ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: akarakash

قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتما !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 15:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akarakash يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 16:09
ئەبگاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 00:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قې ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ تېما 2 يىل بۇرۇنقى تېمىكەن ئەمما مېنىڭ شۇنداق دىگۇم كېلىپ كەتكەن گەپ بار ئىدى،ئۇزۇن ئويلۇنۇپ دىيشنى قارار قىلدىم،بىلمىگەن ئىشقا پەتىۋا سوراش ناھايتى ياخشى ئىش ،ئەمما قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايەت پەتىۋا سوراشتىن بۇرۇن روھىمىزنىڭ پاك بولىشى ۋە ئىسلام دىنىمىزنىڭ كورمەي تۇرۇپمۇ ئىشىنىش ،ئەتراپتىكى مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن اللاھنىڭ مەۋجۇت بەرھەقلىقىنى ھېس قىلىپ سەمىمى ئېتقات قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.توۋەندىكى ئايەتكە قاراڭ؛-ئوز ۋاقتىدا،مۇسائوزقەۋمىگە''اللەھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ''دىگەن ئىدى.(بەقەرە67-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)...(ئۇلارسوئال سوراۋەرگەنلىكتىن)بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى.(بەقەرە71-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)     بۇ ئايەتتىن شۇنى كورۇۋېلىشقا بولىدۇكى،بىز باشقىلاردىن پەتىۋا سوراشتىن بۇرۇن بۇ سۇئالنى ۋىجدانىمىزغا قويۇپ باقساق بولىدۇ،پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىكى ساھابىلەرنىڭ نىمە كۇنلەرنى بېشىدىن ئوتكۇزگىنىنى بىلەمسىز؟ھەر قانچە مۇشەققەتمۇ ئۇلارنىڭ دىنىغا توسالغۇ بولالمىغان ،تاھارەت ئېلىش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەس،مەنمۇ بىر ئالىمنىڭ تاھارەتسىز قۇرئاننى تۇتسا بولىدۇ،يەنى ئوزى چۇشىنىدىغان تىلدىكى قۇرئاننى تۇتسا بولىدۇ،تىلاۋەت قىلىش ئۇچۇن چوقۇم تاھارەت ئېلىشى كېرەك،دىگەن پەتىۋاسىنى كورگەن .مەن مۇسۇلمان دىگەن ھەر قانداق ئادەم بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ،دىمەك بىزنىڭ تاھارەت بىلەن يۇرىدىغان ۋاقتىمىز كوپقۇ؟تاھارەت ئۇستىگە تاھارەت ئېلىش گۇل ئۇستىگە گۇل تىزغاندەك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟بىز كىچىكىمىزدىن ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان قۇرئاننى بىرەسى ھەر قانچە بىتاھارەت تۇت دىسىمۇ كوڭلىمىز ئۇنىماس بەلكىم؟ دىندا سوئالنى كوپ سوراش ،بىلمىگەننى سوراپ بىلىش ياخشى ئىش ئەلۋەتتە ئەمما ۋىجدانىڭىز يول قويمىغان ئىشنىڭ جاۋابىنى سىز ئاللىبۇرۇن تېپىپ بولدىڭىز دىگەن گەپ.كوپ سۇئال سوراشنىڭ ئوزى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋمىنى ئازدۇرۇشقا تاس قالغان.بىر سۇئال بىلەن بىرمۇنچە تالاش -تارتىشلار بولۇپ ئوتۇپتۇ،پۇتۇن ئىنسانلار،جىنلار،پەرىشتىلەرھورمەت قىلىدىغان ھورمەتلىك رەسۇلۇللاھ سەللەللەھۇ ئەلەيھې ۋەسسەللەمنىڭ بىرەرسىگە بىلىم بېرىش جەريانىدا قوپال تەككىنىنى كىم كوردى؟كىچىككىنە بىر سۇئالغا بىرمۇنچە كوڭۇلگە كەلگۇدەك گەپ بولۇپتۇ،بۇدۇنيانىڭ سىناقلىرىدىن ئوتۇش ئۇچۇن قۇرت-قوڭغۇزغىمۇ ئازار بەرمىگۇدەك ھەقىقى موئمىن مۇسۇلمان بولۇشنى،پىلسىرات كوۋرۇكىدىن مەھكەم قول تۇتۇشۇپ شەيتاننىڭ چاقىرىشى،ئازدۇرىشىغا پەرۋا قىلماي ئوتۇپ كېتىشنى ئىرادە قىلساق بولماسمۇ؟ يۇقىردىكى سۇئالغا ۋىجدانىمىزدىن باشقا كىم جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟بەزى ئامال بولماي قالغان مەسىللەرنى تەپەككۇر قىلىشقا بولىدۇ.ئالىملار قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ئىزدىنىپ بىزگە جاۋاپ بېرىدۇ ،ئەمما ئۇلار بەرگەن جاۋابىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىرمۇ بىر ھېسابىنى بېرىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.قالايمىقان سوزلەپ كوڭلۇڭلەرنى رەنجىتكەن بولسام مېنى ئەپۇ قىلغايسىلەر.ئەڭ ياخشىسى بەزىبىر سوئاللارنى سوراشتا دېققەت قىلايلى كوپچىلىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 19:45:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئانكەرىم بىزمۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق تەۋەرۇكىمىز شۇڭە قۇرئانكەرىمنى تەھارەت سىزتۇتساق بولمايدۇ...بىز نىڭ مەق سىدىمىز ھەرگىز مۇ قارشىتەرەپ نى يىڭۋى لىش ئەمەس شۇڭەسەل سوغۇق قان راق بولايل     

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 19:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ رەھمات قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 23:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايېتى شەپقەتلىك ۋەمھربان اللەنىڭ ئسمى بىلەن .باشلايمەن   .اللە بۇيرغاننى قېلغان .رەسۇللاھنڭ يۇلدا مانڭغان.قەرېنداش لېرېمغا اللەھ  .رەخمەت قېلسۇن .مەن مۇشۇن داقلا دېيەلەيمەن .ئقتېلاپتېن اللەھ غا سېغېنېپ پاناھ تېلەيمەن . ناھايېتى شەپقەتلىك ۋەمھربان اللەھ .ھەممنڭلارنى .ئېقتېلاپ قېلېشتېن.ساقلېغاي.ئامىن

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا  ھەممىڭلارغا رەخمەت ئاتا قىلسۇن ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 18:11:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELF يوللىغان ۋاقتى  2012-3-25 19:45
قۇرئانكەرىم بىزمۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق تەۋەرۇك ...

شۇ نداق،پىكىرىمىز بىردەككەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 16:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يا ئاللاھ !  بىزنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئوتكۇزگەن گۇناىلىرىمىزنى كەچۇرگىن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 17:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 15:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ تېما 2 يىل بۇرۇنقى تېمىكەن ئەمم ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
بىزنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتتا تاھارەتلىك بولۇشىمىز، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى ھۆرمەتلىشىمىز... ۋە ھاكەزالار قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ.
قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك ئەمەس، ئەكسىچە قۇرئان كەرىمنى تاھارەت بىلەن ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلا ئوقۇپ تاشلاپ قويۇش، ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن، پرىنسىپلىرى بىلەن ئەمر-پەرمانلىرى بىلەن كارى بولماسلىق... ھۆرمەتسىزلىكتۇر...
بۇ بىزنىڭ ھايات-ماماتلىق ياكى بولمىسا دۇنيا - ئاخىرەتتە نىجادلىققا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلەمسلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئىسلامغا ئالاقىدار پۈتۈن ھۆكۈملەردىكىگە ئوخشاشلا ھۆكۈم بىلەن ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك...
قىسقىسى قۇرئان كەرىمنى تاھارەتنى ئوقۇشقا ھېچكىم قارشى تۇرمايدۇ، ئەكسىچە تەقدىرلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تاھارەت ئېلىپ تەييارلىق قىلىپ ئوقۇش ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى. ئەمما بۇنىڭ ئۆزى «تاھارەتسىز ئوقۇساڭ بولمايدۇ» دېگەنگە ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. شۇنىڭدەك بۇ رەۋىشتە پەتىۋا بېرىشكە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك!
دىنى مەسىلىلەردە بىلىپ بىلمەي، ئاڭلىۋالغان گەپلەر بىلەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 18:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 01:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DNIM1ISLAM يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 18:29
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن ئامىن!

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مىنڭچە مەقسەت ھەممىمز توغرا يولنى تېپىش ئەمدى بىزئۇلۇم خىېتىنى تۇتقۇزۇپ قويسا بەگنڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويساق قاملاشمايدۇ قۇرئان ئەرەپچە لىكىن ھازىر ئۇيغۇرچە بولدى بۇنى ھەممە ئادەم ئۇقۇپ چۇشۇنۇپ ھەق ئاللا نڭ يۇلۇدا مېڭىشقا ئىزدەنسە بولىدۇ ھەممە ئادەمنىڭ ناماز ئۇقۇشى ئۇ ناتايىن جەمىيىتىمزدە ناماز ئۇقۇمايدىغان كىشلەر كۆپ ئەمدى ئۇلارغا تەرەتسىز قۇرئان تۇتسا بولمايدۇ دىسەك بولامدۇ قېرىنداشلار ئۇلار قۇرئاننى ئۇقۇمۇسا ناماز ئۇقۇشقا قانداق ئىنتىلدۇ مىنىڭچە تەرەتسز قۇرئان ئۇقۇسا يامان بولدۇ دىيش مىنڭچە خاتا .ئاللا ھەممىزگە ھىدايەت ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلغاي ئامن

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنىڭ پىكىرىم شۇكى-قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇش-تۇتماسلىق ھەققىدە پەتىۋا سوراشنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق،كوڭلىنىڭ ئۇنىماي سورىشىنىڭ ئوزىلا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،دىننى چۇشەنمەيدىغانلار تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ دىيىلىپتۇ،پەتىۋا بەرگەندە ھېچ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويساق شۇنچە تەسمۇ؟ ئاللاھ بىزگە شۇنچە ئاسانلىق بەرگەن تۇرسا ،شۇنىڭغىمۇ ھورۇنلۇق قىلغانلارنى قوللامدۇق؟بىلمىگەنلەر سوراپ بىلىدۇ ئەلۋەتتە.  بۇ ۋاقىتتا بىلمىگەنلەرگە ئىسلام دىنىدىكى ھېچ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىلىمنى ئۇگەتكەن بولىمىز.  ئۇلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىق ئۇستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ھەم شۇنداق ئاسان يوللارنىڭمۇ بېرىلگەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ.ھەممە ئىشتا يول قويىلىۋەرسە بۇ دىننىڭ ئەسلى ماھىيتى  سۇسلاپ كەتمىسۇن.ھېچ بولمىغاندا نىجاسەت تەككەن كىچىك تاھارەتنىڭ ئاسارىتى تەككەن يەرلىرىنى پاكىزلاش كېرەك بۇ ئوزى ئۇچۇنمۇ كوپ ياخشى.پاكىز بولسا ئوزىنى راھەت،پاك ھېس قىلىدۇ،ئاندىن قۇرئان ئوقۇسا ئوزىنى ناھايىتى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ،  مەن بۇ گەپلەرنى ھەرگىزمۇ خەقلەردىن ئاڭلىۋېلىپ دەۋاتمايمەن،مەنمۇ دەسلەپتە توردىن بىر ئولىمانىڭ شۇنداق دىگەنلىكىنى كورۇپ تاھارەتسىز تەرجىمە قۇرئاننى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇدۇم...ئەمما پەقەت خاتىرجەم بولالمىدىم،گەرچە مەن جۇنۇپ ياكى مەينەت ھالەتتە بولمىساممۇ. ئىشىنىڭكى بىزنىڭ قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قۇرئاننى قەدىرلەش تۇيغۇسى تاھارەتسىز قۇرئاننى تۇتساق بىزگە بەرىبىر ئارام بەرمەيدىكەن.ھېچ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلايلى. بۇ تەسمۇ ئەمەس .ئىسلام دىنى پاكىزلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان .پەقەت يېرىم مىنوت ۋاقىت كېتىدۇ.توپا بولمىسا كىيىپ يۇرگەن چاپىنىڭىزغا بولسىمۇ قولىڭىزنى تەگكۇزۇپ شەرتىنى قىلسىڭىز بولىدىكەن.مەن  پەقەت بىلگنىمنى سىلەرگە يەتكۇزدۇم خالاس (ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ،ئاللاھ ئازدۇرغاننى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ) بۇ نى ھەم ئاللاھ نىيەتكە بېقىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ،قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقان كىشىگە كەلسەك-ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھىدايەت قىلىپ قۇرئانغا يېقىنلاشتۇرغانكەن تاھارەت بىلەن تۇتۇشقىمۇ ،ئاللاھنىڭ موئمىنى بولۇشقىمۇ ،ئوز سايىسىدىن ئورۇن بېرىشقىمۇ نىسىپ قىلار ،ئىنشائاللاھ    ھەمىمىزگە بۇ بەخىتنى نېسىپ قىلسۇن ،ئامىين......

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 16:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 12:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنىڭ پىكىرىم شۇكى-قۇرئاننى تاھار ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆمەتلىك مەيمۇنە قېرىندىشىم.
قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق مەسىلىسى، سىز دەپ ئۆتكەندەك «ھېچ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ» قويۇش بىلەن ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس.
بۇ مەسىلە ئەسىرلەردىن بويان مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن، بۇ جەرياندا «تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ» دېگۈچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، «تۇتسا بولىدۇ» دېگۈچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ دەلىللرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر مەسىلە. بۇنىڭ سەۋەبى قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق دەلىل بولمىغانلىقىدا... (بۇ توغرىدىكى دەلىللەر بۇ مۇنازىرىنىڭ بېشىدا ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان... قېرىنداشلىرىمز شۇ يەردىن كۆرىۋالسا بولىدۇ.)
ئەمما ھېچقاچان ۋە ھېچكىم ھازىر بىر  قىلىۋاتقاندەك چىقىپلا، ...مېنىڭچە... دەپ مۇنازىرە قىلمىغان... قىلغانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولسا ئېتىبارغا ئېلىنمىغان...
شۇڭا بۇ تېمىنى ئۇزىۋەرمىسەك.

ھۆرمەتلىك مەيمۇنە قېرىندىشىم! مەن سىزنىڭ مۇنۇ چۈشەنچىسىڭىزگە قەتئى قوشۇلمايمەن:
"قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقان كىشىگە كەلسەك-ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھىدايەت قىلىپ قۇرئانغا يېقىنلاشتۇرغانكەن تاھارەت بىلەن تۇتۇشقىمۇ ،ئاللاھنىڭ موئمىنى بولۇشقىمۇ ،ئوز سايىسىدىن ئورۇن بېرىشقىمۇ نىسىپ قىلار "
چۈنكى سىز بۇ چۈشەنچىڭىز بىلەن تاھارەت ئالماستىن قۇرئان ئوقۇغانلارنى ئازغۇنلۇققا چىقىرىۋېتىپسىز. ئىپادىلىرىمىزگە دىققەت قىلساق، قېرىندىشىم! جانابى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان كىشىنى بۇنداق تەرىپلىمىسەك. مۇئمىن-مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان مۇئمىن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق رەۋىشتە "ھىدايەت" تىلەش توغرا ئەمەىس... چۈنكى بىزنىڭ قۇرئان - سۈننەتنى ئاساسى پرىنسىپ قىلغان دىنىمىزدا ئۆزىنى مۇئمىن-مۇسۇلمان دەپ تۇرغان بىر ئادەمنى مۇسۇلمانلىقتىن چىقىرىۋېتىش دەيدىغان بىر گەپ يوق...ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز قۇرئانى كەرىمنى تاھارەتسىز ئوقۇشقا بولمايدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ دەلىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تاھارەتسىز ھالدا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان بولسا، شۇنداق قىلىشنى توغرا دەپ قارىغان بولسا، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە بۇنداق ھۆكۈم بېرىش ھوقۇقى يوق!


ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىدە ئىككى مۇنازىرە بار... ئۇنىڭدا ھەرتەرەپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ دەلىلىنى، سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويغان... قېرىنداشلىرىمىز شۇنى ئوقۇسا. قايتىدىن بۇ مەسىلە بىلەن ۋاقىت ئۆلتۈرمىسەك...
بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە بىر نەرسە يازمىساق...باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 18:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sada يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 16:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆمەتلىك مەيمۇنە قېرىندىشىم.
قۇرئ ...

ھەممە ئادەمنىڭ ناماز ئۇقۇشى ئۇ ناتايىن جەمىيىتىمزدە ناماز ئۇقۇمايدىغان كىشلەر كۆپ ئەمدى ئۇلارغا تەرەتسىز قۇرئان تۇتسا بولمايدۇ دىسەك بولامدۇ قېرىنداشلار ئۇلار قۇرئاننى ئۇقۇمۇسا ناماز ئۇقۇشقا قانداق ئىنتىلدۇ مىنىڭچە تەرەتسز قۇرئان ئۇقۇسا يامان بولدۇ دىيش مىنڭچە خاتا .ئاللا ھەممىزگە ھىدايەت ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلغاي ئامن
بۇ 30-قەۋەتتىكى كۇرشاد    نىڭ ئىنكاسى     مەن بۇ ئىنكاستىكى سوزگە ئاساسەن    بۇ ھىدايەت سوزىنى ئىشلەتتىم، مەن ئولۇپ باقمىغان شۇڭا ئەگەر كىشلەرگە بىلمەستىن ھېسياتىمغا تاينىپ تاھارەت ئالماي قۇرئان تۇتۇڭلار دەپ بۇ كوز قارشىم خاتا چىقىپ قالسا ئازاپقا قېلىشتىن قورقىمەن مېنىڭ گېپىمنىڭ كىشلەرگە رەددىيە بېرىش ئەمەس ،مەسلىھەت بېرىش ئىكەنلىكىنى چۇشىنىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.ئەگەر بۇ تېمىدىن زېرىككەن بولسىڭىز تېما يوللىماي قويسىڭىزلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟بىزنى توختىتىڭلار يازماڭلار دەپ ھەرگىز ئارتۇقچە ئوزىڭىزنى رەنجىتمەڭ قېرىندىشىم.بۇ دىگەن مۇنبەر ھەر خىل كىشلەر كىرىپ مانا مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان گەپ.مېنىڭ سوزلۇرۇمدە دىنىمىزنى قوللىماستىن بەلكى ئۇنى سۇسلاشتۇرىدىغان ئالامەتلەر كورۇنسە خوشال بولماسسىز ئەلۋەتتە.مەندەك بىرەر قېرىندىشىڭلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ مۇشۇنچىلىك پىكىرلەرنى بېرىشى بۇ مۇنبەرنى ئازدۇر كوپتۇر بىلىملەر بىلەن زىننەتلەپ تۇرۇشى سىزنى مالال قىلغان بولسا باشقا مۇنبەرلەرگە بېرىپ سىناپ باقارمىز،ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇلارمۇ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ سەپمەس....

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 00:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 18:15
ھەممە ئادەمنىڭ ناماز ئۇقۇشى ئۇ ناتايىن جەمىيىتىمزدە  ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مىنىڭ سىزگە مۇسۇلماندارچىلىق ھەققىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئازراق نەسىھەت قىلغىم كىلىۋاتىدۇ،مىنىڭچە سىزنىڭ ساددا قىرىندىشىمىزغا يازغان بەزى يازمىلىرىڭىز يەنى(ئەگەر بۇ تېمىدىن زېرىككەن بولسىڭىز تېما يوللىماي قويسىڭىزلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟بىزنى توختىتىڭلار يازماڭلار دەپ ھەرگىز ئارتۇقچە ئوزىڭىزنى رەنجىتمەڭ قېرىندىشىم.بۇ دىگەن مۇنبەر ھەر خىل كىشلەر كىرىپ مانا مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان گەپ.مېنىڭ سوزلۇرۇمدە دىنىمىزنى قوللىماستىن بەلكى ئۇنى سۇسلاشتۇرىدىغان ئالامەتلەر كورۇنسە خوشال بولماسسىز ئەلۋەتتە.مەندەك بىرەر قېرىندىشىڭلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ مۇشۇنچىلىك پىكىرلەرنى بېرىشى بۇ مۇنبەرنى ئازدۇر كوپتۇر بىلىملەر بىلەن زىننەتلەپ تۇرۇشى سىزنى مالال قىلغان بولسا باشقا مۇنبەرلەرگە بېرىپ سىناپ باقارمىز،ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇلارمۇ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ سەپمەس....)سەل ئىغىر كەتتى دەپ ئويلايمەن،چۈنكى بۇ بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىمىزغا قىلغان تەبەسسۇمنىڭمۇ بىر سەدىقە ئورنىدا بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق يوللانما بەرگەن شۇڭا بىزمۇ مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلشىقا بۇيرۇلدۇق دەپ ئويلايمەن.ئىككىنچىدىن سىز توغرا دەيسىز بۇ بىر مۇنبەر مۇنبەر دىگەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ، شۇڭا مىنىڭچە بىز مۇنازىرىنى ئەڭ ياخشى سۈپەت بويىچە ھەم تىمىدىن چەكنىمىگەن يوسۇن بويىچە قىلغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى تىمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك بىز بىرەر ئىشقا يەكۈن چىقارغاندا دەلىل كۈچلۈك بولغانغا قارىشىمىز كېرەك ، چۈنكى بىزنىڭ ياخشى نېيىتىمىز بىزنى ئالداپ قېىلىشى مۇمكىن يەنى بىزنىڭ ئەقلىمىزمۇ خاتالىشىپ قېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئىنسانلار كۆپ خاتالاشقۇچىدۇر.شۇڭا بىز ھۆكۈم قىلىشتا چوقۇم ئاللاھنىڭ سۆز ۋە رەسۇللىلاھنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر گېپىم ئېغىر كەتكەن ياكى كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئاۋۋال ئاللاھدىن ئاندىن قالسا سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.ھەمدە ئاللاھدىن ھەممىمىزگە سەبىر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن ،ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا قىلسۇن ئامىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 00:35  

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 00:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
korux يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 00:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مىنىڭ سىزگە مۇسۇلمان ...

قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تۇتايلى ،دىگەن بۇ مەسلىھەتىمنىڭ بۇنچە غۇلغۇلا قوزغىشىنى ئويلىماپتىمەن، ئۇ قېرىدىشىمىزنىڭ دىگىنى ماڭا ئېغىر كەلمەپتۇمۇ؟بۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىماڭ. دەپتۇ مەن دىنىمىزنى ئامال بار ھورمەت قىلىشقا ئۇندىدىم بۇ گەپنى تۇتىۋېلىپ بىز ھورمەت قىلماپتۇقمۇ؟ دەپ يۇرمەڭلار يانا ،  يەنە تېخى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئاڭلىۋېلىپ دەپتۇ ، بۇ ئېغىر ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ دەسلەپكى يازغان ئىنكاسىمغا قاراڭ، مەن پەقەت  سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ئاددى سوئالنىمۇ سوئالىم بار دەپ سورا ۋەرسە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن ئېزىپ كەتكىلى تاس قالغاندەك   بولمىسۇن دىدىم. بۇ دىگىنىمنى سىز ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ ، بىز ھەممىمىز قېرىنداش بىرلا نۇقتىنى كوزدە تۇتىۋالماڭ. مۇنبەرنى كورۇپ كىم ئالاھىدە گەپ قىلسا قاراپ بېقىپ شۇنىڭغا يان باسامدۇق ياكى ئوز پىكىرىمىزمۇ بولامدۇ؟ بۇنچىلىك پىكىر بېرىپ قويغانغا  يازماڭ، توختىتىڭ دىيىش كەتمەس،

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 13:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 00:51
قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تۇتايلى ،دىگەن بۇ مەسلىھەتىمن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئاللاھقا تاپشۇرۇڭ،ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى ھىساب ئالغۇچىدۇر،ھەم نىيەتلەرنى ھەممىدىن بەك بۈلگىچىدۇر،مەن ئويلاپ قالدىم بۇ ئىنكاسلار تىمىدىن بەكلا چەتنەپ كەتتى، بۇ بىر مۇنبەرنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىپ قالىدۇ قىرىندىشىم.ئەمدى تىمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تۇتايلى دېگىنىڭىز بىر مەسلىھەت بولسا بۇ بىر ياخشى مەسلىھەتكەن،بىراق بۇنى قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تۇتمىسا بولمايدۇ دېگەن بىر ھۆكۈم چېقىرىشنىڭ بىر دەلىلى قىلساق قاملاشمايدۇ دەپ ئويلايمەن(بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ سىزنى مۇشۇنداق ھۆكۈم چېقاردى دېگىنىم ئەمەس،بىراق باشقا تورداشلاردا شۇنداق بىر ئۇقۇم پەيدا بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار)،ئەمدى سىزنىڭ مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ قەۋمىنىڭ كالا ۋەقەسىنى مىسال ئالغانلىقىڭىزنى كۆردۈم،ئۇ پىكىرىڭىزغا قوشۇلىمەن،راس سۇئالنى كۆپ سوراۋىرىش ئانچە ياشى ئەمەس،ئىسلامدىمۇ كۆپ سۇئال سوراۋېرىش ئانچە ياخشى كۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ،بىراق ئەمدى بۇ سۇئال چىققانكەن چوقۇم جاۋابى چېقىشى كېرەك،بولمسا ئىسلام دۈشمەنلېرىگە ئىسلام تولۇق ئەمەس دېگەن سەپسەتە سۆزلىرىگە باھانە چېقىپ قالىدۇ،بۇنىڭ جاۋابىنى ھەرگىز بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشى ياكى ئەقلىمىز ئارقىلىق ئەمەس بەلكى دەلىل ئارقىلىق چېقىرىشىمىز كېرەك. سىز دېققەت قىلغان بولسىڭىز ئىنكاسنىڭ بېرىنچى بىتىدە دەلىلى قانائەت قېلارلىق چېقىپ بولغان،شۇڭا مەن ئويلايمەن ساددا قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ تىمىنى ئۇزارتىۋەتمەيلى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى باشقا قېرىنداشلىرىمىزغا توغرا بولمىغان تەسىر بېرىپ قىلشىدىن ئەنسىرىگەن بولىشى دەپ ئويلىدىم.ئەمدى ساددا قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا سىزدىن مەن كەچۈرۈم سوراي،چۈنكى قېرىنداشلار ئارىسىدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاش ھارامدۇر،سىزنىڭمۇ ئاداۋەت ساقلىمايدىغانلىقىڭىزغا ئېشىنىمەن،ئاللاھ ھەممىمىزگە سەبىر ئاتا قىلسۇن ،ھەممىمىزنى ھەقىقي قېرىنداشلاردىن قىلسۇن ئامىن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 22:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
korux يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 13:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئاللاھقا ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەنمۇ ساددا قېرىندىشىمىزدىن توۋەنچىللىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن ، گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا رەنجىپ كەتمەڭ، ئاللا رازى بولسۇن،ھەممىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۇچۇن شۇنداق قىلىمىز ئەمەسمۇ؟   

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 22:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلايكۇم،  ئەزىز  قېرىنداشلىرىم  ئاللاھنىڭ رازىلىقى  ئۈچۈن ، بىر-بىرىمىزنى  ئەپۇ  قىلىشايلى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 22:52
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەنمۇ ساددا قېرىندىشىمىزدىن تو ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەيمۇنە قېرىندىشىم...
مەن ھېچبىر قېرىندىشىمدىن خاپا بولۇپ قالمىدىم... شۇڭا ئەپۇ سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما سىز تۆۋەنچىلىك بىلەن «ئارتۇق كەتكەن» تەرەپلەر ئۈچۈن ئەپۇ سورىغانىكەنسىز، مەنمۇ ئۆزرىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن. ئىنشائەللاھ بۇندىن كېيىن ئىپادىلىرىمىزگە دىققەت قىلايلى قېرىندىشىم! چۈنكى ئىپادىمىز ياخشى بولمىغاندا ئالتۇن قىممىتىدىكى نەسىھەتلىرىمىزنىڭمۇ ھېچقانداق تەسىرى بولماي قالىدۇ. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق.

يەنە بىرى مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا قارىتا يازغان ئىنكاستا سىزنىڭ ياكى باشقا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازغان ئىنكاسىنى توسۇپ قويۇش، دېتىمغا ياقمىغىنى ئۈچۈن ئۆچۈرگۈزىۋېتىش... دەيدىغان بىر نەرسىنى كۆزدە تۇتمىدىم. مەن پەقەتلا بۇ تېما ھەققىدە 2007- يىلىدىن ئېتىبارەن نەچچە قېتىم ھەر خىل كۆزقاراشلار ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپى بولمىسۇن، بۇ تېمىغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتنى باشقا مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلايلى دېگەن مەخسەتتە ياغان ئىدىم...
خاتا چۈشىنىشكە سەۋەب بولۇپ قالغان بولسام، سىزدىن ۋە پۈتۈن قېرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن... شۇنداقلا بۇندىن كېيىن ئۆزەمدىن باشلاپ ھەر قېرىندىشىمنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى سورايمەن...
ھۆرمەت بىلەن قېرىندىشىڭىز سادا! (ساددا) ئەمەس!
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 18:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sada يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 14:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەيمۇنە قېرىندىشىم...
مەن ھېچبىر ق ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-5-23 03:20 , Processed in 0.042970 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش