ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3822|ئىنكاس: 11

روزا-رامىزىنىڭىز مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
722
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى ئەزالىرى قېرىنداشلىرىم!
ئاللاھ نېسىپ قىلسا، ئەتە رامىزان روزىسىنى باشلايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمنىڭ رامىزان روزىسىنىڭ مەقبۇل بولۇشىغا، بۇ رامىزاننى لايىقىدا؛ تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت-قۇلچىلىق ۋە ياخشىلىقلار بىلەن ئۆتكۈزۈشلىرىگە تىلەكداشمەن.ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم! رامىزاننىڭ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلساق، بۇ ۋەجىدىن قېرىنداشلىرىمىز روزا-رامىزانغا ئالاقىدار بولمىغان سوئاللارنى يوللىمىسا، بولا-بولماس مۇنازىرە باشلىتىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاختىنى ئوغرىلىمىساق...
يەنە بىرى ئارىمىزدىكى بىلىملىك قېرىنداشلىمىز ئۆزلىرىنى ئاشكارىلىسا ۋە ئۆزلىرىگە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشسا، چۈنكى رامىزان مەنىۋىي جەھەتتىن بىزنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىمىزنى تېپىۋالىدىغان مەۋسۇمىمىز ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئانى كەرىم ئېيى بولغان بۇ رامىزاننى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە، تېخىمۇ كۆپ قۇرئان ئوقۇش بىلەن، پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىش ياكى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزسەك ۋە بۇنى ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرساق دەيدىغان ئارزۇيۇم بار.
ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ھۆرمەت بلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى نامىدىن قېرىندىشىڭلار ئادمىن

www.uighurislam.net
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورسىقىمدا 7ئايلىق بولاي دەپ قالغان بالام بارئىدى، رامزان تۇتايمۇ ياكى قانداق قىلاي، مەن بەك ئويلىشىپ قالدىم، موماملار بۇرۇن بىز تۇتىۋىرەتتۇق دەيدۇ، بالىغا تەسىرى بولماسمۇ، بەك تۇتقىم بار.

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇتىۋىرىڭ   ئاپاممۇ  تۇتىۋەرگەنتى  8ئايلىق  بولغاندا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ، مەندىنمۇ سىلەرگە رامىزانلىق ئالاھىدە بىر تېما ( ئەلۋەتتە كۆپلەپ تېما يېزىشقا تىرىشىمەن ) سوۋغا بولۇپ چىقماقچى . بايا قەلەمدە  يېزىلىپ تۈگىدى . ئەمدى ئەتە - ئىندىنغىچە  ئاللاھ خالىسا قايتا بىر تەھرىرلىسەم ئاندىن كۆچۈرۈشكە باشلايمەن . ئاللاھ خالىسا . ئۇ بەك مۇرەككەپ ، كۈچلۈك ۋە زىل تېما بولغاچ نەچچە كۈندىن بۇيان سىلەرگە قەلەم ئىشتالمىدىم . ئاللاھ خالىسا بەش - ئالتە كۈندە سىلەر  بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قالار

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 20:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .پۇتۇن ئىشتىھايىم بىلەن تەشنامەن .تىزرەك يوللاڭ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 00:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئايالىم رامىزان ئاخىرىدا تۇققان ئىدى ئۆزىڭىز ۋە بالىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تۇتىۋېرىڭ

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 01:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ قېرىنداشلار..........رامىزىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.........ئەتە رامىزانغا بىر...............ئەرەبىستان ئىشەنچىلىك خەۋىرى.........ئۇستازلاردىنكەلەەن خەۋەر..................

barlik musulmanlargha mubarak bolsun  arabistanda ay kurungaliki    elan  kilindi!!!
رمضان مبارك  كل عام وانتم بخير

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 06:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ZULNUR1 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 14:31
تۇتىۋىرىڭ   ئاپاممۇ  تۇتىۋەرگەنتى  8ئايلىق  بولغاندا

مەن ئاپىڭىزغا ئوخشىمايمەنكەن، مىنىڭ 3-4ئايلىق بولغاندىن تارتىپلا نەپسىم يېتىشمەي ، يۇرىكىم سىلىپ تولا ئاغرىپ قالغان، بىر كۈن تۇتۇپلا يەنە شۇ كىسىلىم تۇتتى، شۇڭا ئامال يوق ،تۇغۇپ قوپۇپ تۇتاي دىدىم اللە نىسىپ قىلسا بىر كۈن تۇتۇپ ،تىخىچە ئەسلىمگە كىلەلمىدىم، بولمىسا بەكمۇ تۇتقىم باتتى.

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 06:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىم تۇتۇڭ دىسەڭلار مېنىڭ بەكمۇ تۇتقىم باتتى، يېلدا بىر كىلىدىغان رامزان ئەمەسمۇ بۇ،بىراق ماڭا ئامال بولمىدى، قان ئاز ، شۇڭا يۇرەككە قان يېتىشمەيدىكەن،

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھۋالىڭىزغا  قاراپ  ئىش  قىلسىڭىز  بولىدىيا   مەن  بىر  سىزنى  تەنقىدلەپ  دىمىسەم       نىمانداق  بىۋاستىلا  ئۇنداق  گەپ  قىلىسىز    تۇتايمۇ  تۇتمايمۇ  دەپ  ئۆزىڭىز  سوراپتىكەنسىز      مەن  بىلىدىغىنىمنى  دىدىمغۇ شۇ؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 21:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
A+M=love يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 06:21
قېرىنداشلىرىم تۇتۇڭ دىسەڭلار مېنىڭ بەكمۇ تۇتقىم باتتى ...

كىيىن تۇتسىمۇ بۇلۇدۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 07:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ZULNUR1 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 12:35
ئەھۋالىڭىزغا  قاراپ  ئىش  قىلسىڭىز  بولىدىيا   مەن  بىر  ...

ۋاي خاپا بولماڭيا، مەنمۇ سىزگە قارتىپلا يازمىدىم ئۇگەپنى، شۇ كۈنى روزىغا قوپىدىغان كۈنتى ، تۇتۇپ بىقىپ ئەھۋالغا قارىسام چاتاق ، شۇڭا ئۆزەم تۇتمىدىمغۇ، نيەتلەرنى بىلگۈچى اللە،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2021-4-15 04:48 , Processed in 1.073097 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش