ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 103825|ئىنكاس: 66

ئەيسا ئەلەيھىسسالام قايتا دۇنياغا كەلمەيدۇ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

簽到
1
يوللىغان ۋاقتى 2006-8-18 19:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن


ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ، ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.
ﻣﻪﻥ، «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ» ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ «ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻣﺪﯗ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﻮﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ، ﺧﺎﻻﺱ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺭﺷﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ (ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ{1}  ﯞﻩ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﯩﺪﯗﺭ{2} . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺴﺴﻪ- ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺮﺍﻗﻰ ﻳﻪﺭﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭﻏﺎ، ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ (ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ) ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯩﭽﻰ «ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ»ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ!
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﺯﻯ «ﻫﻪﺩﯨﺲ» ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﺗﯜﻣﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﻠﯩﺘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ!


ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻰ

  «ﺭﻩﺑﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﺎﻥ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﻧﻪﻳﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﻏﺎﻗﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﯕﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ»{3} .
«ﻳﻪﺳﺴﻪﻧﯩﯔ ﻏﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﭼﻪﺕ ﺋﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺭﻩﺑﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺭﻭﻫﻰ، ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺭﻭﻫﻰ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﻩﺑﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﺭﻭﻫﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯘﺯﯗﺭﻯ ﺭﻩﺑﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺘﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﯞﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺳﺎﻏﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﺴﻰ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻗﺎﭘﻼﻥ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ؛ ﻣﻮﺯﺍﻱ، ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﻛﺎﻻ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﯩﻖ ﺋﻮﺗﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯩﺮ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻳﺪﯗ؛ ﺋﻪﻣﭽﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻻ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﺷﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ؛ ﺋﻪﻣﭽﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﯧﻐﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯘ ﺭﻩﺑﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ»{4} .
ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.


ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ

«ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺋﻰ ﺟﻪﻟﯩﻠﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ! ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﯛﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻴﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ»{5} .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻴﺴﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: ( ﻣﻪﺗﺘﺎ 24/27- 46؛ ﻳﯘﻫﺎﻧﻨﺎ/14/1- 3؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺗﺮﯗﺱ 3/10- 13). ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ «ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ، ﺗﯧﺰ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ!» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻴﺴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.


ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ''ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ''

1- ﺋﻪﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ (ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘﺋﻪﻧﻬﯘ)ﻧﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﺋﯘ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﺮﯦﺴﺘﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺟﯩﺰﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﻝ- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» {6}.

2- ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ (ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘﺋﻪﻧﻬﯘ)ﻧﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﻤﻪﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﺗﻮﻧﯘﻳﺴﯩﻠﻪﺭ: ﺋﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻮﻱ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﯧﺮﯨﻐﯩﺶ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻫﯚﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﯘ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﺮﯦﺴﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺟﯩﺰﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯨﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﯩﻤﯘ ﻫﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺷﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻼﺭ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﻼﻳﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ»{7} .

3- «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﺮﯦﺴﺘﻠﻪﺭ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘﻏﯘﺯﻻﻳﺪﯗ. ﺟﯩﺰﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ (ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﯞﻩ ﺯﺍﻛﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻱ ﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﺗﯜﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﻫﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻳﯩﻼﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺷﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯚﺭﻩ ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘ ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﭼﯩﻼﺭ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯚﺯ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، (ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ)؛ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﮕﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ (ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ)» {8}.

ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﯜﭺ ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ (ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﯞﻩ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ «ﻫﻪﺩﯨﺲ»ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ) ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ:

1- «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﻩﺑﺒﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺯﻭﺭﻻﻣﺴﻪﻥ؟» {9}.
2- «ﺩﯨﻨﺪﺍ ﻫﯧﭻ ﺯﻭﺭﻻﺵ ﻳﻮﻕ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺗﺎﻏﯘﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ» {10}.
3- «ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻳﺪﯗ»{11} .
4- «ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯖﻼ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ»{12} .


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ

ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ»{13} .
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﭽﯩﺪﯗﺭ...» {14}، «ﺑﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ...»{15} .
ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 67- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺋﻰ ﺋﻪﻟﭽﻰ! ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ...» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 23- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، «ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ» ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:
1- «ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ»{16} .
2- «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ... ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ» {17}.
3- «ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ...» {18}.
4- «ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ» {19}.
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:
«ﺋﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ! ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺳﯧﻨﻰ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﻤﻪﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ»{20} .
«ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻧﻼ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ. ﺳﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻪﻥ»{21} .
ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ «ﺋﯩﻴﺴﺎ، ﻣﻪﺳﯩﻬ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﯞﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ،  ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ {22} ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ{23}  ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ (ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺗﺘﺎ) ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ «ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻤﯘ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ «ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﺎﻫﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ{24}  ﯞﻩ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ {25}.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯ- ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ (ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ) ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺳﯚﺯ- ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ «ﻫﻪﺩﯨﺲ»ﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺮﺍﻗﻰ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ «ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ «ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ»ﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ:

1- ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
2- ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ (ﺳﻪﻫﯩﻬ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ) ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﻪﻣﺪﯗ؟
3- ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﺎﻣﺪﯗ؟ (ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ، ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ- ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ- ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ!).
4- ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻧﯧﻤﯩﭽﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻣﯘﺑﯩﻴﻦ (ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ)ﺩﻩ ﻳﻮﻕ؟
5- ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟
6- «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ» ﻧﯩﯔ «ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺭ» ﺩﯨﻜﻰ «ﺋﯩﺴﺎ» ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﺘﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟!
7- ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ...» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺭ «ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﯩﺪﯗﺭ»{26}  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻣﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﯩﭽﯘ؟؟؟
8- ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ؟
9-  ﺋﺎﻟﻼ ﻫﺘﺎﺋﺎﻻ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ «ﺋﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ! ﺳﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﯨﯖﻤﯘ؟»{27}  ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ: «..... ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻧﻼ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ...»[28}   ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﯧﺨﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺶ «ﺋﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟.
10- ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺯﯨﻜﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ:
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﯞﻩﺭﺍﺗﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.
ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ (5- ﺳﯜﺭﻩ) 48- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﻪﺩﺩﯨﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﻪﻳﻤﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ: ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ،     ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ، ﻳﺎ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.  

ﺋﻪﺑﯘلفاتىھ    
______________
ئىزاھاتلار
{1}  مائىدە 5/82.
{2}  بەييىنە 98/6.
{3} ئىشئايا 2/4.
{4} ئىشئايا 11/1- 9.
{5}ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 1/10- 11.
{6}بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ مۇسلىم، ئىمان 71؛ تىرمىزىي، فىتەن 54؛ ئىبنى ماجە، فىتەن 33.
{7} مۇسنەد ئەھمەد 2/406 ۋە 437- بەتلەر .
{8}ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﻓﯩﺘﻪﻥ 32- ﺑﺎﺏ، ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 4077.
{9}يۇنۇس 10/99.
{10} بەقەرە 2/256.
{11} رەئد 13/11.
{12} نەجم 53/39.
{13}نەھل 16/35.
{14}ئال ئىمران 3/144.
{15} مائىدە 5/99، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، رەئد 13/40.
{16} نەھل 16/89.
{17} يۇسۇف 12/111.
{18} ئىسرا 17/9.
{19}ھىجىر 15/9.
{20} ئال ئىمران 3/55.
{21} مائىدە 5/117.
{22} ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.
{23} مائىدە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى.
{24} مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد ۆبو داود مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى.  
{25} پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3- ئېيى)نىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولغان (رەھىقۇلمەختۇم 431- بەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى  ئەرەفاتتا سۆزلىگەن (مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى). بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى سۆزلىگەن كۈن بىلەن، ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ھىجرىيە ئېيى ھېساۋىدا ئۈچ ئاي ئىككى  كۈن بولغان بولىدۇ.
{26}ئەھزاب 33/40.
{27}مائىدە 5/116.
[28} مائىدە 5/117.
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-18 19:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ


ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻣﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﯩﺰ: «ﻳﺎﻕ» ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:

«ﺋﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ! ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺳﯧﻨﻰ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﻤﻪﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ». (ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 3/55)

(ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ) : «ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻧﻼ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ. ﺳﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻪﻥ». (ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 5/117)

ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﻧﯩﯔ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: «ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯩﻴﺴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ». (ﻧﯩﺴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 4/157- 158.)

ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ «ﺭﻓﯩﻬ ﺍﷲ (ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ)» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﮕﯩﻼ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ، «ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ، «ﺳﯧﻨﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﻤﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ:
ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
ﺋﻪﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘﺋﻪﻧﻬﯘﻧﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﺋﯘ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﺮﯦﺴﺘﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺟﯩﺰﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﻝ ﺋﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ». (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ 50؛ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﯩﻤﺎﻥ 71؛ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﻓﯩﺘﻪﻥ 54؛ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ، ﻓﯩﺘﻪﻥ 33).

ﺑﯘ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ: «ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯗ»، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﺎ: «ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»( ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ، ﻓﯩﺘﻪﻥ، 33)، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ(ﻛﺮﯦﺴﺘﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺰﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ...)ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ». (ﻧﻪﻫﻞ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 16/35.)

ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﺖ:
«ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﻩﺑﺒﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺯﻭﺭﻻﻣﺴﻪﻥ؟». (ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 10/99.)

«ﺩﯨﻨﺪﺍ ﻫﯧﭻ ﺯﻭﺭﻻﺵ ﻳﻮﻕ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺗﺎﻏﯘﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ». (ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 2/256).

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ»، ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﺗﯘﺑﻰ ﺳﯩﺘﺘﻪ (ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ)ﺩﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺋﯩﻲ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ)ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ- ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺳﻪﻧﻪﺩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ) ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﻫﯩﻬ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﻣﻪﻧﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﮕﻪ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (ﻧﻪﻫﻞ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 16/35). ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻰ«ﺍﻟﺮﺳﺎﻟﻪ، ﺍﻟﺮﺳﻮﻝ (ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﻰ)»ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﺌﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ»، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ «ﺋﺎﻫﺎﺩ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻫﺎﺩ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻫﺎﺩ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺗﻪﯞﺍﺗﯩﺮ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻳﻮﻕ.

ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﺩ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ!

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﯛﺯﯛﺷﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:

«ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻳﺪﯗ»( ﺭﻩﺋﺪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 13/11)، «ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯖﻼ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ». (ﻧﻪﺟﻢ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 53/39).

ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. «ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ» (ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 7/56) ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ!

ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺳﯘﻥ.
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 01:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ (ﯪﻟﻼﻫ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺩﯞﯨﻦ (ﻗﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯬﺭﻩﺏ) ﻛﯧﻠﯩﭗ ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﯸﻨﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﻼﻡ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﻩﺭﺩﻯ. ﺷﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﻼﻡ ﯰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﯪﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﯮﻳﻠﯩﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﯘﯪﻟﻨﻰ ﯪﯕﻠﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﯮﻳﻠﯩﺪﻯ. ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﻼﻡ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، \"ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯧﻨﻰ؟\" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺳﯘﯪﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﯪﺩﻩﻡ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ: \"ﯬﮔﻪﺭ ﯪﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﯞﻩ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ  ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ.\" ﯰ ﻛﯩﺸﻰ ﯪﻣﺎﻧﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﯻﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﯻﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﯪﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﯬﻟﭽﯩﺴﻰ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ: \"ﯻﺸﻼﺭ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﺎﻗﯩﺘﻰ ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﯬﺗﻨﻰ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ) ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ.\"
(ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)

ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯗﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﻛﯜﻥ ﻣﻪﻏﺮﯨﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﺮﯨﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. *

* ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯜﻥ ﻣﻪﻏﺮﯨﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯜﻥ ﻣﻪﻏﺮﯨﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﻣﯩﻠﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﯪﻟﻼﻫﺘﺎﯪﻻﻧﯩﯔ : \"ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯪﺯﺍﯞﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ\" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﺎﻛﯩﻢ ﯬﺑﻰ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺎ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﺟﯘﺝ- ﻣﻪﺟﯘﺟﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺑﺒﻪ (- ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ) ﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﺮﯨﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.

ﯬﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ*، ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ، ﻫﺎﺭﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺯﯨﻨﺎﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ، ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ، ﯬﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﺯﯨﻴﯩﺸﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﯬﻟﻠﯩﻚ ﯪﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯬﺭ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.

(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﯰﻻﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، \"ﯰﻧﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ (ﯪﻟﻼﻫ) ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﯰﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯲﺯﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﯪﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ (ﯬﻫﻠﯩﮕﻪ) ﺋﯧﻐﯩﺮ (ﯞﻩﻗﻪﺩﯗﺭ)، ﯰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ\". ﮔﻮﻳﺎ ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻪﻙ، ﯰﻧﻰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ: \"ﯰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯪﻟﻼﻫ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ (ﯰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ) ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ\" (ﺳﯜﺭﻩ ﯬﺋﺮﺍﻑ 187- ﯪﻳﻪﺕ)

ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ:
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺭﯗﺷﻘﺎﻥ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﻫﯘﺩﻯ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺵ: ﻫﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ! ﯪﺭﻗﺎﻣﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻫﯘﺩﻯ ﺑﺎﺭ، ﯰﻧﻰ ﯲﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻦ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﻴﻪﺭﻩﺯﯨﻴﺎﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ :ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﯮﻏﻠﻰ ﯻﺴﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﯪﺩﯨﻞ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺳﻪﻟﯩﺒﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﯲﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﺟﯩﺰﻳﻪﻧﻰ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ،ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻝ ﯸﺸﯩﭗ -ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯪﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
\"ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ\"

ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﻴﻪﺭﻩﺯﯨﻴﺎﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ،،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ :ﯻﻠﯩﻢ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﻳﻪﺭﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ ،ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪﺭ ﯪﯞﯗﻏﺎﻥ،ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﯸﺸﯩﭗ -ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
\"ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ\"

ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﻫﯘﺯﻩﻳﻔﻪ ﯻﺒﻨﻰ ﯰﺳﻪﻳﺪﻩﻝ ﻏﯩﻔﺎﺭﻯ ﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﯰ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:\"ﺑﯩﺰ ﯬﺳﻬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟ﺩﯦﺪﻯ .ﯬﺳﻬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ \"ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ \"ﺩﯦﺪﻯ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﯮﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯪﻻﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺗﯜﻥ ،ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ،ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ،ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﯮﻏﻠﻰ ﯻﺴﺎ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯪﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ .ﻳﻪﺋﺠﯘﺝ ،ﻣﻪﺋﺠﯘﺝ،ﯴﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﺭ ﻳﯘﺗﯘﺷﻰ (ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ،ﻏﻪﺭﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ،ﯬﺭﻩﺏ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﺭ ﻳﯘﺗﯘﺵ).ﯬﯓ ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯮﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ .\"
\"ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ\"

ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﯬﺑﯘ ﻫﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ :\"ﻓﻮﺭﺍﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﻍ ﯸﭽﯩﻠﯩﭗ ،ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻼﺭ ﯰﻧﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﯰﺭﯗﺷﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .\"

ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﺍ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ :\"ﯬﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯮﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯰﻧﯩﯔ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﺳﯩﺮﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ \"***

ﺑﯘ ﯪﻻﻣﻪﺕ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯬﻣﻪﻟﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ .654-ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﻣﺎﺩﯨﻴﻪﻝ ﯪﺧﯩﺮ ﯸﻴﯩﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﯮﺕ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻼﭖ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ .ﯮﺗﻨﯩﯔ ﺷﻮﻟﯩﺴﻰ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯘﺳﯩﺮﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ.

ﯬﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﺎﻻﻡ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯪﯕﻼﭖ، ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯴﭺ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ: ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯪﻻﻣﯩﺘﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻧﯧﻤﻪ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ: ﺳﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﯩﺒﺮﯨﺌﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﻳﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﯦﺪﻯ. ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ ﯻﺒﻨﻰ ﺳﺎﻻﻡ: ﺟﯩﺒﺮﯨﺌﯩﻞ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ، ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯪﻻﻣﯩﺘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﯮﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﯪﭘﯩﺮﯨﭗ ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ. ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻟﻪﻫﻪﯕﻨﯩﯔ ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮔﯚﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯬﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯪﻳﺎﻟﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺑﺎﻻ ﯪﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﯪﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯬﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺑﺎﻻ ﯪﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺩﯦﺪﻯ. ................................. (ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻟﺒﯘﺧﺎﺭﻯ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻟﯩﺮﻯ)

ﯬﯞﻑ ﯻﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺭﻩﺯﯨﻴﺎﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ : ﺗﻪﺑﯘﻙ ﻏﺎﺯﯨﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯬﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﯰ ﯬﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺪﯨﺮﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﯰ : ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯪﻟﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻦ ،ﯰﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻢ ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻤﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻨﯩﯔ ﭘﻪﺗﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯻﭽﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯲﻟﯜﻡ (1)، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ (2) ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯪﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯩﻠﻼ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ،ﺑﯘﻧﻰ ﯪﺯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﯬﺭﻩﺏ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﺘﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ (3)،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯗﻣﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ (4)، ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺭﯗﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯜﯕﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯮﻥ ﯻﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﯬﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ ،ﺩﯦﺪﻯ .


(1)------ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﯲﻣﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﺑﺎﺩﺍ ﯴﭺ ﻛﯜﻥ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻣﯩﯔ ﯪﺩﻩﻡ ﯲﻟﮕﻪﻥ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﯬﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
(2)------ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﯮﺳﻤﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﻪﺗﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ .
(3)------ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﯮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﭘﯩﺘﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯻﺪﻯ .
(4)------ﯰﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ

\"ﺳﻪﻫﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ\"

ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﻫﯜﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ:

- ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ( ﺳﻪﻟﻼﻻﻫﯘ ﺋﺎﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ) ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯘ؟. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ : << ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ، ﺍﷲ ﺳﯧﻨﻰ ﺧﻪﻳﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺴﯘﻥ. >> ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﻫﯜﺭﻩﻳﺮﻩ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
- ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﺘﯩﻦ 1300 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻦ ( ﺋﺎﻗﯩﺪ - ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ). ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺭﯗﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﻫﯘ-ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺟﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﺗﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ << ﺟﯧﺮﻣﺎﻥ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. ( ﻣﺎﻟﯩﻚ- ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ). ﯞﻩ ﻫﻪﻡ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯗﺳﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﺘﯩﻦ 1300 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻦ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ << ﻧﺎﺳﯩﺮ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺍﷲ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺵ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﻫﯘ-ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺍﷲ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﺋﻪﺳﻤﻪﺭ ﺳﺎﺩﺍ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻯ - ﺋﻪﻗﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ( ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﻡ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯗﺭ ( ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﻰ - ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ << ﺳﺎﺩﺩﺍﻡ >> ﺩﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﺎﺩﺩﺍﻣﺪﯗﺭ. ( ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯗﺭ ). ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯜﺗﺘﻪ >>، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺩﺍﻣﻤﯘ ﻛﯜﯞﻩﻳﺘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻳﯩﺮ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻫﻪﻡ ﺧﻪﻳﯩﺮﺩﯗﺭ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﺘﯩﻦ 1400 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻦ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻫﺪﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ، ﺋﯩﺴﺮﺍ ﯞﻩ ﻣﯩﺮﺍﺝ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺩﺩﯗﺳﺘﯩﻜﻰ ( ﺋﯧﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ) << ﻣﻪﺟﯩﺪﺩﯗﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ >> ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯩﻠﻪ-ﻣﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺯﺍﻧﯩﻴﻪﺩﯗﺭ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ). ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﯞﻩ ﻛﯘﭘﯘﺭﻏﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯘﺩﺩﯗﺳﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﻫﯜﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﻣﻪﻫﺪﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻫﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺍﷲ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﺪﯗﺭ.... ﺍﷲ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ( ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ) ﺋﻪﯓ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ( ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ) ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻧﻰ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ( ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﯨﺪﯗ ). ﯞﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﷲ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﭘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ( ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ) ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
( ﺋﻪﺳﻤﻪ- ﻣﻪﺳﺎﻟﯩﻚ ﻟﯩﻴﻪﻳﻴﺎﻡ- ﺋﯩﻞ ﻣﻪﻫﺪﻯ- ﺋﯩﻞ ﻣﺎﻟﯩﻜﻰ ﻟﻰ ﻛﯜﻝ- ﺋﯩﺪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺌﻪﻣﺮﯨﻠﻼﻫ - ﺋﯩﻞ ﻣﺎﻟﯩﻚ، ﻛﻪﻟﺪﻩ ﺑﯩﻦ ﺯﻩﻳﺪ 216 ﺑﻪﺕ )
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯩﺠﺮﻯ 1300- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩﻩﻝ 1330 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﺪﯗﺭ. ﺭﯗﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
<< ﺟﯧﺮﻣﺎﻥ >> ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯧﻤﯩﺴﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺟﯧﺮﻣﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺑﻮﻟﺴﺎ 20 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ 1918- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﻝ 20 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ - ﺋﺎﺩﻭﻟﻒ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ.
ﺭﯗﺳﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ - ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ، ﻙ ﮒ ﺏ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.
ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﺘﯩﻦ 1300 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻦ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ << ﻧﺎﺳﯩﺮ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ --- ﺑﯘ ﻫﯩﺠﺮﻯ 1350 ﺗﯩﻦ 1380 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، 1952- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﺎﺳﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺍﷲ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺵ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ --- 1956 ﯞﻩ 1967 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻩﭖ - ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﻼﻫﯘ-ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ --- ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺍﷲ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﺋﻪﺳﻤﻪﺭ ﺳﺎﺩﺍ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ --- ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﻪﺩﺍﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﺎﺩﺍﺗﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻯ - ﺋﻪﻗﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ( ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ --- ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﺎﺩﺍﺕ، 1973- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﻯ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻨﺮﯨﻲ ﻛﯩﺴﺴﯧﻨﺠﯩﺮ ( ﺋﯘﻣﯘ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﺪﯗﺭ ) ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﺎﺩﺍﺗﻨﻰ ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﺎﺩﺍﺕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ، 1978- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ << Camp David >> ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﻡ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯗﺭ ( ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﻰ - ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ << ﺳﺎﺩﺩﺍﻡ >> ﺩﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﺎﺩﺩﺍﻣﺪﯗﺭ. ( ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯗﺭ ) --- ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺳﺎﺩﺩﺍﻡ ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﻰ ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯜﺗﺘﻪ >>، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺩﺍﻣﻤﯘ ﻛﯜﯞﻩﻳﺘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ --- 1991- ﯞﻩ 2003 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﺩﺩﺍﻡ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﯜﯞﻩﻳﺘﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ 37 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.
ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﺘﯩﻦ 1400 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻗﯩﺪ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻦ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻫﺪﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ --- ﻫﯩﺠﺮﻯ 1420 ﯞﻩ 1430- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﯩﺠﺮﻯ 1426- ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ!. ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﻪﻫﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ --- ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ --- ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ --- ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻓﻴﺎﻧﯩﻼﺭ ( ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯩﻠﻪ-ﻣﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺯﺍﻧﯩﻴﻪﺩﯗﺭ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ). ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﯞﻩ ﻛﯘﭘﯘﺭﻏﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ --- ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻼﻫﻰ >> ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﻣﻪﻫﺪﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻫﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺍﷲ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﺪﯗﺭ.... ﺍﷲ ﻣﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ( ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ) ﺋﻪﯓ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ( ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ) ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻧﻰ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ( ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﯨﺪﯗ ). ﯞﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﷲ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﭘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ( ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ) ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ --- ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻟﯩﯟﺍﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﻰ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﻪﻫﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺷﻪﭘﯩﺴﯩﺪﯗﺭ...

مەنبە: http://bbs.yulghun.com/

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 01:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻠﻪ ﻫﯩﺮﺭﺍﻫﻤﻪﻧﯩﺮﺭﺍﻫﯩﻴﻢ!
(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯘ (ﺋﺎﻟﻼ) ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻛﻰ،ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ) ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯗﺭ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺗﻪﺷﺎﺑﯩﻬ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﺌﻪﻣﻪﺱ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﻘﺎﻣﺎﻳﯩﻞ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﯩﺘﻨﻪ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺭﺍﻳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﺗﻪﺷﺎﺑﯩﻬ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺗﻪﺷﺎﺑﯩﻬ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ). ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ) ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﺍ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ:\"ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯗﻕ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. (ﺑﯘﻧﻰ) ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻼ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ.<7>ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻤﯩﮕﯩﻦ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﯩﻦ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺳﻪﻥ (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﻻﺭﻧﻰ) ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ.<8>
(3-ﺳﯜﺭﻩ ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ 7-،8-ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ)

3- ﺳﯜﺭﻩ ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻧﺪﯦﻜﻰ «ﺋﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ! ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺳﯧﻨﻰ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﻤﻪﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ». (ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 3/55) ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ «ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﻫ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺟﯩﻖ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺗﻮﻏﯘﺭﯨﺴﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﻪﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﺮ 1- ﺗﻮﻡ 495 ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺷﻪﺭﻫﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ
ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ «ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﻫ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﯨﺴﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ «ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﻫ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺎ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ «ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﻫ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ 60- ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ
ﺳﯜﺭﻩ ﺯﯗﻣﻪﺭ 42- ﺋﻪﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ «ﺋﻪﻟﻬﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻼﻫﯩﻠﻠﻪﺯﻯ ﺋﻪﻫﻴﺎﻧﺎ ﺑﻪﺋﺪﻩ ﻣﺎﺋﺎﻣﺎﺗﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻪﻳﻬﯩﻨﻨﯘﺷﯘﺭ» ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: «ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﯗﺭ.» ﺩﻩﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻫﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﯩﺴﻤﯩﻠﻠﻪﻫﯩﺮﺭﺍﻫﻤﻪﻧﯩﺮﺭﺍﻫﯩﻢ
ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: « ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯩﯔ ﻛﯘﻓﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﮕﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻫﺘﺎﻥ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ) (156). ﻳﻪﻧﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﺒﻦ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ). ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﯜﺑﻬﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ، (ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﻰ)، ﺋﯩﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ (ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ) ﺩﻩ ﺷﯜﺑﻬﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ (ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ) ﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﻯ (157). ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ). ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (158). ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﺩﯨﻦ) ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ) ﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (159). (ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 156- 159- ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ)

ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺗﻮﻡ 156- ﺑﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺑﯘ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﯨﺴﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻫﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن:«ئى مۆئىمىنلەر!ئاللاغا،پەيغەمبەرگە ۋە ئۈزەڭلاردىن بولغان ئىش-ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقى) ئىشىنىدىغان بولساڭلار،بۇ(يەنى ئاللانىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.» سۈرە نىسا 59-ئايەت

ئاللاھ سۇرە غافىر15-ئايەتتە<ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقۇردۇر،(ئاللاھ)ئەرىشنىڭ ئىگىسىدۇر،(خالايىق)مۇلاقەت بۇلۇشىدىغان كۇن (يەنى قىيامەت كۇنى)دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۈن ،ئاللاھ ئوز ھوكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھى چۈشۈرىدۇ15.>دىگەن. ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ <چۈشىدۇ.> دېگەن ئىكەن . ئۇ چوقۇم چۇشىدۇ.
سۇرە فۇسسلەت47-ئايەتتە<قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھغا خاستۇر(يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىغىنى ئاللاھدىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ).دېگەن . سۇرە شۈرا17-18-ئايەتكە،سۇرە مۇھەممەت 18-ئايەتكەئاساسەن، قىيامەت ۋە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىدىن بىر قەدەر مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولىمىز.

ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺰﯨﻴﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻎ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻣﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﮕﻪﻧﻤﯘ؟
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ،ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﯩﺴﻪ، ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺟﯜﺝ-ﻣﻪﺟﯜﺟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﭽﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؟

ﺳﯩﺰ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﻩﭘﺴﯩﺰ-ﻳﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ، ﺗﻮﯞﺍ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯧﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ،ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ، ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻕ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﺎﻣﯘ؟
ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﭙﺴﯩﺰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻻﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺯﯨﺖ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺭﺍﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ؟

ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯨﺴﻪﯕﻼﺭ، ﻧﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺗﻪﺑﻠﯩﻐﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ ، ﺋﯘ ﻗﯩﺴﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﺑﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻜﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ، ﺋﺎﯕﻼﻣﺴﯩﻠﻪﺭ-ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ.


ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﯩﺴﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺯﯨﺖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﻫﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ،
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺗﻮﻡ 156- ﺑﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺑﯘ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﯨﺴﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻫﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺋﺎﺭﻣﺎ ﮔﺎﺩﯨﻴﻮﻥ ﺋﯘﺭﯨﺸﻰ .ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﻼﺋﯩﺮﻭﺳﻰ .ﻛﯩﻼﺭﯨﺌﻮ ﻳﻮﻟﻼﺵ »ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯘﺷﯘﻧﯩﻜﺴﺰ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ
« سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن»
- سۈرە ئال ئىمران 55- ئايەت

ﺋﯩﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﯜﺑﻬﯩﺪﯨﺪﯗﺭ.ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﻯ<157> ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ.ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ<158>.
سۈرە نىسا 157-،158- ئايەتلەر!
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىرناقنىڭ سىرتىدىكى ئايەتلەر!

ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ ئايەتلەردىن چىقىپ تۇرىدۇكى، بۇلار ئختىلاپىي مەسىلە، بەرىبىر ، مەن سىزنىڭكىنى ئاڭلىمايمەن !
بۈيۈك ئاللاھ ، 14 ئەسىر بۇرۇن ، 14 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنداق ئىختىلاپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بىزنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرماسلىقىمىز ئۈچۈن، « ﺋﯩﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭ.....». « ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،» دەپتۇ .
دىمەك بۇ ھامان ئىختىىلاپ بولىدىغان مەسىلىكەن ، بۇنى اللاھ يەنىلا بىلىدىكەن ! ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىنكەن!
شۇڭا مەن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ اللاھنىڭ بىرلىكىگە بولغان ، قۇرئاننىڭ ھەق كىتاپ ئىكەنلىكىگە بولغان ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەلچىلىكىگە بولغان ، تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم ، تەۋرەنمەي تۇرىشىنى مۇراقىئەت قىلىمەن !
يەنە بىر گەپ ، پەيغەمبەر ەلەيھىسسالام ، ئۆز ئۈممىتىنىڭ قۇرئاندىن باشقا ، ساماۋى كىتابلارنى ئوقۇشىغا يول قويغان ئەمەس، مەسىلەن ، ئىنجىل ، تەۋرات دىگەندەك، چۈنكى قۇرئان ھەممىنى تەستىقلىغۇچى ئەڭ ئاخىرقىسى!
دەججالنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن كەلگۈسىدە كېلىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن تەسۋىرلىرى، ساھابىلەرنىڭ شۇ باغدىن دەججالنى ئۆلتۈرىمىز دەپ شۇ باغدىن دەججالنى ئىزدەپ كېتىشكەنلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ، دەججالنىڭ ، ھازىر ئەمەس ، كەلگۈسىدە كېلىدىغانلىقى ، توغرىسىدىكى، شۇنداقلا ، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان يەجۈج-مەجۈج لەرنىڭمۇ كەلگۈسىدە كېلىدىغانلىقى ئايدىڭ!

قەبزى روھ قىلىمەن ، ئۆلتۈرىمەن دېگەن كەلىمىلەر ،كېلىدىغان زامان پېئىلى تۇرسا، ، يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام تېخى قەبزى روھ قىلىنمىغان ، ئەمما كەلگۈسىدە
قەبزى روھ قىلىماقچى بولغانلىقى ، ئىپادىلىنىدىغان تۇرسا، قانداق ، مۇئەييەنلەشتۈردىڭىز؟
«....ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﻯ» دېگەن ئايەت ئۆتكەن زاماندا، بۇ ئىيسانىڭ مەيلى يەھۇدىي تەرىپىدىن بولامدۇ ، ئىشقىلىپ ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن تېخى ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ ، قەدىردان قېرىندىشىم
بۇ مۇنازىرە سىزنىڭچە نەگە بېرىپ نەدە توختا؟ ئاللاھ قۇران كەرىمدە سۇرە ئالئمراندا <شۇبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن)ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا-ئانىسىز)تۇپراقتىن ياراتتى،ئاندىن ئۇنۇڭغا:<ۋۇجۇتقا كەل>دېدى-دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كەلدى(ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس)59.(ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۇز)ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن60. سەن ئىسا توغۇرلۇق ھەقىقى مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كىيىن،كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرلەشسە، سەن ئۇلارغا:<كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى ، ئاياللىرىمىنى ۋەئاياللىرىڭلارنى، ئوزلىرىمىزنى ۋەئوزلىرىڭلارنى يىغىپ ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن،دەپئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى>دېگىن61.دەپ بىز ئىختىلاپقىلىشقان بۇمەسلىگە بۇندىن 1400يىل بۇرۇنلا جاۋاپ بەرگەن. ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇھەممىنى بىلگۇچى ئىكەن.

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 01:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەلىلگە تويىشە مانا!!!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 18:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىتنە تارقاتقاننىڭ نېمە پايدىسى ..سىلەر تۆۋەندىكى تەبلىغنى تەپسىلىي ئاڭلاپ كۆرۈڭلار. دەججال ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام  توغرۇلۇق ئېنىق دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان...ئۇلار سىلەردەك ئىنجىلنى ئاساس قىلغىنى يوق ، «للە»نىڭ كامالى كىتابى قۇرئانى كەرىمنى ئاساس قىلغان.............«اللە»نىڭ پەرمانىغا قارشى چىققۇچىلار ھامان ھالاك بولغۇچىلاردۇر..قىيامەت كۈنى تىرىك قالدۇرىلىشىڭلاردىن قورقۇڭلار......

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 21:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي مۇنازىرىدە قارشى تەرەپكە «نەسىھەت» قىلماي دەلىل كۆرسىتش كېرەك!
كىتابىم قۇرئان!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-21 23:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدە بىرمۇ دەلىلنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
يېقىن بۇرادىرىم!
ئۈستىدىكى دەلىلىلەرنى بەردىم بىكاغا ،ئېلىڭلار، بۆلۈشىۋالساڭلارمۇ مەيلى!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-22 13:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار دەلىلنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدىغانلارغا نىسبەتەن دەلىلدەك كۆرۈنسىمۇ ھەقىقىي دەلىلنى بىلىدىغانلار ئالدىدا دەلىل ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئايەتلەرنى خاتا چۈشۈنىۋېلىپ، «مېنىڭ دەلىلىم مۇشۇ!» دەپ تۇرۇپ بېقىپ ئاندىن ئىشەنچ قىلالماي ھېچقانداق ئىلمىي ياكى دىنى قىممىتى بولمىغان «ھەدىس» لەرنى قوشۇمچە قىلىش، بۇمۇ قاملاشمايدىغاندەك كۆرۈنسە قارشى تەرەپكە ھاقارەت قىلىش ياكى يالۋۇرۇش ۋەياكى «نەسىھەت» قىلىشلەر دەلىل كەلتۈرگەنلىك ئەمەس.
        سىزمۇ ئۇ «دەلىل» لىرىڭىزنى باشقىلاردىن «ئىمپورت» قىلغانغۇ دەيمەن!
        بۇرادەر! سىز قارشى تەرەپكە «دەلىل» ئۈلگۈرتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا قارشى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلىپ باقسىڭىز، چۈشىنەلمىسڭىز قايتا سورىسىڭىز، ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەسسە قوشقان بولىسىز، ئەمەسمۇ!
كىتابىم قۇرئان!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-22 16:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ، ئۇلار دەلىلمۇ ، دەلىل ئەمەسمۇ ئوقۇغان ئادەم ئۆزى ئايدىڭ قىلىۋالىدۇ.
كەچۈرۈڭ ،  ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻫﻪرگىزﻣﯘ  ﯻﮕﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺳﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯗ، لېكىن ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﯲﺯﻯ ﯻﮕﯩﻠﯩﺪﯗ ﯲﺯﻯ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-22 16:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن ئىمپورت قىلغانتىم!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-23 01:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىلەرنىڭ بۇ قارىشىڭلار بويىچە  مۇھەممەت سالىھ دامۇللام تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە قۇرئاندا خاتالىق بار دىگەن گەپ بولدى.
  بۇ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭ خەۋەر. مۇشۇنداق چوڭ خەۋەر مۇھەممەت سالىھ دامۇللامغا يېتىپ بارمىغانمىدۇ؟  
  باشقا ئۇيغۇر ئۆلىمالارغا يىتىپ بارمىغانمىدۇ؟ ئۇلارغا يېتىپ بارمىسا ئۇلارنىڭ شاگىتلىرىغا يېتىپ بارغاندۇ؟ ئۇلار نېمىشقا ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ
  ئىككى ئېغىز دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمايدۇ دەيمەن؟ ياكى ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك دەلىلى يوقمۇ -يە؟ ھەي قانداق گەپ بۇپ كەتتى بۇ؟!
  ئۇلارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن، ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بار قېرىنداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى
يەتكۈزۈپ قويىشىنى سورايمەن. بۇ ئىشنى تېزراق يا ئۇياق ،يا بۇياق قىلىۋەتمىسەك قانداق گەپ بۇپكەتتى -بۇ؟

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-24 18:16:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
&#39;&#39;ھەقىقەتتىن كىيىن پەقەت ئازغۇنلۇق بار&#39;&#39;
ئەسەدۇللاھ17قېرىنداش ئوتتۇرىغاقويغان دەلىلنى ھەربىر ئىلىم ئىگىسى ئوبدان چۈشىنىدۇ بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلىش ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ.
بەزىلەر خىجىل بولماستىن<<ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ»، ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﺗﯘﺑﻰ ﺳﯩﺘﺘﻪ (ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ)ﺩﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺋﯩﻲ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ)ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ- ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. >>دەپ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلدى،قارىغاندا دەۋرىمىزدە ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺋﯩﻲ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ قاتارلىق ئالىملارنى بېسىپ چۈشكىدەك <<ھەدىسشۇناسلار>>مەيدانغا كەلگەن ئوخشايدۇ.ئۇلار ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺋﯩﻲ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ قاتارلىق ئالىملارنىڭ دەلىلىدىن <<گۇمان>>لاغان يەردە
سىزنىڭ دەلىلىڭىزنى ئىنكار قىلىشى ھىچقانچە ئىش ئەمەس.
بىز بۇنداق <<كاتتا>>ئالىملاربىلەن مۇنازىرە قىلىشقا بىلىمىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ.
<<ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺋﯩﻲ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ)ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ- ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.>>
ئۇلار<<ﺋﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ >>يالغانغا چىقارسا خىرىستىيانلارنىڭ نەزىرىدە<<ﻧﺎﻡ- ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ>>چۈشۈپ كىتىشتىن قورقۇپ شۇڭا  <<ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ >>باقماي يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ.
ئۇلاردا ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىگىگە قارىتا بەزىلەردىكىدەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوقكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
&#39;&#39;ئاخىرزاماندا بىرقىسىم كىشلەر مەيدانغا كىلىدۇ.،ئۇلار كارۋىتىغا(ساپاسىغا)يۆلىنىپ تۇرۇپ :
قۇرئاندابارغا ئەگىشىمىز........دەيدۇ&#39;&#39;دىگەن.
قارىغاندا شۇزامان يىتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-26 15:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇ يەردە ئەيسا ئەلەيھىسسالام چۈشمەيدۇ دېگەنلەر يەھۇدى ناسارالارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇيۇ ئاخىردا ئىزىپ يەنە يەھۇدى ناسارالارنىڭ <<اللە ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئەيسانى ئۆلتۈرۈپ ئىنسانلارغا بولغان مىھرىبانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارا قىلدى>> دېگەن باتىل نەزىرىيسى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇل ھازىرلاپتۇ. مېنىڭ بىلىمىم چولتا، لېكىن بۇلارنىڭ يازغان ئۇنى يەھۇدىلار ئۆلتۈرمىدى، خۇدا ئۆلتۈردى <<خۇدا ئۆلتۈرۈپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى>>دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن يەھۇدى ناسارالاردىن ئىبارەت دۈشمەنلەرنىڭ نەزىرىيلىرىنى مۇسۇلمانلارغا ئاسان سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئاساس سېلىپ بىرىۋاتامدىكىن تاڭ، ھىچ بىلمىدىم، ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. اللە دىن توغرا يول تىلەيمەن

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-26 16:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ...» (ئىسرا 17- سۈرە 9- ئايەت)
اللە تەئالا قىيامەت كۈنى بىزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» (فۇرقان 25- سۈرە 30- ئايەت) دەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغان قەۋمدىن قىلمىسۇن.
كىتابىم قۇرئان!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-28 04:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ھەقىقەت ئاشكارا بولدى!
ھەقىقەت ھەم ېگىلمەيدۇ ھەم سۇنمايدۇ!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-28 13:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار! بۇ چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك بىر مۇرەككەپ مەسىلە ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يازمىلىرىدىكى دەلىللەرنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلىپ باقساق ھەقىقەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. ھېچبولمىغاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ شۇنى ئويلاپ باقايلى: يەھۇدىيلەر بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ، خرىستىئانلار ئىيسا مەسىھنىڭ چۈشىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ كىتابىمغا، مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىشەنمەيدىكەن. مەن (مۇسۇلمان) كىمنى نېمىچۈن ساقلايمەن؟ مېنىڭ كىتابىم ئاخىرقى كىتاب، مېنىڭ پەيغەمبىرىم ئاخىرقى پەيغەمبەر تۇرسا! مەن بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن تۇرسام!...

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-29 08:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﯩﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﯜﺑﻬﯩﺪﯨﺪﯗﺭ.ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﻯ<157> ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ.ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ<158>.
سۈرە نىسا 157-،158- ئايەتلەر!
مۇنداق تۇرسا؟
قېرىندىشىم سىز يېنىكلىك بىلەن گەپ قىلماڭ، سىزنىڭ ئىتقاد قىلىۋاتقان ئاخىرقى كىتابقا ياخشى نەزەر سېلىڭ ، يۇقارقى ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز ئەمسە؟؟



«يەھۇدىيلەر بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ، خرىستىئانلار ئىيسا مەسىھنىڭ چۈشىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ، »
دەپسىز سىز بۇلارنى نەدىن بىلدىڭىز؟ قايسى كىتابتىن بىلدىڭىز؟  ئەجىبا سىز ئۇ ئىنجىللارغا ئىنساننىڭ قولى تەگكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟
بىر مۇسۇلماننىڭ ئىنجىل كۆرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەمسىز؟  
سىزنىڭ يۇقارقى توپلىغان دەللىلەرنى يانا بىرقېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەگەر شۇ دەلىللەرنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن!
ئاللاھدىن ياخشى ئاقىۋەت تىلەيمەن!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-29 13:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر! ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىكى «اللە»نى تاشلىۋېتىپسىز! بۇنى قەستەن قىلغان بولسىڭىز تەۋبە قىلىپ دەرھال ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ!!!
يەنە بىر گەپ سىز اللە بىلەن يەھۇدىيلەرنى بىر دەپ قارايدىغاندەك قىلىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن «اللە»نى يازمىدىڭىزمۇ؟؟؟
ئىيسانى ئۆلتۈرمىگەنلەر كىم؟؟؟ اللەمۇ، ياكى يەھۇدىيلەرمۇ؟؟؟ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگىنىچۇ؟؟؟
يەنە بىر گەپ سىز ئەگەر بۇ مۇنازىرىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا ھەسسە قوشماقچى بولسىڭىز، پۈتكۈل ئالىملىرىڭىزدىن ياردەم سوراڭ (چۈنكى سىز ۋە سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدىكىلەر بۇنىڭغا ئاجىز كەپ قالىسىلەر)، ئاندىن بۇ تېمىنىڭ بېشىدىكى ئىككى يازمىغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بىرىڭ! مۇنازىرە دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.
قارشى تەرەپ سىزگە ناھايىتى ئىلمىي دەلىللەرنى كەلتۈرسە ئۇلارنىڭ دەلىللىرىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا «ئەبۇ مالىك ۋەھاكازا...»لارغا نىسبەت بېرىلگەن بەزى كۆزقاراشلارنى «دەلىل» گۇمان قىلىپ بۇ يەرگە يېزىپ قويۇش مۇنازىرىلەشكەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى ئىلىم بولماستىن بىر تەقلىتچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتۇر، خالاس!
سىزگە دۇنيادا ئىسلامىي ھايات تىلەيمەن!
تەۋھىد بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2006-8-30 05:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھ،ەت قىلسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-11-22 13:48 , Processed in 0.054796 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش