ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 50992|ئىنكاس: 92

قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغرىمۇ(ھ)  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 14:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش بولسا رەسۇلۇللە،ساھابىلەر،تابىئىنلار زامانىسىدا بولمىغان ئىش. بۇ پەقەتلا شىنجاڭ دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار  تەرپىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ئىش. رەسۇلۇللە ۋەھىي قۇبۇل قىلىۋاتقان 23 يىل جەريانىدا ئىنساننىڭ ئالدىغا كىلىدىغان ھەممە ئىشقا يول يۇرۇق بىرىپ ئۆتكەن. ھەتتا خالاغا كىرگەندە قانداق كىرىش،نىمە دىيىش،چىققاندا قانداق چىقىش،نىمە دىيىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ كۆرسەتمە بىرىپ ئۆتكەن.
ئەمما قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇڭلار دەپ ھېچقانداق يەردە دىمىگەن. ھەم ئۇزىمۇ قىلمىغان.شۇنداق بولغانىكەن رەسۇلۇللە قىلمىغان ۋە بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىش ئىسلام دىندا يىڭىلىق پەيدا قىلىش بۇلۇپ بۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. رەسۇلۇللە بۇ توغۇرلۇق.قانداق بىر كىشى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش قايتۇرىلىدۇ دەپ ئىسلام دىنغا يىڭىلىق پەيدا قىلىشنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئىسلام دىنى رەسۇلۇللەنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە تۇلۇق تاماملىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە اللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن{بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم.سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم.} سۇرە مائىد3.ئايەتنىڭ بىر قىسمى
مانا بۇ ئايەت ئىسلام دىننىڭ تۇلۇق بۇلۇپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

يەنە اللە قۇرئانى كەرىمدەقۇرئانى كەرىم توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن {ئۇپەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش،كاپىرلارغا ئازاپنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى(بىلدۇرۇش ئۇچۇن نازىل بولغان) ۋەز نەسھەتتۇر. رۇشەن قۇرئاندۇر}سۇرە ياسىن 70.ئايەت
شۇنداق بولغانىكەن قۇرئاننى قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش خاتادۇر.

ئۇنداقتا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇغان ئادەملەر نىمە دەلىل بىلەن  ئۇقۇيدۇ؟
ئۇلار بىر كىشىنىڭ بىلمەي قەبرىستانلىقتا چىدىرىنى قۇرۇپ شۇ يەردە يېتىپ قالغانلىقى بىر كىشىنىڭ قەبرىستانلىقتا سۈرە تابارەكنى ئۇقۇغانلىقى ئاندىن بۇنى كۆرگەن كىشى رەسۇلۇللە قا خەۋەر قىلغانلىقى.رەسۇلۇللەنىڭ ئۇ كىشىگە سۈرە تابارەك ئۇقۇلغان قەبرە ئازابلانمايدۇ (ئۇ ھەدىس تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىپ مۇشۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن) دىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاجىز ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشقان.
بۇ توغۇرلۇق كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە قاراپ باقايلى
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ[شەك شۇبھىسىزكى قۇرئاندا 30ئايەتلىك بىر سۈرە بار.ئۇ سۈزىنى ئۇقۇغان ئادەمگە ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولغانغا قەدەر پەرۋەردىگارىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ سۈرە سۈرە مۇلىكتۇر.(يەنى تەبەراكەللىزىي) ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي ئىبنى ماججەلەررىۋايەت قىلغان. بۇنىڭدا پەقەت ئۇقۇغان ئادەمگىلا شاپائەت قىلىدۇ دىيىلگەن. ئۇلۇكلەرگە ئەمەس.چۇنكى ئۈلۈكلەر قۇرئان ئۇقۇيالمايدۇ.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا رىيازۇسسالىھىيندا  دىيىلگەن ئىمام شاپىينىڭ قەبرىستاندا قۇرئان بىر تامام بولسا ياخشى دىگەن سۇزىنى دەلىل قىلىسىدۇ.

يەنە رەسۇلۇللەنىڭ قۇرئان تامام قىلىنغان يەرگە اللەنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ دىگەن سۈزىگە ئاساسلىنىپ قۇرئان ئۇقۇيدۇ.
ئەمما بۇلار دەلىل بۇلالمايدۇ.  بىز تۇۋەندە رەسۇلۇللە قەبرىستاندا نىمە پائالىيەت قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن بىز بەقى غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بىر جىنازە ئۇستىدە بولغانىدۇق. رەسۇلۇللە كىلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭ چورىسىگە كىلىپ ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللەنىڭ قۇلىدا بىر تاياق تۇراتتى.رەسۇلۇللە تاياقنىڭ ئۇچچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتىدە ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نۇقۇپ تۇرۇپ سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دۇزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۇتۇلگەن بۇلىدۇ دىدى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئى رەسۇلۇللە بىز (ئەمەل قىلماي)پۇتۇلگەن تەقدىرمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ دىگەن كىشىلەرگە ئەمەل قىلىڭلار ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەيەرگە بېرشى پۇتۇلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىنىپ بىرلىدۇ يەنى سائادەتمەن بولسا سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلىنى شەقى بولسا شەقى بەندىلەرنىڭ ئەمىلىنى مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ دىدى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلغانلىقى مۇشۇ ھەدىستە سابىت بولغان. قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلىنسا كىشىلەرگە بەك تەسىر قىلىدۇ چۇنكى ئۇ يەردە پەقەت ئاخىرەتنىلا ئويلىيالايدۇ.

ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ كى مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندا رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا بىر ئاز توختايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى قېرىندىشىڭلار ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سۇئال سۇراق )ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار چۇنكى ئۇ ھازىر سۇئال سۇراق قىلنىۋاتىدۇ دەيتتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇڭلار دىمەستىن قېرىندىشىڭلارغا مەغپرەت تەلەپ قىڭلار قەبرىدە سۇئال سۇراقتا مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار دىگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرىستانلىقتا قىلغان ئىشىدۇر.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ بىزگە ناجاشىنىڭ ئۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋەرى يەتتى(نەجاشى ھەبەشىستاندا  مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلەنچۇكى بولغان مۇسۇلمان پادىشاھ ئىدى-ت) رەسۇلۇللە بىزلەرگە قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
بۇ يەردىمۇ قۇرئان ئۇقۇلار دىمەستىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن. ئەگەر قۇرئان ئۇقۇش ياخشى بۇلىدىغان بولسا رەسۇلۇللە نەجاشىغا ئەلۋەتتە قۇرئان ئۇقۇڭلار دەيتتى. چۇنكى نەجاشى ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە كۈڭۇل بۆلگەن. ھەم ئۈزىنىڭ زىمىنىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان. رەسۇلۇللە ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ئۇچۇن غائىب نامىزى ئۇقۇغان.

ئابدۇللا ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆت تەكبىر ئېيتتى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ ھاياتىدا قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنى بىدئەت دەيمىز. بىز رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتى شۇنداق بولغانىكەن قەبرىستانلىقتا رەسۇلۇللە نىمە قىلغان بولسا شۇنى قىلىشىمىز كىرەك.
بىز قۇرئان دىگەن اللەنىڭ كىتابى تۇرسا بۇ ئۇقۇسىمۇ بىدئەت بۇلامدۇ دەيدىغان ئادەملەرنى كۈرىمىز. بۇنداق ئادەملەرگە دەيمىزكى قۇرئان اللەنىڭ كىتابى. بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما قۇرئان قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش ئۇچۇن چۇشۇرۇلمىگەن. ئۇ ئىنسانلارغا قانۇن قىلىپ چۇشۇرۇلگەن.شۇڭا قۇرئاننى ئۇقۇڭ. ئۇقۇپلا قالماي ئەمەل قىلىڭ. سىز قۇرئاننى قانچە كۆپ ئۇقۇپ كىتىڭ،كىشىلەرگە  قۇرئاندىن تەبلىق قىلىپ كىتىڭ ئەمەل قىلمىسڭز ھەممىسى بىكار.
ساھابىلەر قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەت ئۇگىنەتتى ۋە شۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ بۇلالمىغىچىلىك باشقا ئايەت ئۇگەنمەيتتى.

مۇسۇلمانلار توغرا يولدا ماڭىمىز دەيدىكەن. جەزمەن رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ماڭساق ئازمايمىز.

يەنە بىرسى مىيىتقا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇسا بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟

مۇسۇلمان مەسچىت ياكى ئۆز ئۈيىدە ئوتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇسا تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندا اللەقا ئۇقۇلغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ مىيىتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىسە بۇلىدۇ.
ئەمما قارىلارنىڭ قۇرئان ئۇقۇغىلى مىيىتنىڭ ئۇيىگە يىغىلىشى،ئۇقۇغىنىنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ھەديە قىلىشى ۋە مىيىت ئىگىسىنىڭ قارىيلارغا ئەجىر بىرىشى يامان كۇرىلىدىغان تەرك ئىتىش زۇرۇر ئىش بۇلۇپ بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار قېچىشقا ۋە يىراقلىشىشقا چاقىرىش ۋاجىب بولغان بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىشلارنى بۇ ئۇممەتنىڭ بۇرۇنقى ياخشى كىشىلىرى قىلمىغان ھەم دىمىگەن. پۇتۇن ئۇممەتنىڭ دىنى بىر.  (مىنھاجىل مۇسلىم  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 386.بەت)

مانا يۇقارقىلار ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەنىڭ تۇتقان يوللىرىدۇر.

بىز ئۇلۇپ يىتىم ئىشلىرىدا يۇقارقىدەك قىلساق اللە خالىسا ئازمايمىز.

خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەس شەخسەن ئۇزۇمدىكى خاتالىق كۆرسىتىپ قويغايسىلەر. توغرا بولغان بولسا بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان پەزلى مەرھىمىتى............

اللە ھەممىمزىنى رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى بۇيىچە ماڭىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلۋەتسۇن
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 18:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ساھابى ،رھسۇلىللاغا مەن ھىشام بىر قەۋرىستانلىقنقڭ ئۇستى بۇلمەي يىتىپ قاپتىمەن،قارىسام بىرسى تاباراك سۇرىسىنى ئوقۇپ تۇەاتتى دىگەن،رەسۇلىللا تاباراك سۇرىسى ئازاپنى يەڭگىللىتۇ دىگەن،بۇنى قانداق چۇشەنسەك بولا...........................

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 19:41:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك rasull قېرىندىشىم.
مەن ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا مەجبۇرمەن، چۈنكى بۇ ساوئاللارنىڭ ئەمدى تەمى قالمىدى! باشقا ئىپادە قوللانغۇم يوق!!!
يەنە كېلىپ يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ تېما ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ھەمزە ئەپەندى دەسلىپىدە ئالدىراقسانلىق بىلەن مەنبەسىنى زىكرى قىلماستىن تېما يوللاپ سالدى... ئەمما كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى كېيىن يوللىغان تېمىلىرىدا ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ...
سىز يوللىغان مەزكۇر سوئالنى qutluq ئەپەندى بىلەن سىز ئاز دېگەن 10 قېتىم چاپلاپ بولدۇڭلار، ھەمزە ئەپەندىمۇ ئۇنىڭغا بەزىدە سۇكۇت قىلدى، بەزىدە جاۋاب بەردى...
ھەمزە ئەپەندى ھەر قېتىم تېما ياكى ئىنكاس يازسا ئىككىڭلارنىڭ بىرىڭلار ئۇ بۇرادەرنى تەۋبىگە دەۋەت قىلىسىلەر ۋە مەزكۇر سوئاللارنى تاشلايسىلەر!
قېرىندىشىمىز دىندىن چىقىپ كەتتىمۇ؟ نېمىگە تەۋبە قىلىدۇ؟ كىمگە تەۋبە قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن دەسلىپىدە ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا قارىتا بۇنچىۋالا ئاداۋەت ساقلايمىز؟
ئۇ قېرىندىشىمىز دەسلەپتە تۈپتىن قارشى چىققان بىر مەسىلە ھەققىدە سىزنىڭ بىر تېمىڭىز سەۋەبلىك ئىزدەنگەنلىكى ۋە توغرىنى تېىۋالغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ بىر كىشىنىڭ بىر خاتالىقى يۈزىسىدىن پۈتۈن ئەمگىكىنى يوققا چىقىرىۋېتىدىغان ئادىتىمىزنى بىرلىكتە ئۆزگەرتىشىمىز ۋە تۈزىۋېلىشىمىز لازىم...
ھەمزە ئەپەندى سىزمۇ دىققەت قىلغايسىز! ھەر قېتىم تېما ياكى ئىنكاس يازغاندا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇش ئادىتىڭىز بار ئىكەن! بۇنىڭ ئىسمى مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىكىن، يازغان تېمىلارنىڭ مۇنازىرىسى چ چ دا ئەمەس، شۇ تېمىنىڭ داۋامىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك! ئۇنداق بولمىغاندا قېرىنداشلارنىڭ كاللىسىغا «بۇ بۇرادەر مۇنبەرگە باشقا بىر نەرسە يوللاپ قويۇپ، چ چ دا باشقا گەپ قىلالدىغان ئوخشايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار كېلىپ قالىدۇ! شۇڭا تېما يوللىغان ئىكەنمىز، ئىلمى تەنقىدكە ئوچۇق بولىشىمىز كېرەك! ئىنكاس قايتۇرىدىغان قېرىنداشلارمۇ تەنقىد قىلىشتا ئىلمىي بولۇشقا، تېما ياكى ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارنى رەجىتىدىغان، بولۇپمۇ باشقىلارنى تەۋبىگە چاقىرىدىغان، باشقىلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان ئىپادىلەردىن يىراق تۇرغان ھالدا، ئايەت-ھەدىستىن دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئىنكاس يېزىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ھەممىمىز بۇنىڭغا دىققەت قىلساق.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن سىز يوللىغان بۇ تېمىدىكى چ چ نۇمۇرىڭىزنى چىقىرىپ تاشلايمەن. بۇندىن كېيىن بۇ ئادىتىڭىزنى تاشلىغايسىز.
قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن قېرىندىشىڭىلار ئادمىن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 01:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە!

2-قەۋەتadminنىڭ2010-08-27 19:41يازمىسىغا نەقىل؛ قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە! :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم.
مەزكۇر سوئالنى qutluq ئەپەندى بىلەن سىز ئاز دېگەن 10 قېتىم چاپلاپ بولدۇڭلار، ھەمزە ئەپەندىمۇ ئۇنىڭغا بەزىدە سۇكۇت قىلدى، بەزىدە جاۋاب بەردى...
=====================
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادمىن ئەپەندى.
ئەسلىدە بۇ مۇنازىرىگە باشقۇرغۇچىلاردىن بىرىڭلار بالدۇرراق قاتنىشىپ بىر تەرەپ قىلغىنىڭلار ياخشى ئىدى. مۇنۇ تېمىدا كىمنىڭ نېمە چاپلىغانلىقىنى كۆرەلمىدىم.بىراق، سىزنىڭ بىرتەرەپلىمە ھالدا: بەزىدە جاۋاب بەردى، دېيىشىڭىزنىڭ ئاساسى يوق. سەۋەبى: ئۇ سوئاللارغا ھەمزە ئەپەندى داۋاملىق جاۋاب بەرمەي بىر قېتىملا جاۋاب بەرسە بولاتتى. ئەپسۇس، بىر قېتىممۇ جاۋاب بەرمىدى. چۈنكى، ئاساسسىز بولغاچقا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.سىز دېگەنبەزىدە جاۋاب بەردى، ماڭا چۈشىنىشلىك. يەنى ھەمزە ئەپەندى   رەقىمى، شەرھىسى ئايرىلمىغان بىرلا سوئالغا جاۋاب بەردى. باشقىلىرىغا جاۋاب بەرمىدى.مۇشۇنى: بەزىدە جاۋاب بەردى، دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالمىغانسىزما؟
يەنە يازمىڭىزدا ھەمزە ئەپەندىنى دىندىن چىقمىغاندىكىن ئۇنچىۋىلا قىپ كەتسلىكنى تەۋسىيە قىپسىز.
دەپ بېقىڭە، دىندىن چىقسىلا ھېسابما؟ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يالغان ۋە زەئىف ھەدىس دەردىنى ئاز تارتتۇقما؟ رەسۇلۇللاھ نامىدىن يالغان ھەدىس توقۇش باشقۇرغۇچىلارغا چوڭ خاتالىق بىلىنمەمدا؟  مەنغۇ تەۋبە قىلىڭ، دېمەي : جاۋاب بېرىڭ، دېدىم.ئەجەبا رەسۇلۇللاھ نامىدىن ھەدىس توقۇغانغا تەۋبە قىلىش ئارتۇق كېتەمدا؟ ئەجەبا تورغا پۇل ئىسراپ قىلىپ توردا مېنى ھەمزە ئەپەندى بىلەن قېرىشىۋاتىدۇ، دەپقالدىڭىزما؟ ھەمزە ئەپەندى بىلەن  بېمىدەپ ئاداۋەتلەشكۈدەكمىز؟ ھەدىس توقۇش ئىشىنى ئالدىراقسانلىق، دەپ سۈپەتلەشكە نېمە ئاساسىڭىز بار؟ ئەگەر،يەتتە سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدىم،بۇنىڭ ئىچىدە ھەدىس توقۇپ سالغانلىرىمممۇ بار، كەچۈرۈڭلار، دەپ يازمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتسە، بولاتتىغۇ؟ ئۇنداق قىلالمىدى. سەۋەبى: كىبر ئۇنى بۇنىڭدىن  توختاتتى. ئەپۇ قىلىش ، يول كۆرسىتىش دېگەن بىلمىگەن قېرىنداشلارغا لايىق. ساختا بىلەرمەنگە يول كۆرسەتسە تېخىمۇ ئەدەپ كەتمەمدا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ خوش، ئاللاھقا ئامانەت.

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 15:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن بۇ مۇنبەرگە مەلۇم بىر قېرىندىشىمنىڭ باشلىشى بىلەن كىرگەن. ھەم ئىسلامىي مۇنبىرى ئكەنلىكىنى كۇرۇپ قەلبىم شۇنچە يايراپ كەتكەن. ئەمما بۇ مۇنبەردە بەزى قېرىنداشلىرىمىز كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئېسلىۋېلىپ ھەدەپ ئىختىلاپلىشىپ ئۈزىنىڭكىنى راسقا چىقىرىشقا تىرشىدىكەن.

ئىسلام دىنى ئۇنداق تار مەنىدە چۇشىنىۋالىدىغان دىن ئەمەس.

مىنى بەزىلەر يالغان ھەدىس تۇقۇدۇڭ دىدى . مەن اللەتىن قورقمايمەنما؟ يالغان ھەدىس تۇقۇشنىڭ قانچىلىك گۇناھ ئىكەنلىكىنى
مەن بىلمەسمەنما؟   مەن بۇ يەردە ‹يالغان›دىگەن ھەدىسلارنى بۇخارى ،پەتھۇلبارى.مۇسلىملاردىن ئالغان. ھەتتا بىر نەچچە قېتىم شۇ ھەدىسلارنىڭ قايسى باب قانچىنچى ھەدىس ئىكەنلىكىنى يازساممۇ يەنىلا ئۆز ەىپىدە چەڭ تۇردى.

مەن بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قورقۇپ يۇرەكلىك تىمىمۇ يازاممايدىغان بۇلۇپ قالدىم. چۇنكى رەسۇلۇللەنىڭ
سەھى ھەدىسىدىن بىر يالغان ھەدىس بۇنى رەسۇلۇللە دىمىگەن دىسە كاپىر بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىدا شەك يوق. مەن باشقىلارنىڭ
گۇناھكار بۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولماي دەپ ناھايتى ئىھتىيات قىلدىم.
ئەھلى سەلەپلەر بىرەر ھەدىسنى ئاڭلىسا ئۇ ھەدىسكە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن تىزلىنىپ قالاتتىكەن. ئەمما ھازىرقى مۇسۇلمانلىرىمىز تەپ تارتماي ئەھلى سۇننەۋەلجامائە مۇسۇلمانلىرى سەھىھلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسىنى يالغان
دەۋاتىدۇ. بۇلارغا بۇنچە يۇرەك قەيەردىن كەلگەندۇ

ئىسلام مۇنبىرىدىكى تۇلا تىمىلاردا داۋاملىق كۇرلىدىغىنى دەتالاش. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش پەرز ئىدىغۇ.
ئىسلامنى يىڭىدىن چۇشۇنۇشكە باشلىغان بەزى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ مۇنبەرگە باشلاپ كىرسەم ئۇلار ئۇزىنىڭ بەكلا قايمۇقۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن كۇچۇمنىڭ يتىشىچە ھەممىسنى توغرىسىنى چۇشەندۇردۇم.
بىزنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرىشتىكى مەقسىتىمىز جەزمەن اللەنىڭ دىينىنى يەتكۇزۇش بىلگەنلىرىمىزنى بىلدۇرۇش.بىلمىگەنلىمىزنى
بىلىش.

مىنىڭ چ چ نۇمۇرمنى چىقىرىشتىن مەقسەتمۇ ئازراق بولسىمۇ ئىختىلاپنى تۇگىتىش ئىدى. توغرا كىچىك مەسىلىلەردە ئىزدىنىش
اللەنىڭ رەھمىتى. ئەمما جۇمھۇر ئالىملار ئايرىپ بولغان بەزى ئىشلار توغۇرلۇق ئىزدىنىش ئىختىلاپقا ئېلىپ بارىدۇ. ئىختىلاپ
پىتنىگە سەۋەب بۇلىدۇ. پىتنە بولسا اللە قۇرئاندا پىتنىنى ئادەم ئۆلتۇرۇشتىمۇ يامان دىگەن.   مەن تۇزۇتەي بۇندىن  كىيىن چ چ
نۇمۇرۇمنى چىقارماي.

مەن پەقەت باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئۇزۇم كۇرۇپ باقمىغان ھەدىستىن بىرنى يازغان. مەن بۇنىڭغا اللەتىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
ئۇ ھەدىس نىيەت قىلغاندا ئۇقۇيدىغان دۇئا ئىدى. .ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەر كىتابتىن ئىنىق كۇرۇپ ئاندىن يازغان.
ئەپسۇس بەزى قېرىنداشلىرىم يالغان غا چىقاردى.
مەن بۇلارغا سەبىر قىلدىم.

مەندىن رەنجىپ قالغان قېرىنداشلار بولساڭلار مىنى كەچۇرۇڭلار. ئەمما خاتالىشىپ قالغان يەرلىرىم بولسا چىرايلىقچە
بىلدۇرۇپ قۇيۇڭلار . پىشىن ۋاقتى بۇپ قاپتۇ مەن نامازغا چىقاي...

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 16:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ھەمزە
ئوقۇشماسلىقلارنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! سىزمۇ تىما،ئىنكاسىڭىزغا نىسپەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچان بولسىڭىز!
Say: He is Allah, the One and Only

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 16:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە!

3-قەۋەتqutluqنىڭ2010-08-28 01:12يازمىسىغا نەقىل؛ Re:قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە! :

=====================
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادمىن ئەپەندى.
ئەسلىدە بۇ مۇنازىرىگە باشقۇرغۇچىلاردىن بىرىڭلار بالدۇرراق قاتنىشىپ بىر تەرەپ قىلغىنىڭلار ياخشى ئىدى. مۇنۇ تېمىدا كىمنىڭ نېمە چاپلىغانلىقىنى كۆرەلمىدىم.بىراق، سىزنىڭ بىرتەرەپلىمە ھالدا: بەزىدە جاۋاب بەردى، دېيىشىڭىزنىڭ ئاساسى يوق. سەۋەبى: ئۇ سوئاللارغا ھەمزە ئەپەندى داۋاملىق جاۋاب بەرمەي بىر قېتىملا جاۋاب بەرسە بولاتتى. ئەپسۇس، بىر قېتىممۇ جاۋاب بەرمىدى. چۈنكى، ئاساسسىز بولغاچقا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.سىز دېگەنبەزىدە جاۋاب بەردى، ماڭا چۈشىنىشلىك. يەنى ھەمزە ئەپەندى   رەقىمى، شەرھىسى ئايرىلمىغان بىرلا سوئالغا جاۋاب بەردى. باشقىلىرىغا جاۋاب بەرمىدى.مۇشۇنى: بەزىدە جاۋاب بەردى، دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالمىغانسىزما؟
يەنە يازمىڭىزدا ھەمزە ئەپەندىنى دىندىن چىقمىغاندىكىن ئۇنچىۋىلا قىپ كەتسلىكنى تەۋسىيە قىپسىز.
.......
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم قۇتلۇق!
ھەمزە قېرىندىشىمىز، بۈگۈن يازغان ئىنكاسىدا باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر دۇئانى يېزىپ سالغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ھەدىسلەرنى ئالغان مەنبەلەرنى كۆرگەندىن كېيىن مەنبەلىرى بىلەن يازغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. يەنى بەزى قېرىنداشلارنىڭ «تەۋبە» تەلىۋى ئورۇندالغان بوپتۇ! چۈنكى ئىسلامدىكى تەۋبە مۇشۇنداق بولىدۇ، بەندىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈپ سالغان كەمچىلىك بولسا ئەپۇ سورىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالغان بولسا ئاللاھتىن ئەپۇ سورىلىدۇ، شۇنداققۇ قېرىنداشلىرىم؟ بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى: مەنبەسىنى كۆرسەتمەستىن ئاڭلىۋالغان ياكى يادلىۋالغان بىر ھەدىسنى نەقىل قىلىش بىلەن ھەدىس توقۇش ئوتتۇرىسىدا جىق پەرق بار! بۇنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك...

ھۆرمەتلىك قۇتلۇق، رەسۇل ۋە ھەمزە قېرىنداشلىرىم!
ئاخىرىدا سىلەردىن تەلىۋىم شۇكى بۇ مەسىلە مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشسۇن قېرىنداشلىرىم! بۈگۈندىن ئتىبارەن كۆڭلىمىز ئاغرىغان تەرەپلىرى بولسا ئەپۇ قىلايلى! چۈنكى بىلىسىلەر رامىزاننىڭ ئىككىنچى ئونى مەغفىرەتتۇر. بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆتىلەپ قالغان كەمچىلىكلەر بولسا ئەپۇ - مەغفىرەت قىلايلى! بىر-بىرىمىز بىلەن تىركەشمەيلى، كەمچىلىكىمىز بولسا چىرايلىقچە تۈزىتىش بىرەيلى، شۇنداق قىلساق، كەمچىلىكىنى كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىزمۇ كەمچىلىكىنى تۇنۇپ يېتىپ يا ئاللاھتىن ئەپۇ سورايدۇ ياكى بولمىسا قېرىنداشلىرىدىن كەچۈرۈپ سوراش ئارقىلىق خاتالىقىنى تۈزىتىۋالىدۇ. مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكى ئەمەسمۇ، قېرىنداشلىرىم! ئەينەكنى سۇندۇرۇپ تاشلىمايلى! شۇنداقلا ئەينەكمۇ بىزگە قۇسۇرىمىزنى چىرايلىقچە كۆرسىتىپ بەرسۇن!
بۈگۈندىن بشلاپ ھەر بىر قېرىندىشىم يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىككە، قېرىندىشى ھەققىدە يامان گۇمان قىلماسلىققا (چۈنكى بۇ ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ ئايىتى ئارقىلىق چەكلەنگەن!) ۋە قېرىندىشىنى ھەر خىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلغاي!ئەگەر بۇنى قىلالمىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان:«كىشى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە (ھەقىقىي) ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارىي، 13) دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمىغان بولىمىز. قېرىندىشى ئۈچۈن بۇ بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، بۇ ئەخلاققا ئىگە بولغانلار ھېچقاچان پۇشايمان قىلمايدۇ!
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەت قىلسۇن، رازىلىقىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھەر خىل سۆز، ھەرىكەت ۋە فىئىللەردىن ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن، ئامىين!!!
www.uighurislam.net

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 16:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. اللە ھەممىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن. بىز يەنىلا قېرىنداش. بىز ھەممىمىز اللەنىڭ مەغپىرىتىنى ئۈمىت قىلىمىز

مەن بۇ ئىشلاردىن كىيىن ھەدىس يازسام جەزمەن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يازىدىغان بولدۇم، بۇرۇن ھەدىسلارنى يېزىۋىرەتتىم.

چۇنكى ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئۇزۇمدەك ئويلاپتىكەنمە.

بىر ھىسابتا بۇمۇ ياخشى بولدى. بۇنىڭدىن كىيىنكى تىمىلىرىم تېخىمۇ كۇچلۇك چىقىدىغان بولدى.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام رەسۇل قېرىندىشىم. اللە خالىسا سىز دىگەندەك قىلىمەن. ئەگەر خاتالاشسام چىرايلىق يۇسۇندا
كۆرسىتىپ قۇيارسىز. قۇپاللىق كۇپپارلارغىلا خاس.   

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 18:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-قەۋەتhamza0903نىڭ2010-08-28 15:23يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن بىلمەسمەنما؟   مەن بۇ يەردە ‹يالغان›دىگەن ھەدىسلارنى بۇخارى ،پەتھۇلبارى.مۇسلىملاردىن ئالغان. ھەتتا بىر نەچچە قېتىم شۇ ھەدىسلارنىڭ قايسى باب قانچىنچى ھەدىس ئىكەنلىكىنى يازساممۇ يەنىلا ئۆز ەىپىدە چەڭ تۇردى

.......
=============
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئەگەر سۆزىڭىز دىنغا مۇناسىۋەتسىز بولسا ئىدى، ئىشىمنى قىلاتتىم، ئاۋارە بولماي. ماۋۇ ئىنكاسىڭىزدا سەمىيمىيەت ئەمەس كۆز بويامچىلىق بار. ئۇ يەتتە سوئالنىڭ جاۋابى سىز دىگەن كىتابلاردا يوق.ھەم دەپ بېرەلمىدىڭىز، دەپ بېرەلمەيسىز. يەنە سەمىڭىزدا بولغايكى، پەتھۇلبارى ھەدىس توپلاملىرى قاتارىدا سانالمايدۇ،مەنبە: دېگەنگە ئۇ كىتابنىڭ نامىنى يېزىپ قويۇش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئۇ دېگەن ھەدىس شەرھى كىتابى.

ئەمما ھازىرقى مۇسۇلمانلىرىمىز تەپ تارتماي ئەھلى سۇننەۋەلجامائە مۇسۇلمانلىرى سەھىھلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسىنى يالغان
دەۋاتىدۇ. بۇلارغا بۇنچە يۇرەك قەيەردىن كەلگەندۇ

مۇنبەردە كىم بۇخارى، مۇسلىملار ھەدىسنىنى يالغان، دېدى؟ماۋۇ كاززابلىققا پاكىت بارمۇ؟

ئۇ ھەدىس نىيەت قىلغاندا ئۇقۇيدىغان دۇئا ئىدى. .ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەر كىتابتىن ئىنىق كۇرۇپ ئاندىن يازغان.
ئەپسۇس بەزى قېرىنداشلىرىم يالغان غا چىقاردى.

كىتابتىن ئېنىق كۆرگەن بولسىڭىز يېزىپ قويسىڭىزلا ‹‹ھەدىس تۇقۇش ئۇستىسى››،دېگەن نامدىن قۇتۇلاتتىڭىز. ئەپسۇس،بۇنىمۇ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدىڭىز.چۈنكى،دېيەلمەيسىز. بۇگېپىڭىز قىپقىزىل يالغانچىلىق. بۇ گېپىڭىزگە ئادمىن ئەپەندى قانداق چۈشەنچتە بولاركىن؟

سىز يەنە: ئىسلام دېگەن تارمەنىدە چۈشىنىۋالىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى دانالارچە ئوتتۇرغا قويۇپسىز.بىلىپ قېلىڭ:ئىسلامنى كەڭ مەنىدە  چۈشىنىش بىلەن ھەدىس توقۇشنىڭ ئالاقىسى يوق.

يەنە قېرىنداشلارغا مەلۇم بولغايكى، بۇ يەردە ئاداۋەت مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا چىقىرىش جەريانىدىكى مۇنازىرە، خالاس.

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 10:44:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتلۇق ئەپەندى:

مەن مۇساپىر نىڭ ھۆكمى دىگەن تىمىدىكى ھەدىسلەرنى راسلا بۇخارى ۋە مۇسلىم پەتھۇلبارىيدىن ئالدىم. مەنمۇ پەتھۇلبارىينى ھەدىس توپلىمى دىگىنىم يوق. بۇخارىنىڭ ھەدىسلارنىڭ شەرھى. بۇنى ئەسكەرتمىسىڭىز مۇ ياخشى بىلىمەن. مەن ئۇ ھەدىسلەرنى
يۇقۇرقى كىتابلاردىن ئالغانلىقىمغا اللە بىلەن قەسەم قىلالايمەن. قېنى سىز ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يالغانلىقىغا اللە بىلەن قەسەم قىلىڭ.
سىز نىمىگە ئاساسلىنىپ يالغان دەيسىز. مەن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يۇقۇرقى كىتابلاردىن ئېلىنغانلىقىغا اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدىم
ئەمدى سىز يالغان دىگەن سۈزىڭىزگە اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭ. بولمىسا سىزنى كاززاپ،بوھتان چاپلۇغۇچى دەيمىز.

شەرىئەتتە بوھتان چاپلىغۇچىلارغا بىرىلىدىغان جازانى بەلكىم بىلىدىغانسىز ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم.

سىزنىڭ جاھىللىقىڭىزدىن بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.

اللە ھەممىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 17:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9-قەۋەتhamza0903نىڭ2010-08-29 10:44يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتلۇق ئەپەندى:

يۇقۇرقى كىتابلاردىن ئالغانلىقىمغا اللە بىلەن قەسەم قىلالايمەن. قېنى سىز ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يالغانلىقىغا اللە بىلەن قەسەم قىلىڭ.
سىز نىمىگە ئاساسلىنىپ يالغان دەيسىز. مەن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يۇقۇرقى كىتابلاردىن ئېلىنغانلىقىغا اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدىم.......
=================
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەمزە ئەپەندى.
سىز رەسۇلۇللاھ نامىدىن ھەدىس توقۇيالىغانىكەنسىز، ئىككىلەنمەستىن ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلالايىسىز. يەتتە سوئالغا: بىرىنچى، ماۋۇنىڭ مەنبەسى ماۋۇ. ئىككىنىچى، ماۋۇنىڭ مەنبەسى ماۋۇ، دەپ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىۋەتسىڭىزلا بولىدىغۇ؟ مەن كىتابتىن ۋاراقلىسىلا توغرا، خاتالىقى ئايان بولىدىغان ئىشقا قەسەم قىلمايمەن. بىلىپ قېلىڭكى، ھەدىسنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكى قەسەم بىلەن ئەمەس، سەنەد بىلەن ئايرىلىدۇ.شۇڭا، ياكى ھەدىس توقۇپ ساپتىمەن، دەڭ. ياكى بىربىرلەپ مەنبەسىنى يېزىۋېتىڭ. قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ.

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 12:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللەنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم كار قىلمىغان ئادەمگە باشقا نەرسە كار قىلمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ نەزرىدە
اللەتىن كاتتا نەرسە مەۋجۇتمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر سىز ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن بۇلىدىغان بولسىڭىز اللە بىلەن قىلىنغان
قەسەم بىلەن كۇپايىلىنەتتىڭىز. بىراق سىز اللەنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەمنىمۇ كۆزگە ئىلمىدىڭىز.

يا ئۇ ھەدسىلەرنىڭ يالغانلىقىغا اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ بىرەلمىدىڭىز. يا ئۇ ھەدىسنىڭ راسلىقىغا اللەنىڭ نامى بىلەن
قىلىنغان قەسەم بىلەن كۇپايىلەنمىدىڭىز. سىز ھەقىقى جاھلىكەنسىز.
ئەمدى سىزگە يازىدىغان خېتىممۇ يوق. اللەتىن ھەممىمىزگە ھىدايەت تىلەيمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 15:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە باشقا گەپ كار قىلمىغۇدەك.ماۋۇلارغا جاۋاب؟؟؟؟؟؟؟؟؟
1.

سوھۇرلۇقنى يەپ بۇلۇپ نىيەت قىلغاندا < ئى اللە نىيەت قىلدىممەن  مەن بۇرۇزىنى سوھور ۋاقتىدىن ئىفتار ۋاقتىغىچىلىك. نىيتىمنى قۇبۇل قىلغايلا> مانا بۇ ھەدىستا كۆرسەتكەن دۇئا.
============
بۇنىڭ مەنبەسى نەردە؟ بۇنى رەسۇلۇللاھ دېگەنمۇ، ياكى رەسۇلۇللاھ نامىدىن ۋاكالەتەن سىز دەپ تۇردىڭىزمۇ؟
(ئەسلى ئورنىدا جاۋاب چىقمىغاچ بۇ يەرگە كۈچۈرۈلدى)

2
ئىمام شافى رەھىمەھۇللە مالىكتىن ئۇ ئىبنى شىھابتىن ئۇ سالىمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ئىبنى ئۇمەر ئۇلىغىغا مىنىپ بىر يەرگە باردى ۋە نامازنى قەسىر قىلدى . دىدى مالىك مۇنداق دەيدۇ ئىبنى ئۇمەر نىڭ ماڭغان ئورنىدىن بارغان شەھەر4 بۇرد كىلەتتى.
===========
قايسى كىتاب قايسى بابتىن؟


3

تائۇستىن ئۇ ئىبنى ئابباستىن رەسۇلۇللە مۇنداق دىدى ئى مەككە ئەھلى سىلەر بىر كۇن ئىچىدىكى سەپەردە نامازنى قەسىر قىلماڭلار ۋە بىر كۇنگە يەتمەيدىغان مۇدەتتە نامازنى قەسىر قىلماڭلار.
===========
قايسى كىتاب قايسى بابتىن؟ئىشەنچلىكمۇ ئىشەنچسىزمۇ؟



4
جۇبەير ئىنى نەفىر مەن بىر كۇنى شەرھەبىل ئىبنى سەمىت بىلەن بىر يېزىغا سەپەرگە چىقتىم ئۇ 17 مىلغا ياكى 18مىلغا يەتكەندە نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇدى ۋە مەن ئۇمەرنى زۇلھەيفەدە نامازنى قەسىر قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم دىدى . مەن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللەمۇ مۇشۇنداق قىلغانمۇ دىسەم، ئۇ: ھەئە ئۇمۇ شۇنداق قىلغان دىدى (692.ھەدىس)
============
قايسى كىتاب قايسى بابتىن؟ئىشەنچلىكمۇ ئىشەنچسىزمۇ؟

5
رەسۇلۇللە 4بۇرد يول ماڭسا نامازنى قەسىر ئۇقۇغان ۋە مۇساپىر ھىسابلانغان
===============
قايسى كىتاب قايسى بابتىن؟ئىشەنچلىكمۇ ئىشەنچسىزمۇ؟

6
مۇشۇ بۇيىچە ھىسابلىغاندا تەخمىنەن 80كىلومىتىردىن ئۇشۇق يول يۇرگەن كىشى مۇساپىر بۇلىدۇ. مانا بۇ ھەدىسى رەسۇلۇللەنىڭ كۆرسەتمىسى.
===============
قايسى ھەدىسنڭ؟ ئىشەنچىلىكمۇ، ئىشەنچسىز؟




بۇلارغا باشقىلار جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 12:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : تورداشلار ! ياخشىمۇ سىلەر ؟ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ؛ ھەق باراسىدا سىلەر بىلەن پىكىرلىشىش ئۈچۈن يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەن مەن .
ئەمدى تورداشلارنىڭ يۇقارقى تالاش تارتىش قىلىۋاتقان (يەنى نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش توغۇرسىدىكى )مەسىلىگە  كەلسەك ،
بۇنىڭغا ئۇنىڭ سەھىيلىكىنى ئايرىماي تۇرۇپ (يەنى ھەقىيقەتلىكىگە )باھا بىرەلمەي تۇرۇپ ئۇ كىتاپتىن ئالغان ، مۇسلىم رىۋايەت
قىلغان ، پەيغەمبىرىمىزنىمۇ دىگەن دەپلا قۇيۇش كار قىلمايدۇ . دىمەك بىز ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ ھەقىيقەتلىكىنى ئايرىشتا شۇڭا ئاۋال قۇرئان كەرىمگە ئىلتىجا قىلغىنىمىز ياخشى .چۈنكى ئاللاھ ! قۇرئان كەرىمنى  بىزنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ توغۇرا يولدا بولسۇن دەپ ، ئىسلام شەرىيئەتلىرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ، ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان . شۇڭلاشقا  شۇ ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرىمۇ ھەرقانداق ئىشقا ھۈكۈم چىقىرىشتا ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسى بۇيۇنچە ھۈكۈم قىلىدۇ . مۇشۇ  نامازنى قانداق ۋاخىتتا؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ؟ قەسىر قىلىش توغۇرلۇقمۇ ئاللاھ  مۇنداق دىگەن:
يەنى [سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزەڭلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)]4-101-ئايەت.
دىمەك بۇ توغۇرلۇق قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ يۇقارقىدەك ھەق سۆزلىرى بار . (يەنى سەپەرگە  چىققان ۋاختىمىزدا ) بۇ  ئۇنىڭ ۋاختىنىڭ قانچىلىك بۇلۇشىنى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ، كىش يۇرتىدا مۇساپىر بولغانلارغا قارتىلغان .  ئەمما ئاللاھنىڭ مۇنداق دىگەن تەۋسىيەسى  بار. (يەنى كاپىرلارنىڭ ئۆزىڭلارغا بىرەر زىيان زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇپ )دىگەن تەۋسىيەسىگە ئاساسەن ؛  بىز مەيلى نەگىلا سەپەرگە چىقايلى،  كاپىرلارنىڭ زىيانكەشلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نامازنى ئۇ سەۋەپ بۇ سەۋەپ، دىمەك دۇنيا تىرىكچىلىكىنى دەپلا (يەنى تىنىچ ئامان ئىسەن تۇرۇپمۇ )نامازنى قەسىر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ . بۇ ھەقتە يەنا ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى[قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كىتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار) ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۈگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمرقىلىغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)]2-239-ئايەت.
دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، ئاللاھ ئىنسانلارنى :  قورقۇنۇچتا قالغان چاغلاردا مەيلى يول يۈرۋېتىپ بۇلامدۇ ۋە ياكى ئۇلاغ ، قاتناش ئۈستىدە بۇلامدۇ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇيلىۋېرىشكە ، دىمەك نامازنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ قازا  قىلماسلىققا قۇرقۇنۇچ تۈگۈگەندە ئاللاھ نامازنى قانداق ئۇقۇشقا تەۋسىيە قىلغان بولسا شۇ بۇيۇنچە ئۇقۇشقا تەۋسىيە قىلغان . شۇڭلاشقا ھەتتا قۇرقۇنۇچتا قالغان چاغلاردىمۇ نامازنى تەركى ئىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇكى  ئەمما قەسىر قىلىپ ئۇقۇشقا بۇلىدۇ . بىراق سەپەر ئۈستىدە بولساڭمۇ قۇرقۇنۇچتا قالمىغان ئەھۋالدا نامازنى قەسىر قىلماستىن ، بەلكى نامازنى  ئاللاھ بۇيرىغان ئەككاملىرى بۇيۇنچە ئۈتۈمىسەك بولمايدۇ .قالدىسىغا ئىنكاسىمنىڭ ئىدىيىڭلاردىن ئۈتۈپ كىتەلمىگەن جايلىرى بولسا ، ئىسىڭلاردا بولسۇنكى سۆزلىگۈچىلەر ھەقنى دەلىللەپ تۇرۇپ سۆزلەڭلار ئاندىن باشقىلارنى قايىل قىلالايسىلەر . پىكىرلىشەر بولساق ھەق باراسىدا پىكىرلىشەيلى . چۈنكى ھەقتىن باشقىنى سۆزلۈگۈچىلەر زىيان ئىچىدەدۇر .

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 14:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : تورداشلار ! بۇ تىمىدىكى توردىشىمىز ھەمزىنىڭ ئىدىيسىدە تېخى ئايدۇڭلىشالمىغان بىر مەسىلە شۇكى ؛
يەنى( بىرسى مىيىتقا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇسا بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟) يەنى (مۇسۇلمان مەسچىت ياكى ئۆز ئۈيىدە ئوتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇسا تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندا اللەقا ئۇقۇلغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ مىيىتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىسە بۇلىدۇ) دىيىلگەن ،
   بۇنىڭغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمىزكى  بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ قۇرئاننى تىرىكلەرگە ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ توغۇرا يولدا بولسۈن ئۈچۈن قانۇن قىلىپ ، نازىل قىلغان . بۇ ھەقتە يەنى ئاللاھ  ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن :
يەنى[ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز- نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر]36-69-ئايەت.
[سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن]27-80.
دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇنداق بولغان ئىكەن  قۇرئاننى قەۋرە بېشىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇندىن باشقا جايلاردا بولسۇن ئۇنى ئۇقۇپ ئۈلۈكلەر ئۈچۈن ،  ئاللاھ  بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ياكى رەخمىتى ئوتتۇرسىغا  ۋاستە قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . چۈنكى قۇرئان ئۇ ئاللاھ نىڭ  پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چۈشۈرۈلگەن قانۇنى بۇلۇپ ، قانۇن دىگەننى ھەر ئادەم (يەنى تىرىكلەر  ئۆزى ئۇقۇپ بىلىپ ئاندىن ئجىرا قىلىدىغان ) نەرسە . دىمەك قانۇن دىگەن ئۇنى كىم ئىجىرا قىلسا  شۇنى توغۇرا يولدا قىلىدىغان نەرسە ، ئۇنداق باشقىلار ئۈچۈن  باشقىلار ئىجىرا قىلىپ  قۇيىدىغان نەرسە ئەمەس . دىمەك  قۇرئاننى  ئاللاھ  تىرىكلەرگە ۋەز  نەسىيئەت ئالسۇن ئۈچۈن ، ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان .
شۇڭا قۇرئاننى مەيلى ئۈلۈكلەر بولسۇن ۋە ياكى تىرىكلەر بولسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇ ،   ئۇقۇيدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئاللاھ نىڭ رىزالىقىنى كۆزلىگەن ھالدا ھەر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى  بىلىپ ئۇقۇپ ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلدۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ تۇرىدىغان قانۇندۇر  . شۇڭلاشقا ئىنسانلار  قۇرئاننى  ۋە ياكى  ھەرقانداق دۇئالىرنى  ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرسىغا ۋاستە قىلىشقا بولمايدۇ .  ھەي  ئىنسانلار! بۇلارنى ئويلاپ كۆرمەيمىزمۇ ؟ چۈنكى ھەر قانداق  بىر ئىنساننىڭ  نامە - ئەمەللىرىگە قاراپ ئاللاھ  ئۇنىڭغا  جەننەتنى ۋە ياكى دۇزۇخۇلىقنى پۈتۈۋەتسە ، بىز ئىنسانلار تېخى ئۆزىمىزنىڭ ھالى قانداق بۇلار بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ، ئۈمۈت قىلىمىز دەپ ، ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرسىغا ئارىغا چۈشۈدىغانغا بىز نىمىيتتۇق ؟ دىمەك ئاللاھ  نىڭ ئىرادىسى ئالدىدا بىز بەندىلەرنىڭ ئۈمۈدى نىمىگە يىساپتى ؟ ھەي ئىنسانلار  ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ئىش ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ ، ئۈمۈتلىرى  بۇيۇنچە بولمايدۇ . ئاللاھنىڭ خاھىشى بۇيۇنچە بۇلىدۇ . دىمەك كىمكى قۇرئاننى ئۆزىگە قانۇن قىلىپ ،  ئاللاھنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىردىن ھالقىپ كەتمەيدىكەن  ئۇ  ئىككىلا  دۇنيادا ئۆزىگە  نىجاتلىقنى ئۆزى تاپىدۇ . كىمكى ياراتقۇچىسىغا ئاسىيلىق  قىلىپ  ، نۇرلۇق كىتاپسىز ھالدا ،  تەرسالىق قىلىپ ھەقتىن يۈز ئۆرىيدىكەن (يەنى  بىتئەت ئىتىقاتلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ) ھەقنى ئىنكار قىلىدىكەن . ئاللاھ دىن ئىزنىسىز ھېچ ئىنسان ئۇنىڭغا  شاپائەت قىلالمايدۇ . دىمەك ھەر ئادەم ئۇ  مەيلى ھاياتى دۇنيادا بولسۇن ۋە ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن ئۆزىنىڭ  قىلغان  ئەمەلىنىڭ نەتىيجىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ . دىمەك رىياللىقتىن  ئالساقمۇ باشقىلارنىڭ قۇسىغى ئاچسا ، بۇنىڭ ئۈچۈن  تاماقنى باشقىلار يەپ قويسا ، قۇسۇقى ئاچقانلارنىڭ  قۇسۇقى تۇيامدۇ ؟ دىمەك تاماقنى كىم يىسە شۇنىڭ قۇسىقى تۇيىدۇ . مانا بۇ بىر ھەقىيقەتقۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشىرىكلار ! ئاللاھ غىلا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا ، يەنى ئۇنىڭ ئەكسىچە جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ئارىغا ئىنسانلارنى ۋاستە قىلىپ ، داللال سالغىنى بىلەن . ئەمما ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرسىغا ئارىغا ۋاستە كەتمەيدۇ . چۈنكى ئاللاھ نىڭ دەرۋازىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇچۇقتۇر .شۇنداق بولغان ئىكەن ئاللاھ
نىڭ قېشىغا ھەي ئادەم  ئۆزى بىر ۋاستە كىرىپ ، ئاللاھ بىلەن ئۆزى يۈزتۇرانە كۈرۈشكەن ياخشى .  شۇڭا ھەممىمىز ئاللاھ غا تەۋبە قىلىپ ، ئۆز ھاللىرىمىزنى ئوڭشاپ ،  ئۆزۈمىزنىڭ مەغپىرىتى ئۆچۈن ئۆزىمىز دۇئا قىلايلى . ئاللاھ دىن رەھىم  شەپقەتنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز تىلەيلى .
ئىسىڭلاردا بولسۇن سۆزلەشتە  يەنىلا ھەقنى دەلىللەپ سۆزلەڭلار . ئۆزىنى قاچۇرغان ئوخشايدۇ  دەپ قالماڭلار  ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 4،  5كۇندەك  سەپەرگە چىقىدىغان بۇپ قالدىم ، ئاللاھ خالىسا ئاندىن بىز خالايمىز . خۇدا بۇيرىسا يەنى پىكىرلىشەرمىز .

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 12:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ قەبىرىستاندا  ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوقۇغان.قۇرئان قىرائەت قىلسا بولمايدۇدىگننى  ئاڭلىماپتىمەن ھەم ئۇقۇماپتىكەنمەن...ئاللا ۋە پەيغەمبەر ئىختىلاپ قىلىشقانلارنى يامان كۇرىدۇ.شۇڭا ئاز دە-تالاش قىلغان ياخشىمىكىن دەيمەن.مىنىڭچە  دىن ئىشلىرىدا  ماتىماتىكىدىكى  قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش،ئالدىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش دىگەندەك .ئۇسۇللارنى ئاز ئىشلاتسە ياخشىمىكىن دەيمەن..(توغىرىسنى ئاللا بىلىدۇ)

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 19:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : تورداش nurlansun ! سىز ئىنكاسىڭىزدا مۇنۇلارنى ئېيتىپسىز :
  
  يەنى( مەنغۇ قەبىرىستاندا  ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوقۇغان.قۇرئان قىرائەت قىلسا بولمايدۇدىگننى  ئاڭلىماپتىمەن ھەم ئۇقۇماپتىكەنمەن...ئاللا ۋە پەيغەمبەر ئىختىلاپ قىلىشقانلارنى يامان كۇرىدۇ.شۇڭا ئاز دە-تالاش قىلغان ياخشىمىكىن دەيمەن.مىنىڭچە  دىن ئىشلىرىدا  ماتىماتىكىدىكى  قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش،ئالدىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش دىگەندەك .ئۇسۇللارنى ئاز ئىشلاتسە ياخشىمىكىن دەيمەن..(توغىرىسنى ئاللا بىلىدۇ)
ھەي  بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ قەۋرىستاندا ناماز ئۇقۇشقا بولمىسا  ، قۇرئان ئۇقۇشقا  بۇلامدىكىنا  ؟ ھەي ناماز دىگەننى  قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ئۇقۇيدىغان تۇرساق ، ناماز ئۇقۇشقا  بولمىغاندىكىن  ، شەك شۆبىسىزكى قۇرئاننىمۇ ئۇقۇشقا بولمايدۇ .
راس دەيسىز  توغۇرسىنى  ئاللاھ بىلىدۇ . ئاللاھ  بىلگەچكە  شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ھەر قانداق ئىشقا ھۈكۈم چىقىرىشتا شۇ بۇيۇنچە ھۈكۈم قىلسۇن دەپ ، ئىسلام شەرئىەتلىرنى  ئىنىق چۈشۈنىشلىك قىلىپ بايان قىلغان . سىز ئاڭلىمىغان ، كۆرمىگەن بولسىڭىز ئەمدى ئاڭلاپ قېلىڭ ھەم قۇرئاندىن ھەقىيقەتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۋېلىڭ . سىز شۇنى بىلىپ قېلىڭكى ئاللاھ قۇرئاننى مەيلى ھاياتلار بولسۇن ۋە ياكى ئۈلۈكلەر بولسۇن ،بىرۇ  بىرۇنىڭ مەغپىرىتى ۋە ياكى رەخمىتى  ئۈچۈن ئوقۇپ ئاللاھ  بىلەن  بەندىلەر ئوتتۇرسىدا  ۋاستە قىلىش    ئۈچۈن نازىل قىلمىدى . ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ھەر  ئادەمنىڭ ئۆزى مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ، ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ ،  ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن مەغپىرەت ، رەھىم دىگەنلەرنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز تىلەيدىغانغا ، بارلىق ئىسلام شەرىئەتلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلدى .
يەنى[ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز- نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق]16-44-ئايەت.
شۇنداق ئاللاھ  ۋە ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرى بىز ئىنسانلارنى  ئىختىلاپ قىلىشماسلىققا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دىگەن :
يەنى[ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگە نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆز ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ]3-103-ئايەت.
توغۇرا ئاللاھ  بىزنى ھەققە (يەنى ئىسلامغا ) تەۋسىيە قىلىۋاتقان تۇرسا ؛ بىز يەنا نىمە دەپ  ئىسلامدىن يۈز ئۆرىپ ، ھەقسىز رەۋېشتە جىدەللەشكۈدەكمىز ؟ بىز ھەرگىز جىدەللىشىۋاتمايمىز . ھەق باراسىدا  ئۆز ئارا چۈشۈنىش ھاسىل قىلماقچى بۇلىۋاتىمىز .
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئىسلامدا مىنىڭچە ، سىزنىڭچە دەيدىغان  ئىش يوق . چۈنكى ئىسلام دىنى ئۇ ئاللاھ نىڭ ھەق دىنى  . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلام شۇڭا  ئىسلامدا  ياكى رىياللىقتىن دەلىل ئىسپات بۇلۇش كىرەك ! ياكى بولمىدى قۇرئان كەرىمنى دەلىللەپ سۆزلەش كىرەك ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىر ئادەم ھەقنى دەلىللەپ سۆزلەۋاتسا ئۇنىڭ بىلەن نۇرلۇق كىتاپسىز (يەنى ھەقسىز
رەۋېشتە)دىمەك ھەقنى بىلمىسەك ئۇنداق ئاغىزىمىزغا كەلگەننى دەپ ، نەپسى خاھىشلىرىمىزغا ئەگىشىپلا مىسال كەلدۈرۈپ ، ئۇرۇنسىز ھالدا ھەقنى سۆزلۈگۈچىلەر بىلەن  جىدەللەشمەيلى . بىلسەك ھەقنى  دەلىللەپ تۇرۇپ سۆزلەيلى . بولمىسا  ئاڭلىغان ، ئاڭلىمىغان ، كۆرگەن ، كۆرمىگەن دەپ ئۆزىمىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئۈستىدە ئالدىراپ ھۈكۈم چىقىرىپ  ئۆزىمىز  سەزمەستىنلا  ھەقنى ئىنكار قىلىپ سالمايلى . دىمەك ئۆزىمىز بىلمىسەك قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ ئۇنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ  باقساقلا بىز ھەممە  مەسىللەرگە  ئۆزىمىزلا جاۋاپ تاپالايمىز . بىز شۇنداق قىلالايدىغانلا بولساق ھەقنى سۆزلۈگۈچىلەر بىلەن دەت تالاش قىلىشنىڭ ئورنىغا كىمكى ھەقنى سۆزلەيدىكەن شۇنىڭكىنى ئاڭلاپ ، نىمىنىڭ ھەق ، نىمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ،  ھەدىسلەرنىڭمۇ قايسى سەھى ، قايسى يالغان ئىكەنلىكىنى ئايرىپ ، ھەقنى قۇبۇل قىلالايدىغان بۇلىمىز .
ھەي ئىنسانلار ! ئەمدى ئۇنداق ھەقنى مەسخىرە قىلمايلى . تەقۋادارلاردىن بۇلۇشىمىز ئۈچۈن ھەققە (يەنى قۇرئان غا )ئىمان كەلدۈرەيلى ! قالدىسىغا ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ مەسۇلىيتى پەقەت ، ئاللاھ نىڭ  بىلدۈرگەنلىرىنى باشقىلارغا دەۋەت قىلىشتۇر . دىمەك ھەر قايسىڭلار ھەنىمە دىيىش بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر .  
يەنى[تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشى كىرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن)ساقلىنىشلىرى مومكىن]6-69-ئايەت.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-23 02:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە بۇ مەسلىللەرنى تالشىپ ئولتۇرۇشنىڭ لازىمى يوق.دەر ۋەقە قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.لىكن ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ قۇرئان ئوقۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس.ئەمما بىر نوقتا ئىنىقكى قەبرىستانلىققا بارغان كىشى ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە مال دۇنيا ،نام ئابروي شەرمى ھايا ،قائىدە يوسۇن ئۈچۈن بارمايدۇ،ئەلۋەتتە.دىمەك قەبرىستانلىققا بارغان كىشىنىڭ مەقسەت مۇدداسى ئىنىقكى ئۇ بولسىمۇ شۇ كىشىنىڭ قەلبىدە، ۋۇجۇدىدا ‹‹ئاللاھ››نىڭ ئەڭ چوڭ مەرھىممىتى ئىمان ھىدايەتنىڭ بولغانلىقىدۇر.دىمەك قەبرىستانلىققا بارغان كىشى دەل قەلبىدە ئىمان ھىدايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹قۇرئان››يەنى ‹‹قۇرئان››ئايەتلىرىنى ئوقۇشى ئىنىق بىر ھەقىقەت.
     قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىغا كەلسەك ناماز بولسا مۈكەممەل قانۇنىيەتلىك بىر ئىسلام دىنى پائالىيىتى.دەل شۇ سەۋەپلىك قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا يىتەرلىك ماكان-زامان،شەرىت -شارائىت بولماسلىقى مۆمكىن.
   
ئەمدى قەبرىستانلىقتا ‹‹قۇرئان››يەنى ‹‹قۇرئان››ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا كەلسەك بۇنى چوقۇم ئالقىشلايلى،ھەمدە ئۇنى قىلپلاشتۇرايلى مۆھتىرەم مۇسۇلمانلار.بولمىسا كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۇ يەردە قىلغىلى ئىش تاپالماي           ناغرا سۇناي چىلىپ،       پوجاڭزا ئېتىپ ،        ناخشا ئەيتىپ ،           ئۇسۇل ئۇيناپ        يۈرمىسۇن!.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-23 03:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17-قەۋەتyawuzbagنىڭ2010-09-23 02:24يازمىسىغا نەقىل؛  :
      مىنڭچە بۇ مەسلىللەرنى تالشىپ ئولتۇرۇشنىڭ لازىمى يوق.دەر ۋەقە قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.لىكن ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ قۇرئان ئوقۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس.ئەمما بىر نوقتا ئىنىقكى قەبرىستانلىققا بارغان كىشى ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە مال دۇنيا ،نام ئابروي شەرمى ھايا ،قائىدە يوسۇن ئۈچۈن بارمايدۇ،ئەلۋەتتە.دىمەك قەبرىستانلىققا بارغان كىشىنىڭ مەقسەت مۇدداسى ئىنىقكى ئۇ بولسىمۇ شۇ كىشىنىڭ قەلبىدە، ۋۇجۇدىدا ‹‹ئاللاھ››نىڭ ئەڭ چوڭ مەرھىممىتى ئىمان ھىدايەتنىڭ بولغانلىقىدۇر.دىمەك قەبرىستانلىققا بارغان كىشى دەل قەلبىدە ئىمان ھىدايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹قۇرئان››يەنى ‹‹قۇرئان››ئايەتلىرىنى ئوقۇشى ئىنىق بىر ھەقىقەت.
     قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىغا كەلسەك ناماز بولسا مۈكەممەل قانۇنىيەتلىك بىر ئىسلام دىنى پائالىيىتى.دەل شۇ سەۋەپلىك قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇشقا يىتەرلىك ماكان-زامان،شەرىت -شارائىت بولماسلىقى مۆمكىن.
   
ئەمدى قەبرىستانلىقتا ‹‹قۇرئان››يەنى ‹‹قۇرئان››ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا كەلسەك بۇنى چوقۇم ئالقىشلايلى،ھەمدە ئۇنى قىلپلاشتۇرايلى مۆھتىرەم مۇسۇلمانلار.بولمىسا كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۇ يەردە قىلغىلى ئىش تاپالماي           ناغرا سۇناي چىلىپ،       پوجاڭزا ئېتىپ ،        ناخشا ئەيتىپ ،           ئۇسۇل ئۇيناپ        يۈرمىسۇن!.

      
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياۋۇزبەگ ئەپەندى!
دەلىلسىز گەپ قىلماڭ! باشقىلار ناخشا ئېيتىپ، چاۋاك چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىشى، ھەتتا ئىشەكمۇ قىلمايدىغان ھەرىكەت بولغان تانسا ئوينىشى، قەبرىستاندا قۇرئان ئوقۇشنىڭ دەلىلى بولالمايدۇ...
قۇرئان كەرىمنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرى ئۇنىڭغا ئىشەنگەن مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى ئالاقىدار قىلىدۇ! ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بويسۇنمايمىز، ئۆزىمىز چاغلاپ ياشايمىز-يۇ، مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز دېگۈچىلەر بولسىمۇ بۇ تېمىنى تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ لازىمى يوق. ئەمما ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ يول-يورۇقلىرىغا ئەگىشىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم دەپ ئىشىنىدىغان بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى مۇنازىرە قىلىپ، توغرىسىنى بىلىۋېلىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا سىز ئۈچۈن لازىم بولمىسا، سىزگە لازىم بولمىغان، سىزنى ئالاقىدار قىلمىغان تېمىلارغا ئىنكاس قايتۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ. ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن خاپا بولۇپ قالمايمىز.
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-23 22:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
تورداشلار! توردىشىمىز ساددا راس دەيدۇ . ئەگەردە ھەر قانداق تىمىلارغا ئىنكاس يازماقچى بولساق تىمىنىڭ مەزمۇنىنى ھەم باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرنىمۇ ئوبدانراق  پىكىر قىلىپ كۆرۈپ  ئاندىن  ئىنكاس يازساق ئەگەردە  تىما ئىنكاسلارنىڭ  ھەقىيقىتىگە يىتەلمىسەك (يەنى ئۆزلىرىمىز يىتىشنىمۇ مۇھىم دەپ بىلمىسەك )ئۇنداق ئۆزلىرىمىز بىلەلمىگەن نەرسىلىرىمىز ئۈستىدە نەپسى خاھىشلىرىمىزغا ئەگىشىپ ھۈكۈم چىقىرىپ ، قۇرئان كەرىمدە ماينىغا دىسە ئاينىغا سۆزلەپ ھەقنى ئىنكار قىلىپ يۈرگۈچە ئىنكاس يازمىساڭلىمۇ  بۇلىدۇ . مەسىلەن ئالايلى يۇقارقى ياۋۇز بەگ دىگەن توردىشىمىز قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ نىڭ شۇنداق ھەق سۆزلىرى تۇرسا ؛
يەنى[ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز- نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر]36-69-ئايەت.
يەنى [سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن]27-80.
دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇنداق بولغان ئىكەن  قۇرئاننى قەۋرە بېشىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇندىن باشقا جايلاردا بولسۇن ئۇنى ئۇقۇپ ئۈلۈكلەر ئۈچۈن ،  ئاللاھ  بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ياكى رەخمىتى ئوتتۇرسىغا  ۋاستە قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . چۈنكى قۇرئان ئۇ ئاللاھ نىڭ  پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چۈشۈرۈلگەن قانۇنى بۇلۇپ ، قانۇن دىگەننى ھەر ئادەم (يەنى تىرىكلەر  ئۆزى ئۇقۇپ بىلىپ ئاندىن ئجىرا قىلىدىغان ) نەرسە . دىمەك قانۇن دىگەن ئۇنى كىم ئىجىرا قىلسا  شۇنى توغۇرا يولدا قىلىدىغان نەرسە ، ئۇنداق باشقىلار ئۈچۈن  باشقىلار ئىجىرا قىلىپ  قۇيىدىغان نەرسە ئەمەس . دىمەك  قۇرئاننى  ئاللاھ  تىرىكلەرگە ۋەز  نەسىيئەت ئالسۇن ئۈچۈن ، ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان .
شۇڭا قۇرئاننى مەيلى ئۈلۈكلەر بولسۇن ۋە ياكى تىرىكلەر بولسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇ ،   ئۇقۇيدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئاللاھ نىڭ رىزالىقىنى كۆزلىگەن ھالدا ھەر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى  بىلىپ ئۇقۇپ ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلدۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ تۇرىدىغان قانۇندۇر  . شۇڭلاشقا ئىنسانلار  قۇرئاننى  ئۈلۈكلەر ئۈچۈن مازارلاردا ، ئويلەردە ، تىرىكلەر ئۈچۈن بالاقازالارنى دەپى قىلىمىز دەپ بىرۇ ئۈچۈن بىرۇنىڭ ئۇقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق . دىمەك ھەر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ ، ئۇنىڭ ساۋابىغا ھەر ئادەم ئۆزلىرى ئىرىشسۇن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-11-22 13:46 , Processed in 0.044000 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش