ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3234|ئىنكاس: 0

دوكتور ھەبىبۇللاھ توختىنى تەبرىكلەيمىز. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-15 20:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەزھەرى يىڭى دوكتۇرى ــ ھەبىبۇللاھ توختى

" پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن. ( چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ ) " _ زۇھا سۈرىسى ئون بىرىنجى ئايەت

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، اللەنىڭ پەزلى _ رەھمىتى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كاتتا بىر كۈن بولدى.
دەرۋەقە، 2008 _ يىلى 1_ ئاينىڭ 2_ كۈنى تۇنجى ئۇيغۇر ئەزھەر دوكتۇرى ــ  ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ باھالىشىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ ، ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى .
ۋە شۇنداقلا 2014 ــ يىلى 6 ــ ئاينىڭ 18ــ كۈنى ئىلياس قارىھاجى ئابدۇلھەمىد تەپسىر ۋە قۇرئانشۇناسلىق كەسپىدە، ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ باھالىشىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ 1_ دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، بۇ شەرەپكە نائىل بولغان ئىككىنجى ئۇيغۇر ئەزھەر دوكتۇرى بولغان ئىدى.

  مانا بۈگۈن 2015 ــ يىلى 9 ــ ئاينىڭ 12 ــ كۈنى (شەنبە) ئىلىم يولىدىكى يەنە بىر چاقنىغان يۇلتۇز، پەخىرلىك ئوغلانىمىز ھەبىبۇللاھ توختى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى كەسپىدە، ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ باھالىشىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ 1_ دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

  تۆۋەندە دوكتۇر ھەبىبۇللاھ توختىنىڭ ئىلـمىي ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.  

  ھەبىبۇللاھ توختى 1979 ــ يىلى قەشقەر يېڭىساردا، مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتى ئەرەب- ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2004-يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتتىن باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھەمدە شۇ يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان، 2009 – يىلى 8- ئايدا «ئىمام بەزدەۋىينىڭ ئۇسۇلفىقھى كىتابىنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەھقىقات » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2010 ــ يىلى يەنە مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ دوكتۇرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. مانا بۈگۈن ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىتى ئەرەب ـ ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلـمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن « ئەقىدە – ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىن مەنبەلەنگەن ئىختىلاپىي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەدبىقات » دېگەن ئىلـمىي ماقالىسىنى سۇنۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئوقۇشنىڭ، جۈملىدىن 13 يىللىق ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئوقۇشىنىڭ مىۋىسىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېرىشتى.
ئۇ ئوقۇش - تەتقىقات جەريانىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە -تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر سەھىھ مۇسلىمنىڭ تەرجىمە ۋە شەرھىسى قاتارلىق ئون پارچىغا يېقىن يىرىك ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى ياكى نەشىر قىلدۇردى. 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ۋە پىكرىي ئەسەرلەرنى دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى.
  يەنە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، دوكتۇر ھەبىبۇللاھ توختى ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرىدە مول بىلىمگە ئىگە بولۇپ، ئۇ 15 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ دىيارىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەشھۇر 100 شېئىردىن بىرىنىڭ ئاپتۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.  

  دوكتۇر ھەبىبۇللاھ توختى ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇردىن ئۈچىنجى قىتىم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پەخىرلىك ئوغلانىمىزدۇر، ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ھەقىقەتەن بىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. الله تائالادىن ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ، ئىلىم سۆيەر ئىزباسارلارنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىغا مۇۋەپپىقىيەت بېرىشىنى ۋە شۇنداقلا بىزلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى تىگىدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ، ئامىن .
ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز شۇكى، ئاللاھ دوكتۇر ھەبىبۇللاھ توختى قېرىندىشىمىزنىڭ ئىلـمىنى زىيادە قىلسۇن، ئىلـمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلـمانلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مۇيەسسەر قىلسۇن.
بولسا پروففېسۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىلىك داۋاملىق ئىلـمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تىلەكداشمىز.

تۆۋەندىكىسى دوكتۇرلۇق ئىلمىي دىسسىرتاتسىيىسى باھالاش يىغىنىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر .









قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:12 , Processed in 0.023008 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش