ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: kawsarabbas

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-11 01:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن 4 كىتاپخانىغا بېرىپمۇ مۇشۇ كىتاپنى تاپا؛ماي قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم،ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنشاق ياخشى ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇمىغىلى، داۋامىغا تەشنامەن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-11 05:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئاللا قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن !!! تىنىڭىزنى سالامەت ،ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!!!راستىمنى دىسەم بۇتىمىڭىز مىنى ناھايتى تەسۈرلەندۈردى ،تاكى مۇشۇ كەمگىچە ھېچكانداق بىر يازما مىنى بۇنچىلىك تەسىرلەندۈرەلمىگەن  ،بۇ تىمىڭىز نىكاھ،مۇھەببەت ،كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسدىكى بىلمى تولمۇ كەمچىل بولغان ياشلىق دەۋرىگە تېخى ئەمدىلا قەدەم قويغان مەندەك بىر سىتۇدىنىتقا نىسبەتەن غايەت بىر زور تۇرمۇش بىلمى بولدى ،شۇ مۇناسۋەت بىلەن بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ سىزگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .شۇنچە كۆپ ھەجىمدىكى يازمىنى ئۇرۇپ چىقىرىشقا بەلكم نۇرغۇن بەدەل تۆلدىڭىزغۇ دەيمەن ،سىزنىڭ بۇ تەرىپىڭىزگە مەن ھەقىقەتەن قايىل . مىللىتمىز نىڭ ئەخلاق ،ئىمان ،ئىتقاد ساپاسنى يۇقىرى كۆتۇرۈش،ئۈچۈن قلغان بۇ ئەمگىكىڭىزگە  پۈتكۈل مىللتمىز ياش -ئوغۇل قىزلىرى نامىدىن چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ! سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!! ئاللا رەھمەت قىلسۇن! قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن! مۇشۇنداق تىمللرىڭىزغا تەشنامەن.

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-14 20:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار ئانچە-مۇنچە مەدەت بېرىپ تۇرۇڭلار ؟ بولمىسا بۇ ئەسىرىمنى ھېچكىم ئوقۇمايۋاتقاندەك ،ھېسسىياتتا قىلىمىم ئاستىلاپ قالىدىكەن ،خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلارمۇ خوش بولىمەن .سىلەر ئىنكاسقا شۇنچە بېخىلمۇ ؟

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-15 04:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر يڭى چىققاندا مەن ئوقۇغان.
خېلى توم كىتابتەك ئىسىمدىتى.
بەخت

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-15 12:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈندە كىرىپ داۋامىغا قاراۋاتىمەن. تېزراق يوللىسڭىزچۇ،بەك تەقەززا بولدۇم.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-15 13:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،مەن ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالدىم.بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-15 18:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز . بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن .بولۇپمۇ _ ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا ئەمما بىزدە نېمە ئامال ئىشلىمىسەك بولمىغان ...زۇمرەتتەك چەتئەلدە بولمىساق يە ؟ شۇڭا ھازىرچە دىلىمىزدا بىلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشقا چىققاندا زۇمرەتنى يوقلىغاچ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ گۇناھىمىزنى يۇيىۋالارمىز ! دىگەن يەرلىرى ھازىرقى بەزى بىر ئادەملىرىمىزنىڭ دائىملىق گەپ سۇزلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپتۇ . بولسا ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ داۋامىنى يۇللىۋەتكەن بۇلسىڭىز !

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-16 22:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىدىشىم.
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. ئەسىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىش پۇرسىتىم بولمىدى. ئەمما ئوقۇيالىغان يەرلىرىگە قاراپ باھا بەرسەم، ھەقىقەتەن بىر جەمىئەت پىسخولۇگىنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيتىمىزدىكى كېسەلىللىكلەرگە توغرا دېئاگنوز قويۇشىغا ئوخشاش جەمىئيىمىزدىكى بىز مۇسۇلمانلارغا ياراشمايدىغان  بىر قىسىم ئىشلارنى ئىنتايىن ياخشى تەسۋىرلەپسىز. ھەممىدىن مۇھىمى مەسىلىلەرگە مۇسۇلمانچە كۆز بىلەن قاراپ تەھلىل قىلىشقا تىرىشىپسىز. بۇ ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىش بولماستىن، پەقەت سىزگە ئوخشاش تەجرۈبىلىك قەلەمكەشلەرلا جەمىيەتنى بۇنداق كۆز بىلەن كۈزىتىپ، كۆزگەنلىرىنى بۇ شەكىلدە قەلەمگە ئېلىپ قېرىنداشلىرىمزغا سۇنالايدۇ....
ئاللاھ رازى بولسۇن. جانابى ئاللاھ قەلىمىزگە كۈچ بەرسۇن، تېىنىڭىزنى سالامەت، كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىسۇن، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق، ۋاقىتلىرىڭىز بەرەكەتلىك بولسۇن.
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-21 00:13:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ! ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ!ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالدىم.بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.اللە رەھمەت قىلسۇن ! بولسا داۋامىنى تىزراق يوللغان بولسىڭىز، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!~~~

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-22 18:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تولىمۇ ياخشى ئەسەرنى يوللاپسىز، لىكىن سىز بەك ئالدىراشمۇ ياكى.......................
داۋامىنى تىزراق يوللغان بولسىڭىز ، داۋامىنى ئوقۇشقا تەقەززا مەن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-23 15:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋسىت بەكمۇ كۇپ ئىكەن قاچانمۇ يېزىپ بولارسىز ...داۋامىغا تەشنامىز...................

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-24 23:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم .سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! داۋامىغا تەشنامەن .

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-25 21:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم kawsarabbas قېرىندىشېم!

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-26 12:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەسىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن،داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن بۇئەسەرنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ،رىئاللىق نىمىدىگەن تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن،ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-26 20:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇمئەسسالام  قېرىنداشلار داۋامىنى يېزىۋاتىمەن . ... ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-2 05:30 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-27 18:43:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە، بۈگۈن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. مەن ئەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم. ئۆزىڭىز ئويلىغىنىڭىز بويىچە يېزىۋېرىڭ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. سىزدىن زور نەتىجىلەرنى كۈتىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-31 19:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەسىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن،داۋامىنى ....

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-31 21:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
دۋامىنى يوللىمايۋاتىسىزغۇ قېرىندىشىم! مۇمكىن قەدەر كېچىكتۈرمەي يوللاپ بەرسىڭىز....ئاللاھ رازى بولسۇن.
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-1 21:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ  ئەلەيكۇم، ۋ، ۋ.
اللاھ كۆپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن قېرىندىشىم. مە سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزدىكى بەزى-بىر مەسىللەرگە قارىتا پىكىر(ئەسكەرتىش) بەرمەكچىمەن. يەنى:-
  مەن ئۆزۈم ياۋروپا دېگەن يەردە ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنشا ئاللاھ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمغا قارىغاندا ياخشى بىلىمەن دەپ قارايمەن. ئەسىرىڭىزدىكى ياۋرۇپا ئاياللارنىڭ ياۋروپا توغرىسىدىكى قاراشلىرى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتىۋالدى. قەلەمچىلىك سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قانداق چۈشەندۈرۈشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمەن، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر. سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى ياۋروپا دېگەن بۇ يەر، پەقەت ئىنسانلار ھوقوقى ۋە تۇرمۇش كاپالەتلىكى بىلەنلا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئارتۇق. بىراق ھەممە ياۋروپا دۆلەتلىرى ىۇنداق بولماستىن، بۇيەرلەردىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئادالەتسىزلىك، يوقسۇللۇق ۋە چەت ئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش دېگەندەك ئىشلار دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈزەللىك، بايلىق، كىشىلەر ئارسىدىكى مۇھەببەت، بىر-بىرىگە كۆيىنىش جەھەتلەردىن بۇ يەرلەردىن مىڭ-مىڭ ھەسسە ياخشى. ئۇ يەردىكى بەرىكەت بۇ يەردە يوق . بولۇپمۇ بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت بەكمۇ ناچار، شۇنداق ناچار.  كىنودىكىگە قەتىي ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ بىز ياكى كىنولار تەسۋىرلىگەندەك بولماستىن، ىۇنىڭ ئەكسىچە دىيىشكە ئازلا قالىدۇ. ئەمدىغۇ ھەممە كىشىلىرىمۇ ئۇنداق ئەمەس، لېكىن كۆپىنچىسى شۇنداق. بۇ يەرلەرنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، كىشىلەرنىڭ ساپاسى ئۈستۈن، بىرەر ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلشىسىمۇ ئۆزى بىلەن تۈگىتىدۇ ياكى تىچ ئاخىرلىشىدۇ. ھېلىقى بىزنىڭكىدەك مۇسۇلمان تۇرۇپمۇ بىر-بىرسىگە پىچاق كۆتىرىدىغان، بىر نەچچە ئادەملەرنى باشلاپ كىلىپ نوچىلىق قىلىدىغان (نوچىلىقىنى كىبىرنىڭ چوڭلىقىدىن نامايەندە قىلىدىغان) بىكاردىن-بىكار ئادەمنى ئۈسۈپ قويۇپ ئۇرۇش تاپىدىغان، باشقىلارنى قورقىتىپ نوچىلىق قىلىدىغان ئىشلار يوق. بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ قويىشىم كېرەككى، بۇلارنىڭ ھىممىسى ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ناچار ئىللەتلەر، ىۇ ئىشلار ياۋروپادا بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە بولسۇن (ھەرەم بولغان تەقدىردىمۇ) ئادەم ئۆزىنى-ئۆزى ئوڭشىمايدىكەن، ئۇ ناچار ئىللەتلەت يوقىمايدۇ.
مېنىڭچە، مۇشۇكۈنگە قالغانلىقىمىزنىڭ (قالغانلىقىڭلارنىڭ) ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئوزىمىز. گەپنىڭ مەركىزىگە قايتىپ كەلسەم، بۇيەردە گەرچە مەن ماددىي جەھەتتىن ياخشى ياشاۋاتقان بولساممۇ، مەنىۋىي جەھەتتە ئىنتايىن ناچار. دوستلىرىم يوق، تۇتاي دېسەم مەنمۇ ئۆز ئۇيغۇر ئەسلىمنى، دۇنيادىكى ھېچقايسى مىللەتلەردە بولمىغان گۈزەل ئەخلاقىمنى (بۇيەرگە كەلگەندىن كىيىن شۇنى بىلدىم) ۋازكىچىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بىراق كىچىككىنە خۇشاللىقنى دەپ، بۇ گۈزەل، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بوپ كىلىۋاتقان تۇرمۇشۇمدىن ۋاز كەچكىم يوق. ھەم مەن شۇنى بىلىمەنكى، مېنى ئويۇنغا چاقىرىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ھەر دائىم يەنىلا مەندىن مىسكىن ۋە مەندىن بەكرەك ئازاپلىق.
ئىي قەدىرلىك دوستلۇرۇم! بۇ يەر سىلەر ئويلىغاندەك جەننەت ئەمەس. ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاشۇ جەننەتلەرنى يارىتىدىغان يەنىلا شۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەر بىلەن چوڭ قىلىپ، ئىمانلىق، سالاپەتلىك ھەم گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن چوڭ قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلاردۇر.
قىرىندىشىڭلار كۆك ئاسمان.
ئىملا ياكى مەزمۇن جەھەتتە خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولسا، ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ھەم تۈزۈتۈش بىرىشىڭلارنى دوستانىلىق بىلەن سورايمەن. رەھمەت سىلەرگە.

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-3 16:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون47قەۋەتتىكىblueskyنىڭ2008-06-01 19:41دە يوللىغان يازمىسى ياۋرۇپانىڭ ئەھۋالى ھەققىدە :
ئەسسەلامۇ  ئەلەيكۇم، ۋ، ۋ.
اللاھ كۆپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن قېرىندىشىم. مە سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزدىكى بەزى-بىر مەسىللەرگە قارىتا پىكىر(ئەسكەرتىش) بەرمەكچىمەن. يەنى:-
  مەن ئۆزۈم ياۋروپا دېگەن يەردە ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنشا ئاللاھ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمغا قارىغاندا ياخشى بىلىمەن دەپ قارايمەن. ئەسىرىڭىزدىكى ياۋرۇپا ئاياللارنىڭ ياۋروپا توغرىسىدىكى قاراشلىرى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتىۋالدى. قەلەمچىلىك سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قانداق چۈشەندۈرۈشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمەن، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر. سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى ياۋروپا دېگەن بۇ يەر، پەقەت ئىنسانلار ھوقوقى ۋە تۇرمۇش كاپالەتلىكى بىلەنلا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئارتۇق. بىراق ھەممە ياۋروپا دۆلەتلىرى ىۇنداق بولماستىن، بۇيەرلەردىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئادالەتسىزلىك، يوقسۇللۇق ۋە چەت ئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش دېگەندەك ئىشلار دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈزەللىك، بايلىق، كىشىلەر ئارسىدىكى مۇھەببەت، بىر-بىرىگە كۆيىنىش جەھەتلەردىن بۇ يەرلەردىن مىڭ-مىڭ ھەسسە ياخشى. ئۇ يەردىكى بەرىكەت بۇ يەردە يوق . بولۇپمۇ بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت بەكمۇ ناچار، شۇنداق ناچار.  كىنودىكىگە قەتىي ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ بىز ياكى كىنولار تەسۋىرلىگەندەك بولماستىن، ىۇنىڭ ئەكسىچە دىيىشكە ئازلا قالىدۇ. ئەمدىغۇ ھەممە كىشىلىرىمۇ ئۇنداق ئەمەس، لېكىن كۆپىنچىسى شۇنداق. بۇ يەرلەرنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، كىشىلەرنىڭ ساپاسى ئۈستۈن، بىرەر ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلشىسىمۇ ئۆزى بىلەن تۈگىتىدۇ ياكى تىچ ئاخىرلىشىدۇ. ھېلىقى بىزنىڭكىدەك مۇسۇلمان تۇرۇپمۇ بىر-بىرسىگە پىچاق كۆتىرىدىغان، بىر نەچچە ئادەملەرنى باشلاپ كىلىپ نوچىلىق قىلىدىغان (نوچىلىقىنى كىبىرنىڭ چوڭلىقىدىن نامايەندە قىلىدىغان) بىكاردىن-بىكار ئادەمنى ئۈسۈپ قويۇپ ئۇرۇش تاپىدىغان، باشقىلارنى قورقىتىپ نوچىلىق قىلىدىغان ئىشلار يوق. بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ قويىشىم كېرەككى، بۇلارنىڭ ھىممىسى ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ناچار ئىللەتلەر، ىۇ ئىشلار ياۋروپادا بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە بولسۇن (ھەرەم بولغان تەقدىردىمۇ) ئادەم ئۆزىنى-ئۆزى ئوڭشىمايدىكەن، ئۇ ناچار ئىللەتلەت يوقىمايدۇ.
مېنىڭچە، مۇشۇكۈنگە قالغانلىقىمىزنىڭ (قالغانلىقىڭلارنىڭ) ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئوزىمىز. گەپنىڭ مەركىزىگە قايتىپ كەلسەم، بۇيەردە گەرچە مەن ماددىي جەھەتتىن ياخشى ياشاۋاتقان بولساممۇ، مەنىۋىي جەھەتتە ئىنتايىن ناچار. دوستلىرىم يوق، تۇتاي دېسەم مەنمۇ ئۆز ئۇيغۇر ئەسلىمنى، دۇنيادىكى ھېچقايسى مىللەتلەردە بولمىغان گۈزەل ئەخلاقىمنى (بۇيەرگە كەلگەندىن كىيىن شۇنى بىلدىم) ۋازكىچىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بىراق كىچىككىنە خۇشاللىقنى دەپ، بۇ گۈزەل، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بوپ كىلىۋاتقان تۇرمۇشۇمدىن ۋاز كەچكىم يوق. ھەم مەن شۇنى بىلىمەنكى، مېنى ئويۇنغا چاقىرىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ھەر دائىم يەنىلا مەندىن مىسكىن ۋە مەندىن بەكرەك ئازاپلىق.
ئىي قەدىرلىك دوستلۇرۇم! بۇ يەر سىلەر ئويلىغاندەك جەننەت ئەمەس. ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاشۇ جەننەتلەرنى يارىتىدىغان يەنىلا شۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەر بىلەن چوڭ قىلىپ، ئىمانلىق، سالاپەتلىك ھەم گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن چوڭ قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلاردۇر.
.......


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ياۋرۇپا ياشاۋاتقان بىر قېرىنىدىشىمىز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ياۋرۇپا ھەققىدە توغرا چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپسىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنى بىلىۋالغىنى ياخشى. چۈنكى ياۋرۇپا ياكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرى بىر كىنولاردا كۆرگەندەك ياكى خىياللىرىمىزغا تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئەمەس. بۇ يەردە تۈركىيەلىك بىر شائىرنىڭ ياۋرۇپانى زىيارەت قىلغان ۋاختىدا ئېيتقان سۆزىنى خاتىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ ياۋرۇپانى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ياۋرۇپانىڭ (مەرھۇم بېرلىن شەھرىنى زىيارەت قىلغانىكەن) ئەھۋالىنى سورىغۇچىلارغا مۇنداق خۇلاسىلىغان: «كۆزىشىشىمچە ئىشلىرى دىنىمىزغا ئوخشاش ساغلام، دىنلىرى بولسا ئىشلىرىمىزغا ئوخشاش چىرىك...».
سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك ياۋرۇپا دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن شەھەرچىلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن تەرەققى قىلغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەممە ئىشلىرى سىستېمىلاشقان. ئەمما ئىنسانلىق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ېموكراتىيە، ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ھاكەزا...لىرى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان قۇراللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بولغاندا ئاۋاز قويغۇچ سىستېمىسىنى ئاخىرغىچە ئېچىۋېتىپ تازا توۋلايدۇ. مەنبەئەتىگە زىت كەلگەندە بولسا يا گەپنى يورگىلىتىدۇ ياكى بولمىسا شۇك تۇرىۋالىدۇ... ئەمما ئۇلار دۇنيالىق ئىشلىرىنى تەلەپكە لايىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلار ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولۇپ كېتىپ بارماقتا شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆزلىرىگە مەپتۇن قىلىپ كەلمەكتە...قاچانىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرنى تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ياشاشقا تىرىشسا، ئۆزلىرى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئۆرپ - ئادەتلەرنى ياشىشىشقا تىرىشسا، دۇنيالىق ئىشلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭمۇ تەلىۋى بولغان ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىشقا تىرىشسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىمىز ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخىت - سائادەتلىك بولۇشىمىز مۇقەررەردۇر...

«زامان ئاخىر ئاياللىرى» ناملىق پوۋستنى يېزىۋاتقان بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئاڭلاتقانلىرى بەلكى، ياۋرۇپانىڭ ئەمەلى ئەھۋالى بىلەن ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يازغانلىرى ئەخلاق چۈشەنچىسى ئەخلاقسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ياۋرۇپانىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى كۆرمىگەن، ئەمما كىنو - تىياتېرلاردا، شۇنداقلا ياۋرۇپا مەستانىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىغا ئاساسەن كۆپچىلىكنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغان تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن ماس كېلىدۇ.
بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ يازغانلىرىڭىز بىلەن «زامان ئاخىر ئاياللىرى» نىڭ يازغۇچىسى قېرىندىشىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىدە زىتلىق يوق... بۇ يەردىكى زىتلىق خىيال ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقتىنلار ئىبارەت.

بەزىلەر ماڭا نېمە ئۈچۈن  :«ئەخلاق چۈشەنچىسى ئەخلاقسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ياۋرۇپا» دېدىڭىز دەپ سورىغۇسى كېلىشى مۇمكىن. مېنى بۇ چۈشەنچىگە ئېلىپ بارغىنى شۇ ياۋرۇپالىقنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى بىلەن مۇسكۇۋادىكى كىرەملىن سارىيىنىڭ ئىچىدىكى تارىخى كۆرگەزمە خانىدا كۆرگەنلىرى بولدى. قارىسام ئۇلارنىڭ بۇندىن نەچچە يۈز يىللار بۇرۇنقى پادىشاھلىرىنىڭ بىر-بىرلىرىگە تەقدىم قىلغان ياكى ئەۋەتكەن ھەدىيەلىرىدىكى ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەر بىلەن بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ئوتتۇرىسىدا ئىساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار باركەن...

بۇ يەردىكى مەسىلە شۇنداق گۈزەل ئەخلاقلارغا، ياخشى ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرگە ئىگە مۇسۇلمانلار مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ياشىتىشقا ئورۇنۇشنىڭ ئورنىغا باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، مەستانە بولىۋاتقانلىقىمىزدۇر...

ئاللاھ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلەلەيدىغان ئەقىل - ئىدراك ئاتا قىلسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-12-9 06:43 , Processed in 0.069151 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش