ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 51577|ئىنكاس: 76

يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە-چۇقۇم كۆرۈڭ قېرىنداش! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەجرىبىلىك ئەزا

لاالااللاالله م

簽到
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 22:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى   مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز‹‹ئۈرۈمچى››نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان، مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام ياكى شۈبھىلىك يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈر مەكچىمەن.
  بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ،بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن  ھەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن.
ئاپتورى:تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان،تەخەللۇسى ئۈرۈمچى.
لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتىتى بېسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر.نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە.بۇنىڭ سەۋەبى،تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى،يېمەكلىك تاللاشتا سەرخللىشىش،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش،شەكىل جەھەتتىن دەۋرلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا ‹‹خەنزۇچە››دەپ يېزىلماي،‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى‹‹ھالال››دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى.ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى،چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى››(2-سۈرە بەقەرە173-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:‹‹روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ››.(91-سۈرە شەمىس10-ئايەت)، اللە تەئالا ئىسلامنىڭ بەش چوڭ پەرىزى ئىچىدىن ھېچبىر پەرىزنى پەرىز قىلىشتا قەسەم قىلمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى،ئىسلامنىڭ بەش پەرىزى ئىچىدە،«ناماز دىننىڭ تۈۋرۈگىدۇر،بىر ئادەم نامازنى تەرىك ئەتسە،دىن ئىمارىتىنى ئۆرۈۋەتكەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ»-دىگەن ھەدىس بار.يەنە «قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن بىرىنجى بولۇپ سوراق قىلىندىغان نەرسە نامازدۇر»-دىگەن ھەدىسمۇ بار.لىكىن اللە تەئالا شۇنداق مۇھىم بولغان نامازنى پەرىز قىلىشتىمۇ قەسەم قىلمىدى.ئەمما روھنى پاكلاشنى بولسا،‹شەمىس›سۈرىسىدە بىر ئەمەس يەتتە قېتىم قەسەم بىلەن پەرىز قىلدى. روھنى پاكلاشتا،ھالال يولدىن كەلگەن ھالال يىمەكلىكلەرنى يېيىشىمىز كېرەك،روھ مۇھتاج بولغان قۇرئان،زىكىر-تەسبىلەرنى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەسلىكىمىز كېرەك.ئەپسۇس... ھازىرقى ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلەر،ھازىرقى بىزدىكى ئىخلاس،ئېتىقاد روھىمىزنى پاكلاشقا يىتەرلىك ئەمەس. ‹بىر لوقما ھارامنى يىگەن كىشىنىڭ 40كۈنگىچە دۇئاسى مەقبۇل بولمايدىغانلىقى› ھەققىدە ھەدىس شەرىپ بار(تۈرۈكچە مۇختاسار ئىبنى كەسىر،مىشكاتۇل مەسابىھ).شۇڭىلاشقا بىر مۆئمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا،چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك.ئەگەر ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى.ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش سەل قاراشقا  بولمايدىغان ، مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشيادىكى داشىگۈەن جامەسىدە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن،خېبېي،شەندۇڭ،يۈننەن،شىنجاڭ قاتالىق رايونلاردا بازارغا سېلىنىۋاتقان ھەر خىل‹‹مۇسۇلمانچە›› ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش قىلىش شەرپىگە ئېرىشتىم.
1. چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى(骨胶)دۇر.سۆڭەك يىلىمى بولسا،تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم، بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى.تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى.بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز، كەمپۈت،شاكىلات ۋە تۈرلۈك سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشۇلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يىڭىلاش دەۋرىدە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن:‹‹قايماقلىق سۈت پاراشوگى،سۈتلۈك چوكا مۇز،سۈتلۈك ماروژنا،مېۋە ئۇيۇتمىسى........قاتارلىقلار.سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك سوغۇق ئىچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغۇق ئىچىمىكلەر زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.
1)بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ.زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
(2پوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراببا ۋە شەربەتلەر،يەنى شاپتۇل، ئامۇت، ئەنجۈر، ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500گىرام دىتسىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرىۋېلىپ،ئاغزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى.ھازىر دىئابىت كېسىلى،زىيادە سېمىزلىك كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى كۆپەيدى.بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغرۇلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىلەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرىۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز.مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
(3ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كىرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ).يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
(4مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىرىكى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
(5كېسىلگەن چۆپ(挂面)ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سېلىش ــ بىر ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت خادىملىرى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ:‹‹ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››دېدى.سىز چۆپ كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن چۆپنى قازاندا قاينىتىپ،سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كېلىدۇ.
(6پىنتوزا ياساش:پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشيالار،كۆممەقوناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خامئەشيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمۇ قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىچاڭ ۋە تېتىتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ.باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق.ئەگەر لازا كونسىرىۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ،بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى.سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرىۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز،ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز،يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ. جوڭگودا1مىليارد300مىليون خەلقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 95%نى ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى شەھەر، ناھىيىلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا،تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ.يېمەكلىككە قوشىلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى: چوشقا سۆڭىكى،كالا سۆڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سۆڭىكى ئېختىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ!ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار،مەسىلەن:دېڭىز يىلىمى،كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.بۇلار ئاساسلىقى تىببىي داۋالاش،دۆلەت مۇداپىئەسى،تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سېلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان.بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ.جاڭيۇ تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرىۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ،مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى،سۈنئىي قايماق،تورت مېيى،قاتۇرغۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇچلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،چوڭ خوجايىن-بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسەن چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يېمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيى سۈرىۋەتسە،يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مېيىدىن چەكلىنىپ، تەمسىز، پۇراقسىز، سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرىلىدۇ.97-يىلى چاڭچى خېمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسىي ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيىنى مۇۋەپەقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يېمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن چوشقا مېيىنى پۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۈنئىي سۈت پاراشوگى(سۈت مەھسۇلاتلىرى)زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك،سۈت پاروشوگىنىڭ ئەسلى مەنبىئىي پۇرچار تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ،سۈنئىي پاروشۇك ياساپ چىقىدىكەن.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان.تورت دۇكانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ،ھەر خىل نام بىلەن رېستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرلەر لەنجۇدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.بۇ ھەقتىكى جەمىيەت مۇنازىرىسى بىلەن لەنجۇدىكى سودا-سانائەت،سەھىيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددىي تەكشۈرۈپ،ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ،تېگىشلىك جازاسىنى بەرگەندىن كېيىن،مۇسۇلمانلارنى بۇلغايدىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدەباشقا جايلاردا يامرىماقتا.
2. يەنە بىر چوڭ مەسىلە:كالا،قوي،توخۇلارنى بوغۇزلاش مەسىلىسى.خېنەن،خېبېي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە خىلاپ كالا قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇەنشەن ناھىيىسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرىگەندە،بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بولۇپ،بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق. خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇچلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مىڭىسى ئوتتۇرىدىكى نېرۋا مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە،مۇنداق قىلغاندا جان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن.مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ.مۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلارگە مەيلى(ھالال)ياكى(مۇسۇلمانچە)دەپ يېزىلغان بولسۇن،بۇ گۆشلەر قوي-كالا فېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارغا يېزىلغان(مۇسۇلمانچە)دېگەن خەتكە ھېچكىم  قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئاشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ،سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ.بۇ كۆپ يىللاردىن بېرى كۆرىلىۋاتقان ئەمەلىيەت.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :‹‹زېمىندىكى ھالال پاك نەسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار›› دېدى. (5-سۈرە مائىدە78-ئايەت)
ئاللاھقا كۆپ شۈكرى،بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ،لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.ھۈرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار،بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۈچ كەلدۇق.نېمىشقا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز سۇس؟ئىمانىمىز زەئىپ؟نېمىشقا ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟نېمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ قالدى؟سەۋەپ بىرلا،ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن.ھارامنى يېيىش قەلىبنى بۇلغايدۇ.بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت.
بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمەنكى،ئى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى قېرىنداشلار!قەددىڭىزنى رۇسلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ.ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق.بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى.نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى.گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭمۇ پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن.ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت،ئىمانى ھايات،ئىمانى داستىخان كېرەك.بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش،سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بولغانمىلارنى بايقاپ،بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك اللەھتىن تىلەيلى!
  ھازىر يۇرتىمىدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر،بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ ھەممىسى 0.50يۇەنلىك1يۇەنلىك كۆپ بولسا5-6 يۇەنلىك،پۈتۈنلەي خەنزۇلانىڭ شىركىتىدىن چىققان نەرسىلەر،يۇقۇردا ئېيىتقاندەك جۇڭگۇدا 95%مىللەت خەنزۇ تۇرسا ئۇلاردىن مۇسۇلمانلارغا ھەقىقى‹مۇسۇلمانچە›يىمەكلىكنىڭ چىقىشى خۇددى دىڭىزدىن يىڭنە تېپىلغاندەكلا بىر ئىش... ئەزىز قېرىنداشلار !! اللە بەرگەن ئەقىلنى دىنىمىز، ئەقىدىمىز، ئىمانىمىز ئۈچۈن ئىشلىتەيلى! سەبىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ھارامدىن بۇلغانمىسۇن....!
ئەزىز قېرىنداشلار!!! سىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيەرىم،بۇ مەزمۇنلارنى ھەربىر مۆئمىنلەرگە يەتكۈزۈشتە سىزنىڭ، مىنىڭ، جۈملىدىن بارىلىق مۆئمىنلەرنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيتىمىز بار،شۇڭا قۇدىرىتىڭلارنىڭ يېتىشچە كۈچ چىقىرشىڭلارنى،بۇلارنىڭ قېرىنداشلارغا تارقىلىشىنى ئۇلۇغ اللەھتىن تىلەيمەن.
ئى ھەممىگە قادىر اللە!بىزگە ياردەم قىلغايلا!بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا!ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا!بىزنى ھالال نەرسىلەر ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغايلا ۋە ساقلىغايلا!بىزدىن رازى بولغايلا!...ئامىن!!
سىز چوشقا گۆشى يەمسىز؟ مېنىڭچە ھەرگىز يىمەيسىز.
ئەگەر سىز مەلۇم جايدا ياشاۋاتقان بولسىڭىز، يېقىن ئارىلىقتا ھالال يىمەكلىك بار جاي بولماي، پەقەت چوشقا گۆشى ئىشلىتىدىغان ئاشخانىلا بولسا،ئەمما 40-50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايدا ھالال تاماق بار بولسا، سىز ئاشۇ يەرگە بېرىپ ھالال تاماقنى يەمسىز ياكى ئۇ يەرگە بېرىشتىن ئىرىنىپ، ياكى ۋاقىتنى باھانە قىلىپ يېقىن ئەتراپىڭىزدىكى چوشقا ئارىلاش تاماقلارنى يەمسىز؟
مېنىڭچە سىز يېرىم كۈن يول ماڭسىڭىز ماڭىسىزكىن ياكى ھىچنەرسە يىمىسىڭىز يىمەيسىزكىن ھەرگىزمۇ چوشقا گۆشى ۋە باشقا چوشقا مەھسۇلاتلىرىنى يىمەيسىز. چۈنكى سىز بىر ئىتىقادلىق، چوشقىدىن يىرگىنىدىغان مۇسۇلمان!!!
سىزدە مانا مۇشۇنداق ئىتىقادنىڭ بولغانلىقىدىن ۋە ئاللاھنىڭ سىزگە نىجىس نەرسىلەرنى تۇنۇتۇپ قويغانلىقىدىن ئالەمچە خوشاللىققا چۆمسىڭىز ئەرزىيدۇ.
سىزنىڭ ھالال-ھارامنى ئايرىيدىغان ھەم ئايرىيالايدىغان بىر مۇسۇلمان ئەۋلادى بولۇپ يارىتىلغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!!
ئەمدى ئاشۇ پاك بىلەن نىجىسنى ئايرىيالايدىغان نۇرلۇق كۆزلىررىڭىز بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سېلىڭ!
بۇ بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى ئەمما ئادەتتىكى بولمىغان چوتكا! بۇنىڭ نەرى ئادەتتىكى ئەمەستۇ، دەپ ئويلىنىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا خەنزۇچە خەت بىلسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزەر سېلىڭ .
  
يۇقىرىدىكى رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 材质 猪鬃 دىگەن خەتنى كۆرگەنسىز؟
يۇقىرىقىلاردىن بىر نەرسىنى ھىس قىلغانسىز؟ مېنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا ئەمدى ئاشۇ چوتكىلارنى ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان شىركەتلەرنىڭ توربېتىگە كىرىپ باقايلى:
http://detail.china.alibaba.com/buyer/offerdetail/801988428.html

يۇقىرىقى ئادرىستىكىنى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندە يەنە بار:
http://xinjian.cn.makepolo.com/product/100006106975.html

تۆۋەندە بۇ چوتكىنىڭ يەنىمۇ تۇلۇق چۈشەندۈرۈشى بار:
http://china.makepolo.com/product-detail/100009209803.html

بۇلارنى چۈشەنگەنسىز؟ يەنىمۇ تەپسىلي كۆرمەكچى بولسىڭىز مانا: http://bbs.merifet.net/read.php? ... ge=0&page=1  چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي:
بۇلار ھەممىسى چوتكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرگەن چوتكىلارنى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىۋاتىمىز. ناھايىتى ئايدىڭ بولدىكى، بۇ چوتكىلارنىڭ ھەممىسى چوشقىنىڭ تۈكىدىن ياسالغان. بۇنى مەن دەۋالغان گەپ ئەمەس، ئاشۇ چوتكىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئېنىق يېزىپ قويۇپتۇ.
بۇ چوتكىلارنىڭ تورمۇشىمىزدىكى ئىشلىتىش دائىرىسى ئىنتايىن كېڭەيگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
1. ناۋايلار ناننىڭ يۈزىنى مايلاشقا دەل ئاشۇ خىل چوتكىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى. مەن بۇنى تەكشۈرۈپ باقتىم.
2. ئاشخانىدا لەغمەننىڭ پىلتىسىنى (جىزىسىنى) مايلاشقا دەل مۇشۇ خىل چوتكىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇمۇ بەزى ئاشخانىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاندى.
3. دۇفۇ كاۋىپى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم كاۋاپ ساتىدىغانلار كاۋاپقا ئاچچىقسۇ ۋە لازا تەگكۈزۈشتە يەنىلا مۇشۇ خىل چوتكىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇمۇ كوچىلاردا ئاشكارا بولىۋاتقان ئىش.
4. بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر، شۇنداقتىمۇ دەپ قوياي. ياغاچچى، تۈمۈرچى ۋە ئۆي بىزەكچىلىرى سىرچىلىقتا مۇشۇ خىل چوتكىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ چوتكىلارنىڭ ئەسلى ياسىلىش ۋە سېتىلىش نىشانىمۇ دەل شۇ سىرچىلىق ئىدى.

بەزى ناۋايخانىلاردا بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يۇمىلاق چوتكا ئىشلىتىدۇ، دەۋاتامسىز؟ تۆۋەندىكى ئادرىستا چوشقا تۈكىدىن ياسالغان تۈرلۈك چوتكىلار بار.
http://china.makepolo.com/home/html/category/p_type.shtml
ئەمدى سىزنىڭ كاللىڭىزغا مۇنداق خىيال كېلىۋاتىدۇغۇ دەيمەن:
بۇ چوتكا بىلەن ناننى مايلىغان بىلەن، چوتكا قىلى نانغا چىقىپ قالمىغاندىكىن ھىچنىمە بولماس، نانغا چاپلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئوتقا كىرگەندە كۆيۈپ كېتەر؟
بۇ چوتكا بىلەن لەغمەن پىلتىسىنى مايلىغان بىلەن، چوتكا قىلى چىقىپ قالمايدۇ، چىقىپ قالسىمۇ قازاندا قايناپ سۇدا قالىدۇ، تاماققا چىقمايدۇ.
بۇ چوتكا بىلەن دۇفۇ كاۋىپىنى مايلىسىمۇ، چوتكا قىلى دۇفۇغا چىقىپ قالماس؟
سىز يۇقىرىقىدەك خىياللارنى قىلىۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق خىيال قىلىۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭ:
لەغمەن جىزىسىنى مايلىغاندا چوتكا قىلى چاپلىشىپ قالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما چوتكا قىلىنىڭ مايدا قىلچىلىكمۇ ئېرىمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ چوتكا ھەمىشە ماي قاچىسىدا تۇرىدىغان تۇرسا، بۇ ماي نىمىگە ئايلىنىپ كېتەر؟
ناننى مايلىغاندا چوتكا قىلى چىقىپ قالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يۇقىرقىغا ئوخشاش، چوتكىنىڭ مايدا ئېرىشى مۇمكىنغۇ؟ تېخىمۇ چاتاق يىرى، ناننى تونۇردا چالا پىشۇرۇپ ئاندىن تۇنۇردىن ئېلىپلا ھېلىقى چوتكا بىلەن مايلايدۇ. بۇ ئىسسىق ناننىڭ يۈزىگە سۈركەلگەن چوتكا قىلى نىمە بولۇپ كېتەر؟؟؟
دۇفۇ مايلىغاندا ئاچچىقسۇ ۋە لازىغا تەگكۈزىدۇ. بىلىمىز ئاچچىقسۇ بىر خىل كىسلاتادىن ئىبارەت. بۇ چوشقا قىلى كىسلاتاغا يولۇققاندا قانداق بوپ كېتەر؟
يەنە بۇ چوتكىنى يۇقىرقى ئىشلارغا ئىشلەتسە، ھىچقانداق زىيىنى بولمايدۇ، دەپ ئويلىمايدىغانسىز؟
ئەمدى باشتىكى گەپكە قايتىپ كېلەيلى:
سىز دىگەن ھالال- ھارامنى ئايرىپ يەيدىغان بىر مۇسۇلمان. چوشقا گۆشىنى ئۆلۈم يېقىنلاشمىسا يىمەيسىز. ئەمدى بۇ چوشقا تۈكىنى قانداق قىلماقچىسىز؟ بۇنى يىمىسىڭىز ئۆلۈپ قالامسىز؟
توغرا، ئادەم دىگەن ھەمىشە ئۆيىدىلا ياشاپ بولغىلى بولمايدۇ، سىرتقا چىقىدۇ، ئاشخانىلارغا كىرىدۇ، ناۋايخانىلاردىن نان ئالىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ئەگەر سىز بىر ئىستىمالچى بولسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ناۋاي ۋە ئاشپەزلەرگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتىڭ، چوتكا مەسىلىسىنى ھەل قىلسۇن. چوشقا تۈكى ئەمەسلىكى 100% ئېنىق چوتكىلار بولسا شۇنداق چوتكىلارنى ئىشلەتسۇن. ئۆزىڭىزنىڭ ھارامدىن يىراق تۇرغۇسى بولسا شۇنداق قىلىڭ!!!!
ئەگەر سىز بىر ناۋاي ياكى ئاشپەز بولسىڭىز، دەرھال بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ، شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئاشخانىڭىزدىن يىراق قىلىڭ. شۇنداقلا، چوشقا تۈكىدىن ياسالغان چوتكىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ۋىجدانىڭىز ۋە ئىمانىڭىز بىلەن ئىسپاتلاپ، ئاشخانا ئالدىغا ۋە ئىچىگە ئېلان چاپلاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا ئىستىمالچىلار ئاسانلا ئايرىۋالالايدۇ!
پولاتتەك پاكىتلارغا يەنە ئىشەنمىسىڭىز قېرىنداش...ئۆزىڭىزنىڭ ئىمانىڭىزغا،ۋىجدانىڭىزغا باھا بېرىۋىلىڭ...
ئەزىز قېرىنداشلار!!! سىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيەرىم،بۇ مەزمۇنلارنى ھەربىر مۆئمىنلەرگە يەتكۈزۈشتە سىزنىڭ، مىنىڭ، جۈملىدىن بارىلىق مۆئمىنلەرنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيتىمىز بار،شۇڭا قۇدىرىتىڭلارنىڭ يېتىشچە كۈچ چىقىرشىڭلارنى،بۇلارنىڭ قېرىنداشلارغا تارقىلىشىنى ئۇلۇغ اللەھتىن تىلەيمەن.اللە ھەممىمىزگە تەقۋالىقنى نىسىپ قىلغاي(ئامىن)!

ئەسكەرتىش:  قېرىنداشلارنىڭ ۋە تېما يوللىغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئىنكاس يازماستىن كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويۇلدى!
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 22:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرمەي ئىنكاس قايتۇرغىلى بولماس.

تەجرىبىلىك ئەزا

لاالااللاالله م

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 22:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،بۇ تېمىنى ئىنكاس يازمىسا چىقمايدىغان قىپ قويغىنىمدىن كەمتەرلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن،چۈنكى كۆرۈپ قويۇپ ئىنكاس يازمىساق يىڭى ئىنكاسلىق تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ،ئورۇن ئالغان تەقدىردىمۇ ئاستىغا چۈپ كېتىپ كۆرۈنمەي قالىدىكەن،شۇڭىلاشقا ئەپۇ قىلارسىلەر...
ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزگە تەقۋالىقنى نىسىپ قىلغاي(ئامىن!)

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 22:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزگە تەقۋالىقنى نىسىپ قىلغاي(ئامىن!)

باشلانغۇچتىكى ئەزا

ئاللاھۇئەكبەر

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 23:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزگە تەقۋالىقنى نىسىپ قىلغاي(ئامىن!)

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 02:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى تېمىسى ئېنىق ئەمەس، ياكى مەزمۇنى....

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 04:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە رەھمەت قىلسۇن، ئۇنى چۇقۇم كۆرىشىم كېرەك. نىمە مەزمۇن بارلىقىغا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم.

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 09:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە مەزمۇن بارلىقىغا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم!

دائىمى ئەزا

allah rahmat kilsun

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 09:58:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

قېنى مەنمۇ كۆرۈپ باقاي،مېنىڭچە زورلاپ كۆرگۈزۈشكە ئەرزىگۈدەك بولسا كىرەك...........

دائىمى ئەزا

allah rahmat kilsun

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 10:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ  تىمىنى  كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى،بىز ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك ھالدا قاپتۇق،بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش كىرەك............مانا بۇ  بىز باش قاتۇرۇشقا تىگىشلىك ھالقىلىق مەسىلە.
بۇ تىمىنى يوللىغان ھەمدە بۇنڭغا ھەسسە قوشقان بارلىق قىرىنداشلىرىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر  بەرسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 13:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

قېنى مەنمۇ كۆرۈپ باقاي،بۈگۈن ئىنكاس يازسام ئەتە كۆرىمەن ھەقىچان!!

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 15:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىب ىەقىقىا ى ىەقىەەىا اەىقە

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 15:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنكاسنى مەجبۇرى يازدىم .
بىراق تېما ھەقىقەتەن ياخشىكەن .

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 15:37:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بولسا سىز دېمىسىڭىزمۇ ئنكاس قايتۇراتتۇق ئەمەسمۇ،كۆرۈپ باقىلى قېنى...

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 16:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟ئىنكاس  لازىمما؟
ئىمامجان ھاجى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 17:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 19:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !مانائىنكاس كەتتى .

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 19:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھۈرمىتى  ساقلىنىشقا تىگىشلىك  نەرسىلەر تەڭ باراۋەردۇر ››
                                     قۇر ئان

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 20:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە!ھازىر يەنە بىر مەسلە بولسا بەزى ئاشخانلارغا مۇسۇلمانچە دەپ يىزىپ قويۇپ يەنىلا ھاراق ساتىدىكەن .     

دائىمى ئەزا

ئەمەللەر نىيەتك

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 20:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجبورلىغۇدەك قانداق تېمىدۇ بۇ
بىرنى ساتسام بىركوي پايدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:11 , Processed in 0.036585 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش