ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1484|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
92
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 15:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋەئانىلارنىڭ ساپاسى

(ئەختەم ئۆمەر)
ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئالىم ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە ئۇستاز، داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار تۇغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن قىتئە قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى ساپاسى يوقىرى بولسا شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يېتىشتى. ھەرقايسى مىللەتلەردىن بۇنداق ئىنسانلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن، قىسقىسى بىلمەيمەن بىلدىغىنىم ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاز بولۇپ ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىن پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھىي ئەڭ ئاز چىقتى. قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار تۇغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنىڭ بىزدەكلەرنى مىليونلاپ تۇغدى. دېھقان، مەككار كاسىپ، ھاراقكەش، بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يىتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، ھارىۋىكەش، ئۇسۇلچى، ناخشىچى، قىماۋاز، ساراڭ، غالچا، خۇمسا، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ھاممال، ئىگىرى باسماس تىجارەتچى، يالانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەمبال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسسۇللۇق تۇغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن قاپلاندى.
ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر، قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھىي، پەيلاسوپ دېگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئاز تۇغدى، پەيغەمبەر، ئەۋلىيا تۇغمىدى. پادىشاھ تۇغىدىغان ئانا تۇغۇلمىغىلى قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بۇنى ھېسابلاپ بېرىش تەس، بۇ يەردە ئۇرۇق ياخشى بولۇپ يەر ناچار بولسىمۇ بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق، يەر ياخشى بولۇپ ئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ يەنە شۇ بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بېرى يەرمۇ ناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش ئەخلەتسىمان ئادەملەر تۇغۇلۇپ، خارۇ-زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز.
دادىمىز ھاراقكەش، بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرىۋىدى، بىز خۇددى شۇلار بولۇپ يىتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يىتىلدۈرۋاتمىز. بالىلىرىمىزنىڭىمۇ بالىلىرنى شۇنداق يىتىلدۈردىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقى بىر قانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ، ئايروپىلاندا ئۇچساقمۇ سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى، كىيىم ئۆزگەرگەن بىلەن كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامىرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇل ھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز.
يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق، شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇ ياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ تۇغالىساق، قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساق تېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمى،ز قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەر قانداق يەر ؟ ياخشى يەر ئەمما ئۆزىمىز ياخشى بولمىغان ئادەملەر بولغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز. ياخشى بولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئازاپ ئوقۇبەتلىك بولىۋاتقان تۇپراقتا يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي، تەكلىماكاننىڭ قۇملىقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشىۋاتمامدۇ ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ جەننەتمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەن يېرىمۇ دوۋزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش نۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كېرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارىلىقىمىزدىكى پاجىئەمىز. بۇ بىز تۇغۇلۇش مىنۇتىدا باشلىغان خاتالىقىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىز بىزنى تۇققان ئانىلار مەسىلىسى.ئەسلى بىزنى تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسى، بىز ئۇرۇق بولۇپ پاتۇرىلىدىغان يەر مەسىلىسى ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى. ئەگەر ئۇرۇق ناچار بولۇپ ياخشى يەر بولسا يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يىتىشتۈرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ يەر ناچار بولسا بۇ يەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپ تۈگىشىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتنىڭ سۈپەت ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت ساپاسىزلىقى پاجىئەسى. ئانىلارنىڭ سۈپەت–ساپاسىزلىقى ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران، ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشچى، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپ سۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە. ئانا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يىتەكچى قىلىپ تاللانغان. ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئانا تەربىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ بارلىق تاپقان - تەگىنى بالا تەربىيىسىگە سەرىپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل سەرىپ قىلىپ تەربىيلەيدىغىنى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر.
يەھۇدىيلار ئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالىي مەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەندە دوكتۇرلىققىچە ئوقىتىدۇ. ئوغۇللىرىغا ئاساسلىقى ھەربي تەلىم–تەربىيە، سودا–ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ، ھەمدە ھۈنەر - كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ. «سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغاندا قىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسلەر» دېگەن سوئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداق پۇچىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ :«قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنى توغرا تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا. ئۇ ساۋاتسىز، تەربىيىسىز، سۈپەتسىز بولسا بۇ ئائىلىدىن ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقىتدارلىق، سۈپەتلىك ئادەم چىقمايدۇ. شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يوقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچە مىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ. سۈپەتلىك تەربىيلىنىپ يىتىپ چىقمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. سۈپەتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ» مانا بۇ يەھۋۇدىيلارنىڭ ئەخلاق، غۇرۇر، ۋىژدان قانۇنى. ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدا ئۆلۈپ كېتىشكە رازى. ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن :بىرى قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتىماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللار بىلىملىرى بىلەن تولۇق تەربىيلەش. يەنە بىرى بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئىمىتىش. يەھۇدىيلاردا بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئىمىتمىگەن ئانا لەنەت–نەپرەتكە ئۇچرايدۇ، كەمسىتىلىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ. جەمىيەت تەرىپىدىن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتمەسلىككە رازى ئەمەس. ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان يەھۇدىيلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچە يۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بولۇپ يۈردى. ئەمما بارغانلا يەرنىڭ ئىقتىساد، سانائەت، بازار، سىياسىي، ئىلىم–پەن كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەلىققە ياللانغان مەدىكار بولۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالدى. ھازىرمۇ ئىلىم–پەن شۇلارنىڭ قولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا، بازار شۇلارنىڭ قولىدا، سانائەت كەشپىيات، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭ قولىدا.
دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى، دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى. بەش يۈز مىليونغان يېقىن ئەرەبلەرنى بىر قانچە مىليون يەھۇدىي بوزەك قىلىۋاتىدۇ، مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئادەم دېگەننىڭ ئۆزى بولماي نېمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار. ئالىي سۈپەت ئانا، ئانا نەسەپلىك ئىنسانلارنى تۇغدى. ئاللاھ ئالىي نەسەبلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر، ئالىم - دانىشمەنلەرنى تاللىدى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلاردىن پەيغەنبەر ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى، ھەم يىتىشىپ چىقتى. مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى. ئەمدى بىز قىزلىرىمىزنىڭ قانچىلىك تەربىيلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز «قىز بالا تالاغا كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق» دەيمىز. بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بىرىمىزمۇ ؟ بىزنىڭ خەق دەۋاتقىنىمىز كىم؟دەل ئۆزىمىز.
بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىپ باقمىدۇق. يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق، تېخى ئاغىزىدىن سۈتنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىمىزنى تاماق ئىتەلىگىدەك، ئانىسىدەك ئوسما قويالىغۇدەك، ياسىنالىغۇدەك، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يىقۇلمىغىدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق. بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار. ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا، ھېچنىمىنى بىلمىسە، تەربىيە كۆرمىسە بىزدەك بالىسىنىڭ نېمىسىنى تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بىرىدۇ؟ دېمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋاتمىز بولماقچى؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى؟ ئانىمىز ساۋاتسىز، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا يا گۆش ئەمەس، يا ماي ئەمەس بەز بولۇپ قالمىدۇقمۇ ؟!
بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇققان بالىلىرىمىزنى، تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ ؟ بىرىنچى ئۇلار كوتۇلداپ كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تارتىپ بالىغىچە ئۆزى دېگەن ئاددىي سىزىققا كەلتۈرۈپ كونتۇرۇل قىلىشنى بىلىدۇ. ھەم ھەرقانداق ئالىم، داھىي، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆكۈرەپ جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن ئۆيدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ. بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمىليەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ لاھىلىگۈچىسى بولۇپ توي تۆكۈن باردى–كەلدى، چا ي، ئولتۇرۇش -قوپۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى، قىسقىسى بارلىق بولماس تەتۈر چۈشەك چىرماق ئادەتلەرنى بەس–بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ دالىدىن تېرىپ كەلگەننىڭ پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان تەگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلغۇزىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنىچى ئاساسى بىلىمى تاپقان– تەگەن ئاساسلىق قىسمىغا كيىىم كىيىپ ياسىنىپ تارىنىش ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى نەزىرى ئاساسەن مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن، تۈگىمىگەن چاي ئولتۇرۇش، يەنە بىر ياكى قايتا–قايتا كۆرسىمۇ تۈگىمىگەن كورىيىنىڭ تىلۋىزىيە فىلىملىرى، بالا تەربىيلەشتىن ئەسەرمۇ يوق. بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي. شۇڭلاشقا بىزدىن مەككار چىقىدۇ؛ راست ئالىم چىقمايدۇ. غالچا چىقىدۇ؛ پادىشاھ چىقمايدۇ. ساتقىن مۇناپىق جىق چىقىدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ. كالۋا–ھاڭۋاقتى جىق چىقىدۇ؛ ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ. ھاراقكەش، بەڭگى قىماۋاز جىق چىقىدۇ؛ دىيانەتلىك، دۇرۇس پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ. ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك؛ كىتاپقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز. مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى، بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى. تۈزۈك ئوقۇتماي، تەربىيلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى.
خوتۇن قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت - ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئۆستۈرمىگىچە، بىزنىڭ سۈپەت - ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆسمەيدۇ. چۈنكى بىز ئاساسلىق ماددي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز. بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن - قىزلار يىتىشىپ چىقىدىكەن، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتسە، بىز ئاندىن ئادەم بولۇپ يىتىلىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كىيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ.
بۈگۈنكى قەلەندەر، بەڭگى، ھاشارچى، مەدىكار، ھاراقكەش، ھارامتاماق، بىكارچى، مۇئاۋىن غالچا ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلى ھەم دىققەت قىلايلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتۇر بولغان بارلىق ياپون خوتۇن - قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن خىزمەت ئورنىدىن چىكىنىپ ئائىلىگە قايتىشى ئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بولۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنى تۇغۇپ، تەربىيلەش ئۈچۈندۇر. ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پاكار، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل، ئاقىل، كۈچلۈك، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئىسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا، تەربىيلەشكە يۈزلىنىپ، ياۋروپا ئېرىقىدىكى سۈپەتلىك ياپونلارنى تۇغدى ھەم يىتىلدۈردى. مىللەتنىڭ سۈپىتى ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاق ۋە غۇرۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى. مانا بۇ بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتى بېسىپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىدىن بىرى.
بىزدىمۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدىكەن بۈگۈنكىدەك بەڭگە بىلەن ھاراقكەش تۇغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ. ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار تۇغۇلىدۇكى، بىرمۇ ئاتا سۈپەت ئادەم تۇغۇلمايدۇ…مەنبە: باغداش مۇنبىرى


قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىزدىكى ئانىلارنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن دادىلارنىڭمۇ نەچچىلىك ساپاسى بار؟  
مۇشۇ مۇھىتتا بالا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن زىنادىن ساقلانمىقى تەس بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى بىر خۇتۇننى ئېلىپ بېرىپ گۇنادىن سالقلىنار، شۇنىڭ بىلەن تىقىلىپ جىمىپ قالار دىگەندەك ئۇمىدلەر بىلەن ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ قۇيىۋاتىدۇ.  قىزلىرى بارلار بولسا، قىزلىرى مىكتەپتىلا مۇھەببەتلەشتۇق دەپ نەمۇ- نە يۈرۈپ ئىپپىتىنىڭ قىممىتىنى ساقلىمىسا، ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ بىر ئەرنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئۇمىد قىلىپ قىزىنى ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. ھازىر ھېچ بىلىم ساپاسىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، پەقەتلا جىنسى تەرەپتىن قىستاپ كېتىپلا شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەنلا توي قىلىپ كېتىۋاتقان قىز-يىگىتلەر ئازمۇ؟ مۇشۇ ھالاتتە تۇرمۇشقا چىققان ئەر-ئاياللار دادا ۋە ئانا بولسا قانچىلىق ساپااىق دادا ۋە ئانا بولالىسۇن؟
ھەممىمىز ئۆزىمىدىن باشلاپ ئۆزلىرىمىزنىڭ تەربىيەلىىنىشمىزگە ئەھمىيەت بەرسەك بولىدۇ. تۇتقان يولىمىز تۇغرا بولسۇن، ئەقىدمىز تۇغرا بولسۇن، گۇنادىن يىراق تۇرايلى، ئىللەتلەرنى تۈزىتەيلى.  
بىر قەۋىم ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ.
باش تىمىدا تىلغا ئالغان يەھۇدىي ۋە ياپۇنلارنىڭ ۋاستە تاللىماي رەزىل ۋاستىلارنىمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى بىز دورىساق بولمايدۇ. ئەقىدىسى تۇغرا بولمىغان كىشىلەر قانچىلا قابىلەيەتلىك بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك بۇلالمايدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم    ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن   توغرا دەيسىز بىز چۇقۇم ساھابى ۋە ئەنسارىلارنى دورىشىمىز كىرەك  باشقا مىللەتنە دوراشنىڭ ھاجىتى يوق  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 16:35 , Processed in 0.030303 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش