ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: ~atax~

فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 16:51:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاتەشنىڭ سۇئالىغا ئىككى قېتىم جاۋاپ يوللىسام  تەسدىقلانماپتۇ ، بۇ قانداق  ئىش ؟؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-8 17:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىرادەر ! سۇئالىڭىزغا ئۈزىڭۈز جاۋاپ بىرىپ بولۇپسىز دىيىشدىن مەخسىدىم ، ئۈزىڭىز
كىتاپدا كۈرگىنىڭز بۇيىچە ئەمەل قىلىڭ دىمەكچى ، سىز مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز .

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 03:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
مېنىڭ ئىشلەتكەن سۆزۈم كەسكىنرەك بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قېرىندىشىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغانلىقىمدىن قېرىندىشىمدىن ئەپۇ سورايمەن، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىممۇ بەزى موللىلارنى دىمەكچى، قاراپ باقمامسىز مېنىڭ ئېنكاسىمدىمۇ ھازىرقى ئاچكۆز موللىلار دەپ ئېلىنغان مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھەممە موللىلارنى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيارىمىزدا دىنىي تەشۋىقات چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا سىزدەك ئېنكاسلارنى بېرىپ قويسا بىزنىڭ قۇران كەرىم ۋە ھەدىسنى ئۆز سۆز ھەركىتىگە تەدبىقلىماي، يۇرتىدىكى موللا ئۆلىما ۋە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئۆز سۆز ھەركىتىگە تەدبىقلايدىغان خەلقىمىز سىزنىڭ مۇشۇنداق مەيدانى ئېنىق بولمىغان گېپىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئۆز بىلگىنىنى قىلىۋەرمەمدۇ؟ شۇڭا ئېنكاس ۋە تىما يوللىغاندا مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار، ئاساسى بولمىغان ئەمەللەرگە ئۆز قارىشىمىزنى قوشۇپ كىشىلىرىمىزنى قايمۇقتۇرمايلى، سىز ئۆزىڭىزمۇ مېنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ گېپىنى ئېڭەك يۆلەپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىڭ قېرىندىشىم، سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاۋابىڭىزدىكى ئېنكاسىڭىزغىمۇ قاراپ بېقىڭ، سىز «موللاملار قوسقىنى مېيت چىققان ئۆيدە تورغىزمىسا باشقا چاغدا ئاچ قالامدا؟ مۇسىبەت بولغان ئۆيدە مىيت ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇيدۇ ديسىز قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئاتا-ئانىسقا ئاتىسا يىتىدىغۇ (مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلسىلام)مېيىت چىقىپ 3- كۈندىن كيىن كۈن توختاتماي خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرنى قىلسا بولدىغۇ كىشلەرگە تاماق بىرەمدۇ ياكى باشقا ياخشى ئش قىلامدۇ مەيلىغۇ ئىماملار بۇنى توسسا بولمايدۇ چۇنكى پەيغەمبىرمىز زامانىسىدا كىشلەر تاماققا مۇھتاج ئىدى تاماق بىرىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بىزنىڭ زامانىمىزدا تاماققا بەك مۇھتاج ئەمەسمىز مېيت ئىگىسى كۇن توختاتماي 3- كۇندىن كىيىن قول ئىلكڭدە بولسا تاماق بىرەمدۇ ياكى بەرمەمدۇ سىز بۇنىڭغا ئارلاشماڭ كىشلەرگە بىلمەستىن بۆھتان چاپلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن !» ... دەپ كەلسەك بۇ توغرىلىق تالاش-تارتىش بەك كۆپ، بىزنىڭ يۇرتتا 16 يېزا بازار بار، پەقەت 2 يېزىدىلا پەقەت مېيىت نەزىرىسى قىلمايدۇ، بەك قىلغۇسى كەلسە ھاياتلىق نەزىرىسى قىلىدۇ، قالغانلىرى ئوخشاش قىلىۋىرىدۇ، ھەم مەن يۇقىرىدا دىگەندەك ئەھۋاللار بەك ئېغىر... مەن سىزنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن سىز ئۆز مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مېنىڭ گېپىمنى ئويلاپ باقسىڭىز بەلكىم مېنىڭ گەپلىرىمگە خاپا بولماسسىز... مېنىڭ ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىم مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەرزى.... ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغانلا كىشى بولسا مېيىت نامىزىغا خالىس قاتنىشىش كېرەك.... سىزچىچۇ؟

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 04:20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى ياكى نىكاھ ئوقۇپ قويغۇچى بىلەن قۇرئان ياكى نىكاھ ئوقۇتقۇچى ئىككى تەرەپ ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ياكى نىكاھ ئوقۇشنى ئېلىش ۋە ستىش ھارامدۇر.

ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:

1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن \\”ئىبادەتكە نىمكار سېلىش\\”، \\”نىمكار\\” سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن\\”ھەل قىلىش\\” قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، \\”نىمكار\\” لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.

2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان \\”تەييارتاپ\\” لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە \\”ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش\\”، \\”رەدنامە ئوقۇش\\”، \\”قەسىدە ئوقۇش، \\”خەتمە ئوقۇش\\”، \\”مەۋلۇت ئوقۇش\\”… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن \\”كەسىپ\\” قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولمايدۇ.

3 ـ بىدئەت ۋە خۇراتلار بازار تاپقانسېرى، تەۋھىدنىڭ ئورنىنى شېرىك، ئىبادەتنىڭ ئورنىنى ئادەت، سۈننەتنىڭ ئورنىنى بىدئەت ئالىدۇ. نەتىجىدە (كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش) مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان \\”دىن\\”، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان (يەتكۈزگەن) دىندىن تامامەن پەرقلىق بولىدۇ.

ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان دىننى تەبلىغ قىلغانلار، ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئۇ \\”دىن\\” نىڭ مۇرىتلىرى تەرىپىدىن \\”دىنسىز\\”، \\”كاپىر\\”، \\”بەدمەزھەپ\\” دەپ ئەيبلىنىدۇ، ھەتتا بەزىدە \\”تېگىشلىك جاجىسى\\” بېرىلىدۇ.

ئەسلىدە يۇقىرىدىكى \\”دىنسىز\\”، \\”كاپىر\\”، \\”بەدمەزھەپ\\” دېگەن سۆزلەر توغرا. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننىڭ دىنسىزى، ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننىڭ كاپىرى بولىدۇ. بۇنى ئۇلارمۇ مۇشۇ مەنىدە سۆزلەيدۇ.

ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان ئىززەت، ھۆرمەت ۋە بەختىيارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا بېرىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇلارنى (ئىززەت، ھۆرمەت ۋە بەختىيارلىقلارنى) ئۆزىنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇئمىن ـ مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان، ئۆزلىرى ياكى باشقىلىرى ئويدۇرغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى مۇئمىن ـ مۇسۇلمان دەپ ئاتىشىۋالغانلارغا ئەمەس!

يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان ئوقۇپ، نىكاھ ئوقۇپ پۇل ئېلىش قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئىشتا پۇل ئالغانلار بىلەن پۇل قويغانلار ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 04:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قېرىندىشىم بىلال2828 غا يازغان ئېنكاسىم تەستىقلانمىدى، مۇنۇ ئىبارىلەر مۇسۇلمانلار تور بېتىدىن ئېلىندى... قېرىندىشىم بىلال 2828 نىڭ تەنقىدىي پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 12:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام قېررىدىشىم مەن نىمىدىن تەنقىدىي پايدىلىنىمەن ! يازغان ئىنكاسىمنى تەپسىلى يەنە بىر كۇرۇڭ ؟ مەن نەدە قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئالسا بولدۇ دىدىم ئېچقانداق ئالىم بۇنداق دىمەيدۇ، ىنىڭ بۇسۆزمگە كەلسەك (موللاملار قوسقىنى مېيت چىققان ئۆيدە تورغىزمىسا باشقا چاغدا ئاچ قالامدا؟)سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزگە(  ھازىرقى ئاچكۆز موللىلار دەپ ئېلىنغان ،،،،) رەديە بىرىپ ئالغان سىزنىڭ ھرەپ تىلى گىرامماتكىسدىن خەۋىرڭىز يو قكەن شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ گېپىدە ئۆزىڭىز تۇتلۇپ كايىپ قالدىكەنسىز بۇندىن كىيىن سىز مىنىڭ ئىنكاس تىمامغا ئاۋاز قاتمىسىڭىزمۇ خاپا بولمايمەن  سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ( خەلقىمىز سىزنىڭ مۇشۇنداق مەيدانى ئېنىق بولمىغان گېپىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئۆز بىلگىنىنى قىلىۋەرمەمدۇ؟ ) قايسى  سۆزىمنىڭ مەيدانى ئىنىق ئەمەسكەن قورىقماي دىمەمسىز قېرىنداشلىرمىزنىڭ كاللىسىنى ئۇياق بۇياققا بۇيماي مىنىڭ سۆزىمنى ئوبدان ئويلىناممايدىكەنسىز (كاللىڭىز ئاددى كىلىپ قالدى) ئەڭ ياخشىسى ئىنكاس تىمامنى يېزىپ باشقا سىزدىن ئالىمراق ئادەمگە كۆرسىتىپ بۇلۇپ ئاندىن مەن بىلەن مۇنازىرلىشىڭ مەن ئىكاسلىرىمنى قۇرئان ھەدىس ، فىقھىغا تاينىپ دىدىم ، قايسى سۆزىمنىڭ مەيدانى ئىنىق ئەمەس  نىمىشقا بۇ خېتىڭىزنىڭ مەيدانى ئىنىق ئەمەس دەپ يازمايسىز مەن دەلىلىنى دەپ بىرەتتىم ئەمەسمۇ ؟ سىزنىڭ كاللىڭىزنى تەرەپپازلىق چىرمىلىۋالدىمۇ نىمە ؟مەيدانىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ ئىنكاس يېزىڭ

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 12:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم bathan نىڭ بۇتىمامنى تەپسىلى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم ؟ مەن  bathan قېرىندىشم زىدىيەتلىشىپ  قالغىنىم يوق كۆڭلىمگەمۇ ئەكەلمىدىم لىكىن ئۇنىڭ بۇ گېپى (بۇنداق مۇنازىرىلەرگە ئاۋاز قاتمىسىڭىزمۇ سىزدىن خاپا بولمايمىز.... )يۇركەمنى ئەزدى مەن بۇ بۇ مۇنازىرگە كىرىپ 2 كۇن بولماستا سىلەرنى شۇنچىۋالا زىرىكتۇرۇپ خاپا قىلغاندىمەنمۇ ! ئەرەپ تىلدىن خەۋىرىڭلار باتۇ قېرىنداشلار جەمئى ئبارەت سۇرۇپ تىللىماڭلار دەپ ئاتەش قېرىندىشىمنى بۆھتانغا چۇشۇپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتسەم مۇنازىرگە ئاۋاز قېتىپ سىلەرنى خاپا قىلغان بولسام ئەپۇ سورايمەن!مەن ئۇنداق نەزىر نامى بىلەن جان تويغىزىدىغان كەسىپنى دۇرۇس دىمىدىمغۇ ؟ مەنمۇ بۇنداق كەسىپكە قارشى 2-دىن سىز دىگەندەك باشقىلارغا قۇرئان ئۇقۇتتۇرۇپ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاپ ئۇ قارىملارغا پۇل بىرش ياكى قۇرئان ئۇقۇپ بەرگەن ئادەمگە مانجۇ بىرىشنى مەن نىمىشقا دۇرۇس دىگىدەكمەن ھەممە ئالىملىرمىز دۇرۇس ئەمەسلىكدە مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى تۇرسا مەن يەنە بىر پىكىرنى ئوتتىرغا قوراي ، مېيىت چىققان ئۆيدە (مىراسنى ئايىغان بولسا قەرزى بولسا تۇلىگەن بولسا كىپەنلىك پۇلنى تۈلىۋەتكەن بولسا خەيرى ئېھسان قىلىش كۇچىگە يىتەلىسە)كۇن توختاتماستىن (كۇن توختۇتۇش بىدئەت) جامائەت قىچىرىپ تاماق بەرگەن بولسا بۇلىدۇ چۇنكى بالىنىڭ قىلغان خەيرى ئېھسانى ئۆلگەن مېيتقا يىتىدۇ (مۇسۇلمان مۇئمىن ھالتىدە)تاماق بەرمەي باشقا دىن ئىشلىرمىزنى راۋاجلاندۇردىغان ئشقا ئىشلەتسە تېخىمۇ ياىشى ئەفزەل بولدۇ چۇنكى بىز تاماققا بەك مۇھتاج ئەمەس بۇ مىنىڭ پىكرىم خالاس باشقا ئالىملىرمىز نىمە دەيدىكىن ؟ مېيىت چىققان ئۆيدە باشقىلارغا ئىش ھەققى بەرمەي قۇرئان تىلاۋەت قىلغان بولسا بولىدۇ ھېچ بۇلمىغاندىمۇ شۇ سورىننى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە بولسىمۇ ساۋاپ بۇلا ! ئاتەش قېرىندىشىم بۇ:فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق  رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟ دىگەن تىمىدىن باشقا تىمىغا يۆتكىلىپ كەتتىمۇ قانداق    رەسىمگە چۈشۈش مەسىلىسنى مەن سىزگە ھەدىس ئارقىلىق ھەم مۇجتەھىت ئۇلىمالارنىڭ پىكرى بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بەردىم ئەسلىمە ياكى خاتىرە رەسىمگە چۇشىدىغانلارنى تاتماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ! مۇنبەردە باشقا ئۇلىمالارمۇ بار ئۇلارمۇ پىكىر قىلسا دىگەن ئۇمۇتتە !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 13:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئەسلى مەن بۇ تىمىغا ئارلاشماي دىگەن ئىدىم لىكىن قارسام بىر قېرىندىشمىز ئازراقلا گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانغا تىمىنىڭ مەزمۇنى ئوزگىرىپ كىتىپتۇ ئەمىليەتتە چوڭ ئىش يوقكەنغۇ ھازىرقى موللىلار دىگەن بىر ئېغىز گەپ شۇنچە ئىختىلاپقا سەۋەپ بولدىمۇ چۈشەنسەڭلار بولمامدۇ ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ ھەممىسى دىمەپتىغۇ بۇنى سىلەر ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىدى دىمەي توغرا چۈشەنسەڭلارلا بۇنچە تالشىشنىڭ ئورنى بارمۇ قېرىنداشلىرىم ئارىمىزدا زەررىچىلىك ئازارلىق بولمىسۇن ھىلىمۇ دەردىنى ئاز تارىتمىدۇق ئۇنداق كىچىككىنە ئىشلارغا ئېسىلۋالماڭلار ئوز ئارا يول قۇيۇڭلار
بىز بىلىدىغانلار بۇنداق قىلساق چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ھالى نىمىدۇ دىندا ئىختىلاپ قىلمايلى بىزنىڭ بۇنىڭ گۇناھىنى كوتۇرگىچىلىكىمىز يوق

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 13:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرندىشىم نۇر ئوغلى سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ مىنىڭ ھەرگىز ئىختىلاپ چىقىردىغا نىيتىم يوق لىكىن مەن باشتا ئاتەش قېرندىشىمنى بۆھتانغا چۇشۇپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتكەندە (ئۇ قېرىندىشىم توغرا چۇشەندى). bathan قېرندىشىم ئۇدا ماڭا رەدىيە بىرىپ كەلدى بۇ گەپ ئەسلى باشتا تۇگىسى بۇلاتتى لىكىن ئەپسۇس ئۇنداق بولمىدى مەن ئامالسىز بۇ سۆزگە رەدىيە بەرمەي تۇرالمىدىم (ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيارىمىزدا دىنىي تەشۋىقات چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا سىزدەك ئېنكاسلارنى بېرىپ قويسا بىزنىڭ قۇران كەرىم ۋە ھەدىسنى ئۆز سۆز ھەركىتىگە تەدبىقلىماي، يۇرتىدىكى موللا ئۆلىما ۋە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئۆز سۆز ھەركىتىگە تەدبىقلايدىغان خەلقىمىز سىزنىڭ مۇشۇنداق مەيدانى ئېنىق بولمىغان گېپىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئۆز بىلگىنىنى قىلىۋەرمەمدۇ؟ ) سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتقڭىز !مەن مەيدانى ئىنىق بولمىغان گەپنى قىلغان بولسام شۇ گەپنى دىسە مەن دەلىلى بىلەن  دەپ بەرمەسمىدىم ، قىرىنداشلىرىم مەندىن خاتا كەتكەن بولسا بۇ گېپىڭ خاتا دەپ رەدىيە بىرىڭلار ، كۆڭلىڭلارغا ئازار بەرگەن بولسام مىنى كەچۇرۇڭلار مۇسۇلمانغا ئازاي بىرىش ياخشى ئەمەس ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇگۇن رامزان چىقىپ كىتىدۇ ھەر بىرسىىمز بىرسىمىزنى رەنجىتمەيلى ، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ روزىسنى بىر بىرمىزگە ئازەي بەرمىگەن ھالدا قۇبۇل قىلاي ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 14:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، bilal2828 قېرىندىشم ۋە bathan قېرىندىشم، شۇنداقلا ئاللاھ بىر،
ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوق،  مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى  دەپ شاھادەت ئېيىتقان مۆئمىن، دىن قېرىنداشلار! ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ۋەبىركىتى بولسۇن !
مەن بۇ، فوتو - ئاپىرات ئارقىلق رەسىمگە تارتىش دۇرۇسمۇ ؟ دىگەن تىمىنى يوللاشتىن مەقسەت،  ھەرگىزمۇ بۇ يەردە ئىختىلاپ كەلتۈرۈپ چىقرىش ئەمەس، بەلكى ئۇستازلاردىن بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارشىنى
ئاڭلاپ بېقىش ئېدى، ئەپسۇس، مەن بۇ تىمىنى يوللاپ تۇلىمۇ خاتا بىر ئىشنىڭ سەۋەپچىسى بوپ قالغاندەك قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ۋە مۇشۇ تىمىا سەۋەپلىك زىدىيەتلىىپ قالغان قېرىنداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايمەن !
مەن ئالدىنقى ئىنكاسلىرىمدىمۇ دەپ ئۆتكەن ئېدىم، مۇنازىرە بار يەردە، گەپ-سۆزلىرى بىر يەردىن چىقماي قېلىشمۇ تۇرغان گەپ، دەپ، بۇ گەپنىڭ خاتاسى يوق. شۇڭا،مۇشۇنداق گىپى بىر يەردىن چىقماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق مۇنازىرلەردە ھەر بىرمىز ئۆزىمىزنى توختىتىۋېلىپ، قارشى تەرەپ نىمە دەۋاتىدۇ، قايسى تەرەپنى قانچلىك كۆزدە تۇتقان ئاساستا گەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا  دىققەت قىلغان ئاساستا، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ھاپىلا- شاپىلا، ئالدىراپ-تىنەپ، چوڭ يەرگە ئېسىلىۋېلىپ، زىدىيەت كىلىپ چىقدىغان گەپلەرنى قىلماستىن، تەمكىنلىك بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسلىردىن توغرا تاپمىغان يەرلىرىنى قايتىدىن نەقىل ئېلىپ، زادى قارشى تەرەپنىڭ ئېدىيسى ئۈزىمىز ئۇيلاپ قالغاندەك چىقسا، ئاندىن رەدىيە بىرش ياكى قوللاش پىرىنسپلىرنى قولانساق ،بۇ مەسىلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلامدىكىن دەيمەن قېرىنداشلار، ئاددىسى  ئۈزۈمنى مىسال ئالسام، مەنمۇ، ئۇ نەزىرە دىگەن ئاتالغۇ بىلەن
نەزىرە يەپ، مىيىت ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇپ پۇل ئالدىغان ئىشلارنىڭ شەخسەن ئۆزۈم تۇرۋاتقان رايۇندا، قاتتىق ئەۋىج ئالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ دىگەن ئېدىم، ئەسلى ئۇ سۆزنى چىقارمىسام بوپتىكەن...
ئەمدى، بۇندىن كىيىن بۇنداق زىدىيەت كىلىپ چىقىدىغان تىما ئىنكاسلارنىڭ مۇشۇنىڭ  بىلەن ئاخىرلىشىنى ئۈمۈد  قىلىمەن، زىددىيەت  بىزگە ياخىشى ئاقىۋەت  بەرمەيدۇ  قېرىنداشلار !
ئاللا خالىسا، ھەر قايسىڭلارنىڭ  ئىلىمى  مىنڭكىدىن ئارتۇق بۇلۇشى مۇمكىن، دىن قېرىنداشلار ئارا
ئىختىلاپلىشىشنىڭ قانچلىك گۇناھ بۇلدىغانلىقىنىمۇ مەندىن بەكرەك بىلىسلەر... شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق  ئىتىلاپ گەپ-سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسا..... ئىختىلاپنىڭ ئورنىغا دوستانە  مۇنازىرە ئېلىپ بارساق  دىگەن ئۈمۈتتە مەن !
ئاخىردا، رامىزان مۇبارەكنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنلىرىدە، ھەممىمىزنىڭ مۇشۇ 30كۈنلۈك رامىزاننىڭ
كاتتا ئەجىر - ساۋابىنى، ئىسلام ئۈممىتىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممىزگە نائىل قىلىشنى، ۋە
بىلىپ- بىلمەي قىلىپ سالغان ۋە ئارلىشىپ قالغان گۇناھلىرىمزنىڭ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىپ بىرشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ھەممىڭلارنىڭ رۇزا  ھېيتىنى قۇتلۇقلايمەن ! رۇزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 15:01:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاتەش قېرىندىشىم سىزنىڭمۇ روزى ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ناھايتى ئويۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز مەن قوشىلىمەن   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !   

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-10 02:23:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 17 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ فوتو رەسىمچىلىك ۋە سىنئالغۇغا ئېلىش كەسپى ئۈگىنىشكە كىرىشكەن. بەش يىل ئۇستازىمنىڭ يېنىدا شاگىرىت بولۇپ تۇردۇم. كېيىن مەنمۇ ھەقنى تونۇپ  ئىمانىم كۈچەيگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قىلماسلىقنى ئويلۇشۇپ ئۇستامنىڭ يېنىدىن قايتىپلا باشقا ئىش قىلىش نېيىتىدە ئىككى يىل يۇرتتا ۋە ئۈرۈمچىدە سەرگەردان بولۇپ يۈردۈم. ئەمما ياش توختالغۇچە ئۈگەنگىنىمىز مۇشۇ بولغاچ باشقا ئىشلارنى ھېچ قاملاشتۇرغىلى بولمىدى. ئاتا- ئانام كىچىك ۋاقتىمدىلا ئاجىرشىپ كەتكەن بولغاچ ھەم مەن ئۇلارنىڭ قېشىدا بولمىغاچ قۇرساق ببېقىشىممۇ تەستە توختاپ بىر زامان ئۇيان بۇيان ئىشلار بىلەن بولۇپ يۈردۈم. كىيىن دادامنىڭ سىڭلىسىنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ ياردەم قىلماقچى بولدى ھەمدە شەرت قويۇپ ئۈزۈڭنىڭ ئۆگەنگەن ئىشىڭنى قىلساڭ ساڭا قەرىز بىرىپ تۇرىمىز بولمىسا چاتىقمىز يوق دەپ تۇرۇۋالدى. كۆپ ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن مۇنبەر تورىغا كىرىپ فوتو سۈرەتچىلىك ۋە توي فىلىمى ئىشلەش كەسپى توغرىسىدا  پەتىۋا سورىدىم. ئۇلار ماڭا ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۈرەتلەرنى تارتسام گۇناھ بولىدىغانلىقىنى، ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن سۈرەتلەرنى تارتسام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بەردى،.بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋىرستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر دوستۇمدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىدىم. ئۇ مىنىڭ بۇ سوئالىمدىن ھەيران قالغاندەك بولۇپ قىلىۋىرىڭ، كىم قىلماڭ دىدى دېگەن جاۋابنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىسمىللا دەپ ئىشنى باشلىدىم. ئۈچ يىل بوپتۇ. تىجارەت يۈرۈشۈپ خېلى بىر يەرگە كەلدى. ئەمما توي رەسىمى، خاتىرە سۈرەتلەردىن ئىمكانقەدەر تارتماي زۆرۈرىيەت رەسىملىرىنى تارتىپ ئولتۇرىمەن. توي فىلىم ئىشلەيدىغان ئىشلاردا بەزى يەرلىكتىكى ئاخۇنۇملاردىن ئىزا - دەشنەم ئىشتىۋالغىنىمىزنى، بەزى قارا تۈرك ئەگەشمە ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ قارا- قۇيۇق، قاتتىق گەپلىرىنى ئىشتىۋالمىغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا خاتىرجەم ئىشلەپ كىلىۋاتىمىز. يېقىندا مۇسۇلمانلار تورىدىنمۇ بىر توربىكەتتىن بىر ماقالە كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ قايسى بىر رادىئو ئىستانزىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە فوتو سۈرەتكە چۈشۈش توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋابەن ئەينەككە قاراشنى مىسالغا ئېلىپ تۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. بۇ زىيارەت ماقالىسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يەنە ئازراق تىنغاندەكمۇ بولدى.
بۇ ئىشنى داۋاملىق قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىككىلىنىش باسقۇچىدىمەن. چۈنكى مەن ئۆز خائىشىم بىلەن بۇ كەسىپتىن قول ئۆزگىنىمدە نېرىسى ئۈچ كۈنگىچە ئېغىزىمغا نانغا چاغلىق بىر نەرسە سالالمىغۇدەك ئەھۋالدا قالغىنمى، خارابىلىكتەك جايلاردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ياشىغىنىمنى ھېلىھەممۇ  ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئەكسىچە ئىككىلىنىش ئىلكىدە بۇ كەسىپنى قولغا ئالغىنىمدا ئاللاھنىڭ رىسىقىمنى كەڭرى قىلىۋەتكىنىڭ، تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ رىسىق چاپلىشىۋالغان بەندە دېيىشلىرىنى ئويلىسام ئاللاھنىڭ رىسىقىمنى بۇنچىلىك كەڭرى قىلىۋېتىشلىرىدىن ھەيرانمۇ قالىمەن. شۇڭلاشقا ئەزىز دوستلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلدە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ تاقا – توقۇ جاۋابلار بىلەن مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىۋەتمەستىن مەسىلىنىڭ نىگىزلىك يىرىدىن چىقىپ تەپسىلي بايانلار بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب قىلىۋېتىشىنى، كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈن ۋە چىگىشلەرنى تۈگىتىشىنى، بىزمۇ ئۆزىمىز بىلمىگەن ئاساستا ئاللا رازى بولمايدىغان بەندىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن تەپسىلىيراق ۋە ئىلمىيراق ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە بىزگىمۇ ئىقتىساد، ئىناۋەت ۋە شۆھرەت ئەمەس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن مۇھىم.
تۆۋەندىكى بايانلارنى قىستۇرما قىلىپ  ئېيتىپ قويغۇم كەلدى. بەلكى دوستلىرىم بۇ ئەھۋاللار ئارقىلىق ئۆزى تالاش- تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ زۆرۈرلىك دەرىجىسىنى ۋە ئومومىي ئەھۋالىنى چۈشۈنۈپ قېلىشىغا ئاساس بولۇپ قالار.
سەككىز يىللىق سۈرەتچلىك ۋە سىنئالغۇغا ئېلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندە ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىكدەك.
سۈرەتچىلىك: 2000- يىللاردا زۈرۈرىيەت سۈرەتلىرىدىن باشقا زىرىككەن، يېڭى توي قىلماقچى بولغانلار، يېڭى كېيىم كەيگەنلەر، يېڭى توغۇلغان بۇۋاقلار، ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە سۈرەت ئەۋەتمەكچى بولغانلار، يېزىدىن شەھەرگە كۆڭۈل خوشىغا كىرگەنلەر، تاغدىن كىرگەنلەر ئاساسەن تۇرمۇش سۈرەتلىرىگە كۆپرەك چۈشەتتى. ھېيت – ئايەم كۈنلىرى باس – باس سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتۇق. كۆپىنچە بىر قېتىم سۈرەتكە چۈشىدىغانلار ئاي – ئايلاپ سۈرەتكە چۈشۈشكە كىلىۋىرەتتى، ھەتتا كوچىدىكى دىۋانە – تىلەمچىلەرمۇ سۈرەتكە چۈشۈشكە خۇما بولۇپ قالاتتى دەسلەپتە تارتتۇق، كېيىن دەدرىجى ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن قايتۇرۋېتتۇق. ئەمما يىللار ئۆتكەنسىرى بۇرۇنقىدەك بىكارغا سۈرەتكە چۈشىدىغانلار ئاساسەن تۈگەپ كېتىۋاتاتتى.زۈرۈرىيەت ۋە يېڭى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغانلار ۋە يىراق يېقىنغا سۈرەت ئەۋەتىدىغانلاردىن باشقىلار ئاسەسەن سۈرەتكە چۈشمەس بولدى. ھازىر ھېيت – ئايەم كۈنلىرى دۇكاننى تاقاپ ھېيتقا تارقاپ كېتىدىغان بولدۇق. كادىرلاردىن باشقا كىشىلەر بۇرۇنقىدەك سۈرەتلەرنى تامغا ئېسىۋالمايدىغان بولدى.
سىنئالغۇغا ئېلىش: سىنئالغۇغا ئېلىش ئۈچۈن شەھەرلىكلەرنىڭ ئېسىل چاكىنىلىرىنىڭ ئارىسىغا، تاغ سەھرالارغا، يېزا- بازارلارغا، ۋالىي، ھاكىم، ھاجىم، ئەمەلدارلارنىڭكىگە قاتىرايتتۇق. يېزىلارغا بارساق ھەممە ئادەملەر ئارقىمىزغا ئەگىشىپ سىنئالغۇغا كۆپرەك چىقىۋېلىشنى ئويلىسا، شەھەرلىكلەر ھەرخىل شەيتانى قىلىقلار بىلەن سىنئالغۇغا ئالاھىدىراق چىقىۋېلىشنى ئويلىغان مەقسەتتە پۈتۈن بىر تويدا خەقنى قىززىقتۇرىدىغان ھەممە ئىشنى قىلاتتى، ۋالىي ھاكىم، ئەمەلدارلار بولسا ھەشەمنى بولىشىغا قىلىپ ئۆيلىرىدىن باشلاپ تاملىرىغىچە، گۈللىرىدىن باشلاپ ھويلىلىرىغىچە، كىيىملىرىدىن باشلاپ زىننەتلىرىگىچە ھەممىنى سىنئالغۇغا ئالغىلى سالاتتى. يىللار ئۈتكەنسىرى سىنئالغۇغا ئالغىلى كەلسەك ئاياللار يۈزىنى يۆگەپ پوشىت دىيىشنى ئۈگەندى. بۇرۇنقىدەك ھەممە ئادەم سىنئالغۇغا قارىۋېلىپ شەيتانى قىلىقلارنى قىلمايدىغان بولدى. بۇرۇنقىدەك ھەممە ئۆي تويىنى سىنئالغۇغا ئالدۇرۇشتىن ئوننىڭ بىرى تويغا ئاران چاقىرىغان بولدى. ئەمما يەنە شۇ ئەمەلدارلار، كادىرلارنىڭ ئارىسىدا 90- يىللاردا قانداق بولسا ھېلىھەممۇ شۇ خىل ھالەتتىكى ھەشەملىرى توختىمىدى.
كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى نېمە قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق مەسىلىسىدە كېشىلەر ئۆزىنى بارغانسېرى تونۇپ ئەقلى بىلەن ئىش قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىپ بولدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىكى دوستلىرىمىزنىڭ مەسىلىنى بۇنداق چىگىشلەشتۈرۋالماي ئاتەش بۇرادىرىمىزنىڭ سوئالىغا ھەدىس، پەتىۋاشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ قويۇش بىلەن چەكلەنسە ياكى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى تولۇق بولسا  جاۋابنى تاقۇ- تۇقۇلا تاشلاپ قويماي ھەدىستىكى بايانلارنى، پەتىۋالارنى تەپسىلىي بايان قىلىۋىتىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئويلايمەن: بۇ مەسىلە پەقەت بىز ئۇيغۇر خەقتىلا قىززىق مۇنازىرە ئوبيېكىتى ئەمەس. ئەرەب، تۈرك، پارس ۋە شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسىدا نوپۇزلۇق ۋە ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەپ كېلىۋاتقان مىللەتلەردىمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىزدەنگەنلەر كۆپ. ئەلۋەتتە تىلچىماچ بۇرادەرلىمۇ شۇ بايانلارغا دىققەت ئېتىبارىنى قارىتىپ قويسا دەيدىغان ئۈمىدىم بار. مەنمۇ فوتو ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە چۈشسە بولامدۇ دېگەن سوئالنى كۆرۈپ كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانى نوقتىنى  ئايدىڭلاشتۇرۋالغۇدەكمەن دېگەندەك ئويدا شۇ تېمىغا كىرسەم ئەھۋال باشقىچە.
نەچچە ئون يىللىق يېتىمچىلىك ھاياتىمدا دىننى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۈگىنىش ۋە ئىچكىرلەپ ئۈگىنىش پۇرسىتى بولماي قويدى. شۇنداقلا ئۇلۇغ ئاللاغا بولغان تىۋىنىشنى توختىتىپ قويغۇنۇم يوق. ئەمما  خۇدا نىسىپ قىلسىلا بۇ ھەقتە يېتەرلىك بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى تېپىپ ئۇلۇغ ئاللاھ تولۇق رازى بولغۇدەك بىر بەندىگە ئايلنىش ئىستىكىدىمەن.
ئاللاھ مىنى ۋە ماڭا ئوخشاش ئىزىقىپ، زورىقىپ، ئىككىلىنىش ئىچىدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلغاي، ئەقىل كۆزلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ ھالال بىلەن ھارامنى ئېنىق ئايرىغۇدەك جاسارەتنى بەرگەي.

ئىملاسى تەھرىرلەندى...
ئىزدەنگۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-10 12:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق رەسىمگە چۈشۈش دۇرۇسمۇ ؟

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم، ئارسىلان قېرىندشىم، سىز  بىلەن  بىز  بىر  كەسپتىكى، كەسىپداشلادىن
ئىكەنمىز. سىز  بىلەن بىزنىڭ بۇ مەسىلە  ھەققىدە ئىككىلىنىپ  قالغانلىقىمىز، ئاللا خالىسا،
قەلبىمىزدە، ياراتقۇچىمىز ئاللاھقا بولغان ئىمان - ئىتقادىمىزنىڭ بارلىقىدىن، ۋە قىلىۋاتقان باشقىلار ئېيىتقاندەك ناتوغرا ئىش بوپ قالسا، ئۈزىمىز مۇسلىمە تۇرۇپ، قىلىۋاتقان تائەت- ئىبادەتلىرىمىزنىڭ بىكار بوپ كىتىشدىن، ئاللاھقا  يەتمەسلىكىدىن ئەندىشە  قىلشتىن  كىلىپ چىققان ئىجابىي
ئىككىلىنىشتۇر. سىز بىزگە ئاللاھنىڭ  رەھمىتى ۋە  مەغپىرتى بولسۇن !
مەنمۇ  بۇ  كەسپنى  ناتوغرا  كەسىپ  دەپ  قارىمايمەن، چۈنكى،بۇ فوتو - ئاپىرات تا تارتىلغان رەسىم
ھەرگىز مۇ رەسىم سىزىش بىلەن تۈپتىن ئوخىشىمايدۇ، چۈنكى، رەسىمەە تارتىشنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، ئەمما رەسىم  سزشنىچۇ؟  سىز  سىزالامسىز ؟  بۇ ئىككىسنىڭ ئۇرۇندىلىش ۋاستىسى ئوخشىمايدۇ،
ئەمما، دۇرۇس  بولمايدۇ  دىگۈچىلەرنىڭ ئاساسى ھەرگىزمۇ بۇ ئىشنىڭ ماھىتى جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ  ئىش  ئارقىلىق گۇناھقا  شىرىك  بوپ قالدىغان ئىشلار چىقىپ  قالىدۇ، شۇڭا دۇرۇس ئەمەس
دىسە، مەن قۇشۇلىمەن چۈنكى،  مەنمۇ سىزدەك ھەم رەسىمگە تارتاتتىم ھەم سىنئالغۇغا ئالاتتىم، 1ئاي ئاۋال مەن بۇ سىنئالغۇغا ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى يەنى توي-تۆكۈنلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىش نا توغرا تەرپىنىڭ ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ، سىنئالغۇغا ئېلىپ بىرىشنى توختاتتىم، چۈنكى، ھازىرقى  توي - تۆكۈنلىرىمىز بەكلا ھەشەمەتچىلىك ۋە داۋراڭچىلق بىلەن ئۈتۈۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز - ئاياللىرمىزنىڭ شەرمىي - ھاياسىزلىقىچۇ تېخى، بۇ  تەرەپلىرىنى سىزمۇ ھىس  قىلىپ يەتكەنسىز
شۇڭا، مەن بۇنداق رىيا  ئۈچۈن  قىلىۋاتقان توي-تۆكۈنلەرگە خىزمەت قىلىپ، گۇناھقا ئارلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، چىكىنىپ بولدۇم، ئەمما، ياخىشى نىيەت بىلەن خاتىرە قالدۇرۇش ئۈلۈمنى ياد ئىتىش مەقسىتىدە، ئىسلامىي يۇسۇندا، دىنمىزغا مۇخالىپ كىلدىغان ھەرقانداق ئىش، ھەرقانداق ھەركەتنى قىلماي
ئۆتكۈزىدىغان توي-تۆكۈنلەر بولسا  مەن يەنە خىزمەت قىلىپ بىرمەن. چۈنكى بۇ دۇرۇس بولىدۇ، دەپ قارايمەن.   ئەسلىدە، مۇشۇ كەسىپتىن بىراقلا قول ئۈزەي دىگەن ئەمما، 20ياشقا كىرىپ توي قىلىپ قالغان ۋاقتىمدا،باشقا بىر ئىشنىڭ پىشنى تۇتۇپ بىر ئۆينى چۆرۈپ بۇلۇشۇمغا ھازىرچە ھېچ كۈزۈم يەتمىدى
شۇڭا، مەن دۇكاننىڭ  كىرىمى ئازراق بولسىمۇ، شۈكىرى قىلىپ، ئۇنداق توي-تۆكنلەرنى سىنغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا، دۇكاندا مۇقىم ئولتۇرۇپ، كەسپىمىزنىڭ دۇرۇس بولغان تەرەپلىردىن، خەت ئۇرۇش، كۈپەيتىش، باغاق بېسىش، ئىلان لايىھەلەش ۋە ھەرخىل زۆرۆرىيەت كىنىشكا رەسىملىرى، خاتىرە رەسىملىرنى تارتىش ئارقىلق گۇناھقا ئارلىشىپ قالدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ئاساستا، ئاللادىن ھالالدىن رىزقى تەلەپ قىلىپ، دۇكاننى چۆگىلتىپ تۇرۋاتىمەن قېرىندشىم.  مىنىڭ  سىزگە تەۋسىيەرىم، توي-تۆكۈنلەرنى سىنئالغۇغا ئامال بار ئالماڭ.
قالغىنىى ئۈزىڭىز ئويلاپ تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ قېرىندىشم، رىزقىمىزنى ئاللاھ ئۈزى بىردۇ،
ئاز بولسىمۇ، ھالالدىن كەلگەن رىزقىنىڭ بەركىتى بۇلدىكەن.
ئەمدى بۇ مەسلىنىڭ دۇرۇس - ياكى دۇرۇس ئەمەس  تەرپىگە كەلسەك، بولدى بۇ مەسلىە  ئۈستىدە  ئەمدى ئىككىلىنىۋەرمەيلى، يەكۈننى ئۈزىمىز چىقىرىپ تۇرايلى، دۇرۇس تەرپىنى قىلىپ دۇرۇس تەرپىگە پايدىلانساق  دۇرۇس . دۇرۇس بولمىغان تەرپىنى قىلىپ، ناتوغرا تەرپىگە ئارلىشىپ قالساق، ئەلۋەتتە، دۇرۇس ئەمەس  بولىدۇ.... بۇ  ھازىرچە  ئۈزۈم  چىقرىپ  تۇرغان يەكۈنۇم.
قالغىنغا يەنە  مۇنبەردىكى  ئۇستازلىرمىزنىڭ  قايىل قىلارلىق جاۋابىغا ئىرشىشنى  كۈتىمىز....
خەيىر، ئاللاغا  ئامانەت، تىنىچ - ئامان ھېيىت ئۆتكۈزگەيسىلەر قېرىنداشلار !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-10 13:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلال قېرىندىشىم مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ روزا ھېيتىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنى خاتا چۈشىنۋالغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن توغرا دەيسىز مەن ئالدىنقى ئىنكاستا ئېيىتقاندەك بىز مەن بىلىملىكقۇ دەپ قارغانلار كىچىككىنە بىر گەپنى تۇتۋېلىپ بۇنچە ئىختىلاپ قىلغان يەردە ھەقىقەتەنمۇ دىنىمىزنى چۈشەنمەيدىغان ياكى يۈزەكى چۈشنىپ قالغانلار ئۈچۈن بۇنداق نا ئېنىق  گەپلەرنى قىلىپ يۈرسەك ياخشى بولمىغۇدەك ھىلىمۇ بىزدە نۇرغۇن گەپلەرنى خاتا چۈشىنۋېلىپ نۇرغۇن بالالارغا قالغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى ئاددىسى بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى لالما ئىتلارنى ئېتىڭلا دىگەن بىر ئېغىز گەپ ئېنىق ئېيتىلمىغانلىغى سەۋەپلىك مانا بىز قاتتىق ئېغىر كۈنگە قالدۇققۇ شۇڭا باشقا قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم گىپىمىزنى ئامالبار چۈشنىشلىك ئېنىق قىلىپ يازغان بولساق بىزنىڭ ئارىمىزدا قىلنى پىل كورسىتىدىغانلار بەك كوپ شۇڭا قاتتىق دىققەت قىلغان بولساق مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە مەن بۇ ئارقىلىق سىلەرگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەس قېرىنداشلار بۇممۇ گۈزەل دىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چۈشىنىشىڭلارنى گەپلىرىم كوڭلۈڭلەگە كەلگەن بولسە ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچلارنى بەكمۇ دوسىت تۇتقۇچىدۇر

ئاتەش قېرىندىشىم سىز مىنىڭچە http://www.musulmanlar.com تورىغا كىرىپ بېقىڭ ئاللا خالىسا چۇقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-10 14:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ئوغلى قېرىندىشىم سىزنىڭمۇ  روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن   مىنى چۇشۇنگەنلىكىڭىزگە كۇپ تەشەككۇر بۇلدۇرمەن ئنشائەللاھ ئاللاھ خالىسا ھەممىمىز قېرىنداشلىرمىزنى مۇشۇنداق چۇشۇنۇپ ئۆتۇشسەك ئارىمىزدا ئىختىلاپ زىدىيەت تۇغىلمايتتى ، ئاتەش قېرىندىشىم بىلەن ئارسىلان قېرىندىشىم سىلە ئۇ كەسپىڭلارنىڭ قايسى تەرپى دۇرۇس قايسى تەرپى دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدىكەنسىلە شۇنداق بولغانئىكەن دۇرۇس تەرپىنى تارتىڭلار ، مەن شۇنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم ،قېرىنداشلىرىم نىمىشقىكىن مەن ھەدىس ئارقىلىق ئىنكاس يازسام سىلەنى قايىل قىلالمىغاندۇ توغرا، پەيغەنبىرمىزنىڭ زامانىسىدا قولدا رەسىم سىزاتتى لىكىن پەيغەنبىرمىز بۇنى چەكلىدى ، ناۋادا سىنئالغۇلاغا ئېلىپ جانلىق نەرسىلەرنى رەسىمگە تارتىپ قىلغان بولسا بۇنى چەكلىمەسمىدى ، پەيغەنبىرمىزنىڭ شۇ ھەدىسى بىزگە دەلىل بۇلالمامدا يا ئۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ بېقىڭلار ، قولدا سىزغاننىمۇ فوتو - ئاپىراتى ئارقىلق رەسىمگە تارتقاننىمۇ رەسىم دەيمىزغۇ ئايرىم ئىستىلاھى مەنىسى بولسا دەڭلار قەنى ، قېرىنداشلىرمىز بۇتقا ئىبادەت قىلىش قانداق كىلىپ چىققان ھە! شايتان لەنىتى ئەسلەپ تۇرشىڭلار ئۇچۇن خاتىرە قالدۇرۇڭلار دەپ ئاتا بوۋىلىرنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇشقا سەۋەپ بولدى كىيىنچە ئەۋلاتلىرى نىمە قىلدى ئاتا بوۋام بېشىغا بىرەي مۇسىبەت كەلسە  مۇشىنىڭدىن ياردەم سورايدىغاندۇ دەپ ياردەم سورەمىدىمۇ كىيىن مۇشرىك بۇلۇپ كەتتى ھازىرمۇ باغۇ شۇ رەسىمدىن ھەيكەلگە ئۇزگەرتىلگەن تاشقا ئىبادەت قىلدىغانلار !  بىز  پەيغەمبىرمىزنى رەسىمسىز ئەسلەيمىزغۇ  پەيغەمبىرمىز توسمىغان بولسا ساھابىلار ئەسلەيمىز دەپ رسىمىنى سىزىۋالماسمىدى ، چۇنكى خاتىرە ئەسلىمە رەسىم قالدۇرۇشتىن پەيغەنبىرمىز توستى ، مىنىڭ ھەدىستىن سىلەرنىڭ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۇرتىنى تارتساڭلار بولمايدۇ دىگەن ھۆكىمنى مۇجتەھىت ئۇلىمالارنىڭ پىكىردىن ئالدىم چۇنكى ئۇلار قىياسقا تاينىپ بۇ ھۆكىمنى چىقارغان ، چۇنكى ئىسلام دىننىڭ يول تۇتۇش پىرىنسىپى 1 قۇرئان 2 ھەدىس 3 ئىجمائ 4 قىياس دەپ بولدۇ، قىياس دىگىنىمىز مەسىلەن پەيغەمبىرمىز زامانىسىدا تەرەت سۇندۇرغاندىن كىيىن نىجىس ئەزىرەتلەرنى چالما تاش دىگەندەك نەرسىلەردە قىلاتتى، بىز شۇ ھەدىسلەرنى قىياس قىلىپ تۇرۇپ ھازىر تازلىق قەغىزىدە ئېيتىمىز ، رەسىم مەسىلىسىدىكى ھەدىسمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش ،توغرا سىلە دىگەندەك تۇرمىشتا قىينىلىشىڭلار مۇمكىن بىراق ئاللاھ رىزقىغا كېپىل بولغۇچى بۇنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلار ساھابىلارنىڭ تۇرالغۇ جايى سىلنىڭكىدىن ناچار تۇرمىشى سىلنىڭكىدىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئۇلارمۇ ئاللانىڭ بەندىسىغۇ ! سىلە دۇرۇس تەرپىنى تارتىڭلار ھېلىمۇ جېق كۇچىمىدىڭلار ، ھەقىنىڭ ئېلانى مۇشۇ، ئۆزىرنى دۇرۇس قىلىشقا بەك ئىزدىمەڭلار . ئىلىم سەۋرەم تۇۋەن بولغاچقا سىلەرنى دەلىللەردە قانائەت قىلالمىغان بۇلشىم مۇمكىن ، باشقا مەندىن نى نى ئالىم كىشلىرمىز بار شۇلانىڭمۇ پىكىر قېتشىنى ئۇمۇت قىلىمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-11 01:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيتان ۋەسۋەسىدىن يىراق تۇراي دىدىم... ئەسلى تولىدىن تولا گەپلىرىم بار ئىدى.،... خەير

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-11 01:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئانا تىلىدا گېپىنى چۈشەندۈرەلمەي تۇرۇپ، ئەرەپچىدىن چۈشكىنى قىززىق....

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-11 03:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر قانچە ئىغىز گەپ قىلاي ئاشۇ نەزىرە دىگەنىنى بايلار قۇربى يىيىتىدىغان ئادەملەر بەرسە نەزىرە دىگەن ئاچ قالغان يىتم يىسرلار مۇساپىرلار يەيدىغان نەر سە ئۇ ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ ياكى ئىماملارنىڭ قورساقتويغۇزدىغان نەرسسى ئەممەس بۇ نەزرە ھازر دىنى پالىيەت بولماستىن ئورۇپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتنى بونداق دىيشتىكى سەۋەپ قوي كالا سويوپ قايسى يىتم قايسى بىچارە يەيدۇ شۇنەزرنى يايدىغانلاركىملەر ئۇرۇق تۇققانلار دوسبۇرەدەرلەر خۇلۇم خوشنىلار خالاس راس سىلەردىگەندەك ئاشۇئىماملار مۇشۇنداق نەزىرلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ يۇ مۇشۇ نەزرقىلغۇچىغا پالانىنىڭ قىيىنچىلقى بارتى پالانى كىسىلتى ياكى كىمنىڭ بالىسى تويقىللالماي قالدى نەزرنى شۇلاغا بەر سەك توغرا بولاتنتى دەپباقمايدۇ .ياكى دىسمۇ ئاڭلىمامدۇ .مىنڭچە دىمەيدۇ ھەم ئاڭ لىمايدۇ چۇنكى پالانىنىڭ دادىسى تۇگەپ تەسە نەزرسىنى قىلماپتۇ دىگەن گەپ چوچەكتىن قورقىدۇ ئشنى قىلىپ ھازرقى نەزرە مىنىڭچە تازا توغرا ئەمەس ھازر ھىچكىم ئاچ لىقتىن ئۆلۇپ قالمايدۇغۇ مۇشۇ نەزر نى يىگەن لەيىمىسە ئوخشاشلا كۇنى ئۆتەېردۇ نەزرنى توغرا يولغا بەرسى ھەمەيلەن ئۇلۇغ ئالادىن تىلەينى بىر كۇنلەردە ئوڭسىلىپمۇ قالا بايا سىلەرنىڭ بايانىڭلارنى تەپسلى كۇپ چقتىم تاسقاپسىلەر ئۇرشۇپ كەتكىلى ھەميەلەنىنڭ مەقسدى شۇ بىر پەقەت ئىماملار ياخشى يولغا باشلىسا نەزرنى ياخشى يولدا بىرلسە دىگەن مەقسەتتە سىز ئىماملار نى ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس بىر تاقتا ھەدىمەڭ دەپ خاپا بوپ كىتىپسىز سىز ئىماممۇ يا پانچى پوكۇنچى دەپ ئسمىنى ئاتاشنىڭ ھاجىتى يوق ئۇنداق لارنى يوق دىگىلى بول مايدۇ ئەلۋتتە بۇنىڭغا سىزنىڭ كايىشىىڭز نىڭ ھاجىتىيوقۇ دەيمە مىغزىنى ئايلىۋىلىپ شاكىلىنى تاشلىۋتىش دىگەن مۇشۇ شۇ سەل كوپ سوزلەپ سالدىم ئەپۇقىلاسىلە .
ئەمدى رەسىمگە چۇسە يامان بولىدۇ دىگەن گەپكە كەلسەك مىنىڭ دىنى ساۋادىم ئانچە ياخشى ئەمەس بولسىمۇ ئۆزۇمنىڭ كۆز قارشىنى سۆزلەپ باقاي سىز پەيغەمبىربرمىزنىڭ بىر رىۋايىتىنى نەقىل قىلىپ جانىلق نەرسىلەرنى سۇرەتكە تارتسا بولمايدۇ دىگەندەك يۇرسىز نىمىشقا بۇنداق كىسىپلا دەۋىتىسز مەسىزگە دەپ قوياي قۇرئانىنى كەرىمنىنى ھەدسنى بىز ئەمەس نىنى ئالىم لار مۇ تەتقىق قىلىپ بولالمىدى ھەم بىز ئاجىز كىلىمىز سىز جانىلىق نەرسىلەرنى رەسىمگە تارسا يامان بولىدۇ دىگەن قاراشنىڭ يەنى ئاشۇپەيغەبىرمىزنىڭ رىۋيتىنىنڭ مايىتىنى تەھلىل قىلالماپسز پەيغەمبىرمىز جانلىق نەرسىلەر نى سىز ماڭلار دىگن بولسا مەلۇم ئاساسى بولىشى مومىكن بەلكم كىشىلەرنى ئىماندىن ئىزىپ كەتمىسۇن ماڭغا ياكى باشقا نەرسىلەر گە ئەمەس ئاللاھقا ئىبادەت قىلسۇن دىگەن بۇلغىتى راس شۇ زامانلاردا رەسىم سىزىشقا يول قويغان بولسا خىرستىيانلار ئەيسانىڭ مىخلاغلىق رەسىمىگە چوقۇنغىنىداك بىز نىمۇ ئىزىپ كەتمىسۇن دىگنبولغتى بىراق شۇ سەنىڭزدە بولسۇن ئالاھنىڭ موجىزلىرنى مەھكەدىكى دىنى پالىيەتلەرنى مۇسۇمانلارنى ياخشى يولغا باشللايدىغان ئىمانىنى مۇستكملەيدىغان ياخشى سۇرئەتنى تار قان تار قاتقان كىشىلەر ياسلاردۇر سز بىر جەينىمازنىڭ ناماز ئوقىغان كور نىشىنى كۆرگەنمۇ ھەسنىنڭ چۇشنى كۆرگنمۇ بىر كالىنىڭ دۇمبىسىدىكى ئالاھ دىگەن خەتنى كۆرگنمۇ مۇشۇنىى كۆرسمۇ يامان بۇلامدۇ .بىر دىنسز كىشى ناماز ئوقۇشنى بىلمەيدۇ بۇكىشى توردىن ناماز ئوقۇش قايدسى ۋەياكى باشقا دىغا مۇناسىېەتلىك رەسىلەرنى كۆرۇپ دىنغا كىرسە ياكى ناماز ئوقۇشنى ئۇگەنسە يامان بو لامدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟......ياق ھەرگىز يامان بولمايدۇ ....بۇ مىنىڭ قارشىم خالاس مەيلىى يامان بولسۇن يامىنى ئوزەمگە مەنمۇ ناماز ئوقۇشنى تازا بىلىپ كەتمەيتىم توردىىن ناماز ئوقۇشنى ئۇگنىۋلدىم يا مان بولسا ئامال يوق .ئۇنى قىلسا يامان بولىدۇ بۇ نى قىلسا يامان بولىدۇ قاچان تۇگەيدۇزردۇ . ئۇنى قىلسىمۇ يا مان بولسا بۇنى قىلسىمۇ يامان بولسا نى مىنى قلىساق بولار . مىنىڭچە فوتو ئاپىراتى سىن ئاپىراتى دىگەندەك نەر سىلەرنى توغرا يولغا ئشلەتسە يامىنى يوق.ئەرەپ تىلېۋزىيەسىنى نىمەدەيسىز ئۇللا كۆرسە يامان بولمامدا بىزگلام بامۇشۇ يامان بۇ لۇش ئەزبا سىز شۇنچىلا پىكىرنى يىزىپ سىز سىز بۇللارنى نىمدە يازدىنىڭز كومپىيوتىردا ياز غانسز بىز ھازر مۇشۇ ئسلام تور دا مۇنازرلشىۋاتىمز ۋە ياكى سۇر ئوگىنىمىز ياكى پەيغەمبىرمىزنىڭ رىۋايەتلىرنى كۆرمىز يا مان بو لام دۇ يا . سىرىق كورسەك يا مان بو لىدۇ دوس تۇم ئاۋۇ ئاپىراتمۇ شۇ سىرىقنى بۇتنى تارتسا يامان بولىدۇ .بولدى مۇشىنچىلك سۆزلەي..... راس رەسىچى دوستۇم پاسورتقا كىملىككە تارسا يامان بولمامش خاتىرە سۇرەتكە تارسىڭز يامان بولارمىش سىز تارقان خاتىر سۇرەتكە بىرسى باش ئۇرۇپ بۇت قىلىپ چوقىنىوپ يۇرمىسۇن يەنە مەن سىز نى تارماڭ دىسەم تىخە تارماڭدىسەم تىخە ھەي..................... ئۆزىڭىز بىلىپ ئىشقىلاسز سىز تارقان رەسىم ئسلامغا زىچمۇ ئەمەسمۇ ئۇكىشىلەرنى ئالاھدىن باشقا بىر نەبۇت يوللىغا باشلامدۇيوق ئويلاڭ ئالاھ بىزنى تەپەكۇر قىلىش ئىقتىداربىلەن يا راتتى ئويلاڭ ئەڭ ياخشسى سىز توردىن كورۇپ پىقىڭ ئەرەپلەرنىڭ خاتىرە سۇرەتلىرى بار مۇ يوق بۇ ئەرەپلەر نىمىنى قىلاسا شۇ نى قىلىڭ دىگەنىلىك ئەمەس بىزدىن ئۇلارنىڭ دىنىى بىلىمى ياخشىمىكى دەيمە

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-11 03:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بىرئىشنى ئۇتۇپ قاپتىمەن رەسمچى دوستۇم پەيغەبىرمىزنىڭ سىزماڭلار دىگنىنىڭ بىر سەۋەبى بولىشى مومكىن ئۇ بىزنى يا مان يولغا باشلىىمايدۇ .مۇشۇنداق دىتىيىشتە بىر سەۋەپ بار بول سا تارتماڭ

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-11 14:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ قېرىندىشىم سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزگە رەدىېە ( سىز توردىن كورۇپ پىقىڭ ئەرەپلەرنىڭ خاتىرە سۇرەتلىرى بار مۇ يوق بۇ ئەرەپلەر نىمىنى قىلاسا شۇ نى قىلىڭ دىگەنىلىك ئەمەس بىزدىن ئۇلارنىڭ دىنىى بىلىمى ياخشىمىكى دەيمە) ھەممىدىن پەيغەنبىرمىزنىڭ دىنى بىلىمى ياخشى شۇنىڭغا ئىمان ئېيتىمىز شۇنىڭ گېپى گەپ ئەرەبلەر ئەسلىمە قالدۇرسا ئۇزنىڭ ئىشى ئۇنىڭ سورىقىنى ئاللاھ ئالدۇ ! يەنە بىر گەپ سىز مىنىڭ ئىنكاس تىمامنى ئۇياق بۇياققا چۆېۇپ نىمە نەتىجە ئالماقچى ، كىشلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ مۆجىزە رەسىملەرنى ناماز ئۇقۇش قادىستىكى ، مۇھىم خەۋەرلەردىكى كىشلەرنى تاتسا بولدىغۇ مىنىڭ بولمايدۇ دىگىنىم خاتىرە سۇرەتلەر ( ئۆلگەندىن كىيىن ئەسلەيمىز دەيدىغان )مۇشىلار ئىتقادنى بۇزمايدۇ دەپ كىسىپ ئېيتامايسىز چۇنكى سىز كىلەچەكتىكى ئىشنى بىلمەيسىز بۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلدۇ ، نەزىر دىگەن ئاتالغۇنى سىز ئوبدان بىلمەيدىكەنسىز ئىسلام دىنكى نەزىر دىگەن مۇنداق بولدۇ مەسىلەن سىزدادام ئۆلگەندىن كىيىن بىر قوي بوغىزلاپ ئاللاھ رىزالىقا ئۇچۇن پېقىر مىسكىنلەرنى تورغىزىمەن دىگەن بولسىڭىز دادىڭىز ئۆلگەندىن كيىن سىزنىڭ شۇ قىلغان نەزىرڭىزنى ئادا قىلشىڭىز كىرەك ئادا قىلمىسىڭىز كاپپارەت تۇلەيسىز ناۋادا پېقىر مىسكىن دىمەي كىشلەر دىگەن بولسىڭىز بۇنى باي يەمدۇ پېقىرمۇ موللاممۇ قايسى يىسە بولدۇ بۇنى پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ يانجۇقىدىكى پۇلغا قىلسىز قەتتئى مىراسقا چېقىلمايسىز ئىسلامدىكى نەزىر مۇشۇنداق، دادىڭىز ئۆلمىسىمۇ باشقا ئىشلارغا نەزىر قىلىپ ئادا قىلالايسىز ، پەيغەمبىرمىز نەزىرنىڭ كاپپارىتى قەسەمنىڭ كاپپارىتى بىلەن ئوخشاش دىگەن ، ھازىرقى كىشلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى يوللۇق تەرقەسدە قىلالىسا مەن دىگەندەك بۇرۇن پېقىر مىسكىنلەرنى تۇيغىزىمەن دەپ نەزىر قىلمىغان بولسا ئۇلارنىڭ بەرگىنى ھەدىيە ھىسابىدىكى تاماق بولدۇ بۇنى كىم يىسە بولدۇ بۇ ئىشلار شۇكىشنىڭ نىيتىگە باغلىق كىشلەر زاڭلىقىدۇ دەپ بەرسە ساۋاپ يوق، لىكىن ھەدىيە ھىسابىدا بەرسە ھەدىيەنىڭ ساۋابى بولدۇ بۇ دىگەن نەپلە ئىبادەت قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ ،مىنڭ پىكرىم مۇشۇ قېرىنداشلىرىم ئىنكاسىمغا قارتا ئىنكاس يازساڭلار ھەممىنى بۇ يەردە يازساق خەت بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىپ سىلەرنى زىرىكتۇرۇپ سالىمەن مىنى خاتا چۇشەنمەي دىگەن سۆزىمگە ئىنكاس يازساڭلار (سىنىڭ بۇ گېپىڭ ئىدىيىمدىن ئۆتمىدى قانداق چۇشەندۇرسىلە )دىگەندەك نىمىنداق ھەر دائىم مىنىڭ ئىنكاسىمغا مەن دىمىگەن گەپلەر چۇشۇدىغاندۇ بۇنىڭغا ھەيرانمەن بىز قېرىىنداش بىزنىڭ دىگەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمىسىمۇ لىكىن مەقسىتىمىز ھەممىمىزنىڭ بىرغۇ ، بۇ قېرىندىشىم مۇنداق دىگەندۇ دەپ چۇشەنسەك نىمە بۇلار سىلەردىن مىنى توغرا چۇشۇنۇشىڭلاېنى ئۇمۇت قىلىمەن ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-9-20 09:43 , Processed in 0.038883 second(s), 8 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش