ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 11501|ئىنكاس: 2

قۇربانلىق ھەققىدە مەلۇمات! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-4 07:38:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھغا يېقىنىلىشىش نىيىتى بىلەن ھېيت كۈنلىرىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق دېيىلىدۇ؛ ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىق قىلىش دېيىلىدۇ.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار قايسى؟

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 - ۋە 34 - ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى «ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك ۋە توخۇ... قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن قۇربانلىق قىلمىغان. بۇ ماللارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە تولغان بولۇشلىرى لازىم.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ شەرتلىرى:

1 - قوينىڭ ئالتە ئاينى تۆگىتىپ يەتتىنچى ئايلىققا ئۆتكەن بولۇشى لازىم،

2 - ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى تۆگىتىپ، ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،

3 - كالىنىڭ ئىككى ياشنى تۆگىتىپ ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،

4 - تۆگىنىڭ بەش ياشنى تۆگىتىپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم.   بۇلاردىن باشقا قۇربانلىق قىلىنىدغان مال قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنۇق، كېسەل، بەك ئورۇق مال بولماسلىقى لازىم.

كىملەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك؟

بىر كىشىگە قۇربانلىق قىلىشنىڭ كېرەك بولۇشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ مەلۇم مىقداردا پۇل - مال، بايلىققا ئىگە بولۇشى شەرتتۇر. بۇ مىقدارنىڭ ئۆلچىمى بولسا، زاكاتتىمۇ شەرت بولغان 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مالدۇر.

يەنى بىر كىشىنىڭ قەرزلىرى ۋە  مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مېلى بولسا، ئۇ كىشىگە قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنداق ئىمكانىيىتى بولمىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشلىرى كېرەك ئەمەس.

قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر:

1 - بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ.

2 - بىر تۆگىنى ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشى (يەتتە ئائىلە) شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

3 - قۇربانلىق قىلغۇچىلار ۋە ئائىلىسى ئۆز قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.

4 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن پېقىر بولسۇن، باي بولسۇن يېقىن - يورۇق، قولۇم - قوشنىلارغا يېگۈزۈشكە بولىدۇ.

5 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى شەرت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىي مۇسۇلمانلارغىمۇ بەرسە ياكى يېگۈزسە بولىدۇ.

    ئاللاھغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

مەنبە: مۇسۇلمانلار تور بېكىتى
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-4 13:26:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتلاردا مۇھىم مەلۇماتلارنى بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-4 20:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم!
تەشەككۈرنى مەزكۇر مەلۇماتلارنى ھازىرلىغان قېرىندىشىمىزغا ئېيتىش لازىم. مەن پەقەتلا كۆچۈرۈپ قويدۇم، خالاس!
ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن قېرىنداشلار يوقاپلا كەتتى؟ مەنمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ قېلىپ مۇنبەرگە تېما يوللىيالمايۋاتىمەن... ئاز بولسىمۇ داۋاملىق مەلۇماتلارنى يوللاپ تۇرالىساق ياخشى بولاتتى...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-9-20 07:43 , Processed in 0.019593 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش