،گۈزەللىكنى سۆيۈشمۇ ئايال كىشى ئۈچۈن ياخشى ئالاھىدىلىكقۇ ؟ ئۇ دوزاققا چۈشۈشتىن بەك قورقىۋاتقان چېغى ...؟!روشەن مەسخىرىلىك كۈلدى .
_ئۇنىڭ شۇ گەپلىرىگە سەن نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ ؟_
_ كۈلۈپ كەتتىم ،ماڭا كۆيەنگىنىڭمۇ ؟ كۈنلەمچىلىكىڭ تۇتۇپ چىرايلىق يۈرىشىمگە چىدىمايۋاتقانسەن ھەقاچان ،قانداق يۈرسەم بۇ ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى ،بۇ ئاياللار ئازان زامان ، ئۆتمۈشۈڭ ئەمەس بۇ ئاياللارنى خارلايدىغان دېدىم ،ئەگەر شۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەرز قىلىمەن دېدىم تازا !
_ ئۇ نېمە دېدى؟
- ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىمگە كۆنمىسەڭ ،سەن ئويلىشىپ بولغىچەبىر ئاي ۋاقىت بېرەي  ئۆي ئايرىپ تۇرايلى دەپ قىزىمنى يېنىمغا ئەكىرىپ قويۇپ ياتاق ئايرىپ چىقىپ كەتتى ...
_يەنە كۆنمىسەڭ قانداق قىلىدىكەن  ؟_دېدى مەرۋان ئاغزىنى قىيسىق قىلىپ كۈلۈپ .
_بەش كۈن ۋاقىت قالدى شۇڭغىچە يەنە كۆنمىسەم مەن بىلەن ئاجرىشىدىكەن ،چۈنكى مۇسۇلمان مۇشرىك بىلەن ئۆي تۇتسا يەنە دوزاققا كىرىدىغان ئوخشايدۇ ،ھى...ھى... روشەن كۈلىۋالغاندىن كېيىن خۇددى ئەزرائىلدىن خەت كەلگەندەكلا ، ئۇنىڭ ئاغزىدا ،ئۆلۈم .جەننەت .دوزاقتىن باشقا گەپ يوق ،ئىچىمنى سىقىپ ...
_ بۇنداق قىلسا مەنمۇ چىدىماسمەن ، دوزاققا كىرەمدۇ جەننەتكە كىرەمدۇ ئۆلگەندە بىر گەپ بولمامدۇ ، ئۇ دۇنيانى كىم كۆرەپتۇ ئاداش ،نېسىدىن تەلىيىمىز يوق مۇشۇ نەقنىڭ غېمىنى يەپ تۇرايلى ... ئاداش بولدى ئاجراشساڭ ئاجرىشە مەن قوشۇلدۇم ! مەرۋان  قولىدىكى چەينەككە دەملىۋالغان قىزىل ھارىقىنى روشەننىڭ ئىستاكىنىغا قۇيغاچ شۇنداق دېدى .
_ مەن دەيمەن بىز دوزاققا كىرسەكمۇ ئادەتتىكى دوزاققا كىرمەيمىز ،ئەڭ زامانىۋىسىغا كىرەمىزمىكىن دەيمەن  ! ئاداش قۇيە ،ھارىقىڭنى ھامان دوزاققا كىرگەندىكىن ئىچىۋالايلى ! دېگىنىچە ئىستاكاندىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا ئاپاردى .
_ ھەي ، ئاغزىڭلارغا بېقىپ سۆزلەڭلار جۇمۇ ، ئاغزىڭلاردىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن يەنە !_ئايشەم غەزەپ بىلەن شۇنداق دېدى .
مەن بۇ سورۇنغا كەلگىنىم ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ،« ئۆلگەن قەلپلەردە ئېتىقاد ۋە ئىمان بولمايدۇ »قايسىبىر كىتاپتىن ئوقۇغان بۇ دانە سۆز خۇددى ئاغرىق توختۇتىش دورىسىدەك ، بۇ سورۇندىكى كىچىكىمدىن بىرگە تال -چىۋىقنى ئات ئېتىپ بىللە ئوينىغان دوستلىرىمگە بولغان رىشتىمنى ئۈزەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقىمغا شىپا بېرىپ ، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم .
_ نەگە ئالدىرايسەن ؟ ئۆيدە ئېرىڭ بولمىسا يە ،قورقىدىغان ... -دېدى گۇلناز پېشىمدىن تارتىپ .
_ بۇ ئېرى بار چاغدىمۇ قورقمايتىغۇ ؟-مەرۋان تەڭشىلىپ ئېغىزلىرىدىن شۆلگەيلىرى ئاقىدىغاندەكلا ھىجىيىپ قارىدى .
_ شۇنداق مەن ئىنساندىن قورقۇپ باقمىغانتىم ،ئەمما ياراتقان ئىگەم ئاللاھتىن قورقىۋاتىمەن ،ئەمدى سىلەرنىڭ شالتاقلىرىڭلارنى ئۆزۈمگە چاچراتقىم يوق ، بۇ مېنىڭ سىلەر بىلەن ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سورۇنۇم بوپ قالسۇن !_دېدىم كېسىملا .
_ۋاي-ۋۇي بىزنىڭ چولپانمۇ مېنىڭ ئېرىمدەكلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قاپتىغۇ ،قاچاندىن بۇيان  سەنمۇ ئۆلۈمنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ ئاداش... ماڭا قارا بىز تېخى ئۆلمەيمىز ،ئوينايمىز ،قېرىپ چىشلىرىمىز چۈشۈپ موماي بولغاندا ،ئاپىلىرىمىزدەك ھەرەمگە بېرىپلا گۇناھلىرىمىزنى يۇيىۋالىمىز ،ھا...ھا...ھا...  سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىز جەننەتكە كىرىپ كېتەمدۇق تېخى ،ئاللاغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ،ھا...ھا...
_ئاغزىڭنى يۇم ،سەن قاچان ئۆلىدىغىنىڭنى بىلەمتىڭ ؟_دېدىم غەزەپتىن تىترەپ
- شۇنداق مېنىڭ بەك ئۇزۇن ياشىغۇم بار ... ئۆلگۈم يوق ...!
جىمجىت يۇلتۇزلۇق كېچە ، ئۇدۇلدىكى بىنادىكى ئۆيلەرنىڭ چىرىغى ئۆچكىلى نەۋاق ، قىزىمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ بالكونغا چىقىپ ، يۆلەنچۈكلىك ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئاسماندىكى جمىرلىشىپ كۆز قىسىشىۋاتقان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمچە ئۈنسىز ئولتۇردۇم .پەستە دەرەخلەرگە قۇيىلىۋاتقان سۇنىڭ يېقىملىق شىلدىرلىشىدىن باشقا سادا يوق ئىدى .
   نېمە ئۈچۈن ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك ؟دېگەندەك سۇئاللار  ماڭا ئارام بەرمەي ئۇيقۇمنى قاچۇرغان ئىدى .ئەتتىگەندىكى سۇباتتىن كەلگەن خەتنىڭ خوشاللىقى خۇددى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنكى كەچكى شەپەقتەك بارغانسېرى سۇسلاپ ،كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ، چارىسىز قاراڭغۇلۇق پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . دوستۇم چىمەننىڭ ۋاپاتى ،ئۇنىڭ قىزىغا ئانا بولۇش ،مۇراتتىن ئاجرىشىش  بۇ ئىشلارنىڭ ھەاممىسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بېرىپتۇ .بۇ يىلنىڭ گاھ قاراڭغۇ گاھ ئايدىڭ كېچىلىرى بىر-بىرلەپ خىيالىمدىن ئۆتتى .ئاجرىشىش بۇ مېنىڭ قارىشىمدا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كۆڭۈلسىز تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىش بولسڭمۇ ئەمما بۇ يەنىلا بىر ھايات سەپىرىمدىكى مەغلۇبىيات ئىدى .شۇڭا بۇ مەغلۇبىيىتىم سەۋەبىدىن، تۇققانلىرىمدىن ياكى جەمىيەتتىكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان زۇۋاندارلارنىڭ  نۇرغۇن ئاچچىق-چۈچىك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم .دوستۇم چىمەننىڭ قىزىنى بالا قىلىۋېلىشىممۇ  باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، مەقسىدىمنى بىلگىسى كېلىدىغان قىززىق تېمىغا ئايلاندى . قىزىمنى يېتىلەپ كېتىۋاتسام تەپ تارتماي كىمنىڭ قىزىسىز ؟ئانىڭىز سىزنى  نەدىن تېپىۋالدى ؟ مەن بېقىۋالسام بوپتىكەن بۇ ئۇماق قىزنى دەپ يۈرۈكىمگە تىغ ئۇرىدىغان ئىشلار غا يولۇققاندا ،بەزىدە يۈزۈمچىلا &lt; تۇغۇۋالمىغىچە بالا بولماس ،سېتىۋالمىغىچە مال بولماس &gt; دەپتىكەن دېگەن تەمسىللەرنى كەلتۈرۈلگەندە ،  يۈرىكىم ۋىژىلداپ ئىچىشىپ گۈلنىگارنى باغرىمغا مەھكەم باسقان  ، بارغانچە مېھرىم چۈشۈپ كېتىۋاتقان قىزىمنى بىرسى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك قەلبىمنى ئەنسىزلىك بىسىۋېلىپ ، ئاللاھ مۇشۇ قىزنى مەن ئۆزۈم تۇققان بولسامچۇ ؟! دەپ ئۆكسىگەن ۋاقىتلىرىم بولدى .بىر ئويلىسام بۇ بىر يىل دېگەن نېمە دېگەن ئۇزۇن !؟ يائاللاھ ، ئادەم  بىر قارىساڭ ناھايىتى چىدامسىز ،بىر ئويلىساڭ ناھايىتى چىداملىق مەخلۇقكەن ! مەن مۇراتتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن  ئۆز-ئۆزۈمگە ئىگە بولىدىغان قانۇنلۇق يالغۇزلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۆزۈمنى بەك غېرپ ھېس قىلىدىغان سۇباتنى دائىم ئەلەيدىغان بولۇپ قالدىم .بۇ چەكسىز يالغۇزلۇق مېنىڭ روھىمنى قورشاپ يۈرىكىم كەچ كۈزدىكى غازاڭ بولغان يوپۇرماقتەك تىترىگەندە ،بىر چاغلاردا قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈۋەتكەن چوغنىڭ ئۇچقۇنداپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ،يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم . ۋۇجۇدۇمدا شۇئان يەنە بىر يېڭى ھارارەت پەيدا بولدى .بۇ ھەممە -ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئانىلىق مۇھەببەت ، مېنى يەنە بىر شىرىن ھۇشسىزلاندۇرغۇچى لەززەتكە چۈمۈلدۈردى .ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرى ! ئاللاھ سەن مەندەك بىر بەختسىز ئايالغا مۇشۇ قىزنى بەرمىگەن بولساڭ ،يالغۇزلۇقتا قانچىلىك قاغجىراپ كېتەر بولغۇيتىم ؟قىزىم ئىككىمىزگە بىر-بىرىمىزگە بولغان ئانا بالىلىق مۇھەببەتنى بەرمىگەن بولساڭ يەنە قانچىلىك ئازابلارغا قالار ئىدىم ؟ چۈنكى بۇ دۇنيا سەن بەرگەن مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئەمەسمۇ ؟!  ئاللاھقا شۇنداق شۈكۈرلەرنى ئېيتىۋاتقاندا چىمەننىڭ قىزىنى ماڭا تاپشۇرغان چاغدىكى ئۇلۇغ ئارمانلىرى يادىمغا كەلدى . مەن شۇ مىنۇتتا چىمەننىڭ سەكراتتىكى بىچارە ھالىتىنى كۆرەۋېتىپ ، قىزىنى چوقۇم ئاللاغا يارىغىدەك تەربىيەلەشنى چىن   دىلىمدىن  ماقۇللاپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم .ئەمما ئۆزۈم تېخى نەدىن كەلدىم نەگەە بارىمەن؟ دېگەن سۇئاللارنى يېشىپ بولالماي ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ قەدىمىنى چوڭراق باسالماي ، چالا-پۇلا ئۆگۈنىۋالغان 3-4ئايەت بىلەن بىر ۋاق نامازنى ئوقۇپ كاتتا ئىش قىلغاندەك باشقىلارغا تەنبىھ بېرىپ يۈرگىنىم قىززىق ...!خىيالىمغا بۇ ئىشلار كەلگەندە يۈزلىرىم خجىللىقتىن چىمىلدىغاندەك بولۇپ ھۆپپىدە قىزاردى ...توۋا روشەننىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمدىغان ، مەرۋانمۇ يولدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، بىر چاغدا گۈلنازنىڭ ئۇنى يولدىن چىققان ئەسكى خوتۇن دېگىنى بىكار ئەمەس ئوخشايدۇ «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار » دەپ ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ يەنە ... ھەي ئاخشام شۇ سورۇنغا بارمىسام بوپتىكەن ،بىكار ئۇلار بىلەنمۇ رەنجىشتىم ھەم ئۆزۈممۇ ئاچچىق يۇتۇپ قالدىم .ئەڭ يامىنى ئۇلارنىڭ شۇ گۇناھلىرىغا شىرىك بوپ قالدىم ....ھە راست سۇباتنىڭ خېتىگە جاۋاپ يېزىشىم كېرەكقۇ؟ نېمە دەپ يازسام بولاركىن  ؟قېنى قولۇمغا قەلەپ ئېلىپ باقمايمۇ ؟مەن شۇ  مەقسەت بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ، ئۆيگە كىرىپ يېزىق ئۈستىلىمنىڭ چىرىغىنى يېقىپ ئۈستەلگە مۈكچەيدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۇبات ! يازغان خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . سۇبات ساڭا خەت يازمىغىلى 8 يىل بوپتۇ .ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن ساڭا شۇ ئاخىرقى خەتنى كەچ كۈزنىڭ بىر يامغۇرلۇق كۈنى يىغلاپ ئولتۇرۇپ يېزىپ ،شۇ يامغۇردا ۋېلسىپىتلىك پوچتىخانىغا بېرىپ سېلىۋەتكەن ئىدىم .مەن شۇ خەتنى شۇ كۈنى سېلىۋەتمىسەم ،ئەتىسى نىيىتىمدىن يېنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم .چۈنكى كۆز ئالدىمدا ناھايىتى بىچارە سۆيگۈ  تىلەمچىسى بولغان رەھىمە تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇراتتى .« ئاداش سىلەر بەرىبىر بىرگە بولالمايسىلەر ،ئۆزۈڭنىڭمۇ ،سۇباتنىڭمۇ ،مېنىڭمۇ بەختىمگە ئولتۇرما ، ساڭا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇڭدىن سۇباتچىلىك بىرسى چىقماسمۇ ؟!سۇباتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قېرىپ قالدى .ئۇلار بىر تال ئوغلىنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسە ئۆزلىرى قانداق قىلىدۇ ؟سۇباتنىڭ سېنى دەپ ۋاپاسىز  ئوغۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسەن ؟...»
   سۇبات شۇ چاغدا رەھىمەنىڭ ئاتا-ئاناڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئىدى .چۈنكى ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلماي ئېرىشكەن بەختىمىزنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولار؟ دەپ ئويلاپ قالدىم .شۇ كۈنلەردىكى ئازابلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن سۇبات ! سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا  قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىڭنى ئويلاپ ساڭا مەسلىھەتمۇ سالماستىنلا ئايرىلىش خېتىنى يېزىپ سېلىۋەتتىم .يىغلاپ ئولتۇرۇپ 12 بەت خەت يازغان ئىدىم . . سەندىن 15 ۋاراق خەت كەلدى ، ئىشخانىدىكىلەر شۇ چاغدا سىزگە  بىرسى پوۋېست يېزىپ ئەۋەتتىمۇ نېمە ؟ دىيىشىپ قالغان ئىدى .خەتلىرىڭنى ئوقۇپ توختىماي مىشىلداپ يىغلايتتىم ..ئەمما ئەمما سېنىڭ ۋاپاسىز ئوغۇل بولۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن يىغلاپ يۈرۈپ توي قىلىۋېتىش  ئۈچۈنلا  توي قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . ..ئويلىسام مەنۇ شۇ چاغلاردا بەكلا نادان ئىكەنمەن .ئوقۇش بىلەنلا يۈرۈپ سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىمۇ بەك ھايا پەردىشەپ بىلەن يۈرگەچكە ، توي دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ ئاتالغۇلىغىنى بىلمىگەچكە شۇ توينىڭ ئەتىسىلا مەن توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ ، پۈتۈن ئالەم قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتكەنتى .
مەن شۇندىلا ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەختىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى تونۇپ  يەتتىم . بۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇش ماڭا تۇزى يوق ئاشتەك شۇنچىلىك لاۋزا بىلىندىكى مەن «ئىچىمدە روزا تۇتۇپ ،تېشىمدا ھېيت ئويناپ »7 يىل بولغاندا غايەت زور باتۇرلۇق بىلەن بۇ قورغاندىن نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان بەدىلىگە يېنىپ چىقتىم ..
   سۇبات مۇھاببەت بىر خىل شىرىن ئازاب دېمەكتۇر . ھەقىقى مۇھاببەت  مەڭگۈ تۈپ-تۈز يولدا ماڭالمايدىكەن  
ئۇ قانچە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققانسېرى شۇنچە كۈچىيىدىكەن ھەم مۇكەممەللىشىدىكەن .. ئەمما سۇبات شۇنىمۇ  نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى ، بىز ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان ئەڭ گۈزەل پەسلى ياشلىق دەۋرىمىزدە .ھەم غەمسىز ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزنى سۆيگەن ،مۇھەببەتلەشكەن ، ئەمما ئارلىقتا بىز 9 يىل بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇق .تەغدىر يەنە چۆگىلەپ ئىككىمىزنىڭ رىسقىنى قوشماقچى بولىۋاتىدۇ .. بىرىنچى تۇرمۇشتىغۇ ياخشى كۆرمىگەن ،چۈشەنمىگەن ئادەم بىلەن چىقىشالماي مەغلۇپ بولدۇق دەيلى ،ئىككىنچى تۇرمۇشتا بىر-بىرىمىزگە شۇنچەزارىقىپ ئېرىشىپ ،بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن كېلىشەلمىسەكچۇ ؟ بىز بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەن بىلەن ئالدىمىزدىكى سېنىڭ ئوغلۇڭ بىلەن مېنىڭ قىزىمچۇ ؟ ئۇلار بىزنى ياخشى كۆرەلەرمۇ ؟بىر-بىرى بىلەن چىقىشالارمۇ ؟« ياتنىڭ ياندىن ،تۇققاننىڭ جاندىن ئۆتەر » دېگەندەك بىز ئىككىمىز بۇ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولساق، ھەر ئىككىلىمىزگە نىسبەتەن  ھاياتنىڭ مەنىسى قالمايدۇ ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىمىز .ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىمىزمۇ چوڭىيىپ قالدى ، سەن غۇلجىدا ئەرلىك ئورنىڭنى پەش قىلىدىغان ،قولۇڭنى ئۆي ئىشىغا ئەگمەيدىغان خارەكتىرگە ئىگە ھەم كۈنۈك ، مەن غۇلجا ئاياللىرىدەك ئۇنچە چىۋەر چەبدەس ئەمەىس ئەركە ئۆگۈنىپ قالغان ...
   مەن ئويلايمەن ئارزۇ بىر ئېرىشەلمىگىنىمىز ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك ھەم شۇنچە قەدىرلىك ...شۇڭا بىز خىياللىرىمىزدىلا بىر-بىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتسەك ،مەن دەيمان مەن ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ جۇڭگو كومۇنىزىمغا يېتىمىز دەپ كۈرەش قىلىۋاتقان تا ھازىرغىچە كومۇنىزىمغا يېتىپ بولالمىدۇق بىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغانلارنىڭ ۋىسالغا ئېرىشىپ بەخىتلىك بولالىشى شۇ كومۇنىزىمغا يېتىشتەك مەۋھۇم نەرسىمىكىن دەپ ئويلايمەن .مېنىڭچە مۇھەببەت روھقا مەنسۇپ بولغاندا تېخىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ .  سۇبات سەنمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باق ،بەلكىم رەھىمە قايتىپ كېلىپ قالسا ئوغلۇڭلارنى بىرگە باقارسىلەر .سېنىڭ ساپ مۇھەببىتىڭ ماڭا تېگىل بولدى . مەن خىيالىمدا مەڭگۈ سەن بىلەن بەختلىك ،ساڭا ئاللاھتىن خاتىرجەملىك تىلەپ ساۋاغدىشىڭ چولپان
2001-يىل 18-مارت مايتاغ


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 04:57 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-9 19:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خەتنى يېزىپ بولۇپ ئورۇندۇقۇمنىڭ يۆلەنچىكىگە يۆلىنىپ بىر ھازا ئولتۇردۇم .ئادەم بەزىدە شۇنداق بىر يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدىكەنكى ،بۇنداق چاغدا پاشىنىڭ گىڭىلدىشىنىمۇ تېتىمايدۇ .شۇ تاپ مەن شۇنداق تىمتاسلىق ئىچىدە سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدىم ..سۇباتنىڭ بۇ خېتى بىلەن كۆڭلۈمنىڭ پىنھان جايلىرىغا  كۈمۈلۈپ قالغان خاتىرلىرىمنى  قايتا ۋاراقلاپ ،يۈرۈكىمدىكى  ئەمدىلا ئېغىز ئېلىپ ساقىياي دېگەن يارام قايتا قانىغاندەك قىلاتتى .كۆزلىرىمنىڭ ئەتراپى ھەسرەتلىك ئىچىشىپ يۈرىكىم پىغانلىق ئېسەدەشكە باشلىدى .مۇشۇ مىنۇتتا ماڭا تەسەللى  بولغىدەك ھېچنەرسە يوقتەك شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولدىكى ...بىر ھازاغىچە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم ..بىر چاغدا يۈرىكىمنىڭ ئېسەدەشلىرى توختاپ .ئېغىر ئۇھ تارتقان ھالدا مەقسەتسىزلا يېزىق ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىنى ئاچتىم ..كۆزۈم يېشىل رەڭلىك قېلىم خاتىرىگە چۈشتى ،مەن خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم  بۇ مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم ئىدى. ئۇنى ئىشخانىدا ساقلايتتىم قانداق بولۇپ بۇ ئۆيگە ئەكەلگەندىمەن ؟ ھە ئۆتكەندە ئىشخانىمىزدىكى تارتمىلىك ئۈتەللىرىمىزنى كومپىيوتېرنىڭ ئۈستىلىگە ئالماشتۇرغاندا خاتىرەمنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەپتىكەنمەندە ، شۇ خىياللار بىلەن خاتىرەمنى ئېچىپ  ، سۇباتقا ئاتاپ يازغان بەتلەرگە كۆز تاشلىدىم .
  سالام سۇبات !ياخشىمۇ سەن ؟!ساڭا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى ،تۈگىمەس مۇڭلىرىمنى ،مۇشۇ خاتىرەمگە تۈكۈش ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
  شۇ تاپتا سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتىدۇ .مەن يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خياللارنى سۈردۈم . يېزىق ئۈستۈلىمدىكى قېلىن ئەينەكنىڭ ئاستىدا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدە چۈشكەن سۈرەتلەر ماڭا سەن بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەرنى ھامان يادىمغا سېلىپ تۇرىدۇ .پات-پات شۇ چاغدىكى كۈلكىلەرنى چىمەننىڭ شىئېرلىرىنى ،دىلشاتنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ،سېنىڭ زەي سالماي ئاتىدىغان پولىرىڭنى يادىمغا كېلىپ ، تاتلىق ئازابلار ئىچىدە پۇچىلىنىمەن .بەزىدە كۈنۈم-كۈنۈم خىيال بىلەن ياشايمان .يولدا كېتىۋېتىپ ،تاماق ئېتىۋېتىپ ، ئىشخانىدا كومپىيوتېر ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خيالغا پېتىپ قالىمەن ..مۇشۇ كۈنلەردە خىياللا ماڭا ئەڭ ياخشى ، ئەڭ زور تەسەللى ، ئەڭ ئىشەنچىلىك سىرداش بولۇپ قالدى ... 1998-يىل سېنتەبىر   مايتاغ
سۇبات ياخشىمۇ سەن ؟ كۈنلىرىم يەنە شۇنداق تۇز سالمىغان ئاشتەك تەمسىز  ،ناھيىتىمۇ مەنىسىز كېتىپ بارىدۇ .بۈگۈن يەنە ئىشخانامغا كېلىپ بۇ باغرى كەڭرى خاتىرەمنى ئېچىپ سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كەلدى . ئاخشام ھىندىستاننىڭ بىر فىلىمىنى كۆرۈپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى ئۇ « 1942-يىلدىكى مۇھەببەت » فىلىم ئىكەن . مەن ھىندىستان پاكىستان دېگەن يەرلەرنىڭ كىنولىرىنى ئانچە كۇرۇپ كەتمەيتتىم . ئەمما بۇ فىلىمى ماڭا تەسىر قىلىپ قالدى كىنو ھىندىستاننى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان چاغنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولۇپ فىلىمدا قاملاشقان  بىر يىگىت قولى باغلانغان ھالدا دارغا ئاسقىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئانىسى ئوغلى بىلەن خوشلاشقىلى ئوغلىنىڭ ئالدىغا  كېلىدۇ .شۇ چاغدا ئوغۇل ئانىسىغا قىيالمىغان ھالدا قاراپ «-ئانا مەن سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم !»دېدى ئانا بولسا كۆزىگە ياش ئالماستىن « ئوغلۇم دۇنيادا ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتەك چوڭ  ئىش يوق ،  مەن سەندىن رازى -»دېدى شۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولۇشۇپ كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى .ئوغۇل ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىككى ئۈچ قەدەم مېڭىشىغا خائىن دادىسى ئوغلىغا «_ئوغلۇم سەن ئۆزۈڭ بىلىدىغان مىللى مۇناپىقلارنى دەپ بەرسەڭ جېنىڭ ئامان قالاتتى _دېگەندە ئوغۇل دادىسىغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ _دادا مەن پەقەت بىرلا مىللىي مۇناپىقنى تونۇيمەن ئۇ بولسىمۇ سىز !_»دېدى . شۇ مىنۇتتا مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى دەرىجىدە ھاياجانلانغىنىمنى بىلمەيمەن .كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمنى يۇياتتى ... ئاھ خۇدا بۇ ياشلار قاچانغىچە تۆكۈلەر ، بۇ يۈرەكلەر قاچانغىچە ئېسەدەر ؟...يېنىمدا بولغان بولساڭ مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەندىكى ھاياجىنىمىزمۇ  چوقۇم ئوخشاش بولاتتى . ئەمما مەن بۇ جەھەتلەردە ئۆزۈم بىلەن قارىمۇ قارشى بىر مۇناپىق بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن ئەمەسمۇ  ؟!
چۈشلىرىمدە پات-پات سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن . بەزىدە كۆزۈمنى يۇمساملا ماڭا قاراپ كۈلىسەن ،ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تەمشىلىپلا ئويغۇنىپ كېتىمەن ، توۋا بۇ چۈشۈممىدۇ ،خيالىممىدۇ ؟
   1998-يىل نويابىر مايتاغ
سالام سۇبات سەن بىلەن ھال-مۇڭ بولمىغىلى خېلى كۈنلەر بوپتۇ .بۈگۈن مايتاغدا قار يېغىۋاتىدۇ . مەن كومپىيوتېردىن ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىمەن
.ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ،
يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي .
ئەسلى زاتىم چىن ۋاپادار ،
ئىشقىڭدا پەرھادىڭ بولاي ....   
    ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ، يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي ...دېگەن مىسرالار مېنى يىغلاتتى .مۇشۇ مىسرالارنى ئاڭلىساملا غۇلجىسا بىر تەتىلدە بىرگە ئۆتكەن كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئەسكە ئالىمەن .جىلىليۈزىگە مېنىڭ  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دوستۇمنى ئىزدەپ چىققان ۋاقتىمىز ئېسىمگە  كېلىدۇ .بىز دوستۇمنىڭ ئۆيىنى ئاران تېپىپ بارساق ئۇقا بىر يېزىغا ئىشلىگىلى كېتىپتۇ .مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ لەسسىدە بولدۇم .سەن مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ :
_ئۇ دوستۇڭ بىلەن زادى بەك كۆرۈشكىڭ بارمىتى ؟_دەپ سورىدىڭ
_ئاتايىن كۆرۈشكىنى كەلگەندىكىن كۆرۈشۈپ كەتسەم ياخشى بولاتتى- دېدىم مەن ساڭا دومسۇيۇپ .
بىز يەنە ئۈچ چاقلىق موتۇغا كىرا قىلىپ ئۇ دوستۇم ئىشلەۋاتقان يەرگە ماڭدۇق .بىز موتودىن چۈشۈپ قېلىپ بارىدىغان يەرنى سورىداق . بىز بارىدىغان مەنزىلىمىزگە كەلمەستىن خېلى بالدۇرلا چۈشۈپ قاپتۇق .
_ ۋاي-ۋۇي مۇشۇ ئىسسىقتا بۇ سەھرايى قىيامەتنىڭ يوللىرىنى قاچان تۈگىتەرمىز ؟-دېدىم چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ
_ ماڭا قارىغىنا چولپان ، دېدىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا  .مەن ساڭا قارىدىم سەن ناھايىتى تەمكىن قىياپەتتە تۇرۇپ :
_يېنىڭدا مەن سۇباتلا بولىدىكەنمەن قانچىلىك ئۈزۈن يول بولسىمۇ ،  سەن ھارمايسەن جۇمۇ !_دېدىڭدە قولۇمدىكى سومكامنى قول ئۇزۇتۇپ ئەكەل سومكاڭنى مەن كۆتۈرىۋالاي ئۇششۇق ھېرىپ قالمىغىن _دېدىڭ مەغرۇر كۈلۈپ .
  - ۋۇي غۇلجۇلۇقلارانىڭ خارەكتىرىگە قارشى بىر ئىشنى قىلىپ سومكامنى كۆتۈرىۋالدىڭغۇ ؟_دېدىم مەن سېنى گەپكە سالماقچى بولۇپ .
_ئۆزۈممۇ ھەيران سېنىڭ ئالدىڭغا كەلسەملا ئىرادەمگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ سالىمەن . بۇ قورقۇش ئەمەس كۆيۈنىش ھەم ھۆرمەت ،قانداقلا بولمىسۇن سەن دېگەن مېھماندە !-دېدىڭ . شۇنداق پاراڭلار بىلەن شاھىدە ئىشلەيدىغان جايغىمۇ بېرىپ قاپتۇق . سۇبات سەن ھەقىقەتەن راس دەپتىكەنسەن ئادەم ئۆزى چۈشەنگەن ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن قانچىلىك ئۇزۇن يوللاربولسىمۇ  ۋايسىماي باسالايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا باغۇ-بوستانلاردا يۈرسىمۇ قاغجىراپ كېتىدىكەن !مۇشۇنداق چاغلاردا قانغىدەك بىر يىغلىۋېلىشمۇ ئادەمگە كۆپ ئارام بولىدىكەن ...
1998-يىل  30-دېكابىر  مايتاغ
سۇبات ! بىلەمسەن بۈگۈن مەن ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال بولۇپ قالدىم .توۋا مەن بۇرۇن ئەخلاقلىق ياخشى قىزلار پەقەت بىر يىگىت بىلەنلا مۇھەببەتلىشىپ ،شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم ..شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن سېنىڭ تەكلىۋىڭنى قۇبۇل قىلغاندا بەك ئويلاشقان ھەم ئۆزۈمگە ھاياتنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىدە سۇباتقا چوققۇم ۋاپادار كۆيۈمچان ئايال بولىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم .سېنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ يېنىڭدا بولۇشنى مەقسەت قىلغانتىم .ئەپسۇس رىسقىمىز قوشۇلمىدى .«قورققان يەردە جىىن بار »دېگەندەك تەغدىر مېنى يۈرگەن يىگىتىدىن ئايرىلغانلا ئەمەس ،1-ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال قىلىپ قويدى .مەن شۇلارنى ئويلىسام تەغدىرىمگە ئېچىنىمەن .ئەمما 7 يىل ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشاپ تارتقان ئازابلىرىمنى ئويلىسام ئاللاھنىڭ ئوڭۇشلۇق  يول بېرىپ ئاجرىشىۋالغانلىقىمدىن راھەتلىنىپ قىز دەۋرىمگە قايتىپ قالغاندەك  ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس قىلىمەن .تەغدىرىمەە تەن بېرىپ ، مۇھەببەت روھقا تەئەللۇق ،مېنىڭ روھىم ئەڭ پاك ،ئەڭ چەكسىز  مۇھەببىتى بىلەن ھەقىقىي ئەركەك سۇباتنى سۆيۈدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن .
1999-يىل 27-ئاپرىل مايتاغ
سۇبات ھېچقاچان سېنى بۈگۈنكىدەك سېغىنمىغان بولغىيتتىم ؟بىلەمسەن مەن ئەرلەرگە  بەك ئۆچ بوپ كەتتىم .قولۇمدىن كەلسە ئەشۇ  پەسكەش شەخسىيەتچى ئەرلەرنى مەڭگۈ كۆرمىسەم ، ئەمەلگە ئامراق بۇ تەخسىكەشنى بىر يەرگەئەمىلىنى  ئۆستۈرۈپ ئەكەتسىمۇ مەيلىتى ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر كۆزۈم كۆرمىسىلا ،ئۆزۈمنى خاپىلىقتىن ئېلىپ قاچقانسېرى خۇددى خوتۇن كىشىدەك  مەن بىلەنلا ئېيتىشىپ ئارم بەرمەيدۇ ،  ئالدىمدا قىلغان ئىشلىرىمدىن قۇسۇر ئىزدىسە يوق يېرىمدە تىنماي غەيۋىتىمنى قىلىدۇ .« يوغانچى ،» دەپ بېرىپتۇ .بۇنداق دېگنىدىنغۇ رەنقىمىدىم «سۇيۇق ، شالتاق » بولغاندىن بۇنداق لاتا كۇسكۇس غۇرۇرىنى ئىشت يەپ كەتكەن ئېتىقادسىز ئەرلەرگە يوغانچىلىق قىلغان ئەلۋەتتە توغرا ،شۇنداققۇ ؟!  بۈگۈن غەزىۋىم پەلەككە يېتىپتىكەن ،بىكاردىنلا  ئەتتىگەندە كوچا خوتۇنلىرىدەك ۋاتىلدىغانتى ، مىجەزىمگە ماس كەلمىگەن ھالدا ھازازۇل خوتۇنلاردەك جاۋىلداپ يىغلاپ سۆزلەپ ، قىلمىشلىرىنى بىر ئاشكارىلاپتىكەنمەن ،  ئاغزىم ئېچىلىپتۇ كۆزۈم يۇمۇلۇپتۇ ... سۆزلەپتىمەنكى ئىچىم بوشاپ يەڭگىللەپ قاپتىمەن . نەچچە ۋاقتىن نومۇس قىلىپ ،گەپ قىلمىسام مېنى بەك گۇمۇش كۆرگەن چېغى مانا ئەمدى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىمدا پاي-پېتەك بوپ كەتتى .توۋا ھازىر نېمىشكە ئارلەر جىق ئەركەكلەر ئاز قالدى ؟ ئاشۇنداق زەيپانە ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئاياللىرىمىزنىڭ  كۈنى قانداق بولار ؟ شۇڭا ئاياللىرىمىز كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ ؟! ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن بولساممۇ يەنىلا ناھەق خاپىلىققا ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن قەلبىم ئازار يىدى . ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۈمچىيىپ يىغلىدىم .سەن يېنىمدا بولغان بولساڭ مەن مۇشۇنداق بولارمىدىم ؟ مېنى ئېرى يوق تۇل خوتۇن دەپ  تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقماقچىمىكىنە ؟ توۋا مەن ئۇنداق ئەرلەردىن ئوننى ئەكەپ بەرسىمۇ سېنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىڭغا تەڭ قىلمايمەن سۇبات ! ئەگەر سەن يېنىمدا بولغان بولسام بۇنداق ناھەقچىلىككە يولۇققۇنىمنى بىلسەڭ ماڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈگىتەتتىڭ ھەمدە چولپان سېنىڭ يېنىڭدا مەنلا بولىدىكەنمەن ھېچكىم سېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ ،كۆز يېشىڭنى سۈرتۈپ سېلىقى كۈلكەڭنى كۈلىۋېتە ؟!_دەپ مېنى كۈلدۈرەتتىڭ .مەن سېنىڭ مۈرەڭنى نۇقۇپ تۇرۇپ :_پوچى دەپ ئەركىلەپ كۈلەتتىم ،كۈلەتتىم .يەنە كۈلەتتىم ....!
  خاتىرىلەرنى ئوقۇپ مۇشۇ بەتلىرىگە كەلگەندە قۇلۇغۇمغا مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى .چۈچۈپ سائىتىمگە قارىدىم .3تى 15 مىنۇت ئۆتۈپتۇ .شۇ چاغدىلا كۆزلىرىمنىڭ قۇم قۇيغاندەك چىڭقىلىپ ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،خاتىرەمنى تاتمامغا سېلىپ قويۇپ ،بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇردۇم .


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 05:06 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-9 22:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن شەنبە ئەتىگەندە ئۇيقۇمغا قېنىپ تۇرۇپ گۈلنىگارنى يۇيۇپ بولۇپ، تالادا ئوينىغىلى چىقىرىۋېتىپ، ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن. ئەمدى كىر - قاتلارنى يۇيۇش ئۈچۈن، كىرئالغۇنىڭ قېشىغا كېلىشىمگە تېلېفونۇم جىرىڭلىدى.
  _ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟
  _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەدە تېچلىقمۇ؟ - بۇ سىڭلىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
  _ ئاللاغا شۈكرى ، ئۆزۈڭچۇ؟
  - مەنمۇ ياخشى، ھەدە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
  _ ئەتىگەندە ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن، گۈلنىگارنى يۇيۇپتىمەن، ئەمدى كىر يۇيۇش ئۈچۈن كىرئالغۇنىڭ يېنىغا كېلىشىمتى، سەنچۇ؟
  _ ئاخشام، 12 گە ( 3 - سېمىنىغا ) چىققانىدىم،  چۈشلۈك تاماق ئېتىش پەقەت خۇشياقمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلشاتمۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ تويىغا قارشىمەن دەپ ئەتتىگەنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .  چېھرايغا  تېلېفون قىلسام ئۇمۇ  تېخى تاماققا تەمشەلمەپتۇ،ئۇنىڭ يولدىشىمۇ بۈگۈن  سىمىنا قوشۇپ ئىلەپ چۈشتە قايتمايدىكەن ، بالىلارنى ئېلىپ تېز تاماقخانىغا بېرىپ كۆڭلىمىز  تارتقان تاماقلاردىن ئېغىز  تەگكەچ  بىرەردەم مۇڭدىشىپ كېلەيلىمىكىن ، دەپ ساڭا تېلېفون قىلىشىمتى.
  _ بۇ پىلانىڭلار ماڭىمۇ خۇش ياقتى، نەگە بارىمىز؟
  - مارسقا بارايلى، شۇ يەرنىڭ تامىقى ياخشى.
  _ بولىدۇ، شۇ يەردە ئۇچرىشامدۇق؟!
  _ ھەئە، سائەت 12 گە ئۈلگۈرۈپ، خاننى ئېلىپ بارغىن.
    مەن سىڭلىم چىنارنىڭ تېلېفونىنى قويۇپ بولۇپ، سائەتكە قارىسام نەق 11 بوپتۇ، كىرلەرنى كەچتە يۇيۇپ، ھازىر  يۇيۇنۇۋېلىشنى توغرا تاپتىم. ئۆزۈم يۇيۇنۇپ بولۇپ، گۈلنىگارنى چاقىرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم. قىزىم كىيىملىرىنى كىيگەچ توختىماي سۇئال سورايتتى:
  _ ئاپا نەگە بارىمىز؟ باغچىغىمۇ؟
  _ ياق قىزىم، چىنار ئاپىڭىز، چېھراي ئاپىڭىز، مېھراي، زىھناي ھەدىلىرىڭىز بىلەن رېستورانغا تاماق يېگىلى بارىمىز.
  _ پاھ، مەن مېھراي ھەدەم بىلەن ئوينايمەن، زېھناي ھەدەم بىلەن ئوينىمايمەن. . . ! - دېدى گۈلنىگار كىيىم كىيگەچ.
  _ نېمىشكە؟ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش نەۋرە ھەدىلىرىڭىزغۇ؟ ئۇلار سىزگە بەك ئامراققۇ؟
  - شۇ زېھناي ھەدەم مېنى كۆرسىلا چېچىمنى تاراپ قويىمەن دەپ ئاغىرتىۋېتىدىكەن. . . سىز دەپ قويۇڭە، بۈگۈن ئۇنداق قىلمىسۇن!
  _ بولىدۇ، ئۇماق قوزام، سىزنىڭ چېچىڭىز بۈدرە، چىرايلىق بولغاچقا سىزگە ئامراقلىق قىلىپ، سىزنى ياساپ قويغۇسى كېلىدىكەن. بولىدۇ، مەن دەپ قوياي.
  بىز ئانا - بالا ئىككىمىز شۇنداق پاراڭلاشقاچ جابدۇنۋاتساق،ئىشىكىم يېنىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام ئۇدۇل قوشنام مەرەمنىسا ھاجىم.
  _ ھە، كېلىڭ، ھاجىم!
  _ بىر يەرگە جابدۇنغانمۇ نېمە؟ - دېدى ھاجىم بىزگە قاراپ.
  _ ھە، سىڭىللىرىم بىلەن چۈشلۈك تاماققا سىرتقا چىقماقچىتۇق، شۇڭا. . .
  _ قاچان كېلەرسىز؟
  _ قانداق بىرەر ئىش بارمىتى؟
  _ بۈگۈن پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئۆيۈمدە خەتمە ئۆتكۈزەي دەپ بۈۋۈملەرنى چاقىرىپ قويغانىتىم، شۇڭا سىزنىمۇ قاتنىشىپ بېرەمدىكىن دەپ كىرىشىمتى.
  __ ۋاي خۇدا بۇنداق ساۋابلىق ئىشقا قاتناشمامدىغان، مەن تاماقنى يەپ بولۇپلا، ھايال بولمايلا كېلىمەن، ئاندىن كىرەي.
  قوشنامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، قىزىم بىلەن رېستورانغا ماڭدىم. تاماق ئۈستىلىگە كۆڭلىمىز تارتقان نەچچە خىل غىزالاردىن بۇيرۇتۇپ، يەپ بولغاندىن كېيىن، قىزىم سىڭىللىرىمنىڭ قىزلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. بىز ئاچا - سىڭىللار ئۇ ياق - بۇياقتىن پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.
  _ ھەدە، ھېلىقى سەن بىلەن ئارىلىشىدىغان روشەن ھەدەم نېمە بولۇپ كەتتى؟ - دېدى چىنار قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ.
  _ نېمە بولۇپ كېتىپتۇ؟
  _ تۈنۈگۈن بانكىت چېيىمىز بار ئىدى. رېستورانغا بارغان، قارىساق ئۇ شۇنداق چاكىنا كىيىۋاپتۇ،  تانسا  باشلىنار - باشلانماستىن سىرتلىقمىكىن، كۆرمىگەنلا بىر ئەر بىلەن تانسا ئويناۋاتىدۇ، مەستلىكىدىن پۇتلىرىنى ئاران -ئاران يۆتكەيدۇ- ھە؟ ! ئىسىت، ئايدەك چىرايى بىلەن كۆزەمگە پوقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى، يېشى 30 دىن ئاشقان ئايالمۇ شۇنداق سەتلىشەمدۇ؟ «ئۇنىڭ ئېرى گەپ قىلمامدىكىنا؟\' دەپ ئەتراپتىكىلەر لەنەت ئوقۇپ كەتتى.
  _ چىنار ھەدە، سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ھازىر ئۇ دېگەن ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قاپتۇ، ئۆتكەندە بىزنىڭ سېختىكى بىر سەتەڭ ئاچاشمۇ دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ تازا ئىچىشىپ مەس بولۇپ قاپتۇ. دوستلىرى بىر تاكسىنى توسۇپ، سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇ تاكسىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قاپتۇ. تاكسى شوپۇرى خەنزۇ بولغاچقا ئۇ ئويغىتالماي، نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي، ئۇدۇل ساقچىخانىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇيغۇر ساقچىلار ئۇ ئايالنى تونۇپ، ئېرىگە تېلېفون قىپتىكەن. ئېرى كېلىپ ئايالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاچاش بۇ گەپنى« قىزىق ئىش بولدى » دەپ سېمىنىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنتى، مەن ھەيران بولۇپ:
  « ئېرىڭىز ئۆيگە بېرىپ سىزدىن رەنجىمىدىمۇ؟» - دېسەم، « شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنىدىم، ئېرىم ئەتىسى مەندىن ئەپۇ سورىدى. - دەيدۇ.
  _ ئۇ نېمىگە ئەپۇ سورىدى ؟ - دېسەم  _ ئېرىم 15 مىڭ يۈەن پۇلنى قىمارغا ئۇتتۇرۋېتىپتىكەن مەن شۇنىڭغا يامانلاپ چىقىپ جىق ئىچىۋاپتىمەن ، ئۇ بۇندىن كېيىن قىمار ئوينىمايمەن دەپ ئەپۇ سورىدى  - دەيدۇ. » سېخىمىزدىكى بەزىلەر:
  « ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ » دېگەندەك ئېرىڭىزنى تازا جايلاپسىز، جايىدا ئۆچ ئاپسىز! دەپ قۇۋۋەتلىدى.
  _ ھەدە، مەرۋان ھەدەممۇ بەك ئېشىپ كەتتى جۇمۇ، ئىشلەۋاتقاندۇ، يېغىنلاردىمۇ  قولىدىن تېلېفون چۈشۈرمەيدۇ، كىچىك قىزلاردەك، ئۇچۇر يوللاپلا ئولتۇرغان ،ئېرى تۇرۇپ كىچىك بالىلار بىلەنمۇ ئارىلىشىۋېرىدىكەن دېسە؟!
  _ جېنىم سىڭىللىرىم، ئاخبارات يەتكۈزۈش يىغىنىغا چاقىرىلغاندەك سۆزلەپلا كەتتىڭلارغۇ؟ خەقنىڭ گېپىنى قىلمىساق ئۆزۈمىزنىڭ مۇڭى يوقمىدى؟ خەقنى قويۇپ ئۆزىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشايلى . - دېدىم تېرىككەندەك تەلەپپۇزدا.
  __ « كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىرايدۇ \' دېگەندەك دوستلىرىڭنىڭ گېپىنى قىلىپ قويساق ھەجەپ تېرىكىپ كەتتىڭ! ئۇنچىۋالا رەنجىگىدەك سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولمىساڭ!
    __ جېنىم .ئۇكام، ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلغانغا ئەمەس، باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىپ نېمە قىلارمىز دەيمەنغۇ؟ ھازىر مەنمۇ ئۇلارغا ئانچە ئارىلاشمايمەن. - دېدىم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ. قول تېلېفونوم سايرىدى. ئالسام قوشنام ئىكەن.
  _ بۈگۈن مەرەمنىساخان ھاجىمنىڭ ئۆيىدە خەتمە بار ئىدى، مەن قارىشىپ بەرمەكچى ئىدىم، مەن قايتاي دېدىم ، ئۇلاردىن ھوزۇر سوراپ.
  _ يائاللاھ، ئەمدى بىر جەم بولغاندا، ھەدە سەن پەقەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ؟ ئەمدى ئۇ ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولۇپ كەتمە يەنە ! - دېدى چىنار كىنايە قىلىپ.
  - ۋاي، ئۇكام ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولسام تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دېدىم جىددىي ھالدا.
  _ ۋاي، مەن شۇ ھاجىملارغا ئۆچ، ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ يەنە ھەممە گۇنالىق ئىشلارنى شۇلار قىلغان  ! ئۇنىڭدىن بىزدەك ناماز ئوقۇمىسىمۇ يامانلىق ئويلىمايدىغانلار ياخشى!
  - بولدى، بىلمەي تۇرۇپ ئاغزىڭغا كەلگەنچە بىلجىرلىما !  مەن قىزىمنى چاقىرىشىمغا قىزلار چۇقۇرۇشۇپ ھەممىسى كىرىشتى.
  -  ئاپا، مەن يەنە بىردەم  ئوينايچۇ؟ - گۈلنىگار ماڭا يېلىنغان ھالدا ئەركىلىدى.
  _ ھەدە، سەن كېتىۋەر، گۈلنىگار بىز بىلەن قالسۇن! ھەدىلىرى بىلەن ئوينىۋالسۇن، ئەتە ئاپىرىپ قويايلى - دېدى چىنار.
  _ ئاپا، ماقۇل دەڭە؟ بولمىسا مەن يەنە سىزنى كىتاب ئوقۇغۇزماي، خەت يازغۇزماي خاپا قىلىپ سالىدىكەنمەن ؟ ! - گلنىگارنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە سىڭىللىرىم كۈلۈپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم كۆيۈپ مەڭزىلىرىگە تويماي سۆيدۈم .
  - ئەمىسە ھەدىلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشماي، گېپىنى ئاڭلاپ ئويناڭ! - دەپ تاپىلاپ ئۆيگە قايتتىم.
  قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، يوغان ياغلىق چېگىپ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشكەن بۈۋىملەردىن 9 - 10 دەك ئاياللار ئولتۇرۇپ، تەسۋىلىرىنى تۇتۇپ، خەتمە باشلايمىز دەپ ئولتۇرۇشۇپتىكەن.
  _ بۈۋۈم ئاۋۋال بىرەر پىيالىدىن  ئۇسسۇزلۇق ئېچىپ ئاندىن باشلىمامدۇ؟ _ دېدى ھۆرنىسا  ھاجىم ناھايىتى سىپايە ئاۋازدا ئاۋازىنى سوزۇپ.
  _ ھاجىم ھازىرلا چۈشلۈك تاماق يىدۇق، چاي ئىچكىدەكمۇ ئۇسساپ كەتمىدۇق. ئاۋۋال خەتمىنى ئوقۇيلى، ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىچسەكمۇ بولار،- دېدى يۈزلىرى سۈزۈك، چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان ۋىجىككىنە كەلگەن پاتەمخان بۈۋۈم ھەممە ئاياللارنىڭ بېشى سۈپىتىدە سالماق ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ.

دەل شۇ چاغدا ئاشخانا ئۆيدىن چۆگۈننىڭ قاينىغانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئالدىراپ ئاشخانىغا چىقىپ، گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قايناقسۇنى چايدانلارغا ئېلىۋەتتىم. شۇ ۋاغدا بۈۋۈملەرنىڭ ئومۇمىي خوردەك سوزۇپ ئوقۇغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاڭغىچە ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى كىرىپ: _ چولپان ھەدە، سىز كىرىپ خەتمىگە قاتنىشىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى مەن قىلاي ، - دە پ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېھمانخانا تەرەپكە ئىتتەردى. كىرسەم كەڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيدە يەكەنداز ئۈستىدە ئولتۇرغان بۈۋۈملەر ئىككى قولى بىلەن ياقىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، يىغلاپ بىر نەرسە دەۋىتىپتۇ. پاتەمخان بۇۋۇمنىڭ ئاۋازى سۈزۈك، جاراڭلىق چىقىدىكەن. قالغانلىرى شۇ بۈۋامگە ئەگىشىدىكەن. ھاجىم ماڭا ئولتۇرپ ئەگىشىشنى ئىشارەت قىلدى. مەن پەگادىكى كۆرپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىم بىلەن ئۇلارغا ئوخشاش ياقىلىرىمغا ئېسىلدىم.
  __ خۇدايا، خۇدا بەندەڭ ئاسىي، گۇناھكار، گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، توۋا قىلدىم، توۋا قىلدىم، توۋىلىرىمنى قوبۇل قىلغايسەن، قۇلۇم بىلەن تۇتۇپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۇتلىرىم بىلەن مېڭىپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، زىناغا قارىغان كۆزلىرىمگە قوغۇشۇن قويۇلسۇن، غەيۋەت قىلغان تىللىرىمغا ئوتلار يېقىلسۇن، ئىبارا خۇدايا، خۇدابەندە، بەندەڭ ئاسىي گۇناھكار، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت . مۇستاپانىڭ ھۆرمىتىدىن رەھمەت قىلغايسەن. بەندەڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بالالارنى كۆتۈرۋەتكەيسەن. . .
  ھۇ. . . بىز ئاجىز. . . بىز ئاسىي. . . ھۇ. .  . ئەمدى ھەممىسى ئىچ-ئىچىدىن  ئېسەدەپ يىغلاشقا ، ئاۋازلىق يىغلاشقا باشلىدى. مېنىمۇ ئىختىيارسىز يىغا باستى، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمدىن ئېقىپ، ئېڭەكلىرىمدە قوشۇلۇپ ، ئېتەكلىرىمگە تۆكۈلمەكتە. . . يائاللاھ گۇناھ. . . راستىنلا گۇناھلىرىم ئىككى يەلكەمنى بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. خەتمە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئەمدى بۈۋۈملەر يىغىدىن توختاپ ئازراق ئېسىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن پاتەمخان بۈۋۈمنىڭ بۆلۈپ بەرگەن ئايەرلىرىنى سانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەسىلەرنى ساناپ جىددىي ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. مەن ھاجىمنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ: - مەن ئاشخانىغا چىقىپ تاماققا قارىشاي، سىز خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ، - دەپ قويۇپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم. ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى مانتىغا خېمىرلارنى ئۈزۈۋېتىپتىكەن. _ يېنىپ چىقىپسىزغۇ؟
  _ ئەمدى ئوقۇيدىغان ئايەتلەرنى بىلمىگەندىكىن ئاستا چىقىۋالدىم  سىزگە قارىشاي دەپ - دېدىم.
  _ سىزمۇ يىغلىغان ئوخشىمامسىز؟ كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ.
  _ سىز كىرسىڭىزمۇ يىغلايسىز، ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىكەن،- دېدىم.
  _ چولپان ھەدە، سىز ئىشىنەمسىز، مۇشۇ خوتۇنلارنىڭ مۇشۇنداق خەتمە ئوقۇغۇنىغا سىڭلىمنىڭ خىزمىتى ھەل بولۇپ ياخشى يەرگە خىزمەتكە بۆلۈنەرمۇ؟ - ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى ئېڭەكلىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆينى ئىشارەت قىلدى. قولۇمدا خېمىر، ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەنسىتمەسلىك، ئىشەنمەسلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
  _ بىز دېگەن ئاجىز بەندە، ئاللاھتىننېمە  تىلىسەك بېرىدۇ، - دېدىم ئىشەنچ قىلىپ.
  _ توغرا ، ئاللاھ بېرىدۇ، بىزگە  ھەممە نەرسىنى ئاللاھ بەرگەن، ئەمما شۇ تىلەشنىڭمۇ يولى باردۇ؟
  _ سىڭلىم، سىز نېمە دېمەكچى، مەن چۈشۈنەلمىدىمغۇ؟
  _ قاراڭ ئاۋۇ ئاپامنىڭ ئەتىۋارلىق قىزىغا،-  مەن ئۇ شەرەت قىلغان ئىشىك تەرەپكە بويۇنداپ قارىسام ھاجىمنىڭ  ئالىي مەكتەپنى بۇلتۇر پۈتتۈرۈپ كەلگەن كىچىك قىزى چاچلىرىنى ساپ- سېرىق بويىۋالغان ، يۈزلىرى ، قاش - كۆزلىرى ھازىر سەھنىگە چىقىدىغاندەكلا بويالغان ، ئۇچىسىغا ئاسما مايكىدەكلا بىر نەرسە بىلەن پادىچىلار رەختىدىن چوڭ يوتىسىغا كەلگۈدەك يوپكا كىيىۋالغان ، پۇتىدا غەلىتا بىر ساپما كەش، ئۆستۈرۈۋالغان تىرناقلىرىنى ھەر خىل رەڭلىك لاك بىلەن بويىۋالغان، بوينىدا تېلېفون، قولىدا سومكا ... مەن بىر قاراپلا مىكسىكىنىڭ كىنولىرىدىكى ھېلىقىدەك ئاياللارنى كۆرگەندەك بوپ قالدىم . ئۇ بىزگە قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى. ھەدىسى سىڭلىسىغا قاراپ: - نەگە بارىسەن؟ - دېدى.
  _ تالاغا، ئايلىنىپ كىرەي.
  _ ئاپام سېنى ھېچيەرگە بارمىسۇن، ھېلى خەتمە ئاخىرلاشقاندا دۇئاغا قاتناشسۇن دېگەنتى،- دېدى.
  _ توۋا دېگىنە، ئىمانىمنى ئۇچۇرماي، مەن ئاشۇ قېرى خوتۇنلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ دۇئاغا قاتنىشامدىكەنمەن؟
  شۇنداق قىلسام مۇشۇ خوتۇنلار مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويامدىكەن؟ئۇخلاپ چۈشى، ئاۋۇ باشلىقلارغا ئارقا ئىشىك قىلسا بولىدىغان ئىشنى، خۇراپىلاشتۇرۇپ، بولدى مەن بىر باشلىق بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇم، « ئىشىڭىزنى پېچەت پۈتتۈرۈپ بېرىمەن \' دېدى، سىلەر غەم قىلماڭلار! - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتتى.
  _ چولپان ھەدە ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟ بۇ مۇشۇنداق ئاللاھ لەنەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بۇلار بۇ يەردە يىغلاپ ئاللاھقا يالۋۇرسا، ئاللاھنى تەڭقىسلىقتا قويماسمۇ؟. . .
            بىز مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشقاچ مانتىنىمۇ تۈگۈپ كورىغا سېلىپ بولدۇق. خەتمىمۇ ئاخىرلىشىپ ھاجىمنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن ھاجەتلىرىنى پاتەمخان ھاجىم قايتا - قايتىلاپ ئاللاھدىن تىلىدى. ئاخىرىدا تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن چاي قويۇپ بولۇپ، قورداق، پولو، مانتا دېگەندەك نەچچە خىل تاماقلار بىلەن تاماقلاندۇرۇلدى. ئاخىرىدا ئۇلارغا بىر مۇنچە رەخ ياغلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىپ ئۇزۇتۇپ  قويدۇق.
مېھمانلارنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن ھۆرنىسا ھاجىم قىزى ھەنىپە ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ قايتا داستىخان سېلىپ چاي ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشتۇق.
    _ يائاللاھ، بېشىمدا بىر تاغ باردەك ، مۇشۇ خەتمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە بەك غەم يەپ كەتتىم، ئەمدى ئۇھ دەرمەن، قۇيە قىزىم چېيىڭنى، جۈمبىلدىكى ئىسسىق مانتىدىن ئەكەل، يەيلى - دېدى.
  _ مۇشۇ خوتۇنلارنىڭ ئىككى سائەت ئوقۇپ يىغلاشلىرى بىلەن ھۆر قىزىڭىزنىڭ خىزمىتى ھەل بولۇپ كېتەرمۇ؟ بۇلارنى مېھمان قىلىشقا  چىقىم قىلغان پۇللارنى ئاۋۇ سوۋغا - سالام ئالغان پۇللارنى كەمبەغەل - بىچارىلەرگە سەدىقە قىلغان بولساڭچۇ؟ كاشكى! - ھەنىپە بىزگە چاي قۇيىۋاتقاچ شۇنداق دېدى.
  _ بۇ نېمە دېگىنىڭ قىزىم، ھەر ئىشنىڭ يولى بار، سەدىقىنىمۇ يولى كەلسە قىلىۋاتىمىزغۇ؟ خەتمە ئوقۇشمۇ كاتتا ساۋاب ئىش. سەن بىلمەيسەن! خاتا گەپ قىلساڭ گۇناھ بولىدۇ! - دېدى ھۆرنىسا ھاجىم تەنبىھ بېرىپ.
  - ئاپا ، سېنىڭ نەرىڭنىمۇ ھاجىم دەرمىز، ھەرەملەرگە بارغاندىمۇ كۆزۈڭ ئېچىلمىغانمىدۇ؟
  _ نېمە بولدۇڭ بالام، قايناپلا كەتتىڭغۇ؟ - ھاجىم قىزىغا رەنجىمەستىن سۇئال قويدى.
  _ ماۋۇ ئەتىۋارلىق قىزىڭنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ دەيمىنا؟!
  ھاجىمنىڭ چىرايى سەل قىزارغاندەك بولدى - دە، دەقىقە ئىچىدە ئەسلىگە كەلدى.
  _ بالام، دېگىنىڭغۇ توغرا، شۇنچە گەپ قىلساممۇ يا گەپكە كىرمىسە، ئاللاھدىن .ئىنساۋىنى تىلەۋاتىمەن، قانداق قىلاي، بىر كۈنى ئىنساۋىنى بېرەر ، ئەلگە كىرسەك ئىلىڭچە، سۇغا كىرسەك بىلىڭچە\' دەپتىكەن، زامان شۇنداق بولغاندىكىن. . .
  - ئۇنداق بولسا سەنمۇ ھەرەمگە بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ، ئاۋارە بولۇپ.
  _ بۇ نېمە دېگىنىڭ، ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلغىلى تۇردى، بېرىپ توۋا قىلىپگ گۇناھلىرىمنى يۇمىسام، ئۇ دۇنياغا ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن بالام! ؟
  _ ئۇنداقتا قېرىغاندا ھەرەمگە بېرىپ، توۋا قىلىۋالساق بولىدىكەندە !
  _ ئاللاھ يەتكۈزمىسە مۇشۇنداق گۇناھكار ھالەتتە ئۆلىمىز دېگىنە؟! سەن جەننەتتە پەيزى سۈرسەڭ، بىز دوزاختا ئازاب چېكىمىز شۇنداقمۇ؟
  _ ئاغزىڭنى ئۈشتمە! نېمە شۇم ئېغىزلىق قىلىدۇ ما بالا!
  _  ئاپا، خاتىرجەم بول جۇما، سەن جەننەتكە كىرسەڭ، بىز دوزاختا تۇرۇپ، سېنى توۋلاپ تولا ئاۋارە قىلارمىزمىكىن، بولۇپمۇ ئاۋۇ ياۋروپالىشىپ كەتكەن ئەركە قىزىڭغا پەقەت چىدىمايسەن، ئۇنىڭ ئاشۇ يوغان يوتىلىرى ئوتتا كۆيسە سەن چىدارسەنمۇ؟ !
  _ يائاللاھ، ماۋۇ بالىغا نېمە بولدى، شۇم ئېغىزلىق قىلىپ، ئۇنداق بولماس، ئاللاھ سىلەرگىمۇ توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرەر، ھەج ھەرەم  قىلىپ ماڭا ئوخشاش خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەرسىلەر.
  ھاجىمنىڭ گەپلىرى قولاشماي مېنىڭ ئالدىمدا قىزىنىڭ گەپدانلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەپسىز بولىۋاتاتتى.
    _ ھەنىپە ھەجەپ تاماققا ئۇستىكەنسىز، قورىمىلىرىڭىز شۇنداق تەملىك بوپتۇ، نەچچە خىل تاماقنى قىلغۇچە قورسىقىڭىزمۇ ئېچىپ قالغاندۇ؟ ! - دېدىم ئۇلارنىڭ گېپىنى بۆلۈش ئۈچۈن.
    _ بۇ بالام بەزىدە مۇشۇنداق گەپدانلىق قىلغىنى بىلەن قولىدىن خېلى ئىش كېلىدۇ، مېنىڭ دۇئايىمنى ئالىدۇ - دەپ ئەركىلەتكەندەك ماختاپ ، قىزىغا يەر تېگىدىن قاراپ قويدى ھاجىم .
مەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىققاندا ئاللىقاچان ناماششام بولغان ئىدى.كىرئالغۇغا كىرلەرنى سېلىۋېتىپ،  تېلېۋېزورنى ئاچتىم. كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدىغان يەنە شۇ ئېلان:
    يالىڭاچ قىزلار، ئاياللار كېسىلى، ئەرلەر كېسىلى، ھامىلىنى ئاغىرتماي چۈشۈرىدىغان دورىلار، مەزى بېزى كېسەللىكى. . . ئەنە ئاۋۇ چىرايلىق قىز تەپتارتماستىن تۈك چۈشۈرۈش دورىلىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ : « بەدىنىڭىزنىڭ ھەرقانداق يېرىنىڭ مويىنى پاك - پاكىز تازىلايدۇ » دەپ ئۇخلاش كۆينىكى بىلەنلا ھىجىيىپ تۇرۇشىنى. . .
  مۇشۇنداق ئېلانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھازىر قارا سۆڭەكلىك توخودىن ياسالغان خۇيرىن كومۇلىچىنىڭ ئاياللارغا دورا بولىدىغانلىقىنى چوڭلارلا ئەمەس،  كىچىك بالىلارمۇ بىلىپ كەتتى. ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىمىز تېلېفوندا دوستىغا « ئاياللار كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن \' دەپ ھال ئېيتىۋاتسا بەش ياشلىق ئوغلى « ئانا سىزمۇ تېلېۋېزوردىكى قارا توخو كۇمۇلىچىنى ئېلېىپ يىمەمسىز؟ » دېگىدەك.  ئۆتكەندە سىڭلىم « بەك سەمىرىپ كېتىدىكەنمەن، شۇڭا كەچلىك تاماقنى يېمەيمىكىن؟! » دېۋىدى. مەن جاۋاب بەرگۈچە گۈلنىگار « چىنار ئاپا، سىزچۇ سەمىرىپ كەتسىڭىز، چىن گۈزەل دېگەن كىيىمنى كەيسىڭىز ئورۇقلايسىز » دېمەسمۇ ؟...  كۆپ قىسىملىق تۇرمۇش كىنولىرىنى كۆرسەكقۇ  خۇددى جاھاندا مۇھەببەت، ئەر - خوتون زىددىيىتىدىن باشقا .ئىش يوقتەك، شياڭگاڭ، تەيۋەنلەرنىڭ فىلىملىرىدىغۇ ئۆچ ئېلىش، بىر - بىرىنى قەستلەشتىن باشقا .ئىش يوقتەكلا  تەسىراتقا كېلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاللىقاچان « ئاشنا » دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى چۈشۈنۈپ بولدى. ئۇلار ھازىر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن يېتىلىشتىن بۇرۇنلا، پىسخىك جەھەتتە « زاكىسىدىن قېرىپ قالدى » ئۆتكەندە بىر ئوقۇتقۇچى بالىلار توغرىسىدا سۆزلەپ « 8 ياشلىق قىزىمنى مەكتەپكە ئېلىپ بارسام نەچچە مۇئەللىمەلەر، مەن 1 - ئاپىڭىز، ئاۋۇ 2 - ئاپىڭىز دەپ » ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرسا، قىزىم سىرتقا چىققاندا ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا، « دادا، ئاشۇ ئاپاشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئاشنىڭىزمۇ » دەپ سورىغانتى، قىزىمغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۆيگە كېلىپ ئايالىمغا « بالا بار يەردە گەپ - سۆزگە دىققەت قىل » دەپ رەنجىسەم، « بىزغۇ بالىلار بار يەردە دىققەت قىلىمىز، بۇ بالىلار ھەممىنى تېلېۋېزوردىن ئۈگىنىدىكەن \' دېدى. بۇ ئىشلارنى زادى قانداق قىلساق بولاركىن؟ » دەپ ھەسرەت بىلەن باش لىڭشىتتى. بۇ مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ،قايسى كۈنى تور ئارىلاۋېتىپ ، ئەل سۆيەر شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ « تېلىۋىزور »دېگەن شېئىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى .

ئېلان بېرىپ زىرىكتۇردۇڭ تېلىۋىزۇر،
زىرىككەننى تېرىكتۈردۇڭ تېلىۋىزۇر.
يالغان بىلەن لاپنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ،
ئىكرانىڭدا بىرىكتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر

تېلىۋىزۇر ساختا دورا سەندىن ئالدى مەدەتنى،
ساختا سۈرەت كىرىشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
بولىۋېلىپ پۇل بەرگەنگە قۇل-دىدەك،
ساختا كەسىپ يۈررۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

بولۇۋالدىڭ ھاراقكەشكە گۇپپاڭچى،
بۇ ئىشنىمۇ كىلىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
زادى داۋا يوقتەك ماختاپ ھەممىنى،
چىشىمىزنى قىرىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

ياخشى ئىدىڭ ياش چىغىڭدا ئەجەپمۇ،
ئۇنى نەگە يىغىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
يەڭ ئىچىدە قىلغىنىمنى بىلمەس دەپ،
بىزنى كىمگە سىلىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

\' ئىكرانڭىدا ساختا چولپان كۆپەيتىپ،
كۆڭلىمىزنى ئىلەشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر
پاختەك بىلەن قارىغۇجىنى بۇلبۇل دەپ،
شەرەپ-شانغا ئىرىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

پۇلغا سېتىپ ناخشىلارنى بىسوراق،
(تەلەپ-تەقدىم) ئويۇشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
كىمدىن بىزار بولساق، بىزنى شۇنىڭغا،
كۈندە يۈز رەت كۆرۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

باغاق يېزىپ تەكلىپ قىلسا سەھراغا،
ئاۋال پۇلنى سۈرۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
پىكىر يازساق پەرۋايىڭ يوق زەررىچە،
كالپۇكىڭنى پۈرۈشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.

دەپ تۇرساقمۇ ئەگەشمە، دەپ شەيتانغا،
كۈندە قەدەھ سوقۇشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
كۆرۈپ قالغاچ بۇ كەسىپتىن پايدىنى،
تىللىساقمۇ، تىنچ تۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر

ئېلانچىنى يالغۇز ئۆزەڭ سۆيمەستىن،
بىز بىلەنمۇ سۆيۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
ئەل ياقتۇرماس شۇ يايمىنى، ئېيتقىنا،
سەن نىمىشقا يىتىشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
قاراڭ ، شائىرىمىز بۇ شىئېرىدا تېلۋىزور توغرىسىدا ئىچىمىز بوشىغىدەك چىن گەپلەرنى قىپتۇ ،توۋا شۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغانلار ماشىنا ئادەم بولمىغاندىكىن  ،زاۋۇتتىن چىققان پېتى ئىشلەيدىغان ،ئاۋۇئاللاھ ئاتا قىلغان  كۆز -قۇلاق ،مىڭە ،قەلپ دېگەن نەرسىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، بىز كىم ،كىم ئۈچۈن ،نېمە ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز ؟ دېگەننى ئويلاپ باقسا بولمامدىغاندۇ ؟مەن ئويلاپ قالدىم ئەمدى ئۇلار ئويلىمىغاندىكىن بىز  مۇسۇلمانلار  ھالال-ھارامنى ئايرىپ يەيدىغان قەۋم بولغاندىكىن  تېلېۋېزور كۆرۈشتىمۇ،ھارام -ھالالنى ئايرىپ ، ئېتىقادىمىزغا، كىيىنىشىمىزگە، ئۆرپ- ئادىتىمىزگە توغرا كەلگەنلىرىنى تاللاپ  كۆرسەك، قوبۇل قىلساق بولىدۇ. بولمىسا بىزنىڭ باشقا تائىپلاردىن نېمە پەرقىمىز؟ ! ئەنە تېلېۋېزوردىن كىيىنىشنى قوبۇلقىلغان كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قوشنامنىڭ قىزىدەك ياۋروپاچە كىيىنىپ پاھىشەلەرگە ئ.وخشاپ قېلىشتىن سىرت چوڭ قوينىڭ گەۆشلىرىنىمۇ ئورۇقلىتىدىكەن ،ياكى تېرىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدىكەن ، ياكى ياشلىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن دەپ ئېلان بەرسە لزىغا مىلاپ يەۋېرىشتىن يانمىغىدەك ...
  كىرئالغۇنىڭ كىر يۇيۇلۇپ بولدى دەپ بەرگەن سىگنالى بىلەن تېزگىنەكنى بېسىپ ، مەززىسىز كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كىرلەرنى ئېلىپ، يېڭى كرلەرنى سېلىۋېتىپ، قول يۇيۇش جۈمىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئالدىمدىكى تامغا چاپلاقلىق چوڭ ئەينەككە كۆزۈم چۈشتى. ئەينەكتىن ئۆزۈمگە قارىسام دولامغا چۈشۈپ تۇرغان قارا، قۇيۇق بۈدرە چاچلار، مەيدىلىرىم ئوچۇق ھالدا كورىيەنىڭ كالتە يەڭ تار مايكىسى ، تىزىمنى بېسىپ تۇرىدىغان داڭلىق ماركىلىق يوپكا، پاچاقلىرىم پايپاقسىز. . .
        مېنى مۇشۇ ھالەتتە كىممۇ مۇسۇلمان ئايال دەر؟ !
سېنىڭ نەرىڭ مۇسۇلمان؟! بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن سۇئال قەلبىمنىڭ تەكتىدىن چىقىۋاتاتتى. مەن  ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ بىر ئىستاكان قەھۋە دەملىدىم. قەھۋەنى ئوتلاپ ئۆزۈمنى كىرىسلوغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ يەنە شۇ سۇئالغا جاۋاب ئىزدەۋاتاتتىم. « نېمە ئامال، ۋەزىيەت شۇنداق تۇرسا؟ ھازىرچە ئاۋۋال بىر ۋاق ناماز بىلەن ئىشلەپ تۇر، دەم ئېلىشقا چىققاندا ئاندىن . . . قاچانمۇ دەم ئېلىشقا چىقارمەن؟ ئەمدى 36 ياشقا كىرسەم؟ خىزمەتكە كىرگىلى 12 يىل بوپتۇ! پۇلى جىق ئەر بولسا مېنى ئىشلەتمەي، مۇسۇلمانچە يۈرۈشكە يول قويسا. . . سۇباتچۇ؟ ئۇ شۇنداق قىلالارمۇ؟ . . . . . .
  مەن كىرلەرنى يۇيۇپ بولۇپ، تاختايلارنى بىرەر قۇر ئېيتىپ، سائەتكە قارىسام سائەت 10 بوپتۇ. ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمدىمۇ شۇ  سۇئاللار بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتاتتىم. كۆزۈم قانداق ۋاقىتتا ئۇيقۇغا باردىكىن چۈش كۆرۈپتىمەن: « ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى نەچچە بىنالار ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتقۇدەك، مەھەللىلەر بىردەمدە تۈپتۈز ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابىيلىقتەك بولۇپ قالغۇدەك. » تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم.  بۇ كېچىدە نېمە بولغاندۇ؟  گۈلنىگار كېچىدە قىزىپ قالغانمىدۇ؟ » مەن شۇنداق خىياللار بىلەن تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىمدە :_ ۋەي، \' دېدىم پەس ئاۋازدا.
_ چولپان ، سەن بارمۇ ئاداش ؟ - بىرسىنىڭ يىغلامسىراپ چىققان ئاۋازى مېنى چۆچۈتىۋەتتى.
_ ۋەي، كىمۇ، نېمە بولدى؟
_ مەن ئايشەم ئاداش، سەن قورقۇپ كەتمە، كېچىدە شۇم خەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدۇم.
_ تىلىڭنى چاينىماي تېز گەپ قىلە ، نېمە بولدى؟
  _ روشەن، روشەن قاتارلىق قىزلار قارامايدىن كەلگۈچە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ. روشەن تۈگەپ كېتىپتۇ!
_ نېمە! - مۇشۇ مۇنۇتتا ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مۇنچىلىك قورقماسمەنمىكىن، قورقۇناشتا بىر پەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تاشتەك قېتىپ قالدى. تىلىم تۇتۇلۇپ بۇتتتەك تۇرۇپ قالدىم . تېلېفوندىن ئايشەمنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى.
  _ ئايشەم، ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز؟ - دەپتىمەن بىر چاغدا.
  _ سەن پەسكە چۈش، مەن مەلەڭگە باراي، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆيلىرىنى رەتلەپ تۇرايلى - دېدى ئايشەم.
  _ ئايشەم ، مەن قورقىۋاتىمەن، پەسكە چۈشەلمەيمەن،  دېدىم. مەن ئۆلۈمنىڭ خەۋىرى بىلەنلا مېنى سۈر بېسىۋالغان ئىدى .
  _ مەن مەلەڭگە بېرىپ، ئىشكىڭنى قۇڭغۇرىقىنى باساي، ئاندىن چۈش، گۈلنىگارنى قانداق قىلىسەن؟
_ گۈلنىگار سىڭلىمنىىڭ ئۆيىدە.  
مەن چىراقنى يېقىپ كىيمىمنى تېپىش ئۈچۈن، كىيىم .ئىشكاۋىنىڭ ئەتراپىنى قانچە قېتىم ئايلانغاندىمەن، ئىشكاپنى تېپىپ ئىچىنى قانچە قېتىم ئاختۇرغاندىمەن،ئۇزۇن يەڭ كىيىملىرىمنى ئىزدىگۈچە تەرلەپ كەتتىم. كىيىملىرىمنى كىيىپ، بېشىمغا ياغلىق تاپالماي، ئۆزۈمنى شۇنداق تىللىدىم. توۋا چولپان ، ئۆلمەيدىغاندەك ھەجەپ ياشاپتىكەنسەن؟ بىرەر ياغلىق تېپىشمۇ مۈمكىن بولمايۋاتامدۇ ئەمدى؟ ئاخىر قولۇمغا مەرھۇم دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىدە چىگكەن تېگى قارا ئاق گۈللۈك شايى ياغلىق قولۇمغا چىقتى. ئاڭغىچە ئايشەممۇ ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى. ئاياقلىرىمنى كىيىپ، زالنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ پەسكەچۈشتۈم.  زالنىڭ ئاشىكىنى ئېچىشىمغا ئايشەم بوينۇمغا ئېسىلىپ ئۈنسىز ئېسە دېدى.
    _ بۇ كېچىدە قوشنىلار نېمىدەپ قالىدۇ؟ بولۇڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار! - ئايشەمنىڭ يولدىشىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق.

دوستۇم روشەن ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ساددا بولۇشتىن سىرت  جەمىيىتىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىك رىقابىتى ئەڭ يۇقۇرى كۈچلۈك ، پۈتۈن خوشاللىقىنى مال-مۈلكى ،كىيىم -كېچىكى ،زىبۇ -زىننەت ... دېگەندەك نەرسىلەردىن ئىزلەيدىغان  ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن باھا بېرىدىغان خارەكتىرى كۈچلۈك  ئىدى .، ئۇ تەڭتۇشلىرىمىز ئارسىدىكى ھەشەمەتچىلىكنى ئابرويپەرەسلىكنى قوغلىشىش بەيگىسىدە ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال چەۋەندازلارنىڭ بىرى دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى زىننەتلىگەن 85 كۇۋادىراتلىق ئۆيىگە قانائەت قىلماي ،يېڭى ئولتۇراق ئاھالىلار قوروسىدىن 120 كۇۋادىرات ئۆي ئېلىپ ،يۇقۇرى ئىستىمال سەۋىيىسىدە زىننەتلەپ ، جاپدۇق ئېلىپ ،ياسىغان بولسا ،ماشىنا ئېلىش بەيگىسى باشلىنىش بىلەن ماشىنا ئېلىپ ،ئاياللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ ھەممىسىنىڭ ئۆزىدەك ھەشەمەتپەرەسلەرنىڭ ئۆچىگە ئوت يېقىۋەتكەن ئىدى . ئۇ شۇنداق سۆزلەر بىلەن ماختىناتتى ، ئۆزىنىڭ بەختىنى كۆز-كۆز قىلاتتى ... بىچارە دوستۇم ئۆمرىنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا شۇ نەرسىلەرنى ساۋاپلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋالماسمىدى ، ئۇ تېخى دەم ئېلىشقا چىقىپ ئاندىن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ گۇناھلىرىمنى يۇيىمەن دېگەن ئەمەسمىدى ؟ ! ئاللاھ قۇدرىتىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمنى تونۇۋالغىچەماڭا پۇرسەت بەرگىن ! شۇنداق نىدا بىلەن كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلگەن ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇماقتا ئىدى .يېنىمدا ئولتۇرغان ئايشەمنىڭمۇ ماڭا قارىغىدەك ،ئۆلۈمنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگىدەك ئەھۋالى يوق ، ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى .روشەننىڭ  ئۆيىگە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى چەكسەك گۈلناز ئىشىكنى ئاچتى ، بىز ئۈنسىز قۇچاغلىشىپ يىغلاشتۇق .ئۆزۈمىزنى شۇنچە باسساقمۇ ئاۋازلىرىمىز بىزگە بويسۇنمايتى .
_ئۆيگە كىرىڭلار ،ھازىر كېچە سائەت بىر بولدى ،قولۇم -قوشنىلارنىڭ بەزىلىرى بىلىپ بولمىدى ، ئەڭ ياخشىسى مىيىتنى ئەكەلگىچە قوشنىلارنىڭ بىلمىگىنى ئۇيقۇسىنى بۇزمىسۇن ،چوڭلارغۇ مەيلى كىچىك بالىلىرى بولسىمۇ ئارام ئالسۇن !-ئايشەمنىڭ ئېرى شۇنداق دەپ بىزنى ئۆيگە ئىكىرگەچ بەزلىدى .
_مەمەت سىز ئەھۋالنى ئېنىقراق بىلدىڭىزمۇ ؟_دېدى گۈلناز ئېسەدەپ تۇرۇپ ،
_ماڭا پەقەت مەخمۇتنىڭ تېلفۇندا «روشەن قارامايدىن كەلگىچە يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ ،مەن ئاكام بىلەن شۇ يەرگە ماڭدىم ،چوڭلارغا ھازىرچە ئۇقتۇرماي تۇرايلى ، سەن ئايشەمنى ئېلىپ ئۆيگە بېرىپ تەييارلاپ تۇر دېگەن تېلفۇنىنى ئېلىپلا سىلەرنى ئېلىپ كېلىشىم _مەمەت غەمكىن ھالدا يەرگە قارىدى .
_سەن ئۆزۈڭچۇ ؟كىمدىن ئاڭلاپ كەلدىڭ ؟_دېدىم گۈلنازغا
_مەخمۇتنىڭ ھەدىسى قوشنام  مەرزىيە ھەدەم ماڭا تېلفۇندىلا پەسكە چۈشۈڭ روشەن ھادىسكە ئۇچراپتۇ دېدى ،ئۆيگە كەلسەك رامىلە ئۇخلاۋېتىپتۇ .مەرزىيە ھەدەم ھېلى يىغا -زارە بولۇپ كەتسە بالا چۈچۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يولدىشى بىىلەن كۆتۈرۈپ ئېچىقىپ كەتتى ، مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇرۇشۇم ئىدى .ئۇ يەنە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
_ بولدى ،بىز ئاۋۋال ئۆيلەرنى سەل نېرى-بېرى قىلىۋېتەيلى ،ھەر قاچان روشەننى ئۆيگە ئەكىرىدۇ بىز ئاۋۇ چوڭراق ھوجرىنى بىكارلاپ قويامدۇق ؟!_دېدىم .بىز شۇنداق قىلىپ قويغان تۇتقىنىمىزنى بىلمىگەن ھالدا بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆينى ھازىدارلار ئولتۇرىدىغان ،پەتىچىلەر كىرسە پۇتلاشمايدىغان شەكىلگە ئەكەلدۇق .
_مەمەت سىز يەنە بىر تېلفۇن قىلىڭە ،روشەننىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان باشقىلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراقتۇ ؟...!ئايشەم ئېرىگە يېلىنغاندەك تەرىزدە قارىدى .
مەمەت تېلفۇننى قولىغا ئالدى،بىزنىڭ كۆزىمىز مەمەتنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ،يۈرەكلىرىمىز ئەنسىز دۈپۈلدىمەكتە ...
_ھە ،ۋاي خۇدا ، ھە،ھە قانچىسى ؟ ! قالغانلىرىچۇ ؟! ھە بىلدىم ، بوپتۇ ئالدىرىماي كېلىڭلار !  مەمەت تېلفۇننى قويۇۋېتىپ بىر ھازا چىرايلىرى تاتارغان ھالدا تۇرۇپ كەتتى ،لەۋلىرىى سۇس تىترەيتتى ... كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك بىر ھالەتتە مەمەتكە قاراپ قېتىپ تۇراتتىم گۈلناز بىلەن ئايشەممۇ شۇ ھالەتتە  مەمەتنىڭ لەۋلىرىنىڭ يەنە نېمە شۇم خەۋەر يەتكۈزىشىدىن قورقۇپ تىترەپ تۇراتتۇق .
ئەر كىشىدىن ھامان بىزگە قارىغاندا جاسارەتلىك بولىدىكەن ، ئۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندەك بىر ھالەتتە پەس ئەمما ئۇرغۇلۇق قىلىپ :_ھامان بولغىلىق بوپتۇ ، ئۆلگەننىڭ ئارقىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ ،ئۆزۈڭلارنى قاتتىق تۇتىۋېلىڭلار ، روشەننىڭ ماشىنىسىدا يەنە نادىرە ،زەيتۇنە لەرمۇ  ، كېتىپ قاپتۇ !-دېدى
كۈتۈلمىگەن بۇ ئېچىنىشلىق  قوش پاجىئە ئەقلىمگە سىغمىغاندەك ، مەن خۇددى خىيالى دۇنيادا تۇرىۋاتقاندەك ،بەدىنىمگە ناركوز ئۇكىلى ئۇرغاندەك دەقىقە ھېچنىمىنى سېزەلمەي قالغاندەك گاراڭ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . كەڭ بالكون بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ئەينەكلىپ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ سىرتقا قارىدىم .تاشقىرىدا دەھشەتلىك شىۋىرغان ھۆكۈم سۈرەتتى.تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلىشكە باشلاۋاتاتتى ،بوش كوچىلاردا يېنىقلىق تۇرغان كوچا چىراقلىرىنىڭ  سۇس شەپەق نۇرلىرىغا ئۆزىنى ئۇرىۋاتقان پەرۋانىدەك ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ پىرىلداپ چۆرگىلىگىنىدەك بىر شەكىللەر كۆزلىرىمنى تورلاشتۇرغاندەك  نېم بولدۇم ؟ ئەنە كوچىلار بىردەمدىلا ھۆل بوپ كەتتىغۇ ؟ئانىسىز قالغان بەش نارسىدىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن سەل بولۇپ ئېقىۋاتامدىغاندۇ ؟!
-ۋاي جېنىم دوستلۇرۇم بۇ قوش ئازابلارغا قانداق چىدارمىز ، قايسىڭلارغا باشتا -قايسىڭلارغا ئارقىدا يىغلارمىز ! ... دېگەن يەر تېگىدىن چىققاندەك بوش بىر مۇڭلۇق يىغا مېنى ئېسىمگە ئەكەلدى .مەن كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ بېشىمنى سىلكىدىم ، شىۋىرغاندىن كېيىن سىم-سىم يېغىۋېتىپتۇ . ئارقامغا ئۆرۈلدۈم ، گۈلناز بىلەن ئايشەم ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاۋاتاتتى .مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قۇچاغلىغىنىمچە ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يىغلىدىم .
   شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىپ مەھمۇتنىڭ ھەدىسى مەرزىيە ھەدەم ،،روشەننىڭ ھەدىسى رابىيە ،سىڭلىسى رىزۋانلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئۆي ئىچى يىغا زارىگە تولدى .
_يائاللاھ ئۇكام «چېچىڭنى سۈپۈرگە ،قولۇڭنى كۆسەي »قىلىپ تۇتقان جاھانلىرىڭ قالارمۇ ؟!  بۇ جاھان ھەجەپ ۋاپاسىزكەنغۇ قېرىندىشىم  ، شۇنچە كۆپ ئادەم سىققان مايتاققا سەن پاتمىدىڭمۇ قېرىندىشىم ، تېخى سەن ياشتىڭغۇ ، ئون گۈلۈڭنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغانتىغۇ سىڭلىم !... ھۇھۇ  
_ۋاي ئاچام ،چىرايلىق ئاچام ،كۆيۈمچان ئاچام ، ھىچكىم كىيمىگەننى كىيىدىغان ئاچام ،ھېچكىم ئالالمىغان نەرسىلەرنى ئالىدىغان ئاچام ، سېنى كۆرەلمەيدىغانلار جىقتىغۇ ئاچام ،سېنىڭ ئۆلۈمىڭ شۇ كۆرەلمەسلەرنى خوش قىلغانمىدۇ ئاچام !...
  ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق ئېزىلىپ يىغلاۋاتقانتىم، روشەننىڭ  قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ قاملاشمىغان نادانلارچە  قوشاقلىرى بىلەن  كۆز ياشلىرىم توختاپ ، ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ :
_ رابىيە ھەدە  ،ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار ، تېخى مىيىتنى ئەكەلمىدى ،ھەم بەك ئەتتىگەن  سەبرە قىلىڭلار !دېدىم  . شۇنىڭ بىلەن سەل پەسكويغا چۈشۈپ ئۆلۈمنىڭ جەريانلىرىنى سوراشقا باشلىدى .
_ بىچارە سىڭلىم ئۆيدىن ،ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن بولسا ، ئۇ تويغىمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرار بولغىيدى ؟ئۆيدە جىدەل قۇرىمىغاچقا ، كۆڭلىنى تالادا بولسىمۇ خوش قىلىپ كېلەي دەپ ماشىنىنىنى ھەيدەپلا كەتكەندۇ ! ۋاي بىچارە سىڭلىم ! ئىسىت سىڭلىم ! رابىيە ھەدە يەنە قوشاق قېتىشقا باشلىۋىدى .
_بالام ،روشەنگۈل بىلەن مەھمۇتنىڭ  نېمە جىدىلى بارتى ؟ _دەپ سورىدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ :_ شۇ «ھاراقكەش قېرىسا ئىمام بوپتۇ ،بىرنەرسە قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ » دېگەندەك ، مەھمۇتاخۇن نەچچە يىلدىن ھاراق ئىچىپ تانسا ئويناپ رېستۇراندىن كەلمەي رەڭلىك ئولتۇراش ئوينىدى . ئەمدى بىر يىلدىن ئاشتى جىن چاپلاشقاندەكلا ،تۇيۇقسىز ناماز ئوقۇپ ساقاللىقلارغا ئارلىشىپ تالىپ بولىۋېلىپلا ،روشەنگۈلنى ناماز ئوقۇمۇدۇڭ ،ياغلىق چېگمىدىڭ ، ئايېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ ،ما يېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ دەپ ،زادى ئارام بەرمىدى ،بىر ئايدەك بولدىغۇ دەيمەن ناماز ئوقۇمىغان ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسا بولمايدىكەن دەپ ياتاقلىرىنىمۇ ئارىۋاپتىكەن ،مەھمۇت مۇسۇلمان ،مېنىڭ سىڭلىم مۇشرىكمىش .. .توۋا ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ياراتسا ، بۇ سېرىق تۈكلەر ئەمدى مۇشرىك ،كافىر ،غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىپ كېتىدىكەن دىسە ...! ئىسىت ،سىڭلىم مۇشۇنداق نائەھلىگە قىلغان ئەقىدىلىرىڭ ...!
_ رابىيە گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن بالام ، مەھمۇت سىڭلىڭىزنى يامان ئىشقا زورلىماپتۇ ،ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىپتۇ ،رەھمەتلىك مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بۇ يولغا ماڭماپتۇ ،ئەگەر ئۆمرۈنىڭ بۇنداق قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا  مەھمۇتنىڭ ئىسلامغا ماڭغىنىڭ ئۇنىڭ ئامىتى كەنتۇق ! ئىسىت بىچارە قىز ئەمدى تازا پۇشايمان قىلىۋاتقاندۇ ھەقاچان !-دېدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى ئۇرغىلىق قىلىپ .
_ۋاييەي شۇنداق دەيدىكەنسىلەر ،ھامان ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بىر كۈن بولسىمۇ خوشال ياشاش كېرەكقۇ ؟! مەھمۇتنىڭ يولى توغرىمۇ روشەننىڭ توغرىمۇ ئاللاھ بىلدى !_رابىيە ھەدە قوپاللا جاۋاپ قايتۇردى .
  _ مىيىتنى ئەكەلدى ،مىيىتنى قايسى ئۆيگە ئەكىرىمىز ؟! ئەرلەر كىرىپ گەپلەر ئۆزۈلۈپ ھەممە قالايمىقانلاشتى بىز ھېلى بىكارلاپ قويغان چوڭ ھوجرا ئۆينى كۆرسەتتۇق .روشەننىڭ مىيىتىنى ئەكىرىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچىدە قايتا ھازا باشلاندى .كىم ،كىمگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتىدۇ بىلىشمەيتۇق .دوستلار ،ساۋاغداشلار ،ئۇرۇق -تۇققانلار ،قولۇم-قوشنا ،خىزمەتداشلار بىلەن ئۆي  لىق تولغان ئىدى .يىغا-زارە ئىچىدە تاڭ ئېتىپ كەتكەننىمۇ بىلمەي قاپتۇق ،بىر چاغدا چوڭلار روشەننىڭ ئانىسى بىلەن ئاتىسىنى  ماھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كىردى . چوڭلار بۇ پاجىئەگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك مۈكچىيىشىپلا قاپتۇ .ئاھ خۇدا بۇلارغا قاراپ ھەر قانداق باغرى تاش ئادەممۇ ئۆزىنى تۇتالمايتتى .يىغا زارە يەنە شۇنداق پەريات چېكىشلەر ئارىسىدىن روشەننىڭ قىزى رامىلەنىڭ بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ھېقىقداپ تىلىقىپ قالاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،بېرىپ ئۇنى باغرىمغا باستىم ، جېنىم قىزىم ،بەختسىز قىزىم ،يىتىم بوپ قالدىڭمۇ قىزىم ... چولپان ئاپا ئاپامغا نېمە بوپتۇ !ئاپامغا نېمە بوپتۇ !؟ مەن قانداق قىلاي ئەمدى ،مەن ئەمدى كىمنى ئاپا دەيمەن ؟چىرايلىق ئاپا ،تاتلىق ئاپام ،ئوماق ئاپام !كىچىككىنە رامىلەنىڭ بۇ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان نالىلىرى بىلەن ئۆيدە يەنە بىر ھازا كۆتۈرۈلدى .ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا چىرايى تامدەك تاتىرىپ لەۋلىرى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ ئولتۇرغان مەھمۇت ئورنىدىن ئىختىيارسىز سەكرەپ تۇرۇپ قىزىنى قولۇمدىن يۇلۇپ ئېلىپ باغرىغا باستى .
_جېنىم قىزىم ،ئاپپاق قىزىم ،بىزگە ئاللاھ بار مەن ساڭا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولىمەن ... ھۇ ،ھۇ ئاللاھىم ماڭا مۇشۇ نارسىدە قىزىمغا سەبرە بەر ! يائاللاھ نەچچە سائەتتىن يىغلاۋاتقان پۈتۈن ئاياللارنىڭ يىغىسىغا مۇنۇ بىر ئەرنىڭ  نەچچە مىنۇتلۇق پىغانلىق ھازىسى يەر-زىمىننى تىترەتكەندەك ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتتى .
_ سەبرە قىلىڭلار قېرىندىشىم سەبرە !ماھمۇتنىڭ نەچچە ئاغىنىسى سالماق ئاھاڭدا شۇنداق تەسەللى بېرىپ ئۇنى قىزىدىن ئاجراتتى .شۇ ئارلىقتا مىيىتنى يۇغۇچى بۈۋۈملەر كىرىپ كېلىشتى ،ئۇلار ھازىدارلار بىلەن كۆۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پاتەمخان بۈۋۈم ئۈنلۈك ئاۋازدا
بۈگۈن ئۇزىتىدىغان ئۈچ شۇڭا ئالدىراش تۇتۇش قىلمىساق كۈننىڭ ئىسسىقىدا بولمايدۇ .شۇڭا يىغا-زارىنى ئاز قىلىپ مىيىتنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ تەييارلىقىنى تېز پۈتتۈرۈپ مەسچىتكە ئېلىپ ماڭايلى _دېدى .ئەرلەر مىيىتنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەختىراۋاننى ئەكىرىپ ھازىدارلار مىيىت بار ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغا-زارە باشلاندى .
بۈۋۈم مېنىڭ بىر تەلىۋىم ،شۇنداقلا بۈگۈن قازا قىلغان ئايالىم روشەنگۈلنىڭ بىر ۋەسىيىتى بار ئىدى شۇنى سىلىگە يەتكۈزىدىغان _دېدى مەھمۇت بۈۋۈمنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ يەرگە قاراپ .ماھمۇتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان يىغلاۋاتقانلار يىغىسىدىن ،سۆزلەۋاتقانلار سۆزدىن ،ئىشقىلىۋاتقانلار ئىشىدىن توختاپ ماھمۇتقا قاراشتى .
_ئايالىمنىڭ بىر ئارززۇسى بار ئىدى .تۈنۈگۈن ئايالىم مۇشۇ ئۆيدىن چىققىچە يەنە بىر تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن دېمىسەم «ئامانەتكە خىيانەت » قىلغان بولىمەن . مۇشۇ يەردە تۇرغان ئاتا-ئانام بولسۇن ھەممىڭلار بىلىسىلەر مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەقنى چۈشەنمەستە جاھالىيەت پاتقىقىغا پېتىپ ئاللاھ ئالدىدا بىلىپ -بىلمەي نۇرغۇن گۇناھلارنى قىلغان گۇناھكار بەندىمەن ،ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەم ھەقنى تونۇغان بۇرادەرلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن ھەقنى تونۇدۇم .قايتىدىن مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداپ چەكلىگەنلىرىدىن ئۆزۈمنى تارتتىم .ئايالىمنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ھەم ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ مۇشۇ توغرا يولدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدىم .ئاللاھنىڭ ئاياللارغا پەرىز قىلغان ئەۋرەتلىرىنى يېپىش پەرزىنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۈتۈنرەك كىيىم كىيىپ بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا بۇيرۇدۇم .ئەمما بىچارە ئايالىم پەقەت كۆنمىدى .ئەكسىچە بۇنىڭغا قارشى ئىشلارنى ماڭا كۆرسۈتۈپ قىلدى .مەن ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت تىلىدىم ،بىر تال قىزىمنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياتاق ئايرىپ تۇرغان بولساممۇ يەنە سەبرە قىلىپ ئۇنىڭ ئىنساۋىنى كۈتىۋاتاتتىم .  تۈنۈگۈن ئۇ يەنە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ سىرتقا ماڭدى .مەن ئۇنىڭغا :_روشەن ئايال كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز سىرتقا چىقسا بولمايدۇ ،ئاشۇ بىر تال قىزىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئاللاھتىن قورق!-دېدىم .
_مەن ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئەمما سەندىن قورقمايمەن ،ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەققىل ياراتقان ئەركىن ياشىغۇم بار ،ئۇنداق يوغان ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسەممۇ ،گۇناھلىق ئىشلارنى قىلمىدىم،بىرسىگە قارا سانىمىدىم ،مەن ئاللاھنى دىلىمدا ياد ئېتىمەن .مەن بەرىبىر ياغلىق چەگمەيمەن ،مەڭگۈ ياغلىق چەگمەيمەن ،ئەگەر تاسادىپىي سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم بىلىپ قال ئۆلۈكۈممۇ ياغلىق چەگمەيدۇ،مەن يەرلىكىمدىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق گىرىملىرىم بىلەن يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ،  بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم !_دەپ چالۋاقىغىنىچە قىزىمنىڭ ئاپا نەگە بارىسىز ؟ دەپ توۋلىشىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى .مەھمۇتنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگە مۇنچاقتەك ياشلار يۈزلىرىدە دومىلايتتى . ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ قالغاندەك ھىقىقداپ بىر دەقىقىدىن كېيىن :_بۈۋۈم مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇنى كېپەللىگەندە بېشىغا لىچەك سالماي يەڭسىز كىپەنلەڭلار !_ئۇنىڭ ئاۋازلىرى  دەرتلىك ئىشتىياقتا تىترەپ كەتتى .
ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى ،ھەممىمىز بۈۋۈم  نېمە دەركىن دەپ تۇراتتۇق ، روشەننىڭ ھەدىسىنىڭ يېقىمسىز ھازا قوشاقلىرى سۈكۈتنى بۇزدى .
_ۋاي قېرىندىشىم تىرىكلىكىڭدە ساڭا سالغان ئەلەملىرى ئازدەك ،ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئارام بەرمەيدىغان بولدىمۇ بۇ دەيۈز ، ياغلىق چەگمەيمەن دېسەڭ چەگ دېدى ئەمدى ئامالسىز چېگەي دېسەڭ ياغلىق چەگمىسۇن دەيدىغۇ قېرىندىشىم ،ياغلىقسىز ،يەڭسىز كىيىملەر گىرىم بىلەن كېپەنلىگىچە گۇئەنسەيگە سالىمەن دېسە بولمامدۇ ئوچۇق قىلىپ ! ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئىگە بولماقچىمىكەن بۇ مەرەز ! _دەپ جارسالسا سىڭلىسى رىزۋان :_ۋاي ئاچام تۇتقان جاھانلىرىڭ كىملەرگە قالار ئاچام ،كورىيەنىڭ پەردىلىرى ئېراننىڭ گىلەملىرى ،فىرانسىيەنىڭ خرىستاللىرى ھەممىسى خەققە قالارمۇ  مەن چىدىمىدىم ئاچام ،بۇ يۈرەكلەر زارداپ بوپ كەتتىغۇ ئاچام !_دەپ قاملاشمىغان قوشاقلارنى قېتىپ ئېچىنىپ  يىغلاۋاتقان جامائەتنى مەسخىرلىك كۈلۈشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى .
_بولدى قىلىڭلار ،  قانداق يىغا بۇ ! يىغلىدۇق دەپ شۇنداقمۇ قاملاشمىغان يىغىنى يىغلامدۇ ؟ ئۆلۈم دېگەننى ئاللاھ بىزگە ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ . دېمىسىمۇ ئېرى بار ئاياللار تۇرۇپ ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز شەھەر ئاتلاپ تويغا بارغان ئىش ئىسلام شەرىئىتىمىزگە چۈشمەيدۇ .گۇناھ بولىدۇ گۇناھ ! مۇشۇ كۈنلەردە  قىز ئاياللىرىمىز بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى . قاراڭلار مۇشۇ ئۆلۈمگە كەلگەن ئاياللارمۇ قىسقا يەڭ ،يۇتىسىنى ئېچىپ چىرايلىرىنى بويۇشۇپ تۇرۇشقان ، ئۆلۈمگە بۇنداق كەلگىچە كەلمەڭ !مەرھۇمنىڭ گۇناھى ئازدەك قاملاشمىغان قوشاق قېتىپ قېرىندىشىڭىزنى يەنە قىينىماقچىمۇ ؟ بولدى بەس بۇ دۇنيادىكى ھېلىغۇ ئۇ ئۆي جابدۇقىكەن  ئالتۇن-يامبۇسى بولسىمۇ قىلچىلىك پايدىسى يوق ،پەقەت بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىلا ئەسقاتىدۇ .قالايمىقان قوشاق قېتىپ زىددىيەت تاپماي، مەرھۇمنى چىرايلىق ئۇزۇتىپ قويۇڭلار ،ھاياتلىرىڭلار بۇ ئۆلۈمدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ! پاتەمخان بۈۋۈم جاراڭلىق ئاۋازدا غەزەپلىك ئاھاڭدا شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئۆزىدىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان مەھمۇتقا قاراپ :_ئوغلۇم ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ توغرا يول تاپقىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ئەمدى ھاياتلىقىدا ئەيشى-ئىشرەتتىن كەلمەي  بىرەر قېتىم مەسچىتكە كىرىپ باقمىغان ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغانلارمۇ ئۆلۈپ كەتسە يەنە شۇ مەسچىتكە مىيىتىنى ئەكىرىپ يۇيۇپ تاراپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇزۇتۇپ قويىۋاتىمىز ،ئايالىڭىزمۇ شۇنىڭ قاتارىدا ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قاتارىدا ئۇزىتىپ قويايلى ،قالغان ئىشلارنى ياراتقۇچى ئىگەم ئاللاغا تاپشۇرايلى _دېدى .
_بالام شۇنداق بولسۇن بۈۋۈمنىڭ دېگىنى دۇرۇس بىز ھەممە ئىشلارنى ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھقا تاپشۇرايلى،  ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ رەھمەتلىكنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن !_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى مىشىلداپ تۇرۇپ .
_شۇ ،ئەمەسمۇ ھەممىنى ئاللاھ بىلدى مېنىڭ قىزىمنى ئۇنچىلا ئەيىپلەپ كەتكەنلەرنىڭمۇ جەننەتكە كىرىپ كېتىشى تايىنلىق ،ۋاي بالام ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى يوقكەنغۇ بالام ،ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى بولغان بولسا مەن بالام دېمەي ،سەن ئانام دەپ قالساڭ بولاتتىغۇ بالام ،باغرىم بالام ،جىگىرىم بالام يۈرىكىمنى بىر نەرسە يەپ كەتتىغۇ خېنىم ،ئوتتۇڭىزدا كۆيەمەنمۇ خېنىم ،سۈيىڭىزدە ئاقارمەنمۇ خېنىم ،شۇ بىر تال قىزىڭىزنى كىمنىڭ ئالدىدابويۇن قىسسۇن دېگەنسىز خېنىم ...!دەپ يىغلاپ ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېزىۋەتتى .
_مىيىتنى ئېلىپ مېڭىڭلار ،بولۇڭلار ... ئۆيدە يەنە يىغا كۆتۈرۈلدى .ئاتا-ئانىسىغا كۆرسەتمەمسىلەر ؟
_ياق بولمايدۇ !
روشەننىڭ مىيىتىنى كۆرۈپ چىققان ھەدىسى بىلەن سىڭلىسى ئۆزلىرى ئۇرۇپ پەريات چېكىپ ئايلىنىپ قېلىشتى . چوڭلار ئۆيدە قېلىپ ياشلار مىيىت بىلەن تەڭ مەسچىتكە مىيىتنى ئۇزاتقىلى مەسچىتكە ماڭدۇق .مەسچىتتە بۈگۈن ئۈچ مىيىت بىرگە ئۇزىتىلىدىغان بولغاچقا مەسچىت قوروسى ھازىدار ھەم جامائەت بىلەن لىق تولغان ئىدى .بىز مەسچىتنىڭ مەخسۇس ئاياللار كىرىدىغان چوڭ بىر زالىغا كىردۇق .بۇ يەردە ئۈچ ئۆلۈمنىڭ ھازىدارلىرى بىلەن پەتىچىلىرى ھەم  ساۋاغداش دوسلار بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ يىغا-زارە قىلىشتۇق .تولا يىغلاپ پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىغاندەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم .بىز ساۋاغداش دوستلار يىغىدىن توختاپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشتۇق .
_روشەن ماڭا ،قارمايغا تويغا بىرگە بارامدۇق دەپ تېلفۇن قىپتىكەن ،مۇھەممەتكە دېسەم ،مايتاغدىكى توي يېتىشمىگەندەك قارمايغا تويغا بېرىپ نېمە بوپتۇ ،ئۆيۈڭدە باللىرىڭغا تاماق ئېتىپ ئولتۇرە دېدى .شۇنىڭ بىلەن روشەنگە تېلفۇن قايتۇرۇپ ئېرىمنىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى دېسەم ئۇ رەنجىگەن ھالدا «يائاللا ،قاچانغىچە شۇ ئېرىڭنىڭ قۇلى بولۇپ ئولتۇرارسەن ؟ بارساڭ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ  قالاتتى ،بوپتۇ خوش ئەمىسە !»دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەن ئىدى . شۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىم بولۇپ قاپتۇ !-دېدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ئۇ ماڭىمۇ نەچچە قېتىم «باشقىلار مېنى بەك ياسىنىدۇ ،گىرىم قىلىدۇ دەيدىكەن ،ئەمما مەن ھازىر ساق-سالامەت ياشاۋاتىمەنغۇ ،سەكراتتا يېتىپ قالساممۇ ،گىرىم بىلەن ياسىنىپ يېتىپ ئۇ دۇنياغا كېتەرمەنمىكىن »دېگەن ئىدى ،بايا ئۇنى كۆرگىلى كىرسەم ، ئاللاھ توۋا قىلدىم ئۇنىڭ گىرىم قىلغىدەك ئەمەس كۆرگىدەك ،تونىغىدەكمۇ چىرايى قالماپتۇ ،بەك قورقۇپ كەتتىم ، بىز ھوشىمىزنى تېپىۋالمىساق بولماپتۇ قىزلار !_گۈلناز ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاپ كەتتى .
_مەنمۇ بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ،روشەنمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ ھەرەمگە بېرىپ توۋا قىلىمەن دېگەن ئىدىغۇ ؟نىسىپ قىلدىمۇ ؟ مانا بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئۆلۈم كېلىپ قالسا قانداق قىلارمىز ؟ ياغلىق چگىپ ناماز ئوقۇماي تۇرۇپلا مۇشۇ ھالەتتە كەتسەك ئاللاغا نېمىمۇ دەرمىز ؟!مەن ئالدىراپ قالدىم -دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ
_ماشىنا دەھشەت قاتتىق سوقۇلۇپتىكى كۆرسەڭلار ئىچىدە ھېچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلايسىلەر ئەمما ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ماشىنىدىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى ئۆلۈپ بىرى ھايات قاپتۇ ،نادىرەنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ بىز بارساق تېخى جان ئۈزمەپتىكەن ،مان بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى قولۇمغا ئالسام ماڭا قاراپ باللىرىم ...دېگىنىنى ئاڭلىيالىدىم كۆزلىرى ئوچۇق ھالەتتە كېتىپ قالدى ،زەيتۇنەنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ،ئۇ يېرىم يولدا بەك قانسىراپ كېتىپ كېتىپ قالدى . ئۇمۇ باللىرىمغاياخشى قاراڭ دەپ يولدىشىغا يىغلاپ ۋەسسىيەت قىلالىدى . روشەن شۇ يەردىلا تۇتقان رولىغا قىسىلىپلا جان ئۈزۈپتۇ ماشىنىنىڭ ئەينىكى چىرايىنى بۇزىۋېتىپتۇ ،مەرۋاننىڭ بىر قولى جەينىكىدىنلا ئۈزۈلىپ كېتىپتۇ ،پۇتى نەچچە قوۋۇرغىسى سۇنۇپتۇ ،ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولسىمۇ قىزىنىڭ تەلىيىگە جېنى ئامان قاپتۇ . ھازىر دوىتۇرخانىدا جىددى داۋالىنىۋاتىدۇ .ئەڭ يامانى قاتناش ساقچىلىرى كېلىپ ئۇلارنى تەكشۈرگەندە ھەممىسىنىڭ قېنىدا ئىسپىرت چىقتى ._دوختۇر دوستىمىز رەيھان پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى .
_سەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايغا بېرىپسەندە ؟
_شۇ كۈنى مەن دىجورنى ئىدىم خەۋەرنى ئاڭلاپلا دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىدا بارغانتىم ،ئەمما ئاللاھتىن كەلسە بىز بەندىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن ،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمدا جان ئۈزۈشلىرىگە قاراپ تۇرۇش ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ... رەيھان يىغلىۋەتتى .
_بۇلارغا كۆز تەگدى جۇمۇ ؟شۇ كۈنى تويدا ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ تانسا ئويناپ تويدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى ،ئۇلارنىڭ كىيىملىرىدىن تارتىپ گىرىملىرىغىچە شۇنچە ئېچىپتىكەن ،تويدىكىلەر بۇ نېمانچە شوخ ،نېمانچە چىرايلىق چوكانلاردۇ ؟! دېيىشىپ سۆزلەپ كەتكەنتى !_دېدى بىزدىن چوڭراق بىر  چوكان ھاياجانلىنىپ .
_سىزمۇ شۇ تويدا بارمىدىڭىز ؟_دېدى ئايشەم چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ،
-تويى بولغان لار ماڭا تۇققان كېلەتتى مەن تويدا بار ئىدىم .-دېدى
  مەرھۇملارنىڭ يىراق-يېقىندىن كەلگەن تۇققانلىرى كىرگەندە يەنە يىغا -زارە بولاتتى .بۈۋۈم ياكى ھاجىم خېنىملار پات-پات« بولدى يىغلىماڭلار يامان بولىدۇ »دەپ تەسەللى بېرەتتى .
_يائاللا ،ميىتنى نەدىنمۇ مەسچىتكە ئەكىلىپ يۇيىدىغاننى چىقاردى مۇشۇلار ،بۇ يەردە يە كەڭ-كۇشادە يىغلىغىلى بولمىغان ،ئەسلى مەسچىتكە ئايال كىشى كىرسە يامان بولىدىكەنغۇ ؟!-دېدى  سۇڭ ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدىكى جىنلاردەك بويىۋالغان چاچلىرىنىڭ ئۈستىگە لېنتىدەكلا بىر گاز ياغلىقنى بوشلا چىگىپ يېشىنىڭ 40 يېقىنلاپ قالغىنى بىلەن ھېساپلاشمايلا تار پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن تار مايكا كىيىۋالغان ،چوكان ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ .
_مېنىڭچە مىيىتنى مەسچىتتە يۇغىنى توغرا بولدى ،ئۆيلىرىمىز بىنا بولغاچقا نەچچە قېتىن مىيىتنى تەختىراۋاندا ئېلىپ چۈشىۋاتقاندا يىقىتىۋالغان ئىشلار بولدى ،ئۆيلەر بەك تار بولغاچقا ،ئۆلۈم كۈنى مىيىتنى يۇغىچە قولايسىزلىقلار كۆپ بوپ كەتتى .مەسچىت دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى تۇرسا ھەم پاكىز ھەم ئىسسىق سۇلىرى تەييا قولايلىققۇ ؟_دېدى بىر بۈۋۈم چۈشەندۈرۈپ .
_مەسچىتكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەنغۇ ؟بىز كىرىپ ئۆزۈمىزگە گۇناھ ئارتىپ يۈرۈيمىز مانا ،_دېدى ھېلىقى چوكان يەنە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ .بۈۋۈم بۇ سۇئالغا دەماللىققا نېمە دېيىشى بىلەلمەي تۇراتتى .
_مەسچىت دېگەن ئاللاھنى ئۆيى ،مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىدىغان جاي تۇرسا نېمىشكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەن ؟ئاياللار رېستۇرانغا كىرپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىسا بولىدۇ ،رەستىلەردە ئۆزىنى بازارغا سېلىپ يۈرسە بولىدۇ ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ؟بۇ  كىمنىڭ پەتىۋاسىكەن ؟!
مەن بۇ جاراڭلىق دانىمۇ-دانە سۆزلىگەن ئايالغا ئالدىراپ قارىدىم . قاشلىرى قارا كۆزلىرىدىن زىرەكلىكى چاقناپ تۇرىدىغان 33-34 لەردىكى ھىجاپلانغان  چوكان ،ھېلىقى پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان چوكانغا مىقتەك قادىلىپ تۇراتتى .
_ۋاي مەن نەدىن بىلەي ،ئىشقىلىپ ئاياللار كىرسە بولمايدۇ ،يامان بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان !بەلكىم تاھارەتسىز ،ياغلىقسىز بولغاچقامىكىن ...!
_گۇناھلىق بولىدىغان رېستۇرانغا كىرمەڭلار شەيتاننىڭ ئۇگىسى بارلىق ناشايان ئىشلار شۇ يەردە بولىدۇ ، دېسە ھەجەپ پەرۋا قىلماي كۈندە رېستۇراندىن كېلەلمەيمىز ،ئەجەپ مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ دەپ قويسا ئىتائەت قىلىپ كىرمەي كېتىدىكەنمىز ؟سىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن ياغلىق چىگىپ يۈرۈڭ ،تاھارەت بىلەن يۈرۈڭ ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم دەۋرىدە ئاياللار مەسچىتتا ئەرلەر بار تەرەپكە بىر پارچە رەخ توسۇپ قويۇپ ناماز ئوقۇيدىكەنتۇق ،تەبلىق ئاڭلايدىكەنتۇق . بىزچۇ ؟ شۇ تاھارەت ئېلىشتىن بېشىمىزگە ياغلىق چىگىشتىن قېچىپ مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ ،دېگەن پەتىۋانى ئۆزۈمىزگە قالقان قىلىپ يۈرۈيمىز ، مانا بۈگۈنكى مۇشۇ ئۈچ ئايالمۇ ياغلىق چەگمىگەن ،ناماز ئوقۇمىغان ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ،دەپ رېستۇرانغا كىرگەن ئەمدىچۇ ؟ئاللاھ جېنىنى ئالغانتى ئامالسىز يەنە مەسچىتكە كىرىپ ياتتى .ئەمدى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارسا نېمىمۇ دەر ؟! ئاللاھ مۇشۇ ئۆلۈم ئارقىلىق بىزنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنى ئىبرەت ئالسۇن ،ھۇشىنى تېپىۋالسۇن دەۋاتىدۇ .بۇلارغا قىيامەن جېنى چىقىش بىلەن تەڭ باشلىنىپ كەتتى .ئىمان دېگەننىڭ جەۋھىرى ياخشىلىققا چاقىرىپ يامانلىقتىن توسۇش شۇڭا بۇ يەردە بىلگىنىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش مېنىڭ مەجبۇريىتىم بولۇپ قالدى .چۈنكى قىيامەت كۈنى مەن مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغىنىمدىن جاۋاپ بېرىمەن .ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ ، گەپلىرىم قاتتىق كەتكەن بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر _دېدى ھىجاپلىق چوكان سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ .
_ۋاي بالام ياغدەك گەپ قىلدىلا رەھمەت ! دېدى ھېلىقى بۈۋۈم  ھىجاپلىق چوكانغا ھەۋەس بىلەن قاراپ .بۇ تېتىملىق سۆزلەر توختاپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان نۇرغۇن نېمە ئۈچۈنلەرنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ ، سوراي دېگىچە مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدىكەن دەپ ھەممىسى ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ يىغا باشلىنىپ كەتتى   
مىيىتلەرنىڭ نامىزى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈلىشكە باشلىدى ، يىغا-زارە ئىچىدە ئۈچ تاۋۇت ئارقا-ئارقىدىن مەسچىت دەرۋازىسىدىن تۇپراق بېشىغا ئېلىپ مېڭىلدى ... راست گەپنى قىلسام بۇ  جەريانلارنى بىرمۇ -بىر  تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمنى ئاچچىق ياش توسۇۋېلىپ قەلىمىمنى قويۇپ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ يېنىك ئېسەداۋاتىمەن .يازساممۇ قايسى بىرىنى يېزىپ بولالايمەن ؟ نادىرەنىڭ ئانىسىنىڭ يىغلاپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغىنىنىمۇ ؟ زەيتۇنەنىڭ  قىزىنىڭ نەچچە ئايلىنىپ نەچچە ھۇشىغا كەلگىنىنىمۇ ؟زەيتۇنەنىڭ پارالىچ بولۇپ قالغان ئانىسىنىڭ ئەمدى قىزسىز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا قالغىنىنىمۇ ؟!تاۋۇتنى ئېلىپ ماڭغاندا چوڭى 12 ياشتا كىچىكى 5 ياشتىكى بەش بالىنىڭ ئانا دەپ چۇقۇراشلىرىغا قانداق چىداي !ئاھ خۇدا يۈرەكلىرىم ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىپ كەتتى ، ئاللاھقا ئامانەت ، دوستلۇرۇم ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرسۇن ! يۈرەكلىرىم شۇنداق نىدا قىلىۋاتقان بىلەن ئاغزىم گەپكە كېلىدىغاندەك ئەمەس،  قەلبىمنى  تەنھالىق ، ئەنسىزلىك ، قورقۇنۇش چۇلغۇۋالدى .يۈرۈكۈمنى مۇجۇۋاتقان پۇشايمان ،نېرۋىلىرىمنى تورمۇزلىۋالغان ئازاب كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار  بۇ ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك  ئاچچىق ئازابلىقىغا گۇۋاھ ئىدى .قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن  ھەي چولپان !ئۆزۈڭنى گۇناھلىق ئىشلاردىن تارت ، مۇشۇ دوستلۇرىڭدەك ئاشۇ تاۋۇتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى دوزاقنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇز !دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئاللاھ مېنى كەچۈر ،ئاللاھ مەن توۋا قىلىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىچە ماڭا ئۆمۈر بەرگىن ...!مەن نېمانچە نادان ،نېمانچە تۇزكور ئاللاھ ماڭا پۇرسەت بەرگىن يۈرۈكۈمدىن چىقىۋاتقان بۇ نادامەت ئوتلىرىدا قەلبىمنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن بۇرجەكلىرىمۇ پىژىلداپ كۆيۈۋاتاتتى ...
    تاۋۇتلار شۇنداق تېزلىكتە ئېلىپ كېتىلدى .دوستلىرىمىزنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بىز بىر-بىرسىمىزگە ئېسىلىشىپ، بالىلىق دەۋرىمىزنى ئەسلەپ ، دوستلۇق مۇھەببىتىمىزنى تەرىپلەپ قوشاق قېتىپ يىغلاپ ئەتراپتىكى ھەممىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتتۇق ،ئەمما دوستلىرىمىزنىڭ كەتكىنى كەتكەن بولدى ، «زەپمۇ زەپ ئۆلگەنگە زەپ »دېگەندەك ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ بىز بىلمەيتتۇق .پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھەشەم -دەرەم ئۆرپە-ئادەت قائىدە -يوسۇن ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئاۋارە قىلىش ھەلەكچىلىكىدە يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق . (داۋامى يېزىلىۋاتىقدۇ ...)
مەرھۇم دوستلىرىمنىڭ ئۆلۈم نەزىر چىراقلىرىنى تۈگەتكىچە ھېرىپ -ھالىمدىن كەتتىم ،جىسمانى جەھەتتىن ھارسىغۇ نەچچە سائەت قېنىپ ئۇخلىۋالسا ھاردۇقى چىقىدىكەن ئەمما روھى جەھەتتىن چارچىسا ،رەھەڭىزغا تەسىر قىلغان شۇ تۈگۈن يېشىلمىگىچە ئادەم ئارام ئالالماي بەك قىينىلىدىكەن .مەن مانا شۇنداق روھى چارچاشنىڭ قىسماقلىرىدا قىسىلماقتىمەن .زەيتۇنە بىلەن نادىرەنىڭ نەزىر-چىراقلىرىغۇ ئۆزۈمىزنىڭ بۇرۇنتىن ئۆتكۈزىۋاتقان قائىدىلىرىمىز بويىچە تالاش-تارتىششسىزلا ئۆتۈپ كەتتى .ئەمما روشەننىڭ ھېلىقى ئۆلۈم كۈنىدىن باشلاپ مەھمۇت بىلەن روشەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تالاش-تارتىشى بىلەن نۇرغۇن خاپىلىقلار ئاخىرى ئىككىگە بۆلۈنۈش بىلەن ئاخىرلاشتى ،بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈن گەپنى مىيىتلەرنى ئۇزاتقان كۈنىىدىن باشلايمەن .بۈۋۈملەر نادىرە بىلەن زەيتۇنەنىڭ ئۆيىدە ئۇلارنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇپ بولۇپ روشەننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ،مەھمۇت چىرايلىق ھۆزۈر بىلەن بۈۋۈملەرگە  ئوقۇش بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى ئۈچۈن تەھلىلىسىنى ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۈۋۈملەر ئۆيگىمۇ كىرمەستىن قايتىشتى .ئۆيدىكى بۈۋۈملەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقان ئاياللار سىرتتا بولغان ئىشنى ئاياللارغا خەۋەر قىلىپ كىرگەندە ،غولغۇلا يۇقۇرى پەلەككە چىقتى ،ئاۋۋال روشەننىڭ ھەدىسىرابىيە  چۇقان كۆتۈردى .
_قانداق دېگەن ساراڭ نېمە ئاۋۇ !تەھلىلىنى ئوقۇش دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئىشى تۇرسا نېمىشقا ئوقۇتمايدىكەنمىز ؟ گەپ قىلمىسا ھەددىدىن ئاشتىغۇ ئەمدى ،بولدى بۇ ئۇنىڭ ئۆيى بولسا ،مەن ئۆيۈمدە بولسىمۇ سىڭلىمنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇتىمەن !جۈرۈڭلا !ۋاي قېرىندىشىم ،دەرتلىرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،ھەسرەتلىرىڭنى چۈشەنمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،مۇشۇ ساراڭ ئەر بىلەن ياشىغىچە ئۆلگىنىڭمۇ ياخشى بوپتۇ قېرىندىشىم !... دەپ ھازا ئاچتى .
_ بالام سەۋرى قىل ، ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ سىڭلىڭنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى تۈگىتىپ كېتەيلى ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئويۇن قويمايلى بالام !-دېدى روشەننىڭ ئانىسى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ۋاي ،ئانا قىزىڭنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتمىغان ئادەم نەزىرسىنى قىلىپ بېرەمۇ ؟ئاچامنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۆيۈمىزگە كېتىپ ،بىزمۇ تۆتنىڭ بىرى بولغاندىكىن ئاچامنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز !ۋاي ئاچام كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن ئاچام ! ئېرىڭ قىلمىسا مانا بىز بىر تۇققانلىرىڭ بار ئاچا ،دوست-دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا ۋاي نەزىرلىرىنى ئەجەپ ياخشى قىلدى دېگۈدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز ئاچا !دەپ سىڭلىسى رىزۋان يىغلاشقا باشلىدى ،بۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قوشۇلغان قوشاقلارنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۈلگۈرمىدىم ،ھەممىمىز بۇ ئۆلۈمگە ئېچىنىپ يىغلاپ كېتىپ باراتتۇق ،بۇ قېتىم مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى ،مەھمۇتنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىدۇ ؟ دەپ ئويلايتتىم .شۇ ئەسنادا مەھمۇت نەچچە ئەركىشى بىلەن ئۆيگە كىرىشتى .
رابىيە ھەدە مەھمۇتنى كۆرۈپلا :
_ئورنۇڭدىن تۇر ئانا ،تۇققانلار سىڭلىمىز تۈگەپلا بۇ ئۆيدە بىزنىڭ ھەققىمىز قالماپتۇ ،قوپۇڭلار بىزنى دەپ كەلگەنلەر ھازىنى چوڭ ئۆيگە يۆتكەيلى ،تەلىسىنى ،نەزىر-چىراقلىرىنى چىرايلىق ئۆتكۈزۈپ سىڭلىمىزنى ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ تېچ ياتقۇزايلى دېدى يىغلاپ تۇرۇپ .
_مېنىڭ چۈشەنچە بېرىشىمگە كۆنسەڭلار مەن مەقسىدىمنى دەپ باقاي يەنە كۆنمىسەڭلار كەتسەڭلار مەيلى دېدى مەھمۇت سىلىق قىلىپ .
_ئوھۇي ئاكا چۈشەندۈرۈشىڭنى قويۇپ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرە ،نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزەمسەن يوق ؟!رابىيە ھەدە مەھمۇتقا مىقتەك قادالدى .
_ئىسلام دىنىدا نەزىر ئۆتكۈزۈش يوق شۇڭا ئۆتكۈزمەيمەن -دېدى بوش ئاۋازدا
_ نېمە قىلىش بار؟
_سەدىقە قىلىش بار!
- ئۇ سەدىقىلىرىڭنى يۇرتتىكى قەلەندەر تۇققانلىرىڭغا بېرەرسەن !قۈرۈڭلار ئىش تۈگىدى دېگىنىچە رابىيە ھەدەم بىرىنچى بولۇپ سىرتقا ماڭدى ،شۇنىڭ بىلەن روشەننىڭ تۇققانلىرى يېقىنلىرى ھەممىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتى .
_چولپان بىز قانداق قىلىمىز؟_دەپ نوقۇدى ئايشەم
_بىز ئاۋۋال مەھمۇتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ باقايلى ئاداش ،بېشىم قېيىپلا قالدىغۇ ،_دېدىم ئۈمچىيىپ يىغلاپ .بىز ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۆيگە كىرگىنىمىزدە مەھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇققانلىرى يەنە ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە قېرىنداشلىرى ساقاللىق ئەرلەر بىلەن ،ئورانغان ئاياللار قالغان ئىدى .
_بالام ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ،روشەنگۈلنىڭ ئىشلىرىنى ئاشۇلارنىڭ دېگىنىچە ئۇزۇتۇپ بەرسەك ياخشى بولاتتى ،مانا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھەممىمىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى بولدى ،جامائەت ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ ؟!_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ .
_ئانا بىز مۇسۇلمان بولساق ئادەمدىن ئەمەس ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك ، مەن شۇلارنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قورقوپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ نەزىر قىلسام بولامتى ؟ قىيامەتتە ئاللاغا نېمە دەرمەن ؟!
_قېرىندىشىمىز مەھمۇتقا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،كاتتا ساۋاپلىق ئىش بولدى ،مەريەمخان ئانا سىلى رەنجىمىسىلە ،ئوغۇللىرى ئاللاھ خوش بولىدىغان ئىش قىلدى ،بەندىنىڭ رايىغا بارساق مەڭگەۈ رازى قىلالمايمىز دېدى ساقاللىق بىر ئەر تەمكىن ھالدا
._مەن ئەجەپ چۈشەنمىدىم ،بۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتۇدىغان ئىش ئەزەلدىن بارتىغۇ ؟نېمىشكە ئوقۇسا بولمايدۇ ؟مەن قايىل بولغىدەك چۈشەندۈرمىسەڭلا ئا ئۆيگە كېتىپ نەزىرگە قاتنىشىمەن -دېدىم تېرىككەن ھالدا ھەممىسىگە قاراپ
_بىز ئاياللار ئايرىم ئۆيگە كىرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن _دېدى ئورۇنىۋالغان كۆزلىرى يوغان ھېلىقى مەسچىتتىكى ئايال ماڭا قاراپ .
بىز ياندىكى گىلەم يەكانداز سېلىپ قويغان كەڭ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشتۇق
_بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇشۇ سورۇنغا يىغىلىپ قاپتۇق ،دەپ سۆز باشلىدى سېلىقى ئورانغان ئايال سۆزلىرىنى دانىمۇ -دانە قىلىپ ،
سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاللاغا دۇئا قىلىۋالايلى«بارلىق مەدىيلەشلەر ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاغا خاستۇر ،ئاقىۋەتتىكى غەلبە ،تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە  ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىگە ۋەئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىگە ھەم قىيامەتكۈنىگىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن ياخشى كىشىلەرگە بولسۇن ئامىن !دېۋىدى ھەممىسى ئامىن دەپ قول كۆتۈردى بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ تەڭ قول كۆتۈردۇق .دۇئادىن كېيىن مىڭەمنى قوچىۋەتكەن نېمە ئۈچۈنلەرگە ئاجايىپ بىر ناتىقلىق بىلەن چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدى ._سىز ھېلى تەھلە ئوقۇش توغرىسىدا سۇئال سورىدىڭىز ،تەھلىلدە نېمە دەيدىغاننى بىلەمسىز _دەپ سۇئال قويدى ماڭا
_لئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممىدىن رەسۇلىللا دەيدىغا؟ بۇ ياخشى گەپ بولغاندىكىن دېسە نېمە بولىدۇ دەيمەندە ؟!
_دېگىنىڭىز توغرا ، ئەمما شۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىز ؟لئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن ئاللاھبىر ،دېگەن سۆز ،مۇھەممىدىن رەسۇلىللاھ دېگە مۇھەممەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى دېگەن سۆز بۇ ئىمان كەلىمىسى ئخمان ئېيتقاندا مۇشۇ سۆز بىلەن مۇسۇلمان بولىمىز ،  سىزدىن سوراپ باقاي ،ئىمان دېگەننى تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىشى كېرەكتۇ ؟
_شۇنداق تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىدۇ _دېدىم
_ئۇنداقتا بۈگۈن روشەنگۈل  ئۆلۈپ كەتتى .ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئىمانىنى يېڭىلىغىنى بولارمۇ ؟ئۇ ئۆزى ھاياتلىقىدا دېمىسە ،ياكى ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئەمەل قىلمىسا .ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئوقۇپ قويسا مۇسۇلمان بولارمۇ ،!... يەنە چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن مۇنداق مىسال ئالايلۇق روشەنگۈل لەغمەنگە ئامراق ئىدى ،ئەمما ييەممەي ئۆلۈپ كەتتى سىز ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭئۈچۈن لەغمەن يەپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ بەدىنىگە قۇۋۋەت بولارمۇ ؟
_ياق ، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا ئەمدى ئۇنىڭغا ... دەپلا يىغلىۋەتتىم .كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز شۇڭغىچە ئۆزۈمىز ئىمان ئېيتىپ ئەمەل قىلمىساق بۇ دۇنيادىكىدەك  پۇلىمىزغا ۋە باشقا ئىمتىيازلىرىمىزغا ئىشىنىدىغان ئارقا ئىشىك يوق_دېدى .
_ئەمدى بالام پايدىسى بولمىسىمۇ زىيىنى بولماس مۇشۇنداق خاپىلىق تەرگەندىن ئوقۇپ قويسا نېمە بولىدۇ ؟_دېدى ياشقا چوڭراق ئايال
_توغرا كۇرۈنىشتە زىيىنى يوق دەيسىز ئەمەليەتتە زىيىنى كۆپ ،قانداق دېگەندە بىزنىڭ ئۇغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز ھاياتلىقىدا تەلىسىنى ئوقۇش ئەمەس ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغانلار نىڭ ئۆلۈپ كەتسە بالا-چاقىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئابايقىدەك چۇقان كۆتۈرۈپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ ،نەزىرسىنى قىلىپ ،نەچچە قارىمنى چاقىرىپ قۇرئانىنى ئوقۇتۇپ جەننەتكە يولغا سالغاندەك خاتىرجەم ئولتۇرىشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەپ-چۆرىسىدىكى شۇ مەرھۇمغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ پۇللىرىغا ،بالىلىرىغا ئىشىنىپ شۇنداق كېتىۋېرىدۇ ئاخىرىدا دوۋزاققا يول ئالىدۇ . ئەگەر تەھلە ئوقۇشنىڭ خاتا پايدىسىزلىقىنى ئېنىق بىلسە ،ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ ،باششقىلارغا يۆلۈنىۋېلىشتەك نادانلىقتىن قۇتۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 05:15 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-10 02:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۇرىپ بۇلغۇچە كۇزلىرىمدىن نۇرغۇن ياش چىقىپ كەتتى .بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز .بولسا داۋامىنى يۇللىۋەتكەن بۇلسىڭىز ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:13 , Processed in 0.096182 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش