ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2697|ئىنكاس: 4

پۇرسەتنى غەنىمەت بىلەيلى قېرىنداشلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 13:49:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
مانا بۈگۈن ئۇلۇغ رامىزاننىڭ 26 سى بولۇپ قالدى، يەنى بۇ يىلقى رامىزان بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈنىمىز قالدى. شۇڭا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلەيلى، ھەر بىرىمىز بۇ ئۈچ كۈننى ئەڭ پايدىلىق ھالەتتە ئىبادەت بىلەن قانداق ئۆتكۈزەلەيمەن؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزگە سوراپ، سوئالىمىزغا جاۋاپ ئىزدەشكە تىرىشايلى.
يەنە بىرى ئەگەر ھازىرغا قەدەر بەرمىگەن بولساق فىترە سەدەقەسىنى ھېيت نامىزىغا قەدەر بىرىۋېتىشنىى ئۇنۇتمايلى قېرىنداشلىرىم! فىترە سەدەقەسىنىڭ مىقدارى بىر مىسكىننى (بىر كىشىنى) بىر كۈن تويغۇزۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ...
ئاللاھ تۇتقان روزىمىزنى ئۆز دەرگاھىدە قۇبۇل قىلسۇن، ئوقۇغان قۇرئانلىرىمىزنى ھەم قۇبۇل قىلسۇن ۋە ئوقۇغانلىرىمىزنى چۈشىنىپ، خۇددى ساھابەئى كىراملارغا ئوخشاش مەزمۇنلىرىنى تۇرمۇشىدا تەتبىقلاش بىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن، رامىزان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن رامىزاندا ئورناتقان ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى بىزگە نېسىپ قىلسۇن، قىسقىسى بۇ ئۇلۇغ ئايدا قولغان كەلتۈرگەن ياخشى ئادەتلىرىمىزنى پۈتۈن يىل داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشايلى؛ بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگىمىزگە يالۋۇرۇپ سۆز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن دۇئا قىلايلى. ھېيتتىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىل بويىچە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى ئېلىشقا ھازىردىن باشلاپ بەل باغلايلى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يىلىمىز رامىزان بولسۇن، پۈتۈن يىلىمىز قۇرئان ئېيى بولسۇن؛ قۇرئان ئېيى رامىزاندا قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز، مەھسۇلاتلىرىمىزنى ۋە كىرىملىرىمىزنى رامىزاننىڭ چىقىشى بىلەن بىر ئاي ئىشلەپ قويۇپ ئونبىر يېتىپ يەيدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئىستېمال قىلىپ تۈگىشكە ئەمەس، ھەركۈنى تېخىمۇ باي بولۇش ئۈچۈن كېچىلىرىنى كۈندۈزلىرىگە ئۇلاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان تىجارەتچىلەرگە ئوخشاشلا ياشاشقا تىرىشايلى.

ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇپەۋۋەق قىلسۇن!

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 14:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
امين!!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 23:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسللاممۇ ئەلەيكۇم قەدىر كېچىسىنىڭ دۇئاسىنى بېلدىغانلار قالدۇرۇپ ىويساڭلار بوپتىكەن ماڭا بەك جىددى كېرەكتى ئاللاھ سېلەردىن رازى بولسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 23:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
faeiza يوللىغان ۋاقتى  2012-8-14 23:00
ئەسسللاممۇ ئەلەيكۇم قەدىر كېچىسىنىڭ دۇئاسىنى بېلدىغا ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەن بۇنىڭغا مەخسۇس دۇئا ئادەپ ئاڭلاپ باقمىغانتىم.........!!!
ئەمما بۇ ھەدىسنىڭ پايدىسى بۇلۇپ قالار:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن رەسۇلۇللادىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: يەنى ( ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن) (تىرمىزى رىۋايىتى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faithboy1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 23:25  

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 00:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىمى
توغرا دەيسىز، قەدىر كېچىسى دۇئا دەيدىغان بىر دۇئا يوق. شۇڭا قەدىر كېچىسىنىڭ مەخسۇس دۇئاسىنى ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز، ئائىلىمىز، دوست - يارەنلىرىمىز ۋە ئۈممەت ئىچىدىن قولىمىزدىن كېلىشىچە ۋە كۆڭلىمىزدىن كەچكەن دۇئالارنى قىلىپ ئۇلۇغ ئاللاھقا يالۋۇرۇشىمىز لازىم. مۇمكىن بولسا قېلىپ قالغان بۇ بىر نەچچە كېچىنى قۇرئانى كەرىم ئوقۇش، ناماز ۋە دۇئا بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى، قېرىندىشىم!
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-6-25 07:34 , Processed in 0.076768 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش