ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1952|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-31 00:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردائانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

ئەختەمئۆمەر

    ئۇلۇغ ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگەپەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستازھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار توغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن،قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى-ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يېتىشتى. ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەركۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. بۇيەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن.قىسقىسى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددى ھەم ئاز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىنپادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھى ئەڭ ئاز چىقتى. قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداقئىنسانلار توغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ توغدى. ھاراقكەش،بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، قىمارۋاز، ساراڭ، غالچا، خۇمسا،چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەمبالدېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق توغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلاربىلەن لىق قاپلاندى.

ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر،قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھى، پەيلاسوپ دېگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئازتوغدى. پەيغەمبەر، ئەۋلىيا تۇغمىغىلى قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بۇنى ھېسابلاش تەس.بۇيەردە ئۇرۇق ياخشى بولۇپ يەر ناچار بولسىمۇ، بىز بولۇپ توغۇلدۇق. يەر ياخشى بۇلۇپئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ، يەنە شۇ بىز بولۇپ توغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، يەرمۇناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش سۈپەتسىز، ئەخلەتسىمان ئادەملەر توغۇلۇپ،خارۇ-زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز.

دادىمىز ھاراقكەشلىك،بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈۋېدى،بىز خۇددى شۇلار بۇلۇپ يېتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈۋاتىمىز.بالىلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېتىلدۈرۈدىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقىبىرقانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرىشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ،ئايرۇپىلاندا ئۇچساقمۇ، سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كىيىم ئۆزگەرگەن بىلەن، كىيىمنىڭئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامېرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇلھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ، يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز.يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق،ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ توغالىساق،قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساقتېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ، شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز،قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەر قانداق يەر؟ياخشى يەر. ئەمما ئۆزىمىز ياخشى ئادەملەر بولمىغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز، ياخشىبولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈنئازاب-ئوقۇبەتلىك بۇلىۋاتقان تۇپراقتا، يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ.ئۇيغۇر بۇلۇپ توغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىكدۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي،تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشاۋاتمامدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەنيېرىمۇ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

مانا بۇ بىزنىڭ توغۇلۇشنۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كىرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارىلىقىدىكى پاجىئەيىمىز. بۇ بىزنىڭ توغۇلۇشمىنۇتىدا باشلانغان خاتالىقىمىز. بىزنىڭ بۇيەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىزبىزنى تۇغقان ئانىلار مەسىلىسى. ئەسلى بىزنى تۇغقان، تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت، ساپاسىمەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى. ئەگەر ئۇرۇق ناچار بۇلۇپيەر ياخشى بولسا، يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ،ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يېتىشتۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ،يەر ناچار بولسا، بۇيەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ بىر قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپتۈگىشىدۇ.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭسۈپەت-ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى، ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران،ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشچان، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا.

دۇنيادىكى نۇرغۇنمەشھۇر، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپسۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە.

ئانا — ئاللاھ تەرىپىدىنئىنسانلارغا يىتەكچى قىلىپ تاللانغان. ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەربىيىسى بىلەنيەھۇدىلارنىڭ ئانا تەربىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى : يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىنباشلاپ بارلىق تاپقان-تەرگىنى بالا تەربىيىسىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇلسەرپ قىلىپ تەربىيىلەيدىغىنى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر. يەھۇدىيلارئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيىلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالىمەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەنلىرى دوكتورلۇققىچە ئوقۇتىدۇ. ئوغۇللىرىغا ئاساسلىقھەربىي تەلىم-تەربىيە، سودا-ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ ھەمدە ھۈنەر،كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ. «سىلەر نىمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغانداقىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسىلەر؟» دېگەن سۇئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداقبۇلۇڭ-پۇچقىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئۆستۈرۈپ،تەربىيىلەيدىغان ئانا. ئوغۇل بالا بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن تالا ئادىمى قىلىپ يارىتىلغان.ئوغۇل بالا ئائىلە ئىشلىرىدا قىز بالىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ. مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنىتوغرا تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا ساۋاتسىز، تەربىيىسىز، سۈپەتسىز بولسا، بۇ ئائىلىدىنھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقتىدارلىق، سۈپەتلىك، ئادەم چىقمايدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزبىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنىيېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يۇقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچەمىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ. سۈپەتلىك تەربىيىلىنىپ يېتىلىپ چىقمايدۇ. بىر مىللەتنىڭئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا، شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتى شۇنچىلىك بۇلىدۇ. سۈپەتسىزئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ.» مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭئەخلاق، غورۇر، ۋىجدان قانۇنى. ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدائۆلۈپ كېتىشكە رازى. ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن: بىرى،قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللارئەخلاقى، دۇنيا بىلىملىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى بىلىملەر بىلەن تۇلۇق تەربىيىلەش.يەنە بىرى، بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئېمىتىش. يەھۇدىيلاردا بالىسىنىئىككى ياشقىچە تولۇق ئېمىتمىگەن ئانا لەنەت-نەپرەتكە ئۇچرايدۇ، كەمسىتىلىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ،جەمئىيەت تەرىپىدىن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ.شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتمەسلىككى رازىئەمەس. ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن توغۇلغان بالىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچەيۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بۇلۇپ يۈردى. ئەمما بارغانلا يەرنىڭئىقتىساد، سانائەت، بازار، سىياسى، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەققە ياللانغانمەدىكار بۇلۇپ تۇرۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالالىدى. ھازىرمۇ ئىلىم-پەن شۇلارنىڭقولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا، سانائەت، كەشپىيات، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭقولىدا.

دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭمۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى،دۇنياۋى ئۆزگۈرۈشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى.

500مىليۇنغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليۇن يەھۇدىلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىرىمىڭغا تەڭ كىلىدىغان ئادەم دېگەننىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىققىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار. ئالىي سۈپەت ئانا، ئالىي نەسەپلىكئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر، ئالىم، ئەۋلىيا، دانىشمەنلەرنى تاللىدى. شۇڭلاشقا،يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى. مانا بۇ ئالىيمەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى. ئەمدى بىز قىزلىرىمىنى قانچىلىك تەربىيىلەيدىغانلىقىمىزغانەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز «قىز بالا تالاغا كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپكۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قارايمىز. بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىمىزمۇ؟ بىزنىڭ خەقدېگىنىمىز كىم؟ دەل ئۆزىمىز. بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققەبېرىپ باقمىدۇق. يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەنقىزلىرىمىزنى تاماق ئىتەلىگۈدەك، ئانىسىدەك ئوسما قۇيالىغۇدەك، ياسىنالىغۇدەك، تۇماقبىلەن بىرنى ئۇرسا يېقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق. بىزلەرئەنە شۇنداق قىزلاردىن توغۇلغانلار. ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا، ھېچنىمىنى بىلمىسە، ياخشىتەربىيە كۆرمىسە، بىزدەك بالىلىرىنى نېمىسى بىلەن تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنىكىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ؟ دېمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن توغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋادىمىزبولماقچى؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى؟ ئانىمىز ساۋاتسىز، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا،يا گۆش ئەمەس، يا ماي ئەمەس، بەز بۇلۇپ قالمىدۇقمۇ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى توغقان، بالىلىرىمىزنىتوغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى،ئۇلار كوتۇلداپ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكىبىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دېگەن ئاددىيسىزىققا كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ. ھەرقانداق ئالىم، داھىي، پالۋان ئەرلەرمۇتالادا ھۆركۈرەپ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغانسىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ. بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭلايىھەلىگۈچىسى بۇلۇپ، توي-تۆكۈن، باردى-كەلدى، چاي، ئولتۇرۇش-قوپۇش، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى،قىسقىسى بارلىق بۇلار-بولماس، تەتۈر چۈشەك، چىرماق ئادەتلەرنى بەس-بەس بىلەن پەيداقىلىدۇ. ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىنچىقماي يەپ تۈگەتكەندەك، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپقىلغۇزىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغاكىيىم كىيىپ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككىئىشقا مەركەزلەشكەن. بىز مانا شۇلاردىن توغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە، بىزنىڭمۇ كاللىمىزئاددىي، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ، راست ئالىم چىقمايدۇ. غالچا چىقىدۇ، پادىشاھ چىقمايدۇ.ساتقىن-مۇناپىق جىق چىقىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ. كالۋا-ھاڭۋاقتى جىق چىقىدۇ، ئەقلىھۇشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ. ھاراقكەش، بەڭگى، قىمارۋاز جىق چىقىدۇ، دىيانەتلىك،دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ. ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك، كىتابقائامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز. مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى. بۇنى ئۆزگەرتىشكېرەك. بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى، تۈزۈك ئوقۇتماي،تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى.

خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭسۈپەت-ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئۆستۈرمىگۈچە، بىزنىڭ سۈپەت-ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ،ئۆسمەيدۇ. چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز. بىزدەقاچان سۈپەتلىك خوتۇن-قىزلار يېتىشىپ چىقىدىكەن، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز.

سۈپەتلىك ئانىلاربىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە، بىز ئاندىن ئادەم بۇلۇپ يېتىلىمىز.

سۈپەتلىك ئانىلارغائېرىشكەندىن كېيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر توغۇلىدۇ.

بۈگۈنكى قەلەندەر،بەڭگى، ھاشارچى، مەدىكار، ھاراقكەش، ھارامتاماق، بىكارچى ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلىھەم دىققەت قىلايلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتور بولغان بارلىق ياپونخوتۇن-قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىدىن چىكىنىپ، ئائىلىگە قايتىشىئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بۇلۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنىتوغۇپ، تەربىيىلەش ئۈچۈندۇر. ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،پاكار، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل، ئاقىل، كۈچلۈك، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ،ئەڭ ئېسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا، تەربىيلەشكە يۈزلىنىپ، ياۋرۇپا ئېرقىدىكى سۈپەتلىكياپونلارنى توغدى ھەم يېتىلدۈردى. مىللەتنىڭ سۈپەت-ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاقۋە غورۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى. مانا بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتىنىڭبېسپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىنىڭ بىرى.

بىزدىمۇ ئانىلارنىڭساپاسى ئۆسىدىكەن، بۈگۈنكىدەك بەڭگى بىلەن ھاراقكەش توغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ.ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن، بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار توغۇلىدۇكى،بىرمۇ ئاتا سۈپەتلىك ئادەم توغۇلمايدۇ!!!

مەنبە: تور دۇنياسى


www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:10 , Processed in 0.024269 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش