- تىزىملاتقان
- 2007-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2019-4-24
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 8022
- نادىر
- 22
- يازما
- 1132
  
- 簽到
- 132
|
قۇرئان كەرىم، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن مانا مۇشۇنداق مۇھاپىزەت قىلىنماقتا!!!
ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا ياخشى قاراپ بېقىڭ.
بىز ئۇزۇندىن بويان قۇرئان كەرىمنى ئىنتايىن كۆپ ھۆرمەتلەيمىز. بۇ شۇنداق ھۆرمەتلەشكى، ھۆرمىتىمىزنىڭ چوڭلۇقىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟ نېمە يوق دەپ ئاختۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى تاھارەتسىز تۇتۇشقىمۇ كۆڭلىمىز يار بەرمەيدۇ.
ئەلۋەتتە ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەن ئامىللار مەۋجۇت بولوپ، بۇلارنىڭ بىرى ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقىغا قارىماستىن ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى «ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ» دەلىل كۆرسىتىپ تۇرۇپ،«ئۇنى تاھارەتسىز تۇتماسلىق لازىم» دېگەن پەتىۋانىڭ بىرىلىپ كەلگەنلىكىدۇر. ھەتتا بۇ شۇنداق ئېشىپ كەتكەنكى قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ياخشى ئەمەس، ياكى ئۇنى تاھارەت بىلەن تۇتۇش ئەۋزەل دېگەن مۇسبەت چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا كەسكىن ھالدا «قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ھارام» دېيلىپ كەلگەن...نەتىجىدە ئەھۋال بۈگۈنكى ھالىتىگە يېتىپ كەلگەن...مانا بۇ بىزنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمىتىمىزنىڭ ئىپادىسى....
ھالبۇكى ھۆرمەت ئەسلىدە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىش بىلەن بولاتتى...
يۇقىرىدىكى رەسىم، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنە شۇ چۈشەنچىسىنى نامايەندە قىلىپ بەرمەكتە.... |
|