ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانچىلىقنى ھېچكىمگە بەرمەيمىز-يۇ، ئەمما ئارىمىزدا قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى ئەمەس، قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى سۈرىسى بولغان ۋە بەش ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇيدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ نامازلىرىنىڭ پەرزلىرىنىلا ئوقۇغىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا كۈنىگە ئاز دېگەندە 17 قېتىم ئوقۇيدىغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىمىز بىر ئەمەلىيەت. مانا بۇ ئەمەلىيەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان تۈركچە بىر كارتون فىلىم ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇنى ھەرقايسىڭلارنىڭمۇ كۆرۈپ باھالىشىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن...
ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىدىن باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە يوللىغان بولساق... تەجرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىت ئاجرىتىشىنى سورايمەن...
قېنى كۆرۈپ بېقىڭ ئۇنداق بولسا:
تۆۋەندىكىسى تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى
فىلىمدە ئۆتكەن سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى:
ئوقۇغىن؛ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن!
-سۇلتان ئەھمەد مەسجىدى!!! نېمە دېگەن ئىھتىشاملىق بىر ئىمارەت-ھە! بۇنى سۈرەتكە ئېلىشىم كېرەك!
-ئەللاھۇ ئەكبەر! بىمىسللاھىررەھمانىررەھىم! ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىين! ئەرەھمانىررەھىيم...
- كەچۈرۈڭ! ئىنگىلىزچە گەپلىشەلەمسىز؟
- شۇنداق! گەپلىشەلەيمەن! سىزگە قانداق ياردەم قىلالايمەن؟
-بۇ ئاۋاز نېمە؟
-ھە! بۇ قۇرئان كەرىم؛ بىزنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىمىز!
-ھە، بەك تەسىرلىك ئىكەن... ئۇنىڭ مەنىسى نېمە؟
- مەن بۇنىڭغا «ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى قانداق ئېيتالايمەن؟ ئۇنى دەرھال ئۆگىنىشىم لازىم. كەچۈرۈڭ! ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتلەردە نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟
-...
- كەچۈرۈڭ! سىز بىلەمسىز ئوقۇلىۋاتقان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى؟
- ئەلھەم بۇ!
-كەچۈرۈڭلار! فاتىھەنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار يوقمۇ؟ فاتىھەنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار يوقمۇ؟ فاتىھەنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار يوقمۇ؟ بىلىدىغانلار ئېيتىپ بەرسۇن!!! ئۆتۈنۈپ قالاي!!!
بۇ قانداق گەپ؟ ھاياتىمنى ئىلىم - پەنگە ئاتاپ شۇنچىۋالا كىتاپ ئوقۇغان تۇرۇپ، قانداق بولۇپ مەن ياراتقۇچىنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن خوشخەۋىرى بولغان قۇرئان كەرىمنى بىر قېتىم بولسىمۇ قولۇمغا ئېلىپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇمىغاندىمەن؟
«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ غا خاستۇر.
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
رەببىمىز! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن.» (فاتىھە سۈرىسى).
«ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟.» (مۇھەممەد سۈرىسى، 24-ئايەت). |