ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 9211|ئىنكاس: 0

تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-22 15:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيسى

تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام تەتقىقاتلىرى مەركىزى (قىسقارتىلىشى: ئىسام)نىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولغان ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيسى، 25 يىل مابەينىدە 2 مىڭغايېقىن يازغۇچى بىلەن كۈچلۈك بىر تەھرىر ھەيئىتىنىڭ دىققەت بىلەن ئېلىپ بارغانئەمگىكىنىڭ مىيۋىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

44 تومدىن تەشكىل تاپقان مۇھىم بىر ئىسلام مەدەنىيىتى مەنبەسى بولغان بۇئېنسىكلوپېدىيە، 2014-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىكى مەدەنىيەت-سەنئەتچوڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان بۇ نادىر ئەسەر، 500 ئەتراپىدائاساسى مەنبەدىن سۈزۈپ ئېلىنغان بولۇپ، مەمئى 16 مىڭ 855 تېمىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.

ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇمى بولغىنىدەك تۈركىيەدە تەتقىقات ئېلىپبارماقچى بولغان ھەر قانداق بىر كىشى چوقۇم ئەڭ باشتا يازماقچى بولغان تېمىسىنى بۇئەسەردىن ئىزدەپ مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردىن پايدىلانمىسا بولمايدىغان دەرىجىدەمۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگىدۇر.

بۇ ئەسەر تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇن www.islamansiklopedisi.info  تور ئادرېسى ئۈستىدىن تەتقىقاتچىلار ئۈچۈنئېچىۋېتىلدى.

تۈركچە بىلدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ خەۋىرى بولغاي.
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:09 , Processed in 0.023825 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش