ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1614|ئىنكاس: 0

پەخرىدىن قارلۇقنىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىدىكى نۇتۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 00:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەخرىدىن قارلۇقنىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىدىكىنۇتۇقى   

2005-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

دەسلەپتە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا،ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان لايىھەلەش-تارقىتىش تىپىدىكى كومپيۇتېر گرافىك ساھەسى ۋە كۆرۈمئۇقۇمى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بۇ خىل كەسپى ئىبارىلەردىنكۆرە كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىداسۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇشپۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى.بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋەمۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز.

بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىزبۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنى، بۇ تىرىشىشنىڭ ئەقىدىگە ۋە مەنىگە ئىگە بولىشىنى تەشەببۇسقىلماقچىمىز.

بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ يېڭىئاتالغۇلارنى يادىلاۋاتقاندا سىرتنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى بىزنىڭ غېلىپىمىزغا ماسكەلمىگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى نەچچەئەسىرلىك سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ جۇغلانمىسى بىراقلا پارتلاپ، بۇ پارتلاشتىن ھاسىل

بولغان ۋاقىت كارىدورى بىزنى سانائەت دەۋرىمۇئەمەس، ھەتتا غايە ۋە ئەقىدىمۇ شەكىللەنمىگەن ئىپتىدائى دەۋىرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندەكقىلىدۇ.

قاراڭلار، بۇ ئالەمدە ئەتراپتىكى بىز ياراتمىغان،ھىچ نەرسىنى بىز ئۆزگەرتمىگەن، ھىچكىمىنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمىگەنھالدا ياشاپ كەلدۇق. تاشقى دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ، بىزنىڭغەلبىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ. بىز راستىنلا بۇ ئالەمدىكى مۇھەببەت ۋە

ھىسداشلىقتىن ئايرىلىپ قالدۇقمۇ؟ بىز ھەقىقەتەنئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدۇقمۇ؟! بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنىھەرگىز خالىمايمىز.

بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى.كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈمقېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭتراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقىتۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. قاراڭلار،ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغانمۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچىبولىۋاتىدۇ...!

بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق!

ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق!ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنىئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،

بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققائېرىشمەكچى...!

بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!

بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!

بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىزبۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنىقوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!

بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغەتارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىنئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەننەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن،بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇتبولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنىھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!

بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغانبىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئېنىرگىيەگە مۇھتاج. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى ئالتەمىليارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگەقىلىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغاننىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.

ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغانئادەم ھېس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتابىز ئۆزىمىزدىن-چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خاراكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغانچاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىزروھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى:

زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟!

سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنىمۇكەممەل فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرغا ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى.ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدۇ.ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر

بېغىشلاپ ئادىمىيلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا،كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ.

ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدەباشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچىبولۇپ قالىمىز.

بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالمايتوپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىمىز تۈپەيلى مەڭگۈياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنىھەرگىز خالىمايمىز.

بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇمەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلاربىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى، بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىقۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،

بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!

بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!

بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىزبۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنىقوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!

مەنبە: سادا تورى


www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:14 , Processed in 0.020670 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش