ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 24782|ئىنكاس: 21

www.ewlat.net دىكى كارتونلارنى كۆردىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
134
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 18:09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!

ياخشىمۇسىلەر!

قايسى كۈنى بىر قېرىندىشىمىز كۆرگىلىبولىدىغان فىلىملەر بارمۇ دەپ بىر تېما يوللاپتىكەندۇق. بىز بۇ سوئالنى ئۇزۇندىنبويان ئۆزىمىزگە سوراپ، لايىقىدا جاۋاب تاپالمىغاچقا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇردۇق، تىرىشتۇق، تەر تۆكتۇق ۋە نەتىجىدە ئاللاھ ئىگىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن 3 پىلاستىنكىدىن تەشكىل تاپقان "ئىسلامنىڭ شەرتلىرى" ۋە " ئىماننىڭ شەرتلىرى" ناملىق كارتون فىلىملەرنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ئەلھەمدۇلىللاھ!

ئەۋلاد تورى، تۈنۈگۈن قېرىنداشلارغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، تور بېكىتىمىزدىكى پۈتۈن ھۆججەتلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بەھرىڭلارغا سۇنۇلدى.مەن بۇ يەردە تور بېتىمىزنىڭ "بىز كىم" سەھىپىسىدە يېزىلغانلارنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:

         

ئەۋلاد تور بېكىتى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

بىز ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىن ۋە ئەخلاقلىق تەربىلىنىشى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭىز.

بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن زاماننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەۋلات تورىنى خىزمىتىڭلارغا سۇندۇق.

تور بېتىمىز، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئىمانلىق، ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق، قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقىگە، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسىغا، ۋەتىنىگە ۋاپادار ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۆھپە قوشۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان بولۇپ، بۇ مەخسەتكە يېتىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە زاماننىڭ تەلىۋىگە، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ماتېرىياللار بىلەنتەمىنلەشنى مەخسەت قىلىدۇ.

بۇ يولدا ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە يار-يۈلەك بولۇشىڭىزنى، قولىڭىزدىن كېلىشىچە بىز بىلەن ھەمدەم بولۇشىڭىزنى، تور بېتىمىزنى، تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزغىمۇ يەتكۈزۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.

تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللار، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇپ، نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئائىتتۇر.

شۇڭا تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە قانچە كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز شۇنچە ياخشى، بىزمۇ شۇنچە خوش بولىمىز، ئاللاھ تائالامۇ سىزدىن رازى بولغۇسى!

ئەگەر ماتېرىياللار، بىرەر كىشىنىڭ دىنىمىزنى چۈشىنىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن تۇرمۇش كەچۈرىشىگە سەۋەپ بولالىسا، تور بېتىمىز مەخسىتىگە يەتكەن بولىدۇ.

ئەمما كىمدە كىم تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى تىجارىي يەنى پۇل تېپىش مەخسىتى بىلەن كۆپەيتىپ تارقاتسا، بۇنىڭغا رازىلىقىمىز يوقلۇقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك!!!

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر-ئىككى مەسىلە بار. بۇلارنىڭ بىرى، ئەۋلاد (www.ewlat.net) تورىدىكى ماتىرىياللاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق نەرسە تېپىلمايدۇ. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماتىرىياللارنى قالايمىقان قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككىنچىسى، توردىن ئۇچراتقان ھەممە نەرسىنى ئىلغىمايلا كۆچۈرۈپ تارقىتىدىغان قېرىنداشلارنىڭ، بۇ تېمىلارنى تور بەتلىرىگە قوشۇۋالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقلىرىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئەۋلات تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قېرىنداشلىرىڭلار

تور ئادرېسى: http://www.ewlat.net/index.php

ئالاقە:admin@ewlat.net

تۇغ ئادرېسى


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .بەك ياخشى بۇپتۇ جاپا تارىتىپ سىلەر ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 21:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ تور بەتنى مەخسىتىگە يەتكۈزسۈن، سىلەرنىمۇ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەففەق قىلسۇن!
ھەم تور بەت ئۈچۈن، ھەمدە توربەتتە تارقىتىشقا باشلانغان «ئىسلامنىڭ شەرتلىرى» ۋە «ئىماننىڭ شەرتلىرى» ناملىق dvd پىلاستىنكىلىرىنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھەمبەرھرى ئۈچۈن ھازىرلاپ تارقېتىش ئۈچۈن ئۈچۈن تۆككەن تەرىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
ئاللاھ بۇ ئىشقا ۋەسىلە بولغان، ئاز-كۆپ كۈچ چىقارغان پۈتۈن قېرىنداشلاردىن رازى بولسۇن!
ئاخىرىدا بۇ خىزمەتنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن.
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

باشلانغۇچتىكى ئەزا

بەندىنىڭ قەلبى يارا ئسلام بۇلۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 11:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشىكەن اللە رەھمەت قىلسۇن . ۋە مۇشۇ فىلىمنى ئىشلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ۋەشۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ دىنى فىلىملەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇشكە ياردەمچە بولسۇن .  امين

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 15:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قېلسۇن جاپاتارتېپسېلەن

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 09:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! توربىېتىڭلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىپ ، تەرەققىي قىلغاي،
ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن تۆككەن تەرىڭلارغا ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 16:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ھازىرلىغان ۋە بۇنىڭغا تۆھپە قوشقان پۈتۈن قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن!
تور بەت ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى قېرىنداشلىرىمىز بۇ توربەتنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇش ئارقىلىق بولسىمۇ تەشۋىق قىلساڭلار.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى ئاۋال ئۇلىنىش قىلىش قويسا، ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەيي!
ئاللاھ ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن!
بىر نەرسە مېىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. ئو بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن باشقا تور ۋە مۇنبەرلەردە، بولۇپمۇ دىنى مۇنبەرلەردە نېمە ئۈچۈن www.ewlat.net نىڭ تەشۋىقاتى يوق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 17:21  

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 17:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abc يوللىغان ۋاقتى  2012-6-13 16:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ب ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
www.ewlat.net  ئەۋلات تور بېتىنى ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم... ئەسكەرتىشىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەر نامىىدىن بۇ تورغا ۋە قوچاق فىلىمگە كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارنى تەبرىكلەيمەن. بۇ خىزمەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
www.uighurislam.net

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 15:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
قارىغاندا بۇ توربەت ۋە ئۇنىڭدا تارقىتىلغان كارتون فىلمنى دېتىڭلارغا ياقمىغان ئوخشايدۇ. نەچچە كۈندىن بىر نەچچە قېرىندىشىمىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا تۈزۈك بىر ئىنكاسمۇ يوق!!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ- ئەلەيكۇم !  ھەقىقەتەن ئنتايىن ياخشى ئش بوپتۇ . بولۇپمۇ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىغاماس كەپتۇ . ئىشىنىمەنكى ياش ئۆسمۈرلەر چوقۇم ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. مۇشۇ ئش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن كىلىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرىنى ھەسسىلەپ بەرسۇن !!! .ئامىن .   بۇتوربەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن .
مېنىڭ ئويلىغىنىم :بوسا ‹قارلۇق› قا ئوخششاش مەخسوس كارتون ئىشلەيدىغان شېركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ . 3 ئۆلچەملىك تخنىكىسىنى قوللىنىپ ئشلەنسە دېگەن ئۆمۈتتىمە ن.  ئاللاھ ئىشلىرىغىزلارغا بەركەت ئاتاقىلىسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 16:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم تەنھابۆرە!
ئاللاھ دۇئالىرىڭىزنى ئىجابەت قىلسۇن، بۇ ئىشنى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ماتىرىياللاردىن قىلسۇن، ھەققىمىزدە ئەجىر يېزىلىدىغان ئەمەللەردىن قىلسۇن!
سىز «قارلۇق» قا ئوخشاش مەخسۇس كارتون فىلىم ئىشلەيدىغان شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ 3 ئۆلچەملىك تىخنىكىسىنى قوللىنىپ ئىشلىنىشىنى ئۈمىت قىلىپسىز. بىزمۇ شۇنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ئىشتا تۆھپە قوشالايدىغان، ھەر جەھەتتىن بىز بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ admin@ewlat.net كە خەت يېزىش ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 15:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكيم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەركاتۇىۇ ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن قېرىندىشىم بەك ياخشى بوپتۇ بەك چۇشۇنۇشلۇك كەن بەكلا خۇرسەن بولدۇم  رەھمەت  ئۇممەت ئۇچۇن جاپا تارتىپسىز  بۇ قىلغان ئمگىكىڭىزنى ئۇلۇق ئاللاھ ھەرگىز بىكار قىلۋەتمەيدۇ ئىنشا ئاللاھ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 17:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن!
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! بۇ بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان ئىش ئەمەس. بىر گرۇپ قېرىندىشىمىز بۇ ئىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھارماي، تالماي كۈچ چىقىرىشىنىڭ نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلدى.
كۆپ دۇئا قىڭلار، يارىغان بولسا باشقا قېرىنداشلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىڭلار!
بۇ ئىش ئۈچۈن ماددى- مەنىۋىي جەھەتتىن تۆھپە قوشقان قېرىنداشلرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

باشلانغۇچتىكى ئەزا

دىنىم ئۈچۈن جېنيم پيدا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 13:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن ئىكي دۇنيادا بەختليك قىلسۇن سىلەرني ۋە بىزلەرني

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 16:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن كۆپ جاپا تارتىپسىلەر  ئىنشائاللاھ ھەممىمىزگە تىنچلىق ئامانلىق تىلەيمەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
بىزنى قوللىغان، ھەققىمىزدە دۇئا قىلغان پۈتۈن قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
بىز تور بېتىمىزدىكى پۈتۈن ماتىرىياللارنى كومپىيوتېر ياكى يانفوندىن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان ئەپ app ياسىتىشنى ئويلىغانىدۇق. بۇ ھەقتە بىز بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان قېرىنداشلار بولسا ياكى شۇنى قىلالايدىغان تۇنۇشى بارلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشتۇرۇپ قويۇشىنى ياكى بولمىسا admin@ewlat.net كە خەت قالدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 22:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھ
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن كۆپ جاپا تارتىپسىلەر  ئىنشائاللاھ ھەممىمىزگە تىنچلىق ئامانلىق تىلەيمەن

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 20:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مەن چۇشۇرەلمىدىم .چۇشۇرگەلى بۇلامتى ياقمۇ؟

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 20:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
چۈشۈرگىلى بولىدىكەنغۇ!
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-5-23 03:20 , Processed in 0.039824 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش