ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: kawsarabbas

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-4 00:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تۇگىدى، ئاخىرىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى..............
رەھمەت سىزگە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-5 05:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىمىزنىڭ بۇ ئسىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىكەن. مىنىڭ يازغان پىكىرېم پەقەت شۇنىڭ ئۈچۇۈنكى، يەنى ۋەتەنداشلىرىمنى ئاشۇنداق خاتا كۆز قاراشتا بوپقالمىغىتى دىگەن ئىدېم.
اللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم.

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-10 23:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىز بەك ئالدىراشمۇ، بۇئەسەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرۇشكە تەشنامەن.
نىمىشقا بەك ئۇزۇندا بىر يوللايسىز؟ ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-12 01:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ.
بىرىنجى قىتىم ئۆز ئانا تىلىمدا ئوقۇۋاتقان ئۇزۇن يىزىلغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىدى ئىنشە اللاھ. تىزراق يوللاپ، ھەممىنى ئوقۇپ چىقىشىمغا پۇرسەت يارتىپ بەرسىڭىزچۇ قىرىندىشېم. اللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرگەي. ھىچ بولمىغاندا، باشقا توربەتلىرىدە بولۇپ قالسا، شۇ ئادىرىسنى بەرسىڭىز.
اللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 18:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،اللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرگەي. اللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم. بۇئەسەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرۇشكە تەشنامەن.بۇ ئسىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىكەن.ئاخىرىنى قاچان يوللارسىز . بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇردۇم.؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 05:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
你好亲爱的兄弟?
你真的那么忙马? 为什么不写。。。。。 等等等
祝你好运

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 20:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
ئۇيغۇر ئسىلام مۇنبىرى ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن ئىنكاسلارنىمۇ ئۇيغۇرچە يازسىڭىز...
www.uighurislam.net

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 21:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن

ئاخىر زامان ئاياللىرى ناملىق بۇ پوۋىستنى ئوقۇغان ھەر بىر قېرىندىشىم، يازغۇچىنىڭ بۇ پوۋست ئارقىلىق كۈنىمىز قىز - ئاياللىرىدا كۆرىلىۋاتقان، شۇنداقلا بارغانسېرى ئۇمۇملىشىپ بارغان ۋە ئىسلامىيەتنىڭ روھىدىن بىخەۋەر كۆپچىلىك تەرىپىدىن «مەدەنىيەت» ياكى بولمىسا «زامانىۋىلىشىش» چۈمپەردىسى ئاستىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ۋابانىڭ يۈزىدىكى پەردىنى ئېچىپ تاشلىماقتا ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىنىشقا، ئەتراپىدىكىلەرنى ئويغىتىشقا چاقىرماقتا ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.

بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ بىرىدە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» ناملىق قىسقا بىر ماقالەت ئوقۇغانلىقىم ئىسىمدە. مەزكۇر ماقالىدىمۇ قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ ئىشىكنى تاشقىرىغا ئېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يازغۇچى، بۇ چىرىكلىشىشنى نىسبەتەن ياخشى تەھلىل قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ماقالىنىڭ قىسقا، يازغۇچىدىكى ئىسلامىي ئاڭنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى مەسىلىنى بۇ پوۋىستتىكىدەك ئېنىق ۋە ئەمەلي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويمىغان ۋە قويالمىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ كېسەللىككە دېئاگنوز قۇيۇشقا تىرىشقانلىقى، بۇ مەسىلىنىڭ قەيەرگە كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىپ قەلەم تەۋرەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر يازغۇچىنى تەقدىرلىمەي تۇرالمايمىز.

بىر جەمئىيەتتە ئاياللار تۈزەلسە، ئەرلەرمۇ تۈزىلىدۇ، ئاياللار بوزۇلسا، ئەرلەرمۇ، جەمئىيەتمۇ بوزۇلىدۇ. چۈنكى جەمئىيەت كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىسى ئانىلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانىلارنىڭ ئېڭى، ئىلمىي سەۋىيەسى، ئەخلاق چۈشەنچىسى، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ دىنى ئېڭى جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تەربىيسىدە نامايەن بولىدۇ. شۇڭا مۇستەقبەل ئانىلارنىڭ ئىسلامىي ئاڭ بىلەن تەبىيلىنىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئۇلارنى شۇ رەۋىشتە تەربىيلەيدىغان ئانىلارنىڭ ئەۋلادلارنى ئۇ شەكىلدە تەربىيلىيەلەيدىغان ئاڭغا، ئىلىم – بىلىمگە ئىگە بولۇشىمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. چۈنكى قولدا بولمىغان نەرسىنى بەرگىلى بولمايدۇ.

دەرۋەقە قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغان نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ «ئوقۇغىن» بۇيرۇقى بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن نازىل بولغان ئايەتلەردىمۇ ئوخشىمىغان يەرلەردە قەلەم بىلەن، قەلەم يازغان كىتاب بىلەن قەسەم قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، ئىگىمىز ئاللاھ تەئەلانىڭ ئىلىم – بىلىمگە، ئۆگىنىشكە، ئوقۇش – يېزىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە بۇلاردىن باشقا ئاللاھغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان ئانىلارنىڭ قانداق پىداكار بولىدىغانلىقى بىزگە كۆرسىتىلىپ بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تەرەددۇت قىلماستىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دېڭىزغا تاشلىيالىشى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئىسمائىلنىڭ ئانىسى ھاجەرنى قاقاس چۆلگە تاشلاپ قويۇپ ماڭغاندا، ھاجەرنىڭ ھېچقانداق شىكايەت قىلماستىن قېلىپ قېلىشى، ئاللاھغا ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان ئانىلارنىڭ بىر قسىىم ئىمتىھانلارغا دۇچ كەلگەندە قانداق ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەككى، ئانىلارنىڭ ئىمان – ئېتىقادى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى  ھاجەر بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس بولغاندىلا، تۇرمۇشنىڭ قېيىنچىلىقى، پېقىرلىق، جەمئىيەتنىڭ قىيىن - قىستاقلىرى… دېگەنلەردىن قورقۇپ ئەۋلادلىرىنى دىنى تەلىم – تەربىيەدىن يىراق ھالدا چوڭ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمىغىنىدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قەھرىمان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ… بۇنداق ئاڭغا ئىگە ئانىلار بىلىدۇكى، ھەر ئۆمىلىگۈچىنىڭ رىزقىنى بەرگەن ئاللاھ، ھېچكىمنى ئاچ قويمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەرسلەر باركى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭ :«ئىلىم ئۆگىنىش، ئەر – ئايال پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر.» سۆزى بولسا، يەنە بىرى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كاپىرلارنى ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز مۇسۇلمانلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلىشىدۇر.

دېمەك مەيلى قۇرئان كەرىمگە قارايلى، مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا (سۈننىتىگە) قارايلى، ھەر بىرىدە ئىلىم – ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىەيت بېرىلگەنلىكىنى، تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئەر – ئايالنىڭ پەرقلەندۈرۈلمىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ :«ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال، ئەرنى يەر قىلغانمۇ ئايال» دېگەن بىر ھېچكمەتلىك سۆزنى ئۇچرىتىمىز. بۇ سۆز ئائىلە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغىنىدەك، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر.

ئەگەر بىز كەلگۈسىمىز بولغان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئانىلىرى بولىدىغان قىز – ئاياللىرىمىزنى ئىگىمىز ئاللاھ  تەئەلانىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە تەربىيلىمەيدىغان بولساق، قىز – ئاياللىرىمىز جاھىللىقتىن قۇتۇلالمىغاندىن تاشقىرى، بۇ ئانىلارنىڭ قوللىرىدا يېتىشىدىغان كەلگۈسىمىزنىڭ سوغۇرتىسى ئەۋلادلىرىمىزمۇ جاھىل قالغان بولىدۇ. چۈنكى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئانىلار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمىسا، ئەۋلادلىرىمىز دەسلەپكى دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىكتىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا ھەرقانچە ياخشى تەربىيە كۆرسىمۇ باشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرالىشى مۇمكىن بولمايدۇ. نەتىجىدە ئەۋلادلىرىمىز ئۇ بوشلۇقنىڭ دەردىنى ھاياتلىرىنىڭ ھەر باسقۇچىدە تارتىدۇ.

بۇ يەردە ئوغۇللارنىڭ رولىنىمۇ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ كەلگۈسىنىڭ دادىلىرى ۋە قەھرىمانلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز – ئاياللىرىمىزنى تەربىيلەش قانچلىك مۇھىم بولسا، ئوغۇللارنى ياخشى تەربىيلەشمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىر قولىغا ئويۇنچۇق تۇتقۇزساق، يەنە بىر قولىغا كىتاب تۇتقۇزۇشىمىز، ماتېماتىكىنى، فىزىكىنى، چەتئەل تىلىنى، كومپىيوتېرنى ۋە باشقىلارنى ئۆگىنىشلىرىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرسەك ۋە كۆڭۈل بۆلسەك، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دىنىمىز ئىسلامنى توغرا ئۆگىنىشلىرىگە، كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمر – پەرمانلارنى چۈشىنىشلىرىگە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگىنىشلىرىگە ۋە ئۇنى ھاياتلىرىدا تەدبىقلاشلىرى… قاتارلىقلارغىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئىنسانلارنىڭ ھەقىيقى مەنىدە بەختلىك بولۇشىمىز، ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىنى ئالاقىدار قىلىدىغان قۇرئان كەرىم پرىنسىپلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ھاياتىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈشىمىز بىلەن قۇرئان كەرىمنى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئاللاھتىن ئېلىپ بىزگە يەتكۈزگەن پەيغەمىبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ – قىلمىغانلىقىمىزغا باغلىقتۇر. يەنى بىز بۇ ھەقتە قانچىلىك ئىلگىرلىيەلىسەك، بۇنى قانچىلىك ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، دۇنيا – ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمىزدىمۇ شۇنچىلىك غەلىبە ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى تۇنۇپ يېتىپ ئۇنىڭدىن توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىشقا ۋە ئۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ھەر زامان مۇھاپىزەت قىلىشقا، كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرۈپ ئۇلارنى تۈزىۋېلىشقا ۋە تولۇقلىۋېلشىقا تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ھازىرقى كەمچىلىكلىكلىرىمىزدىن بىرى بولغان باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراش نەتىجىسىدە جەمئىيتىمىزدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بىر بۆلۈك ئىنسانلارنىڭ قەستەن ياكى بىلىپ - بىلمەي قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە جەمئىيىتىمىزدە كۈنسېرى ۋابا كېسىلىگە ئوخشاش تارىلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق، شۇنداقلا پەيغەمبىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن ئاياللار پىتنىسىدىن ساقلىنىش، كەمچىلىكلىرىمىزنى، مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىمىزنى تۇنۇپ يېتىش ئۈچۈن بۇ پوۋست ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

ئاللاھ بۇ ئەسەرنى قەلەمگە ئېلىپ قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان بۇ قېرىندىشىمىزدىن رازى بولسۇن، ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن، بەدىنىگە ۋە قەلىمىگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن.

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە شادلىق ۋەسىلىسى بولىدىغان جۈپتىلەر ۋە ئەۋلادلار بەرگىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى  قىلغىن».
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭلار.

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-17 02:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا....قېرىندىشىم،akarakash.
ئاللاھ بۇ ئەسەرنى قەلەمگە ئېلىپ قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان بۇ قېرىندىشىمىزدىن رازى بولسۇن، ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن، بەدىنىگە ۋە قەلىمىگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن.امىن....

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-19 19:57:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاە سىزگە رەھمەت قىلسۇن داۋامىنى تېزراق يوللارسىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-20 03:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
{_ ۋاي، مەن شۇ ھاجىملارغا ئۆچ، ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ يەنەھەممە گۇنالىق ئىشلارنى شۇلار قىلغان ....ئۇنىڭدىن بىزدەك ناماز ئوقۇمىسىمۇ يامانلىق ئويلىمايدىغانلار ياخشى!''''}
بۇ.شۇ ھاجىملار توغراسىدا، توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىشقا ۋە ئۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ھەر زامان مۇھاپىزەت قىلىشقا، بولارمۇ،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟.چۈشەندۈرۈشى.

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-20 14:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىندىشىم ئاللاھ قەلىمىڭىزگە بەركەت بەرسۇن تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن مەن ھازىر تېمىڭىزنى تۈت كوزۇم بىلەن كۇتىۋاتىمەن ئاخىرىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-20 23:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇغانسىرى  ئۆزەم ئويلاشتىن  ئۆزەمنى قاچۇرىۋاتقان ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ بەك ئازاپلاندىم،ھازىر جەمىيىتىمىز ھەقىقەتەن شۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى .مەنمۇ ئەسەردىكى بىر پېرسونازدەك ،ئىمانى سۇس ئەر بىلەن بىللە ئۆتكۈنۈمگە ئازاپلىنىپ ،ئاللاھتىن يولدىشىمغا ئىمان تىلەپ ئولتۇرىمەن ،خىزمەتنى تاشلاي دىسەم تاشلىيالماي يۈرۈمەن .
يېقىندا «شىنجاڭ ئاياللىرى»زورنىلىدا «غەيرى تۇل خوتۇنلار» تېمىسىدا بىر پوۋېست ئېلان قىلىنغان ،كۆپ مەزمۇن مەزمۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،شۇ چاغدىمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر ئائىلە تۇرمۇشىمىز ئەينەن ئەكىس ئېتىپتۇ دەپ ئويلىغانتىم .
ئاخىرىغا ئىنتىزارمىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-21 15:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەسەرنى روياپقا چىقارغان قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،مەن بۇ ئەسەرنى ھەر قېتىم ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئوقۇيمەن.ئاللاھ ئالدىدىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالمىغان پوۋىستتىكى شۇ كىشىلەر قاتارىدا قاتتىق ئازابلىنىمەن،جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە داغدام يول چىقىش يولى ئاتا قىلسۇن. ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھەقىقى مۆئىمىن ،تەقۋادارلاردەك ،مۇسۇلماندەك ياشاپ ،مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆلۈمدە كېتىشكە نىسىپ قىلسۇن.مەيلى بۇ دۇنيادا ۋە ياكى ئاخىرەتتە مۆئمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن قىلسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-23 13:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم؛ھۆرمەتلىك ئاپتور،ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغدا دەرت بەرمىسۇن.پوۋېستىڭىزنى ئوىۇپ چىىقتىم،بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز...........

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-25 13:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ھورمەتلىك ئاپتور ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ھەم خوش بولدۇم مەن بۇ ئەسەرنى ئنتىزارلىق ئچىدە وقۇيمەن اللاھ ئاشۇ پوۋسىت ئچىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ھەم سىزنىڭ    ئوزىمىزنىڭ پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كوڭلىگە ئنساپ ئمان ئاتا قىلسۇن ئۇلۇشتىن بۇرۇن تەۋبە ئاتا قىلسۇن بۇدۇنيادىن ئەرلەرھەقىقى ئىمان ۋە ۋىژدان ئەركەكلىك بىلەن ئاياللار پاك -ئپپەت ۋە ھايالىق ئوز ئەرلىرىگە سادىق جۇملىدىن ھەممىمىز ئاللاھقا يارايدىغان ئەمەللەر بىلەن ئۇلۇشكە نىسىپ قىلسۇن بۇ دۇنيادا ۋە ياكى ئاخىرەتتە مۆئمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن داۋامىغا ئنتىزارمەن

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-26 10:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە داۋامىغا ئنتىزارمgن ھارمىغايسىز

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-27 16:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭلارغا ئاللاھ قىيامەت كۇنى ئەڭ كاتتا ساۋاپلارنى بەرسۇن بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى رىيادىن يىراق قىلسۇن ھەممىمىزگە بۇدۇنيادىن پاك ئېتىقات ، ئىمان ،ئەمەللەر بىلەن كېتىشكە نىسىپ قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-27 16:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن كۇندە قاراپ ھېرىپ قالدىم

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 17:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىندىشىم بۇ پوۋسىتتىكى ئشلار ئەمدى يۇز بېرىۋاتقان ئشلارمۇ ياكى ئوتكەن ئىشلارمۇ ؟ مەن داۋامىغا بەك ئىنتىزار بولۇپ كەتتىم خاپا بولماي داۋامىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-10-16 05:12 , Processed in 0.036000 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش