ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: kawsarabbas

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-3 15:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي- ۋۇي قېرىندىشىم داۋامىنى يوللىمايلا كەتتىڭىز كۇندە قارايمەن بىراق سىز بەك ئالدىراش ئوخشايسىز ھەي يەنىلا خۇدادىن ىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-8 13:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم alogli سىزنى بەك كۆپ ساقلىتىۋەتتىم. سىزنىلا ئەمەس بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمنى ساقلىتىپ قويغاندىمەن. كەچۈرۈڭلار! مەن شۇنداق ئالدىراش بىر ئايال، شۇنداقتىمۇ داۋامىنى تېزراق يوللاشقا تىرىشىمەن.
سىزنىڭ ئەسىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت! نەچچە كۈندىن سەپەردە بوپ قالدىم. بۈگۈن ئاللاھ خالىسا داۋاملاشتۇرىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-8 17:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىندىشىم كەۋسەر ئابباس رەھمەت سىزگە ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-10 12:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ؛ھەي ئىمان.. مەن ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئەمما سەندىن قورقمايمەن ،ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەققىل ياراتقان ئەركىن ياشىغۇم بار ،ئۇنداق يوغان ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسەممۇ ،گۇناھلىق ئىشلارنى قىلمىدىم،بىرسىگە قارا سانىمىدىم ،مەن ئاللاھنى دىلىمدا ياد ئېتىمەن .مەن بەرىبىر ياغلىق چەگمەيمەن ،مەڭگۈ ياغلىق چەگمەيمەن ،ئەگەر تاسادىپىي سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم بىلىپ قال ئۆلۈكۈممۇ ياغلىق چەگمەيدۇ،مەن يەرلىكىمدىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق گىرىملىرىم بىلەن يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ، بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم ؛ كاشكى ئاشۇ گەپنىڭ ئورنىغا لائىلاھە ئىللاللاھ دىگەن بولسا نىمە بولغىدى ھەي ھازىر ئاياللار بەكلا بۇزۇلۇپ كەتتى .نىمە دىسەم بولا يەنىلا ئەرلەر لاتىلىشىپ ،ئەرلىك غۇرورىنى يوقۇتۇپ،يا ئايال يائەر ئەمەس ھەي ئەرلىكى قېلىپ ئەركەكلىكى قالمىدى.لېكىن بۇپوۋسىتتىكى قېرىندنشىمىز مەھمۇت ئاللاھ ئۇنۇڭغا رەھمەت قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-11 12:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز ،ئانام كۈندە نەچچە قېتىم قاراپ تۇرىدۇ

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-11 14:36:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت رەھمەت رەھمەت رەھمەت داۋامنى..............

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-12 08:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىلارمۇ نىمە بۇلار؟(7.بەتتىكى ئابزاسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىگە نىسپەتەن يىزىلدى)  يەنى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرغانلاردەك قىلامدۇ نىمە؟ اللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭىدىغانلار قاتارىدىن قىلغاي. لىكىن ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ جىمۇ.! شۇڭلاشقا مانا ئىنكاس يازغىم كىلىپ قالدى. ماشا اللاھ.

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-12 09:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇبھەناللاھ، ئاجايىپ ئىسىل يىزىلغان ئەسەر ئىكەن. اللاھ قوللىرىڭىزنى تىخىمۇ گۈللەندۈرۋەتكەي، تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يىزىشقا مۇيەسسەر قىلغاي ھەم شۇ ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق، كىشىلەرگە ھىدايەت ۋە كۆپ ئىلىملەرنى ئاتا قىلغاي.
اللاھ تىن سىزنى ئالىم قىلىشىنى، ئەگەر ئالىم بولسىڭىز ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلىشىنى تىلەيمەن. ئەمىن.
پەرزەنتلىرىڭىز بولۇپ قالسا، ئۇلارنىمۇ ئۆزىڭىزدەك ھەتتا سىزنىمۇ بىسىپ چۈشكىدەك بىلىملەرنى مەرھەمەتلىك اللاھ ئىنئام قىلغاي. ئەمىن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-12 22:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن ئاخىرىغا تەقەززامەن.

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-14 11:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىلارمۇ نىمە بۇلار؟(7.بەتتىكى ئابزاسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىگە  نىسپەتەن يىزىلدى)  يەنى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرغانلاردەك قىلامدۇ نىمە؟ اللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭىدىغانلار قاتارىدىن قىلغاي. لىكىن ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ جىمۇ.! شۇڭلاشقا مانا ئىنكاس يازغىم كىلىپ قالدى. ماشا اللاھ. 
 
......................................................................................................................................

قېرىندىشىم blueskyتوغرا دەيسىز بۇ يەردە يەنى ۋەتەندە ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن بىزگە يەتكەن ئىسلام دىنى ئەقىلىرىدە سوپىزىملارنىڭ يۇقۇندىلىرى خېلى كۆپ، شۇڭا ھازىر بىزدەك يېڭىچە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى مۇكەممەل تۇتۇپ قۇرئانغا ئەگەشكەنلەرنى «تالىپ » «ۋاھابى »دەپ ئاتىشىپ چەتكە قاقىدۇ، ھازىر بىز چوڭلار بىلەن خۇددى ئىككى مەزھەپتىكىدەك قارشىلىشىش ھالەتتە كېتىۋاتىمىز، باشقىلار بىزنىڭ بۇ ئىختىلاپلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ پېيىمىزنى قىرقىماقتا ... ئارتۇق چۈشەنچە بېرىشكە ئاجىزمەن. قالغانلىرىنى ئەسىرىمنىڭ داۋامىدىن ئەقىل كۆزلىرىڭىز بىلەن كۆرۈۋالغايسىز. ئەسىرىمنى ئوقۇپ ماڭا مەدەت بېرىۋاتقانلىغىڭىزغا رەھمەت. ماڭا دۇئا قىلىپ قويۇڭ قرىندىشىم، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-20 03:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يازامسىز يا يازمامسىز ، ئادەمنى بەك تەقەززا قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-21 15:35:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغا تەشنامىز ،ھارمىغايسىـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــز !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-14 16:41:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
بۇ تېما ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياكى داۋامى بارمۇ؟ داۋامى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىزكەن...

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-2 05:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھۇ بارىكاتۇ ! قېرىنداشلار  مېن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى بەك كەينىگە سۈرىۋەتتىم ،ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر ،ئاللاھ خالىسا داۋامىنى يازىمەن .

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-21 02:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىمدىكى چىگىش خىياللار بۇنداق بىرەر قېتىملىق چۈشەنچىلەر بىلەن يېشىلىدىغاندەك ئەمەس ،ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىگەندەك خىياللىرىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايمەن ئەمما ھېچقايسىنىڭ يېشىمىنى چىقىرىپ بولالمايمەن ... بۈگۈن ئىشقا مېېڭىش ئالدىدا ئەينەك ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم ،نەچچە كۈندىن دوستلۇرۇمنىڭ نەزىرلىرىدە چىگىپ يۈرگەن ياغلىقىم قولۇمدا قانداق قىلىشىم كېرەك ؟! شۇمۇ دىلىغۇل بولىدىغان ئىشمۇ چولپان ؟ چىگە بېشىڭغا بولمىسا روشەندەك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسەڭ قانداق قىلىسەن ؟ ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن ؟ قەلبىمنىڭ تەكتىدىن بۇيرۇلغان بۇ بۇيرۇق بىلەن مەن ياغلىىمنى چېكىلەپ چەگدىم ئۇزۇن قارا يوپكا بىلەن ئوتتۇرا يەڭ كوپتامنى كەيدىم . ئىشخانىغا كىرگىنىمدە ھەممىسى سەل ھەيران بولغان بولسىمۇ ،سۇئال سورىمىدى ،توۋا كوچىغا چىقتىممۇ نۇرغۇن تونۇشلىرىمنى ئەنسىزلىككە سەپ قويدۇم ،مەن بىلەن سالاملىشىپلا :
_ بىرەر ئىش بولدىمۇ يا ؟
_قانداق دەيسىز ؟
_ياغلىق چىگىۋاپتىكەنسىز يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى !
_ھە ، ياغلىقىم ئېسىمدە يوق ،نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن ، مۇسۇلمان بولغاندىكىن چىگىۋالدىم ،دېدىم سەل ئوڭايسىز ھالدا چۈشېنچە بېرىپ .
بۇنداق سۇئاللار تولا سورىلىۋەرگەندىن كېيىن كۆنۈپمۇ كەتتىم . ئەمدى توي-تۇكۈن ،چاي-پايلارغا قىسقىسى رېستۇران ،نەغمە-ناۋا بولىدىغان جايلارغا بارغۇم كەلمەسلا بوپ قالدىم ،بەزى ساۋاغداش ياكى دوستلىرىم ئۇچرىغان يەرلەردە :-سېنى دوستلىرىغا بەك قاتتىق قارىلىق تۇتىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلايمىزغۇ ؟ دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ھېچكىمگە پەرۋا قىلمىدىم .


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2008-10-21 02:46 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-23 15:37:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياكى داۋامى كېلەمدۇ؟ قاچان؟

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-26 03:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئەسەرنىڭ داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ ... ئاللا خالىسا ،پات ئارىدا يوللايمېن .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-26 06:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم.
ئۇنداق بولسا تۆت كۆز بىلەن داۋامىنى كۈتىمىز...

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-1 23:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەك ياخشى تىما بولۇپتۇ جۇمۇ بۇ

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-7 02:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق يۈرگەن كۈنلەردە ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئايال ئەدىپلەر يىغىنىغا تەكلىپ  كەلدى . بۇرۇنقى ۋاقتىم بولىدىغان بولسا بۇنداق يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشى مەن ئۈچۈن روھى جەھەتتىن ئارام ئالىدىغان  ئاجايىپ ياخشى پۇرسەت ئىدى . چۈنكى كونا يېڭى قەلەمكەش دوستلار بىلەن ئۇچرىشاتتىم . ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولاتتىم ،لەرزان مۇزىكىلارغا ۋالىسقا پىقىرىسام ،قىززىق چاق-چاقلارغا ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ئاجايىپ ئەركىن ھالدا قاقاقلاپ كۈلەتتىم ... مانا ھازىرقى روھى ھالىتىمدە مەندە ئۇ ئىشلارغا نسبەتەن قىلچىمۇ قىززىقىش يوق ! شۇ يىغىنغا بارسام شەيتاننىڭ ئۇگىسىغا بارىمەن ،شۇ يەردە ھازىرقى ھالىتىمنى ساقلاپ قالالارمەنمۇ ؟ دېگەن ئەنسىزلىك مېنى دېلىغۇل قىلىپ تۇراتتى .شۇنداق مۈجۈمەل تۇرغىنىمدا تېلىفونۇم سايرىدى .
ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،چولپان قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ؟
ـ ئەھۋالىم مۈجۈمەل خەدىچە خانىم ،
ـ نېمىشكە ؟
ـ سىلەرنىڭ ئاپتونۇم رايوندىن يىغىنغا چاقىرىق كەپتىكەن ،شۇ بارايمۇ؟بارمايمۇ دەپ ئىككى تايىن بولۇپ تۇراتتىم .
ـ بۇ بىزنىڭ ژورنال بىلەن يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان يىغىنى، مەن سېنى بۇ بۇ تەكلىپنى كۆرسە تازا خوش بوپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، بۇنداق پائالىيەتلەرنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭغۇ ؟ نېمە بولدى ؟
ـ ئۇنداق يازغۇچى ، سەنئەتچىلەر يىغىلغان يەر دېگەن شەيتاننىڭ ئۇگىسىكەن مىكروپ كۆپ  ،بېرىپ يۇقۇملىنىپ قالارمەنمۇ ؟ دەپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن .
ـ ۋاييەي ،بىردەمدىلا ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىلاردەكلا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىڭغۇ ؟ بۇرۇن بۇنداق يىغىنغا كەپ باقمىغانمۇ ؟
ـ شۇ بۇرۇن شۇنداق شەيتاننىڭ ۋىروسىدا يۇقۇملۇنۇپ ئاز دەت تارتتىممۇ ئاداش ؟!ئۆزۈمنى ئەمدى دېزىنفىكسىيە قىلىپ تازىلىنىۋاتقاندا  دەيمەنغۇ ؟!
ـ ئاداش بۇ قېتىمقى يىغىنغا زۇمرەتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ،يېنىمىزدا روھى دوختۇرىمىز بولغاندىكىن ۋاكسىنا ئۇردۇرۇپ تۇرساق ۋىروسمۇ يۇقتۇرىۋالماسمىز ،كېلە تولا نېزىقىماي !
ـ زۇمرەتمۇ  قاتناشسا بارسام بولغىدەك
ـ شۇنداق ،مېنىڭ كارايىتىم چاغلىق ،زۇمرەت بولغاندىكىن كەلگىن ...
ـ تولا كىنايە قىلما جېنىم ،قەلبىمنى چۈشىنىشىڭنى تىلەيمەن .
ـ مەن سېنى بەك چۈشەنگەنلىكىمدىن لۇغىتىمدىن چولپاندىن  رەنجىش دېگەن سۆزنى چىقىرىۋەتكەن ئاللىقاچان !تولا گەپكە تۇتماي مېڭىشقا تەييارلان ،خىزمەت بېسىمى ،ئائىلە بېسىمى يەنە نۇرغۇن بېسىملىرىڭ يېنىكلەپ كەيپىياتىڭ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ ـ دېدى خەدىچە ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا .
يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن كىيىم  ئىشكاۋىمدىكى قىسقا يەڭ كۆڭلەك ،كوپتا ،كالتە يوپكىلارنى ئەمدى كىيىشكە راھىم يوق ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن تىكتۈرۈپ  قويغان ئۇزۇن يەڭ كۆڭلەك ،كوپتا يوپكىلىرىمنى ھەم ئۆزۈم شۇ كىيىملىرىمگە ماسلاشتۇرىۋالغان ياغلىقلىرىمنى چىگىپ يولغا چىقتىم .
  يىغىن ئېچىلىدىغان يەرگە بېرىپ تونۇش يازغۇچى ،شائىر ،تەرجىمان ،مۇخبىر دېگەندەك ھەدە ،سىڭىللىرىم بىلەن ئېسىلىشىپ خوشال كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ دىدارلاشقاندىكى تەبەسسۈم ياكى خوشاللىق قاپلىغان چېھرىنى دەررۇ بىر ئەنسىز ،ياكى ماتەمدەك بىر ئۆزگۈرۈش جىلۋە قىلىدۇدە ماڭا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ :
ـ نېمە ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ -دەپ سوراشتى .
مەن چىرايىمدىكى تەبەسسۈمنى ئۆچۈرمىگەن ھالدا ياق ،ھېچ ئىش بولمىدى دېگىنىمدە
ـ ئەمىسە ،ياغلىق چېگىۋاپسىزغۇ ؟!ـ دەپ سوراشتى .
ـ ياش بىر يەرگە باردى ،مۇسۇلمان بولغاندىكىن چىگىۋالدىم ،دېگىنىمدە ،ئاپام دېمەتلىك يازغۇچى دوستۇم تامارا ھەدەم  چىرايلىرىنى پۈرۈپ تۇرۇپ :
ـ سىز دېگەن تېخى كىچىكتۇرسىڭىز ،بىز جېنىمىزدا ياغلىقنى ئويلاشمىساق ،سىز بىر زىيالى ،يازغۇچى تۇرۇپ نېمانچە ئاڭسىز ئادەملەردەك بۇنداق خۇراپىلىشىۋالىلغانسىز ؟ بەكلا بالدۇرغۇ ؟!-دېسە
يەنە بىر چوڭ گېزىتخانىنىڭ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن يېشى ئاللىقاچان 50كە بېرىپ بولغان بولسىمۇ ،تېخىچىلا يېشى ئوتتۇزغا بارمىغان قىزلاردەك تىلىمىز بويىچە بەك مەدەنى يۈرۈيدىغان مۇخبىر سانىيە  ھەدەم ماڭا مۇخبىرلارغا خاس سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ :
ـ چولپان سىزگە چوقۇم بىر ئىش تەسىر قىپتۇ ،شۇنداقمۇ ؟ -دېدى ناھايىتى يېقىنلىق بىلەن
ئۇنىڭ شۇ تاپتا ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سىنچى كۆزلىرى مەندىن جاۋاپ كۈتىۋاتاتتى ،مېنىڭ جاۋابىمغا يەنە مۇخبىرلارغا خاس سۆزمەنلىكى بىلەن جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى . ئەمما مەندە بۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن تەبەسسۈم قىلىپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق ئىدى .چۈنكى مەندە ھازىر بۇ كىيىنىشلىرىم ئۈچۈن ئۈلۈپ كەتسەم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن قورقتۇم  دېيىشتىن باشقا جاۋابىم يوق ئىدى .بىراق بۇ ئوقۇغان جاھان كەزگەن ،ئۆزلىرىنى ئەڭ بىلىملىك چاغلاپ جەمىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئاۋانگارت بولىۋاتىمىز ،ئەڭ توغرا يولدا كېتىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى جەمىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغارلىرى دەپ قارايدىغان بۇ ھەدىلىرىمگە ئۇ ‹ئۆلۈم › دېگەن سۆزۈم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بولالمايتتى .چۈنكى ھازىرقى جەمىيەتتە نەققە قىززىقىدىغان ،كۆز ئالدىدىكى پايدىنىلا كۆرۈپ باشقا بىلەن ھېساپلاشمايدىغان  كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار بەكمۇ يىراقتىكى نىسى ئىش ئىدى .شۇنداق دېسەم نۇرغۇنى ئۆلگەندىن كېيىن بىر گەپ بولار دىيىشى چوقۇم ئىدى .چۈنكى مەنمۇ تېخى يېقىندىلا شۇنداق بىخۇتلۇق ئىچىدە  ياشاۋاتقان گۇناھكار بەندە ئىدىم ...
ـ ئەتە يىغىنغىمۇ مۇشۇنداق ياغلىق بىلەن چىقامسەن ؟ـ دېدى كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراپ
ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن كىيىنىشلىرىم ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلىقىنى چۈشەندىم ،چۈنكى بىز ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستلار بىر –بىرىمىزبىلەن تىلىمىز بىلەنلا ئەمەس كۆزلۈرىمىز بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيتتۇق .
ـ شۇنداق ،ياغلىق دېگەننى چىككەندىكىن ئالماي چىگىدىغان گەپ ،ئەرلەرنىڭ شىلەپىسى بولمىسا يە ئۆيگە كىرسە ئېلىۋېتىدىغان ،ياغلىقىمدىن نومۇس قىلىۋاتامسەن ؟ كۆزۈڭگە مەتۇدەك كۆرۈنىۋاتقان ئوخشىمامدىمەن ؟ شۇڭا بۇ يىغىنغا كېلىشكە باشتىلا كۆڭلۈم تارتمىغان ئىدى زادىلا !-دېدىم بايىدىن بېرى ھەممىسىنىڭ مەسخىرىگە ئوخشاپ كەتكەن سۇئاللىرىغا جايىدا رەددىيە بېرەلمىگىنىم ئۈچۈن ھەممە ئاچچىقىمنى خەدىچەدىن ئېلىۋاتاتتىم.
ـ نېمانچىلا تېرىكىسەن جېنىم ،سەن بىر ئوقۇغان زىيالى ،ھەم خىزمەتتىكى ئايال تۇرۇپ ھەجەپ بالدۇرلا ياغلىق چېگىۋالغىنىڭغا دەيمەن ،ھەممىسى سېنىڭ ياغلىقىڭ توغرىسىدا غۇل-غۇلا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئىبادەتنىمۇ دىلىدا بىلىپ قانچە يوشۇرۇن قىلسا شۇنچە ياخشى دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم ،كېيىنچە باشقا ئىشلىرىڭغا ياغلىق تاقىشىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم .
ـ خەدىچە ،رەھمەتلىك دوستۇمىز چىمەنمۇ تېخى خىزمەتتە ئىدى ،ئاللاھ ئۇنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشىنى كۈتمەستىنلا ئېلىپ كەتتى ،ئۇ جان ئۈزگەن چاغدا سەنمۇ بار ئىدىڭغۇ ؟... يېقىندا كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان  ئۈچ دوستۇم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى ئاداش ...مەنمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسەمچۇ ؟ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن ؟خەدىچە مەن ئۆلۈمدىن ،ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىپ سوراق قىلىنىشتىن قورقۇپلا چېگىۋالدىم بۇ ياغلىقنى ،ساڭاھازىر  بۇنىڭدىن باشقا چۈشەنچە بەرەىدەك بىلىمىممۇ يوق !-دېدىم يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
ـ بوپتۇ ئاداش ئۆزۈڭ ئۇنداق ئويلىغان بولساڭ بۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ !-دېدى خەدىچە ئېغىر ئۇھ تارتىپ .ئۇنىڭ بۇ ئۇھسىنىشلىرىدىن مېنىڭ بۇ ئىشىم ئۇنىڭغا پەقەتلا ياقمىغانلىقىمنى ئۇ ئامالسىزلا ھە دەپ قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم چۈنكى بىز تىنىقلىرىمىز بىلەنمۇ مۇڭدىشالايدىغان دوستلار تۇرساق !
ـ زۇمرەت سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنڭ ئاڭلاپ بەك خوش بولغان ئىدى ،ئەمما ئۆيىگە چەتئەلدىن مېھمان كەپ قاپتۇ ئەتە ئەتتىگەنلىككە يىغىنغىلا ئۈلگۈرۈپ كېلىدىغان بولدى .
خەدىچە مېنى ياتىغىمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ؛
ـ ئاداش ،دەم ئېلىپ تۇر مەن بۆلۈمگە چىقىپ نېمە ئىشلار  باركىن قاراپ باقاي ھېلى كەچلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى بىللە چىقىمىز ،دەپ چىقىپ كەتتى .
   ياتاقلاردا ،كارىدورلاردا ئاياللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن خوشال سالاملاشقان ،كونا تونۇشلارنىڭ ئالا-چۇقان سېلىپ كۇرۇشكەن ئاۋازلىرى بىلەن تولغان ئىدى .مەن قەشقەرلىك سىڭىل دوستۇم شائىرە گۈلزىبانىڭمۇ بۇ يىغىنغا كېلىدىغانلىقىنىڭ ئېسىمگە ئېلىپ دەرۋازا  ئالدىغا چىقىپ بېقىش ئۈچۈن بىنادىن چۈشتۈم ،گۈلزىبا ئككى كۈننىڭ ئالدىدا  ماڭا تېلفۇن قىلغان ئىدى ،مېنىڭمۇ بۇ يىغىنغا بارىدىغىنىمنى بىلىپ ،كۆرۈشىدىغان بولدۇق دەپ ناھايىتى خوش بولغان ئىدى ،مېنىڭمۇ ئۇ تاتلىق مىسرالارغا باي سىڭلىمنى كۆرگۈم كەلگەن ئىدى . ھېلى ياتىغىمدىن بىر كارۋاتنى شۇ گۈلزىباغا ئاتاپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم ،دەرۋازىدا ئانچە ئۇزۇن تۇرماستىنلا ئۇ سىڭىلچاقمۇ تاكسىدىن چۈشتى بىز ناھايىتى قىزغىن ھالدا  قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتۇق .ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا تېچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇ سىڭلىممۇ ئەندىككەن ھالدا :ـ چولپان ئاچا ،بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ دېدى
-    بولدى ،خېلى چوڭ ئىش بولدى سىڭلىم دېدىم تەبەسسۈم بىلەن
-    ماڭا ئەجەپ دېمەپسىزغۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۇرۇشكەن چاغدىكى خوشاللىقلارنىڭ ئورنىغا  قايغۇ ئەنسىزلىك ئالماشتى .
-    مانا ئەمدى كۆرۈشكەندە دېمەمدىم ؟
-    روھىمدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولىۋاتىدۇ ،مەن ئەسلىمنى ئىزدەۋاتىمەن ،مېنى مەن نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن دېگەن سۇئاللار ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى ـ دېدىم
-    ئىشلەۋاتقانسىز ؟
-    ئەلۋەتتە
-    بىز ئۇياقلاردا خىزمەتتىكىلەر رومال چەككىمىز بولسىمۇ نېمىشقىدۇر چېگەلمەيمىز –دېدى توۋا دەيمەن ، بۇ قىزمۇ ماڭا بىرەر ئېغىز بولسىمۇ مەن راھەتلەنگىدەك سۆز قىلالمىدى ،خۇددى ماشىنا ئادەمدەكلا نادان قاراشلار ...ئۆزى قىلالمىسىمۇ كۆڭلىدىكى  راس گېپىنى بولسىمۇ ھاياجانلىنىپ   ياكى مەيۈسلۈك بىلەن دېگەن بولسىمۇ مەيلىتىغۇ ؟ خۇددى يېنىمىزدا بىرسى پىلىموت تەڭلەپ تۇرغاندەكلا نېمانچە ئەنسىزدۇ ؟.. كۆڭلۈم بەكلا غەش بەكلا غېرپ ھالەتتە گۈلزىبانى ياتاققا باشلاپ كېتىۋاتىمەن بىناغا كىرىپ لېفىتتىن چىقىۋېتىپمۇ ئۈنسىز ھالدا يېنىمدا گۈلزىبا تۇرسىمۇ دۇنيادا يالغۇز قالغاندەك غېرپسىنىپ  كەتتىم .
-      ياتاقتا تونۇش-بىلىشلىرىمىز بىلەن كۇرۈشۈپ تاغدىن –باغدىن پاراڭلىشىپ بولغىچە كەچلىك تاماق ۋاقتى بوپ قاپتۇ ،خەدىچەمۇ ياتاققا كىردى. كەچلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرغان زالغا كىردۇق . تاماقتىن كېيىن مۇزىكا چېلىنىپ ئۇسسۇل –تانسىلار باشلىنىپ كەتتى ،سورۇندا ئاياللار كۆپ بولغاچقا ئاياللار بىلەن ئاياللار بىر-بىرىنى تارتىپ تانسىغا پىقىرىشىۋاتاتتى .
-    ـ چولپان ئاچا ۋالىسقا بەك ياخشى پىقىرايتۇققۇ ؟ قوپۇڭە بىرەر مەيدان ئويناپ قويايلى –دېدى گۈلزىبا قۇلىغىمغا پىچىرلاپ .
-    كەچۈرۈڭ ،سىڭلىم مەن ئۇ ئىشلاردىن قول ئۈزدۈم ،پەقەت مەيلىم يوق –دېدىم غەمكىن ھالدا .
-    توۋا نېمە بولغانسىز ! ـ گۈلزىبامۇ ئوڭايسىز ھالدا شۇنداق دەپ قويدى .
بىر چاغ ساز توختاپ شىئېر دىكلاماتسىيە قىلىش باشلىنىپ كەتتى ،پىشقەدەم خەلق شائىرلىرىمىزدىن نەچچىسى ناھايىتى تېتىملىق شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردى ،بىر چاغدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سالاسى بىلەن بىر چوكان چىقىپ شىئېر دىكلاماتسىيە قىلدى .
ـ قەلىمى ئەجەپ ياخشى ئىكەن ،بۇ كىمۇ ؟-دەپ سورىدىم يېنىمدىكى گۈلزىبادىن
ـ سىز تېخى تونۇمامسىز ؟ -گۈلزىبا تەئەججۈپلىنىپ كۆزلۈرىمگە قارىدى .
ـ ياق ،تونۇمايدىكەنمەن ،
ـ ئانارگۈل بارات دېگەن شائىرەمىز شۇـ دېدى .
ـ ۋاي خۇدا مۇنداق دەڭە ؟ بۇ قىزنىڭ شىئېرلىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ،ئەمما ئۆزىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەستىن ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇراتتىم .ئانارگۈل شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىش سادالىرىدىن سەل ھاياجانلىنىپ قالدىمۇ ،بىلمەي قالدىم سەھنىدىن چۈشمەستىنلا :
ـ خانىملار ،بىز يازغۇچى شائىرلار جەمىيەتنىڭ ئاۋازى بولىشىمىز ،ھەممە ئىشتا ئالدىدا مېڭىشىمىز ،مۇھەببىتىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورقماستىن جاكارلىشىمىز كېرەك !ئەرلەر يېرىم دۇنيا بولسا بىزمۇ يېرىم دۇنيا بىز جۇدۇنلۇق بىلەن بىرلەشكەندىلا پۈتۈن دۇنيا بەرپا بولىدۇ !... يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن ئىشقىلىپ جەڭگىۋار شۇئارلارنى توۋلاپ ئاىىرىدا قېنى مۇشۇنداق كەسپداشلار ،قەلەمكەشلەر جەم بولغان ئالتۇندەك ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئوينايلى !دەپلا يېنىدىكى مۇزىكانتلارغا بىر بۇيرۇق قىلىۋېدى جاڭ-جۇڭ قىلىپ مۇزىكا باشلىنىپ كەتتى ،ئانارگۈل راستىنلا قالتىس تەشەببۇسكارلىق بىلەن  بىلەن قاسىلدىتىپ  ئۇسسۇلغا چۈشكىنىچە ئەرلەرنىڭ ئۈستىلەگە ماڭدى .
ـ ئانارگۈل ئۇسسۇلنى مەيداندا ئوينىماي نەگە ماڭدى ؟ -يېنىمدىكى بىر ئايال قەلەمدىشىم بىزگە قاراپ شۇنداق سورىۋىدى ،ئىچىمىزدىكى سۆزمەندىن بىرسى :
ـ بايامقى باياناتىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ؟ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھەببىتىمىززنى قورقماستىن جاكارلاپ ،دۇنيانى پۈتۈنلىگىلى ئەرلەرنىڭ ئۈستىلىگە ماڭدى ئۇ شائىرەمىز !-دېۋىدى ھەممىمىز پارەققىدە كۈلۈشتۇق ،بەزىلەر ئۆزۈنى باسالماي خېلىغىچە پىخلداپ كۈلدى ،بەزىلەر ئانارگۈلنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈپ ئانارگۈلگە جۆر بولۇش ئۈچۈن ئۇسسۇلغا چۈشۈشتى .مەن كۆڭلۈمدە بۇ شائىرەمىزنىڭ ئاشۇ تاتلىق مىسرالىرىنىلا كۆرۈپ ئۆزۈنى كۆرمىسەم بوپتىكەن دەپ ئارمان قىلىپ قالدىم .
شۇئان يېنىمدىكى گۈلزىباغا : -سىز بىردەم ئولتۇرامسىز؟-دەپ سورۇدۇم .
-    قانداق ؟چىقىپ كېتەي دەمسىز ؟-دېدى
-    پەقەت ئولتۇرغۇم كەلمىدى ،
-    مەنمۇ يولدىن كەلگىچە چارچاپ قاپتىمەن چىقىپ كېتەيلىچۇ –دېدى شۇنىڭ بىلەن ياتاققا قايتىپ چىقىپ خۇپتەن نامازلىرىمنى ئوقۇپ بولۇپ تۇرغۇنىمدا ،كارىدوردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن ئۇلارمۇ سورۇنىنى تۈگىتىپ كىرىشتى .
-    ئەمدى كارۋىتىمغا چىقىپ يېتىۋالاي دەپ تۇرغۇنىمدا تامارا ھەدەم مېنى تولاپ كىردى –قېنى سىز چولپان !جۈرۈڭ بىزنىڭ ياتاققا ،بىردەم مۇڭدىشىمىز ،مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ ؟ توۋا مۇشۇنداق ئاران بىر كەلگەن پۇرسەتتىمۇ كۆزگە ئۇيقۇ كېلەمدىغاندۇ ؟قاچان بىزلەر كۆرۈشمىگىلى بىز  سىلەردەك قەلەمكەش دوستلۇرىمىز  قىزلىرىمىز  بىلەن مۇڭدىشىمىز دەپ ئۆيگە كەتمەي ياتاقتا ياتتۇق –دېدى شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۇ پىشقەدەملەرنىڭ ياتىغىغا كىرىپ ئولتۇردۇق .تونۇمايدىغانلارنى تامارا ھەدەم تونۇشتۇرىۋاتاتتى .
-    مانا بۇياق ،قۇمۇل ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىسى ھەم  ياخشى ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىز ھەنىپە تۇردى ،بۇ قورغاستىن يېڭى –يېڭى ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلىۋاتقان يازغۇچىمىز   زاھىدە ئابدۇل ،بۇياق تاتلىق شىئېرلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋاتقان ياش شائىرەمىز ئانارگۈل بارات ،بۇياق نېفىتلىكتىكى ياش يازغۇچىمىز چولپانقىز ،بۇ قىزىمىز بىزدەك  ئاقۋاش ئانىلىرى چېچىمىزنى بوياپ ياشىرالماي قىينىلىۋاتساق ،ئالدىراپ ياغلىق ئارتىۋالغان بىلەن ئەسەرنى كۆز ياشلىرى بىلەن يازىدىغان ئوت يۈرەك قىزىمىز ...بۇياق گۈلزىبا مىسرالىرى ئاجايىپ تاتلىق شائىرەمىز ... شۇنداق تونۇشتۇرۇشلار ھەم چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن ئانارگۈل باشقىلارنىڭ رايىغا باقماستىن يېزىۋاتقان بىر داستانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوقۇشقا باشلىدى ،داستان تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،نەچچىسى بولدى ياخشى يېزىلىپتۇ نەشرگە بېرىڭ دەپ باقسىمۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ئاخىر ژورنالدىكى بىرسى ئەكىلىڭ ئەسىرىڭىزنى مەن كۆرۈپ باقاي دەپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆز-ئارا سۆھبەت ،دەت تۆكۈش ھال-مۇڭ بولۇشلارغا چۈشتۇق ،ئاىىرى قورغاسلىق چوكان يۇمۇر ئېيتىپ بەرگۈسى كېلىپ يۇمۇر باشلاشتى ... مەن ئۇلارغا ئانچە جۆر بولالمىدىم ،پەقەت قىززىق گەپلەر چىققاندا كۈلۈپ سالاتتىم ئارقىدىنلا ئاپلا دەپ ۋايىم يەييتىم .بۇنداق ئەنسىز ئولتۇرغاندىن چىقىپ ئۇخلاپ ئەتتىگەنلىك نامازغا قوپايچۇ !ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭغا چۈشكۈنىدە ياتىغىمغا غىپپىدا چىقىۋالدىم .
-         ئەتتىگەندە يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا چىقتىم يىغىن تۈگىشىگە ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا زۇمرەتنى كۆردۈم ،كۆزلۈرۈم خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى .
-    زۇمرەت !
-    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،جېنىم تېنچلىقمۇ ؟
-    ماشائاللا ! چولپان بۇ سەنمۇ؟!-ئۇ شۇنداق دەپلا كەڭ قۇچاغ ئاشتى
-    كۆزلۈرۈمگە يىغا ياماشتى ،تىلىم سۆزگە كەلمىدى
-    ئارقاڭدىن كۆرۈپ ،بۇ يىغىنغا مېنىڭ بىرلا قېرىندىشىم كەپتۇ كىمدۇ بۇ ياغلىق چىككەن دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن ،سەنمىدىڭ ؟زۇمرەتنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلايتتى بىز يانمۇ يان مېڭىپ ،زۇمرەت يىغىندىكىلەر بىلەن سالاملاشقاچ ياتاققا چىقتۇق تاماققا خېلى ۋاقىت بار ئىدى ئاڭغىچە ياتاقتا ئارام ئالماقچى بولۇشتۇق
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ ...

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2009-2-7 00:24 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2009-2-7 00:26 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-10-16 05:50 , Processed in 0.066532 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش