ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 7482|ئىنكاس: 0

دات باسقان تەپەككۇر ۋە قاناتلانغان ئەقىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2017-2-21 22:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دات باسقان تەپەككۇر ۋە قاناتلانغان ئەقىل

تەپەككۇر- ئۇ ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن پەرققە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم خۇسۇسىيەتلەردىن بىرى. بىر ئىنساننىڭ نېمىنى تەپەككۇر قىلىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن. ھىندىلارنىڭ مەنىۋى ئاتىسى گاندى ئېيتقاندەك: "ئىنسان ئۆز تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ نېمىنى تەپەككۇر قىلىپ ياشىسا، شۇ بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ."
قۇللۇق ئاسارىتىدىن قوۋم-قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغان، بۇ ئارقىلىق خەلقى ئارىسىدا شەرەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت  قازانغان بۇ داھىي ئىنساننىڭ تەپەككۇر بىلەن ئىنسانىي قىممەتنى بىر ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئويلىغان چېغىمدا، نېمىشقىدۇر تەپەككۇر ھەققىدە بىزگە نېمىلەر ئۈگۈتۈلگەنلىكىگە دىققىتىم تارتىلىپ كېتىدۇ. ئويلاپ باقسام دىننى ساھەنىڭ ئالى مەكتىپىگە قەدەم قويغانغا قەدەر؛ دىنىمىزنىڭ تەپەككۇرنى قايسى مەرتىۋىگە كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق بىرەر ئۇستازدىن تەلىم ئالغان ياكى بۇ ھەقتە بىرى كېلىپ قۇلىقىمىزغا پىچىرلىغان ئەھۋال يوقكەن. ئەتراپقا قارىغىنىمدىمۇ مۇشۇ چاغقا قەدەر بىرەر ئۇيغۇر ئۇستازنىڭ تەپەككۇرنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق ئومۇمغا قارىتىپ خىتاب ياكى ۋەز ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن. بىرەر ساۋاقداش ياكى ئوقۇغۇچىدىنمۇ بۇ ھەقتە يۈرەكتە ئىزى قالغۇدەك بىرەر جۈملە رىۋايەتمۇ ئاڭلىماپتىمەن.
ئەرەبچە كىتابلارنى ئەپلەپ كۆرۈشكە قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەۋاتقان چاغلىرىمدىن بىرى ئىدى.  بۇ مەزگىلدە دىققەت تارتقان ئىشلاردىن بىرى "تەپەككۇر قىلىش ئىسلامدا پەرز" دېگەن ئەسەرنى ئۇچرىتىشىم بولدى. ئۇ بىر كىچىككىنە رىسالە بولۇپ، ئىگىلىشىمچە مەزكۇر رىسالە مىسىرنىڭ مەشھۇر زىيالىيسى ۋە ئەدىبلىرىدىن بىرى بولغان ئۇستاز ئابباس ئاققادنىڭ ئەسىرى ئىكەن. رىسالىنى قولغا ئىلىپ ۋاراقلاپ كەتكىنىم، چۈشىنىشتە قانچە قىينالغانلىقىم ھېلىھەم يادىمدا. شۇ چاغلاردا "تەپەككۇر قىلىش دىندا پەرز" دەيدىغان بۇ ئۇقۇم ماڭا بەكمۇ ئۆزگىچە ئاڭلانغانىدى. قەدىمقى پىقھى دەستۇرلاردىن قانچە قازساقمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بۇ ھۆكۈملۈك بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن بېرى تەپەككۇر تېمىسى مەن دىققەت قىلىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ھازىرغا قەدەر تەپەككۇرنىڭ قىممىتى ۋە قانداق تەپەككۇرنىڭ ۋەزنى ئۈستۈن، قىممەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئارىمىزدىكى بىرەر ئۇستازدىن ساۋاق، نەسىھەت ۋەياكى ئۈگۈت ئاڭلاپ باقمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. ناۋادا ئەتراپىمدا مۇلاھىزىگە تېگىشلىك مەسىلىلەر بار دېيىلسە، تەپەككۇر تېمىسى نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر ئىچىدە جىمجىتلىقى ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن تېمىلاردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
دەرۋەقە، تەپەككۇر ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە ئالغا بېسىشتىكى تۇنجى قەدەم ۋە مۇقەددىمىدۇر. ئۇ مائارىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ياكى غەلىبە سىموۋىللىرىدىن بىرى. ئىنساننىڭ زەئىپ ياكى كۈچلۈك ئىنسان بولىشىدىكى ئامىل بولسا، تەپەككۇر كۈچىدۇر. تەپەككۇر كۈچى ئىنساندىكى پوتېنسىئال كۈچلەرنى غىدىقلاش، قېزىپ چىقىش ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇچى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تەپەككۇردىن ئايرىلغان ھاياتتا تۇراقسىزلىق ۋە تۇرغۇنلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ. تەپەككۇردىن ئايرىلغان مىللەتنى بەئەينى روھسىز تەنگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. تەپەككۇردىن ئايرىلغان بىلىممۇ ھەم شۇنداق. تەپەككۇرسىز قولغا كەلگەن بىلىم ھەزىم بولمىغان تاماقتۇر. ئادەم بەدىنى تەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ساغلاملىقى كاپالەتلەنگىنىدەك، ئەقلى ساغلاملىقمۇ تەپەككۇر ھەرىكىتى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. تەپەككۇرغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردىن مەشھۇر غەرب پەيلاسوپى دىكارت شۇنداق ئېيتىدۇ: "ئۆتكۈر ئەقىل بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، مەسىلە ئۇنى قانداق قىلىپ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشتا."
تەپەككۇر ھەققىدە بىزدە ئەڭ ئومۇملاشقىنى لوگىكا پەنلىرىدىكى "ئىنسان تەپەككۇر قىلغۇچى جانلىق" دېگەن سۆزنىڭ مەنتىقىلىق قۇرۇلمىسى توغرۇلۇق ئۈگەنلىرىمىز بولىشى مۇمكىن. ئەپسۇس، تەپەككۇر بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماھىيەتلىك ئېچىپ بەرگەن بۇ بىر جۈملە سۆزگە بولغان يۈزەكى پوزىتسىيە ۋە ئاددى تەھلىللەر بىزگە ئىنسانىي تەپەككۇر كۈچىگە بولغان تونۇشنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ قويدى. يەنى، لوگىكا ئىلمىدىكى قائىدىلەر ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بۇ يەكۈندە ئىنساننى ھايۋاندىن ئايرىپ تۇرغۇچى خاسلىقنىڭ تەپەككۇر ئىكەنلىكىلا ئۇرغۇ قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى، مەۋجۇدىيىتى، كەلمىشى ۋە كەچمىشىگە دائىر ئىزدىنىشلارغا قەدەر سىڭىپ كىرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دىققەت قىلىنمىدى ياكى بۇ ھەقتە ئىزاھلاپ قويۇشقا سەل قارالدى. تەپەككۇرنىڭ ھەرقانداق بىر ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى، ھەر كاتىگورىيىدىكى مائارىپنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ ئىلاھى مەرىپەتنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى جانلىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇلمىدى. تەپەككۇرنىڭ نۆۋەتتىكى دىننى مائارىپتىكى ئوبېكتىمۇ ئۆتۈلگەن دەرسنى مۇزاكىرە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كەتمىدى. قىسقىسى، ساغلام تەپەككۇر مېتودىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى، تەپەككۇرنى جانلىق خىزمەت قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغۇچى ۋە غەززالىيدەك بۈيۈك شەخسلەرنىڭ "ئىلىمنىڭ تارازىسى" دەپ ئاتىشىغا سازاۋەر بولغان، بولۇپمۇ بىز ئەزھەردە تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ باسقۇچلىرىدا ئوقۇپ ھارماي، زېرىكىپ تالماي كېلىۋاتقان لوگىكا ئىلمىمۇ بۇ جەھەتتە بىزگە يېتەرلىك ئۈندەك بولالمىدى، قوزغىيالمىدى. ياكى بۇ ئىلىملەر بىزگە تەپەككۇرنى ئېچىشتىن باشقا غەرەزلەر نۇقتىسىدا ئۈگۈتۈلدى.  
يەنە ئويلىسام، بىز تېخىچە مائارىپىمىزدا تەپەككۇرنى غىدىقلايدىغان، ئويغىتىدىغان ئەسەرلەر بىلەن، شۇنداقلا ئىلمى مەسىلىلەردىن باشلاپ جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە قەدەر ئىجابىي تەپەككۇر كۈچى يېتىلدۈرىدىغان ئەقلىيەت ساھەلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئۇچرىشىپ كېتەلمەپتىمىز. تەپەككۇر ۋە ئەقلىيەت ساھەلىرى قۇرغاق ياكى بوش قالدۇرۇلىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ يىللار ما بەينىدە ئۆزلۈك ۋە كېلەچىكىمىز ئۈستىدە ئويلىنىش شەكىللەندۈرەلمەي كېلىۋاتقان بۇ جانسىز مائارىپنىڭ ئەتراپقا خىرىس قىلىشى تەپەككۇرىمىزنىڭ داتلىشىشىنى تېزلەشتۈرۈۋەتتى. بالىلىقىمىزدىن بېرى ئۆزىمىزدە تەبىئي يېتىلگەن تەپەككۇر كۈچى بولسا، روھىيتىمىزنى چۈشكۈنلۈك قاپلىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى چېكىنىشكە قاراپ ئىلگىرلىدى. بۇنىڭدىمۇ ئەلۋەتتە، ئەقىلنى چېنىقتۇرىدىغان بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن مەھرۇم قالدۇرىلىشىمىز ياكى شۇخىل ساھەلەرگە قىزىقماس بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. ھالبۇكى، تەپەككۇر كۈچىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ئۇنى خىزمەت قىلدۇرماسلىق قەدىمدىن ئىنسانىيەت ئەقىل مەرىپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاقىل-دانىشمەنلەرنىڭ تەنقىت ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن قەدىمقى گرىك پەيلاسوپى ئەپلاتۇن ئۆگۈتلىرىدە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز: "تەپەككۇر قىلالمىغانلىقىمىز ئەقىلدىن كەتكىنىمىزدىن، خالىماسلىقىمىز مۇتەئەسسىپلىكىمىزدىن، جۈرئەت قىلماسلىقىمىز قۇلغا ئايلىنىپ بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ."
ئۈممەتنىڭ ئەمەل قىلىشى، ئۇلارنىڭ ھايات نىشانى قىلىشى ئۈچۈن نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساقمۇ، تەپەككۇرغا، ئەقىلنى ئىشلىتىشكە ئۈندەلگەن ئايەتلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كېچىلىرى تەھەججۇت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغانلىرىدا، ئۇپۇققا قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ تەپەككۇر ھەققىدىكى ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىشلىرىدىن بىخەۋەرمۇ ئەمەسمىز. ئەينى چاغنى ئەسلەيلى! ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى 190- ئايىتى نازىل بولغان ئاشۇ كېچىسى نېمىلەر يۈز بەرگىنىنى ئەسلەيلى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىبادەتكە بەنت قىلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ياش تۆكۈپ كەتكەن، ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۈكۈتكە چۆمگەن ھالەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى!  قىيامدا تۇرغان چاغلىرىدا مۇبارەك ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن، سەجدە قىلغانلىرىدا پاك تۇپراقنى نەمدىگەن ئاشۇ كۆز ياشلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۆكۈلگەنلىكىنى ئەسلەيلى! ئۇ زاتقا "ئې پەيغەمبەر! ئۆزلىرى ئىككى دۇنيا گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان زات تۇرسىلا، نېمىگە كۆز يېشى قىلىۋاتىلا؟" دەپ سوئال قويۇلغىنىدا، ئۇنىڭ تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا ئېيتقان: «ماڭا مۇشۇنداق ئايەتلەر نازىل بولۇۋاتسا، مەن كۆز يېشى قىلماي، كىم كۆزى يېشى قىلسۇن!» دېگەن سۆزلىرىنى، ئاشۇ كېچىسى نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىپ بولۇپ: «مۇشۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان، ئەمما تەپەككۇر قىلمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» دېگەن تەلىمىنى ئەسلەيلى!!!
پەيغەمبىرىمىزدە ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر ھاياتىمىزغا ئەسقاتىدىغان ھېكمەت-ئۆگۈتلەر، جانلىق ئۆرنەكلەر بارلىقى بىزگە يېتىپ كەلگەن تۇرۇغلۇقۇم، بۇ ھەقتە بىلىش ۋە چۈشۈنۈش قىزغىلىنلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، كۈچەيمەيۋاتقانلىقى، ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا بۇلۇۋاتقانلىقى مېنى ئويلاندۇرىدۇ. مائارىپىمىزدا بولسۇن، ياكى ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە ئەمەل قىلىش تاشلاپ قويۇلماقتا. بەلكى، تەپەككۇر ئىبادىتىگە قانداق ئەمەل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بىلىمىمىز كەمچىل بولماقتا. دۇئا قىلغاندا قول كۆتۈرۈش ۋە كۆتۈرمەسلىكتەك شەكلى بىر ھەرىكەتنىڭ بىدئەت ۋە سۈننەتلىكى ئۈستىدە چىڭقىلىپ تارتىشىپ كېتىمىز يۇ، ئىختىلاپ قىلاي دېسىمۇ باھانە قالمايدىغان تەپەككۇر ئىبادىتىنىڭ تەرك ئېتىلىشىگە كۆز يۇمماقتىمىز، ئىدىيە-تەپەككۇرنى ئاچىدىغان بىلىملەرنى قانات يايدۇرۇش بولسا، يوقنىڭ ئورنىدا بولماقتا.
دەرۋەقە، تەپەككۇرسىز ھاياتنى مەنىلىك ھايات دېگىلى بولمىغاندەك، تەپەككۇردىن ئايرىلغان بېلىمنىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇستەقىل بىلىم دېگىلى بولمايدۇ. مەنىسىز ھايات ئىنساننىڭ بەختسىزلىكىنى نەتىجە بەرگىنىدەك، تەپەككۇرسىز قولغا كەلتۈرگەن بىلىممۇ ئاشۇ بىلىم ئىگىسى ئۈچۈن پاجىئەدىن باشقىنى نەتىجە بەرمەيدۇ. شۇڭا، سېنىڭ ئوقۇغان، ئاڭلىغان ۋە ۋۇجۇدۇڭدىن پارتىلاپ چىققان ھەر بىر ئۇچۇر بىلىم تارازىسىدىن ئۆتىشى كېرەككى، ئەقىل ساندۇقۇڭ كەلگۈسىدە كېرەكسىز نەرسە توشقۇزۇلغان ئامبارغا، ھەق-ناھەق مەيدانلىرىدا كار قىلمايدىغان مەلۇماتلار دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم!
بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ تەپەككۇرغا دىنى كىملىك بېكىتىۋالغۇچىلارنى ۋە بۇ ئارقىلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت مۇھىم پەرزگە سەل قاراشقا باھانە ئىزدەۋاتقانلارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنداق شەخسلەر باركى، ئۇلارنىڭ دىنغا تەۋەلىنىپ قالغانلىقى ئۇلارنى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم پەرزدىن مەھرۇم قېلىۋەتكەن."
يۇقىرىقى سۆزنىڭ مېغىزىنى چاققىنىمىزدا، بۇ خىل ئاچچىق تەنقىتنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دىنى مائارىپ يولىدا باش بولۇپ كېتىۋاتقانلاردىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن قەدەممۇ-قەدەم، تۇشمۇ-تۇش كېتىۋاتقان ئەگەشكۈچىلەرگە قەدەر ھەممىسىگە باب كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. ئىللەت شەخىسلىكتىن كوللېكتىپ باسقۇچىغا قەدەم ئالماقتا. ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دەيمەنكى، كۈنىمىزدە ئەۋج ئېلىۋاتقان تەپەككۇرغا ناقابىللىق، زېرەكلىكتە، چېۋەرلىكتە كۆزگە كۆرۈنگىدەك تۇرۇپ ئۆز تالانتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى بىلمەسلىك، ياكى بىلەلمەسلىك ۋەياكى بۇ خىل تالانت-ئىقتىدارلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا يول قويماسلىق، ياكى كەشىپ قىلىنىشىنى خالىماسلىق، ھەتتا بار تالانتنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇشتەك ئاقىۋەتلەر بۇ ئىلىم-مەرىپەت كارۋىنىنىڭ ئىلغارلىق ۋە تەرەققىيات يولىنى كەسمەكتە. ئۆتكۈر ئەقىللەر ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئورنىغا، نەيراڭۋازلىق قىلىش ۋە شەخسى مەنپەئەت قۇربانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا سەرپ قىلىنماقتا. تراگېدىيە ھەر كۈن قايتىلىنىدۇ. قايتىلىنىۋاتقان ھەركۈن بىز ئۈچۈن ماتەم بولۇپ ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. ئاگاھ بولايلىكى، تەپەككۇرسىز، تەدەببۇرسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ خىل ھايات بىزنى ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەش ۋە ئەقىلنى بىھۇدە خورىتىشتىن ھالقىغان "ئەقىلسىز" لىككە، بىخۇدلۇققا دۇچار قىلىدۇ. تەپەككۇردىن قېچىش، ئۇنى قىلىشنى خالىماسلىققا ئىلىپ بارسا، قىلىشنى خالىماسلىق ئۇنىڭغا جۈرئەت قىلماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ. ھۆرلۈك بىلەن باشلانغان ھاياتىنى قۇللۇق بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان كىشىدىنمۇ ئارتۇق بەختسىز بارمۇ؟! شۇڭلاشقا، بۇرۇقتۇملۇق، تېڭىرقاش، ئىككىلىنىش ۋە قەتئىيسىزلىك چىرمىغان بۇ ئەقلىمىزگە قاتمۇ-قات تاقاقلارنىڭ سېلىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. بەلكى، بۇنداق قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ئەقىل قۇشىمىز تەپەككۇر قاناتلىرىنى كەڭ يايغان ھالدا كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا مۇھتاج. ئۇنىڭ قاناتلىرىنى پەرۋاز قىلدۇرۇش ياكى بوغۇش ۋەياكى بىرىلىرىنىڭ كېلىپ بوغۇشىغا تۇتۇپ بېرىش ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. قايسى يولنى تاللىساق، نەتېجىمۇ شۇنىڭغا باقىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ھەر بىرىمىز بىر تال مويىمىزغا قەدەر تۇپراق ئاستىغا مەنسۇپ بولساقمۇ، روھىمىز ۋە تەپەككۇرىمىز تۇپراققا مەنسۇپ ئەمەس. ئىنسان ماددىيلىقى جەھەتتىن تۇپراقنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن، بىراق، ئۇ تەپەككۇر، مەنىۋىيەت ۋە روھىيەت نۇقتىسىدىن مەڭگۇ بۇ ئالەمگە مەنسۇپ بولمىغان ۋە بولمايدۇ.
- "مۇئەللىم" قەلىمىدىن
ئەسلى مەنبەسى:(http://eqide.net

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ:
دات باسقان تەپەككۇر، قاناتلانغان ئەقىل (ئاۋازلىق ماقالە)


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:12 , Processed in 0.022084 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش