ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: kawsarabbas

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-25 01:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇمرەت بىلەن بىرەدەم مۇڭدىشارمىز دەپ ياتاققا كىرسەك، ياتاقتا بىزنىڭ ئالدىمىزدا كىرىپ زۇمرەت بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقۇسى بارلار ئولتۇرۇشۇپتۇ.  زۇمرەت ھەممىسى بىلەن شۇنداق سىپايىلىق بىلەن كۇرۈشۈپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن،  گەپنى يەنىلا ئوچۇق سۇز ھەدىمىز تامارە ھەدەم جاراڭلىق ئاۋازدا باشلىدى : -ھەي قىزىم زۇمرەت، سەن نەچچە يىل بولدى ئاشۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىسەن، ئۇ تەرەپلەردىغۇ ئاياللار  ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەرلىرى تېپىپ بەرگەننى يەپ، بەش ۋاق نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالايدىكەن، ئەمما بۇ يەردە ئاياللارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ باقىدىغان ئەرلەر بولمىسا، بىز سىرتتا سەككىز سائەت ئىشلەپ ئىشتىن چۈشۈپ بالىلارغا تاماق، ئېتىپ، كىر يۇيۇپ ناماز ئوقۇشقا يېتىشەلمىسەك، تېخى نامازنىڭ ۋاقتى پەرزكەن،  ئىش ئورنىدا ناماز ئوقۇغۇلى بولمىسا قانداق قىلىدىغان گەپ قىزىم، بۇنىڭغا يە ئاللانىڭ ئايرىم ھۆزۈرلىرى بارمىدۇ؟! يا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دوزاققا تۇترۇق بولامدۇق؟!  زۇمرەت تامارا ھەدەمگە جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئانارگۈل
ـ توۋا دەڭە تامارا ھەدە، پادىشانىڭ ھۆكمى ۋاجىپ دېگەن گەپ باركەنغۇ؟ بىزنىڭ پادىشاھىمىز مۇسۇلمان بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق ياشىماي نېمە ئامال؟ئەگەر بىزمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىدە شۇنداق راھەتتە ياشىغان بولساق ناماز ئوقۇپ مۇسۇلمانچە ياشايتتۇق، نېمە ئامال؟
زۇمرەت نەزىرىنى ئانارگۈلگە ئاغدۇردى، تەبەسسۈم بىلەن سىز ‹پادىشانىڭ ھۆكمى ۋاجىپ› دېگەن سۆزنى قۇرئاندىن كۆرگەنمىدىڭىز؟ـ دەپ سورىدى.  
ـ قۇرئاننىغۇ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم ئەمما چوڭلاردىن شۇ گەپنى كۆپ ئاڭلىغانتىم. -دېدى ناز كەرىشمىلىك بىلەن
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ـ بۈگۈن ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇستازلار ھەم قەلەشكەش دوستلار  بىلەن مۇشۇ مىنۇتتا بىزنى دىدارلاشتۇرغان ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇن!

-تامارا ھەدە سىز سورىغان سۇئالغا جاۋاپ بەرسەم، ئەگەر سىز ئۆزۈڭىزنى ئەلھەمدۇلىللا  مۇسۇلمان دەپ ئويلايدىكەنسىز،بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا  ناماز ئوقۇش پەرز، ئاللاھ  قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە { ناماز ئوقۇشقا، زكات بېرىشكە، اﷲ دىن قورقۇشقا، قۇربى يېتىدىغانلارنى ھەج قىلىشقا، جازانىدىن يىراق تۇرۇشقا. . .  } بۇيرۇيدۇ.  بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدىغىنى نامازدۇر!
بۇ مېنىڭ ياكى باشقا بىرسىنىڭ گېپى ئەمەس ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقى، يەنى قانۇنى ئاللاھنىڭ قانۇنى قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان بىلەن تەڭ قىيەمەتكىچى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق، بۇنىڭغا بىز ئىنسانلارنىڭ ئانداق ياكى مۇنداق دەپ پەتىۋا بېرىشكە ھەققىمىز يوق، تۇرالمايدىغان كېسەل بولسىڭىز ئولتۇرۇپ ئوقۇڭ، ئولتۇرالمىسىڭىز يېتىپ ئوقۇڭ، ھەتتا كۆز ئىشارىتى بىلەن ئوقۇڭ دېدى.  
ئىسلام ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەڭلەردىمۇ نامازنى ئاسان قىلىپ بەردى ئەمما «ئوقۇمىسا بولىدۇ » دېمىدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئۆزۈمىزنى مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز چوقۇم بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەي ئوقۇشىمىز كېرەك.  چۈنكى ناماز بىز قىلمىساق بولمايدىغان پەرز ئەمەل،
چۈنكى ناماز بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغۇچى دىپلوم،
چۈنكى ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنى ئايرىپ تۇرىدىغان بەلگە،
چۈنكى ناماز مۇناپىققا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئىبادەت (بولۇپمۇ بامدات بىلەن خۇپتەن!)
ناماز ئوقۇمايدىكەنمىز بىز ئۆزۈمىزنى مۇسۇلمان دېمەيلى، ئۇيغۇر دەيلىى، بۇ ئىسلام دىنى دېگەن مىراس قالمايدۇ، خۇددى ئۇيغۇرنىڭ بالىسى چوقۇم ئۇيغۇر بولغاندەك، سىز بىر دىنى ئۆلۈمانىڭ پەرزەنتى بولسىڭىزمۇ، سىز ئەقلىڭىزنى تاپقاندىن باشلاپ يەنى ئاللاھ كۆرسەتكەن يېشىڭىزدىن باشلاپ مۇسۇلمان قىلىدىغان پەرز ئەمەللەرنى ئورۇندىمايدىكەنسىز ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن بۇيرۇقلارنى ئورۇندىمايدىكەنسىز سىز مۇسۇلمان بولالمايسىز، ئەگەر بىر خەنزۇنىڭ پەرزەنتى ئەقىل يېشىغا يېتىپ ئۇ ئاللاھنى تونۇپ قۇرئان كەرىمدىكى قانۇنلارغا بويسۇنۇپ لائىلاھە ئللەللاھ دەپ ناماز ئوقۇيدىكەن ئۇ مۇسۇلمان بولىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ خەنزۇ بولىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇتقا باش ئىگىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا تەسىر قىلمايدۇ، پەقەت دىندا توغرا ساپ ماڭالىسىلا بولدى. تامارە ھەدە جاۋابىم چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟!زۇمرەت تامارە ھەدەمگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى.
ـ چۈشۈنىشلىك بولدى قىزىم، مېنى بەك قورقۇنۇش بېسىۋالدىغۇ، ئەمدى توۋا ئۇيغۇر دېگىن!
ئەمدى سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەي خانىم، زۇمرەت ئانارگۈلنى كۆزى بىلەن شەرەت قىلىپ قويۇپ سۆز باشلىدى.
ـ قۇرئان كەرىمدىكى بۇيرۇقلار بولسۇن ھەدىسلەردىكى سۈننەتلەر بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەۋېلىپ مۇسۇلمانچىلىققا زىت كېلىدىغان پۈتۈن ئىشلارنى تەپ تارتماستىنتىن قىلىدىغان، ئاندىن ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پەتىۋا تېپىپ ماڭىدىغان، قىسقىسى ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ چۈشىنىشكە تىرىشىدىغانلارغا ئەمەس، ئۆزىنى ئىسلامىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغان «ھەقىقى مۇسۇلمانلارغا»  (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچىلارغا) بۇيرۇلغان ئىشلاردۇر!
ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ لوقمان سۈرىسىدە { بىز ئىنسانغا ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن} دېدى بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ھەممىمىز ئوقۇغان زىيالىيلاركەنمىز مۇشۇ ئايەتتىن ئاللاھنىڭ بىزنى قانداق قىلىشقا بۇيرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ.
ـ مەن چوڭلاردىن ئىبادەت دېگەننى قانچە يوشۇرۇن قىلسا شۇنچە ياخشى ساۋاپ دېگەننى ئاڭلىغانتىم، ئەمما ھازىر ئۆزۈنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلاپ ياغلىق چىگىپ ساقال قويۇۋالىدىغان ئىشلار چىقىپ كەتتى زادى قايسى توغرىدۇ؟ دەپ بەزىدە قايمۇقۇپمۇ قالىدىكەن ئادەم. . .  ئانارگۈلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىرقىم چاچ چوكان سەل تەمتىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
ـ ئىسلام دىنىدىكى  يوشۇرۇن ئىبادەت دېگەن  بەش ۋاق پەرىز نامازدىن باشقا ئوقۇلىدىغان كېچىلەردىكى نەپلە نامازلاردۇر، بىر يىلدا كېلىدىغان بىر ئايلىق پەرىز روزىدىن باشقا دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتىدىغان نەپلە يوشۇرۇن روزىلاردۇر، يەنە ئوڭ قول بەرگەن سەدىقىنى سول قولۇڭىز بىلمىگىدەك يوشۇرۇن قىلغان سەدىقىلەردۇر بۇنىڭغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر مۇكاپاتلارنى بېرىمەن دېگەن، يەنە بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبى ئېچىلىپ قالسا شۇنى يوشۇرۇش. . .  دېگەندەك نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىبادەتلەر بار ئاللاھ خاس ئۆزىلا كۆرۈپ قىيامەتتە مۇكاپاتلايدىغان، ئاللاھ ئاياللارنى ياغلىق، لىچەكلىرىڭلار بىلەن ئەۋرەتلىرىڭلارنى يوشۇرىڭلار دېگەن مانا بۇمۇئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن  يوشۇ رغان ياخشى ئىبادەتتۇر.
ـ مانا ئوقۇغان ئادەم دېگەن مۇشۇنداق ئادەمنى قايىل قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ –دە!
ـچۈشەنگىنىمىز بىلەن ئەمەل قىلالىساق بولىدۇ خانىم، ئۇنىڭدىن بىلمىسەك گۇناھىمىزئازراق بولاتتى، شۇڭا بۇنداق گەپلەر بار يەردىن زادى قورقۇمەنچۇ!
ـ بۇ يەردىنغۇ قورقۇپ قاچارسىز قىيامەت كۈنى قانداق قىلاسىز شۇنى نېمىشكە ئويلىمايسىز؟!
ـشۇ چاغدا بىر گەپ بولمامدۇ!
زۇمرەت ئەمدى گەپ باشلاي دەپ تۇراتتى، سىرتتىن تاماققا چىقايلى تاماققا!دېگەن ئاۋاز ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى سىرتقا بۇرىدى.
ـ ۋاي خۇدا ئەجەپمۇ ئوبدان گەپ بولىۋاتقاندا دەپ غودىرىسا بەزىسى :ـتاماققا چىقايلى تاماققا. . . .  دېيىشىپ ئالدىراش ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-25 01:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىن داۋاملىشىۋاتاتتى. بۇ ئايال ئەدىپلەرنىڭ يىغىنى بولغاچقا ئوقۇلىۋاتقان ماقالىلارمۇ، ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئاياللار توغرىسىدا سۆزلىنىۋاتاتتى، بەزى ئاياللار ئاياللار ئازاتلىقىنى كۈيلىسە، بەزىسى ئايال بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەيتتى.  بەزىسى ھاياتقا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، ئەرلەرگە، خىزمەتكە تۇتقان يوللىرىنى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەيتتى.  بەزىسى بۇرۇنقى ئانىلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بەزىسى تارىختىكى داڭلىق ئاياللارنى، بەزىسى ھازىرقى چولپانلارنى، زوڭتۇڭلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇتۇقلىرىنى مەغلۇبىيەتلىرىنى تىلغا ئالاتتى، كۈلەتتى ياكى ھاياجانلىنىپ يىغلايتتى.  ئانارگۈل خانىمدەك نەچچىسى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدىن سەھنىگە ئارقىمۇ ئارقىدىن چىقىپ جاراڭلىق ئاۋازدا ئاياللىق نازاكىتىنى، ئانىلىق بۇرچىنى، ئاياللىق ۋەزىپىسىنى قەلىمى ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى دەپ-دەپدىۋىلىك سۆزلەر بىلەن جاكارلاشتى. . .
مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت بىر پەيلاسوپ ئەپەندىنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا، بىز نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاياللار ئازاتلىقى دەپ توۋلاپ يۈردۇق، ئاياللارنى زادى نېمىدىن ئازات قىلدۇق؟ ئائىلىدىنمۇ؟  قازان بېشىدىنمۇ؟ بۈشۈك يېنىدىنمۇ؟  بىزگە دوختۇر، دوكتۇر، ئېنژىنېر ئاياللار مۇھىممۇ ياكى ياراملىق ئەۋلات تەربىيىلەيدىغان مۇكەممەل ئانا مۇھىممۇ؟! دېگەن سۆزلىرىلا بولدى، خالاس.
بۈگۈن قايسى بىر ژورنال كەچتە بىر رېستۇراندا يىغىن ئەھلىگە چاي بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى، بېشىمغا غەم چۈشتى، ئەستا قانداق قىلارمەن؟  خەدىچە بۇ سورۇندىن ھەرگىز قالمايدۇ، زۇمرەت ئۆيىگە مېھمان كېلىپ كېتىپ قالغانتى كەچتە ياتاقتا يالغۇز قالارمەنمۇ؟ زۇمرەت بىلەن تېخىچە مۇڭدىشىشقىمۇ پۇرسەت بولمايۋاتاتتى.  مەن ياتاققا قايتىپ كىرىپ ئەسىر نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپ، ھاممامنىڭ ئۆيىگە كېتىشنى پىلانلاپ لىفىتقا چىقتىم، ئارقامدىنلا بىرسى چۇقىراپ لىفىتقا چىقتى، قارىسام يېنىمدىكى ياتاقتىكى مەن بىلەن تەڭ دەمەتلىك چوكان ئىكەن ئۇ چوكانغا قاراپ يېنىك كۈلۈمسىرىدىم.
-    سىز مايتاغلىقكەنسىز ھە؟!-
-    شۇنداق مەن مەن مايتاغدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
-    سىزچۇ؟
-    مەن يەكەنلىك،
-    ھە مەن قەشقەر يەكەن دېگەن تەرەپلەرگە تېخى بېرىپ باقمىدىم.
-    مەن سىزنى خوتەنلىكمىكىن دەپتىكەنمەن.
-    نېمىشكە، مېنىڭ شىۋام خوتەن شىۋىسىغا ئوخشامدىكەن؟ مەن ھەيرانلىق بىلەن يەكەنلىك چوكانغا قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر مەنسىتمەسلىك جىلۋىلەندى، نېمە دېمەكچىلىكىنى دەرھال چۈشەندىم.
-    سىز مايتاغدىمۇ ئىمانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز يوقكەندە، خۇددى مەن كىچىك نادان  چېغىمدا جەنۇپ تەرەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇراپى  ياغلىق چېگىدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ھازىر بىلدىمكى بۇمۇ مۇسۇلماننىڭ بەلگىسى ئىكەن!ـ دېدىم  مېنىڭ سۆزۈم تۈگىشى بىلەن لېفىتمۇ توختىدى.  لىفىتتىن تاقىلداپ چىقىپ كەتتىم، بەدەنلىرىم غەزەپتىن غال-غال تىترەيتتى، بىنادىن چىقسام يىغىندىكىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.  ئەتراپىمغا قارىسام ھەممىسى بىرلىكتە تۇرىۋاتقاندەك، بىر مەن يالغۇزلا قالغاندەك بەك غېرپسىندىم.  كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى چولپان ئۆزۈڭنى تۇتىۋال، مۇسۇلمان دېگەن سەۋرى قىلىشى كېرەك بۇمۇ ئىسلام ئەخلاقىغۇ؟  دەپ ئۆزۈمنى بېسىپ كېتىۋاتاتتىم.
-    چولپان –دەپ خەدىچە ئارقامدىن  توۋلاپ قالدى، ئارقامغا مەيۈس ھالدا بۇرالدىم.
-    نەگە ماڭدىڭ؟
-    ئايشەم ھەدەمنىڭ ئۆيىگە.  
-    كەچكى ئولتۇرۇشقا بارمامسەن؟
-    ياق!
-    بارساڭ نېمە بوپتۇ؟  تانسا ئوينىمىساڭلا بولمىدىمۇ؟
-   ئاتىلىرىمىز؟ «سۈيىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى، گۈشىنى يىگەنمۇ ئوغرى» دەپتىكەن ئاداش بارمايچۇ!
-    خەدىچە!
-    بىز تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدۇق، لىفىتتىكى چوكان خەدىچەنى چاقىرىۋېتىپتۇ ـ بىر دەپ ساقلاپ تۇرۇڭ! خەدىچە شۇنداق دەپ قويۇپ ماڭا قارىدى.
-    ئاشۇ سېنى چاقىرغان چوكان كىمۇ ئاداش؟
-    تونۇمامسەن؟ رەيھانگۈل ياسىن شۇغۇ!
-    توۋا بۇ يازغۇچىمىزنىڭ بۇنچىلا قاتماللىغىنى ئويلىماپتىمەن، ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيتتۇم بولمىسا. . . دەۋەتتىم.
-    نېمە بولدۇڭ!
-    ھېچ نېمە، سەن ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن مەن يولۇمغا ماڭاي –دېدىم.  
-    ھەي ھېلى سېنى زۇمرەت ئىزدەپ كەپتىكەن، سېنى ياتاقتا ناماز ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتىمىكىن دېگەن ئىدىم.  ئۇ سېنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇ قېرىندىشىڭنىغۇ ساقلاسەن!-دېدى خەدىچەنىڭ ئاۋازلىرىدىن بىردە كىنايە، بىردە مەسخىرىگە مايىل ئىپادىلەرنى سەزسەممۇ سەزمەسكە سېلىۋېرىپ باراتتىم، چۈنكى مەندە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك كۈچ يەنى بىلىمىم يوق ئىدى.  زۇمرەتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورىغاندەك بولدى، دەرھال مېڭىشىمنى توختىتىپ ئۇنى ئىزدەپ ئەتراپىمغا قاراشقا باشلىدىم.
-    چولپان! زۇمرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى قارىسام ئۇ بىنادىن چۈشىۋېتىپتۇ. خەدىچە سېنى ياتاقتا دېگەن ئىدى ياتىقىڭغا چىقىپتىمەن.
-    لىفىتتا ئۆتۈشۈپ كېتىپتىمىزدە،
-    شۇنداق ئوخشايدۇ، نەچچە كۈندىن بېرى سېنىمۇ ئىزدىيەلمىدىم، جېنىم سىرتتىن بىرنەچچە دوستلار ۋە يېقىن قېرىنداشلار كەپ قاپتىكەن، مەردان ئىككىمىز دوستلار بىلەن بۈگۈن بىر يەردە  بىردەم مۇڭدىشايلى دەپ مەسلىھەتلەشتۇق شۇڭا سېنى ئالغىلى كەلگەنتىم.
-    يائاللا بۈگۈن مالارنى رېستۇرانغا چاقىرىپتىكەن. . .
-    رېستۇرانغا باراي دېگەنمىدىڭ؟ زۇمرەت سۆزۈمنى بۆلۈپلا جىددى سورىدى.
-    -ياق، شۇ ياتاقتا يالغۇز قالغىچە دەپ ھاممامنىڭ ئۆيىگە ماڭغانتىم خەدىچە سېنى كەلدى دەپ تۇتىۋالدى.
-    ئۇنداقتا ياخشى، ھېلى مالارنى رېستۇرانغا ئېلىپ ماڭغىلى ئاپتوۋۇز  كېلىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ كېتىۋالايلى.
-    زۇمرەتنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئاپتاپتەك يورۇپ كەتتى، ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزدى ئاللاغا شۈكۈرلەر ئېيتتىم.

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-26 18:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم،كەۋسەر خانىم! بۇ يازمىڭىزنى شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن ئوقۇۋاتىمەن،خۇدايىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!،ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە سىز بىلەن ئايرىم بىر پىكىرلەشكۈم بار ئىدى،چ چ نومۇرۇم،867990692، سىزنىڭ كىتابىڭىزنى تېخى قايسى كۈنى ئېلىپ ئوقۇدۇم،دوستلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم،........بۇ يازمىڭىز مېنى بەكمۇ ھاياجانغا سالدى،رەخمەت سىزگە!داۋامىنى كۈتىمەن!

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-27 16:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كەۋسەر ھەدە!
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر، قەلىمىڭىزنى ھاياتىڭىزنى ئاخىرىغىچە ئىسلام ئۈچۈن تەۋرەتكىلى نېسىپ قىلسۇن!
ئەتتىگەندە ئولتۇرۇپ ئۈزۈلۈپ قالغان تېمىڭىزنىڭ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يوللىغان قىسمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ۋە بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرىنى (ماڭا نىسبەتەن خاتا بولۇپ قالغان جايلىرىنى) تۈزىتىپ يوللاپ قويدۇم.
بۇ نۆۋەتتىكى قىسمىدە ھەقىقەتەن مۇسۇلمان ئارىسىدا سەل قارىلىپ كەلگەن ناماز ھەققىدىكى ئۇيغۇر جەمىئىيتىمىزنىڭ ئاساسلىق كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن نامازنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قانچىلىك مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر ئىبادەت ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپسىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ۋە قەلىمىنى سىزگە ئوخشاش تەۋرىتىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتسۇن. (بۇ يەردە ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ بىر دۇئا قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ: بىزگىمۇ شۇنداق قۇۋۋەتنى ئاتا قىلسۇن! بۇنىڭغىمۇ ئامىن دېيىشىپ بېرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن) چۈنكى بىزدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار شۇنداق خېلى كۆپ. (باشقا ئەللەرگە نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، يەنىلا خېلى بار!) ئەمما ئاللاھ بەرگەن بۇ ئىستىداتنى ئۇنىڭ يولىدا ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دىيەرلىك! شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دۇئا قىلغۇم كەلدى. (بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلار داڭلىق مۇنبەرلىرىمىزدىكى تېمىلارغا، كىتاپخانىلاردىكى كىتاپلارغا... قاراپ باقسا بولىدۇ!).
مەنمۇ ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى باشقا قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش تېمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنا! ئاللاھ پۈتۈن ئىشلىرىڭىزنى كۆڭلىمىزدىكىدەك قىلىپ بەرگەي! ئامىن!
ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالىرى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇيقۇدىن خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئېچىپ، مۇمكىن قەدەر ئاز بولسىمۇ داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشلىرىنى ۋە بۇ تېمىغا ئوخشاش قىممەتلىك تېمىلارنى ئىنكاسلىرىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەشلىرىنى، باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ مۇنبىرىمىزگە تەرغىب قىلىشلىرىنى سورايمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-5 18:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم~~! kawsarabbas

سىز (زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى)دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرى گۇلباھار ئاچام مۇ؟؟؟كىتاپ مەزمۇنى بىلەن مۇنۇ تىمىدىكى مەزمۇندا پەرىق بارمۇ قانداق~~~؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-7 11:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۇنداق ئىشلار    ھازىر ئەتراپىمىزسدا كۈندىن - كۈنگە كۈپۈيىپ كىتىۋاتىدۇ

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 01:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇمرەت بىلەن بىر مۇسۇلمانلار تېز تاماقخانىسىنىڭ ئارىمخانىسىغا كىرگەندە نەچچە ئورانغان چوكان ئولتۇرۇپتۇ ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانچە سالاملاشقاندىن كېيىن ئالدىراپلا ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە ناماششامنى ئوقۇغۇلى كىردۇق .ھەممىسى شۇنچە مۇكەممەل ھالدا نامازغا تۇرۇشتى .مەن بېشىمغا ئورۇۋالغان شارپامنى ئىلىپ ئىڭىكىمدىن 、 جايلاپ چىككىچىمۇ  كۆپ ئاۋارە بولدۇم ،ئىچىمدە ‹قاچانمۇ مۇشۇلاردەك ھىجاپلىنارمەن ؟ ›دېگەن ئىستەك تۇنجى قېتىم خيالىمغا كەلدى    نامازلىرىمىزدىن بىكار بولۇپ ئايرىمخانىغا كىرگىنىمىزدە ،ئايرىمخانىدا مەردان بىلەن يەنە ئۈچ ئەر ئولتۇرۇشۇپتۇ ،بىز ئۆز-ئارا سۇسلا سالاملاشقاندىن كېيىن ئورۇنلىرىمىزغا جايلاشتۇق . زۇمرەتنىڭ يولدىشى مەردان سورۇندىكىلەرنى بىرەر قۇر تونۇشتۇردى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر-ئايال جۈپلەر بولۇپ بىر جۈپى مالايشىيادا تۇرىۋاتقانلار ، بىر جۈپى شىنجىندا تۇرىۋاتقانلار يەنە بىر جۈپى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقانلار بولۇپ ھەممىمىز دىنى قېرىنداشلار ئىكەنمىز چايلار قۇيۇلۇپ تائاملارغا بىرەر قۇر ئېغىز تېگىشكەندىن كېيىن مەردان باشتا سۇز ئېچىپ : بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ قاپتۇق ،كىشى-كىشىگە ئىشەنمەيدىغان ،ئىشەنچىلىك دوست تاپالمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە بىز دىنى قېرىنداشلار بىر-بىرىمىزنى سېغىنىپ ،قەلپلىرىمىزدىكى مۇڭلىرىمىزنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقىلى مۇشۇنداق دىدارلىشىشنى نىسىپ قىلغان ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇن!پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم : ‹ئاللانىڭ سۆزى بولۇنمىغان سورۇن خۇددى ئۆلۈك ئېشەكنىڭ گۈشىنى يىگەندەك  يىگەن تائاملىرىمىز ھارام ھېساپلىنىدۇ›دېگەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھەممىمىز ئىسلام دىنىغا كىرىش جەريانىمىزنى سۆزلەشكەن بولساق ،چۈنكى بىرىمىزنىڭ ئىسلامغا كىرىشىمىزدىكى جەريانى يەنە بىرىمىزنىڭكىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ ،بۇ جەريانلىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئىمانىمىزغا كۈچ قوشۇشى مۇمكىن .
-    -بۇرادىرىمىز مەردان كۆڭلۈمدىكى سۆزنى قىلدى دەپ مەرداننىڭ سۆزۈنى قۇۋۋەتلەپ سۆز باشلىدى مەرداننىڭ يېنىدىكى ئاق پۇشمۇلاق ئورۇق ئىسمىنى ئىلھام دەپ تونۇشتۇرغان يىگىت   ،دېمەك بىز ئەقلىمىزنى بىلسەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى ئىكەنمىز ،شۇڭا مەكتەپلەردە ئاڭكىت تولدۇرغاندا دىنىڭ نېمە؟ دېسە ئىسلام دەپ يېزىپ قويۇپ يۈرۈۋېرىپتۇق مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مۇسۇلمان پەقەت چوشقىنىڭ گۆشىنى يىمەيدۇ ،ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزىغا چىقىدۇ يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزىغا چىقىدۇ ،بوۋىمىزدەك دادىمىزدەك دەم ئېلىشقا چىقىپ  قېرىغاندا بەش ۋاق ناماز ئوقۇيۇ قۇربى يەتسە ھەج تاۋاپ قىلىپ ھاجىم بولىدۇ  دەپلا ئويلايتتىم.ئىنسان پەقەت مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈنلا ياخشى ئوقۇشى ،ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىپ پاراۋان ياشىشى قولىدىن كەلسە يېتىم-يېسىر ئاجىزلارغا سەدىقى بېرىشى كېرەك.شۇنداق قىلسىلا ئۇ دۇنيادا جەننەتكە ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايتتىم .شۇنىڭ ئۈچۈن ئالى مەكتەپنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ تاماملىدىم ،ھەتتا ئىشلىرىمنىڭ ياخشى يۈرۈشكەنلىكىدىن  ئىشتىن سىرت ئۆزۈمنىڭ ناخشا –مۇزىكىغا ھىرىسمەنلىكىدىن ئۈنسىن شىركىتى قۇرۇۋالدىم ،بۇ جەريانىدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانت ،ناخشىچىلار بىلەن تونۇشتۇم ،پىلاستىنكا ئىشلەش ئۈچۈن تاغلاردا ،باغلاردا كۈلكە ؛چاقچاق ،ناخشا مۇزىكا بىلەن ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالدا ياشاۋاتاتتىم ،گەرچە مەن بۇ جەرياندا ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان بولساممۇ ،ياراتقۇچۇمنى قىلچە تونۇمايتتىم ... ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ماڭا شۇنداق بىر قازا كەلدىكى بۇغدا كۆلىگە فىلىم ئىشلىگىلى كېتىپ بېرىپ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىدىم ،يېنىمدائوتتۇرا  ئالى مەكتەپتىن تا شۇ كۈنگىچە  بىللە ئوقۇپ بىرگە شىركەت قۇرغان قەدىناس دوستۇم ئەختەم ماشىنا ھەيدىگەچ ناخشا توۋلاپ كېتىۋاتاتتى،ئالدىمىزغا قەيەردىندۇ سىكىنۇت ئىچىدە بىر ساياھەت ئاپتوۋۇزى يېقىنلاپلا كەلگىنىنى بىلىمەن ،ئەختەم رولغا قارا دەپ بولغىچە جاڭ ! قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم قالغىنىنى بىلمىدىم ،بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم ،ئەتراپىمدا ئانام ،دادام ،بىر تۇققانلىرىم دوستلۇرۇم قايغۇلۇق ھالدا ماڭا تىكىلىپ تۇرۇشۇپتۇ ... مەن ئاغزىمنى ئاران مىدىرلىتىپ ئەختەمچۇ ؟ دېيەلىدىم
-    ـ ئەمدى ھۇشۇڭغا كەلدىڭ ،زورۇقماي ئارام ئال بالام ،ئاللا سېنى بىزگە قايتا بەردى ـ ئانام شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى ... ئەختەمچۇ ! مېنىڭ ئاۋازىم يەر تېگىدىن چىققاندەك يا ئۇلار ئاڭلىمايۋاتامدىكىن ،يەنە كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ئايلىنىپ كېتىپتىمەن پەقەت ئانامنىڭ ئاللاھ ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر!دەپ يىغلىغان نالىسىلا غۇۋا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ...ئارىدىن 15 كۈنلەر ئۆتتىمىكىن مېنى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن كېسەلخانىغا يۆتكىدى ،شۇ چاغدىلا مەن بىر پۇتۇمنىڭ سۇنغانلىغىنى بېشىمنىڭ ھەم ئوڭ مۇرەمنىڭمۇ قاتتىق زەخمىلەنگەنلىگىنىنى بىلدىم ،مېنى يۆتكىگەن ياتاقتا40 ياشلار چامىسىدىكى كەكە ساقال قاملاشقان بىر ئادەممۇ پۇتى ئېسىقلىق ھالدا يېتىپتۇ ،كېسەلخانىغا كىرگىنىم بىلەن ئۇ كىشىگە گەپ قىلغۇدەكمۇ تاۋىم يوق ئىدى ئانام داداملار ئۇ كىشى بىلەن سالاملىشىپ ئەھۋاللاشتى. مەن ئۈنسىز ياتىتىم ،دەل شۇ چەغدا ئەختەمنىڭ ئاتا ئانىسى مېنى يوقلاپ كىرىپ كەلدى ،كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم ئەختەمنىڭ ئانىسى بېشىغا ئاق چىگىۋالغان ئىدى، يۈرىكىم چىممىدا قىلىپ قالدى ،مەن سوراپ بولغىچە پاتامخان ئانامنىڭ قوشماق باللىرىم تاق بولدۇڭلىمۇ دەپ قوشاق قېتىپ  يىغىلىشىىدىن ھەممىنى چۈشەندىم كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلاشتى ،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ بېشىمغا ئاغرىق كىرىپ كەتتى... ئۈنسىز ئېسەدەشتىن ، دەششەتلىك ئاۋازدا ھۆكۈرەپ يىغلاپتىمەن ،دوختۇرلىرىم يۈگۈرشۈپ كىرىشتى ،يەنە كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى ...بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم يەنە دوختۇرخانىدا پۇتۇم ئېسىقلىق ياتىمەن ...كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كېسەللىرىم ساقىيىشقا باشلىغان بىلەن يۈرۈكۈم ئېغىر زەخمىلەنگەچكە كۈندىن –كۈنگە گەپ ،خالىمايدىغان ،ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ كەتتىم ...پەقەت ئىچ-ئىچىمدىن ئاشۇ كۈنى بۇغدا كۆلىگە چىقمىساق بوپتىكەن ،ياكى ماشىنىنى مەن ھەيدىسەم بوپتىكەن ... دېگەندەك خياللار بىلەنلا پۇچىلىنىمەندە ... ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالمايمەن  ئوڭدا يېتىپ كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلىرىم قۇلاقلىرىمغا توشىدۇ كېچى-كېچىلىرى شۇنداقئازابلىق  خىياللار بىلەن ئۇخلىيالماي سەھەردە كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىدۇ .بىر كۈنى شۇنداق سەھەرنىڭ ئۇيقۇسىغا كۆزۈم ئىلىنىشىغا مۇڭلۇڭ قىرائەت ئاڭلاندى، مەن كۆزلۈرۈمنى ئاچماستىن تىڭشاپ ،خۇددى ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك مۇڭلىنىپ ياتاتتىم   قىرائەت توختاپ ئەرەپچە بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن  يىغلاپ تۇرۇپ ئې ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك زات ...پادىشالىقنىڭ ئۆزى بولغان ئى ئاللاھ!خالىغان ئادىمىڭگە  پادىشالىقنى بېرىسەن ،خالىغان ئادەمدىن پادىشالىقنى تارتىۋالىسەن ،خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن ،خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن  ھەممە ياخشىلىقنىڭ (غەزىنىسى يالغۇز ) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ،سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن !ئې ئاللاھ مېنىڭ بىلىپ قىلغان گۇناھلىرىمنى ،بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمنى ،يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىمنى ،ئاشكارە قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن ... ئې ئاللاھ سەن كۆتۈرەلمەيدىغان سىناقلارنى بەرمەيسەن ،16 يىلنىڭ ئالدىداپەزلى كەرىمىڭ بىلەن  ماڭا چىرايلىق ئەقىللىق  بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدىڭ مانا ئەمدى ئۇ قىزىمغا داۋاسى يوق كىسەلنى بېرىپ ئۆز دەرگاھىڭغا ئېلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن ،ئاللا ئەگەر قىزىمنىڭ رىزقى بولسا بۇ كېسەلگىمۇ شىپا بېرەلەيسەن ،ئەگەر قىزىمنىڭ رىزقى تۈگىگەن بولسا قىزىمنى ئىمانى بىلەن  قىينىماي ئېلىپ كەتكىن! ماڭا ۋە ئايالىمغا سېنىڭ بەرگەن بۇ سىناقلىرىڭدىن ئۆتەلىگىدەك سەۋرە ئاتا قىلغىن ... ئاللاھىم يېنىمدا ياتقان بۇ يىگىتكىمۇ ئىمان ئاتا قىلغىن ،ياراتقۇچىسىنى تونۇغىدەك سۈزۈك ئىمان ئاتا قىلغىن رەببىم مۇشۇ يىگىتنىڭمۇ مۇشۇنداق غەپلەتتە قالماي ھىدايەت تېپىپ ئىمانلىق مۇسۇلمان بولۇپ بېشىغا كەلگەن بۇ سىناقلارنىڭ سەن ئاللاھنىڭ پۈتىۋاتكەن قازايىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىدەك ئۇنىڭغا سەبرە قىلغۇدەك ئىمان ئاتا قىلغىن ...ئې كەرىملىك زات ! ئۇنىڭ شۇنچىلىك بوش ئاۋازدا يىغلاشلىرىدىن ياتقان يېرىمدە ئېزىلىپ كەتتىم بېشىمنى ئۆرۈپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈدەكمۇ ماجالىم  يوق ئىدى... شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى سەھەردە ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائەتلىرى بىلەن يىغلاپ قىلىۋاتقان دۇئالىرىنى دۇئالىرى ئىچىدە ماڭا ئاتاپ قىلىۋاتقان دۇئالىرىنىمۇ ئاڭلاپ ياتىدىغان ،ھەم ئۇ قىرائەت دۇئالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەسلىكىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم ،چۈنكى شۇ مىنۇتلاردىلا مېنىڭ ئازابلىق كۆڭلۈم ئارام تاپاتتى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئاكىمىز دۇئا قىلغاندا ئوڭدامغا يېتىپ تۇرۇپ قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرىدىغان بولدۇم ... بىر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا :ـ ئاكا نېمىشكىدۇ سىز نامازدا قىرائەت قىلسىڭىزلا مېنىڭ كۆڭلۈم دەم ئېلىشقا چىققاندەك ئازابلىرىمنى ئۇنتۇيمەن .-دەپ سالدىم : توغرا دېدىڭ ئىنىم ،دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ !!!سەنمۇ ئاللاھ ياراتقان بەندە بولغاندىكىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىڭشىغان ۋاقتىڭدا ئازابلىرىڭنى ئۇنتىغان بولساڭ ،ئاللاھقا ھەقىقىي ئىمان ئېيتىپ،مۇسۇلمان بولۇپ ، چىن دىلىڭ بىلەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ ھەممە ئازابلىرىڭنى ئۇنتۇپ دىللىرىڭ ئارام تاپىدۇ ،بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنى بىلىۋالىسەن دېدى.
-    ـ نېمە دېدىڭىز ئاكا مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ يۈرسەم ،سىز ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭ دەيسىزغۇ ؟ دېدىم گاڭگىرىغان ھالدا  
-    ـ ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار ئۇكام ،قارا سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەنمۇ ئۇيغۇر بولدۇڭ شۇنداقمۇ ؟
-    ـ ئەلۋەتتە !
-    ـ ئەمما دىن دېگەن مىللەتتىن تۈپ پەرقلىنىدۇ ،سېنىڭ ئاتا ئاناڭ ياكى ئاتا-بوۋاڭنىڭ مۇسۇلمان ،ياكى خىرىستىيان بولغىنى ئۈچۈن سەن چوقۇم مۇسۇلمان ياكى خرىستىيان بولۇپ قالمايسەن ساڭا ئەقىل كەرگەندىن كېيىن قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلساڭ شۇ دىنغا مەنسۇپ بولىسەن .
-    ئۇنداقتا مېنىڭ ئاتا-ئانام ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانغۇ ؟
-    ـ ئاتا-ئاناڭ ناماز ئوقۇمدۇ ؟روزا تۇتامدۇ ؟زاكات بېرەمدۇ .... ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن سۇئاللىرى جاۋاپسىز قالدى ،چۈنكى مېنىڭ ئاتا-ئانام ئوقۇغان زىيالى  ئىدى دادامنىڭ پەقەت ئىككى ھېيت نامىزىغىل امەسچىتكە  بارىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ،ئانام بولسا ناماز ئوقۇمايتتى ...
-    ـ بۇنى مۇنداق چۈشىنىۋال سەن ئىككى ئاغىنەڭ بىلەن  مەكتەپكە ئوقۇماقچى بولۇپ بېرىپ ئۈچىڭلار  تىزىملاتتىڭلار مەكتەپتە ئوقۇشقا كەلگەندە سەن تولۇق كۆڭۈل قويۇپ  ئوقۇدۇڭ،يەنە بىر تىزىملاتقان ئاغىنەڭ تولۇق ئوقۇمىدى مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرىگىمۇ بويسۇنمىدى ،يەنە بىر ئاغىنەڭ بۈگۈن ئەتە دەپ مەكتەپكە كەلمىدى يىل ئاخىرى سەن تولۇق ئوقۇغاچقا نەتىجەڭ ئەلا بولۇپ قولۇڭغا لاياكەتلىك دىپلومىنى ئالدىڭ ،تولۇق ئوقۇمىغان ئاغىنەڭ ياخشى ئوقۇمىغاچقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى يەنە بىر ئاغىنەڭ ئىسمىنىلا يېزىپ قويغاچقا مەكتەپكە دەرسكە پەقەت قاتناشمىغاچقا تىزىملىكتىن ئىسمى ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى.سەن ئۆزۈڭنى مەن لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ مۇسۇلمان دەپلا قويۇپ ،ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان قانۇنلارغا بويسۇنۇپ تولۇق ئورۇندايدىكەنسەن قىيامەت كۈنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىسەن ، لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ مۇسۇلمان دەپ قويۇپ ئاللاھ پەرھىزقىلغان  قانۇنلارغا  بويسۇنماي بىردەم كاپىردەك بىردەم مۇسۇلماندەك يۈرىيدىكەنسەن قىيامەت كۈنى سۇئال-سوراقتىن ئۆتەلمەي دوۋزاققا چۈشىسەن،مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپ كاپىردەك ھالال –ھارامنى ئايرىماي مۇسۇلمان قىلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىدىكەنسەن قىيامەت كۈنى سۇئال سوراقمۇ يوق ئۇدۇل دوۋزاققا تاشلىنىسەن ... گەپلىرىم چۈشىنىشلىك بولدىمۇ ئۇكام ؟!
-    ـ چۈشەندىم ،مەن ئەگەر مۇشۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ئۇدۇل دوۋزاققا چۈشەتتىكەنمەن ... يا ئاللاھ ! ماڭا ئەقلىمنى تېپىۋېلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭگە شۇكۈر !مەن ھادىسىگە ئۇچراپ بىر ئاي بولغاندا ئەشۇ قېرىندىشىمنىڭ دىنىمنى شۇنداق ئاددى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتتىم .
-    ـ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۇكام ھەر-ھالدا زېھنىڭ ئوچۇق ئىكەن،بۇ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭنىڭ ئۆزى ساڭا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەلگەنلىكى ، ئەگەر سەن مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرمىگەن بولساڭ ئۆز ئويۇنۇڭنى ئويناپ ئاللاھ بەرگەن كۈچ-قۇۋۋەر ئەقىل –پاراسەتلەرنى،  ئۆزۈمنىڭ قابىليىتى دەپ غەپلەتتە يۈرۈپ ئاخىر دوۋزاققا تۇترۇق بولار ئىدىڭ ،مانا ئەمدى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىز بىر ياتاقتا ياتاقداش بولۇپ قاپتۇق ،ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مەن سېنى ئىسلامغا چاقىرىمەن ،ئىمان ئېيتىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىن ،مۇسۇلمان بولساڭ ھەر ئككى دۇنيادا بەختلىك خاتىرجەم ياشايسەن .ـ دېدى
-    ـ ئاكا سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ ،مەن مۇسۇلمان بولىمەن مۇسۇلمان بولغاندىمۇ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغۇم بار دېدىم  .
-    ـ ماشا ئاللاھ قولۇم كۆكسۈمدە ئۇكام ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن سەندىن بىلىدىغىنىمنى ئايىمايمەن ،بىز ئەمدى دىنى قېرىنداش بولدۇق دېدى. ئۇ ئاران يەر دەسسىگىدەك بولغاندا قىزىنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتتى قىزى قان راكىنىڭ ئاخرقى  باسقۇچىدا   ئىكەن .ماڭا پەقەت بۇ توغرىسىدا ھال ئېيتمىدى پەقەت دۇئالىرىدىلا ئاللاھقا يىغلايتتى .بىر كۈنى  ئۇ  نامازدىن كېيىن :ـ مەن بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمىسەم بولمايدۇ ـ دېدى
-    ـ دوختۇر رۇىسەت قىلمىغان تۇرسا دېدىم ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم كەلمىگەن ھالدا
-    ـ ئۇكام دوىتۇر دېگەنمۇ ئىنسان ،ئۇ سەۋەبىنى قىلغۇچى شىپاسىنى ئاللاھتىن تىلەيلى ،ساڭا راست گەپنى قىلسام قىزىمنىڭ ئازلا كۈنى قالدى ئاللاھ چۈشلىرىمدە بىشارەت بېرىۋاتىدۇ... قىزىمنى بېقىۋالاي ،سەن مۇشۇنداق يېتىپمۇ نامىزىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەرگىن ،ماڭا ۋە قىزىمغا دۇئا قىلىپ قويارسەن بۇرادەر !ـ دېدى
-    ـ ئاكا بىر ئۆيدە ياتقىلى خېلى ئۇزاق بولسىمۇ مېنىڭ ھالىمغىلا يەتتىڭىز ئۇزۈڭىزنىڭ ھالىنى ئېيتمىدىڭىز  ،ئەمدى بىز ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداش بولغاندىكىن قولۇمدىن كەلسە ياردىمىمنى قىلغان بولسام ... ـ دېدىم.مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدىن ئۇ بەك ھاياجانلاندى، ئويچان كۆزلىرىگە ھاياجاندىن ياش ئالدىيۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزۈنى بېسىۋالدى ،كارۋىتىمنىڭ قېشىغا كېلىپ قوللىرىمنى مەھكەم قىستى ھەم كۇزلىرىمگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :ـ ئاللاھ بىزگە مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 154-ئايىتىدە {بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن،بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا ،جانلىرىڭلارغا ،بالىلىرىڭلارغا ،زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ،زىيان-زەخمەتلەرگە )سەۋر قىلغۇچىلار غا(جەننەت بىلەن خوش-خەۋەر بەرگىن ) دەپ كۆرسەتكەن شۇڭا مەن مۇسۇلمان ئىكەنمەن بېشىمغا ئالەمچە مۇسىبەت كەلسىمۇ بۇ ئاللاھنىڭ سىنىغىدىن  چوقۇم ئۆتۈشۈم شۇ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك دۇنيادىكى جەننەتكە ئېرىشىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن .ئاللاھ مېنى يۈرەك پارەم بولغان قىزىمغا قان راكى كېسىلى بېرىش ئارقىلىق سىنىدى، قىزىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەممە بىساتلىرىمدىن ئايرىلدىم ،قىزىمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىكى ئىڭراشلىرىغا چىدىماي ،قىزىمنىڭ ئازابىنى ئويلاپ كېتىۋېتىپ قاتناش ھادىسىسىغا ئۇچراپ، ئىككى ئايچە بۇ ئاغرىقنى تارتتىم. ئەگەر مۇسۇلمان بولمىغان بولسام بۇ ئىشلارغا بۇنچە سەۋرى قىلالماس بولغىيتتىم ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقنى چۈشەنگەن مۇسۇلمان بولغۇنۇم ئۈچۈن ئاللاغا كۆپ شۈكۈرلەر شۈكرى!ئوقۇيمەن .
-    ئۇ بۇرادىرىم چىقىپ كەتتى ،ئەمما قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ سۆزلىرى جاراڭلايتتى ...مېنىڭ ئىمان ئېيتىپ تولۇق مۇسۇلمان بولۇشۇمغا ئاشۇنداق قىسمەتلەر سەۋەپ بولدى ،سۆزلىسەم ھىكايەم تۈگىمەيدۇ ،قالغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باققۇم بار .ئىلھام شۇنداق دەپ سۆزىنى توختاتتى .
  (داۋامى بار)


[ بۇ يازما kawsarabbas تەرىپىدىن 2009-4-6 23:58 ۋاقىتتا تەھرىرلەندى ]

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 17:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم! ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن!

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-8 13:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
داۋامى بەك ئۇزىراپ كېتىدىغان بولىۋالدى...داۋامىنىڭ پات ئارىدا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 18:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم ئاكاراكاش ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتىمەن ،راستلا بەك خىجىل...ئەمدى ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ ئاللا خالىسا  پات ئارىدا بىراقلام يوللايمەن . ئىلىمسىزلىگىمدىن كام يەرلىرىگە تولۇقلىما بېرىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-29 01:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
89-قەۋەتkawsarabbasنىڭ2009-04-28 18:54يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم ئاكاراكاش ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتىمەن ،راستلا بەك خىجىل...ئەمدى ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ ئاللا خالىسا  پات ئارىدا بىراقلام يوللايمەن . ئىلىمسىزلىگىمدىن كام يەرلىرىگە تولۇقلىما بېرىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ھەدە!
خىجىل بولىدىغان ئىش يوق. يېزىقچىلىق ئىشىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن مەن سىزنى چۈشىنىمەن. بولۇپمۇ سىزگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان بىر قەلەمكەشنىڭ بىر سەھىپىلىك بىر نەرسە يېزىپ خەلقىئالەمنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يازغان نەرسىسىگە ئاخىرقى شەكلىنى بېرىشى ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.
يەنە كېلىپ سىزنىڭ باشقا نۇرغۇن مەشغۇلىيەتلىرىڭىز بىلەن قىلمىسىڭىز بولمايدىغان نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىرىڭىزمۇ بار... شۇنىڭ ئۈچۈن خاپا بولۇش كەتمەيدۇ... بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ مېنىڭ سىزنى ئالدىراتقاندەك ئىنكاس قايتۇرۇشۇم ئەسىرىڭىزگە مېنىڭ، شۇنداقلا باشقا قېرىنداشلارنىڭ تەشنالىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر، خالاس!
ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن!

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-5-1 05:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

<font size=\"5\"><font color=\"#0000ff\">ـ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ئىسلامغا كىرىش جەريانىدىكى ناھايىتىمۇ تەسىرلىك ھېكايىڭىزنى سۇزلەپ بەردىڭىز دېمەك سىز بەختلىك بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن شۇنداق پاجىئەدىن كېيىن ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىپتۇ، ئاللاھقا كۇپ شۈكۈرلەر ئېيتسىڭىز بولىدىكەن، ھەممىمىزگە ئايان بىز ئەرلەرگە قارىغاندا ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرىش جەريانلىرى تېخىمۇ مۈشكۈل ھەم ئەگرى –توقايلىق دەپ ئويلايمەن&#46; شۇڭا سىلەرنىڭمۇ سەرگۈزەشتىلىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقساق، مەردان شۇنداق دەپ بىز ئاياللارغا نەزىرىنى ئاغدۇردى&#46;<br /> <br />ـ مەردان توغرا دەيدۇ، ـ دەپ سۆز باشلىدى زۇمرەت: <br />- ئەرلەرگە قارىغاندا قىز –ئاياللارنىڭ ئىمان ئېيتىپ دىن يولىدا مۇكەممەل مېڭىشىمىز ھەقىقەتەن تەسكە توختاۋاتىدۇ، نېمىشكە دېگەندە، قېرىنداشلارغا مەلۇم قۇرئان كەرىمدە ئاللاتائالا ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى بىلەن ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:<br /></font> <br /><font color=\"#666600\">«ئى مۇھەممەد! مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: ئۇلار كۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇمۇۋالسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن- ئۇ زىننەتلەردىن ئاشكارا بولۇپ قالغىنى مۇستەسنا-، لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن&#46; &#46; &#46; »</font> (نۇر 24/31)&#46; <br /><br /><br /><font color=\"#666600\">«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۇلار پۈركەنجىلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن&#46; &#46; &#46; »&#46; </font>(ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت) <br /><br /><br /><font color=\"#0000ff\">مانا بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتاۋىمىزدا بىزمۇسۇلمان قىز –ئاياللارغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بولغاچقا، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن چوقۇم ھىجاپلىنىشىمىز بىزگە پەرز بولدى&#46; دېمەك بىز كىچىكىمىزدىن دىنىمىزنىڭ بورمىلانغان ھالەتتە كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق ھىجاپلىنىشنى، ھەتتا ياغلىق چىگىشنىمۇ خۇراپىيلىق دەپ چۈشۈنىپ ھەم شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، بىردىنلا ئەۋرەتلىرىمىزنى يۆگەپ ھىجاپلىنىپ كوچىغا چىقىشىمىزنى نۇرغۇن ئادەملەر چۈشىنەلمەي، ھەتتا غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتىدۇ&#46; بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئاكا-ھەدىلىرىمىز، دوستلىرىمىز&#46; &#46; &#46; ھەتتا ئەرلىرىمىزمۇ بار&#46; &#46; &#46; بۇنى دەۋتقان زۇمرەتنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى ۋە كۆزلىرىگە غىل-پال ياش كەلدى&#46; دەقىقە تۇرىۋالغاندىن كېيىن :ـ قېرىندىشىم نادىيە سىزنىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان چاغدىكى چەككەن ئەزىيەتلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندا ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغانتى، بۈگۈن مۇشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاڭلاپ ئىمانلىرىمىزغا يەنە كۈچ قۇشۇلاتتى دەپ ئويلايمەن&#46; زۇمرەت قارا ئابايى بىلەن قارا ياغلىقتا ھىجاپلانغان ئاق پىشمىلاق كۆزەينەكلىك 30 ياشلار ئەتراپىدىكى چوكانغا ئىلتىجا بىلەن قارىدى&#46; ئۇ چوكان بىردەم داستىخاننىڭ ئېتەكلىرىدىكى چۇچىللىرىنى قوللىرى بىلەن يىمىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەممىمىزگە تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئېغىر بىر تىنىۋېتىپ سۆز باشلىدى&#46; ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق دانىمۇ –دانە چىقاتتى&#46; <br />تارىخ بەتلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق دىنىمىز ئۈچۈن جانلىرىدىن، بالىلىرىدىن، ماللىرىدىن ۋاز كېچىپ جاھات قىلغان ساھابە كىراملىرىمىزنىڭ جانلىرىدىن ئۈلگىلىرىنى كۆرۈمىز بۇنىڭغا نىسبەتەن بىز ھېچنىمە قىلالمىدۇق، ئەمما مۇشۇنداق ئىشەنچلىك قېرىنداشلار جەم بولغان يەردە، يېڭى ئىمان ئېيتقان چاغدىكى ئۇ ئازابلىق ئەمما لەززەتلىك بولغان سەرگۈزەشتىلىرىمنى قايتا بىر ئەسلەش مەن ئۈچۈنمۇ ئىمانىمنى يەنە بىر يېڭىلاش ھېساپلىنىدۇ&#46; مەن پايتەختىمىز بولغان بېيجىڭدا بىر زىيالى ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانام بېيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىپ شۇ يەردە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قېلىپ قالغان زىيالىيلار ئىكەن&#46; مېنىڭ يازلىق تەتىللەردە شىنجاڭغا بوۋام –مومامنى كۆرگىلى كەلگەندىن باشقا ۋاقىتلىرىم خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، خەنزۇلار ئارسىدا ئۆتكەن&#46; كىچىكىمدىن دەرسلەردە ياخشى ھەم بەك مەسئۇلىيەتچان ئىدىم&#46; ئالى مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئەرەپ تىلى كەسپىنىڭ تولۇچ كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجىندا چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى بىر چوڭ شىركەتتە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدىم&#46; خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن چەتئەللىك دوستلار بىلەن تونۇشتۇم&#46; ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئەرەپ يىگىت ھەم زۇبەيدە ئىسىملىك پاكىستانلىق مۇسۇلمان خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەسىرى ماڭا چوڭ بولدى&#46; ئۇلار بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاشخانىلاردا تاماقلارنى بىر ئۈستەلدە يىيىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن يېقىنلىشىپ قالدۇق&#46; شۇلار ئارقىلىق ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلدى&#46; مەن ئىسلامنى چۈشەنگەنسېرى قەلبىم ھوداپ قالغان ئەينەكنى پاكىز قۇرۇق لاتىدا ئېيتىۋەتكەندەك، قۇلاقلىرىم سۇ كىرىپ ئېتىلىپ قېلىپ تۇيۇقسىز ۋاككىدە ئېچىلىپ كەتكەندەك، كۆزلۈرۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، دوختۇردىن بۇيرۇتقان يېڭى كۆزئەينەكنى تاقاپ خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممىلا نەرسىنى قايتىدىن ئېنىق كۆرۈۋاتقاندەك، ھەتتا يوپۇرماقلارنىڭ ئىنچىكە سىزىقلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋاتقاندەك، سۈزۈك سېزىمدا ھاياجانلىق دەقىقىلەرگە چۆمۈشكە باشلىدىم&#46; تۇنجى جاينامازغا چىققاندىكى دەقىقىلەرنى دېمەيسىز! ئۇ چاغدىكى نازۇك سېزىملىرىمنى سىلەرگە ئىپادىلەشگە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ&#46; شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل بەش ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن بىر كۈنى نامازدىن كېيىن بېشىمدىكى لىچەكلىرىمنى سېلىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم، جەينامازغا چىققاندا مۇسۇلمان ھالەتتە چىقىپ ئاللاغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىدىكەنمەن، ئەمما نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا، بۇ ھايالىق كىيىملىرىمنى سېلىپ تاشلاپ&#46;&#46;&#46; بۇ نېمە دېگەن يالغانچىلىق؟! ئاللاھ ماڭا پەرز قىلغان بۇيرۇقلارنى نېمىشقا ئورۇندۇمايمەن؟ ھەر قانداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىشىم كېرەكقۇ؟ ئاللاھ مېنىڭ قەلبىمنى ئىسلامغا ئېچىۋەتتى! شۇ كۈنىلا ھىجاپلاندىم، مېنىڭ بۇرۇندىن ئۆزۈم توغرا دېگەن ئىشنى چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ھەم بۇ ئىشتا چوقۇم نەتىجە قازىنىشنى قولدىن بەرمەيدىغان مىجەزىم بار ئىدى&#46; ئەمما ئاللاھنىڭ بۇ توغرا يولىدا مۇكەممەل مېڭىشىم ئۈچۈن نەتىجە قازىنىشىم ئۈچۈن مەن ئويلىمىغان ئەزىيەتلەرنىڭ كېلىشىنى كىم بىلسۇن؟ <br />مېنىڭ ئاتا-ئانام ھەر ئىككىلىسى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، بىز ئىككى قىز ئىدۇق&#46; سىڭلىم نازىلە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى&#46; مەن ئۆيگە ھېيت بايراملاردا قايتاتتىم&#46; ھىجاپلىنىپ تۇنجى ئۆيگە قايتقىنىمدا مەن ناھايىتىمۇ خوشال ئىدىم، ئۆيگە كىرسەم چوقۇم ئاتا-ئانام مېنى قوللايدۇ، چۈنكى كىچىكىمىزدىن بىز ئاچا-سىڭىللارنى ئاتا-ئانىمىز ھەممە ئەركىن تاللىشىمىزغا يول قويۇپ كېلىۋاتاتتى&#46; ئەپسۇس ئۆيگە كىرگىنىمدە ئۇلار كەچلىك تاماق يەۋاتقان ئىكەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىڭلىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ سالىمىمغا جاۋاپ بەرمىدى، ھەممىسى ماڭا داڭ قېتىپ قاراپ قالدى، ئۇلارنىڭ سالىمىمغا جاۋاپ بەرمىگىنىگىمۇ ئەجەپلەنمىدىم، چۈنكى ئىلگىرى بىزنىڭ ئائىلىدە ئاللاھنىڭ مۇنداق سالاملىرى تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرى مېنىڭ يۈرىكىمگە ئەنسىزلىك سالدى، ئۆزۈمنى بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرارمەنمۇ؟ دېگەن خىيالدا بولۇپ باقمىغاچقا، باشتا دەقىقە سەل گاڭگىرىدىم، شۇئان سۇبۇھانەۋەتەئالانىڭ«زامان بىلەن قەسەمكى(1)&#46; ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر- بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر» دېگەن ئايىتى يادىمغا كەلدى&#46; ئۆزۈمگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئايىغىمنى سېلىپ قوللىرىمنى يۇيۇپ تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئانامغا دادامغا بۇرۇنقىدەك ئەركىلەپ كۆرۈشتۈم، ئۇلار خۇددى توڭلۇتۇپ قويغان مۇردىدەك سوغۇقلا ئولتۇراتتى، سەۋرى قىلاي تاماقلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز يىيىلىشكە باشلىدى&#46; پەقەت سىڭلىملا مەندىن ئانچە-مۇنچە شىركەتتىكى ئىشلار توغرىسىدا ئۇنى-بۇنى سوراپ ئولتۇردى&#46; تاماقتىن كېيىن دادام ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى&#46; مەن سىڭلىم بىلەن ئاشخانىدا قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋاتاتتۇق ئانام مېنى مېھمان ئۆيگە كىرگىن دەپ چاقىردى&#46; ئاپامنىڭ قېشىغا كىرىشىمگىلا ئاپام شۇنچە جىددى ھالدا : <br />ـ نېمە بولدۇڭ، دېدى كۆزى بىلەن ياغلىقىمنى ئىما قىلىپ&#46; <br />ـ مۇسۇلمان بولدۇم –دېدىم مەنمۇ تەمكىنلىك بىلەن&#46; <br />-نېمە؟ سەن بۇرۇن مۇسۇلمان ئەمەسمىدىڭ؟ <br />ـ مەن بۇرۇن ئاغزىمدىلا ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دېگىنىم بىلەن ئەمىلىيىتىمدە مۇسۇلمانلىقىمنى ئورۇندىماپتىكەنمەن، ئىمان دېگەن دىلدا تەستىق سېلىش، تىلدا ئىپادىلەش، ئەمەلدە چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەمەل بىرلەشكەندىلا ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدىكەنمىز&#46; <br />ـ سەن ئالاھىدە تەربىيلىنىۋاتامسەن نېمە؟ <br />ـ شۇنداق! <br />ـ نەدە تەربىيلەندىڭ ؟! <br />ـ ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا چۈشۈرگەن بۇيۇك كىتاپ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇدۇم، ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بولغاندىكىن تەپەككۈر قىلدىم، ئاللاھ مېنى تەربىيلىدى&#46; <br />ـ بولدى دوزاققا چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ، ماۋۇ ئۇچاڭدىكى مەتۇ كىيىملىرىڭنى سېلىۋېتىپ، ئادىمىيلىكىڭگە قايت! <br />ـ ئادىمىيلىكىڭگە قايت دەپ قويۇڭ، ئەمىليەتتە سىز شۇ تاپتا مېنى ئادىمىيلىكتىن ھايۋانلىققا قايت دەۋاتىسىز ئاپا، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بېشىدىكى ياغلىقىنى ئال دېيىشنىڭ ئۆزى، ئىشتان-كۆڭلىكىڭنى سال دېگەن سۆز بىلەن باراۋەر ھاقارەت بىلەمسىز؟ قىيامەت كۈنى مۇشۇ سۆزۈڭىز ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىسىز، بۇ دۇنيا پەقەت ۋاقىتلىق دۇنيا&#46; &#46; &#46; <br />- بىلجىرلىماي سال دېگەندىكىن سال ماۋۇ پەرىجىلىرىڭنى! <br />قارىسام ئانامنىڭ ئىرادىسى قەتئىي تۇراتتى، چۈشەندۈرىشىمگە مۇمكىن ئەمەستەك قلاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قەتئىيلەشتىم&#46; <br />ـ ئاپا، بۇ سىز سال دېسىڭىز سالىدىغان، كەي دىسىڭىز كىيىدىغان بايراملىق كىيىم ئەمەس، ئاللاھ بىز مۇسۇلمان قىز-ئاياللارغا پەرز قىلغان ھىجاپ بىلەمسىز؟ كاللام كەتسە كېتىدۇكى ياغلىقىمنى ئالمايمەن!-دېدىم <br />ـ چوڭ بولىۋېلىپلا نېمانچە يوغان گەپ بۇ؟ قېنى كۆرەرمەن ئالمىغىنىڭنى ئانام بېشىمغا چاڭ سالدى ياغلىقىمنى تارتىپ ئېلىپ يىرتىپ –يىرتىپ يەرگە تاشلاپ دەسسەۋاتاتتى&#46; ئانامنى ئاللاھ كەچۈرسۇن شۇ مىنۇتتا يۈرەكلىرىم پارە-پارە بوپ كەتتى يىرتىلىۋاتقىنى، دەسسىلىۋاتقىنى ئۇ ئاددى ياغلىقىم بولغان بىلەن ماھىيەتتە بۇ، ئاسمان زىمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قىلىۋاتقان ھاقارەت ئىدى&#46;&#46;&#46; كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى، مەن كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئاپامغا: ئانا، سېنى بۇنچىلا ياۋۇز ئويلىماپتىكەنمەن، سەن ماڭا ئەمەس، ئاللاھنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىسەن، ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن&#46;&#46;&#46; دېدىم&#46; <br />شۇ ئارىدا دادام ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ ماڭا دىۋەيلەپ تۇرۇپ : <br />ـ سەندىن بىرلا سۇئالنى سوراي :-سەن ياغلىقىڭغا تۇرامسەن؟ بىزگىمۇ؟ دەپ سورىدى&#46; مەن دادامنىڭ، ئانامنىڭ، چىرايلىرىغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئۇلار ماڭا دۈشمىنىگە قارىغاندەك قاراپ تۇراتتى&#46; <br />سىڭلىم بولسا يېنىمدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇراتتى&#46; شۇ دەقىقىدە بۇ ئاتا-ئانامنىڭ سۇئالى ئەمەس ئاللاھنىڭ مېنىڭ ئىمانىمنى سىناش ئۈچۈن قويىۋاتقان سۇئالى دەپ ئويلىدىم، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتىمۇ قەتئىي ھالدا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن يانمايمەن، شۇڭا ياغلىقىمدا تۇرىمەن» –دېدىم&#46; <br />ـ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ سەندەك بالىمىز يوق، ئۆيدىن چىق!-دېدى دادام قوللىرىنى شىلتىپ&#46;&#46;&#46; <br />نادىيە بۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى&#46; سورۇندىكى ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ياشلاندى، مەنمۇ پەقەت ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم&#46; <br />مەن سومكامدىن ئالماشتۇرۇپ چىگىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان ياغلىقىمنى ئېلىپ، قايتىدىن ئورۇنۇپ، ئىشىكتىن چىققۇچە دادامنىڭ ماڭا چىق دەپ شىلتىپ تۇرغان قولى چۈشمىدى&#46; <br />ـ ھەدە بۇ كېچىدە نەگە بارىسەن؟ تالا بەك سوغۇق تۇرسا سىڭلىم مىشىلداپ يىغلاپ قالدى&#46; <br />ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيۈمدىن، مېنى تۇغۇپ پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانام تەرىپىدىن دىلىم ئازار يىگەن ھالدا ھەيدەلدىم&#46; بۇ كېچىدە نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم&#46; قەلبىمدىكى غەشلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىگەچ ئاستا كېتىۋاتىمەن، چۈنكى‹دىللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ› ئەمەسمۇ؟ ئۆتكەندە قايسى بىر كىتاپتا كۆرگەن ئىسلام مۇتەپپەككۇرى ئىبنى قەييۇمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يادىمغا ئېلىشقا باشلىدىم&#46; <br />{قەلبىمدە قالايمىقانچىلىق بولسا، ئۇنى پەقەت ئاللاغا يۈزلىنىشلا تۈزىتەلەيدۇ، قەلبىمدە ئەنسىزلىك بولسا ئۇنى پەقەت ئاللا بىلەن يېقىنلىق يوقۇتالايدۇ، قەلبىمدە غەمكىنلىك بولسا ئۇنى ئاللانى تونۇش بىلەن خوشال بولۇش ۋە ئاللاھ ئالدىدا سادىق بولۇشتىن باشقىسى كەتكۈزىۋېتەلمەيدۇ، قەلبىمدە نامراتلىق بولسا ئۇنى ئاللاغا مۇھەببەت باغلاش، ئاللاغا راسچىللىق بىلەن ئىخلاس قىلىشتىن باشقىسى تۈگۈتەلمەيدۇ&#46; قەلبىمدە بىئاراملىق بولۇپ ئۇنى ئاللاغا ئۇچرىشىش ۋە ئاللا تەرەپكە يۈزلىنىشتىن باشقىسى خاتىرجەم قىلالمايدۇ }&#46; مەن شۇ ھىكمەتلىك دۇردانىلارنى يادىمغا ئېلىش بىلەن ئىمانىمغا قۇۋۋەت ئىزدەۋاتاتتىم&#46; <br />ئاپئاق قارلار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان جىمجىت كېچىدە، ئۆزۈم تەنھا، قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ماڭماقتىمەن&#46; كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، قارلىق يولدا قەدەم ئىزلىرىم قالغانىدى&#46; ئىزلىرىمغا قاراپ ئۆزۈمچە كۈلۈمسىرىدىم، چۈنكى شۇ تاپتا ئاللاھ مېنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ قانۇنىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن جاھىلىيەت پاتقىقى بولغان ئائىلەمدىن ئاللاھنىڭ داغدام يولىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاخىرەتتە بۇ ئەمىلىم ئۈچۈن ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەرنى بېرىدۇ دەپ ئويلايتتىم&#46; مېنىڭ قەلبىمدە ئاللاغا بولغان ئىشەنچىم بارغاسېرى كۈچىيىۋاتاتتى&#46; ئۆزۈمنىڭ گۇناھ –مەئسىيەتكە پېتىپ غەپلەت ئۇيقۇدا يۈرگەن شۇ ئائىلەمدىن، مېنى توغرا يولدىن توسقان ئاتا-ئانامدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىلى كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ ھاياجانلاندىم&#46; شۇ يەردىلا ئۆزۈم يۈزلىنىپ كېتىۋاتقان قىلۋىغا قاراپ ئالقانلىرىمنى ئېچىپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەن ھالدا چىن ئىخلاسىم بىلەن ئاللاھقا {ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم، پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلىڭگە چۈشۈرگىن، سەن دوستلىرىڭنى ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن!} دەپ دۇئا قىلدىم&#46; ئاپپاق قارغا دەسسەپ ئۇششاق قەدەملەر بىلەن داۋاملىق كېتىۋاتىمەن&#46; قانچىلىك ماڭدىمكى بىلمەيمەن بىر چاغدا جالاقلاپ توڭلاپ كەتتىم، بۇ سوغۇقتا كېچىدە ئىزىمدا توختاپ قالسام چوقۇم توڭلاپ قالاتتىم&#46; كەلگەن يولۇمدىن يەنە ئارقامغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا باشلىدىم، چۈنكى بۇ چوڭ يول بولغاچقا ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغاچقا بىخەتەر دەپ ئويلىغاچقا، شۇ ئۇزۇن كەتكەن بىر يولنى نەچچە قايتىلاپ بولدۇم، بۈگۈن كېچە شۇنداق تاڭنى ئاتقۇزسام ئەتە شىنجىنغا قايتاتتىم</font>&#46; </font>

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-5-1 05:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! ئەسەرنى پۈتۈنلەي يېزىپ بولۇپ يوللىغىچە ئوقۇرمەنلەرنى بەك ساقلىتىۋەتمەي دەپ يەنە ئۇدۇللۇق يوللىدىم ،بۈگۈن خەتنى پەقەت چوڭايتالمىدىم ،باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار بولسا ياردەم قىلغان بولسا ....

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2009-5-5 18:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

شۇنداق خىيال بىلەن ئاستا كېتىۋاتقىنىمدا يېنىمغا بىر پىكاپ كېلىپ توختىدى،  بۇ كېچىدې يېنىمدا كىچىك ماشىنىنىڭ توختىشىدىن تېنىم شۈركەندى،  شۇنىڭدىمۇ بەك توڭلاپ كەتكەچكە يەنە ئۈمىد بىلەن تونۇشلىرىممىكىن دەپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ماڭا قاراۋاتقان شوپۇرغا ئەنسىز قارىدىم،  ـ بەك توڭلاپ كېتىپسىز،  ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ دېدى  شوپۇر يىگىت.
ـ سىزنى تونۇمىسام،  ماشىنىڭىزغا چىقسام بولماسمىكى دېدىم.
ـ سىز تونۇمىغان بىلەن مەن تونۇيمەن،  ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ ماشىنىغا چىقىڭ –دېدى يىگىت يەنە كەسكىن ئاۋازدا.
مەن يىگىتنىڭ ‹ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ› دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپلا ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىغا ئولتۇردۇم،  دە، ـ بۈگۈن مەن ئۆيۈمدىنمۇ ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپلا ھەيدىلىپ چىققانتىم،  ماشىنىڭىزغىمۇ ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ چىقتىم،  قالغان ئىشلارنى ئاللاغا تاپشۇردۇم –دېدىم.
ـ ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،  ئاللا ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر،  سىزدەك ئاللانىڭ يېقىن بەندىسىگە ئۇچراش مېنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ساۋابلىق ئىشىم بولدى. ـ دېدى.
ـ سىزنى دىنىي قېرىندىشىمكەن دەپ تونۇسام بولامدۇ؟-سورۇدۇم قىزىقىپ.
ـ ئاللاھ قۇبۇل كۆرگەن بولسا،  مەن سىزنىڭ  قېرىندىشىڭىز،  ھەم دادىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىسىمەن ئىسمىم ئالماس –دېدى يىگىت.  
ـ پەمىمچە ھىجابىڭىز تۈپەيلى ئائىلىڭىزدىن يېنىپ چىققان ئۆخشايسىز،  سەۋرى قىلىڭ قېرىندىشىم،  مۇسۇلمان دېگەنگە بۇنچىلىك ئەرزىيەتلەر كەلمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولالمايمىز.  يىگىت شۇنداق دەپ ماشىنىسىنى ھەيدىدى.
ـ ھازىر نەگە ماڭدۇق؟-دېدىم يەنە ئەپسىزلىك ھېس قىلىپ.  
ـ بۈگۈن كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋالسىڭىز،  ئەتە شىنجىنغا قايتارسىز،  ھەقەچان؟
ـ شۇنداق،
ـ ئۇنداقتا خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ.
ئالماس مېنى بىر كىشلىك ياتاقتىن بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،  خوشلۇشۇپ،  چىقىپ كەتتى.
ئائىلەمدىكىلەر بىلەن شۇ ئايرىلغانچە 5 يىل بوپتۇ،  تېخىچە مۇناسىۋىتىم يوق،  ھەتتا  ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىش تويۇمدىمۇ ماڭا ئىگە بولمىدى. ئەمما مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئائىلەمدىن ئايرىلىپ چىقىشىم بىلەن دىنىي قېرىندىشىم بولغان ئالماسنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇپ بىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلدى،  ھېيت-ئايەم بولغانلاردا ئاتا-ئانا دېگەننى سېغىنىدىكەن، ئەمما ئۇلار بىلەن ئارامنى ياخشىلاش ئۈچۈن  نەچچە قېتىم ئالدىغا بارغان بولساممۇ قۇبۇل قىلمىدى،  ئاللاھتىن  ئاتا-ئانامنى ھىدايەت قىلىشىنى تىلەۋاتىمەن...  
ـ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،  ئاتا-ئانىڭىزدىن ئاللاھنىڭ  دىنىنى دەپ ئايرىلىپ چىقىپ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا بىر دۇئا قىلىشىڭىز بىلەن  مېنى ئالدىڭغا توككىدا تاشلاپ بەرگەن ئاللاھ چوڭلارنىمۇ بىر كۈنى ئۆز پۇتى بىلەن ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ بېرىدۇ جۇما؟ ! نادىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئالماسنىڭ گېپى بىلەن يىغلامسىراپ ئولتۇرغان نادىيەمۇ باشقىمىزمۇ بوشقىنا كۈلۈشتۇق.  
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نەچچە قېرىنداشمۇ ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئېيتىشتى،  ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغانچە ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا نەقەدەر ئارقىدا ھەم ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ ئولتۇرغىنىمدا،  زۇمرەت مېنى چاقىرىپ قالدى.  ـ چولپان سەنمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ يولنى تاللىدىڭ،  ئۆز تەسىراتىڭنى بولسىمۇ سۆزلەپ بەرمەمسەن؟
ھەممىسى مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتكەندەك ماڭا قاراشتى،  شۇ تاپتا مەن ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە ئولتۇراتتىم،  تىلىم سۆزگە كېلىدىغاندەك ئەمەس،  كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئىڭەكلىرىمنى بويلاپ ئېتەكلىرىمگە تۆكۈلىۋاتاتتى؟  
:- مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنى بەكلا يالغۇز ھەم  غېرپ ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم،  سىلەرنى كۆرۈپ،  ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا ئۇنچىۋالا يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم. مەندە ھازىر سىلەرگە سۆزلەپ بەرگىدەك ھېچقانداق ئەمەل يوق،  ئەمەل ئەمەس،  ھەتتا ئىسلام،  ئىمان توغرىسىدىمۇ مۇكەممەلرەك چۈشەنچىمۇ  يوق،  پەقەت،  يېقىندا مېنىڭ كىچىگىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇمدىن ئۈچى قاتناش ۋەقەسىدە بىرلا ۋاقىتتا قازا قىلدى.  شۇ ئۆلۈمدىن كېيىن مەنمۇ ئۆلۈپ كەتسەم  ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارارمەن دېگەن قورقۇنۇش بىلەنلا بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنى باشلاپ بېشىمغا ئارقىمدىم بولسىمۇ ياغلىق چەگدىم،  ئەمما مۇشۇ ياغلىقىم ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كەمسىتىش ھەم سۇئال سوراقلارغا ئۇچرىدىم،  بۈگۈن سىلەرنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھلارغا پېتىپ يۈرگىنىمنى، ئەۋرىتىمنى ئېچىپ يۈرۈشكە ئاللاھتىن خجىل بولماي،  ئەۋرىتىمنى يېپىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ نېمە دەپ كېتىشلىرىدىن ئەنسىرەپ كەتكىنىمدەك نادانلىقىمدىن بەك نومۇس قىلىپ كېتىۋاتىمەن...  مەن شۇنداق دەپلا يىغلاپ گەپ قىلالماي قالدىم... ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇۋېلىپ يىغلىدىم،
-    ئاداش،  ئاللاھ يولىدا تۆككەن ياشلىرىڭغا ئاللاھ ئاخىرەتتە مۇكاپات بىرىدۇ،  دىللار ئىمان بىلەن نۇرلانغاندا كۆزلەردىن ئاللاھ ئۈچۈن ياش تۆكۈلىدۇ،  بۇمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى...  زۇمرەتنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى تېخىمۇ ئېسەدەتتى...
-    دوستۇم چولپاننىڭ ئىسلام،  ئىمان توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچىسىنىڭ يوق تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن قورققانلىغىنىڭ ئۆزى بۇ ئاللاھنىڭ چولپاننىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۈگۈنكى بۇ سورۇنىمىزمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغقان،  بەرىكەتلىك سورۇن بولدى،  ھەممىمىز دىنىمىزنى چۈشۈنىش ھەم ئۇنىڭغا كىرىش جەريانلىرىمىزدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىمىزنى سۆزلەشتۇق،  بۇ ھىكايىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىرىمىزدا بىزگە مەدەت بولىدۇ دەپ ئويلايمەن،  مۇشۇنداق سورۇندىن مېنىڭمۇ قورۇق قول قايتقۇم يوق،  مېنىڭمۇ ساۋاپ ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ،  شۇڭا دىنىمىز توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمدىن ئازراق يەتكۈزۈپ بېرەي.
-    - ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! قېنى سۆزلەڭ،  زۇمرەتنى ھەممىمىز خوشاللىق بىلەن قوللىدۇق. ئۇ سۆزىنى دۇئا بىلەن باشلىدى.  
       ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
مەدھىيە ئاللاھقا خاسدۇر،  ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز،  (اللە دىن) ياردەم سۇرايمىز ۋە  گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى سۇرايمىز،  اللە قا سېغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئەمەللەرنى (قىلىپ قېلىشىمىزدىن) پاناھلىق بىرىشىنى سۇرايمىز،  اللە توغرا يولغا باشلغاننى ھىچ ئازدۇرغۇچى يوق،  اللە ئازدۇرغاننى  ھىچ توغرا يولغا باشلىغۇچى يوق. اللەتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق،  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اللە نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋھلىق  بىرىمەن.  
اللە مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرئانكەرىمدە : {ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزىدىغان) قەلىبكە ئىگە ئادەم ياكى(ۋەز-نەسىھەتكە)ھۇزۇرىي قەلىب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز-نەسىھەت بار. } دېگەن. سۈرە ق - 37 ئايەت.
قېرىندىشىم! بىز ئۈزىمىزدىن ھاياتىمىزدىكى بىرەر كۈندە بۇ مۇھىم سۇئالنى سۇراپ باقتۇقمۇ؟  بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟ ...  يەپ-ئىچىش ئۈچۈن يارىتىلدۇقمۇ؟  ئۇيۇن-تاماشا ئۈچۈنمۇ؟ مال توپلاش،  نام ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى بىنا-قەسىر سېلىش ۋە ئۇنى بىزەش ئۈچۈنمۇ؟  ياكى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نازۇ - نىئمەتلىرى بىلەن پەخرلىنىش ئۈچۈنمۇ؟  ياكى مەنسەپ،  مەدھىيە،  گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى مەسئۇلىيەتكە تارتىلماي، ئەيىپلەنمەي،  نېمىنى خالىساق شۇنى قىلىشىمىز ئۈچۈن يارىتىلدۇقمۇ؟  ياق...  ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.  بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلمىدۇق.  بىز چۇقۇم ئەڭ مۇھىم،  ئەڭ بۈيۈك بىر غايە ئۈچۈن يارىتىلدۇق.  ياراتقۇچىمىز ئۇنى بىزگە ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
جىنلارنى،  ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنلا ياراتتىم. سۈرە زارىيات 56-58-ئايەت،
يارىتىلىشىمىزدىكى غايىنى بىلگەن بولساق  ئۆزىمىزدىن ئېنىق قىلىپ يەنە بىر سۇئال سۇراپ باقايلى.  بۇ غايە ئۈچۈن نېمىنى قىلدۇق؟  باشقىلار نېمىنى قىلىۋاتىدۇ؟    جاۋاپ ھەم ئۇچۇق تۇرۇپتۇ.  (ھازىرقى ياشقا كەلگۈچىلىك ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىزدە،  سىزنى ياراتقان مىھرىبان اللە ئۈچۈن قانچىلىك ئەمەل ئىبادەتنى قىلغاندىمىز؟)  ياخشى ئەمەللىرىمىز،  ئىبادەتلىرىمىز ئىنتايىن ئاز بەلكى يوق دىيەرلىك...
نېمە ئۈچۈن ئىشلىرىمىز،  ئىبادەتلىرىمىزدە ھۇرۇنلۇق،  يېتەرسىزلىك،  كېچىكىش،  سەل قاراش كۆرىلىدۇ؟ ئۆلۈمنىڭ ۋاقىتسىز يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى دوستلىرىمىز،  ھەمراھلىرىمىز،  ئەۋلادلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟  
&lt;&lt; ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.  سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تۇلۇق بېرىلىدۇ.  كىمىكى دۇزاقتىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگىزۈلگەن ئىكەن ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ.  دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر &gt;&gt; سۈرە ئال ئىمران 185 -ئايەت.  
ياكى خىيالىچە سۆز قىلمايدىغان، ۋەھىي قىلىنغاننى سۆزلەيدىغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممەتنىڭ ئۆمرى 70-60قىچىلىك بولىدىغانلىقى ئاز قىسمىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭدىن ئاشىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەنلىكىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟
ياكى دۇنيانىڭ پانىيلىقىنى،  ھاياتنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ‹بەشتىن بۇرۇن بەشنى غەنىيمەت بىل؛  قېرىشىڭدىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى،  كېسەللىكىڭدىن بۇرۇن ساقلىقىڭنى،  يوقسۇزلۇقىڭدىن بۇرۇن بايلىقىڭنى،  ئالدىراش خىزمىتىڭدىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى،  ئۆلۈمىڭدىن بۇرۇن ھاياتىڭنى غەنىيمەت  بىلگىن›...   
بۇ ۋاقىت ئۆتۈۋاتىدۇ،  تۈگەۋاتىدۇ.  ئۆتۈپ كەتكەن بىر سېكۇنت ۋاقىتنى قايتۇرىۋالالمايمىز.  ئىشەنمىسەك،  كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئۆتۈپ كەنكەن ھاياتىمىزنى ئەسلەپ باقايلى،  قانداق ھېسسىياتتا بۇلارمىزكىن؟ ئەگەر بىرسى سىزدىن ھازىرغىچىلىك ئۆتكەن ھاياتىمىزدىن سورىسا تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاب بېرىشىمىز مومكىن.
قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلەر    &lt;&lt;دۇنيادا پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ&gt;&gt; سۈرە رۇم 55-ئايەت              
&lt;&lt;اللە تەئالا ئۇلارغا زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار دەيدۇ.  ئۇلار  بىركۈن ياكى بىركۈندىنمۇ ئازتۇردۇق،  (ئاي -كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى پەرىشتىدىن سۇرىغىن &gt;&gt;دەيدۇ. (ئۇلار دۇزاقتا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن،  زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.  اللە  ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە تۇردۇڭلار دەيدۇ&gt;&gt; سۈرە مۇئمىنۇن 114-112-ئايەت  
&lt;&lt;ئى ئىنسانلار! ئاللانىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر،  سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن،  شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللانىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار &gt;&gt; سۈرە فاتىر 5-ئايەت  
&lt;&lt;دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن،  غەپلەتتىنىلا ئىبارەت،  تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر،  بۇنى چۈشەنمەمسىلەر &gt;&gt;سۈرە ئەنئام 32-ئايەت               
رەسۇلۇللاھ بازار ئارىلاۋېتىپ يېتىلمىگەن ئۆچكىنىڭ ئۆلۈك تۈرەلمىسىنىڭ ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى.  ۋە ئۇ تۇرەلمىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ساھابىلەرگە مۇنداق دېدى(قايسىڭلار بۇ ئۆلۈكنى بىر دەرھەمگە ئالىسىلەر؟ )      
ساھابىلەر مۇنداق دېيىشتى: ئۇنى ئېلىپ نېمە قىلارمىز؟  
رەسۇلۇللاھ  ئىككىنچى قېتىم سۇرىدى  
ئۇنى بىكارغا ئېلىشنى خالامسىلەر؟) ئۇلار: ئۇ تىرىك بولغاندىمۇ مېيىپ تۇرسا ئۇنى نېمە قىلارمىز؟ دېيىشتى.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى(: سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇ ئۆلۈك ئوغلاقنىڭ ئىتىبارى بولمىغاندىن بەكرەك،  ئاللانىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ ئىتىبارى يوقتۇر.)   
  رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن(ئاخىرەتكە قارىتا دۇنيا دېڭىزغا بارمىقىڭىزنى چىلىغانغا ئوخشاش،  بارماقنىڭ قانچىلىك سۇنى ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.)  
بۇ ھەقىيقەتنى چۈشەندۇقمۇ؟ ياكى شەيتان ھەمىشە ئەخمەق قىلىپ پانىي دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىڭدا ئوينىۋال،  ياشانغاندا ھەج قىلىسەن،  تەۋبە قىلىسەن دەپ تەكرار ۋەسۋەسە قىلىۋاتامدۇ؟  
يالغانچى شەيتان ئەگەشكۈچىللىرىنى كۈپەيتىش،  دۇزاققا كىرىدىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن،  مۇشۇنداق چىرايلىق ۋەسۋەسىلەرنى قىلىدۇ&lt;&lt; شەيتان ھەقىيقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر،  ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دۇزاقتىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. &gt;&gt;سۈرە فاتىرنىڭ 6-ئايەت.        
تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقلىمىز بولسا شەيتاننىڭ ھاياتىڭىزنى قانداق نابۇت  قىلغانلىقىنى،  قىلىۋاتقانلىقىنى،  تەۋبە قىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن  ئىككىنچىلەپ ھەرگىز  كەلمەسلىكى توغرۇلۇق قانداق ۋەدىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئويلىنايلى… اللەنىڭ تۆۋەندىكى سۈزىنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى...
ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى. مەن سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت گۇمراھلىققا دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ.   سۈرە ئىبراھىم -22ئايەت                             
  قېرىنداشلار،  پات ئارىدا بىز   يۇلىقىدىغان،  ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى ( يەنى ئۆلۈمنى) كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلىچۇ.  بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىمىزغا دوسلىرىمىز،  ھەمراھلىرىمىز،  باللىرىمىز،  نەۋرىلىمىز،  ئاكا -ئىنە،  ئاچا-سىڭىللىرىمىز توپلىنىدۇ.  بۇ دەل بۇدۇنيادىن مەڭگۈلۈك سەپەر قىلىدىغان ۋاقتىمىزدۇر.  ھەسرەتلىك ياشلىرىمىزنى تۈكۈپ،  ئۇلار بىلەن ۋىدالىشىسىز.  ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى (مال-دۇنيا،  زىبۇ-زىنەت،  گۈزەللىك،  سورۇن ئۇچرۇشىشى،  مېھرى -مۇھەببەت،  ئارزۇ -ئۈمىد) قالدۇرىمىز.   
ئۆلۈمنىڭ سەكەراتى ھەقىيقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى،  ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ) سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ.  سۈرە قاپ 19-ئايەت
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ.  بۇندىن كېيىنكىسى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە تېخىمۇ  قورقۇنچلۇق. ئۇ قەبرە،  قەبرە دېگەن قانداق جاي؟ رەسۇلۇللاھ جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگەن خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،  بىرەر قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە،  ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى،  ئۇنىڭ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى.  ھەمراھلىرى  سۇرىدى:  يا ئەمىرۇل مۇئمىنىن! جەننەت ۋە دۇزاخنى  ئەسلىسىلە بۇنچىۋالا  يىغلىمايلا،  قەبرىنى ئەسلىسىلە نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايلا؟ ئوسمان جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
  رەسۇلۇللاھ قەبرە ئاخىرەتنىڭ بىرىنچى چۈشكىنى،  ئەگەر  ئۇنىڭدا  نىجادلىققا ئېرىشسە،   كېيىنكىلىرى ئاساندۇر.   ئەگەر ئۇنىڭدا  نىجادلىققا  ئېرىشەلمىسە، كېيىنكىللىرى قىيىن ۋە تەستۇر،  قەبرىدەك   قورقۇنچلۇق ئېچىنىشلىق بىرەر   مەنزىرىنى كۆرمىدىم.  دېگەن دەيدۇ.
قەبرىدىن كېيىن قىيامەت كۈنى يىغىلىش.  قىيامەت دېگەن نېمە؟  ئاللاھ تەئالا قىيامەتنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ:
&lt; كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا[3]،
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
روھلار قوشۇلغان چاغدا[7]،
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا[8]،
سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ [9]،
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].&gt;&gt; سۈرە تەكۋىر 14-1.  )
ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ قىسسىدىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر[103].
قىيامەت كۈنىنى بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچىلا تەخىر قىلىمىز[104].
قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ[105].  سۈرە ھۇد 105-103ئايەت
50 مىڭ يىلغا باراۋەر كىلىدىغان بۇ كۈندە كىشىلەر يالاڭئياق،  يالىڭاچ،  خەتنە قىلىنمىغان ھالدا يىغىلىدۇ.  قۇياش ئۇلارغا بىر مىل ئارىلىقتا يېقىن بۇلىدۇ.  كىشىلەرنىڭ تەرى ئەمەللىرى ھىساۋى بىلەن چىقىدۇ.  بەزىسى تەرى ھۇشىقىغا يىتىدۇ،  بەزەنلىرىنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر تىزىغا يىتىدۇ،  بەزەنلىرىنىڭ بىلىگە يىتىدۇ،  بەزەنلىرىنىڭ تەرى ئاغزىغايىتىدۇ. ئاندىن كېيىن جەننەت ياكى دۇزاق.  ئۈچىنچىسى يوق.  (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ
سۈرە شۇرا 7-ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆلۈم قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلۈك قاشقىلىق بوز قوچقار شەكلىدە كەلتۈرىلىدۇ ئاندىن جەننەت ۋە دۇزاق ئوتتۇرىسىدا توختۇتۇپ قۇيىلىدۇ ئاندىن مۇنداق دىيىلىدۇ :ماۋۇنى تونۇمسىلەر؟ ئۇلار ھەئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئاندىن كېيىن دۇۋزىخىيلەرگە: بۇنى تونۇمسىلەر دىيىلىدۇ؟  ئۇلار باشلىرىنى كۈتۈرۈپ قارايدۇ ۋە ھەئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئاندىن ئۇ قوچقار شەكلىدىكى ئۆلۈمنى بۇغۇزلاشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە بۇغۇزلىنىدۇ.  ئاندىن كېيىن ئى جەننەت ئەھلى ئۆلۈم يوق مەڭگۈ راھەتتە ياشاڭلار! دىيىلىدۇ ۋە ئى دۇۋزىخىيلەر! ئۆلۈم يوق،  مەڭڭۈ ئازابلىنىڭلار ! دىيىلىدۇ.  
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈۋەندىكى ئايەتنى ئۇقۇدى
ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. سۈرە مەريەم 39-ئايەت ۋە رەسۇلۇللاھ قۇلى بىلەن دۇنياغا ئىشارە قىلدى.  بۇخارىي رىۋايىتى.  
قېرىنداشلار،  ئاللاھ تەئالا سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلاپ قويغان نىئمەت توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزدۇقمۇ؟  ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەبەر قىلغان جەننەتتىكى ھۇزۇر ھالاۋەتنى ئويلىدۇقمۇ؟  
&lt;&lt; كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن –دەرگاھىمىزغا- يېقىنلاشتۇردۇق[52].
ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق[53].
-ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىسمائىل-نىڭ قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[54].
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى[55].
كىتاب-قۇرئان-دا ئىدرىس-قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[56].
ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق[57].&gt;&gt; سۈرە دۇخان 57-51ئايەت.  )
قىيامەت قايىم بولغان چاغدا[1]،
ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ[2].
قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ[3]،
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن[4]،
تاغلار پارچىلىلانغان[5]،
ۋە توزاندەك توزۇپ كەتكەن[6]،
ۋە سىلەر ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن چاغدا[7]،.
سائادەتمەنلەرگە كەلسەك؛ كىمدۇر بۇ سائادەتمەنلەر؟[8].
بەختسىزلەرگە؛ كىمدۇر بۇ بەختسىزلەر؟[9].
ۋە ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردۇر[10].
ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر[11] ،
ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە بولىدۇ[12].
بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر[13]،
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە بولسا ئازدۇر[14].
ئۇلار توقۇلغان تەختلەر ئۈستىدە بولۇپ[15]،
ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ[16].
ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ[17]،
ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك ۋە جاملار بىلەن[18].
ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ[19].
ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر[20]،
ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ[21].
ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ[22].
بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر[23].
ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ[24]،
ئۇلار پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[25].
سائادەتمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ[26].
سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟[27].
ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن[28]،
سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن[29]،
ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن[30]،
ئېقىپ تۇرغان سۇدىن[31]،
تۈگىمەيدىغان مېۋىلەردىن[32]،
ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن[33]،
ۋە يۇمشاق تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[34].
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ ئاياللارنى يېڭىدىن ياراتتۇق[35]،
ئۇلارنى قىزلار قىلىپ ياراتتۇق[36]،
ئۇلارنى ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[37].
بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر[38].
بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر[39].
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر[40].
بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟[41]
ئۇلار ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42]،
قارا تۈتۈندىن بولغان بىر سايىنىڭ ئىچىدە[43]،
ئۇ سايە، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس [44].
چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى[45].
ئۇلار چوڭ گۇناھتا چىڭ تۇرغان ئىدى[46].
ئۇلار مۇنداق دەيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟[47]
ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» [48].
ئېيتقىنكى: «ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ[49]،
ئەلۋەتتە، مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا توپلىنىدۇ[50].
ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار![51]
چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر[52].
ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر[53].
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى ئىچىسىلەر[54]،
سۇغا تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر[55].
مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر[56].( سۈرە ۋاقىئە 56-6ئايەت.  )
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر[8].
قىلمىشلىرىدىن مەمنۇندۇر[9].
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر[10].
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ[11].
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ[12].
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر[13]،
قاتار تىزىلغان قەدەھلەر[14]،
رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار[15]،
ۋە سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[16].
[13].  [14].  [15].  ( سۈرە غاشىيە 16-8ئايەت.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەۋۋەلقى تۈركۈمدە جەننەتكە كىرىدىغانلار، ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۈن ئايغا ئوخشاشتۇر.  ئۇلانىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئاسماندىكى ئەڭ كۈچلۈك نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاشتۇر،  ئۇندىن كېيىنكىلەر بىرنەچچە ئۇرۇندا بۇلىدۇ.  ئۇ جەننەتىيلەر چوڭ-كىچىك تاھارەت سۇندۇرمايدۇ،  بۇنىنى تاشلىمايدۇ،  تۈكۈرمەيدۇ،  ئۇلارنىڭ ئاغاقلىرى ئالتۇن،  ئۇلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى ئىپار،  تەرلىرى مىسك، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى بىرخىل،  دادىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىگىزلىكىدە 60گەزدۇر ).  بۇخارىي رىۋايىتى.  
ئاللاھ تەئالانىڭ ئاسىي،  گۇناھكار بەندىلىرىگە تەييارلاپ قويغان دۇزاخ ئازابى توغرۇلۇق سۆز ئاڭلىدۇقمۇ؟   بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟[41]
ئۇلار ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42]،
قارا تۈتۈندىن بولغان بىر سايىنىڭ ئىچىدە[43]،
ئۇ سايە، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس [44].
.  سۈرە ۋاقىئە 44-41ئايەت.
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر[2].
ئۇلار دۇنيادا ئىشلىگۈچىلەردۇر، بىكارغا جاپا تارتقۇچىلاردۇر[3].
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ[4].
قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ[5].
ئۇلار ئۈچۈن بەتبۇي، ئاچچىق زەررىئدىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ[6].
ئۇ، كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ[7].
[7].  ) سۈرە غاشىئە 7-2ئايە
قېرىنداشلار،  بارمىقىمىزنى كۈيىۋاتقان ئوتقا قۇيۇپ،  ياكى قايناۋاتقان چايغا سېلىپ بىرەر قېتىم تەجرىبە قىلىپ باقتۇقمۇ؟  پەقەت بىر قېتىم تەجرىبە قىلىپ باقساق،  شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيتۇق.  بۇ دۇنيادىكى ئۇتۇڭلار،  جەھەننەم ئۇتىنىڭ قىززىقلىق گىرادۇسىنىڭ 70تەن 1گە توغرا كىلىدۇ؛
دۇزىخىيلارنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپ چىكىدىغىنى ئوتتىن ياسالغان ئىككى ئاياغ كەيگۈزىلگەن كىشى.  شۇ ئاياغنىڭ ھارارىتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ مىڭىسى قازان قاينىغاندەك قايناپ تۇرىدۇ.  ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن قاتتىقراق ئازاپلانغانلىقىنى كۆرمەيدۇ.  ئۇ كىشى دۇزىخىيلارنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلانغىنىدۇر.  ( مۇسلىم رىۋايىتى).
نامازنى ئۆز ۋاقتىدا خۇشۇئ ۋە ئارام بىلەن ھەر بىر رۇكنىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى.  نامازنى بىرەر باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن تاشلاپ قويمايلى.  چۈنكى ناماز دىننىڭ تۈرىكى،  ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ئاساسىدۇر.  ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ : نامازلارنى، بولۇپمۇ نامازدىگەرنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار( سۈرە بەقەرە 238-ئايەت.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : بەندىنىڭ قىيامەت كۈنى بىرىنچى قېتىم ھېساب بىرىدىغان ئەمىلى نامىزىدۇر.  ئۇ ناماز تۇلۇق بولسا،  نىجادلىققا ئېرىشىدۇ.  ئۇ ناماز بۇزۇق بولسا زىيان تارتىدۇ.  
رەسۇلۇللاھ ئېيتىدۇ: ‹بىز بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ئەھدى نامازدۇر.  كىمىكى نامازنى ئوقۇمىسا،  چۇقۇم كاپىر بولىدۇ›.  
تەقۋادار،  ئەقىدىسى سۈزۈك،  ياخشى دوست تاللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى.  چۈنكى ياخشى دوست ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ،  ئۇ دوستىمىز بىزگە ئىپار سوۋغات قىلىدۇ ياكى سېتىۋالىساق ياكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرايمىز.  
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ ): شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن - نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟[27]
ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟[28]
قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى خار-زەبۇن قىلىدۇ[29].
پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»[30].
( سۈرە فۇرقان 27-29ئايەت
رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن؛ كىشى ئارلىشىدىغان سىرداش دوستنىڭ دىنىدە بولىدۇ،  ھەر بىر كىشى ئارلىشىدىغان دوستقا دىققەت قىلسۇن،  تىرمىزى رىۋايىتى
ھەممىڭلارغا ھىدايەت يولىنى ئىزدىگەن، ئازغۇنلۇق يولىدىن قول ئۈزگەن كىشىنىڭ قەلبىگە ئىمان ۋە قانائەتنى كۈپەيتىدىغان، كۈڭۈلنى راھەتلەندۈرۈپ غەم قايغۇنى يوقۇتىدىغان،  نۇرلۇق ھۆججەت،  مەڭگۈلۈك مۆجىزە بولغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنى داۋاملىق ئۇقۇشىمىزنى،  تەھلىل قىلىشىمىزنى ۋە ئىتىقاد،  سۆز،  ھەركىتىمىزنى قۇرئاننىڭ يوليۇرۇقلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ھايات كۆچۈرۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە شىپا بولغان، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى[57].
»
(يۇنۇس سۈرىسى، 57-ئايەت)

رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن «قۇرئان ئۇقۇڭلار ! چۈنكى ئۇ،  ئۇنى ئۇقۇغان كىشىگە قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ›› تىرمىزى رىۋايىتى.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،  بۇلار قورقۇتۇش ئۈچۈن دىيىلگەن خىيالى سۆزلەر ئەمەس،  شەكسىز ھەقىقەت بولغان قۇرئاننىڭ يوليۇقلىرىدۇر،  ئىنساننىڭ ھاياتى ناھايىتى قىسقا چەكلىك ھايات،  ئادەم قانچىلىك ھايات كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،  
اللە مۇنداق دەيدۇ،   قىيامەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى -ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا- ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -پۈتۈن ئىشلارنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر[ لوقمان سۈرىسى، 34-ئايەت]. شۇنىڭ ئۈچۈن خاتالىقىمىزغا دەرھال تەۋبە قىلايلى ھەقىقى راست تۆۋبە قىلساق اللە تەئالا خاتالىقىمىزنى كۆچۈرىدۇ،  
اللە مۇنداق دەيدۇ « ئى مۆمىنلەر! اللە غا سەمىمى تۆۋبە قىلىڭلار،  ئۇمىدكى،  پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ،  سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ »سۈرە تەھرىم 8- ئايەت
يەنە مۇنداق دەيدۇ،  « : «ئى گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[زۈمەر سۈرىسى، 53-ئايەت]. ،  ئەرشى ئەزىمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزنى  ئۆزىنىڭ ئىتائىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش بىلەن جەننىتىگە كىرگۈزىشنى سۇرايمىز،  ئامىن
ـ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ـئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن! ھەممىمىز زۇمرەتكە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ،  دۇئالارنى قىلىشىپ ۋاقىتنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى سېزىپ بۇ سۆھبەتنى توختىتىشقا كۆزۈمىز قىيمىغان ھالدا  ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق.  مەن زۇمرەتنىڭ ئۆيگە بىرگە كېتەيلى تەكلىۋىگە  رەھمەت ئېيتىپ تاكسى بىلەنلا ياتاققا قايتىپ كەلدىم.

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2009-5-5 22:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
ئاللاھ رازى بولسۇن! ئەسىرىڭىزنىڭ بۈگۈن يوللانغان قىسمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ۋە شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ ئەسەر كۈنسىرى بېيىۋاتىدۇ ۋە تېخىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ... ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي، تىنىڭىزگە سالامەتلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي...

يوللىغان ۋاقتى 2009-5-6 11:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغانسىرى ئۆزەمنىڭ قانچىلىك خاتالىقلارغا يول قويغانلىغىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن......ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 23:41:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كەۋسەر ئابباس قېرىندىشىم،
بۇ تەسىرلىك ئەسىرىڭىزنى تۇلىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن.
كۆز ياشلىرىم ئىچىدە ئوقىدىم. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. ئەسرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن. (سىزنى ئالدىراتقاندەك بولۇپ قالمىسۇن)
ئەمدى يەنە ھەر كۈنى بۇ مۇنبەرگە كىرىدىغان بولدۇم .

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 22:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمىكىن بۇلسا ئېلكىتاپ شەكىلىدە يۇللاپ بەرگەن بۇلسىڭىز ،

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 13:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم گۇناھ لىرىمىز نى مەغپىرەت قىلغىن ئامىن

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taslim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 01:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئەتە قىيامەت ،  قىيامەتكە ئاز قالد ...

ھەي ئسىت ھەي ئسىت ئاللاھىم بىزگە كوپلەپ ئنساپبەرگىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-5-23 03:53 , Processed in 0.060972 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش