ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: akarakash

تۆڭگۈزنىڭ تېرىسى ھالالمۇ؟-3  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-16 13:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوشقا ئۆزى ھارام بولغاندىكىن ئۇنىڭ ھەممە يىرى ھارام بولىدۇ،-دە.

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-7 22:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! مەن بۇ مەسىلىنى كۆزىتىپ يۇرگىلى خېلى بولدى . ئەمما بىرەر ئۇنۇم لۇك نەتىجە كۆرمىدىم . چوشقا تىرىسى ھارام دەيدىغان لارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن ياكى ھەدىستىن دە لىلى يوق ھالل دەيدىغانلار ئايەت ۋە ھەدىستە گوشى دىگەن تىرىسىنى تىلغا ئالمىغان شۇڭا تىرىسى ھالال دىدى . بىز قۇرئاننىڭ وزىگە ئەمەل قىلىمىز دىدى .ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن! ئەمما ھەممە تىرىدىن ئايرىپ چىقىرىلغان ئادەم تىرىسى بىلەن چوشقا تىرىسىنى نىمىگە ئاساسەن ئايرىپ چىقىرىلغانلىقىغا ھېچقانداق دەلىل چىقمىدى . چوشقا تىرىسى ھالال ئىكەن ئۇنداقتائادەمتىرىسىمۇھالالممۇ؟ چوشقاتىرىسى بىلەن ئادەم تىرىسى قىياسقائاساسەن ھارام دىيىلدى . ھارامنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار بىرى : ھارام .نىجىس ، يەنەبىرى : ھۆرمەتلىك دىگەن بۇلىدۇ.  چوشقا تىرىسى نىجىس بولغانلىقى ئۇچۇن ھارام دەپ ھۆكۈم بىرىلدى . ئادەم تىرىسى :ئادەم     ھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۇچۇن ھارام دەپ ھۆكۈم بىرىلدى بۇ مەسىلىدە پۇتكۇل ئۆلىمالار بىردەك ئىجما قىلغان مەسىلە . ئىختىلاپ پەقەت گۆشى يىيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ دىگەن مەسىلە ئىدى . ئەمما چوشقا تىرىسى بىلەن ئادەمنىڭ تىرىسىنىڭ ھارام لىقىدا بىردەك . مەنمۇ شۇبويىچە يولتۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم . مەنمۇ قۇرئاندىكى ئايەتنىڭ پەقەت چوشقا گۆشىنى ھارام قىلغان ۋە ھەدىسنىڭ مۇتلەق ئكەنلىكى ئۇنى خاسلايدىغان باشقا ھەدىس يوقلۇقىنى كورۇپ چوشقىنىڭمۇ تىرىسى ھالال دەپ قارىغان ئىدىم . لىكىن ئۆلىمالارنىڭ ئىجما كەلگەن مەسىلىگە بىرنەرسە دىيەلمىدىم . چۇنكى رسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى سەۋەبىدىن :< مىنىڭ ئۈممىتىم ئازغۇنلۇققا ئىجما قىلمايدۇ> قېرىنداشلار ئەگەر ئۆلىمالارنىڭ چوشقا ئەينى نىجىس بولغانلىقى ئۈچۈن تىرىسىمۇ نىجىس قىلغان بولسا بۇ ئەلۋەتتە نىجىس چۇنكى بۇ ئىقما بولغان مەسىلە. ئەگەر چوشقا تىرىسنى ئاشلىغىلى بولمايدۇ . چوشقا تىرىسى ئاش يىمەيدۇ دىگەن سەۋەب بىلەن ھارام قىلغان بولسا لىكىن چوشقىنىڭ تىرىسىنى ھازىرقى پەن تېىنىكا ئارقىلىق ئاشلىغىلى بولسا بۇ چوقۇم ھالال بۇ لىدۇ . چۇنكى ئىللەت يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈم يۆتكىلىدۇ .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-7 22:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
سىز جاۋاب تاپالمىغان مەسىلە ھەققىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى مۇشۇ مۇنازىرىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت. تېمىنى باشتىن ئاخىرغىچە ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇسىڭىز كۆرەلەيسىز...

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-7 22:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار بۇ مۇنازىرىگە سەلقاراپ ئۆز رەئىيىڭلار بىلەن سۆز قىلماي دەلىلى بىلەن سۆز قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلمىڭلارنى زىيادە قىسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-4 12:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯜﻡ !
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ! ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻴﺘﺘﯩﯖﯩﺰ....

يوللىغان ۋاقتى 2008-5-4 19:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
asadulla17  سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي، قۇرئان كەرىمدىكى بىرەر پارچە سۈرىنى يادلاپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ ھېچبولمىغاندا قۇرئاننى بىر قېتىم تولۇق مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟
  ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىغان بولسىڭىز ھەرگىزمۇ دىنىي قېرىندىشىڭىزغا سىزچە ئېيتقاندا بىر توردىشىڭىزغا ئازار بەرمىگەن بولاتتىڭىز؟ باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، ئۇنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ..
  ئىنكاس يوللىغاندا ئەڭ ئاددىيسى تور ئەخلاقىغا دىققەت قىلغايسىز، بۇندىن ئارتۇق سۆزلەش بىھاجەتتۇر.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 19:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامى بىلىملەردىن مەلۇماتى يوقلار ( دىندا  ئوقىمىغانلار ) مۇنازىرىگە ئارلاشماڭلا !
بىربىرىڭلارنى تىللاش بىلەن بولۇپ كېتىپ  بىلىم ئىگىلىرىگە يول قويمايدىكەنسىلە ، ئادەم تىللاش
بىلەن ئىش ھەل بولامدۇ ؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 19:44:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلا ، سۈرە ئەنفالنىڭ 145_ ئايىتىدە (  لەھمە خىنزىرىن فەئىننەھۇ _
رىجسۇن ) دىگەن بىر جۈملە ئايەتكە ، بەيزاۋى  ، تەپسىر سەفۋە ، ئىبنى كەسىر قاتارلىق ئەرەپ
تىلىدىكى تەپسىرلەردە « تۇڭگۇز نەجىس بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ گۈشى ھارام » دەپ تەپسىر
قىلىنغان ، ھەمدە  ( فەئىننەھۇ رىجسۇن ) دىكى ‹ ھۇ › زەمىرنىڭ  تۇڭگۇزغا
يانىدىغانلىغىنى ، ( فەئىننەھۇ رىجسۇن ) دىگەن سۈز _.‹ تۇڭگۇز نېجىس دۇر › دىگەن مەنانى
ئىپادىلەيدىغانلىغىنى دەلىللىدى ، بالاغەت ۋە ئەرەپ تىلى گىرامماتىكا ( نەھۋە ) قائىدىسىدىمۇ
« زەمىر ( يەنى ئۇ ، ئۇلار دىگەن ئالماشلار ) ئۈزىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئىسىمغا يانىدۇ دىيىلگەن ،
بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈف دىن باشقا بارلىق جۇمھۇر ئالىملار : چوشقىنى ئاللاھ  قۇرئان
كەرىمدە  نەجىس دىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ تىرىسىمۇ نېجىس ، نەجىس ئاشلىغانغا پاك بولمايدۇ ،
دەپ پەتىۋا چىقارغان .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 20:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
68-قەۋەتjawapkarنىڭ2010-09-15 19:44يازمىسىغا نەقىل؛  :
    

  ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلا ، سۈرە ئەنفالنىڭ 145_ ئايىتىدە (  لەھمە خىنزىرىن فەئىننەھۇ _
رىجسۇن ) دىگەن بىر جۈملە ئايەتكە ، بەيزاۋى  ، تەپسىر سەفۋە ، ئىبنى كەسىر قاتارلىق ئەرەپ
تىلىدىكى تەپسىرلەردە « تۇڭگۇز نەجىس بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ گۈشى ھارام » دەپ تەپسىر
.......
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم!
بۇ ھەقتە يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا نۇرغۇن نەرسىلەر يېزىلغان. بۇ ھەقتە مەلۇماتلىق بولماقچى بولغانلار تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.
يەنە بىرى مەن سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئىككى يىلدىن كېيىن قايتىدىن يۇرۇتۇپ چىقىشىڭىزنى چۈشەنمىدىم؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 21:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئەسلىدە پاكىتى يوق يېزىلغان ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرساڭلار بۇنداق نەتىجە چىقماس ئىدى. يېقىنقى يازمىلاردىمۇ ئەخلەت ئىنكاسلار كۆپ. بۇلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرساڭلار بولاتتى. بولمىسا، باشقا تورداشلارغا: مۇنبەردە ئىسلامنى خالىغانچە بۇرمىلاش، پاكىتسىز پەتىۋا بېرىش قىلمىشى كۆپكەن، دېگەن يامان تەسىر پەيدا قىپ قويۇشى ئېنىق.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 23:38:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-قەۋەتqutluqنىڭ2010-09-15 21:53يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئەسلىدە پاكىتى يوق يېزىلغان ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرساڭلار بۇنداق نەتىجە چىقماس ئىدى. يېقىنقى يازمىلاردىمۇ ئەخلەت ئىنكاسلار كۆپ. بۇلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرساڭلار بولاتتى. بولمىسا، باشقا تورداشلارغا: مۇنبەردە ئىسلامنى خالىغانچە بۇرمىلاش، پاكىتسىز پەتىۋا بېرىش قىلمىشى كۆپكەن، دېگەن يامان تەسىر پەيدا قىپ قويۇشى ئېنىق.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،قېرىندىشىمىز قۇتلۇقنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.مۇنبەر رەھبەرلىرىنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېما تازىلاش ئىشلىرىغا ياردەم بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن خالايمەن.
ئۇلۇغ رەببىمدىن توغرا يولدا مېڭىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 16:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ ئاددم تىللايدىغان  ، بىلىمسىز گەپچىلىك قىلىدىغان ئىكاسلارنى يازماسلىق كېرەك

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 16:23:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!
شۇنچە جاپا تارتىپ، تەر تۈكۈپ يازغان نەرسىلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئاسان، ئەمما يازغانلارنىڭ قەلەم كۈچىگە ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشەلىنىمىز!
بۇنىڭ ئورنىغا ئىنكاس يازىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ياخشى بىلمەيدىغان تېمىلارغا «تەشەككۈر» ئىنكاسلىرىدىن باشقا تېمىنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازماسلىققا تىرىشسا ھەم تۆككەن تەرلىرى بىكارغا كەتمەيدۇ، ھەمدە مۇنبەر بىلەن بىرلىكتە تېما مەزمۇنىنى سىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن خەۋپلەردىن ساقلاپ قالغىلى بولامىكىن دەپ ئويلايمەن.
بۇ مەسىلىنى ئايرىم بىر تېما ئاستىدا پاراڭلاشساق تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-17 02:26:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
السلام ئەلەيكۇم ،چوشقىنىڭ تېرىسىنى «ھالال، ھارام»دەپ مۇنازىرەلەشمەي، «پاكمۇ،ناپاكمۇ» دەپ مۇنازىرەلىشىڭلار.مەن بارلىق تېرىنى ئاشلىسا پاك بولىدۇ،ئەمما ئادەم ئۇلۇغ بولغانلىقتىن، چوشقا نىجىس بولغانلىقتىن تېرىسى ئاشلانسىمۇ پاك بولمايدۇ دېگەننى ئاڭلىغان ئىدىم.

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-17 03:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
76-قەۋەتsabriنىڭ2010-09-17 02:26يازمىسىغا نەقىل؛  :
  السلام ئەلەيكۇم ،چوشقىنىڭ تېرىسىنى «ھالال، ھارام»دەپ مۇنازىرەلەشمەي، «پاكمۇ،ناپاكمۇ» دەپ مۇنازىرەلىشىڭلار.مەن بارلىق تېرىنى ئاشلىسا پاك بولىدۇ،ئەمما ئادەم ئۇلۇغ بولغانلىقتىن، چوشقا نىجىس بولغانلىقتىن تېرىسى ئاشلانسىمۇ پاك بولمايدۇ دېگەننى ئاڭلىغان ئىدىم.
=================
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، خوش بوپقالاي، كىتابتىن كۆرگىنىڭىزنىلا دەپ ئاڭلىغىنىڭىزنى دېمىسىڭىز. رەسۇللاھ شۇنداق دېگەنكى، ئاڭلىغانلىكى سۆزنى دەپ يۈرگۈچىنى كاززاب، دېيىشكە يېتەرلىك(مۇسلىم 7 - نومۇرلۇق ھەدىس).
       بۇ ھەدىس ھۆكمى بويىچە كاززاب بوپقالسىڭىز، قېرىندىشىڭىز بولغاچ مەن چىدىماي قالىمەن.  سەمىڭىزگە سەپ قوياي: مۇنبەرگە كىرگەنلەرنىڭ نادان،جاھىل،ساختا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئىنكاس يېزىشى قارشى ئېلىنمايدۇ، شۇنداقلا چۆچەك ئېيتىشىدىغان مۇنبەرمۇ ئەمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 16:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ئالىملىرى چوشقا گۆشى، سۆڭىكى قەتئى ھارام، لېكىن تېرىسى ھالال دەپ پەتىۋا بېرىدىكەن.
(خەنزۇچە «شېھىت چېن كېلى تەرجىمىھالى» 陈克礼传 ناملىق كىتابقا قاراڭ.)

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 16:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
77-قەۋەتdilaraنىڭ2010-10-01 16:05يازمىسىغا نەقىل؛  :
خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ئالىملىرى چوشقا گۆشى، سۆڭىكى قەتئى ھارام، لېكىن تېرىسى ھالال دەپ پەتىۋا بېرىدىكەن.
(خەنزۇچە «شېھىت چېن كېلى تەرجىمىھالى» 陈克礼传 ناملىق كىتابقا قاراڭ.)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
خۇيزۇلارنىڭ پەتىۋاسى بىلەن بۇ مۇنازىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا يېزىلغان تېمىنىڭ مەزمۇنى ھۆكۈم جەھەتتىن ئوخشاش!
چۈنكى دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەبۇ مۇنىرە قېرىندىشىمىز نەقىل قىلغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173-ئايىتىدە «ئاللاھ،سىلەرگەئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۇشىنى ئاللاھدىن غەيرىنىڭ نامى بىلەن بۇغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىدى» دېيىلىدۇ! ھارام قىلىنغان باشقا نەرسىلەر ئۇمۇمى نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ھارام بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، چوشقىغا كەلگەندە «چوشقا ھارام» دېيىلمەستىن «چوشقىنىڭ گۆشى» ئىپادىسى قوللىنىلغان! بۇنىڭ بىر ھېكمىتى بولسا كېرەك!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم! بۇ مۇنازىرىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنازىرە قىلىنىپ بولغان نەرسىلەر! شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باش يازمىدىن باشلاپ ئىنكاسلىرى بىلەن قوشۇپ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

ئالتۇن ئەزا

سەن ئاللاھىمسەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 17:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيغەمبەرئەليھىسسالام مۇنداق دىگەن:«ئاللاھ،ھەقىقەتەن پاك،پەقەتلاپاكنى قۇبۇل قىلىدۇ،ئاللاھ،ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرگە پەيغەمبەرلىرىگە بۇيرۇىغاننى بۇيرۇپ.«ئېي پەيغەمبەرلەر
تەھرىرلەش كە ئامال سىز قېلىپ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندىم ،
ئىملاخاتالىغىنى تۆزۈتۆپ قۇيىشىڭلارنى ئۆمىدقىلىمەن!

ئالتۇن ئەزا

سەن ئاللاھىمسەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 18:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
76-قەۋەتdilaraنىڭ2010-10-01 16:05يازمىسىغا نەقىل؛  :
76-قەۋەتdilaraنىڭ2010-10-01 16:05يازمىسىغا نەقىل؛  :
خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ئالىملىرى چوشقا گۆشى، سۆڭىكى قەتئى ھارام، لېكىن تېرىسى ھالال دەپ پەتىۋا بېرىدىكەن.
[color=#FF0000](خەنزۇچە «شېھىت چېن كېلى تەرجىمىھالى» 陈克礼传 ناملىق كىتابقا قاراڭ.)
ئەپۇقىلىڭ سىڭلىم بۇكىتابنى كۆرگىلى ئارتۇق ۋاختىمىز يوق. مىنكاۋخەن باللار كۆرۈپ پايدىلىنۋالسۇن،بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىگە يىتەرلىك قۇرئان.ۋەساغلام ھەدىسلەر تۇرۇپتۇ،بىزگە مۇشۇ ئىككىسى كۇپايە.
بىزپەتىۋانىڭ ئاساسى ،دەلىلىنى ھىسابقا ئالىمىز.پەتىۋابەرگۈچلەرنى ئەمەس،بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز،ھەرقانداق پەتىۋا قۇرئان ،ۋەساغلام ھەدىسكە توغراكەلسە پەتىۋا.ئەگەر قۇرئان ،ۋەساغلام -ھەدىسكە توغراكەلمىسە ئۇنداق پەتىۋانى نېرى ئاپا.
خۇيزۇلاردا كىيىنىش،يىمەك-ئىچمەك،تىل،ۋەباشقا ئۆرپ-ئادەتلەردە خەن قەۋمىگە بەكلايېقىن.ئۇلاردائۇمۇملىشىپ قالغان بىرخاتا قاراش.موللىسىنى پەيغەمبەردىن ئۆستىن قۇيۇش،
ھەرقانداق كىشى قىرىق ياشقا كىرگەندە رەسمى مۇكەللەپ بۇلۇدۇ،.چۆنكى ۋەھى پەيغەمبىرمىز مۇھەممەدئەليھىسسالامغا  قىرىق ياشقا كىرگەندە كەلگەن دىگەندەك.خاتا قاراش،خېلى كۆپ،
مەن ئۇزەم بۇنداقلاربىلەن بىرقانچەقېتىم مۇنازىرە قىلىپ باققان.ئاللاھ ھىدايەت بەرگەن،باشقىلارنىڭ (سەنتەي).يەنى ئۆچىنچى مەزھەب دەپ.تۆھمەت قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئازساندىكىللىرى،ئالاھىدە پەرقىلىنىپ تۇرۇدۇ،ئالدىمىزدىكى  قۇرئان.ۋەساغلام ھەدىسلەر نى بىرچەتكە قايرىپ قۇيۇپ ئۇلارنىڭ پەتىۋاسىنى ئېلىشقا مەئزۇرمىز،
ئاللاھ،ھەممەيلەننى ئەلپىرقەتۇنناجىيە دىن قىلسۇن!ئامىن!!!

ئالتۇن ئەزا

سەن ئاللاھىمسەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 18:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
77-قەۋەتsadaنىڭ2010-10-01 16:54يازمىسىغا نەقىل؛ :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
خۇيزۇلارنىڭ پەتىۋاسى بىلەن بۇ مۇنازىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا يېزىلغان تېمىنىڭ مەزمۇنى ھۆكۈم جەھەتتىن ئوخشاش!
چۈنكى دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەبۇ مۇنىرە قېرىندىشىمىز نەقىل قىلغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173-ئايىتىدە «ئاللاھ،سىلەرگەئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۇشىنى ئاللاھدىن غەيرىنىڭ نامى بىلەن بۇغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىدى» دېيىلىدۇ! ھارام قىلىنغان باشقا نەرسىلەر ئۇمۇمى نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ھارام بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، چوشقىغا كەلگەندە «چوشقا ھارام» دېيىلمەستىن «چوشقىنىڭ گۆشى» ئىپادىسى قوللىنىلغان! بۇنىڭ بىر ھېكمىتى بولسا كېرەك!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم! بۇ مۇنازىرىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنازىرە قىلىنىپ بولغان نەرسىلەر! شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باش يازمىدىن باشلاپ ئىنكاسلىرى بىلەن قوشۇپ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم سادا ئايەتتە (.چوشقىغا كەلگەندە «چوشقا ھارام» دېيىلمەستىن «چوشقىنىڭ گۆشى» ئىپادىسى قوللىنىلغان!بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى.چوشىقىنىڭ
گۆشى ئاساس بولغانلىقدا باشقائەزالىرى گۆشىگە تەۋە بولۇپ كىتىدىغانلىغاماۋۇھەدىس دەلىل بۇلدۇ. جابىرىبنى ئابدۇللاھ ،پەيغەبىرمىزدىن ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:مەككە ئازات بولغان يىلى مەن رەسۇلۇللاھنىڭ «ئاللاھ،ۋەئۇنىڭ ئەلچىسى: ھاراقنى سېتىشنى،ۋەئۆزى ئۈلۆپ قالغان ھايۋاننى،چوشقىنى ھارام قىلدى.»دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.بۇخارى مۇسلىم رىۋايىتى.ھەدىستىكى چوشقىنى دىگەنلىك چوشقىنىڭ پۆتۆن ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.گۆشى يالغۇز ھارام باشقا ئەزاسى مۇستەسنا دەيدىغانغا پاكىت يوق.
بۇمۇنازىرە ئككى گۆرۇھ ئارىسىداقىيامەتكىچە داۋم ئىتىدۇ ،چۆنكى بۇھالال-ۋەھارامغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تىما.
مەن قۇرئان،ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ تىمايازسام تەسقلانماپتۇ.خەير، ئاللاھ.باشقۇرغۇچلارغا .باشقىلارتەرئاققۇزۇپ يېزىپ چىققان ئىنكاس-ۋەتىمىلارنىڭ قەدرىگە يەتكۇدەك ئىلىم ئاتاقىلسۇن!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-5-25 15:33 , Processed in 0.066873 second(s), 8 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش