ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 37235|ئىنكاس: 68

فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-30 18:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك دىن ئىسلام قېرىنداشلار ! ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ  رەھمىتى ۋەبىرىكىتى بولسۇن!
مەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىردىن  ئىبارەت يەنە  بىر ئىسلام مۇنبىرنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقدىن تۇلىمۇ ىۇرسەن بولدۇم، ۋە دەرھاللا  تىزملىتىپ كىرىدىم، مۇنبەرگە قارىسام ئاز بولمىغان ھازىرقى  جەمىيتىمىزدىكى كىشىللىرمىز  سەل  قاراۋاتقان، دۇرۇرس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغۇرلۇق ئىشلار  توغىرسىدا سۇرالغان مەسىلىلەرگە مۇنبەردىكى ئۆلىما - ئۇستازلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنى بۇيىنچە،قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، قايىل قىلارلىق  جاۋاپلار بىلەن قېرىنداشلىرمىزنى قايىل قىلغانلىقىنى كۈرۈپ،
مەنمۇ  ئۈزۈم دۇرۇس - ياكى دۇرۇس  ئەمەس دەپ  ئېنىق بىر  نىمە  دىيەلمەيۋاتقان بىر سۇئالىمغا ئۆلىما - ئۇستازلىرمىزنىڭ دەلىلەرنى
كەلتۈرۈپ، مىنى قايىل قىلارلىق جاۋاپغا ئىگە قىلىپ قۇيۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ، بۇ تىمىنى يوللاش قارارىغا كەلدىم.

سۇئال:   ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى چۈشۈش تۇلىمۇ زۆرۆر، ئىشلىتىلىش ئورنى تۇلىمۇ كۆپ بۇلۇۋاتقان، ئىلىم - پەن ئارقىلق مەيدانغا كەلگەن ھازىرقى زامان فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق  رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟
  ھازىر جەمىيتىمىزدە، سالاھىيەت كىنىشكىسى، ھەرخىل كىنىشكا رەسىملىرى ۋە خاتىرە سۈرەت رەسىملىرگە چۈشۈش تۇلىمۇ زۆرۆر بولماقتا.
جەمىيتىمىزدىكى بەزى بىر قىسىم كىشىللىرىمىز، رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇس ئەمەس، پەيخەمبىرىمىز رەسىم بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ
دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشماقتا.
مىنىڭ كىتاپ كۈرۈشمىچە،سەيبۇلھارى  دىگەن كىتاپتا،پەيخەمبىرمىز رەسىم سىزغۇچىنىڭ قيامەتتە قاتتىق ئازاپقا دۇچار بۇلدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىكەن. ئەمما، شۇ كىتاپنىڭ ئۈزىدىكى، مۇشۇ رەسىم سىزىش توغۇرلۇق ئىزاھات بىرىپ، ھازىرقى زامان فوتو ئاپىراتى ئارقىلق ھازىرقى ئىھتىياج ۋە باشقا خاتىرە قالدىۇرۇشنى دۇرۇس دەپتۇ.
مىنىڭ قارىشىمدىمۇ، رەسىم سىزىش بىلەن رەسىمگە تارتىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئوخشىمايدۇ. رەسىم سىزش بولسا، بىر شەيئىنى كۆز ئالدىغا ئېكىلىپ تۇرپ، تەسەۋۇر بىلەن سىزلىدۇ. بىر پارچە رەسىم سىزشقا بىرمۇنچە ۋاقىتى كىتىدۇ، ھەم خالىغانلا ئادەم سىزالمايدۇ.
ئەمما، ھازىرقى زامان فوتو ئاپىراتىدا، تارتىلغان رەسىم بولسا، ۋاستىلىك ھالدا، يەنى فوتو ئاپىراتنىڭ تۈرتكىسىدە، 1 مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن
ۋاقىت ئىچىدە، تاماملىنىدۇ. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جەمىيتىمىزدە، جۈملىدىن خەلقئارادا، فوتو ئاپىراتنىڭ رۇلى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىھتىياج كۈنسىرى ئاشماقتا.
مىنىڭ دىننىي ئىلىمم يىتەرسىز، شۇڭا، بۇ مەسلىگە مىنىڭ بۇ ئاددى كاللام بىلەن يەكۈن چىقىرشىم قىيىنغا توختىدى.
شۇڭا، مۇنبرمىزدىكى ھارقايسى ئىلىملىك ئۆلىما- ئۇستازلىرىمزنىڭ مۇشۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىلەن مىنى ۋە ماڭا ئوخشىغان ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرمىزنى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىگە قىلىشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-30 20:45:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىز پەن تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەينەكتىكى ئەكسىمىزنى قاتۇرۇپ قويدۇق،خالاس!
بۇنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق!
سۈرەتنى سىزىش بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىككى ئۆلچەملىك رەسسىمدىن ئىبارەت!
Say: He is Allah, the One and Only

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 10:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق  رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟

دىگىنىڭز توغرا، فوتو ئاپىرات ئارقىلق تارتىلغان رەسىملەر ئەينەككە  قاراپ
ئۈزنىڭ ئەينەكتىكى تەسۋىرىنى قاتۇرۋالغان بىلەن ئوخشاش تۇرسا...
مەن  شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بۇ ئىشنى  دۇرۇس  ئەمەس  دىگۈچىلەرمۇ كىملەركىن دىسە، يىزا - قىشلاقلاردىكى ،ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم ئىماملىق  قىلىۋاتقان ئىماملار..
ئۇلار رەسىمگە چۈشۈشنى دۇرۇس ئەمەس دەيدۇيۇ، ئۆلىم- يىتىم بولسا، نەزىرە
دەيدىغان بىر خىل  (قۇساق تۇيغۇزۇش) نى توسمايدۇ، ھەتتا، بىر كىشى ئۆلىپ كەتسە، تاكى 1 يىلغىچە بىرقانچىلىغان قۇساق تويغۇزۇشلارغا رىياسەتچلىك قىلىدۇ، ھەمدە مۇسىبەت بولغان ئۆيدە مىيت ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇيدۇ،.......  ئىشقىلىپ مەن  بىلمەيدغان ئىسلام دىنىزدا، يوق بىر مۇنچە بىدىئەت خاتا ئىشلارغا ئارلىشىدۇ...... مەن ھېچ چۈشنىپ  بۇلالمىدىم بۇنداق ئىماملىرىمىزنى........... بۇلارغا ئاللاھ ئۈزى بىر نىمە دەپ قۇيار.....
رەسىمگە  چۈشۈش دۇرۇس ئەمەس دىگەن گەپ يەنە شەھەرلەردە يوق.....
ھەيرانمەن...  
شۇڭا، بۇ  مەسىلگە ئۇستازلارنىڭ ئاللاھ رىزالىقى  ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە ھازىرقى شارائىتمىزنى تەدبىقلاپ تۇرۇپ، دەلىللەپ بىرشىڭلارنى ئۈمۈد  قىلىمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 13:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق  رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟

بۇ   مەسىلىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىپ  بېردىغان  ئۇستازلار  يوقمۇ ؟ ...  ئاللاھ  رىزالىقى  ئۈچۈن  جاۋاپ  بېرىپ بەرگەن بولساڭلار.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 14:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن بىر ھەدىسنى سۇنماقچىمەن تەھلىل قىلىپ باقارسىلە ؟ رىۋارەت قىلىندى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس [ئاللاھ ئۇ ئككىسگە رەھىم قىلسۇن] دىن ئۇنىڭ يېنىغا بىر كىشى كىلىپ سورايدۇ ئى ئبنى ئابباس مىنىڭ تۇرمۇشۇم قولىمدىكى ھۈنەر سەننىتىمدىنلا بولىدۇ مەن سۈرەت سىزىپ جان باقىمەن دەيدۇ ئبنى ئابباس ساڭا پەيغەمبىرىمدىن ئاڭلىغىنىملىنا دەپ بىرەي، دىدى  پەيغەمبىرىم [كىمكى سۈرەتكە كەلتۈرگەن بولسا بىر سۈرەتنى ئاللاھ ئۇ كىشنى ئازاپلىغۇچى ھەتتاكى پۇردۈردۇ ئول سۈرەتتە روھنى ، ئۇكىشى مەڭگۈ روھ پۈردۈگۈچى ئەمەس ] دىىگن ھەدىسنى دەپ بەرگەندە ئۇ كىشى قاتتىق قورقۇپ كىتىدۇ ھەتتاكى يۈزلىرى قىززىردۇ ئاندىن  ئبنى ئابباس ئەگەر ئۇنىماي مۇشىنىلام قىتتىم دەپ تۇرۋالسىڭىز دەرەخلەرنى ياكى جان يوق نەرسىلەرنى سىزىپ جان بېقىڭ.[مۇختىسەر سەھىي بۇخارى 305-بەت] ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ھەدىستىكى ‹سەۋۋەرە› دىگەن سۆز فىلى مۇتىئەددى بۇلۇپ مەنىسى (سۈرەت سىزدى ، سۈرەتكە تارتتى دىگەن بولىدۇ ) ئەمدى مەن سىزگە دەي ئاتەش قېرندىشىم پەيغەمبىرمىزنىڭ زامانىسدا سۈرەتكە تارتىدىغان ئاپىرات بارمىدى دىسەم سىز مىنىڭچە ياق دەيسىز ، ئەمدى مەن سىزگە دىسەم كىشى قولدا سىزغان رەسىمنى ۋە ئاپىراتتا تارتقان رەسىمنى سۈرەت دەمدۇ ياكى قولدا سىزغاننى باشقا ئاپىراتتا تارتقاننى باشقا ئاتالغۇدا ئاتامدۇ ھەممىسنى سۈرەت دەيدىغۇ پەيغەمبىرمىز سۇرەت بار ئۆيگە رەھمەت پىرىشتىلىرى كىرمەيدۇ دىدى خالاس گەپ مۇشىنىڭ بىلەن كەتتىغۇ ،بۇ گەپنى دىسەم سىز ماڭا بۇ سوئالنى قويىشىڭىز مۇمكىن [سىزنىڭ كىملىكىڭىز ،پۇلىڭىزدىمۇ سۈرەت بار دەيسىز] بۇنىڭغا ئۇلىمالاي زۇرىيەت بار نەرسىلەرگە رەسىمگە چۇسسە بولدۇ مەسىلەن پاسپورت، كىنىشكا ......دىگەندەك مۇشۇنداق ھاجىتى بار نەرسىلەرگە رەسىمگەتارتقۇچى تارتىلىنغۇچى گۇناھكار بۇلمايدۇ دىگەن پىكىردە ،لىكىن ئۇنىڭدىن باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى تارتقان ئۆزى ھەم چۈشكەنلەرگە ئازاپ بۇلىشى مۇمكىن مەيلى قولدا سىزسۇن تارتسۇن ھەممىنى سۇرەت دەيمىزغۇ !خاتىرە رسىم ئەسلىمە رەسىملەرگە چۇشۇشكە بۇلمايدۇ چۇنكى بىز  پەيغەمبىرمىزنى رەسىمسىز ئەسلەيمىزغۇ  پەيغەمبىرمىز توسمىغان بولسا ساھابىلار ئەسلەيمىز دەپ رسىمىنى سىزىۋالماسمىدى . ئاتەش ئەپەندى سىزنى ئەسكەرتىپ قوراي نىمىشقا قايىسقا ئادەم تللايسىز ئۇ موللاملار قوسقىنى مېيت چىققان ئۆيدە تورغىزمىسا باشقا چاغدا ئاچ قالامدا؟ مۇسىبەت بولغان ئۆيدە مىيت ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇيدۇ ديسىز قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئاتا-ئانىسقا ئاتىسا يىتىدىغۇ (مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلسىلام)مېيىت چىقىپ 3- كۈندىن كيىن كۈن توختاتماي خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرنى قىلسا بولدىغۇ كىشلەرگە تاماق بىرەمدۇ ياكى باشقا ياخشى ئش قىلامدۇ مەيلىغۇ ئىماملار بۇنى توسسا بولمايدۇ چۇنكى پەيغەمبىرمىز زامانىسىدا كىشلەر تاماققا مۇھتاج ئىدى تاماق بىرىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بىزنىڭ زامانىمىزدا تاماققا بەك مۇھتاج ئەمەسمىز مېيت ئىگىسى كۇن توختاتماي 3- كۇندىن كىيىن قول ئىلكڭدە بولسا تاماق بىرەمدۇ ياكى بەرمەمدۇ سىز بۇنىڭغا ئارلاشماڭ كىشلەرگە بىلمەستىن بۆھتان چاپلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 18:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز ئاتەش ھازىرقى ئاچ ئەرۋا مولىلارنى تىللىسا  قېرىندىشىمىز بىلال2828 غا تېگىپ كەتكىنى قىززىق... بىبىلىۋىلىڭ بىلال 2828 موللا ئۆلىمالار قۇران ئوقۇش ناماز چۈشۈرۈشنى جان بېقىشنىڭ يولى قىلىۋالسا بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق ئىش يوق، ھەتتا ھازىر يۇرتلاردا ئۆلۈم يىتىم بولۇپ قالسا كەلگەن موللا ئۆلىمالارنىڭ بېرىپ كېلىش كىراسىنى كۆتۈرىدىغان ئىشلار چىقتى... بۇنىڭغا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملىرىمىز ئاللا بۇرۇن جاۋاپ بېرىپ بولدى... سىز يەنە شۇ كويدا يۈرگەن بولسىڭىز بۇنداق مۇنازىرىلەرگە ئاۋاز قاتمىسىڭىزمۇ سىزدىن خاپا بولمايمىز.... ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمىز دىدىكى سىز بىر يۇرتنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، شۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بېرىشقا كىراغا چىقىنالمىسىڭىز بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ... دىدى بۇ نىمە دىگەن ۋەزنىلىك جاۋاپ ھە... مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش شۇ يۇرتتىكى ھەممە مۇسۇلماننىڭ قەرزى ھەم پەرزى...

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 20:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرمىز نىمە بوپ كەتتىڭلار ھە ! ئۇ موللاملارنىڭ بەزىسى ئۇنداق قىلىپ جان باققان بىلەن كۆپىنچە ئالىملىرمىز ئۇنداق قىلمايدىغۇ قېرىندىشىمىز bathan بىلەن ئاتەش سىلەر نىمە ئۈچۇن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ دىمەيسىلە موللا ئۆلىمالارنىڭ دەپ ھەممىنى ئېلىپ جەمئى ئىبارەت سۈرساڭلار مۇنبەردىكى ياخشى ئالىملىرمىزغىمۇ بۆھتان چاپلىنىپ قىلىشتىن قورىقمامسىلە ! سىلە بەك چۇشۇنۇشلۇك ئاڭلىق ئادەم بولغاندىكىن نىمشقا ئۇلارنى كۆرگەندە توسمىدىڭلار سىنىڭ بۇ ئىشىڭ خاتا جان باقانىڭ ئىشى بۇ بۇ ئىشتىن يېنىڭلار دەپ باقتىڭلارمۇ ھە ؟ بەلكىم دىگەنسىلە .... قېرىنداشلىرمىز بىز جەمئى ئىبارەتنى بوشراق سۈرۇپ ئادەم تىللايلى بۆھتان دىگەن ئادەمگە سىگىنال بېرۋىتىپ ماڭمايدۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىساق بولمىسا بەزىلىرى دىسەك بۇلارمىكىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۆھتانچى دىگەن قالپاقنى كىرىپ قالمىساق دەيمىنا !مىنى دىن نامىنى سېتىپ دىنى ھىمايە قىلىمىز دەپ جان باققۇچىلارغا خۇشتار دەپ قالدىڭلارما مەن ئۇلارغا قارشى مۇنبەردە تتىللاپ ئەمەس بەلكى بىرنى كۆرسەم بىرنى 2نى كۆرسەم 2گە تەلىم بىرىمەن ھەم بىرىپ كىلىۋاتىمەن سىلەرمۇ  شۇنداق قىلىڭلار ؟ مىنى مۇنبەرگە ئاۋاز قوشمىسىڭىزمۇ مەيلى دەپسىز مەن ئاۋازنى ئاللاھ رىزالىقى ئۇچۇن قاتىمەن سىز خاپا بۇلامسىز بولمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى . ھەمزە ئۇستاز بىلەن ئا قارقاش ئۇستازلار مىنىڭ ئەسكەرتكىنىم خاتاما! سىلەنىڭ جاۋابىڭلارنى كۇتىمەن ناۋادا مىنىڭ خاتا بولسا 2 قېرىندىشىمدىن ئەپۇ سورايمەن ناھايتى تۈۋەنلىك بىلەن ئىنسان دىگەن خاتالىقتىن خالا دىگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟!!!

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 12:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم !  بىلال 2828 قېرىندىشىم !
سىزنىڭ  بۇ  مەسلىە  ئۈستىدە، ئۆز پىكىرڭىزنى  ئوتۇرىغا   قۇيغانلىقڭىزغا  كۆپ  رەھمەت !
مەن ئۈزۈم رەسىمخانا ئاچىدىغان بولغانلىقىم  ئۈچۈن، بەزى موللىرىمىزنىڭ دۇرۇس ئەمەس دىگەن بىرلا
ئېغىز گەپ بىلەن يەكۈن چىقىرۋىتىشى ماڭا قايىل قىلارلىق نەتىجە بەرمىدى ...
شۇڭا بۇ تىمىنى يوللىشمدىكى مەقسەت، ئۇزۇندىن بېرى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرشەلمەي كىلىۋاتقان مۇشۇ  مەسلىنى ئىسلام مۇنبىردىكى ئۇستازلارغا  سېلىپ بېقىش ئارقىلق ئۆلىما- ئۇستازلىرمىزنىڭ  قانائەتلىنەرلىك جاۋابىغا ئىرشىشتىن  ئېدى .....
ئەپسۇس، بىلال 2828 قېرىندىشىم  بىلەن bathan قېرىندىشم زىدىيەتلىشىپ  قالغىلى تاس قاپتۇ، شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى، ئىنشائاللاھ مەن بۇ  مەسلىنى زىدىيەت تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،
ئۆزئارا پىكىر بايان قىلىشىش ئارقىلق قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرشىش مەقسىتىدە يوللىغان ئېدىم.
مۇشۇنداق دىن قېرىنداشلار ئارا ئىختىلاپلىىشىش كىلىپ چىقىشدىن، ئاللاھ ھەر بىرمىزنى ساقلىسۇن
قېرىنداشلار!
بىلال 2828 قېرىندىشىم ، مەن سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقتىم، سىزنىڭ دىمەكچى بولغنىڭىزمۇ، مولل  مىنى موللا ئۆلىمالىرىمىزغا بوھتان چاپلىغانلىق بوپ  قالماسلىقى ئۈچۈن،سەل
كايىپ قاپسىز، سىزنىڭ بۇ تەرپىنى كۆزدە تۇتقانلقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر...
بىر كىشىگە بۆھتان چاپلاشنىڭ قانچلىك گۇناھ بۇلدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەن قېرىندىشىم !
ئۇنداق بۆھتان چاپلغۇچىلاردىن  بوپ قېلىشدىن ئاللاھ ساقلىسۇن ! ئامىن !
مىنىڭ دەۋاتقانلىرىم بولسا، سىزنىڭ رايۇنىڭىزدا قانداق ئۇنى بىلمىدىم، ئۈزىمنىڭ رايۇنىدىكى بۇلۇۋاتقان ئەمەلىيەتلەردۇر... مىسال ئالساق، ئاشۇ بىر مىيىت ئۆلۈپ كەتسە، ئاشۇنىڭ تاكى بىر يىلغىچە،
نەزىرسى دىگەن بىر ئاتالغۇ بىلەن بىر قانچىلغان قېتىملاپ، نەزىرە يىيىشىدۇ.... ئەجەبا بۇ قۇساق تويغۇزۇش بولماسمۇ،ئەكىسچە ئاشۇنداق نىيتى دۇرۇس بولمىغان قۇساق تۇيغۇزۇشلارنى توسمايدۇ، ئەكىسچە رىياسەتچلىك قىلىشىدۇ.. سىزدىن شۇنى  سۇراپ باقاي، مۇشۇنداق نەزىرنى يىيىش دۇرۇس بۇلارمۇ ؟
يەنە مىيىت ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇشىنى ئالساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇقۇشنى قانداق نىيەت بىلەن نىمىگە
ئىرشىش مەقسىتىدە ئۇقۇدى... ئۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ... مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەق
ئالامىش...سىزدىن يەنە سۇراپ باقاي قۇرئان ئۇقۇپ بېرىپ پۇل ئېلىشى دۇرۇس بۇلارمۇ قېرىندىشىم ؟
مىنىڭ دىننىي ئىلىمىم سىزنىڭكىگە يەتمەسلىكى مۇمكىن.... شۇڭا، خاتا سۆزلەپ قالغان يەرلىرىم
بولسا،ئەپۇ قىلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ھەم ئاللاھتىن مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيمەن ! ئامىن !
ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىختىلاپتىن يىراق تۇرغان ئاساستا، ئاۋۇ مەسلە ئۈستىدە پىكىرلىشىشمزنى
ئۈمۈد قىلىمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 15:03:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم ؟ مەن  bathan قېرىندىشم زىدىيەتلىشىپ  قالغىنىم يوق كۆڭلىمگەمۇ ئەكەلمىدىم لىكىن ئۇنىڭ بۇ گېپى (بۇنداق مۇنازىرىلەرگە ئاۋاز قاتمىسىڭىزمۇ سىزدىن خاپا بولمايمىز.... )يۇركەمنى ئەزدى مەن بۇ بۇ مۇنازىرگە كىرىپ 2 كۇن بولماستا سىلەرنى شۇنچىۋالا زىرىكتۇرۇپ خاپا قىلغاندىمەنمۇ ! ئەرەپ تىلدىن خەۋىرىڭلار باتۇ قېرىنداشلار جەمئى ئبارەت سۇرۇپ تىللىماڭلار دەپ ئاتەش قېرىندىشىمنى بۆھتانغا چۇشۇپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتسەم مۇنازىرگە ئاۋاز قېتىپ سىلەرنى خاپا قىلغان بولسام ئەپۇ سورايمەن!مەن ئۇنداق نەزىر نامى بىلەن جان تويغىزىدىغان كەسىپنى دۇرۇس دىمىدىمغۇ ؟ مەنمۇ بۇنداق كەسىپكە قارشى 2-دىن سىز دىگەندەك باشقىلارغا قۇرئان ئۇقۇتتۇرۇپ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاپ ئۇ قارىملارغا پۇل بىرش ياكى قۇرئان ئۇقۇپ بەرگەن ئادەمگە مانجۇ بىرىشنى مەن نىمىشقا دۇرۇس دىگىدەكمەن ھەممە ئالىملىرمىز دۇرۇس ئەمەسلىكدە مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى تۇرسا مەن يەنە بىر پىكىرنى ئوتتىرغا قوراي ، مېيىت چىققان ئۆيدە (مىراسنى ئايىغان بولسا قەرزى بولسا تۇلىگەن بولسا كىپەنلىك پۇلنى تۈلىۋەتكەن بولسا خەيرى ئېھسان قىلىش كۇچىگە يىتەلىسە)كۇن توختاتماستىن (كۇن توختۇتۇش بىدئەت) جامائەت قىچىرىپ تاماق بەرگەن بولسا بۇلىدۇ چۇنكى بالىنىڭ قىلغان خەيرى ئېھسانى ئۆلگەن مېيتقا يىتىدۇ (مۇسۇلمان مۇئمىن ھالتىدە)تاماق بەرمەي باشقا دىن ئىشلىرمىزنى راۋاجلاندۇردىغان ئشقا ئىشلەتسە تېخىمۇ ياىشى ئەفزەل بولدۇ چۇنكى بىز تاماققا بەك مۇھتاج ئەمەس بۇ مىنىڭ پىكرىم خالاس باشقا ئالىملىرمىز نىمە دەيدىكىن ؟ مېيىت چىققان ئۆيدە باشقىلارغا ئىش ھەققى بەرمەي قۇرئان تىلاۋەت قىلغان بولسا بولىدۇ ھېچ بۇلمىغاندىمۇ شۇ سورىننى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە بولسىمۇ ساۋاپ بۇلا ! ئاتەش قېرىندىشىم بۇ:فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق  رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟ دىگەن تىمىدىن باشقا تىمىغا يۆتكىلىپ كەتتىمۇ قانداق    رەسىمگە چۈشۈش مەسىلىسنى مەن سىزگە ھەدىس ئارقىلىق ھەم مۇجتەھىت ئۇلىمالارنىڭ پىكرى بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بەردىم ئەسلىمە ياكى خاتىرە رەسىمگە چۇشىدىغانلارنى تاتماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ! مۇنبەردە باشقا ئۇلىمالارمۇ بار ئۇلارمۇ پىكىر قىلسا دىگەن ئۇمۇتتە !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 07:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنداق قوساق تويغۇزالار بار ،شۇڭا سىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھايدىدى دېمەڭ،قېرىندىشىمىز شۇنداقلارغا قارىتىپ دېگەندۇ ؟

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 12:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زورۇر بولمىسا دۇرۇس ئەمەس،  ھەقنىڭ ھوكمنى ئاڭلايمەن دىسىڭىز ھوكۇم شۇ،ناۋادا مۇشۇ ئىشىڭىزنى توغىرا قىلىپ بېرىدىغان ،نەپسىمگە ماس كىلىدىغان ھوكۇمنى ئاڭلايمەن دىسىڭىز ،بولدى سورىماي قىلىۋىرىڭ ،ئەگەر سورىسىڭىز ئوزىڭىز گۇناھكار بولۇپلا قالماي،شۇ سىزگە دۇرۇس ئەمەسنى دۇرۇس،ھارامنى،ياكى مۇباھنى ھالال قىلىپ بەرگەن ئادەمنى ھەم گۇناھكار قىلىسىز،  
ئەگەر سىزنىڭ خىزمىتىڭىز شۇ بولسا كىملىك ۋە زۇرۇر رەسىملەرنى تارتىپلا پۇل تاپىمەن دىسىڭىز ،بەلكى ئىقتىسادى تەرەپلەردىن زىيان بۇلىشى ،قىينىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،   ئىمكان بار باشقا تىرىكچىلىك يولىغا چۇشۇشكە ھەركەت قىلىڭ ،ھىچ بولمىسا ،بىز ھەممىمىز ئوزرە ئىچىدە ياشاپ يۇرۇپتىمىز ،سىزگە ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن،خاتا سوزلىگەن ئاللاھ كەچۇرسۇن    بولسام خاتاسى بولسا دوسلارنىڭ تۇزۇتۇپ بىرىشىنى سورايمەن،

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 12:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز مەنزىلنىڭ 812 نىڭ (      
ھەقىقەتەن شۇنداق قوساق تويغۇزالار بار ،شۇڭا سىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھايدىدى دېمەڭ،قېرىندىشىمىز شۇنداقلارغا قارىتىپ دېگەندۇ  
)دىگەن

سۆزگە رەديە، شۇنداقلارغا قارتىپ دىگەن بولسا نىمىشقا ۋاھىت ، تەسنى ئبارەت سۇرمەيدىغاندۇ مەن قېرىندىشىمنىڭ جەمئى ئىبارەت سۇرگىنگە قاراپ ‹تەلخىس›دىگەن كىتاپتىكى مۇقتىزايى ھالغا ئۇيغۇن قىلىش دىگەن قائىدىگە ئاساسەن  جەمئى ئىبارەت سۇرگىنگە قاراپ تەسەللى بەردىم توغرا چۇشىنىشىڭلارنى سورايمەن ، مەن ئۇنداق قوساق تويغىزىدىغانلىنى يوق ۋە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدى دىمىدىمغۇ ،  قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ يازغان ئىنكاسىنى تەپسىلى 2-3 قېتىم ئوقۇپ بۇلۇپ ئاندىن ئىنكاس يازساق بىزگىمۇ تۇزتۇش پۇرسىتى چىقاتتى !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 13:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، fatih204 قېرىندىشىم، سىزنىڭ ئېيىتقانلىرىڭىز ئۇرۇنلۇق. مەن قۇشۇلىمەن.
مەن بۇ كەسىپنى باشتا، ناتوغرا كەسىپ ئەمەس، زامانغا ماسلاشقۇدەك كەسىپ بولغاندىكىن دەپ ئۈگۈنىپتىكەنمەن، كىيىن ئۆز ئالدىمغا دۇكان ئاچقاندىن كىيىن، بۇ ئىشنىڭمۇ ناتوغرا، دۇرۇس بولمايدىغان تەرەپلىرنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلدىم، شۇڭا مەندە، ئىككىلىنىش بولدى... ئەگەر مەن نەپسىمگە ماس كىلىدىغان ھۈكۈمنى ئاڭلايمەن دىگەن بولسام ئېدىم بۇ تىمىنى يوللاپ ۋاقتىمنى زايە قىلغۇچە، دۇنياۋىيلىقىم ئۈچۈن پۇل تېپىۋەرگەن بۇلاتتىم، ئەپسۇس مەن بىر مۇسۇلمان، قەلبىمدە ئاللاغا بولغان ئىمانىم، ئاخىرەتكە بولغان ئىمان - ئىتقادىم بولغنلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە سىزلەردىن جاۋاپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپتىمەن قېرىندىشىم ! دىگىنىڭز ئۇرۇنلۇق، بۇ مەسلىدىن يەنە جاۋاپ كۈتىۋەرسەم، باشقىلارنى گۇناھكار قىلىپ قويغۇدەكمەن، كەسىپ ئۆزگەرتىشنى خىلى بولغان ئويلاشقىلى ئەمما، مەن شۇ كومپىيوتېردىن پايدىلنىپ كەسىپ قىلمىسام باشقا  كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تېپىشقا دەماللىققا كۈزۈم يەتمىدى، ئاللا خالىسا بۇ كەسىپنىمۇ ئۆزگەرتىۋالامەن،  شۇ ۋاقىتقىچىلك بۇ كەسپىمنى داۋاملاشتۇرپ تۇرماي ئامالىم يوق، شۇڭا، سىز ئېيىتقاندەك، كىرىم ئاز بولسىمۇ، ھەر خىىل كىنىشكا ۋە زۆرىيەت ئۈچۈن ئىھتىياجى چۈشۈپ كىگەنلەر ئۈچۈن خىىزمەت قىلىپ، بىھۇدە چۈشكۈچىلەرگە ئۆزرە ئېيتىپ ئۈتۈپ تۇرماي ئىلاجىم يوق.
يەنە بىرسى،  مۇشۇ  خاتىرە  ئۈچۈن چۈشۈلگەن رەىمنى تارتىشمۇ  دۇرۇس بولمامدۇ قېرىندىشىم ؟
ئۈلۈمنى ئەسلەش- ئەسلىتىشتىن ئىبارەت ياخىش نىيەت بىلەن بولسا، دۇرۇس بولماسمۇ ؟

bilal2828 قېرىندىشىم سىزنىڭ ئېيىتقانلىرىڭزغا كەلسەك: راس، بۇ تىمىنىڭ مەزمۇنى سەل چەتنەپ كىتىپتۇ،  بۇنىڭ سەۋەپچىسى مەن بوپ قاپتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سۇرايمەن قېرىندىشم !   رامىزان مۇبارەكنىڭ چىقىپ  كىتىشگە بىر قانچە  كۈنلا  قاپتۇ،رامىزاننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر - بىرىمىزگە ئازار بىرشمىسەك، زىدىيەتلىشىپ قالمىساق، مۇشۇ بىر قانچە كۈنەىچىلام ئەمەس، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ، دىن قېرىنداشلار  ئارا ئىختىلاپ كىلىپ چىقمىسا، دىگەن ئۈمۈتتە مەن. بىز  قاچانغىچە بىرلىككە  كىلەلمەي ئۈتىدغاندىمىز  قېرىنداشلار !
توغرا، مۇنازىرە بولغان يەردە، پىكرى بىر  يەردىن چىقماسلىقمۇ ھەم مەۋجۈت، مۇشۇنداق پىكىرمىز بىر يەردىن  چىقماي قالسا، سىلق - سىپايىلق بىلەن ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن دەلىلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، چۈشەندۈرۈشسەك.... مۇشۇ ئارقىلق ئىختىلاپ  كىلىپ  چىقشنىڭ ئالدىنى ئالساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن. ئاللاھ ھەر  بىرىمىزنى دىلى بىلەن سۈزى بىر يەردىن چىقىدىغان دىن قېرىنداشلارىن   قىلسۇن ھەر بىرىزمىزنى، ئاللاھ ھەر بىرمىزدىن  ئۈتۈلۈپ  قالغان سەۋەنلىكلەرنى ۋە گۇناھلىرمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن !
ئامىن !
  جىق گەپ قىلىۋەتكەن بولسام، ۋە خاتا كەتكەن  يەرلىرى بولسا ، تۈزتىش بىرشىڭلارنى سۇرايمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 14:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتەش قېرىندىشىم سۆزلىرڭىزدىن بەك مەمنۇن بولدۇم بىز دىن قېرىنداش قېرىندىشىم گەپلەر بىر يەردىن چىقماسلىقى نۇرمال ئەھۋال بىز بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ئۆتۇپ كەتسەك دىگەن ئۇمۇتتە مەندىن ئۆتكەن بۇلسا مەن كەچۇرۇم سورايمەن مەنمۇ سەل ئىتتىكلىك قىلىپ سالغان يەرلىرىم بار ئۆزرە سورايمەن  

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 16:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەىكۇم ، ئاتەش .  فۇتۇ ئاپراتىدا رەسڭمغا تارتىش دۇرۇسمۇ ؟  دىگەن سۇئالىڭىزغا
ئۈزىڭىز جاۋاپ بىرىپ بوپسىز . سىز ، سەھىھىلبۇخارىدا كورگەن ھەدىسنىڭ ئىزاھاتىدىكى مەزمۇن
توغرا .  (جامىئۇل ئۇسۇل ،  فىقھۇل ئىسلام  ) قاتارلىق مەشھۇر كىتاپلاردىمۇ ھازىرقى فۇتۇ ئاپراتى
ئارقىلىق رەسىمغا تارتىش توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ ، « ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ( توي خېتى ئىې _
_ لىش ، سالاھىيەت گۇۋا نامىسى بىجىرىش ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىېلىش ، ھەجگە بېرىش رەسمىيىتى
بىجىرىش قاتارلىق ھەرخىل رەسمىيەتلەر ئۈچۈن لازىم بۇلىدىغان رەسىملەرنى تارتسا دۇرۇس ) دەپ
كوسەتكەن .

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 20:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  ئۈزىڭىز سورىغان سۇئالغا  ئۈزىڭىز  جاۋاپ بىرىپ بولۇپسىز .  ( سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەر _
_لىرى  ، جامىئۇل ئۇسۇل ، فىقھۇل ئىسلام  جاتارلىق ) مەشھۇر كىتاپلاردا ، فۇتۇ ئاپراتىدا رەسىم
تارتىش توغرىسىدا  تۇختىلىپ مۇنداق دىيىلگەن ،« زۈرۈر بولغان رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش ئۈچۈن
رەسىمغا تارتىش دۇرۇس »  بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان زۈرۈريەت _  سالاھىيەت گۇۋا نامىسى ، توي خېتى
ئېلىش ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ، ھەج رەسمىيىتىنى بىجىرىش قاتارلىقلار ئۈچۈن
  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل رەسمىيەتلەر ئۈچۈن رەسىمغا تارتسا بۇلىدۇ دىگەنلىك .
         
                                             يوللۇغۇچى جاۋاپكار

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 10:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  قېرىنداشلار مەن قايسى بىر تىمىنى ئوقۇماي چوقۇم شۇندىڭدا بىر-بىرىمىز بىلەن قىزىرىشماي ، خاپا بولۇشماي ئىش ھەل بولمايدىكەن ، بىزنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىمىزدىن ھېلىمۇ قالغان كۈنىمىز مۇشۇ ، قاچانغىچە ئۆزىمىزنى بىلمەيمىز ، بۇ ئەسكى مىجەزىمىزنى بۇ يەرگىچە سۆرەپ كەلمىسەك قانداق !
سۇئالغا جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى - كەينىنى راۋۇرۇس بىلىپ ، قىياس بىلەنلا جاۋاپ بىرىشتىن ساقلانساق ، بىلمىسەك گەپ قىلمىساقمۇ بىر كىشى گەپ قىلمىدى دىمەيدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 12:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار !
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم، bilal2828 قېرىندىشىم... سىزنى ئىتتىكلىك قىلىپ قالدى دەپ، كىسىپ ئېيتىۋىتىشكىمۇ  بولمايدۇ، مەندىمۇ سەۋەنلىك بار.... شۇڭا، مەنمۇ سىزدىن ئۆزرە سۇرايمەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 13:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16-قەۋەتmuhsin786نىڭ2010-09-08 10:11يازمىسىغا نەقىل؛  :
ھەي  قېرىنداشلار مەن قايسى بىر تىمىنى ئوقۇماي چوقۇم شۇندىڭدا بىر-بىرىمىز بىلەن قىزىرىشماي ، خاپا بولۇشماي ئىش ھەل بولمايدىكەن ، بىزنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىمىزدىن ھېلىمۇ قالغان كۈنىمىز مۇشۇ ، قاچانغىچە ئۆزىمىزنى بىلمەيمىز ، بۇ ئەسكى مىجەزىمىزنى بۇ يەرگىچە سۆرەپ كەلمىسەك قانداق !
سۇئالغا جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى - كەينىنى راۋۇرۇس بىلىپ ، قىياس بىلەنلا جاۋاپ بىرىشتىن ساقلانساق ، بىلمىسەك گەپ قىلمىساقمۇ بىر كىشى گەپ قىلمىدى دىمەيدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ !
قېرىندىشىم سىزنىڭ قايسى بىر تىمىنى ئوقىماي ئۇنىڭدا بىز قېرىداشلارنىڭ پىكىرنىڭ بىر بىرىمىزنىڭكىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىز بۇ ھەرگىزمۇ قىزايشىش ئەمەش شۇنداقمۇ قېرىنداشلىرىم ! چۇنكى ئاللاھ ھەر بىر ئىنسانغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەقىل بەردى بىز ئاللاھ بەېگەن شۇ ئەقلىمىزگە تاينىپ پىكىر ئالماشتۇردۇق قېرىنداشلىرمىز ئۇنداق سىز دىگەندەك قىزىيشىش زىدىيەتلىشىش نىيىتىدە بۇ مۇنبەرگە كىرگەن ئەمەس ھەممىسى ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئۇمۇت قىلىپ كىرگەن ئىنشائەللاھ ، قېرىندىشىم خاپا بولمىسىڭىز سىزنى ئەسكەرتەي مۇئمىن مۇسۇلماننى ياخشى گۇمان قىلسىڭىز ھالىمىز تېخىمۇ ياخشى بولدۇ ئەمەسمۇ ھەم پەيغەمبىرمىز مۇنداق گۇمان قىلىپ قايسىغا سۆزلەشتىن چەكلىگەن ،  بىز قايسى ئىنكاسىمىزنى قىياس بىلەن جاۋاپ بەردۇك تەپسىلى يازماپسىز ئىنشائەللاھ بۇ مۇنبەردىكى قېرىداشلىرمىز قياس بىلەن گەپ قىلىشتىن قورقىدۇ ، سىزنىڭ خىيالىڭىزغا شۇنداق قىياس كىلىپ قالغان بولسا ئىنكاس يازسىڭىز بولدىغۇ (ئى پالانى قېرىندىشىم سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز ماڭا قىياسقا تاينىپ دىگەندەك تۇيلىۋىتىدۇ دەلىلىنى دەپ بەرسىڭىز)دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چىرايلىقچە تەكلىپ بەيسىڭىز بىز قېخىمۇ چىڭ ئىتىپاقلاشمامتىمىز ، مەن بۇ مۇنبەرگە كىرگنىمگە ئۇزۇن بولمىسىمۇ مەن ئىتىپاقسىزلىقنى سەزمىدىم كۇنلىرىم بۇرىنقىدىن ياخشى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىم كۆپياردەم قىلدى مەن ناۋادا نۇ مۇنبەرگە كىرمىگەن بولسام بۇنداق ياخشى پىكىر ياردەملەردىن قۇيۇق قالارمەنكەن ئاللاھنىڭ ماڭا بۇنداق ياخشى بەرگەن بىر ھەدىيەسىگە كۆپ تەشەككۇر بۇلدۇرمەن ، قېرىندىشىم رامزاننىڭ ئاخىرقى كۇنلىردە كۆڭلىڭىزگە تىگىدىغان سۆز قىلغان بولسام مىنى كەچۇرۋىتىشىڭىز سورايمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 14:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئاتەش بۇرادەر   
         http://www.musulmanlar.com/?p=1558
بۇ تور بەتتىن پەتىۋا سوراپ كورگەيسىز،  مىنىڭچە ئۇلار سىزگە تېخىمۇ تەپسىلى  پەتىۋا بىرەلىشى مۇمكىن.   
مەن قايىلمەن سىزگە،  مۇشۇ دۇنيا مەسلىسىدا ھەقنىڭ ھوكمىنى ئاڭلايمەن دىگەن ئادەم بەكمۇ ئاز ،كوپىنچىلىرىمىز نەپسىمىزگە ،پۇلغا تاقاشمايدىغان يەرلەردە خىلى چىڭ مۇسۇلمانمىز،ئىبادەتلەرنى قىلىپ تۇرىمىز، لىكىن مۇشۇ نەپسىمىزگە كەلگەندە ھەقنىڭ ھوكمىنى قىلىش نۇرغۇن بۇرادەرلەرگە تەس كىلىدۇ
ئىسىمىزدە بولسۇنكى دىن ئوچۇن ۋاز كىچەلىگىنىمىز قانچە كوپ بولسا   ،   ئىشىنىمەن ئاللاھنىڭ ئەجرىمۇ شۇنچە كوپ بولىدۇ،(پەقەت ئىسلامغا مۇۋاپىق كەلمىگەن ئىشلاردە ۋاز كىچىش كوزدە تۇتۇلىدۇ)
ئاللا قۇرئاندا ھىچكىمنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلۋەتمەيمىز دىگەن ،ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر،
ئاللاھ   ھەممىمىزنى ھەقنىڭ ھوكمىنى بىلىدىغان،بىلىپلا قالماي ھاياتىغا تەدبىق قىلىشغا تىرىشىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-11-22 13:48 , Processed in 0.029549 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش