ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: ewlat.net

www.ewlat.net دىكى كارتونلارنى كۆردىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 15:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم    ماياك ئسلام تورىنى   لوگو قىپ قويسىڭىز   http://mayak.cc/logo.gif

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 16:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشتىن بۇرۇن بىر ئىككى مەسىلە ھەققىدە توختىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
تور بېتىڭىزنى زىيارەت قىلدىم، ئۇنىڭدا ئەۋلاد تور بېتى تارقاتقان كارتونلارنى كۆردۈم، ئەمما ئەپسۇسكى ھېچقانداق بىر ئوۇرۇندا مەنبە ئەسكەرتىلمىگەندىن سىرت ئۇلىنىشمۇ قىلىپ قويماپسىز. ئۇنىڭدىن باشقا مەن كۆپرەك زىيارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ئىسلام، قۇرئانى كەرىم تورىغا ئوخشاش تورلارنىڭ ئۇلىنىشلىرىنى كۆرەلمىدىم...
دىنى ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خالىسانە ئۇلىنىش قىلىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تور مەدەنىيىتىگىمۇ رىئايە قىلىنمىغانلىقىنى كۆردۈم. چۈنى تور دۇنياسىدا كۆپىنچە ئۇلىنىش تەلەپ قىلىنىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ ئۇلىنىشىنى قويىدىغان بىر «مەدەنىيەت» بار.
زادى نېمە ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغاندىمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئىش ئۈچۈن تەر تۆككەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغاندىمىز؟ ياكى بولمىسا بۇ ئادەت بىزگە باشقىلاردىن يوقۇپ قالغانمىدۇ؟ چۈنكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇمۇملاشقان ئادەت بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەقەللى بىر ئىنسانلىق ئىشى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كىتاپلاردا باشقىلارنىڭ كىتاپ-ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ. ھازىرقى زامان ئاكادېمىك نەشرىياتچىلىقمۇ بۇنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىپ تەتبىقلاۋاتىدۇ. ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ ئەخلاق بىزدە يوق!!!
ئەسكەرتىش:
ئەۋلاد تور بېىكىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كارتونلار پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنغان خىزمەتنىڭ بىر مىۋىسى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى كۆرگەندىن سىرت باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈشلىرى بىزنى كۆپلەپ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن قېرىنداشلىرىم نامىدىن سىزگە ۋە تور بەتلىرىدە تارقىتىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تېخىمۇ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەۋلات تورىنىڭ ئۇلىنىشىنى قوشۇپ قويۇش ياكى مەنبەسىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىشلىرىنى سورايمەن.
ماياق تورىنى ئۇلىنىش قىلىشقا كەلسەك، سىز خاپا بولماي، ئېغىر كۆرمەي بىزنىڭ تور بېتىمىزنى تۇغى بىلەن بىرلىكتە ئۇلىنىش قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۇچۇر قىلىڭ، شۇ ۋاختىدا بىزمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويايلى!
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ewlat.net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 16:56  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-11-15 02:26 , Processed in 0.033557 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش