تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2362|ئىنكاس: 2

بالا تەربىيلەشتە ئورۇپ-تىللاش ئىسلامنىڭ ئەمرىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
32
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 16:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەشتە ئۇلارنى ئورۇپ تىللىسا بولامدۇ؟


بۇ ھەقتە بىر رىۋايەت بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئابدۇل مەلىك ئىبنى رەبىئ ئىبنى سەبرە چوڭدادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداقدېگەن: «بالىلىرىڭلارغا يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار، ئونياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار». (تىرمىزى:407)

ئەمما قۇرئان ۋە سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا قارايدىغان بولساق، ئىنسانلارنىدىنغا دەۋەت قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىننىڭ قۇراللىرىغا رىئايە قىلغان ھالداياشاشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان يول ۋە ئۇسۇلنىڭ "ئاسانلاشتۇرۇش،سۆيدۈرۈش؛ نەفرەتلەندۈرمەسلىك، تېخىمۇ مۇھىمنى قولدىن بېرىپ قويۇش بەدىلىگە تېخىمۇئاز مۇھىم بولغاننى قۇتۇلدۇرىۋېلىشقا تىرىشماسلىق..." شەكلىدە ئىكەنلىكىنىكۆرىمىز.

ئاللاھ تەئەلا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

"رەببىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز -نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەنچىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىنئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ." (نەھىل سۈرىسى،125-ئايەت)

بۇ ئايەتكە ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ غايىسى ئىنسانلارنى ناماز ئوقۇشقا، يەنىمۇسۇلمان بولۇشقا، سالىھ ئەمەلگە، گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىشتۇر. ھېكمەت بىلەن دەۋەتقىلىش دېگەنلىك، بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايسى مېتود، ئۇسۇل، بىلىم ۋەمەلۇمات، شەكىل تېخىمۇ پايدىلىق بولسا شۇنى قوللۇنۇپ، ئىنسانلارنى دىنغا چاقىرىشدېگەنلىكتۇر. يەنى ھېكمەت، مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى قوللىنىشدېگەنلىكتۇر. (مەنبە: تۈركچە "مۇسۇلماننىڭ ھاياتبېلگىسى" ناملىق كىتاپ، 31-بەتتىن تەرجىمە.)





قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 17:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم؟


يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 23:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى ئۇرۇپ-تىللاپ بىر نەرسە ئۈگىتىش مۆمكىن ئەمەس، ئۇلارنى دىنىمىزغا ئەڭ گۈزەل ۋاستىلەر بىلەن قىزىقتۇرۇش، موھىمى، ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇش لازىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|يانفۇن|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى

GMT+8, 2012-2-23 05:01 , Processed in 2.299987 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! DISCUZ_VERSION(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش