ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. apk ھۆججىتىنى بىۋاسىتە چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز مەرھەمەت!
پەيسبوكتا 50 ئەتراپىدا كىتاپنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان ئاۋازلىق كىتاپ - Awazliq Kitap دېتالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. ناھايىتى قوللىنىشچان بىر دېتال بولۇپتۇ. چۈشۈرۈپ قوللىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! Awazliq Kıtap - ئاۋازلىق كىتاپ ناملىق دېتال تارقىتىلدى. https://play.google.com/store/apps/details?id=com.awazliqkitap بۇ ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ دېتال ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى توردىن بىۋاسىتە ئاڭلىيالايسىز. خالىسىڭىز تور بارجايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلىيالايسىز:
- ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت،
- 1002- كېچە،
- يېڭى مائارىپ بايراقدارى ئابدۇقادىر داموللام،
- ئەلىشىر ناۋايى،
- ئامەت ۋە ئاپەت،
- ئەمدى ئاق چەكمەيمەن،
- ئانايۇرت رومانى،
- باھادىرنامە (1- 2)،
- ئەۋلاد تەبىيىسى ھەققىدە لىكسىيەلەر،
- بالام قانداق ئىشتا پەملىك؟،
- بالدۇر ئويغانغان ئادەم،
- بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر،
- بوۋاي ۋە جاڭگال،
- بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن،
- ئەرەپ چۆچەكلىرى،
- فارابى،
- ھاياتلىق زەنجىرى،
- ئىدىقۇت يۇلتۇزى،
- ئىلى دولقۇنلىرى،
- ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى،
- ئىز رومانى،
- كەچمىش،
- كەلىلە ۋە دېمنە،
- كۆمۈرچى بالا،
- مەھمۇد قەشقەرى،
- موللا مۇسا سايرامىي،
- موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە،
- ناتىۋانلار،
- نۇزۇگۇم،
- ئورخۇن شەجەرىسى،
- ئويغانغان زېمىن،
- قارا ھىجران (ئۆتكۈر شېئىرلىرى)،
- قۇم باسقان شەھەر،
- قۇتادغۇ بىلىك،
- سالچىلار،
- سەرسان روھ،
- سەئىدخان،
- سىرلىك ئۆڭگۈر،
- سىرلىق مىراس،
- سۇتۇق بۇغراخان رومانى،
- مەرىپەت مەشئىلى مەمتىلى ئەپەندى،
- تەقدىر،
- يىگانە ئارال،
- يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام،
- يۈسۈف خاس ھاجىپ،
- زامانداشلار،
- زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز. ئەسكەرتىش:
- مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇيالمىغان كىتاپلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشىر ھوقۇقى نەشىر قىلغان ئورۇنغا ئائىت.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ جۇغلاپ تىجارىي مەخسەت بىلەن تارقىتىشتىن ساقلىنىڭ.
- بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
- دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛
- ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى awazliqkitap@gmail.comمەلۇم قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى دېتالدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمىز.
- دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا يەنە awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پايدىلىق ئىلمىي، سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بېرىڭ، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويايلى.
- ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كىلەچەك تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.
مەنبە: https://www.facebook.com/profile.php?id=100008736907627 |