ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1957|ئىنكاس: 0

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن ئالاقە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 20:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقەمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئېچىنىشلىق بىر ھېكايە:

ئوقۇتقۇچى خانىم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئاللاھتىن ئىستىكىنى تىلغا ئالغان بىرەر پارچە خەت يېزىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ...
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. تۇساتتىن تېمىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ روھىنى سىقىشقا باشلاپتۇ ۋە يېغلاپ تاشلاپتۇ... دەل بۇ ۋاقىتتا ئېرى ئۆيگە كىرىپتۇ-دە ئايالىدىن:
-نېمىشقا يىغلاۋاتىسىز؟ دەپ سوراپتۇ. خانىم:
-ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ يازغان تېمىسىدا تىلغا ئالغانلىرى تۈپەيلى، دەپتۇ. ئېرى:
-نېمە يېزىپتۇ؟ دەپتۇ. خانىم:
-ئېلىڭ ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇپ بېقىڭ دەپ مەزكۇر خەتنى ئېرىگە ئۇزىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېرى خەتنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ:
"ئى ئاللاھ! بۇ ئاخشام سەندىن خۇسۇسى بىر نەرسە سورايمەن؛ مېنى يانفونغا ئايلاندۇرغىن!
-مەن يانفۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۆيدە خۇسۇسى بىر ئورۇن ئىگىلەشنى،
-ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كىسىل ۋە ھېچقانداق سوئال سوراقسىز ماڭا قۇلاق سېلىشىنى، ئۇلارنىڭ تۇكۇم تۈگىگەنگە قەدەر ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە ئېرىشىشنى،
-دادامنىڭ ئىشتىن ئۆيگە چارچاپ قايتىپ كەلگىنىدىمۇ مەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى،
-ئانامنىڭ ھەر قانچە چارچىغان ياكى ئىچى پۇشۇق بولغاندىمۇ ئولتۇرۇپ مەن بىلەن مۇڭدىشىشىنى،
-ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىمنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن جىدەللىشىنى... ئارزۇ قىلىمەن.
-يەنە ئائىلەمنىڭ مەن بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى تاشلىشىنى،
-ۋە ئەي ئىلاھى، سەندىن ئەڭ ئاخىرقى ئىستىكىم؛ مېنى ئۇلارنى بەخىتلىك قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئارام بەخش قىلىشقا مۇۋەففەق قىلىشىڭنى سورايمەن...
ئى ئاللاھ! سەندىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلغىنىم يوق، مەن پەقەت بىر يانفۇندەكلا ياشاشنى ئارزۇ قىلىمەن، خالاس!
ئېرى ئوقۇغۇچىنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ:
ئىلاھى! بۇنى يازغان ئوقۇغۇچى ھەقىقەتەنمۇ بەك مىسكىن بىر بالا ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بەك ناچار ئاتا-ئانىلار ئىكەن، ئەمەسمۇ؟
ئېرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى ئايال كۆز يىشىنى تۇتالمىغان ھالدا: "ئۇ خەتنى يازغان ئوقۇغۇچى بىزنىڭ ئوغلىمىز!" دەپتۇ.
شۇڭا دەيمىزكى، ۋاتىس ئەپ، تىۋىتېر، فېيسبۇك...دېگەندەك زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىزدىن ئېرىمىزنى ياكى ئايالىمىزنى، بالىلىرىمىزنى، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىزنى ئوغرىلاشقا، ھەتتا بىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئوغرىلاشقا باشلىدى.
ۋە ھالەنكى بالىلىرىمىز بىزنىڭ سەرمايىمىز، ئۆمرۈمىزىنىڭ بەرىكىتى ۋە ئەڭ پايدىلىق مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىسى... شۇڭا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاڭلار ئەمما پەقەت ئۇلار ئۈچۈنلا ياشىماڭلار. چۈنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىشىلىكنى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل "ياخشى ئۈلگە بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن ھېسداش بولۇشىدۇر." بولۇپمۇ گۈدەكلىك چاغلىرىدا ۋە بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇنقى يىللىرىدا بۇ بەكمۇ مۇھىم.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەۋلادلىرىمىزنى بەخىتلىك ۋە ئۈلگىلىك قىلىپ تەربىيەلگىلى نېسىپ قىلسۇن، نىيەتلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن، ئامىين!


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:45 , Processed in 0.039248 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش