ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 92096|ئىنكاس: 83

تۆڭگۈزنىڭ تېرىسى ھالالمۇ؟-3  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
131
يوللىغان ۋاقتى 2006-4-30 14:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ

- ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنىداشلار!
   مىنىڭ چۈشەنمىگەن يىرىم "چۈشقىنىڭ ھەممە نەرسىسى بىرمىڭ تۆت يىز يىللاردىن بىرى ھارام" دەپ ئېتقاد قىلىپ كىلىۋىتىپ(ياكى مەن خاتا ئاڭلاپ قالغان بولۇشۇم مومكىن) قانداقلاچە قىلىپ ئەمدىلەتىن ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلانغاندىن كىيىن  پاك بولۇپ قالدى ؟شۇڭا بۇ يىڭى پەتۋامۇ ياكى بورۇندىن بار ئىشمۇ دەپ بىلىش ئىدى. چۈنكى مەنمۇ جىق نەرسە بىلمەيمەن.بىلدىغىنىم" چۈشقىنىڭ ھەممە نەرسىسى ھارام "دىگەندىن ئىبارەت ھەم بارلىق ئىماملارنىڭ شۇنداق پەتۋا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
   شۇڭا بۇ بىر يىڭى پەتۋا بولسا بۇ پەتۋانى كىم بەرگەن ،ياكى سىلەر پەتۋا بەرگۈدەك سالاھىيەت بارمۇ؟ (بۇنداق دىسەم كۆڭلۈڭلەرگە ئالماڭلار) بۇ ئانچە ئاسان بولمىسا كېرەك. مىنىڭ بۇنىڭغا دەلىل كۆرسەتكىدەك بىلىمىممۇيوق.
بۇ يەردە قۇرئان  سەھىھ ھەدىسكە سەك كەلتۈرۈش دىگەندەك ھىچقانداق گەپ يوق. يا سىلەردىن پۇتاق تېپىش دىگەندەك مەقسەتمۇ يوق.ئۇخشاش بىرئايەت ،ئۇخشاش بىر ھەدىستىن ئۇخشاشمىغان چۈشەنچىلەر چىقىشى ئەمەلى بىر پاكىت شۇڭا بۇنى قايسى مۇجتەھىد چىقارغان پەتۋا ئىكەنلىگىنى بىلىشتىن ئىبارەت ...
    بەلكىم مەن ئىپادىلەشتە تۇلۇق ئىپادىلىيەلمەي خاتا چۈنچە پەيدا بولغان بولۇشى مومكىن.سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.اﷲ ئىشلىرىڭلارغا يار بولسۇن.!

     باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
     ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
     قېرىندىشىم! بىر نەرسە بىر قانچە يىل ئېتىقاد قىلىنسا، ھارام ياكى ھالال بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق. ئەگەر ئۇنداق دېمەكچى بولسىڭىز خرىستىئانلار يۈز يىللاردىن بۇيان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنىڭ ھېچبىر زامان توغرا بولۇپ قالغىنى يوق. قۇرئان كەرىم ئۇنداق ئېتىقاد ئىگىلىرىنىڭ كاپىر ۋە مۇشرىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
     «چوشقىنىڭ تېرىسى ئاشلانسا پاك بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم ئەمدىلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان گەپمۇ يوق. سىزنىڭ «چۈشقىنىڭ ھەممە نەرسىسى ھارام» دېگەندىن ئىبارەت بىلىمىڭىز قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئېلىنغان ھۆكۈممۇ ئەمەس. سىز شۇنداق ئاڭلاپ كەلگەن گەپ. بىر نەرسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى سىزنىڭ بىمىلىگەنلىكىڭىز ياكى ئاڭلىمىغانلىڭىز ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ. سىز «شۇنداق پەتۋا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان» لار ئەگەر ئۆزىلىرى ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا اللەنىڭ ۋە اللەنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەتكۈزگەن بولسا، بەلكىدە سىز بۇ پەتىۋانى كۆرۈپ ھەيران قالمىغان بولاتتىڭىز.
     قېرىندىشىم! قۇرئان كەرىمدە چوشقىنىڭ ھاراملىقى ئەمەس، ئۇنىڭ گۆشىنىڭ ھاراملىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ھەتتا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىدە يەيدىغان كىشىگە ئۇنىڭ گۆشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ گۆشىنىڭ پاسكىنا ئىكەنلىكى ئالاھىدە زىكىر قىلىنىدۇ. سىز مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئاياتلەردە «چوشقا» دېيىلمەستىن «چوشقنىڭ گۆشى» دېيىلگەنلىكىگە دىققەت بىلەن قاراپ چىقىڭ. شۇنىڭدەك، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىدىكى «ئەلا تائىمىن
يەتئەمۇھۇ»، «فەئىننەھۇ رىجسۇن» دېگەن ئىپادىلەرگە ئالاھىدە قاراپ چىقىڭ. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەرقانداق تېرە ئاشلانسا پاك بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسىنىڭ بېشىدىكى «كۇللۇ» بىلەن «قانداقلىكى تېرە ئاشلانسا پاك بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسىنىڭ بېشىدىكى «ئەييۇما» دېگەن كەلىمىگە ئۇبدان قاراپ بېقىڭ. ئاندىن كېيىن اللە تەئالانىڭ ھېچكىمگە ھېچقانداق نەرسىنى ھالال قىلىش ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىرلىككە كېلىپمۇ ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلالمايدىغانلىقىنى پۈتۈن زېھنىڭىزنى يىغىپ تۇرۇپ بىر ئويلىنىپ بېقىڭ.
بەلكى زېھنىڭىز ئېچىلىپ كېتىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ھالەتلەرگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان نەرسىنى تونۇپ يېتىشىڭىز مۇمكىن. اللە قەلبىڭىزنى يورۇتۇۋاتسا ئەجەب ئەمەس.
     قېرىندىشىم! بۇ توغرىدا بىزگە بەزى قېرىنداشلىرىمىز خېلى ھاقارەت بىلەن خەت يازدى. بىز دەرھال ئۈچۈرۈۋاتتۇق. بۇ، ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىمىزدىن ئەمەس. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ۋە ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا دەيمىزكى بىز، قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چوشقىنىڭ تېرىسىنىڭ ئاشلانسا پاك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىزنىڭ بۇ توغرىدا قىلچىلىك شۈبھىمىز يوق. ئەگەر سىلەر يەنىلا شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار، «چوشقىنىڭ تېرىسى ئاشلىسىمۇ پاكىز بولمايدۇ» دېگەن پەتىۋانىڭ نېمىگە ئاساسەن بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ بېقىڭلار. دەلىلىنى بىلمەستىن قولىقىڭلارغا ئۇچۇپ كەپ قالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بىزنى ئاۋارە قىلماڭلار!

   5- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
   مەن بەزىلەرنىڭ  قۇرئاندا چوشقىنىڭ ھاراملىقى زىكىر قىلىنغان ئايەت چوشقىنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر ئۇ ئايەتتە دىيىلگىنى چوشقىنىڭ گۆشىلا بولسا ئۇنداقتا چوشقىنىڭ مىيى ھالال بولامدۇ ؟ئەرەپ تىلىدا گۆش ۋە ماي ئايرىم كەلىمىلەرغۇ ؟،دىگىنىنى ئاڭلىدىم .ماڭا بۇ گەپ ئاساسسىز ئەمەستەك بىلىنىدى .سىلەرچە ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى دەلىل بولالامدۇ ؟

    باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
    ھەر قانداق تىلدا «گۆش» كەلىمىسى، «ماي» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن «ماي» كەلىمىسى بولسا، «گۆش» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. «گۆش» دېگەن كەلىمىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇ كەلىمە «سويۇلىدىغان ماللارنىڭ تېنىدىكى ئوزۇق سۈپىتىدە ئستېمال قىلىنىدىغان قىسمى»نى ئىپادىلەيدۇ. (قاراڭ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 1999 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 964- بەت).
     بۇ شۇنداق ئاددىي بىر ئىشكى، سىز قاسساپقا بېرىپ گۆش ئالماقچى بولغىنىڭىزدا، سۆڭەكسىز گۆش ئالىمەن دېسىڭىز، قاسساپ سىزگە گۆشنىڭ مېيىنىمۇ ئايرىۋېتىپ قارا گۆشنىلا تارتىپ بەرمەستىن، گۆشنىڭ سۆڭىكىنىلا ئايرىۋېتىپ مېيى بىلەن بىرلىكتە تارتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز گۆشنىڭ مېيىنىمۇ ئايرىۋېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، مېينى شۇ چاغدا ئايرىۋېتىپ بېرىدۇ.
    ئەرەپ تىلىدىكى «گۆش»نى ئىپادىلەيدىغان «لەھم» كەلىمىسىمۇ، يالغۇز كەلگەن ۋاقتىدا «ماي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شەھم» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن «شەھم» كەلىمىسى، يالغۇز كەلگەندە «لەھم» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
     «قۇرئاندا چوشقىنىڭ ھاراملىقى زىكىر قىلىنغان ئايەت چوشقىنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگۈچىلەردىن سورايمىزكى، سىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ چوشقىنىڭ ھۆكمىگە ئالاقىدار ئايەتلىرىنى ئوقۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر لەۋزىنى ئوقۇغان بولساڭلار، «چوچقا» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان «خىنزىير» كەلمىسىنىڭ بېشىدا «گۆش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «لەھم» كەلمىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرەتتىڭلار. قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇغان بولساڭلار، مەزكۇر ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدە «چوشقا» دېيىلمەستىن، «چوچقا گۆشى» دېگەن ئىپادىنى كۆرەتتىڭلار.
ئەگەر ئوقۇغان بولساڭلار، سىلەرچە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە «چوشقا» دېيىلمەستىن «چوشقىنىڭ گۆشى» دېيىلگەنلىكىنىڭ بىر مەنىسى يوقمۇ؟ بۇ ئىككى ئىپادە ئوتتۇرىسدا ھېچقانداق پەرق يوقمىدۇ؟ «ئۆستەڭ» بىلەن «ئۆستەڭنىڭ سۈيى» ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەمدۇ؟ «ئابباس» بىلەن «ئىبنى ئابباس» ئايرىم - ئايرىم ئىككى كىشىمۇ ياكى بىر كىشىمۇ؟
     بۇرۇنمۇ يازغنىمىزدەك قۇرئاندا ھارام قىلىنغىنى«چوشقىنىڭ گۆشى» بولۇپ، «چوشقا» ئەمەس. چوشقا گۆشىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنئام سۈرىسىنى 145 - ئايىتىدە «ئەلا تائىمىن يەتئەمۇھۇ» (يەنى يەيدىغان كىشىگە) دېگەن ئىپادە قوللىنىلغان.
     بۇنىڭدىنمۇ چوشقىنىڭ يېگىلى بولىدىغانلىكى يەرلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

     مەنبە: مۇسۇلمانلار تور بېتى
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2006-5-4 00:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﯕﯩﮕﻰ.ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﻻﻟﻤﯘ؟؟؟

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2006-5-4 14:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوشقىنىڭ سۆڭىكى ھالال ئەمەس. چۈنكى ئۇمۇ «توڭگۈزنىڭ گۆشى...» دېگەن ئىپادىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.
لېكىن ئۇنىڭ تۈكى تىرىنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن «توڭگۈزنىڭ گۆشى...» دېگەن ئىپادە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىنى ئىشلەتكىلى بولغان يەردە، تۈكىنى ئەلۋەتتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ...

يوللىغان ۋاقتى 2006-5-7 03:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻣﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ،ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﺵ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ،ﻣﯘﺷﯘ ﯰﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ

يوللىغان ۋاقتى 2006-7-24 12:13:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯪﯞﺍﻝ ﺑﯘﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ؟ ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2006-7-24 18:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TarKan  ئەپەندىم!
بىرىنچىدىن بۇ تېما يېڭى بىر مۇنازىرە تېمىسى ئەمەس. دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، كونا مۇنبەردىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەندۇر!
ئىككىنچىدىن يۇقىرىدىكى ماقالە قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتكە ئاساسەن يېزىلغان. سىزمۇ مەزھەب تەئەسسۇپچىلىقىنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ، يۇقىرىدا دېيلگەنلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە ۋە سۈننەتكە ماس كېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈستىدە توختۇتۇلۇشقا تىرىشىڭ. ئەگەر ھەقىقەتەن بىرەر يەردە خاتالىق تاپسىڭىز، ئىلمىي ئاساستا تەنقىد قىلىڭ. بەلكى خاتالىشىپ قالغان بولساق، تۈزىتېۋىلىشىمىزغا ۋەسىلە بولۇپ قالاسىز. بولمىسا، ھېچنېمە دېمەستىن كېلىپ، ئاۋال بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ قايسى مەزھەبتە ئىكەنلىكىنى سوراپ باقايلى؟ دەپ ئاۋارە بولماڭ. ئەگەر يامان بەك بىلمەكچى بولسىڭىز: مېنىڭ مەزھىبىم قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ھەدىسلاردۇر، خالاس. ئەمما ئەڭ ياخشىسى سىز ياكى سىلەر بىر نەرسە دېگەن ئادەمنىڭ مەزھىبىگە ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتكە ماس كېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشرۈشكە تىرىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار...

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2006-7-24 20:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯜﻡ !
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍ  ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ! ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻴﺘﺘﯩﯖﯩﺰ....

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-4 00:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە چوشقىنىڭ تۈكىدە چوتكا ياساپ نانغا سۈركەپ ، ناننى چوشقىنىڭ تېرىسىگە يۆگەپ يەيلى ، پاھ ، يېيىشلىكمىكەن ، يەپ باققانلار؟
  قەدىردانلىرىم !

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-4 20:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات بولغان بولسا، بىزگە قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزگەن بولاتتى. ئەنئام سۈرىسىنىڭ (6- سۈرىسىنىڭ) 19- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
    ئىسلام دىنىنىڭ بىر كىتابى، بىر پەيغەمبىرى بار. كىتاب قۇرئان كەرىمدۇر، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. قۇرئان كەرىم قولىمىزدا بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارىمىزدا يوق، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. قۇرئان كەرىمنى اللە تەئالا ئۆزى قوغدايدىغانلىقى ۋە قوغدىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن: «بۇنىڭدىن شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دەپ ئۆز زامانىسىدىكى ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە مەيدانغا كېلىدىغان دۈشمەنلىرىگە تەلەپ قويغان.
    ئەمما ھەدىسلەر توغرىسىدا ئۇنداق دېمەستىن: «ماڭا يالغان چاپلىغانلار جەھەننەمدىكى ئورۇنلىرىغا ھازىرلانسۇن» دېگەن. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ بىرەر ئايىتى توغرىسىدا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. لېكىن ئىش ھەدىسقا كەلگەندە بىرى «سەھىھ» دېسە، يەنە بىرى «زەئىف» دەيدۇ؛ بىرى «مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ» دېسە، بىرى «مۇختەلەفۇن فىيھ» دەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەدىس ئىلمى ئۇسۇلى دەيدىغان بىر ئىلىم ساھەسى ئوتتۇرىغا چىققان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر سۆزنى ھەدىس دەپ قوبۇل قىلىپ سالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەر ئىشتا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئاساس قىلساق، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى بۇ ئايەتلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا تەھلىل قىلساق ھېچقانداق ئىختىلاپ قالمايدۇ.
    يىغىپ ئېيتقاندا بىز باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋاقتىمىزدا مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىشىمىز لازىم. بولمىسا مۇنازىرىمىز ئىلمىي بولمايدۇ، ھەتتا ئۇنى مۇنازىرە دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.
    ئىلمىي مۇنازىرىگە ئىلمىي (ئايەت - ھەدىستىن) دەلىل كەلتۈرمەسلىك تېخىمۇ توغرىسى كەلتۈرەلمەسلىك، بۇنىڭ ئورنىغا قارشى تەرەپنى مەسخىرە قىلىش، ھاقارەت قىلىش، بوھتان چاپلاش مۇنازىرىدە يېڭىلىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە بۇ ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
    قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرەر مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرىلەشكەن ۋاقتىدا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى سورايمەن.
كىتابىم قۇرئان!

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-5 17:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم asadulla17 !
ئىپادىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ! بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى «خەلقئارا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى». ئەگەر بەزى قېرىنداشلارنىڭ يازغانلىرى دېتىڭىزگە ياقمىغان بولسا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بىراق «لۇبەن» دېگەندەك باشقا تىللاردىن كىرىپ قالغان ئىپادىلەرنى ھەجۋى شەكلىدە قوللانماڭ.
سىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىدە سانارىست ئىپادىسىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن «بىز چۈشەنمەيدىغان كەلىمىلەرنى قوللۇنۇپ...» دەپ تەنقىد قىلغان قېرىندىشىمىزنى تەقدرىلىگەنغۇ دەيمەن.
ئەمدى كېلىپ ئۆزىڭىز شۇنداق قىلىپسىز! ھالبۇكى مەزكۇر مۇنازىرىدە ئىشلىتىلگەن ئىپادىلەردە ئىملا خاتالىقى بولغان تەقدىردىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىدىغان ئىپادىلەر ئىدى....
ئاللاھنىڭ غەرىپ قۇلى

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-15 03:20:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاق يوق چاتاق يوق ، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي لوبەن ، ماڭا بەرگەن تەلىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت لوبەن !
قەدىردانىم !
بۇ خەلقئارامۇ تېخى ، پاھ، بۇ دىگەن ، بىكاچىلارنىڭ كىرىدىغان يېرى ، تور دىەگندە ھەرىكەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ جىنىم ،  گەپ، گەپ ،گەپ لا خالاس، !
ئىسلام گەپ بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان ئەمەس تاتلىقىم !
خىەلقئارا بولسا، بۇ يەردە، ئامما ئېتراپ قىلغان بىرمۇ ئالىمنى ئۇچراتمىدىم يا؟
جالىقى چېنىپلا تۇغان ، قېنى، يۈسۈف قەرزاۋى قېنى......................................قېنى ؟
قايسى بىر خەلقئارا مۇنبەردە ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلاشقاننى كۆرگەن ، خەلقئارامىش،    بۇ يەرگە ئۇيغۇرچە خەتنى ئاران ئوقۇيدىغانلارلا كىرىدۇ، تىل ئۇقساق ، ھە قاسىڭنىڭ بۇيېرىدە نىمبا؟
مۇشۇ ئاتالمىش خەلقئارا كىرىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلامتىم مەن ، ئىسىت !
تور دىگەن--------------- قۇرۇق گەپ دىگەن گەپ.
مېنىڭ ئىشەنچىمگە ئېرىشمەكچى بولساڭلار، پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ  رەسىم چۈشۈپ ، رەسىمنى مۇشۇ، مۇنبەرگە ئەۋەتىڭلار،  چىرايىڭلار ئاق پېتىمۇ؟ يا............................................. كۆرەپ باقاي ، قاندا دېدىم ~ شېكىرىم!
ياخشى ئاقىۋەت تىلەشكە تېگىشلىك كىشىلەرگە  ياخشى ئاقىۋەت تىلەيمەن !

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-16 23:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناننىڭ ئارىسىدىن قوينىڭ چۇپۇرى چىقسا ھالال بولغاندىكىن دەپ يەۋىرىدىغان ئوخشىمامسىلەر  قىل چۇپۇلار يىيىش ئۈچۈن يارىتىلمىغاندە

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-17 21:54:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار!
            تۆۋەندە بىر «ئىنكاس» قا  سەل قاتتىقراق ئىنكاس قايتۇرشۇمغا توغرا كەپقالدى، سىلەردىن ئەپۇ سۇرايمەن، توغرا چۈشەنگەيسىلەر. چۈنكى «ئەسەدۇللا17» دەپ ئاتىلىدىغان بىر «زاتى مۇبارەك» بۇ مۇنبەرگە مەقسەتلىك ھالدا تىزىملىنىپ قايتۇرغان پۈتكۈل «ئىنكاس» لىردا باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلارغا قاتتىق ھاقارەت قىلىپ كەلدى. مەزكۇر «ئىسىم شەرىف» ئاستىدا يېزىلغان پۈتكۈل يازمىلارنى ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق ئۇ «زات»نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلەرگە نەقەدەر ھەقلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىۋېلالايمىز. باشقۇرغۇچى ۋە باشقا تورداشلار ئۇنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئىلمىي بولۇشقا تىرىشتى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلدى. ھازىرغىچە باشقۇرغۇچى ياكى تورداشلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا «تېگىشلىك جاۋاب» بېرىلمىدى.
           مەن ئۇنىڭ «توڭگۇزنىڭ تېرىسى ھالالمۇ؟» دېگەن تېمىنىڭ ئاخىرىغا يېزىپ قويغان «ئىنكاس»ىنى كۆرۈپ سەۋر قاچام تاشتى، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئۆزۈم جاۋاب بېرەي دېگەن ئويغا كەلدىم- دە، ئۇنىڭ ھەر بىر كەلىمىسىگە بىرمۇبىر جاۋاب يېزىشقا تىرىشتىم. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بىرئاز ئاغزىمنى بۇزىمەن، كەچۈرگەيسىلەر. چۈنكى ئىلمىيلىكتىن، ئەدەب- ئەخلاقتىن ۋە قائىدە- يوسۇندىن مەھرۇم قالغان بۇ «مەخلۇق»قا ئۆزى ئۇقۇدىغان تىل بىلەن گەپ    قىلىشىم كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن قايتا- قايتا ئەپۇ سورايمەن، كەچۈرگەيسىلەر...
            جاۋاب
            «يولداش» ئەسەدۇللا17!
            ئاغزىڭىزدىن «لوبەن» دېگەن سۆزنىڭ چۈشمىگىنىگە قارىغاندا «لوبەن!» لىرىڭىزگە بەك سادىقتەك قىلىسىز! «ئۇلار» سىزدىن قاچان قەيەردە نېمە تەلەپ قىلسا «باش ئۈستىگە لوبەن!» دەۋىرىپ ئاغزىڭىز «لوبەن»گە كۆنۈپ قاپتۇ، بولمىسا «لوبەن» لىرىڭىزنىڭ يېنىدا بولمىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا بولسىمۇ ئۇ سۆزنى دېمىگەن، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىگە، تىلىغا، ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزگە ئۇنچىۋالا ھاقارەتنى راۋا كۆرمىگەن بولاتتىڭىز.
           بىز تورداشلار يەنىلا توغرا چۈشىنىمىز، لېكىن ھەر قانداق كىشىگە «لوبەن» دەۋەرسىڭىز ئۇ «لوبەن» لىرىڭىز تۇيۇپ قالسا ئاچچىقلاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ «مالاي» ھەممە ئادەمگە «لوبەن» دەيدىكەن، ماڭا «لوبەن» دېگىنى ساختا ئوخشايدۇ دەپچۇ! دىققەت قىلىڭ!
            يەنە بىر گەپ سىز «قەدىردانىم! تاتلىقىم! شېكىرىم» دېگەندەك سۆزلەرنى تولا ئىشلىتىدىكەنسىز. ئۇنداق سۆزلەرنى يولدىن چىقىپ كەتكەن «بۇزۇق» ئاياللار باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىڭ! باشقىلار سىزنى ئەرچە ئىسىم قويىۋالغان «كېسىلى بار ئايال» ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن، يەنە!
            ئەسلىدە بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ بەزى دىنى مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلىرىنى نەشىر قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ دىنى ئىلىم ساھەسىدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانغۇ! دەيمەن. ئەپسۇسكى سىزگە ئوخشاش بىكارچىلارمۇ «لوبەن» لىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلالىغان ۋاقتىلىرىدا كىرىپ قالدىكەن! باشتا سىزدەكلەرنىڭ بۇنى ئادەم تىللاش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشىڭىز بىلىنگەن بولسا، ئىش باشقىچە بولار ئىدى.
            «تور دېگەندە ھەرىكەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ جىنىم» دەپسىز! سىزگە ھەرىكەت لازىممىتى!؟ ئەگەر ھەرىكەت لازىم بولسا، بۇ ھەرىكەت قىلىدىغان يەر ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇبدانراق ھەرىكەت قىلىدىغان بىرىنى تېپىپ ھەرىكەت قىلدۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ بۇ مۇنبەر سىزنىڭ «جىنىم» دەپ يېلى1نىپ تۇرۇپ كۈتكەن «ھەرىكەت»ىڭىزنى ئورۇندايدىغان يەر ئەمەسقۇ!
            ئىسلامنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە نېمە بىلەن كەلگەنلىكىنى مۇسۇلمان تارىخچىلار ئوتتۇرىغا قويسۇن. چۈنكى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا قارايدىغان بولساق سىز بۇنى بىلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىنىمىزدا باشقىلارغا قولى ۋە تىلى بىلەن ئەزىيەت قىلغانلار مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. مۇسۇلمان ھېسابلانمايدىغان بىرىنىڭ ئوتتۇرىغان قويغان «ئىسلام تارىخى» مۇ «ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىدۇ. سىزنىڭ بىر مۇددەت تەربىيە ئېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىزمۇ بولغۇدەك! ئەگەر ھاياتىڭىزدا ئاتا- ئانا تەربىيىسى ياكى بىرەر ئۇستاز تەربىيىسى كۆرگەن بولسىڭىز، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بەلكى باشقا ئىنسانلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلگەن بولاتتىڭىز.
            بىر نەرسىنىڭ خەلقئارالىق بولۇشى ئۈچۈن ئامما ئېتىراپ قىلغان بىرىنى ئۇ نەرسىنىڭ يېنىدا ئۇچرىتىشىڭىز كېرەك ئەمەس «يولداش!». ئۇ يەردە پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان زاتنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئۇ ئايەتلەرنىڭ بايانى بولغان ھەدىسلەرنىلا ئۇچرىتىش يېتەرلىكتۇر، خالاس.
            دەلىل- پاكىتلارنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە دېيەلمىگەندىن كېيىن كۆزىڭىزگە «جا»دەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟! ئەقلىڭىزنى «لوبەن»نىڭ يېنىدا قويۇپ قويمىغان بولسىڭىز چۈشىنەلەيتتىڭىز. ئەپسۇس، بىر ئىلمىي مۇنازىرىدە دەلىل – پاكىتى كۈچلۈك ئادەمگە باشقىلارنىڭ «لام- جىم» دېيەلمەسلىكى ئۇ ئادەمنىڭ سۆزىنىڭ «جىڭ» لىقنىڭ ئالامىتى ئىدى! قارشى تەرەپنى قايىل قىلغۇدەك بىر نەرسە دېيەلمەي «سېنىڭ توغرا» دېيىشنىڭ ئورنىغا ئاغزىنى بۇزۇش بەزى «خوتۇن» لارنىڭ ئىشى ئىدى.
            خوش، سىزگە «يۇسۇف قەرزاۋى......................................» لار لازىم بولسا، ئۇنداقلارنى تور خانىلاردىن ئىزدىمەي «لوبەن» لىرىڭىزنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، شۇلار ياشايدىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ، تاۋاپ قىلىپ كەلسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ! باشقا يەرلەردىن ئۇلارنى ئىزدەپ «ئاۋارە بولۇش» نىڭ نېمە ھاجتى!؟
            ھازىرغىچە ھېچبىر خەلقئارا مۇنبەردە ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلاشقاننى كۆرمىگەن بولسىڭىز، مانا بۇ مۇنبەرنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىزغۇ!؟ سىز كۆزىڭىزنى باشقا يەردە قويۇپ كىردىڭىزمۇ، يا؟
              بۇ تور بەت ۋە مۇنبەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەييارلىنىشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن:
ئۇيغۇر تىلى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىلى بولۇشى، ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننى توغرا چۈشىنىشىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ توربەت ۋە مۇنبەرنى ئاچقان بولۇشى مۇمكىن.
            بۇ مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقىدىن ھەممەيلەن مەمنۇن. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمىز. ئارىمىزدىن دىنى مەلۇماتى بولغانلارنىڭ بۇنداق بىر خىزمەتنى بىزگە سۇنغانلىقى رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك بىر ئىش. مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۇنىڭغا ھېچقانداق نوقسانلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر سىز بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مۇسۇلمانلار بار. شۇلار بۇ مۇنبەر ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرسا مۇنبەر خەلقئارا بولغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ بىر ماۋزۇنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى ئۇ ماۋزۇنىڭ قىممىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى تىل بىر ۋاسىتىدۇر، يەنى تىل گۆھەر ساقلايدىغان ساندۇققا ياكى قىممەت باھالىق بىر نەرسىنى ئىچىگە سېلىپ ساقلايدىغان قاچىغا ئوخشايدۇ. مەقسەت قىلىنىدىغان نەرسە قاچا ئەمەس، بەلكى قاچىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىدۇر. سابىت داموللا ھاجىم ئېيتقاندەك «گۆھەر قايسى ساندۇققا قاچىلانسا قاچىلانسۇن ئۇ بەرىبىر گۆھەردۇر».
               بۇ ئەقەللىي ساۋاتنى چۈشىنىش ئۈچۈن پولۇ بىلەن پېشابنى، بەققە (پاشا) بىلەن بەقەر (كالا)نى، ئىشەكنىڭ تېزىكى بىلەن قوينىڭ بۆرىكىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك ئەقىل بولۇشى لازىم. بولمىسا ئۆزى ئوقۇغان بىر نەرسىنىمۇ چۈشىنەلمەي چىچاڭلاپ قالىدىغان ئىش بار! ھەم ئۇنداق ئادەملەر تولا چاغدا ھىدايەت بىلەن زالالەتنى، تەۋھىد بىلەن شېرىكنى، بىدئەت بىلەن سۈننەتنى، ئادەت بىلەن ئىبادەتنى، ۋاقىتنىڭ ئەڭ مۇھىم يەرگە سەرپ قىلىنغانلىقى بىلەن بىھۈدە ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئايرىيالماي تېڭىرقاپ قالىدۇ.
              سىزگە ئوخشاش «لوبەن»گە باغلىنىپ قالغانلار ياكى باغلانغانلار مۇنبەر ۋە تور بەتلەرگە «ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ئۈچۈن... » كىرگەن بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ كىرىدىغان، بۇ يەردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باشقۇرغۇچىلارغا تەقدىر ۋە تەشەككۇرلىرىنى سۇنۇشنى ئۇنتۇمايدىغان، قۇرۇق گەپ قىلماي ئىلمىي يوسۇندا مۇنازىرىلىشەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار كىرىۋاتىدۇ. سىزدەكلەر يوق دىيەرلىك. ھەرقانداق ئىشتا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشى تەبىئىيدۇر. بەزىدە «قوغۇنلۇقتىن شۇمبۇيا چىقىدۇ» ئەمەسمۇ!
                 «تور دېگەن--------------- قۇرۇق گەپ دېگەن گەپ» تىن ئىبارەت بۇ «ھېكمەت» ئۆزىڭىزنىڭ «كەشپىيات»ىمۇ ياكى «لوبەن»لىرىڭىزنىڭ «يوليورۇق»ىمۇ؟؟؟
                 مۇنبەردىكىلەرنىڭ باشقىلارغا رەسىم ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش نىيىتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «شېكىرىم!...» دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاش خۇيى يوققۇ! دەيمەن. ئەگەر سىزگە پاكىز كىيىنگەن «چىرايى ئاقپىشماق»، «كېلىشكەن» بىرى لازىم بولسا، بۇنى مۇنبەردىكىلەردىن سورىماي شۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان مەخسۇس تور بېكەتلەرگە «مۇراجىئەت» قىلىڭ!
              اللە تەئالا سىزنى «لوبەن»لىرىڭىز بىلەن بىللە ھەشىر قىلسۇن، ئامىن!

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-18 18:14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق «تەربىيىسىز» قالغان ئىنسانلارغا ئەسلى جاۋاپ قايتۇرماسلىقمۇ مۇۋاپىق ، ئەمما قىرىندىشىمىز  furqan ئەپەندىم  ناھايتى تەپسىلى ۋە ياخشى  جاۋاپ بىرىپتۇ . قالغان سۈز ئارتۇقچىكەن ، خەيىر....  
بارلىق ئەزالار ئىنكاس يازغاندا «مۇسۇلمان» كىملىكىڭىزنى ئۇنۇتمىغايسىز .
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-20 21:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ .....................
ما قىلىقسىزنى،  توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىكەن !

يوللىغان ۋاقتى 2006-8-30 14:53:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەدۇللا ، سىز ھەقىقەتەنمۇ چىكىدىن ئېشىۋاتىسىز ، دىققەت قىلىڭ . پاكىت ئالدىدا جىم تۇرۇش ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى.
گەرچە مەن ئېيسا ئەلەيھىسسىلام توغرۇسىدىكى ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلمىساممۇ لىكىن ئۇلارنىڭ دەلىللىرى ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق، بۇلۇپمۇ مۇشۇ چوشقا گۇشى توغرىدىكىسى بەك ئۇرۇنلۇق بۇپتۇ . مە بۇگۇن قايىل بولدۇم.
  بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس نوپۇزغا چۇقۇنۇش . رەسۇللا ئەلەيھىىسسلام << ھەقىقەت نېگىر قۇلدا بولسىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار >> دەۋەتسا بىز ئۇزىمىز چوڭ بىلىپ قالغان كىشىلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ تارىختا كوپ زىيانلارنى تارتتۇق .
سىز ئويلاپ باقمىغان ئوخشايسىز ، ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتلار ھەدىس تەتقىقاتى رەسمى باشلانمىغان يەنى
توپلانمىغان ، قايسىنىڭ راسىت يالغانلىقى ئايرىلىپ بۇلۇنمىغان بىر ۋاقىتلار ئىدى.ئىمام بۇخارى ، ئەبۇ مۇسلىم، ئىبنى ماجەھ ،
تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇتلار شۇ 4 مەزھەپ ئىماملىرىدىن كىيىن ياشىغان ۋە ھەدىس توپلاش ، ئايرىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
شۇڭا ئانچە مۇنچە ھەدىسلەر بىلەن زىت كىلىپ قالىدۇ بەزىدە.
  سىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن كوپ ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭىز ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سىز ئانىڭىزنى ئىمىۋاتقان چاغلاردىلا نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سىزنىڭ ، بىزنىڭ مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ دىننىمىزنى چۇشۇنىۋېلىشىمىزغا ھۇل سالغانلار . ئۇلارنىڭ سىزدەك
باللىرى بار .بەزىلىرى دۇنياۋى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇۋاتقانلار.
  ئەمدى ئۇزىمىزنى سەل باسساق بۇلار ئەسەدۇللا <<لوبەن>>
  <<زەررىچە كىبىر باركىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ >> دىگەن ھەدىس قا چۇشۇپ قالمايلى.
لىكىن سىزمۇ خېلى بىلىملىك كىشىدەك قىلىسىز ، ئۇزىڭىزگە مۇناسىپراق مۇنازىرە قىلسىڭىز بۇپتىكەن ، كۆز قاراشنىڭ ھەرخىل
بۇلۇشى بۇمۇ اللە نىڭ رەھمىتى ئەمەسمۇ ؟ 文字

يوللىغان ۋاقتى 2006-9-16 05:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯜﻡ ۋا رەھمۇتۇللاھى ۋا باراكاتۇھ! مۇنبەردىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە باشقۇرغۇچى ئەھلى ئىلىملەر سىزلەردىن ئاراڭلاردىكى بىر بۇلۇك ئادەملەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن! قۇرئان سۇننەت يولىدا قىلىۋاتقان توغرا شەرئى ئەمەللىرىڭلار قەبۇل بولغاي،  مەن بىر ئىلىمى چەكلىك مۇسۇلمانمەن بۇ مۇنبەرگە ئىلىم تۇلۇقلاش  بۇيەردىكى ئىسلامنى  تۇنۇش مەقسىتىدە كىرگەن ئىدىم .ئۆزەمنىڭ گەرچە بىلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ لېكىن  ئىلىملىك، ئونلاپ يىللارنى  ئاللاھ ! نىڭ كىتابىنى تونۇشقا سەرىپ قىلغان  نۇرغۇن دوسلىرىم بار. بەزىلىرى مەدىنەدىكى مەسچىدى خارامدا ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ،مەشھۇر شىيىخلارنىڭ لېكسىيەلىرىنى  تىڭشاپ بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ  پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھازىرغا قەدەر ئىلىم ئالماقتا  بەزى ئۇستازلىرىمىز مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە سۇدىيەمۇ بولغان  شۇلاردىن بەزى فەتىۋالارنى سوراپ تۇرۇشقا ئاللاھ! مىنى نىسىپ قىلدى ئەلھەمدۇلىللەھ!،  شۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىجەزى گەپ سوزلىرى ،ئەخلاقىدا  مۇشۇ مۇنبەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن سىلىشتۇرغاندا خىلى پەرىقلەر بار ئىكەن  تۇلۇقراق يازاي دىسەم  ئۆزەمنى بىخەتەر ھىس قىلالمايۋاتىمەن مىجەزى چۇس مۇسۇلمان بۇرادىرىمىزدىن بىرسى چىقىپ تىللاپ سالارمۇ  ياكى ئاللاھتىن  قورقۇشقا قارىغاندا  مۇنازىرىدە يىڭىلىپ قىلىشتىن بەكرەك قورقىدىغان  بىر قېرىندىشىمىز چىقىپ ھاقارەتلەپ سالارمۇ دەپ ئىككىلىنىپ  قالدىم، بۇ يەردە دەشنام يىيىش بەك ئاسان ئىكەن توردا ئەمەس ئەمىلى ئبادەتلەردىمۇ ، نۇرغۇن مەسچىدلەردە  يالاڭباش ناماز ئوقۇغۇنىم  ئۈچۇن  ئازار يىدىم (مەسچىدى ھەرەمدىمۇ ھىشكىم بىر نەرسە دىمىگەن ئىدى)  بۇ دىيارنىڭ ئەڭ كاتتا ئىبادەت ئورنى يەن ئەن لۇ مەسچىدىدە  ھىشقانداق يەردە كۆرمىگەن  (جامائەت پايپىغىنى) كىيىپ كۆڭلىم بىر قىسما بۇلۇپ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇۋاتسام  يەنىلا شۇ خەق بۇتناۋاتقان  بۇ قانداق ناماز دەپ ..ئۆزلىرى ئۇيۇۋىلىپ كەينىدىن نامازلىرىنى بۇزىۋىتىپ مېنى تىللاۋاتقان  شۇلارنىڭ كۆپچىلىگى ساقالنى قىرىپ بۇرۇتنى قۇيىۋالغان(تەتۇرسىگە)  ،  ئاشخانىلارغا كىرىپ  مۇسۇلمانچىمۇ دەپ سوراپ قويسام  ئىگىلىرى چالۋاقاپ ئاچچىغلاپ كەتكەن  سورىماي دىسەڭ پىۋە تۇرغان ، دۇئادا قولۇمنى كۆتۇرمىسەم ئالىيىپ قاراۋاتقان كۆتۇرەي دىسەڭ  نامىزى 5مىنوت دۇئاسى 15مىنوت  پەرىزدىن كېيىن بىر دۇئا سۇننەتتىن كېيىن بىر دۇئا تەسۋى دىن كېيىن بىر دۇئا مەسچىدتىن چىقىپ چەمبەر بۇلۇپ كۆرۇشۇۋىتىپ بىدئەدتىن كېيىن بىر دۇئا بىرسى 20يۇەن بېرىپ بىر دۇئا بىرسى 50يۇەن بېرىپ بىر دۇئا  بىرسى بىر پارچە گىلەم بېرىپ بىر دۇئا.....،بۇ خەقنىڭ ئاددى مۇسۇلمانلىرى مۇشۇنداق ، ئۆلىمالىرى ئەھلى ئىلىملىرى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ بۇ مۇنبەرگە كىرسەڭ (خەلقارا  ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى دەپ يوغان يېزىپ قويغاچقا) بۇيەرمۇ  نۇقسانلاردىن خالى ئەمەس دۇنيادا ھىشقانداق  ئسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىلاپ بولمىغان  ئىسا ئەلەيھىسالام چۇشەمدۇ چۇشمەمدۇ؟ ئاياللار بىشىنى يۆگىشى پەرىزمۇ؟ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى قۇرئاننىڭ ئۆزىمۇ ھەم يەنە توڭگۇز تېرىسى ھالالمۇ دىگەندەك مۇنازىرىلەر قىزىپ كېتىپتۇ ئەگەر توڭگۇز تېرىسى ھالال بولسۇن دەيلى ئۇ سىلەرگە نىمە پايدا يەتكۇزەر (مۇنازىرە قىلىشتىنمۇ يىرگىنىدۇ ئادەم) ،  مۇنازىرىدىكى قوپال سوزلەر، قۇرئاندىن مىسال كەلتۇرۇپ تۇرۇپ بىر-بىرىگە پوپوزا قىلىشلار  بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى مۇسۇلمان ئەمەس دىيىشلەر (ئەستەغفۇروللاھ!)  ئاچچىق تەنىلەر  ئىبارىلەر مانا بۇ ئىلىمدىن خەۋرى بار،  تىلىنىڭ  قۇلاقنىڭ كۆزنىڭ  نىمىنى قىلىشقا نىمىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغانلىغىنى ئوبدان چۇشەنگەن، ئاللاھ!قا  پەيغەمبەرلەرگە  قۇرئانغا  ئىمان كەلتۇرگەن ئۆزىنى رەسۇلوللاھنىڭ يولىدا مىڭىۋاتىمىز دەپ ئويلايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئشى (بۇ يەردە ئايرىم شەخىسلەرگە توختالمىدىم  چۇنكى جەمىيەتنىڭ قانداق بۇلىشىدا شۇ جەمىيەتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار)  قېرىنداشلار ماڭا بىر ئوي كىلىۋاتىدۇ  : ئاللاھ!تىن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىشى بۇ بولسا  ئاللاھ!تىن قورىقمايدىغان  جاھىل ئادەملەرنىڭ  ئارىسى قانداقتۇ؟  قېرىنداشلار ئويلايلى چۇ  نىمە ئۈچۇن دۇئا قەبۇل بولمايدۇ؟  ساھابىلار نىمە ئۈچۇن ئېغىزلىرىغا تاش سىلىۋالغان؟
بىزنى كەچۇرگىن!

يوللىغان ۋاقتى 2006-9-16 23:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت،سادا!!!  
    قۇرئان كەرىمنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىۋاتامسىز؟  نېمە ئۈچۈن : &lt;&lt;ئىشىنىدىغان بولساڭلار، غالىپسىلەر!&gt;&gt;، دېگەن ئايەتنى :&lt;&lt; قۇرئان كەرىمدىن&gt;&gt; ، دەپ ئىزاھلىۋەتمەي ، ئۆزىڭىزنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىڭىز قاتارىدا يېزىۋالىسىز؟  تور باشقۇرغۇچىمەن، دەپ قۇرئاننى دەپسەندە قىلماڭ!!!!
  مېىنىڭ ئۇسۇلۇم: پۈتۈن ئىنسانلار توغرا، دېيىشسىمۇ، قۇرئان كەرىىم، سەھىھ ھەدىس شەرىفتە خاتا ، دېيىلسە ، كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قارشى چىقسىمۇ ئىككىلەنمەي: خاتا، دېيىش. مەندە خاتالىق كۆرۈلسە، دەرھال تۈزىتىۋالىمەن.
ئاللاھ ھەممىگە بەك ئالىم.
سالام ! ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقتىنى چۈشىنىشنى خالىغۇچىلارغا.
- ------------ھۆرمەت بىلەن: ئىسلام دىنىغا ئىش قوشماي نەق بېرىنى يەتكۈزۈشنى خالىغۇچى : ئەزھەريى.

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2006-9-18 16:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بىلەن باشلاشنىمۇ بىلمەيدىغان ھۆرمەتلىك ezhery  ئەپەندىم!
ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىقى، مېنىڭ سۆزۈم بولماستىن، بەلكىدە ئايەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سۆزنىڭ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىمدىن خەۋىرى بار ھەر بىر مۇسۇلمان ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام چۈشەنگەن شەكىلدە چۈشىنىش ۋە باشقىلارغا شۇنداق چۈشەندۈرۈش قۇرئان كەرىمنى دەپسەندە قىلغانلىق ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلىنغان بىر پەرزنى باشقىلارنىڭ خاتا كۆز قارىشىغا تايىنىپ تۇرۇپ يوققا چىقىرىشقا «تىرىشىش» قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر...يوققا چىقىرىلىشقا تىرىشىلغان پەرز، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى ئوقۇش خاتالىقنى تۈزەتكەنلىك ئەمەس، بەلكىدە بۇ جاھىللىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكتۇر...

يوللىغان ۋاقتى 2006-9-21 14:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەركىپىدە چوشقا مېيى بولغان يۈز سوپۇنى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:56 , Processed in 0.040727 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش