تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 961|ئىنكاس: 1

سەۋىر توغرىسىدا سوئال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 12:50:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار،مىنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىم سۇغا چۈشۈپ كىتىپ قازا قىلغان ئىدى.بۇ ئىش ئەر-ئايال ئىككمىزگە بەكلا ئىغىركەلگەن بولسىمۇ ،بىز سەۋىر قىلىپ ئاللاغا كۆپ شۈكرى -ھەمدۇسانالارنى ئىيتتۇق.بەزىدەبالىمىز ئىسىمىزگە كىلىپ قالسا ئايالىم كۆز يىشى قىلىپ سالىدۇ.يەنە بەزىدە بالىمىزنىڭ گىپىنى قىلىپ سالىمىز،بەزىدە بالىنىڭ سۈرىتىگە قارايمىز.مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا بىز سەۋىر قىلالمىغۇچىلاردىن بولۇپ قالمايدىغاندىمىز؟ مۇشۇھەقتىكى بىلىدغانلىرىڭلارنى دەپ بەرسەڭلار.يەنە سەبى بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا ئائىت ئايەت- ھەدىسلەرنى دەپ بەرسەڭلار.ئاللا سىلەرگە كۆپ رەھمەت قىلسۇن.ئامىن


مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 20:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئاللاھ سىلەرگە سەۋر - تاقەت ئاتا قىلسۇن!
پەرزەنتلەر، ئاللاھ تەئەلا بىزگە بەرگەن نېمەت ۋە ئامانەتلەر بولۇپ، ئامانەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ، ئامانىتىنى خالىغاندا ئالىدۇ...
ئەلۋەتتە ئىككى يېشىدا، ئەڭ ئۇماق، تاتلىق، سۆيۈپ تويمايدىغان بىر ۋاقىتتا قىزىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ھەر قانداق ئىنساننى قايغۇلاندۇرىدۇ ۋە كۆز يېشىغا بوغىدۇ.
مۇسۇلمان، بۇنداق شارائىتتا چوقۇم سەۋر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
"بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان - زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن." (بەقەرە سۈرىسى، 155-ئايەت)
ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى ئەسلەپ كۆز يېشى ئېقىتىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇد بولغان بىر نەرسە. بۇنىڭ ھېچقانداق يامان تەرىپى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يۆلەنچۈنكى بولغان تاغىسى بىلەن سۆيۈملۈك ئايالى ۋاپات قىلىپ كەتكەندە، شۇنداقلا بالىلىرى ۋاپات قىلىپ كەتكەندە قايغۇرغان، كۆز يېشى تۆككەن ھەتتا بۇ يىل "پىغان يىلى" دەپ ئاتالغان...دېمەككى بالاڭلارنى ئەسلەپ، كۆز يېشى تۆكۈپ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرۇشۇڭلاردا ھېچقانداق بىنورماللىق يوق. مۇھىمى ئاھ-پاھ، ئورۇپ، ياقا يىرتىپ، ئاسىيلىق قىلماسلىق! چۈنكى بىر ھەدىستا مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرسەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«ھەرقانداق بىر ئادەمۋاپات بولغاندا، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى (ئۇنىڭ ئارقىسىدىن): ۋاي يۆلەنچۈكىمىز! ۋايئۇلۇغىمىز! (ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى) دەپ يىغلىسا، مۇھەققەقكى، اﷲ تائالا ئۇكىشىگە ئىككى پەرىشتە ئەۋەتىدۇ، ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۇ ئادەمنى ئۇرۇپ: سەن راستىنلاشۇنداقمىتىڭ؟ ـ دەيدۇ» (ئەلبانى (801): ھەسەن، ـ دېگەن.)
شۇڭا سىلەر ئۇنداق ئوي-پىكىرنى تاشلىۋېتىپ جانابى ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن قىزىڭلارنىڭ ئورنىغا خەيىرلىك ئورۇنباسار بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىڭلار!



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|يانفۇن|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى

GMT+8, 2012-2-23 05:00 , Processed in 1.973743 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! DISCUZ_VERSION(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش