ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 7254|ئىنكاس: 0

ئۇچۇقدالغان ھىممەت (مۇئەللىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2017-2-21 22:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇقدالغان ھىممەت (مۇئەللىم)

ھىممەت ھەققىدە سۆز بولغىنىدا، كۆپىنچە بىراۋنىڭ يەنە بىراۋغا قىلغان ساخاۋىتى، ماددى غەمخورلۇقى ياكى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. تەركىبلىنىشىدىن تارتىپ مەنىگىچە بولغان ھەر بىر قۇرۇلمىسدا، مەنىۋىي كۈچكە ۋە غەيرەت-ئىرادىگە ئىشارەت قىلىدىغان بۇ سۆز كۈنىمىزگە كەلگەندە تەدرىجى ئەسلى مەنىسىدىن بارا-بارا ياتلىشىپ بارماقتا. بولۇپمۇ بۇ سۆزنىڭ ماددىيلىققا چېتىلدىغان يۇقىرىقىدەك مەنىلىرى بىر قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسى ۋە قىممىتىنىڭ كىشىلەر ئېڭىدا تەدرىجى سۇسلاۋاتقانلىقى مېنى ئويلاندۇرىدۇ. بەلكىم، بۇ ئارىمىزدا چىن مەنىدىكى ھىممەت ئەھلىلىرىنىڭ كەمدىن-كەم تېىپىلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن.
ھىممەت سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىگە كەلسەك، بۇ سۆز ئەرەب تىلىدا ئىش-ھەرىكەتكە ئۈندىگۈچى تۈرتكە، كۈچلۈك ۋە قەتئىيلىك سىڭگەن ئىرادە مەنىلىرىنى بىلدرۈىدۇ. ئىمام ئىبن قەييىم ئەلجەۋزىي مەلۇم بىر ئىشقا كۆڭۈل قويۇشنى ئىرادىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئۇنىڭغا ھىممەت كۆرسىتىشنى ئىرادىنىڭ تولۇپ تاشقان، چېكىگە يەتكەن ھالىتى، دەپ تەرىپلەيدۇ. قامۇسلىرىمىزدا، ھىممەت سۆزى مەلۇم بىر ئىشقا جان دېلى بىلەن ئۇرۇنۇش، غەيرەت بىلەن كېرىشىش مەنىلىرى بىلەنمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ مەنە بويىچە قارىغان ۋاقىتتا، ھىممەت خاراكتېرى ياخشى ياكى يامان بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ كۈچلۈك ئىرادىنى، مەلۇم بىر ئىش ياكى ئارزۇ-ئارمان ۋەياكى غايە ئۈچۈن بەلبەغلاشنى كۆرسىتىدۇ. ھىممەت قىلىنغان ئىشنىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن ئەرزىمەس ياكى يۈكسەكلىكىگە قاراپ، ئۇنى رەزىل ۋەيا ئالىيجاناپلىق بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن. ھىممىتى ئۈستۈن كىشىلەر ھەمىشە ئىشنىڭ ئەھمىيىتىگە، قىممىتىگە، ھىممەت قىلىشقا ئەرزىپ ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىغا ئىتىبار بىرىدىغان كىشىلەردۇر. پەقەت تەبىئىتى ۋە خاراكتېرى پەس ئادەملەر، مەنىۋىيتى قۇرغاق، ئىرادىسى ئاجىز ۋە پۈچەك كىشىلەرلا ئەرزىمەس ئىشلارغا ھىممەت كۆرسىتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بىھۇدە ئىشلارنى دەپ ۋاقتىنى، زېھنىنى ئۇپۇرتىدۇ. ئادىمىيىلىك ۋە دىنى مەسئۇلىيەتلەر بىزدىن ھىممەتنى ئۈستۈن تۇتۇشىمىزنى، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنى ئالقىشلايدۇ. توغرا مەرىپەت ۋە پاراسەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھىممەت كىشى قەلبىگە ئۈلۇغۋارلىققا ئېنتىلگۈچى روھ يېتىلدۈرىدۇ. ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى قىزىتقۇچى، ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى، ئاڭا شىجائەت ۋە غەيرەت بەرگۈچى ھەمدە ئۇنى يۈكسەكلىككە قاراپ ئىلگىرلەتكۈچى قەتئىي ئىرادىنىڭ، ئۇلۇغۋار غايىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇ غايىنى رىئاللىققا، ئىرادىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغۇچى ئېنىرگىيەدۇر.
ھىممەت ئىگىسى بولۇپ ياشاش ۋە ھەر ئىشتا يۈكسەكلىك، ئۇلۇغۋارلىق ئىزدەش روھى بۈ ئۈممەتتىن، جۈملىدىن نۆۋەتتىكى "بىز" دىن كۈتىلىۋاتقان موھىم تەلەپلەردىن بىرى. دات-پەريادى كۆكلەردە سەرسان يۈرۈۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكىدەك قاتمۇقات كىرزىسلار ئېچىدە تىركىشىۋاتقان ھالىتىنى ئويلىغىنىمدا، ساماۋىي كىتابلاردا مەشھۇر بولغان: «خۇدا دانا بەندىلىرىنىڭ سۆزىگە ئەمەس، ھىممىتىگە نەزەر سالىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئېسىمگە كېلىدۇ. يەنە نېمىشقىدۇر خاتىرەمگە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادلارغا ئىسىم قويۇشتا ھىممەتنىڭ ۋە مۇستەھكەم ئىرادىنىڭ مەھسۇلى بولغان پائال ھەرىكەتچانلىق، ھىممەت، غەيرەت مەنىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ھارىس، ھەممام قاتارلىق ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلىشىدىكى، شۇنداقلا بۇ خىل ئىسىملارنى چىن مەنىدىكى ئىسىملار دەپ تەرىپلىشىدىكى ھېكمەتلەر كېچىدۇ. دەرۋەقە، ھىممەتتىن ئىبارەت بۇ  قۇۋۋەت ئىنساننى ئىرادە بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بۇ ئىرادە تۈرۈتكىسىدە ئۇنىڭ مەلۇم نىشان ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كىشىدە تېپىلىشى زۆرۈر بولۇۋاتقان بۇ چىن مەنىدىكى ئىنسانى پەزىلەت پەقەت ئۈستۈن ھىممەت ۋە قەتئىيلىك يوشۇرۇنغان يۈكسەك ئىرادە ئارقىلىق ئۆز مەنىسىنى تاپالىشى مۇمكىن.
ئۈستۈن ھىممەت مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئېلىنغان دادىل قەدەمنىڭ مۇقەددىمىسى، شۇنداقلا مەزكۇر قەدەم ئارقىسىدىكى ھەيدەكچى ئامىل. ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئۇنى ئىستىگەن ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ئوچۇق. ئىستەكلا بولىدىكەن، كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ قىلىنغان ھىممەت نەتېجە بەرمەي قويمايدۇ. تارىختا ئىزى ئۆچمەي كېلىۋاتقان ھەر قانداق بىر شەخس ئارقىسىدا بىر ئۇلۇغۋار ھىممەت تولۇپ ياتقان بولىدۇ. مەشھۇر كەشپىياتچى توماس ئېدىسۇن شۇنداق ئېيتىدۇ: "مەندە ھېچقاچان ھىممەتتە بوشاپ كېتىش تۇيغۇسى بولۇپ باققان ئەمەس. چۈنكى، خاتا كەتكەن ھەر بىر ئۇرۇنۇش، ماڭا نىسبەتەن ئالغا بېسىشىم ئۈچۈن ئېلىنغان بىر قەدەم ئىدى."
دەرۋەقە، ھىممىتى ئۈستۈن كىشىلەر شەرەپنى ۋە شەرەپلىك ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ يولدا ئۇلارنى مەيۈسلۈك بېسىۋالمايدۇ. بولۇپمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغاندا شۇنداق. بۇ خىل كىشىلەر يېقىلىشنىڭ مەغلۇبىيەت ئەمەسلىكىنى، ھەقىقى مەغلۇبىيەتنىڭ يېقىلغىنىچە تۇرۇپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يۈكسەكلەرگە ئېنتىلمىگەن ئىنساندىن مۇۋەپپىقىيەت كۈتكىلى بولمىغاندەك، مۇۋەپپىقىيەتكە ئېنتىلمەيدىغان مۇئمىننى ھەقىقى تەلەپكە لايىق مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ. ئىسلام تارىخىدا بۇ خىل تەلەپكە لايىق مۇئمىنلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىلگىرلىشى ۋە مۇۋەپپىقىيىتىدە بىر ئۇلۇغۋارلىق، بىر ئۈستۈن ھىممەت يوشۇرۇنغان. تارىختا ئۆزىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتىغان ئۈستۈن ھىممەت نامايەندىلىرىنى ئەسلەشكە توغرا كەلسە،  مەشھۇر خەلىپە ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىزنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىگە ھوزۇر ۋە ئاسايىشلىق تەقدىم قىلالىغان، ئادالەت ۋە باياشاتلىق سۇنالىغان  مۇۋەپپەقىيەت ئىگىسى ئىدى. ئەينى دەۋىردە ئۇ پىداكارلىقى، ئادالىتى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى، پەم-پاراسىتى بىلەن سەلتەنىتى ئاستىدىكى بارچە مىللەت ۋە ھەر خىل دىندىكى خەلقلەرنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھىممىتى سايىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، قازانچ ۋە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "مەندە شۇنداق بىر تەشنالىق روھ بار. قاچانكى، بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانسام، بۇ تەشنالىق روھ مېنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغۋار يەنە بىر ئىشقا تەشنا قىلىدۇ...تەشنالىق روھىم ئەمىرلىككە تەشنا بولىۋېدى، ئەمىر بولدۇم. خەلىپىلىككە تەشنا بولىۋېدى، خەلىپە بولدۇم. مانا ئەمدى بۇ رۇھ تىنماي مېنى جەننەتكە تەشنا قىلماقتا. شۇ تاپتىكى ئۈمىدىم جەننەت ئەھلىدىن بولۇشتۇر."
مانا بۇ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخ ما بەينىدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئىسلاھاتكارلىقى بىلەن تىللاردا مەشھۇر بولغان، ھىممىتى يۈكسەكلەردە قۇچقان بىر مۇۋەپپەقىيەتچى داھىي ئىنساننىڭ يۈرەك سۆزلىرى.
دىنىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك تەكلىپ-مەجبۇرىيەتلەرنى يولغا قويۇشىدىكى ھېكمەتلەرگە قارايدىغان بولساقمۇ، ھەر بىر چاقىرىق ۋە دەۋەتلىرىدە ئىمان ئەھلىدە ئۈستۈن ھىممەت ۋە ئۇلۇغۋار روھ يېتىلدۇرۇشنى ئاساسى ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، ئىسلامدا ياخشىلىقنى ئەتراپقا يېيىش، يامانلىقتىن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى نېرى قىلىش تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، كۆپ ئورۇنلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈش، مەغلۇبىيەتتىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك تەكىتلىنىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بېشارەت ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندىمۇ، گۈزەللىككە، خەيرلىككە، ئۈمىدكە، مۇۋەپپەقىيەتكە، غەلبىگە ئۈندەيدىغان بايانلار كەڭرى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم نۇقتىدىن كىشى قەلبىدە ھىممەت ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش، توختاۋسىز ئىلگىرلەش ئۈچۈن بىر نىيەتكە كېلىش ۋە بۇ ئۈستۈن ھىممەتنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي بولۇشتەك ئالىيجاناپ روھ يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھىممەتنى ئۈستۈن تۇتۇش ۋە ئۇلۇغۋارلىقنى كۆزلەش ھەققىدە تالاي ھەدىسلىرى ئارقىلىق بىزلەرگە تەلىم بەرگەن. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكلىرىدىن بىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «جەزمەنكى، ئاللاھقا ئىشلارنىڭ ئۇلۇغۋار ۋە ئەڭ شەرەپلىك بولغىنى سۆيۈملۈكتۇر. ئاللاھ ئەرزىمەس ئىشلارنى يامان كۆرىدۇ.»[تەبەرانى رىۋايىتى]
پەيغەمبىرىمىز يۇقىرىقىدەك تەلىملىرى ئارقىلىق ھىممەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇپلا قالماي، يەنە خەيرلىك ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇشنى، ياخشى ئىشلارغا قارىتا ھىممەت ئوتى پەيدا قىلىشنى گويا ئەجىر بىرىلىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەر قاتارىدا سانىغان ئىدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىشى بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ھىممەتلىنىپ ئەمما ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كامىل ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى پۈتىدۇ. ناۋادا ئۇ ياخشى ئىشقا ھىممەتلەنگەن ۋە ھىممەت قىلغان ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ھوزۇرىدىن ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى پۈتىدۇ. پۈتۈلگەن ساۋاب ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگە قەدەر، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ ھەسسىلەيدۇ.»[بۇخارى رىۋايىتى]
يۇقىرىقى ھەدىسكە شەرھ بەرگۈچىلەر دەيدۇكى، بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ ياخشى ئىشنى كۆڭلىگە پۈككىنى ئۈچۈنلا بىرىلىدۇ. چۈنكى، بىر ياخشى ئىشقا ھىممەت قىلىپ كۆڭۈل قويۇش ۋە بەلباغلاش ئاشۇ ياخشى ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىكى تۈرتكىدۇر. قەلب ئەمىلى نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقىتتىمۇ ياخشىلىقنى كۆڭۈلگە پۈكۈشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئەمەل.
ئۇنداقتا، بىز بۇ خۇسۇسقا رىئاللىقىمىز ئاساسىدا نەزەر تاشلاپ كۆرەيلى!
بىز مەيلى ئىتىراپ قىلايلى ياكى ئىتىراپ قىلمايلى، كۈنىمىزدە ھىممەت كۆزىنى يۈكسەكلەرگە تېكىدىغان، ئۇلۇغۋارلىققا ئېنتىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ياشايدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىش قېيىنلىشىپ كەتتى. ئۇلۇغۋارلىققا يېتەكلەشكە قابىل كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا. ھالبۇكى، بۇ ئۈممەت ئېچىدە ھىممىتى ئۈستۈن ئالىملار، ھىممىتى ئۈستۈن مۇتەپەككۇرلار، ئوقۇغۇچىلار، ھۈنەرۋەنلەر، پۇلدارلار ۋە باشقا ھەر ساھە ئىگىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، رىئاللىقىمىز ئېھتىياج بولۇۋاتقان بۇ تەرەپلەر ئۇسسۇزلىقىمىزنى بېسىشقىمۇ يارىمايۋاتىدۇ. دەرۋەقە، مىللەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدە ئۈستۈن ھىممەت ئەھلىلىرىنى ئۇچرۇتۇش تولىمۇ قېيىن بىر ئىش بولۇپ قالدى. بۇنداق ئېھتىياجنى تولدۇرۇدىغانلار تۈگۈل، ئۇنى ئاڭقىرايدىغان بىرەر توپلۇمنى كۆرمەكمۇ مۇشكۈل بىر ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
دەرۋەقە، بىزدە ئىلىم يولىدا كېتىۋاتقان، ئەمما ئىلىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىنىدىغانلىقىغا سەل قارايدىغان، ھۈنەرۋەنلىك قىلىۋاتقان، ئەمما ھۈنەرنىڭ جان بېقىشتىن باشقا يەنە نېمىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا سەل قارايدىغان، ئالىملىق دەۋاسى قىلىدىغان، ئەمما ئالىملىق سالاھىيەتنىڭ نېمىگە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە سەل قارايدىغان، پۇل-مال تاپقان ئەمما ئىقتىساتنى ئەڭ ئالدى بىلەن قەيەرگە ۋە قانداق ساھەلەرگە، كىملەرگە ۋە نېمە ئۈچۈن سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتمەيۋاتقان كىشىلەر ساناپ ھارغۇدەك كۆپىيىۋاتىدۇ. خۇسۇسەن، مىللەتنىڭ ئاڭ-ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان، بىلىم-مەرىپەت ئۇسسۇزلۇقىغا مەلھەم بولالايدىغان ئىلمى قوشۇن بەكلا كەمچىل. ئوقۇغانلار نېمە ئۈچۈن ئوقۇۋاتقىنىنى بىلەلمەسلىك، ئوقۇشنى تۈگەتكەنلەر قىلىدىغان ئىشىنى تاپالماسلىقتەك بۇ پاجىئە ئەنئەنە تۈسىدە داۋاملىشىپ ماڭماقتا. نۆۋەتتە، ھەر ئىشتا شۇ ئىشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇش ۋە بىلگەن شۇ ئەھمىيەتكە يارىشا كۆڭۈلدىن ھىممەت قىلىپ ئۈنۈم ۋە ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، مېۋە بىرىش مەسىلىسى ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى.
توغرا نىشان بەلگىلىمەسلىك، بەلگىلىگەندە بولسا، قەدىمى مۇستەھكەم بولماسلىق، پۈچەك ئارزۇلار ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەش، چاكىنا غايىلەر ئۈچۈن ئۆمۈرنى، ئەقىلنى زايە قىلىش، تەر تۆكۈپ تاپقان ئىقتىساتنى مۇھىم، ئەمما بەك مۇھىم دېگىلى بولمايدىغان، ئاۋۋاللىق تەرتىپىگە تىزغاندا رەتنىڭ ئاخىرىدىن ئورۇن تەگسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا ئاتاش قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بىرىۋاتقانلىقى بىزدىكى ئۈستۈن ھىممەت سەۋىيىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى پاراسەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بولغان يۈكسەك ھىممەت قارىشىنىڭ تۈزۈك يېتىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
بۇ يەردە پۈچەك ئىشلارغا ھىممەتلىنىشتىنمۇ پاجىئەلىك بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ ئارىمىزدا ھىممەت پەزىلىتىدىن قىلچىمۇ نېسىۋىلەنمىگەنلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ياكى پەيدا بولىشىدۇر. مىللىتىگە، دىنىغا ۋە ئەقىدىسىگە قارىتا قىلچە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان، يەنە كېلىپ ئومۇم مىللەت گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ تۇرۇغلۇقۇم، تارتقۇدەك ئەلىمى،  قىلغۇدەك ئۇلۇغۋار غايىسى، دەرتلەنگۈدەك غېمى بولمىغان، پەقەت شەخسى پاراغىتى بىلەنلا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئىنسان سۈپەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى پاجىئەلەر ئېچىدىكى پاجىئەدۇر.  تېخىمۇ يامىنى مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىدىن چۆچۈمەسلىك، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرمەسلىكتەك پاسسىپلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىدۇر. يېغىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىكى ئۈستۈن ھىممەت قارىشىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇلۇغۋارلىققا ئېنىتىلىدىغان ئالىيجاناپ جەمئىيەت قوشۇنىنىڭ ئاساسەن شەكىللىنەلمىگەنلىكىنىڭ رىئال ئىپادىلىرىدۇر.
ھىممەتسىزلىك ۋە پۈچەك ئىشلارغا بەنت بولۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆردۇق، كۆرۈۋاتىمىز. بەزىدە مەن قولىدا بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىشقىمۇ ھىممىتى يوق، ئەكسىچە، بىرەر ئۈنۈم يارىتىشقىمۇ رايى بارمايدىغان، بىر خىل تىمتاسلىققا جۆر بولۇشنى، ھېچبىر ئۇرۇنۇش قىلماي تۇرۇپ ئېغىردىن ئېغىر ئۇھسىنىشنى، تارتقۇلۇقلار پەقەت ئۆز بېشىغا كەلمىگى ئۈچۈنلا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بەخارامان كۈن كەچۈرىدىغان، ھەممىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كەيپىگە قاراپ ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈۋاتقان كىشىلىرىمىزنى كۆرگىنىمدە، كۆڭۈل خاتىرەمگە: "كاشكى ئۇلار ھىممەت كۆرسىتىشتە چۆچەكلەردىكى قۇشقاچچىلىك بولالىسا، ھە" دېگەنلەر كېچىدۇ. ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر دىھقان كۈز پەسىلىنىڭ مەلۇم سوغۇق كۈنلىرىدىن بىرىدە ئېكىنزارلىقىدا ئىشلەۋېتىپ، توساتتىن ئېكېنزارلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىدا ئوڭدىسىغا ياتقان بىر قۇشقا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. دىھقان قىلىۋاتقان ئىشىنى توختۇتۇپ بۇ غەلىتە مەنزىرىنى يېقىندىن تاماشا قىلىش ۋە كۆرگەنلىرىدىن ئەمىن بولۇش ئۈچۈن قۇش تەرەپكە يېقىنلاپ كەپتۇ. دېھقان قارىغۇدەك بولسا، ئىككى پۇتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئۇ قۇش،  بىر قۇشقاچ ئىكەن. قۇشقاچنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران قالغان دېھقان ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلاپتۇ:
- ھەي قۇشقاچ، نېمىگە بۇنداق ئىككى پۈتۈڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئوڭدىسىغا يېتىۋالدىڭ؟
قۇشقاچ تولىمۇ تەمكىن ھالدا جاۋاپ بېرىپتۇ:
- ئاڭلىشىمچە، بۈگۈن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىكەن. شۇڭا، مەن پۇتلىرىم بىلەن ئاسماننى تىرەپ ئۇنى تۇسۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرەي دەۋاتىمەن.
بۇنى ئاڭلىغان دىھقان قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مەنسىتمىگەن قىياپەتتە قۇشقاچتىن سوراپتۇ:
- ئەجەبا، سەن ئۆزۈڭچە مۇشۇ ئاۋاق پۇتلىرىڭ بىلەن يېقىلىپ چۈشۈۋاتقان ئاسماننى توسۇپ قالالايمەن، دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
دىھقاننىڭ مەنسىتمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەن قۇشقاچ، چەپدەسلىك بىلەن پۇتىنى ئىگىزگە قارىتىپ تېخىمۇ كۈچ بىلەن سوزۇپتۇ-دە، مەردانىلىق بىلەن دەپتۇ:
- ھەر بىرىمىز كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇرۇنۇپ كۆرۈشى كېرەكتە!؟
شۇنداق، مەسىلە ھىممەتنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىش ياكى ئايلانماسلىقىدا ئەمەس، بەلكى، ھىممەتنىڭ سەندە بار ياكى يوقلىقىدا، ھىممەتكە چۈشلۈق نېمىنى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلىشتە. يۇقىرىقىلارسىز ئۇرۇنۇشلارنىڭ بەرى ھازىرلىقسىز قىلىنغان جەڭ، خالاس! بىلىش كېرەككى، قىلالماسلىق قىلماسلىقنىڭ باھانىسى بولماسلىقى، ئەمەلگە ئاشماسلىق ھىممەت قىلماسلىققا يول ئاچماسلىقى لازىم. مۇھىمى، ھەر بىرىمىزدە ئىمكانىيەتكە يارىشا ئۇلۇغۋارلىققا تەلپۈنگۈچى ھىممەت ۋە بوشاشماس ئىرادە قارىشى تېكلىنىشى كېرەك. شۇندىلا، بىزگە ئەرزىمەس ئىشلارغا بەنت بولۇش ۋە قىممىتى يوق بىھودە يوللاردا سەرسان بولۇشقا پۇرسەت قالمايدۇ.
تەكىتلەيكى، ھىممەتتىن ئايرىلغان ئىش مۇۋەپپىقىيەت يۈزى كۆرمەيدۇ. كۆرسىمۇ بەرداشلىق بېرىشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۇلۇغۋار ھىممەت بولمىغان كىشىدە ئۇلۇغۋارلىققا خاس جۈرئەت ۋە ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ. دانىشمەنلەر ئېيتقىنىدەك: "ئىنسان ئۇرغۇپ تۇرغۇچى ھىممەت بىلەن ئىنساندۇر." يېراقلارغا كۆز تىككەن ئۇلۇغۋار ھىممەتلەر گويا قۇشنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايدۇ. قۇش قاناتلىرى ئارقىلىق يۈكسەك چوقىلارغا ئۆرلىگىنىدەك، كىشىلىك ھىممەتمۇ قانچە ئېسىل، قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، ئىنساننى شۇنچە يۈكسەك چوقىلارغا، ئالىي مەرتىۋىلەرگە ئىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە مېنىڭ دەيدىغىنىم پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ: مۇۋەپپەقىيەت پەقەت ئۇلۇغۋار ھىممەت ئىگىلىرىگە مەنسۇپ.
- "مۇئەللىم" قەلىمىدىن
ئەسلى مەنبەسى:(http://eqide.netئۇشبۇ ماقالىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاشنى خالىساڭلار مەرھەمەت قىلغايسىلەر:
ئۇچۇقدالغان ھىممەت ئاۋازلىق




قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-11-22 13:46 , Processed in 0.026180 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش