ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1991|ئىنكاس: 4

بالىڭىزنى ئوبدان تەربىيىلەي دېسىڭىز… [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
92
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 13:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىڭىزنى ئوبدان تەربىيىلەي دېسىڭىز…



بەختىيار ئابدۇشۈكۈر تەرجىمىسى




1. بالىڭىز سورىغان سۇئاللارغا سەۋرىچانلىق، سەمىمىلىك بىلەن جاۋاب بېرىڭ.

2. بالىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

3. ئۆيىڭىزدىكى مەخسۇس بىر ئورۇننى بالىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانغا ئاجىرتىڭ.

4. بالىڭىز مەلۇم ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىق سەۋەبلىك ئۆيىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇنى ھەرگىز ئەيىپلىمەڭ.

5. بالىڭىزنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىغىز ئۆينى ياكى ئۆيىڭىزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىگىنى ئاجىرتىپ بېرىڭ.

6. بالىڭىزنى قۇربى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىڭ.

7. بالىڭىزنىڭ پىلان تۈزۈشى ۋە پىلانلىرىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم قىلىڭ.

8. بالىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىڭ.

9. بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتا ئىشلىگەن يەرلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەملىشىڭ.

10. بالىڭىزنى ئوخشىمىغان تۇرمۇش سەۋىيىدىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىشقا ئۈگىتىڭ.

11. ئۆزىڭىزدە مۇۋاپىق ھەركەت- ئادەتلىرنى يېتىلدۈرۈپ،بالىڭىزنى شۇ ئەندىزە بويىچە ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ.

12. بالىڭىزغا ھەرگىز پالانچىنىڭ بالىسى سەندىن ياخشى،دەيدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ.

13. بالىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا،سىرتلارغا ساياھەتكە بېرىشىغا يول قويۇڭ.

14. بالىڭىزغا كىتاب- ماتىرياللارنى ئېلىپ بېرىپ تۇرۇڭ،ئۆزى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇڭ.

15. بالىڭىزنى ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشقا ئۈگۈتۈڭ.

16. بالىڭىزغا قەرەلىدە ئەسەر ئوقۇپ بېرىڭ.

17. بالىڭىزدا كىچىگىدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ.

18. بالىڭىزنى ھىكايە ئوقۇش ۋە خىيال قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

19. بالىڭىزنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

20. ھەر كۈنى ئازراق ۋاقتىڭىزنى بالىڭىز بىلەن بىللە بولۇشقا ئاجىرتىڭ.

21. بالىڭىزنى ئورۇنسىز ئەيىپلەۋەرمەڭ.

22. بالىڭىزنى خاتالىق سادىر قىلغانلىق سەۋەبلىك مازاق قىلماڭ.

23. بالىڭىزنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى، ھېكايە ئېيتىشى ۋە ناخشا ئېيتىشلىرىنى مازاق قىلماڭ.

24. بالىڭىزنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىڭ.

25. بالىڭىزنىڭ تەپسىلىي تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىڭ.

26. بالىڭىزنىڭ ھەرخىل زەھەرسىز تاشلاندۇق ماددىلارنى ئوينىشىنى توسماڭ.

27. بالىڭىزنى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

28. بالىڭىز قىلغان ئىشلاردىن ماختىغۇدەك يەرلەرنى ئىزلەڭ.

29. بالىڭىزنى ئورۇنسىز ماختىماڭ.

30. بالىڭىزغا بولغان مۇھەبىتىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن باھا بېرىڭ.

31. بالىڭىزغا ئىشلارنى ھەقىقىي قارار قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ.

32. بالىڭىزنىڭ خاسلىقى بار ئادەم بولىشىغا ياردەملىشىڭ.

33. بالىڭىزنى كۆرۈشكە تېگىشلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۇڭ.

34. بالىڭىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى تونۇشىغا ياردەملىشىڭ.

35. بالىڭىز مەغلۇپ بولغان سەۋەبلىك ئۇنى مەسخىرە قىلماڭ، ئۇنىڭغا : «بۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ قىلالمايمەن»دەڭ.

36. بالىڭىزنى چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

37. بالىڭىزغا ھەم ئۇنىڭ زېھنىي- قۇۋىتىگە ئىشىنىڭ.

38. بالىڭىز ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتا نەتىجە قازىنالمىسىمۇ،ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ ئاساسىي قىسمىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشنى ئۆگىتىڭ.

39. بالىڭىزغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇڭ.

40. بالىڭىز بىلەن مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماڭ.

مەنبە : تور دۇنياسى


قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 16:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 17:43:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
29.بالىڭىزنى ئورونسىز ماختىماڭ. غا ئككى مىسرا ھىكمەتلىك سۆز.                                                                                                                                         ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ                                                                                                                        بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆمەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 08:57  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 18:09 , Processed in 0.104534 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش